logo

trugen jacn

ئابدۇۋېلىي ئايۇپنىڭ ئويلىغانلىرىدىن ئويلىغانلىرىم

yazan kalem ile ilgili görsel sonucu

تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا ئىستانبۇل سەفاكۆيدە ئامېرىكىلىق بىر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغانلىقى، بۇ زىيارەتكە بىر كورلىلىق يىگىت بىلەن يەنە بىر پىشقەدەم ئۇستازنىڭ قاتناشقانلىقى، بۇلارنىڭ ئۇ مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئابدۇۋېلىي ئايۇپقا ياغدەك ياققانلىقى، يەنە بىر قىسمى بولسا ئۇنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىدىن تولىمۇ مەيۈسلىنىپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپتۇ. شۇڭا مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئابدۇۋېلىي ئايۇپقا ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بوپقالارمىكى دېگەن ئۈمىدتە ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى ھەققىدىكى ئويۇمنى تېز سىزما قىلىپلا يېزىپ باقتىم:

  1. كورلىلىق بالىنىڭ «خىتاي ئىككى يىل بۇرۇن مېنىڭ ئاچا ۋە ئاكىلىرىمنى تۇتمىغان بولسا مەن ھەرگىز خىتايغا قارشى چىقمىغان بولاتتىم» دېگەن گېپى بەكمۇ سەمىمىي گەپ بوپتۇمىش ۋە بۇ گەپ ئابدۇۋېلىي ئايۇپقا ياغدەك يېقىپتۇمىش. دېمەك خىتاي شۇ بالىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنىنى تۇتمىغان بولسا، خىتاينىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. خىتاينى ھېلىمۇ دوستۇم دەپ يۈرەتتى. خىتاي ئۇنىڭ ئاچا ۋە ئاكىلىرنى تۇتماستىمۇ نەچچە ئون يىللار مابەينىدە باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى، ئاچا-سىڭىللىرىنى ۋە ئاكا-ئىنىلىرىنى تۇتۇپ سۇلاپ، خالىغانچە قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىپ، خالىغاننى ئۆلتۈرۈپ كەلگەن ئىدىغۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرىمۇ مۇشۇ مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەسمۇ؟ دېمەك، مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا، دىنىي ئالىملار ۋە ھەقىقىي تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن باشقا ھەمدە ئاز بىر قىسىم زىيالىيلاردىن باشقا مەيلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، مەيلى يازغۇچى، زىيالىيلار بولسۇن، ھەممىسى خىتاينى دۈشمەن دەپ بىلمەيتتى.
  2. گەپنىڭ تېمىسى ئۇيغۇرلاردىكى جىھادچىلىققا كەلگەندە خەلقئارادىكى جىھادچىلىق تېررورچىلىق مەنىسىگە ئىگە بوپقالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىپ، گەپنى باشقا ياققا بۇراشقا مەجبۇر بوپتۇمىش. ماقۇل، ھازىر «جىھادچىلىق» ئۇقۇمى تېرروچىلىق دېگەن مەنىگە، جىھادچىلار تېررورچىلار دېگەن مەنىگە ئىگە بوپقاپتۇ. ئۇلار گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە تېمىنى باشقا ياققا بۇرىمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ بۇنداق ئىنكاسىنى كۆرگەن ئىنساننىڭ ئەقلىگە «ئىنسان تۇغۇلۇشىدىنلا تېررورچى بولۇپ تۇغۇلامدۇ؟ ئىنسان نېمىشقا قولىغا قورال ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ؟ ئۇنى ئاشۇنداق تېررورچى دېگەن قالپاقنى كىيىشكە مەجبۇر قىلغان نەرسە نېمە؟» دېگەندەك سوئاللار كەلمەمدۇ؟ نېمىشقا مەيدانغا چۈشكەن ئادەم بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايدۇ ۋە باشقىلارغا ئۇنى چۈشەنچە بېرەلمەيدۇ؟
  3. ھېلىقى مۇخبىر پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدرىسىلەردە مەخسۇس جىھادنى تەرغىپ قىلىدىغان دەرسلەرنى ئوقۇغانلىقى ھەمدە شۇ ئارقىلىق تالىباندىن ئىبارەت تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ھېلىقى دىنىي ئۇستاز بۇلارنىڭ ۋەتەندە دىنىي بىلىملەرنى ئوقۇش شارائىتى بولمىغانلىقتىن پاكىستانغا بېرىپ قالغانلىقىنى ۋە شۇ ئارقىلىق تالىبانغا قاتنىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتىمىش. ئاندىن ئۆزىنىڭ ۋەتەندە نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سورالغاندا، ئۇستاز بۇنىڭغا جاۋابەن 2000-يىللارغىچە ئۆزىنىڭ دىنىي ساھەدە تالىپ تەربىيلەش بىلەن بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئابدۇۋېلىي ئايۇپنىڭ قارىشىچە بۇ ئىككى گەپ بىر-بىرىگە زىت بوپقاپتۇدەك. ئابدۇۋېلىي ئايۇپتەك زىيالىي ئاتالغان بىرىنىڭ بۇ ئىككى گەپنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ چۈشىنەلمەي ھەم چۈشەندۈرەلمەي، بىر-بىرىگە زىتلاشتۇرۇۋالغانلىقىغا ھەيرانمەن. بۇ ئىككى گەپنىڭ قەيىرى بىر-بىرىگە زىت؟ ۋەتەندە پەقەت مەخپىي مەدرىسىلەردىن باشقا دىنىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش بارمۇ؟ كوممۇنىزم سىياسىتى ئاستىدىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن چەكلىك ساندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ بۇرۇتىغا دەسسەپ سالمىغان ھەم دەسسەشنى ئويلىمايدىغان، قىزىل كوممۇنىزم سۈزگۈچىدىن ئۆتەلىگەن ساناقلىق بالىلارنىلا ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىدىغان ئۈرۈمچىدىكى شۇ بىر «ئىسلام شۆيۈۋەنى»دىن باشقا ئىسلامىي ئۇنىۋېرسىتېتلار، مەكتەپلەر بارمۇ؟ ئەركىن ئازادە دىنىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇھىتى بارمۇ؟ ئۇستازنىڭ ۋەتەندە دىن ئوقۇش شارائىتى يوق دېگەنلىكى مۇشۇنى كۆزدە تۇتقانلىق دەپ چۈشەنسە ھەم چۈشەندۈرۈلسە بولمامدۇ؟ چۈنكى مەخپىي مەدرىسىلەرنى خىتايدىن باشلاپ، باشقا ھەر قانداق يەردە ھېچكىم قاتارغا ئالمايدۇ، ئېتىراپمۇ قىلمايدۇ. خىتايدىغۇ تامامەن قانۇنسىز. ئۇ ئۇستازنىڭ ئاشۇ مەخپىي، يەر ئاستى دېگەندەك قاراڭغۇ مەدرىسىلەردە يۈرىكى دەككە-دۈككىدە ھەپتىدە بىر ئىككى كۈن، ھەر قېتىمدا بىر ئىككى سائەت ئۆگەتكەن بۇ دەرسلەرگە قاراپ شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي مائارىپ بار دېگىلى بولامدۇ؟ باشقا پەننىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ شۇنچە كەڭرىلىكىدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتىدۇ. بىرسى ئۇلارنىڭ نېمىشقا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى سورىسا، ئۆزى ئوقۇماقچى بولغان بىلىمنىڭ ۋەتەندە يوقلۇقىنى، شۇڭا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتسا، ئۇنىڭغا ھېچكىم ۋەتىنىڭدە شۇنچە مەكتەپ، ئۇنىۋېرستېتلار تۇرسا يەنە ۋەتەندە بىلىم يوق دەيسەنغۇ؟ نېمانداق قارمۇقارشى گەپ قىلىسەن، دېمەيدۇغۇ؟ ئەمدى شۇ ئىككى تۆت تال تالىپ ئۆگەتكەن ئۇستازلارنىڭ بوپقالغانلىقى، ۋەتەندە دىنىي مائارىپ بولمىغاچقا بىر قىسىم كىشىلەر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان، دېگەن گەپكە زىت بوپقالامدۇ؟ بۇنچىلىك مەسىلىنى بىر زىيالىي بولغان كىشى چۈشەنمەمدۇ؟
  4. ئەسلى بۇ مۇخبىرنىڭ ئۆزىنىڭ گېپى بىر-بىرىگە زىت بوپ قاپتۇ. ئۇ « ساڭا دېسەم، مەن ئەرەبچىنى ئوقۇيالايمەن. سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابخاناڭلاردا جىھادقا دائىر كىتابلار 20 خىلدىن ئاشىدىكەن ھەمدە ئۇ كىتابلارنىڭ سۈپىتى تارىخ ۋە رومانغا ئائىت كىتابلاردىنمۇ ياخشى ئىكەن. ھەتتا جىھادقا تەرغىپ قىلىدىغان كىتابلارنى زەيتىنبۇرنۇدىكى ئاشخانىلاردىنمۇ تاپقىلى بولىدىكەن…..» دەپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەرەبچە بىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟ ئۇ ئەرەبچە بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى باھالاپ چىقىپتۇ. بۇ گەپ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسمۇ؟ بۇ گەپنى ئابدۇۋېلىي ئايۇپ يا خاتا ئاڭلىۋالغان ياكى خاتا چۈشىنىۋالغانمۇ؟
