logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ باق دۇنيا





ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ باق دۇنيا
بۈگۈن نەچچە كۈندىن بېرى ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر ياپۇنىيەلىك مۇخپىر ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ باقتى. دەسلەپكى كۈنى كەلگەندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ كەلگىنىم ئۈچۈن بىر كۈنلۈك ئۇيغۇرلۇق ئۇنىڭغا يات كەلمىدى، زىيارىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلدى. ئۇيغۇر بولمىغان كۈنلەردە ئۇ داستىخانغا تىزىلغان گېزەكلەرنى يىمەي، زىيارەتچىلەرنىڭ ئالدىدىن ياكى كەينىدىن ئۆتۈشنى ئۇقماي، كىملەر بىلەن قانداق قول ئېلىشىپ ياكى ئېلىشماي سالاملىشىشنى بىلمەي، ھەتتا ھاجەتكە چىقىشنىمۇ ساھىپخانغا دېيەلمەي جاپا چەككەن ئىدى.
ياپۇنىيەلىك ئۇسامىغا ئۇيغۇرلۇق يېقىپ قالدى. ئېچىلىپ كۈلگەن، ئىچىدىكىنى تۆككەن ۋە دۇئايى سالاملارغا ئېرىشكەن چاغلىرى كۆپ بولدى، بولۇپمۇ بارغانلا ئۆيىمىزدە زىيارەت تۈگىگىچە تاماقلارنىڭ پىشىپ، مەزەلەرنىڭ تىزىلىپ تۇرۇشى ئۇنى تاڭ قالدۇردى. ئادەتتە مۇخپىرلىق قائىدىسىدە فىلىمگە ئېلىش ئۈچۈن ئۆيلەرنىڭ جابدۇقى يۆتكەلگەن بولسا چوقۇم ئەسلىگە قايتۇرۇپ قويۇش كېرەك ئىكەن، ئەمما ئۇيغۇرلار ئېگىز-پەس قىلىۋېتىلگەن جاھازلارنى ئۆزى رەتلەپ بىزنى يېقىن كەلتۈرمىدى. ھەتتا بۈگۈن فىلىمگە ئېلىش ئۈچۈن بىر ئۆينىڭ بىر تېمىنى ئاقلاپ، قالغان تاملىرى كونا رەڭدا قالدۇررۇشقا مەجبۇر بولدۇق. ھەر قانچە تەلەپ قىلساقمۇ ساھىپخان قالغان تاملارنى سىرلاتقۇزمىدى.
ئۇيغۇرلار ۋە ياپۇنلارنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. بىزدە ياشانغانلارنىڭ ھۆرمەتلىك ۋە بالىلارنىڭ ئالاھىدە ئىززەتلىك بولۇشى ئۇنىڭ دىققەتىنى تارتىپتۇ. ئۇسامى: «سىلەر دېڭىزدىن شۇنچە ئۇزاق ياشىغان مىللەت تۇرۇپ دېڭىز بويىدىكى ياپۇنلاردىنمۇ كۆپ قول يۇيىدىكەنسىلەر، سىلەردە ئاياللارنىڭ ھەممىسى كەسپىي ئاشپەزدەك تاماق ئېتەلەيدىكەن، سىلەر ئۆيۈڭلەردىكى ئەڭ ياخشى نىمەتلەرنى ئۆمرۈڭلەردە كۆرۈپ باقمىغان، قايتا بىر كۆرۈرۈشۈش ئىمكانسىز بولغان مىھمان بىلەن ئورتاقلىشىدىكەنسىلەر، ئۇيغۇرچە ياشاش بەك ھوزۇر ئىكەن» دەپ كەتتى سۆيۈنۈپ.
