logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: قۇتۇلۇش قەدەملىرى – 1

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قەدەم ساناپ باققانلار كۆپ ئەمەس، بەلكىم ساناپ بېقىش ھەققىدىكى ئويمۇ غەلىتە تۇيۇلار. ئەمما ماڭالايدىغان تۇرۇپ ھەرىكىتى چەكلەنگەنلەر، ماڭالماس بولۇپ ھەرىكەتكە زار بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇلار ئالالىغان قەدەملىرىنى ساناشقا مەجبۇر. مەنمۇ ھەرىكىتىم يىگىرمە كۋادرات مېتىرلىق كامىرىدا چەكلەنگەن چاغلاردا، مەھبۇسلۇق دەملىرىدە ساناپ باققان، كۈندە بەش مىڭ قەدەم ماڭاتتىم، يۈزنى قورساق قاتلايتتىم. گۇندىپايلار ساراڭ دېسىمۇ، زۇلۇم قىلسىمۇ، ھاجەتخانا يۇيغۇزسىمۇ، كېچىدە ئۇخلاتماي قوش نۆۋەتتە تۇرغۇزسىمۇ جاھىللارچە مېڭىشنى داۋام قىلاتتىم. ئۇ زەي، سېسىق تارچۇقتا، مەن قىلىشقا شارائىت تاپقان، مېنى ساغلام قىلىدىغان بىردىن بىر تەنھەرىكەت شۇ سانالغان قەدەملەر ئىدى. مەن ئۇ قەدەملىرىمنى قۇتۇلۇش قەدەملىرى دەپ ئاتىۋالغان ئىدىم، شۇنداق تىنىمسىز ماڭغانچە ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. 15 ئايلىق 15-مىڭ يىللىق ئايرىلىشقا چىدىغان قەدىردانلىرىم : «ھېچنېمە بولماپسەن!» دېدى. ئۇلارغا جاۋابەن: «بىزنى ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم نابۇت قىلالمايدىكەن! ئاقىلانە تەپەككۇر ۋە تىنىمسىز ھەرىكەت بىزنى قۇتقۇزىدىكەن. بىسمىللا دەپ بىر ماڭغانچە قۇتۇلدۇم» دېگەن ئىدىم.

قۇتۇلۇش قەدەملىرىمدە ماڭا ھەقكە بولغان ئىمان، ئۇيغۇرنىڭ ھەققانىي داۋاسىغا بولغان ساداقەت ۋە بۇ يولدا يالغۇز ئەمەسلىكىمگە بولغان ئىشەنچ ئىزچىل ھەمراھ بولغان ئىدى. مەن مەيلى قاماقتا بولاي ياكى شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ نۇتۇق سۆزلەي، ۋە ياكى تورلارغا كىرىپ يازما يازاي ئىزچىل ئادالەتنى، ئىلمىيلىقنى، سەمىمىيلىكنى ياقىلىدىم، زۇلۇمغا، فاشىستلىققا، نادانلىققا قارشى تۇردۇم. بۇنداق ھەقتە چىڭ تۇرغانلارنىڭ جازالىنىشى مەيلى نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئىسلام دۇنياسىدا بولسۇن، ياكى بۈگۈنكى مۇستەبىت شەرقتە بولسۇن، ھېچبىر توختاپ باققان ئەمەس. ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن بېرى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ھەنەفى مەزھىپىنىڭ باشچىسى ئەبۇ ھەنىفە، ھەقىقەت ۋە ھاكىمىيەت ئارىسىدىكى كۆرەشتە ھاكىمىيەت ۋە ھاكىمغا يان باسماستىن، ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بۇنىڭ بەدىلىگە تۈرمىگە كىرىپ ۋاپات بولغان. ئۇيغۇرغا قۇتۇلۇشنىڭ مەشئىلىنى تۇتقۇزغان مەمتىلى ئەپەندى، قۇتلۇق شەۋقى، نىزامىدىن ئەپەندىلەر قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىدە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. بۇ تارىخلارنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن يالغۇز ئەمەستىم، دۇنيا مېنىڭلا بېشىمغا دۈم كۆمتۈرۈلگەندەك ئۈمىدسىزلىنىپمۇ كەتمىدىم.

قۇتۇلۇش قەدەملىرىمنى مەزمۇت قىلغان، يېرىم كۆڭلۈمنى توقلىغان يەنە بىر ئامىل، «مۇھەببەت، چىدام ۋە سەبىر ھەممىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر» دېگەن پىكرىم بولدى. كۆكتاغ قاماقخانىسىغا يۆتكىۋېتىلگەندە خەي شياۋياڭ ئىسىملىك تۇڭگاننىڭ زالىملىقى كۆزۈمگە سىغمىغان ئىدى. ئۇ سېمۇنت يەردە ياتىدىغان ھاجىئەكبەر ئىسىملىك مەھبۇسنى سەۋەبسىزلا ئۇخلىغىلى قويمايتتى. پۇرسەت كۈتۈپ سەۋر قىلدىم. ئۇ كامىرىنىڭ خوجا ئاكىسى ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۇيغۇر مەھبۇس ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلدىم. خىتايچە سەۋىيەمگە قاراپ ھەيران قالدى بولغاي ئەھۋالىمنى سورىدى. ئاغزىمدىن چىقىۋاتقان بېيجىڭ، ئامېرىكا، تۈركىيە دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ چىرايدىكى ھاكاۋۇرلۇقنىڭ ئورنىنى قىزىقسىنىش بېسىپ مەندىن ئىنگلىزچە ئۆگىنىدىغان بولدى.

شۇندىن كېيىن ھەر كۈنى ئەتىدىن كەچكىچە باداشقان قۇرۇپ ئۇزاقتىن ‏- ئۇزاق ئەسكەرچە قېتىپ ئولتۇرۇش ئورنىغا، پۇت، قولۇمنى ئانچە مۇنچە مىدىرلىتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ ئازراق ئىنگلىزچە بىلەتتى، يېشى تېخى كىچىك بولغاچقا ئاسانلا كىرىشىپ كەتتى. دەسلەپتە قىسقا تېكىستلەرنى يېزىپ يادلاتتىم. كامىرىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئائىت جۈملىلەرنى ۋە بۇيۇملارنىڭ ئىسمىنى ئۆگىتىپ بولۇپلا خىتايچە گەپ قىلدۇرمىدىم. نەتىجىدە بىرەر ئايغا يەتمەي يېرىم بەت كەلگۈدەك تېكىستلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتتى. ئۆگىتىشتە قىزغىن، ئەستايىدىل، سەمىمىي بولغانلىقىمدىن باشقا ئىشلاردىمۇ ماڭا ياق دېمەيدىغان ھالغا كەلدى. تەدرىجىي ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىمۇ بۇرۇنقىدەك خورلىمايدىغان، چاقمايدىغان، تىللىمايدىغان بولدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق، باراۋەرلىك، ھۆرمەت، ئەركىنلىك، ئادالەت قاتارلىق مەزمۇندىكى تېكىستلەرنى تۈزۈپ بېرىشنى داۋام قىلدىم. بىر كۈنى ئۇ: «ئېتىراپ قىلىمەن، مەن خاتا قىپتىمەن، ئۇيغۇرلارغا ئازار بېرىدىغان ئىشنى قىلمايمەن، ئەسلى مەنمۇ ئۇنچە ئەسكى ئەمەس» دەپ جىمىپ كەتتى. «ئۇيغۇر مەھبۇسنىلا ئەمەس، ھەر قانداق ئىنساننى پىكرى، مىللىتى، دىنى سەۋەبلىك ئانى تاپمىغىن» دەپ قوشۇپ قويدۇم. بىچارە بىر تەقۋادار تۇڭگان موللىنىڭ نەۋرىسى ئىكەن. ئانىسى خىتاي بولغاچقا، بالىلىقى چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئىزچىل كەمسىنىش، چەكلىنىش ۋە يەكلىنىش بىلەن ئۆتۈپتۇ.

قۇتۇلۇش قەدەملىرىمنىڭ ئاخىرى قار باسقان شەھەر، قەدىناس يۇرت، مېھىرلىك تەبەسسۇملارغا ئۇلاشتى.

