logo

trugen jacn

ئابدۇرېشىت ئىمىن قابىل يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئىدى

 

1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاقبەك مۇنونوف قاتارلىق مىللى ئازادلىق ھەرىكىتى رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە قازا قىلغان 8 ئادەمنىڭ بىرى ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ قابىل ژۇرنالىست، تەرجىمان ۋە يازغۇچى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.

رۇس تىلىدىكى «ئۇيغۇر توداي» تورىدا ئېلان قىلىنغان قازاقىستانلىق مەرھۇم ئالىم ساۋۇت موللاۋۇتوف ۋە ئەكبەرجان باۋۇدونوفنىڭ ئورتاق ئىمزاسى ئاستىدىكى ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ بىر قىسىم شېئىر، ھېكايە ۋە ئوچېرىكلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر قول يازما توپلىمى سوۋېت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى قادىر ھەسەنوفنىڭ شەخسىي ئارخىپىدا ساقلىنىپ قېلىنغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ توپلام ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ ئوغلى، قىرغىزىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەكبەرجان باۋۇدونوفنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 1949-1950-يىللىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدىكى بىر قىسىم تونۇلغان ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنى ئەينى ۋاقىتتا ئالماتادا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان «قازاق ئېلى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قادىر ھەسەنوفقا ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزلىرى 1951-يىلى ئالماتادا نەشىر قىلىنغان ئىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1922-يىلى تۇغۇلغان ئابدۇرېشىت ئىمىن غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1944-يىلى مىللى ئىنقىلاب پارتلىغاندا «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» ۋە كېيىنكى «ئىنقىلابى شەرقىي تۇركىستان» گېزىتىدە، 1948-يىلىدىن كېيىن ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان. ئابدۇرېشىت ئىمىن خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئىككى تىلغا كامىل بولۇپ، ھەر ئىككىلا تىلدا بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ئىكەن.

ئابدۇرېشىت ئىمىن ئەسەرلىرى پۈتۈنلەي مىللىي ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك تېمىلىرىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئەينى ۋاقىتتا ئىلىدا ئۆتكەن «ئىمىن تارىخ» دەپ نام ئالغان ئاتاقلىق تارىخچى ئىمىنجان باۋۇدون، يەنى «ئىلى تارىخى»نىڭ ئاپتورى ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/abdureshit-imin-11062016230415.html

Share
1080 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.