ئۇسامى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، تاماقلىرىنى تېتىپ، چايلىرىنى ئىچىپ، مىھماندوستلۇقىدىن ھوزۇر ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىتىقادىنى ھىس قىلىپ باقتى، شام ۋاقتىدا تاھارەت ئېلىشنى ئۆگىنىپ ناماز ئوقۇدى. دۇئانىڭ مەنىسىنى ئۆگەتسەم، قانداق قىلىشنى سورىدى. مەن «بىز ئۇيغۇرلار ئاللاھتىن پۇل، ئۆي ۋە ماشىنا تەلەپ قىلمايمىز، نەپسىنىڭ ھوزۇرى ھۆرلەرنىمۇ تەلەپ قىلمايمىز، پەقەت ئاتا-ئانىلارغا، ئايال-بالىلارغا ۋە دۇنياغا ھۆرلۈك، تىنچلىق، سالامەتلىك، بەخىت ۋە ئاسانلىق تىلەيمىز. بولۇپمۇ بىز كۆرۈشكەندە دۇنياغا، ئىنسانغا ۋە ھەتتا بارلىق جانلىقلارغا تىنچلىق تىلەيمىز، شۇڭا بىز «تىنچلىقمۇ!» دېيىشىپ ئەھۋال سورايمىز. ئەگەر سەنمۇ دۇئانى ئۇيغۇردەك قىلاي دېسەڭ، بىزدەك ئۆزۈڭنىڭ، ئەۋلادىڭنىڭ ۋە مىللىتىڭنىڭ ۋە بارچە ئىنساننىڭ غۇرۇى، ئۆملۈكى، تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە پاراغىتى ئۈچۈن دۇئا قىلغىن،» دېدىم. 
زىيارەتلەرنى تۈگىتىپ ئوسامى بىلەن بىر پەس ھال مۇڭ بولۇشتۇق. ئۇ «بۇ سەھەر ئۇيغۇرچە ياشاشقا قارار قىلىشنىڭ ئالدىدا بۇقەدەر ئېچىنىشلىق، ئۈمىتسىز، چۈشكۈن بىر ۋەزىيەتتە، مەن بىر نورمال ئادەم سۈپىتىمدە بىر ئۇيغۇر بولالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم، ئەمما مەن پەرەز قىلغان بىر كۈنلۈك ئېغىر كەيپىياتنىڭ ئەكسىچە بىر كۈنلۈك ئۇيغۇرچە ھايات ماڭا بەرداشلىق، مەرتلىك، مىھماندوستلۇق، ئورتاقلىشىش، تەمەسىزلىك، ياردەمسۆيەرلىكنى ھىس قىلدۇردى. زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھىچ بىرى ماڭا ئۇيغۇر بولۇشنىڭ بىچارەلىك، ساراسىمىلىك، سۇلغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرمىدى، مەن مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە ياشايدىغان كۈنۈم دائىم بولسا دەيمەن» دېدى.
ئوسامى بىلەن خوشلىشىپ ماڭغاچ ئويلىنىپ قالدىم. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر كىشى، مەيلى خىتاي، مەيلى ھىندى، مەيلى خرىستىيان، مەيلى بۇددىست بولسۇن، بىزنى دۈشمەن كۆرسۇن ياكى دوست كۆرسۇن مۇشۇ ياپۇندەك بىر كۈن ئۇيغۇر بولۇپ باققان بولسا، ئىنسان ئاتلىقتىن قىزغانمايدىغان داستىخېنىمىزدا بىر ئولتۇرۇپ، بارلىق نەپرەتنى ئېرىتىپ تاشلايدىغان بىر پىيالە قىزىق چېيىمىزغا داخىل بولۇپ باققان بولسا، دىنسىزغىمۇ دۇئا قىلىدىغان بۇ مىللەت بىلەن بىر دەرتلەشكەن بولسا ھە!
دۇنيا بىر كۈن ئۇيغۇر بولۇپ باقسا، مەيلى لاگىردا تۇتقۇن ئۇيغۇر بولسۇن ياكى سىرتتا ھۈركۈپ مۆكۈپ يۈرگەن قاچقۇن ئۇيغۇر بولسۇن، ۋە ياكى مۇساپىرلىققا بوغۇلۇپ، يا چىشلىيەلمەي، يا كىشنىيەلمەي، ئىچىگە تىنىپ چىداپ كېتىۋاتقان جۇشقۇن ئۇيغۇر بولسۇن، بىر ئۇيغۇر بولۇپ باقسا. بىزگە نەپرەتلەنگەن خىتاينىڭ زالىملىرى، زۇلۇمنى ھەقلىق كۆرگەن مۇسۇلماننىڭ خائىنلىرى، ئۇيغۇرنى چۈشەنمىگەن، ئىشەنمىگەن، ناھەقچىلىككە ئىرەڭشىمىگەن، مۇستەبىتلىككە كۆڭۈلشىمىگەن ئىنسانلىق ئالىمى بىر ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ باققان بولسا ھە!

Share
1283 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.