logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: سابىر بوغداغا باغلانغان سىرلار

سابىر بوغداغا باغلانغان سىرلار
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
سابىر بوغدانىڭ تۈركىيەدىكى ھەيۋىسى مېنى ئىزچىل ھەيران قالدۇرۇپ كەلدى. ئۇ تۈركىيەدىكى بىر كىچىك دەرنەكنىڭ باشلىقى، ئاشكارە خىتاي تەرەپتارى، زۇلۇمنى قارىلاپ خىتاينى ئاقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ غەم يىمەي كېلىۋاتقان بىر ئادەم.
تەئەججۈپلۈك يېرى ئۇ مۇشۇ كۈنگىچە تۈركىيەدىكى قۇدرىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ كەلدى. ئۇيغۇرنىڭ كۈنى ئېغىرلاشقانچە ئۇنىڭ ئىتىبارى، خورىكى، نوپۇزى شۇنچە كۈچلىنىپ ماڭدى. ئۇنى شۇنچە قۇدرەتلىك قىلغان نەرسە نېمە؟ مەنچە ئاۋۋال تۈركىيە ۋە خىتاي دوستلۇقىنىڭ كۈچىيىشىدۇر. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ سۈكۈتى، داۋاگەرلەرنىڭ ساختىلىقى، ئىككى يۈزلىكى، چوڭلارنىڭ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەنقىتسىز قوبۇل قىلىشىمۇ موھىم بىر ئامىل.
شۇ سەۋەپتىن سابىر بۇغرا تۈركىيەدە ئەڭ قۇدرەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى، مۇشۇ كۈندە دۇنيادا ھىچ بىر ئۇيغۇر ئۇنىڭدەك ھىچ نېمىدىن قورقماي خىتاينى ئاقلاپ ئۇيغۇرنىڭ سۈكۈتىگە، ئۈنسىز قوللىشىغا نائىل بولغان ئەمەس. مەسىلەن، 2019-يىلى تۈركىيەدە دوغۇ پىرىنچەك ئىسىملىك بىر خىتايپەرەس سىياسەتچىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا مىڭلارچە ئۇيغۇر بېرىپ نامايىش قىلدى. سابىر بوغدانىڭ ئىشىك ئالدىدا بىر كۈن نارازى بولۇپ تۇرۇپ باققان ئۇيغۇر يوق.
سابىر بوغدانىڭ قۇدرىتى تۈركىيەدىلا ئەمەس تور دۇنياسىدىمۇ دەخلىسىز. ئۇنىڭ ئۇلۇسال قانال دېگەن بىر خىتاينىڭ زۇۋانىغا بەرگەن بايانلىرى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىشى، ئۇنىڭ خىتاينى ئاقلاپ قىلغان سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ غەزەپ نەپرىتىگە دۇچار بولۇشى ئېنىق ئىدى، ئەمما خۇددى رېئال دۇنيادا ئۇنىڭغا نارازى بولىدىغان ئادەم چىقمىغاندەك تور دۇنياسىدىمۇ ئۇنچىلىك نەپرەت قوزغاپ كەتمىدى. تۈركىيەدىكى ھىچ بىر تەشكىلات تېخى ئۇنىڭ بايانلىرىغا رەددىيە بەرگىنى يوق، ياكى ھىچ بىر جامائەت ئەربابى، ئەھلى ئىلىم، ئۇستاز ۋە پىشىۋا چوڭلاردىن چىققان سادا يوق. قېنى باشقا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان تەھدىتلەر؟ قېنى ۋاقىراشلار، قېنى تەھدىت سېلىشلار؟
سابىر بوغدا ئىزچىل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە زەربە ھالىتىدە تۇردى. ئۇ 2018-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلدى. ئەمما بۇ ھەقتە نە بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى ياكى بىر ئۇيغۇر رەھبەر بايانات ئېلان قىلمدى. بۇ ئىش جىممىدە بېسىقىپ كەتتى. قايتۇرما زەربە بولمىغان ئەھۋالدا ھۇجۇم داۋام قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. تېخى مۇشۇ كۈنگىچە قانۇنى يول بىلەن ئۆزىنى ياكى ئۇيغۇرنى قوغدىغان بىرى يوق. سابىر بۇغرا تېخىچە ئەرىز قىلىنىپمۇ باقمىدى. ئەلۋەتتە ئۇنى تەنقىت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىچارىلەر ئەزرنى تېخىمۇ قىلالمايدۇ.
سابىر بوغدانىڭ بازىرىنى كەڭرى قىلىۋاتقان يەنە بىر ئامىل مۇھاجىرەتتىكى مۇرتۋازلىق، ئۇستازپەرۋەرلىك، ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە قويمىجەز ئەگەشمىچىلىك.
بۇ يىللىق رامىزاندا ئۇزۇن يىللىق ئىككى ئىنقىلاپچى بىر بايانات سەۋەپلىك ئاشكارە ئۆلۈم تەھدىتى تاپشۇرۇپ ئالدى. ھەتتا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئۆيىنىڭ ئادرىسى ئاشكارىلىنىپ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن توردا ئېلان چىقىرىلدى. خائىن دېيىلىپ سازايى قىلىندى. يېشى يەتمىشتىن ئاشقان ئەنۋەرجان ئاكا كەچۈرۈم سورىدى. سۈرگۈندە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ كونىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بەس بەستە بايانات ئېلان قىلىپ ئەيپلىشىپ كەتتى. قېنى شۇ تەشكىلاتلار؟ سابىردەك ۋەتەندە زۇلۇم يوق تەرەققىيات بار دەۋاتقان بىر دەرنەكنىڭ باشلىقىغا دەيدىغان گەپ يوقمۇ؟ قىلىدىغان بايانات يوقمۇ؟ قېنى مىللىي سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەنلەر؟ قېنى 30 يىللىق ئىنقىلاپچىلارنى بىر جۈملە ئۈچۈن خائىنغا چىقارغانلار؟
يېقىندا تۈركىيەدە ئىشلەنگەن، مۇھاجىرەتتىكى 70 يىللىق داۋانى قارىلىغان، دېموكراتىك يول بىلەن داۋا قىلىۋاتقانلارنى پۈتۈنلەي كاپىرغا چىقارغان بىر سىنلىق تۆھمەت 337 قېتىم تارقىتىلدى. ئەمما مەن بۇ يازمىنىڭ تۈركىيەدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ سەھىپىسىدە 30 قېتىم تارقىتىلىشىغىمۇ تەستە ئىشىنىمەن. شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، خىتاينىڭ ئەپسۇنى، كۈچى، دەھشىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرنىڭ ئىددىيەسىگە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان زاتلارنىڭ تومۇر تومۇرلىرىغا سىڭىپ كەتكەن، خىتاينى ئارقا تېرەك قىلغان ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ئەيىپلەنمەيدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بۇرنىدىن ئۆتكۈزۈپ تەتە قىلىۋاتقان زاتلار نەپرەتلەنمىگەن ھىچ بىر نەرسە ئۇيغۇر دۇنياسىدا ئاممىۋىي نەپرەت قوزغىيالمايدۇ. مانا بۇ سابىر بوغدانى كۈچلەندۈرىۋاتقان، ئۇنى تېخىمۇ سىرلىق شەخسكە ئايلاندۇرىۋاتقان يەنە بىر ئامىل.

Share
4307 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.