  5. ئۇ مۇخبىر 1993-يىلى قەشقەرگە تۇنجى قېتىم بارغىنىدا ھېچبىر ئۇيغۇر ئايال قارا پۈركەنجە بىلەن يۈز-كۆزلىرىنى ئورىمايدىكەنتۇق. سەفاكۆيدىكى كىتابخانىغا كىرگەن يەتتە ئايالدىن قارىغا ئورانمىغان بىرمۇ ئايالنى كۆرمەپتىمىش. ئابدۇۋېلىي ئايۇپ بۇنىڭغا جاۋابەن نېمىشقا: بىرىنچىدىن 1993-يىلى ئۇيغۇرلار كوپراتسىيە دەۋرىدىن، ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى»نىڭ مەينەتچىلىكلىرىن يېڭى قۇتۇلغان ئىدى. خىتاي كوممۇنسىتلىرى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى رەسمىي ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ شۇ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دېگەن ئون يىل ئىچىدە خىتايلار ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي بىلىمسىز قالدۇرغان، دىننى ئۆگىنىش، دىنىي تەلىم-تەربىيەلەرگە يول قويۇش، ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىننى ھەقىقىي چۈشىنىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا يول قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئادەتتىكى پەننىي مەكتەپلەردە تۈزۈكرەك ئوقۇغۇدەكمۇ ئارامچىلىق بەرمىگەن، قورسىقىنى ئاچ قويۇپ قورساقتىن باشقا غېمى يوق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. ھېلىغۇ ئۇزۇن قارا كىيىملەرنى كىيىشكەن، ھەتتا ئەرلەرنى يەكتەك ۋە كالاچ دېگەندەك نەرسىلەرنى كىيىشكىمۇ يول قويمىغان ئىدى. سەن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان 1993-يىلى ئۇيغۇرلار شۇ زۇلۇملاردىن ۋە نادانلىقتىن تېخى يېڭىدا قۇتۇلغان ۋاقىت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ دىنىي مەلۇماتتىن تۈزۈكرەك خەۋىرى يوق ئىدى. شۇڭا سېنىڭ قەشقەرگە 1993-يىلى بىر قېتىم بېرىپ كۆرگەنلىرىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىياپىتىگە باھا بېرىشكە يەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلىش ئۈچۈن خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا باستۇرۇپ كىرمىگەن ساپ ھالەتكە قاراش لازىم. ئىككىنچىدىن: سەن پەقەت بىر قېتىملىق زىيارىتىڭدە كوچىدا كۆرگەن ئىككى تۆت تال ئايالنىڭ كىيىمى ۋە ياكى ئاز بىر قىسىم سەنئەتچىلەرنىڭ كىيىمى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بىر ئىشنى ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغانلارنىڭ ئۇ ئىشقا باھا بېرىشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ، دەپ جاۋاب بەرمەيدۇ؟
    نېمىشقا 1993-يىلى مەنمۇ ھەم باشقا ئۇيغۇر ئەرلەرمۇ ئاساسەن بۇنداق شىم كاستىيۇم كىيمەيتتۇق، گالاستۇك تاقىمايتتۇق، ئۇ چاغدا قەشقەردىكى ئاياللار، ئانىلىرىمىز، مومىلىرىمىز ھازىرقى بىر قىسىم قىزلارغا ئوخشاش ئىت تالىۋالغاندەك ياكى چىت ئىلىۋالغاندەك ئۇ يەر بۇ يەرلىرى يىرتۇق نوغۇچ ئىشتانلارنى كىيىپ يۈرمەيتتى، مېنىڭ ئايالىمدەك بېشى باشتاقمۇ ئەمەستى، ھازىرقى بىر قىسىم قىزلاردەك بېشى باشتاق، يېرىم يالىڭاچ يۈرىدىغان ئىشمۇ يوق ئىدى. ھازىر جاھان تەرەققىي قىلدى. بىر قىسىم ئايالار بارغانسېرى يالىڭاچلانسا، يەنە بىر قىسىملىرى يۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتتى. سەن بارغان ۋاقىت ئاشۇ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ، خەلق نادان، دىندىن خەۋەرسىز ۋاقىت بولغاچقا شۇنداق ئۇنداق يۆگەنگەن ئاياللار بولمىغان بىلەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن باشقىچە ئۇسۇلدا يۆگەنگەن ئاياللار باتتى. شۇڭا بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىنسانىي ھوقۇق، شەخسىي ئەركىنلىك تەكىتلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، بېشى باشتاق يېرىم يالىڭاچلارغا نېمىشقا بۇنداق يۈرىسەن؟ سېنىڭ ئانىلىرىڭ، چوڭ ئانىلىرىڭ مۇشۇنداق يۈرەمتتى؟ دېيەلمىگەن ئىكەنمىز، ئۇلارغىمۇ نېمىشقا بۇنداق يۆگىنىسەن؟ دېيىشكە تىلىمىز كۆيىدىكەن، دەپ جاۋاب بېرەلمەيدۇ؟
  6. ھازىر بۇنداق قارا كىيىمگە ئورانغان ئاياللار ۋە ئۇزۇن ساقال قويغان ئەرلەر خەلقئارادا جىھادچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بوپقالغىنىغا كەلسەك، ئابدۇۋېلىي ئايۇپ نېمىشقا: ھازىر دۇنيادا كىم كۈچلۈك بولسا، شۇ نېمە دېسە شۇنىڭ گېپى توغرا ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرى كۈچلۈك بولغاچقا كىمنى تېررورچى دېسە شۇ تېررورچى بولىدىغانلىقىنى، ۋەتىنىمىزدە خىتاي كۈچلۈك بولغاچقا شۇلار نېمە دېسە شۇ ھېساب ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بىلىم ئېلىپ كۈچەيمىگۈچە كۈچلۈكلەرنىڭ خىلمۇخىل بوھتانلىرىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا مۇسۇلمان ئاياللىرى ھېلىغۇ ئۇ قارا پۈركەنجىلەر ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىيىملەرنى سېلىپ يېرىم يالىڭاچ بوپ بەرسىمۇ يەنىلا بەرىبىر ئىكەنلىكىنى ئېيتمايدۇ؟ نېمىشقا ماركس ۋە ئىنگىلسنىڭ ساقىلىنىڭ ھەممىدىن ئۇزۇن ھەم چوڭ ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنى ھېچكىم ھېچقاچان تېررورچى دەپ باقمىغانلىقىنى، ھازىرمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلاردىمۇ ئۇزۇن ساقاللىق ئەرلەرنىڭ خېلى كۆپلۈكىنى، بىر قىسىم يەھۇدىيلارنىڭ ئاياللىرىنىڭمۇ ئاشۇنداق قارا پۈركەنجە ئارتىپ، يۈز-كۆزلىرىنى مەھكەم ئوراپ يۈرىيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنى ھېچكىمنىڭ تېررورچى دېمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئەسلى مەسىلىنىڭ قارا كىيىمدە ياكى ئۇزۇن ساقالدا ئەمەس، بەلكى دىنغا بولغان ئۆچمەنلىكتە ئىكەنلىكىنى دېيەلمەيدۇ؟ نېمىشقا بىز ئۇيغۇرلاردا «گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دېگەن تەمسىلنىڭ مۇشۇ مەنىدە ئېيتىلغانلىقىنى ئويلىمايدۇ؟ نېمىشقا «بۆرە بىلەن قوزىنىڭ ھېكايىسى»نى ئويلاپ، باشقىلارغا شۇنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ؟
    مەسىلەن، ھازىر بىر قىسىم كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئويلىغاندەك بىزنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىمىز، خىتاينىڭ بىزگە مۇشۇنداق زۇلۇملارنى سېلىشى ئاشۇنداق قارا كىيىم كىيگەن ۋە ساقال قويغانلار سەۋەبىدىن بولسا، بۇ خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قىلغانلىرىنى دېمەيلا قوياي، مۇشۇ يېقىنقى زاماندا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ-تالاپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنى تۈرمىلەرگە سولاپ ئۆلتۈرگەندە ئۇيغۇرلارنى نېمىگە باغلاپتىكەن؟ شۇ چاغدىمۇ قارا كىيىمگە، ئۇزۇن ساقالغا باغلاپتىكەنمۇ؟ دېمەك، زالىمنىڭ خاراكتېرى ھەر زامان ئوخشاش. ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. مەزلۇملارنى يوقىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بەزىدە قارا كىيىم، ئۇزۇن ساقال، بەزىدە باي، بەزىدە پومىشچىك … دېگەندەك مۇشۇنداق باھانىلەرنى تېپىپ يوقىتىشنىڭ كويىدا.
