logo

trugen jacn

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر: باردۇر

 

باردۇر

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر

زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا
بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر

ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر
ئوقۇرمىز — ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر

تەئاۋۇنۇ — تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئورۇپ يىغقانمىز باردۇر.

يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانمىز باردۇر.

ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەب چاققانمىز باردۇر.

بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاچقانمىز باردۇر.

ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.

ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلىي، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.

خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،
يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.

بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قېلىپ غەپلەت – جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر

كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر

ئويۇن – چاقچاق تۈپەيلىدىن ئۆزارا بىئەت بولساق،
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.

خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر
قۇۋلۇقۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر

ئىت ئۇرغاننى تونۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،
لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.

ئىلىم – پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،
مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

گۈركىرەك كەلسە ئاپتوموبىل، نېمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،
ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي، ھاڭ – تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يېتىشتۇق»، ئەمدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە، خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر.

مىسلى جەننەت تاغۇ – دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

مۇنەججىم ھەم ئىنزھېنېر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
تونۇ سەللە، نەپسى بالا موللىمىز — سۇلتانىمىز باردۇر.

قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك – تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.

ئەل – يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاقشىما،
شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

Share
2101 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.