logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ:ئىلھام توختى كىم ئۈچۈن قەھرىمان

 

 

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئىلھام توختى كىم ئۈچۈن قەھرىمان

مەن ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇستازىمىزنىڭ ئۆزى تۈرمىدە قىينالسا، ئايالى ئازغىنە مۇئاش، جاپالىق خىزمەت، روھى بېسىم ۋە ئىككى تىرىك يېتىمنىڭ «دادام قېنى؟» دېگەن ياشلىق كۆزلىرىگە يۈزلىنىپ ياپراقتەك تىترەۋاتقان بۇ كۈنلەردە ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمەي ئۆز تۇرمۇشۇم بىلەن بەنت بولغۇچى ۋاپاسىزمەن. بىر كىشىلىك تۇرمۇشنى دەپ ئۇستاز ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن مەنلا ئەمەس دەپ تەسەللى بېرىمەن بەزىدە. ئەمما شۇ ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلەر ئارىسىدىكى جامائەت ئەربابى ئاتالغان ئەخمەتجان ئوسماننىڭ خىتاينىڭ قىيناقلىرىدا پۇت قولى باغلانغان شۇ ناتىۋان ئۇستازىمغا ھاقارەت، ھۇجۇم قىلىشى ئىنسانغا نەپرەتنى راۋا كۆرمەيدىغان تىلىمنى سۆزگە قىستىدى

ماۋ قاتىلنىڭ ئۈزۈندىلىگە ئوخشاش چاپلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئەخمەتجان ئوسماننىڭ يالغان ياۋىداقلىرى قاتارىدا «ئىلھام توختى ۋەتەن خائىنى» دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغاندا چىشلىرىم كىرىشىپ كەتتى. ئېسىمگە «شائىرلارغا گۇمراھلارلا ئەگىشىدۇ» دېگەن ئايەت كېلىپ شۇ ئايەتنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ گەۋدىسى كۆرۈنگەندەك بولدى. گۇمراھ دېگەن نېمە؟ گۇم دېگەن يوقلۇققا تەمسىل، راھ دېمەك يول دېمەكتۇر. يوللارنى گۇمران قىلغۇچى، گۇمانسىراپ ئازغۇچى، سەپەردە سەلەپكە ئەگىشىپ ھەقتىن يانغۇچى گۇمراھتۇر. گۇمراھلارنىڭ يوللىرى گۇمران، قەلبىدە گۇمان، ئەگىشىدىغىنى تەكلىماكاندا ھېلى سۇدەك، ھېلى ئۆستەڭدەك كۆرۈنىدىغان ئالۋۇن كەبى نەپسى، سەلەپتەك خاھىشى خالاس، ئاللاھ ھىچ بىر ئۇيغۇرنى بۇنداق گۇمراھلاردىن قىلمىسۇن، ھۆرلۈكتىن، ھىدايەتتىن تاندۇرمىسۇن.
ئىلھام توختىنى خىتاي خائىن، ئۇيغۇر قەھرىمان دەپ بىلدى. ئۇيغۇر قەھرىماننى قەلبىدىن سۆيدى، قاباھەتتە ياشاپ تۇرۇپمۇ رەسىمىنى تېلىفونلىرىدا ساقلاپ تۈرمىلەرنى تولدۇرۇشقا رازى بولدىكى خائىن دېمىدى. خىتاي شۇ چارەسىز ئۇيغۇرنى سوراقتا قىيناپمۇ، سوتتا جازالاپمۇ ئۇنى خائىن دېگۈزەلمىگەن ئىدى. بۈگۈن دۈشمەن شۇنچە ئېنىق تۇرسىمۇ ئىلھام توختىنى دۈشمەن تۇتۇپ ئۇيغۇرنى ناخۇش، خىتاينى خوش قىلىپ ئىلھام توختىنى «ۋەتەن خائىنى» دېگىنى ئىختىيارى پىرىزدېنت ئەخمەتجان ئوسمان بولدى

ئۇيغۇر ئۈچۈن جېنىنى تىككەن ئىلھام توختىنى ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئەدىپلەر، كادىرلار، دىھقانلار سىياسىي تەقىپلەردە سائەتلەپ ئۆگىنىش قىلىپمۇ خائىن دېمىگەن ئىدى. ۋەتەندىكىلەر ھاياتى قىلنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ دېمىگەن گەپنى ئەخمەتجان كانادادىكى ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ خىتاي ئۈچۈن دەپ بەردى. ئەخمەتجان بۇنى دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىر تىيىن پۇل، بىر سائەت ۋاقىت، بىر تېمىم تەر ئاققۇزۇپ باقمىغان مۇھاجىرەتتىكى يالغانچىلارنىڭ سىياسىي پاناھلىقىغا دەسمايە بولغان، زۇلۇمغا كۆكرەك كەرگەن، تەشۋىقاتلارغا خۇرۇچ بولغان، قەبرىسىز شېھىت ۋە تۈرمىدىكى غازىلارنىڭ غۇرۇرىنى بىر تىيىنغا ئالمايدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ خىتاي شەرقى تۈركىستاندا ھىچ بىر كىشىگە دېگۈزەلمىگەن گەپنى، يىراقتىن قاش ئېتىپ، خۇلۇق چىقىرىپ تۇرۇپ نازۇ كەرەشمىلەر بىلەن بەردى.
ئىلھام توختى قەھرىمان، ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى، ئەمما ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئەمەس، ئۇستاز زۇلۇمغا قارشى جاسارىتى، ھەق سۆزلىگەن ۋىجدانى بىلەن ۋىجدانسزلارغا خائىنلىق قىلغۇچى. بىز ئۇستازنى ئۇيغۇرنىڭ قەھرىمانى دەپ بىلەتتۇق، ئەمدى ئەخمەتجان ۋە ئەخمەتجانسىمانل​ارنىڭ خائىنى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. بۇرۇن غولام ئوسمان زۇلپىقار ئۇستازنى خىتاي جاسۇسىغا چىقارغاندا غەزەپلەنگەن، ئەخمەتجان ئوسمان خائىنغا چىقارغاندا ئۇيغۇردىكى «خىل خىلى بىلەن، گۈل گۈلى بىلەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇق. بۇ يەردىكى «گۈل» سۆزى ئاقسۇ شىۋىسىدە تاز دېگەن مەنىدە بولۇپ تازلار يىراقتىنلا بىر بىرىنى بىلىۋالارمىش. ئۇيغۇردىكى بۇ ھىكمەتلەرنى ئەمدى چۈشەندۇق. كىرىشكەن چىشلار بوشىدى
ئۇستاز ساغلام ئەركەك، ۋاپاردار ئەر، مىھرىبان دادا، مەسئۇلىيەتچان زىيالى ئىدى. مىللەت زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا ھەق سۆزلەپ مۇجاھىت بولدى. ئاللاھ ئۇنى خىتاي زىندانىدا يۇسۇپ ئەلەھسىسالامنى قوغدىغاندەك قوغدىغاي، يۇنۇس ئەلەيھىسالامدەك ئامان قىلغاي، پەيغەمبىرىمىزدە​ك بەرداشلىق قەيسەر قىلغاي

Share
9797 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.