    مۇشۇ كاللىسى بەك ئىشلەيدىغان بىر قىسىم ئالىيجانابلارمۇ زالىمنىڭ زۇلمىنىڭ سەۋەبىنىڭ ھەممىنى ئۆز قېرىنداشلىرى ئىچىدىن ئىزدەپ، جىنايەتچىنىڭ جىنايىتىنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئارتىپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ كويىغا چۈشكۈچە، ئوغرىنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا مال ئىگىسىنى ئەيىبلىگۈچە، بۇ خىتاينىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدا نېمە ھەققى بار؟ ئۇلار زېمىنىمىزنى بېسىۋالغاننىڭ ئۈستىگە نېمىشقا بىزگە زۇلۇم قىلىدۇ؟ نېمىشقا ئەركىنلىكىمىزنى تارتىۋالىدۇ؟ نېمىشقا ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى دەپسەندە قىلىدۇ؟ بىزگە شۇنچىۋالا زۇلۇمنى قىلمىسا، ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى دەپسەندە قىلمىسا، ئاشۇ ياشلار قولىغا قورال ئالاتتىمۇ؟ ئاشۇنداق بىر قىسىم سىياسىي خاتالىقلارنى ئۆتكۈزەتتىمۇ، دېيەلمەيدۇ؟
  7. قايسى مەدرىسىدە مەخسۇس جىھادنى تەشۋىق قىلىدىكەن؟ مەدرىسىلەردە دىن ۋە ئىسلام بىلىملىرى ئۆگىتىلىدۇ. ئەلۋەتتە شۇ ئىسلام بىلىملىرى ئىچىدە جىھادىي بىلىممۇ بار. لېكىن ئسىلامدىكى بۇ جىھاد بىزگە ئوخشاش ۋەتىنى باشقىلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ۋەتىنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، دەپسەندە قىلىنغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، زالىمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئادالەتنى ۋە ھەققانىيەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلىنىدىغان جىھادتۇر. پاكىستاندا تالىبانغا قاتنىشىپ قالغان بىر قانچە ياكى بىر نەچچە يۈز ئۇيغۇرغا كەلسەك، ئۇلارنى خاتا قىلدىمۇ دەيلى. نېمىشقا ئابدۇۋېلىي ئايۇپ بۇ ئازغىنە بىر قىسىم ئۇيغۇر نە 30 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا، نە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دىندارلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ھەر قانداق مىللەت ئىچىدە، بولۇپمۇ بىزدەك باشقىلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغان، ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇملارغا ئۇچرىغان، ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان، ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان بىر مىللەت ئىچىدە بۇنچىلىك «ئاشقۇن ئىدىيە»دىكى كىشىلەر بولۇشى نورمال ئەھۋال. ۋەتىنىمىزدىكى تەسۋىرلىگۈسىز شۇ زۇلۇملار بۇلارنى مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان، دېگەن گەپنى نېمىشقا دېيەلمەيدۇ؟
  8. 2016-يىلى مۇھەممەد تۇرسۇن ئۇيغۇر دېگەن كىتابچىنىڭ ئەڭ بازارلىق كىتابلار قايسى؟ دېگەن سوئالغا «جىھادقا دائىر كىتابلار» دەپ جاۋاب بېرىشى بىر تەرەپتىن نورمال ئەھۋال، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپتۈرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇرۇندىن بۇنداق ئىدىيە بار بولسىمۇ، ئاساسەن شۇ 2016-يىللارنىڭ ئالدى–كەينىدە ۋەتەندە خىتاينىڭ زۇلمى كۈنسىرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەيلى توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن جىھادچىلىق پىكرى خېلىلا ئەۋجگە چىققان ۋاقىتلار ئىدى. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا ئەلۋەتتە شۇنىڭغا ئائىت كىتابلار بازار تاپقان بولۇشى مۇمكىن.