قاماقتىن تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويۇلغىنىمدا شام ۋاقتى بولغان ئىدى. زۇلمەتتە قالغان قېرىنداشلارغا ئاسانلىق، سەبىر ۋە سالامەتلىك تىلىدىم. زۇلۇم قىلغانلارنى بۇزۇق تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرى دەپ قاراپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىدىم. زالىم تۈزۈمدىن باشقا ھەممىنى كەچۈرۈۋەتتىم. ھەتتا مېنى قەشقەردە تۇتۇپ قاماپ قويغان، كىيىملىرىمنىڭ سالدۇرۇلۇشىغا، نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئالدىدا مايمۇندەك سەكرىتىشلەرگە، ئېشەكتەك تۆت پۇتلۇق قىلىشلارغا قاراپ تۇرغان ساقچىلارنىمۇ ئەپۇ قىلدىم. ئۇلار ئەرتىسى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭغاندا ماڭا قىلىنغان خورلۇققا ئەپسۇسلانغاندەك بىر گەپلەرنى دېيىشكەن ئىدى. «ھەي بىر كۈنلەردە زامان بىز خورلىغان مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىغا ئۆتسە، بىزنىمۇ مايمۇندەك سەكرىتىپ، ئېشەكتەك دوڭغايتىۋىتەرمۇ؟»-دېدى بىرى. ئىچىمدە ئۇلارنىڭ زالىملىقنىڭ گۇم بولىدىغانلىقىنى بىلگىنىگە ئاپىرىن ئېيتتىم ۋە ئويلىدىم، «ئاللا ساقلىسۇن، بۇنداق زۇلۇم قىلىش سىلەرنىڭ ھۆكۈمىتىڭلار بىلەن قوشۇلۇپ كۈل بولسۇنكى بىزگە مىراس قالمىسۇن. سىلەر قىلغاننى بىزمۇ قىلساق، بىزنىڭ سىلەردىن پەرقىمىز قالامدۇ؟ زالىملىق ئىنسانلىق ئەمەس، ھايۋانلىقتۇر. ئۇنىڭ تەبىئىتى چىشلەش، پاچىقى چىشلەنگەن بىر ئىنساننىڭ شۇ ئاچچىقىدا يەنە بىر ئىنساننى ياكى ھايۋاننى چىشلىگىنى نەدە بار؟». مەن زالىملىق ئاياغلاشسۇن دەپ تىلەيمەن ئاللاھىمدىن. رۇسلارغا مۇستەملىكە چاغلاردا قىرغىزلارغا زۇلۇمغا ئۇچرايتتى. قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قىرغىزلار ئوخشاش زۇلۇمنى ئۆزبېكلەرگە قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھايۋاننى دوراپ چىشلىگەن، زالىمنىڭ قولىدا ياشاپ زالىمنىڭ خۇيىنى ئالغان بولماي نېمە؟ نامىزىمدا قۇتۇلۇش قەدەملىرىمىزنىڭ سەبىر، سۆيگۈ ۋە كەچۈرۈم بىلەن مەزمۇت بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلىدىم. ئاللا زالىمنىڭ قولىدا بىزنى سىنىسۇن، تاۋلىسۇن ۋە مەغپىرەتلىك قىلسۇنكى، زالىمنىڭ خۇيىنى ئېلىپ قېلىشتىن ئۇزاق قىلسۇن، دەپ ئۇزاق دۇئا قىلدىم. مەن خورلۇقنىڭ، ئازابنىڭ، ئازارلاشنىڭ تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇم، ئەگەر كەچۈرۈم ماڭا يار بولمىسا، مېھىر يۆلەك بولمىسا يەنە قىساسخورلۇق ۋە نەپرەتنىڭ زىندانىغا روھۇمنى بەند قىلغان بولىمەن. قاماقتىن ھۆر دۇنياغا چىقتىم، ئەمما ھۆرلۈككە چىققىنىم يوق. چۈنكى ئۇيغۇر بولۇش ئەركىم، ئۇيغۇرلۇق ھوقۇقۇم تېخىچە زالىمنىڭ قولىدا قاماقلىق. تۈرمىدىن چىقىپ قۇتۇلۇش قەدەملىرىنى ساناپ باقمىدىم، ئەمما داۋام قىلىۋاتىمەن، بۇ يولدا ھەر چامدام بىر پۇرسەت، ھەر مۇسىبەت بىر ئىمتىھان، ھەر ئۇتۇق بىر سىناقتۇر. سىناق ئۈچۈن تەلەپ، تەييارلىق ۋە تەپەككۇر قىلىش ھەر زامان بىزنى گۈزەل بىر نەتىجىگە مۇناسىپ قىلغۇسى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qutulush-qedemliri-02072017170213.html

Share
1581 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.