logo

trugen jacn

ھەقىقەت بىلەن تۆھمەتنى پەرقلەندۈرۈش بىرلىكىمىزگە كاپالەت، خىتايغا زەربە بولىدۇ!

ئاسىيە ئۇيغۇر
فېيسىبۇكتا ئېقىپ يۈرگەن بىر ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە ماقالىدىكى ئۆزۈم قىزىققان مەزمۇنلاردا قاراشلىرىمنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى. چۈنكى ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان ، گۇمان ۋە پەرەزلەرگە قوشۇلغان قايناق ھېسسىياتلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ چىققان بۇ يازما، نۇرغۇن ئادەملەرنى بىر دەملىك ھاياجان ۋە كاللا قىزىشلارغا سالسىمۇ، مەسىلىلەرگە قىزغىنلىققا، ھېسسىياتقا تايىنىپ مۇئامىلە قىلمايدىغان، شۇنداقلا چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر، يازمىدىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان نوقتىلار ھەققىدە سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىدۇ. ئۇنداقتا ماقالىدە مېنىڭ دىققتىمنى چەككەن نوقتىلار نىمە؟ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى ئاتالمىش مۇستەقىلچىلەرنى قوللىمىغانلارنىڭ سەۋەبلىرى بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا بۆلۈپ شەرھىيلەنگەن. مەن مەزكۇر ماقالىدىكى بۇ شەرھىيىلەشلەرگە قائرىتا قاراشلىرىمنى ئايرىم ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈمەن:
بىرىنجى نوقتا: خىتتاي بىلەن بىرگە ياشاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق ئىمزالىق بىر سۈلھى-سالاھ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەھكۇم بولۇشىنىڭ يول خېتىدۇر.
مېنىڭ قارىشىم: خىتاي بىلەن بىرگە ياشاش ئۈچۈن تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق سۈلھى تۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات يوق. بۇنداق سەپسەتىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوقۇم دەلىل كۆرسىتىش كېرەك. كىم؟ قاچان؟ قايسى خىتاي بىلەن قەيەردە ۋە نىمە مەزمۇندا سۈلھى تۈزگەن؟ خىتاي بىلەن بىرگە ياشاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۈلھىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىماي تۇرۇپ، بۇ قاراشلارنىڭ ئىلمى ئاساسىى بولمايدۇ.
ئىككىنجى نوقتا : 2009- يىلىدىن باشلاپ، تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدا بىلىپ-بىلمەي مۇستەقىلچى، مۇستەقىللىقنى قىزغىن قارشى ئالمايدىغانلار ( ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمىسىمۇ، كۆڭلىدە ئاپتونومىيەنى ، خىتاي فېدىراتسىيەسىنى تەرغىپ قىلىدىغانلار ) بولۇپ بۆلۈنۈشكە باشلىدى. بەلكىم بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تەشكىلات ئىچىدە بۇ خىل ئىددىيەدىكىلەر بار بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما جامائەتكە ئۆزىنى بىلدۈرمىگەن ئىدى.