  9. قىسقىسى، نېمىشقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەن ئادەم بۇنچىلىك گەپلەرنى ئۇلارغا توغرا يوسۇندا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەي، يەنە ئۆزىمىزدىن ۋايسايدۇ؟ نېمىشقا بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىپ ئالدىغا چىققان ۋە بۇ مىللەتكە ۋاكالىتەن سۆزلىگەن ئادەم بۇ مىللەتنىڭ زىيالىيسىغىمۇ، يازغۇچىسىغىمۇ، پەنچىسىگىمۇ، دىنچىسىغىمۇ، مىللەتچىسىگىمۇ، تىجارەتچىسىگىمۇ، ھۆنەرۋىنىگىمۇ، قويچىسىغىمۇ، ئوتۇنچىسىغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلىدە بولالمايدۇ؟ نېمىشقا داۋاملىق دىندارلارنىڭ گېپىنى، دىنغا چېتىلىدىغان گەپنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ؟ نېمىشقا بەزىدە دىنغا مۇناسىۋەتسىز گەپنىمۇ زور بىلەن تارتىپ ئەكىلىپ، دىنغا، دىندارلارغا زورلاپ تاڭىدۇ؟
    ئىلاۋە:
    سۈرىيە ۋە باشقا يەرلەرگە كەتكەن ئازغىنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر دىندارلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس. تۈركيە ياكى خىتاي ئۇلارنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ مەجبۇرىي ئاپارمىغاندەك، بىر قىسىم بىدىكلەردىن باشقا ھېچبىر ھەقىقىي دىندار ئالىم ئۇلارنى شۇ يەرگە بېرىشقا تەشۋىق قىلغانمۇ ئەمەس. ئابدۇۋېلىي ئايۇپقا ئامېرىكىلىق مۇخبىرنىڭ ئالدىدا تەھدىت سالغانلارغا خىتاي بۇيرۇق قىلمىغاندەك، ئۇلارغا نە دىن، نە دىنىي ئالىملارمۇ بۇيرۇق قىلغان ئەمەس. جىھادقا دائىر ئونلىغان كىتابلارغا خىتايلار مەبلەغ سالمىسىمۇ بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ جىھادنى توغرا رەۋىشتە يورۇتۇپ بېرىدىغان كىتابلارغا مەبلەغ سېلىش مەجبۇرىيتى بار. ئەمما بۇ كىتابلاردىن خاتا پايدىلانغۇچىنىڭ خاتالىقى ئۆزىدە، ھەرگىز كىتابتا ياكى دىندا ئەمەس. بۇ ئىش خۇددى خىتاي ۋە باشقا ياۋروپا ھەم ئامېرىكا ئەللىرى ئۆز پۇخرالىرىغا سىياسەت بىلىمى، ئۇرۇش سەنئىتى قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگەتكەنكىنىگە ئوخشاش، دۆلىتىنى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېغىر ۋە يېنىك تىپتىكى خىلمۇخىل قورال ياراقلارنى ياسىغىنىدەكلا بىر ئىش. بىراۋ بۇ سىياسەتلەرنى ۋە ئۇرۇش سەنئەتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن خاتا پايدىلانسا، دۆلەت ياسىغان قورالدىن خاتا پايدىلىنىپ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭغا دۆلەت مەسئۇل بولمىغاندەكلا بىر ئىش. سىياسەتتىن ۋە قورالدىن بىر قىسىم كىشىلەر خاتا پايدىلىنىدىكەن دەپ ھېچبىر دۆلەت قورال ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋە ئۇرۇش بىلىملىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. بەلكى خاتالاشقۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى بىر تەرەپتىن تىزگىنلەپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇش سەنئىتىنى ئۆگىتىۋېرىدۇ، قورال-ياراقلارنى ياساۋېرىدۇ. شۇنىڭدەك دىندارلارمۇ، دىنىي ئالىملارمۇ ئىسلامدىكى جىھاد بىلىملىرىنى توغرا شەكىلدە چۈشەندۈرۈشكە، خاتا چۈشىنىۋالغانلارنىڭ خاتالىقىنى قولىدىن كېلىشىچە تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئىلىمگەرلەر جىھادنىڭ پەزىلىتىنى سۆزلەپ بېرىشكە نە سى سى تېۋىينىڭ، نە پىي پىي تېۋىينىڭ سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى ھاجەت ئەمەس، ئۇنى ھەر قانداق جايدا توغرا يوسۇندا سۆزلەش دىنىي ئالىملارنىڭ مەجبۇرىيىتى.
