logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۈچ نەپەر ۋىجدان مەھبۇسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان

 

 قۇتلان

2014-u0826-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

Abduweli-Ayup-Muhemmetsidiq.JPG

ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن مۇھەممەتسىدىق «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا. 2013-يىل 1-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەتسىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۈچ نەپەر ۋىجدان مەھبۇسى تۇتقۇن قىلىنىپ توپ – توغرا بىر يىل ئۆتكەندە ئۇلارغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق «ئانا تىل خەلقئارا چەكلىك شىركىتى» نىڭ تۇتقۇندىكى ئۈچ نەپەر ئاساسلىق قۇرغۇچىسى بۇ يىل 11 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان. ھالبۇكى، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ھۆكۈمى سوت مەيدانىدا ئېلان قىلىنمىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۈچەيلەننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سوت ھۆكۈمىنى ساقلاش ئۇقتۇرۇلغان.

بۈگۈن ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 21 – ئاۋغۇست كۈنى، يەنى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار تۇتقۇن قىلىنغىنىغا توپ – توغرا بىر يىل تولغان كۈنى ئۇلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرىقى ھۆكۈمنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ھۆكۈمنامىدە، «ئانا تىل خەلقئارا چەكلىك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى مۇھەممەتسىدىققا 2 يىل 3 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە قوشۇمچە 130 مىڭ سوم جەرىمانە، شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرىدىن دىليار ئوبۇلغا 2 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە 100 مىڭ سوم جەرىمانە، ئابدۇۋەلى ئايۇپقا 1 يىل 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە 80 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتنىڭ ئاخىرىقى ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن دىليار ئوبۇل ئىككەيلەن «باشقا دەۋا – دەستۇرىمىز يوق» دەپ ھۆكۈمنامىگە ئىمزا قويغانلىقى مەلۇم. ۋاھالەنكى، مۇھەممەتسىدىقنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمنامىگە سۈكۈت قىلغانلىقى ياكى يوقىرى سوتقا ئەرز سۇنغانلىقى مەلۇم ئەمەسكەن.

سوت ھۆكۈمىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق «ئانا تىل خەلقئارا چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئۈچ نەپەر مەسئۇل خادىمىنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا «جامائەت ئامانەت پۇللىرىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك قاماق جازاسى» بېرىلگەنلىكى ۋە جەرىمانە قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ھۆكۈمنامىدە يەنە يوقىرىقى ئۈچەيلەننىڭ جازا مۇددىتىنىڭ 2013 – يىلى 20 – ئاۋغۇستتا تۇتقۇن قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناۋادا مەزكۇر سوت ھۆكۈمىدە قەيت قىلىنغان مەزمۇنلار رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنسا، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يەنە 6 ئايدىن كېيىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۈچەيلەن تېخىچە ئۈرۈمچى ليۇداۋاندىكى 4 – تۈرمىدە قاماقلىق بولۇپ، جازا ھۆكۈمىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تېخىچە ئۇلار بىلەن يۈزتۇرانە كۆرىشەلمىگەن، پەقەت ئادۋوكاتنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەھۋاللىشىپ تۇرغان.

ھازىرغىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بولسۇن ياكى ئاممىمىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە بولسۇن، ئۇلارنىڭ سوتلىنىش جەريانى ۋە سوت ھۆكۈمى توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/abduweli-ayup-08262014230858.html

Share
1641 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.