مېنىڭ قارىشىم: بۈگۈنگە قەدەرخىتايدىن باشقا ھېچقانداق ھۆكۈمەت ۋە شەخس تېخى باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان. خىتاي دەل ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەپ دېتالى ياسىغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىسقا مەزگىللىك ئالىي ئاپتونومىيە داۋرىڭى بولۇپ جىمىققاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ھېچكىم ئالىي ئاپتونومىيە ياكى ئاپتونومىيە، فېدراتسىيە تەلەپ قىلىش ھەققىدە خەلقئاراغا ئىپادە بىلدۈرگىنى يوق. ئەگەر بار بولغان بولسا ئۇ كىم؟ قاچان ۋە نىمە ئۈچۈن، قايسى سالالھىيەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ بۇنداق ئۇچۇرنى خەلقئاراغا بەرگەن؟ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن زىيىنى نىمە بولدى؟ خەلقئارا بىزنى سىلەر مۇستەقىل بولماي ئاپتونومىيەدە خىتايلار بىلەن بىرگە ياشاڭلار دەپ ھۆكۈم كېسىۋەتتىمۇ؟ بىزگە تاللاش ھوقۇقى قاچان بېرىلدى؟
ئۈچىنچى نوقتا : مۇستەقىلچىلەر مۇستەقىللىق ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتاي بولمىغان يەرلىك خەلىقنىڭ تەبىئىي ھەققى، قانۇنىي ھوقۇقى دەيدۇ. تاتتۇرۇپ قويغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدىغانلار ( يەنى ئاپتونومىيەنى ، خىتتاي فېدىراتسىيەسىنى خالىغۇچىلار)
مېنىڭ قارىشىم: مۇستەقىللىق پىكرىگە قوشۇلمايدىغانلار بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇلار كىملەر ۋە سەۋەبى نىمە؟ مۇستەقىللىقنى قوللىمىغۇچىلارنىڭ ئىپادىسى ئاتالمىش مۇستەقىلچىلەرنىڭ مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تاللىغان ئۇسۇلىنى توغرا كۆرمىگەنلىكىمۇ ياكى راستىنلا مۇستەقىللىق خالىمىغانلىقىمۇ؟ ئەگەر مۇستەقىللىقنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي فېدراتسىيەسىنى خالايدۇ ياكى ئاپتونومىيەنى خالايدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنسا بۇنىڭغا ئاساس نىمە؟ خىتاي فېدراتسىيەسى ۋە ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبىچۇ؟ ئاتالمىش مۇستەقىلچىلەرگە قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ مەقسىتى مۇستەقىللىققە قارشى تۇرۇشتا بولماستىن، مۇستەقىللىق شۇئارىنى كۆتۈرۈۋالغانلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇلىنى، ئىدولوگىيىسىنى رەت قىلغان بولسىچۇ؟ پەقەت ئاتالمىش مۇستەقىلچىلەرنىڭ يولىنى توغرا كۆرمىگەنلىكى ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن تېخىمۇ مۇۋاپىق يوللارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىشى، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولدا ئوخشاشلا ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ۋە ئاتالمىش مۇستەقىلچىلەر بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئاپتونومىيەچى، خىتايپەرەس دەپ ھاقارەتلىنىشى كېرەكمۇ؟ بۇنىڭ خىتاي دىكتاتورلۇقىدىن پەرقى نىمە؟ بۇنداق پىكىردىكىلەر دۆلەت قۇرسا ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويىدىغانلىقىغا كىم كاپالەت بېرىدۇ؟ ياكى بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلىدىغان يول بىزنىڭ كەلگۈسى نىشانىمىزغا يەتكۈزىدىغان يولىمىزمۇ؟
تۆتىنچى نوقتا: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى مۈشكۈل بىر ئىش، ئۇنىڭغا يېتىش ئىمكانسىز. خىتتاي كۈچلۈك، بىز ئاجىز. قايسى كۈچىمىز بىلەن خىتتايدىن مۇستەقىللىقىمىزنى ئالىمىز.
مېنىڭ قارىشىم: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى بەك ئاسان ئىشمۇ؟ كىم مۇستەقىللىققە يېتىشكە ئىمكانىمىز يوق دېگەن پىكىرنى قىلىپ باقتى؟ قاچان ۋە سەۋەبىچۇ؟ بىزنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىمىز ھەقىقەت. ئاجىز بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ خىتاينى ھېچنىمە قىلالمىدۇق، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشپ تۇرۇپمۇ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، دىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسىگە، قوللىشىغا ئېرىشەلمىدۇق. بۇ كۈچلۈك مىللەتنىڭ ئىپادىسى ئەمەس ئەلۋەتتە! ئەمما <خىتايدىن مۇستەقىل بولالمايمىز! >دېگەن ئۈمىدسىز، تاينى يوق گەپكە مەن ئىشەنمەيمەن! چۈنكى دۇنيادا نۇرغۇن خەلقلەر كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەر بىلەن مۇستەقىل بولالىغان. كۈچلۈك ئىمپېرىيلەر ۋەيران بولغان، ئاجىز مىللەتلەر ھۆرلۈككە چىققان مىساللار ناھايىتى كۆپ. دۇنيادا ئادالەت بارلىقى تارىختىن بۇيان دەلىللىنىپ كەلگەن. ئادالەت كېچىكسىمۇ ھامان بىزگە كېلىدىغانلىقى شەكسىز! چۈنكى يەر شارىدا ئورتاق ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى بىر بىرىگە باغلىنىشلىق. بىرسىنىڭ ھەق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىنغاندا باشقىلار سۈكۈت قىلسا، بۇ دەپسەندىچىلىك ئاقىۋەتتە پۈتكۈل دۇنياغا ئاپەت بولىدۇ، خۇددىي تارىختىكى يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدەك، بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدەك!
