logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ :غايىبانە مىيىت نامىزى ۋە غۇلغۇلا


ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

غايىبانە مىيىت نامىزى ۋە غۇلغۇلا

مۇھەممەت سالىھ داموللامغا ئوقۇلغان غايىبانە مىيىت نامىزىنى 3-فېۋرال ئەنقەرەدە ئوقۇدۇق. خاتىپنى مەرھۇم داموللام ھەققىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دات پەرياتلىرى ھەققىدە ئىككى ئېغىز توختىلارمۇ دېگەن ئۈمىدىممۇ يوققا چىقتى. ئاخبارات ئېلان قىلىنغاندا ئەڭ كۆپ توۋلانغان «ئاللاھۇ ئەكبەر» لەر يۈرەكلەرنى تىترەتكەن بىلەن تۈرك خەلقىگە بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز، دىنىي داۋايىمىزدىن باشقا مەنەنى چۈشەندۈرەلمىدى، ئۇيغۇرلۇق ئازابىمىزنى بىلدۈرەلمىدى، ئېنىق مەلۇمات يەتكۈزەلمىدى. يىللاردىن بېرى كۆتۈرۈپ كۆنۈپ كەتكەن بايراقلىرىمىز بىزنىڭ مۇستەقىلچى ئىكەنلىكىمىزدىن باشقا يېڭىلىقنى ھىس قىلدۇرالمىدى. «ئاللاھۇ ئەكبەر»دە راستچىل بولغان بولساق يىگانە ئەكبەر، بىردىنبىر ئۇلۇغ زات بولغان ئاللاھتىن قورققان بولساق يا زۇلۇمنى سۆزلەپ شاھىت بولغان، يا زۇلۇمغا قارشى شېھىت بولغان بولاتتۇق. مىڭ ئەپسۇسكى، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تۇرۇپ ئاللاھ ھۆر ياراتقان تىلىنى قورقۇنچانلىققا قۇل قىلىۋېتىپ ھەقنى سۆزلەشتىن ئاياپ قالساق، بايراقلار لەپىلدىگەن بىلەن لەۋلىرىمىز مىدىرلىمىسا دەردىمىزنى كىم بىلىدۇ؟ بايراق بىلەن تەڭ زۇلۇمغا قارشى مەيدانىمىز، شاھىتلىقىمىز لەپىلدىمىسە ئۇ بايراقنى كىم كۆتۈرسە بولىدىغۇ؟
مىيىت نامىزى ئوقۇلىۋاتقان پۇرسەتتە ئۇيغۇرنىڭ بېشىدا كۆيۈۋاتقان كۈلپەتنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلغىلى بولمىدى. نامازدىن بۇرۇن تەييارلانغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە ھەققىدىكى ئون شۇئارنى مەيدانغا تىزالمىدۇق. بۇ پائالىيەتنىڭ پەقەت بىر غايىبانە مىيىت نامىزى بولۇشى بېكىتىلىپتۇ. كەيپىياتىم ئايەمدە ھىچ كىم ھېيىتلىق بەرمىگەن يېتىم بالىدەك سۇلغۇن ئىدى. ھەر قېتىم بارسام ئۇيغۇرلارغا پەلەستىنلىكلەرگ​ە قىلغان دۇئالار قاتارىدىن ئورۇن بېرىدىغان ئىمامنىڭ بۇنچىلىك كەمسۆز بولۇپ كېتىشى، داموللامنىڭ ھاياتىنى چۈشەندۈرگەن لوزۇنكىنى ئېسىش جەريانىدىكى قاتمۇ قات تەكشۈرۈشلەر ماڭا نۇرغۇن دېيىلمىگەن گەپلەرنى سۆزلەپ بەردى.
مىيىت نامىزى تۈگەپ بىر چاغدا قارىسام ھاجى بايرام ۋەلى جامىسىنىڭ ئالدىدا يالغۇز قاپتىمەن. ھەممە ئۆز غېمىدە، ئۆز ئىشى بىلەن، ھەممە تىجارەت ئۆز يولىدا. ھاجى بايرام ۋەلىدىن قالغان پۇچۇق تامغا قارىدىم، ئەگەر شۇ تامدىكى خىشلارنىڭ ئاغزى بولغان بولسا «ئەي ھاكىملار كەينىڭلاردا، يېنىڭلاردا، سۆھبىتىڭلەردە زالىم بار، سىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەقنى ئەمەس نەپنى سۆزلەۋاتىسىلەر، ئادالەتنى ئەمەس، تىجارەتنى كۆزلەۋاتىسلەر» دەپ يىغلاپ يېرىلىپ كەتكەن بولاتتى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، بۇرسا، قەيسەرى شەھەرلىرىدە بولغان مىيىت نامازلىرىغىمۇ ئۈمىت بىلەن بىرمۇ بىر قاراپ چىقتىم. مەزمۇن ۋە شەكىل ئوخشاش، پەقەت قاتناشقان شەخىسلەر پەرقلىق. «ئاللاھۇ ئەكبەر»، «يا ئاللاھ، بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن سادالار ئورتاق ياڭراپتۇ. «كاپىرلار بىر، كۇپىر بىر، بىز كاپىر ۋە كۇپرىغا قارشى كۆرەش قىلىمىز» دېگەن يۈرەكلەرنى تىترىتىدىغان شۇئارلاردىن كۆزلەر ياشلاندى. ئەمما ياشنى سۈرتۈپ ئويلاپ باقسام شۇ كۆرەشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم. كاپىرلار كۆپ، بەكمۇ كۆپ ئېدى. كۇپرى يېيىلمىغان يەر، ئارىلاشمىغان ئىش، چېتىلىمىغان جەمئىيەت ئاز ئىدى. قايسى بىرىنى يوقىتىپ بولارمىز؟ بەلكىم قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەن مەنلا ئەمەس. بۇ سادا، بۇ كۆرەش چاقىرىقلىرى پەرقلىق ياش، پەرقلىق سەۋىيە ۋە پەرقلىق ھىسىياتتىكى كىشىلەردە پەرقلىق ھەرىكەت پەيدا قىلىدۇ.
كاپىرلارنى يوقىتىش، كوپىرىنى گۇمران قىلىش چاقىرىقى ئېسىمگە شۇ چاقىرىق كۈچەيگەن يىللار ۋە تۈرمە ھاياتىمنى ئېلىپ كىردى. 2008-يىلى ئۈرۈمچىگە دىن ئوقۇغىلى چىققان ئەمرۇللا ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇ تاماققا ماڭغان يولدا بىر رېستۇراندىن ياڭراۋاتقان مۇزىكىنى ئاڭلاپلا قولاقلىرىنى ئەتكەن ئىدى. «ئابدۇۋەلى دادا مۇشۇ يەرنى پارتىلىتىۋەتسەك بولمامدۇ؟!» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ھاياجانغا چۈمگىنىم راست. ئويلاپ باقسام ئەسەبىيلەشكەن چاغلىرىم ئىكەن. قاماقتا ياتقان چاغلىرىمدا ياغلىق ئارتمىغان تەپتىشلەرگە، ھاراق ئىچىپ كىرىپ قالغان مەھبۇسلارغا «كاپىر» دەپ گەپ قىلمايدىغان بالىلارنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم. مەن كۇپرىغا قارشى تۇرۇشتا نېمە قىلىشنى بىلمىگەن بىلەن ھەرىكەتنى يېنىدىكى ياغلىق ئارتمىغان ئايال، مەھەللىسىدىكى رېستۇراندىن باشلايدىغانلار بار ئىكەن. قارىغاندا نامايىشقا چىققان چاغدا توۋلايدىغان كاپىرلارغا قارشى كۆرەش، كۇپرىغا قارشى جىھات شۇئارلىرى ئېنىق نىشان بىلەن دېيىلسە بولغىدەك.
ئۆلۈمگە بارساق ئېسمىزگە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ۋە ئۆلۈملۈك بولغانلىقىمىز كېلىپ ھەممىمىز يىغلايمىز، بۇ ئىنسان تەبىئىتى. بۈگۈن ئۇيغۇر ھازىدار بولغاچقا ئۆلۈملا بولسا، يىغلىغاننى كۆرسەكلا يىغلايدىغان ھالغا يەتتۇق. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك داموللامنىڭ ئۆلۈمىدە بىر دەرت تۆككىمىز بارئىدى. بىز غايىبانە مىيىت نامىزىغا تۈرك قېرىداشلارنىڭ ئاغزىدىن كۈچلۈك خىتاينىڭ ئەمەس ھەقلىق ئۇيغۇرنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىغ​ا شاھىتلىق ئىزدەپ بارغان ئىدۇق. ھەمىمىز مەھبۇس ئانىمىز، تۇتقۇن دادىمىز، زۇلمەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە باشلىقى، گۇندىپايلار پارتىيەسىنىڭ ئاتامانىغا: ئەي شى قاسساپ، بىزمۇ سەندەك ئىنسان، قېنىمىز سېنىڭكىدەك قان، جېنىمىز سېنىڭكدەكلا تاتلىق جان، بىزنى قانخورلۇققا، جاندىن كېچىشكە بۇنچە زورلىما، زۇلۇمنى توختات دېمەكچى ئىدۇق. مۇشۇلارنى دېيەلمىگەچ غەزەپلىنىۋاتىمى​ز، غۇتۇلداۋاتىمىز، غۇلغۇلا قىلىۋاتىمىز،
2018-يىلى، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنقەرە

Share
3080 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.