logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ئاپارات ئالدىغا چىققان كىشىلەر

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ئاپارات ئالدىغا چىققان كىشىلەر

تۈركىيەدە مۇخپىرلارنىڭ ئالدىدا مەردانە سۆزلەۋاتقان، ئاپاراتلارغا تىكىلىپ تۇرۇپ قامالغان قېرىنداشلىرىنىڭ، باغرى قان ئۇيغۇرنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇلار كاتتىلار، داڭلىقلار، ياكى مەشھۇر زەردارمۇ ئەمەس، پەقەت قەلبىگە ھەق ۋە ھەققانىيەت مۇھەببىتى سىڭگەن ئاددى كىشىلەر. ئۇلار تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر ئەمەس، پۇقرالىقنى سېتىۋالايدىغان بايلاردىنمۇ ئەمەس. ئۇلارغا ئۈرۈمچىدە كوچىلارغا يېيىلغان قىپقىزىل قانلار بەدىلىگە پاسپورت ئېلىش پۇرستى ئەمدى كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ داۋاسى پۇسەتپەرەسلىكتىن يىراق. چۈنكى ئۇلار ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەر پۇرسەتتە، ھەر زامان قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغان، ئەركسىز خارلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن كۈچى يەتكەن ھەر قانداق ئىشقا تەۋەككۈل قىلىشقا تەييار كىشىلەر. ئۇلار مۇخپىر قاچان كېلەر، دۇنيا قاچان دەردىمنى ئاڭلار دەپ پۇرسەت كۈتۈپ ياتىدىغانلار ئەمەس، بەلكى ھەققانى چۇقانىنى ياڭرىتىپ پۇرسەت يارىتىدىغان كىشىلەر.
مۇخپىرلار ئۇلاردىن رەسىمىنى ۋە ھەقىقى ئىسمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم ئىجازەت سوراپ «بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتا-ئانىڭىزغا بۇ سەۋەپلىك زۇلۇم قىلىشى مۇمكىن، بىز سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سىزدىن قايتا ئىجازەت سوراۋاتىمىز» دېگەنلىرىدە، ئۇلار: ئاتا- ئانامدىن خەۋەر يوق، ئەمما بۈگۈن تۇتمىغان بىلەن ئەتە تۇتمايدۇ دېيەلمەيمەن. مېنىڭ ئانام تۇتۇلمىغان تەقدىردىمۇ بۈگۈن مەن باشقىلارنىڭ ئانىسى تۇتۇلغاندا سۈكۈت قىلسام، ئەتە باشقىلارنىڭمۇ سۈكۈت قىلىشىنى توغرا چۈشەنسەم بولىدۇ. بۈگۈن بىلىپ تۇرۇپ يېتىپ چىققان لاگىرلار ھەققىدە پاكىتنى يوشۇرسام، ئەتە بالىلىرىم مەن تۇتۇلغاندىمۇ سۈكۈت قىلىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بالىرىمغا مۇساپىرەتتە بايلىق قالدۇرۇپ كېتەلمەيمەن، ھىچ بولمىغاندا زالىمغا «ئەي زالىم، قولۇڭنى تارت!» دەپ توۋلىيالايدىغان بىر جاسارەتنى قالدۇرۇپ كەتمىسەم ئۇدۇنيادا يۈزۈم قارا قوپىمەن!» دېدى.
مۇخپىرلار بىلەن داۋراڭسىز كۆرۈشۈپ، زۇلۇم ھەققىدە شاھىتلىق بېرىپ لەۋلىرىنى چىشلەپ، مۇشتلىرىنى چىڭ تۈگۈپ سۆزلەۋاتقانلار ئىچىدە خانىم قىزلار ھەقىقەتەن ئەرلەردىن كۆپ. ئۇلار زۇلۇمغا باش ئېگىشنى رەت قىلىدىغان، «يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال» دېگەن بوۋىلاردىن مىراس ئۇيغۇرچە قەيسەرلىكنى ئۇنۇتمىغان سۈكۈت قىلىۋاتقان مىڭ ئەرگە تېگىشكۈسىز قەيسەرلەر. ئۇلار شاھىتلىق ئۈچۈن يولدىشىنىڭ، قىزىنىڭ، ئوغلىنىڭ، ئانىسىنىڭ، دادىسىنىڭ، ئۇستازىنىڭ، شاگىرتىنىڭ رەسىمىنى تۇتۇپ يۇم-يۇم ياش تۆكىۋاتقان بىلەن كۆز ئالدىدا مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆز قارچۇقلىرىغا جانلىق بىر دەرس بېرىشنى ئۇنۇتمايدۇ. زەيتىنبۇرنۇدا بىر ئايال ئوغلىغا«بالام ياخشى ئوقۇ، سەنمۇ مۇشۇ ئاكا-ئاچىلىرىڭدەك مۇخپىر بول، قارا بۇ مۇخپىر ئەسلى بىر كۆچمەن خىتاينىڭ قىزى ئىكەن. كانادادا چوڭ بولۇپ مانا بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورگىنىدا ئىشلەيدىكەن. بىزدىن بۇرۇن چىققانلاردىن مۇشۇنداق دۇنياۋىي تىللاردا يازالايدىغان، ئۆزىنىڭ تىلىنىمۇ ئۇنۇتمىغان، داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغان مۇخپىرلار يېتىشىپ چىققان بولسا دەردىمىزنى تېخىمۇ ياخشى يازالايتتى. ئامىنە ئاچاڭنى تۈركىيە ساقچىلىرى تۇتۇپ كەتتى، ئارىمىزدىن بىر ئادۋۇكات يېتىشىپ چىققان بولسا سوتچىغا ھالىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بۇرۇنراق قۇتقۇزۇپ چىقاتتى. شۇڭا ياخشى ئوقۇ، بىزدىنمۇ دۇنياغا داڭلىق مۇخپىر، ئادۇۋۇكات، ئېنجىنىر، مۇتەخەسىسلەر چىقسۇن. زالىمغا ئىلىمىڭ بىلەن زەربە بېرەلەيدىغان ئادەم بول، ئاندىن بىزدەك بۇنداق مىشىلداپ يىغلاپ، سەۋەبىنى قىلالماي دۇئا قىلىپلا ئولتۇرىدىغان ئادەم بولۇپ قالمايسەن!» دەپ بولۇپ يۈزلىرىنى تۇتۇپ ئۇزاق يىغلاپ كەتتى.
ئەلۋەتتە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاپاراتتىن قاچۇرغان شۇنداق كىشىلەرمۇ بار. ئۇلار ئاپارات كۆتۈرۈپ كەلگەن مۇخپىرلارنى ھېلى خىتايكەن، ھېلى بېيجىڭدىن كەلگەن ئىكەن، ھېلى ئۇنى ئارتىۋاپتۇ، ھېلى بۇنى كىيىۋاپتۇ…دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. يەنە بەزى چوڭلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجازىتىسىز پائالىيەت قىلغانلارنى چاققاندەك مۇخپىرلارغا گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىمۇ تۈركلەرگە چاقماقتا، سىڭايان قارىماقتا. ئەمما كۆڭۈلدىكى سىڭايانلىق، ئەگرىلىكلەرنىڭ مۇشۇنداق ئاشكارە بولۇشى ياخشى، چۈنكى ئاپارات ئالدىدا، ھاكىمىيەت يېنىدا ئۇلار ئەزەلدىن ئارتىس ئىدى، دەرتمەن ئۇيغۇرنىڭ رولىنى ئالاتتى. مانا ئەمدى دەرتمەن ئۇيغۇرلار ھەقىقى سالاھىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئاپاراتلارمۇ ئارتىسلارغا ئەمەس، ھەقىقى دەرتمەنلەرگە توغرىلاندى.
ئاپارات ئالدىغا چىقىدىغان ئۇيغۇرنىڭ سانى كۆپەيسە، زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايدىغان داۋاگەرلەر سېپى زورايسا زالىمنىڭ تىلى قىسقىرايدۇ، ھەيۋىسى سۇنىدۇ، ئالدانغانلار ئازلاپ دۈشمەنلىرى كۆپىيىدۇ. بەلكىم ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىگە سوزۇلغان خىتاينىڭ قارا قولى ئاپارات ئالدىدا ھەق سۆزلىگەن تىللار، ھەق مەيدانىدىكى ھەقىقى چىرايلارنىڭ غەزەپلىك چۇقانى بىلەن سۇنىدۇ، كۆيىدۇ، بەدىنى بىلەن قوشۇلۇپ چۇل چۇل بولۇپ كېتىدۇ.

Share
2245 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.