بەشىنچى نوقتا: خەلقئارا دىپلوماتسىيەسى بويىچە، بىز مۇستەقىللىق دەپ بارساق، بىزنى قوبۇل قىلمايدۇ، بىزگە ھېسداشلىق قىلمايدۇ. ئۇنى ئېغىزغا ئالماسلىقىمىز كېرەك. ئوتتۇرا يولدا :-ئۆز-تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دىگەن دىپلوماتىك ئاتالغۇ بىلەن مېڭىشىمىز كېرەك.
مېنىڭ قارىشىم: <خەلقئارا دېىپلوماتىيە بويىچە مۇستەقىللىق دېسەك بولمايدۇ> دېگەن سۆزنى ئاساسسىز دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما خەلقئارا بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزغا خۇددى رىۋاندا ئېرقىي قىرغىنچىلىقى، كوسوۋو ئېرقىي قىرغىنچلىقىدەك قىرغىنچىلىقلارغا ئوخشاش ئېرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتقانلىقى ۋە بۇقىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارا ئارلاشمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن، ياكى خىتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك، يۈگۈسلاۋىيە ئىتتىپاقىدەك، ئەنگلىيە، ئوسمانييلار، چار پادىشاھلاردەك پارچىلىنىشلار يۈز بەرمەي تۇرۇپ خىتاينىڭ نەزىرىدە زېمىن پۈتۈنلىكىنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەرگە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ب د ت دا ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاشكارە ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. ئەگەر تىبەتلەرگە ھىندىستان دارامسالانى بېرىپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرگىدەك شارائىتقا ئىگە قىلغىنىدەك بىر تەلەي بىزگىمۇ نېسىپ بولسا، ئۇ چاغدا ئەھۋالىمىزدا باشقىچە ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمايدىكەن، ب د ت دا 1972-يىلى ماقۇللانغان خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ھەققىدىكى 2758-نومۇرلۇق قارار بويىچە ب د ت غا ئەزا ھېچقانداق دۆلەت بىزنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنى مەيدىسىنى كېرىپ چىقىپ ئاشكارە قوللىيالمايدۇ. ئەمما بۇ بىزنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىز قوللاشقا ئېرىشەلمەىيدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى بىز بۈگۈنمۇ ئىزچىل نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ياردېمى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدۇق، ئۇلار ئىنسانلىق ۋە دېمۇكراتىيە نوقتىسىدىن قوللىدى، بىز مۇستەقىللىق نوقتىسدىن ئىشىمىزنى قىلىۋاتىمىز………بەزى مەسىلىلەرنى ئۆزىمىز قىلىپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن قالايمىقان باھالىساق توغرا بولمايدۇ، ئەگەر بىز باشقىچە قىلالىساق، چوقۇم ئاۋۋال ئۆزىمىز سىناپ بېقىپ، نەتىجىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ باسقان يوللىرىنى باھالاشقا سالاھىيەت ھازىرلايمىز، بولمىسا دېگەنلىرىمىزنىڭ قىممىتى بولمايدۇ.
ئالتىنجى نوقتا: مۇستەقىللىق دېسەك بىزگە بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەملەر كېسىلىدۇ. ئىشىمىز ماڭمايدۇ. بىزگە پۇل بېرىپ، بىزنى قوللاۋاتقانلاردىن ئايرىلىپ قالىمىز دېگەندەك پىكىرنى تەشۋىق قىلىپ مۇستەقىلچىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ كەلدى. تەشكىلاتلىرىمىزدىكى بۇ پەرق 2011-يىلىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىپ، تەشكىلاتلاردىكى بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشتىكىلەر ئايرىلدى.