    شۇڭا ئابدۇۋېلى ئايۇپ بولسۇن مەيلى باشقا بىرى بولسۇن، دىننى ھەقىقىي چۈشىنىمەن ياكى دىن ھەققىدە گەپ قىلىمەن دېسە، نەدىكى ئارقا-بۇرجەكتە قالغان ئىسمى-جىسمىنىڭ تايىنى يوق ئادەملەردىن ئاڭلىۋالغان ئەپقاچتى يەپقاچتى گەپلەرگە قاراپ دىنغا ۋە دىندارلارغا كەلسە-كەلمەس باھا بېرىپ يۈرمەي، ھەقىقىي دىنىي ئالىملاردىن دىنىي ساۋاتلارنى تولۇقراق ئېلىشى كېرەك.
    قوشۇمچە:
    مەن ئابدۇۋېلىي ئايۇپنى ئامېرىكىدا ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزگەن دەپ ئاڭلىغان. قايسى كەسىپتە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايمەن، ئەمما دىنىي ساھەدە ئەمەسلىكى ئېنىق. ماگېستىرلىقتا ئوقۇغان ئادەمگە ئىلمىي مېتود دەيدىغان بىر دەرس ئۆتۈلىدۇ. بۇ دەرستە ئىلمىي ئەخلاق، يەنى ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار. مەسىلەن:
  10. ئۆز كەسپىدىن باشقا كەسىپكە چات كەرىۋالماسلىق. ئۆزى قايسى كەسىپنىڭ ئەھلى بولسا شۇ ھەقتە گەپ قىلىش، باشقا ساھەنى شۇ ساھەدە سالاھىيەتلىك كىشىلەرگە ھاۋالە قىلىش. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىلىم ساھەسىدىكى ئېغىر ئەخلاقسىزلىق. بىر ئادەمنىڭ بىر نەرسىنى ئاز-تولا بىلگەنلىكى ئۇنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ. جۈملىدىن بىز ئابدۇۋېلىي ئايۇپنى تىل تەتقىقاتچىسى، ئابدۇۋېلىي مۇئەللىم دەپ بىلىمىز. شۇڭا ئۇنىڭ ئىشى تىل بولغاندىكىن، پات-پات چىقىپ دىننىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى قالايمىقان چوقۇلاپ باقمىسا، (بۇ گەپ مۇشۇ بىر تېمىغىلا قارىتىلغان گەپ ئەمەس).
  11. قىسمەن مەسىلىنى ھەممىگە ئومۇملاشتۇرماسلىق. ھاياتىدا بىر قېتىم توڭ ياكى ئاچچىق تاۋۇز يەپ سېلىپ، تاۋۇز دېگەن مۇشۇنداق تېشى كۆك، ئىچى ئاق، تەمى بەتتام نەرسە دەپ بارلىق تاۋۇزلارغا ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىۋەتمەسلىك. چۈنكى تاۋۇزنىڭ ئىچىدە ئىچى قىزىل، تەمى تاتلىق چىقىدىغانلىرى كۆپ.
  12. كاللىسىدا ئالدىن ئورناپ كەتكەن ھۆكۈم بويىچە سۆزلەۋەرمەسلىك. ئوبيېكتىپ ھادىسىلەرگە ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىش.
  13. ھەر نەرسىنى ئۆز ئەھلىدىن ئۆگىنىش. جۈملىدىن دىن سودىگەرلىرىدىن، بىلىپ- بىلمەي دىننى سۇيىئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەردىن ئاڭلىۋالغىنى بويىچە دىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا باھا بەرمەسلىك.
    بۇ يەردە دېيىلمىگەن يەنە بىر قىسىم گەپلەرنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈشكە ئوبدان بىر ماقالە يېزىشقا توغرا كەلگۈدەك. مەن بۇ تېمىدا ئويلىغانلىرىمنىڭ بىر قىسمىنى مۇنداقلا يېزىپ باقتىم. شۇڭا مۇشۇ يەردە بولدى قىلاي.

يازغۇچى :سەھرا ئوغلى

Share
3626 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.