logo

trugen jacn

ئابدۇرەھىم پاراچ:مىڭ توۋا

مىڭ توۋا
ئابدۇرەھىم پاراچ

ئاناڭ نە ھالدا بىلگىڭ يوق، كۈنۈڭ ئۆتكەنگە مىڭ توۋا،
قۇرۇق چۈشتىنمۇ يۈز پاتمان ئۈمىد كۈتكەنگە مىڭ توۋا.
تاپالماي جەڭگە، دوئىلغا چۈشۈشكە ياۋنى دۈشمەننى،
بۇراپ دىققەتنى مەركەزدىن چېچىپ يۈرگەنگە مىڭ توۋا.
چۈشەندى بەلكى «دۈشمەننىڭ يۈزى يوق تۆككىدەك قىلچە»،
لېكىن ئۆزدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈزىن تۆككەنگە مىڭ توۋا.
سېتىپ مىللەتنى كىملەرگە، مىنىپ بايتالغا چاپقانلار،
يەنە «قوي كۆز» مىنىڭدەكنى بوزەك ئەتكەنگە مىڭ توۋا.
يوغان يەكتەكمۇ تار كەلسە، ئۆزى ئەقلىگە كەلمەستىن،
گۇناھ يەكتەكتە دەپ ئويلاپ دۇرۇت ھۈرگەنگە مىڭ توۋا.
سوغۇق سانچىلسىمۇ جانغا ئوتۇن يوق، ياكى چوغ يوق دەپ،
ئوتۇن، چاقماققا زەن سالماي چاۋار تەرگەنگە مڭ توۋا.
چۈشەنمەي قالغىنىم شۇكى: رەقىپ بىر ياندا توي ئوينار،
لېكىن ئۆز ئۆزنى پۇتلاشقا پىلان تۈزگەنگە مىڭ توۋا.
مېغىزدەك ئىمتىياز تاپقاندا پىر چاغلاپ ئۆزىنى ھەق
پىكىر، تەنقىدكە تۈز باقماي قورساق ئەسكەنگە مىڭ توۋا.
زۇلۇم مەناسى بار بولغان پۈتۈن ئىشلارغا بوپ شاھىد،
يەنە ئۇيغۇرچە سۆز، مەنا، پىكىر يەشكەنگە مىڭ توۋا.
پاراچ، پەرقىڭ نىمە قۇلدىن؟ شامالغا تەڭ بېقىپ ئۇچساڭ!
دىمەي مۈمكىنمۇ قۇللۇقتا ياشاپ كۆنگەنگە مىڭ توۋا.

Share
2167 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.