مېنىڭ قارىشىم: سىز بىرەر تەشكىلات قۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر بىرەر سىياسىي تەشكىلات قۇرۇپ باققان بولسىڭىز، تەشكىلاتىڭىزنىڭ نىزامنامىسىغا سىزنىڭ تەشكىلاتىڭىزنىڭ مەقسىتىنىڭ خىتاي ھاكېمىيىتىنى پارچىلاپ، ۋەتىنىڭىزنى مۇستەقىل قىلىش ئىكەنلىكىنى يېزىپ بېقىڭ، سىزنىڭ تەشكىلاتىڭىز تەستىقلىنامدىكىن؟سىزگە ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەملەر بېرىلەمدىكىن؟ ئەگەر سىز ھەرقانداق بىر دۆلەتتە شۇنداق بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقالىسڭىز ۋە شۇ دۆلەتننىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئاشكارە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز، سىزگە مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان زور كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئەگېشىپ، ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىشقا ئاتلىنىمىز!
يەتتىنچى نوقتا : بىر قىسىم تەشكىلاتلاردىن مۇستەقىلچىلەر سىقىپ چىقىرىلدى. مۇستەقىللىق دىگەن سۆزنى ئاغزىغا ئالمايدىغانلار قالدى. شۇندىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تالاش-تارتىشلىرى، جېدەللىرى داۋام قىلىپ كەلدى.
مېنىڭ قارىشىم: تەشكىلاتلار ئارىسىدا جىدەل ماجرالارغا بىزمۇ شاھىت بولدۇق، ئەمما جىدەلنىڭ سەۋەبى نىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ چاغدا تەشكىلاتتىن سىقىپ چىقىرىلغان چوڭلىرىمىز بولسۇن ياكى تەشكىلاتتا قالغان چوڭلار بولسۇن يەنىلا دەۋا سېپىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، ھەمكارلىشىدىغان چاغلاردا زىددىيەتنى قايرىۋېتىپ يەنىلا ھەمكارلىشىپ كۆرەشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مېىڭچە بۇ ئىشلار چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ جىدەللەرنىڭ سەۋەبىنى ئۇلارغا ئارتىپ قويۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئوخشىمايدىغان پىكىردىكىلەرنىڭ جىدەللەشسىمۇ مىللىي مەنپەئەتكە كەلگەندە ھەممىنى قايرىپ قويۇپ، بىرلىككە كېلىشنى بىز شۇ چوڭلارغا قاراپ ھېس قىلدۇق. ھەر كىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھۆرلىكى ئۈچۈن ئوخشىمغان يوللاردا ماڭغان ھالەتتىمۇ، مەقسەت مىللەتكە خىزمەت قىلىشلا بولىدىكەن، ئەڭ توغرا يولدا ۋە ئەڭ گۇزەل بىر نوقتىدا چوقۇم جەم بولىدۇ، بۇ جەم بولۇش ئاقىۋەتتە مىللىتىمىزنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى رېئاللىققا ئايلىنىشقا ئاز قالغان نوقتىدۇر! بىز شۇنداق كۈنلەر ئۈچۈن ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى، مىللىي مەنپەئەت ئىتتىپاقلىشىشنى، ئىتتىپاقلىشالمىغان ھالەتتىمۇ مەدەنىي دۇنيانىڭ قىممەت قاراشلىرى بويىچە دۈشمەن دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي دۈشمەن ئىكەنلىكىگە پولاتتەك ئىسپاتنى تاپماي تۇرۇپ ، ھاقارەت ۋە تۆھمەت قىلىپ ئۆزىمىزنىڭمۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلانساق ئىشىنىمەنكى، بىز ئىستىگەن بىرلىك، ئىناقلىق ۋە كۈچ تەبىئىيلا بارلىققا كېلىدۇ!
Share
3150 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.