logo

trugen jacn

ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە كەلدى

150566

تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قاماپ قويۇلغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇشلۇق جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلدى.

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە رەسمىي سوئال مەكتۇپى تەييارلاپ، ئۇنى مۇئاۋىن باش مىنىستىر تۇغرۇل تۈركەشكە يوللىغان ۋە ئۇنىڭدىن بۇ مەكتۇپقا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

تۈركىيەدىكى «يېڭى چاغ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن: «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ دەل تۈركىيەدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئاساسسىز بىر تەشكىلاتقا كىرىش ھەققىدە گەپ-سۆزلەر بولۇنۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىشى جامائەت ئارىسىدا ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن قېرىندىشىمىزنى بىر تۆھمەت بىلەنلا خىتايغا قايتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەيدىغان گەپ-سۆزلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياپچاننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولۇشىدىكى سەۋەبلەر نېمە؟ ھۆكۈمىتىڭىز شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە قەتلىيامغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاشتىن ۋاز كەچتىمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سىلەرگە ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بىر ئېنىق تەلەپ كەلگەنمۇ؟»

گۈرسەل تېكىن مەكتۇپىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە داۋا قىلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ بولسا تۈركىيەگە كىرگۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان ۋە شۇنداقلا ياپچان خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭ قېيىن-قىستاققا ۋە ھاياتىي خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئالدىنقى كۈنى تۈركىيەدىكى يېڭى شەپەق گېزىتى ئابدۇقادىر ياپچان خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ، دېگەن تېمىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خەۋەردە بۇنىڭغا بىر ئېنىق مەنبە كۆرسىتىلمىگەن. شۇنداقتىمۇ بۇ خەۋەر تۈركىيەدە ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/abduqadir-yapchan-11242016130257.html

Share
976 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.