logo

trugen jacn

ھىسسىي ئۆچمەنلىك، ئەقلىي مۇھەببەت

 


(1- بۆلەك)

تۇنيۇقۇق

ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىقى ۋە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ قېيىن ئۆتكەل. گەرچە شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئاز، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى قاتتىق مۇستەھكەم بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنىلا بىيجىڭ بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا ئەقىل لال بولغۇدەك غايەت زور تەسىرگە ئىگە. تۈركىيە خەلقى ۋە بەزى ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارغا ئىرقى، دىنىي، تارىخى جەھەتتىن كۆپ ھىسداشلىق قىلسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي ۋە بىرەسمىي پوزىتسىيەلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىۋاتغانلىقىنى ھەممەيلەن تۇيۇپ تۇرىۋاتىمىز.

20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب جاھانگىرلىرى مۇستەملىكىسىدىكى شەرقتە خىتاي “ شەرقى ئاسىيا كىسەل كۆرپىسى“ دەپ ئاتالسا، غەربتە تۈركىيە “ غەربى ئاسىيا كىسەل كۆرپىسى“ دەپ ئاتالغان. 1924- يىلى مۇستاپا كامال تۈرك مۇستەقىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. 1927- يىلىدىن 1932- يىلىغىچە تۈركىيەدە “ يىڭى تۈركىستان“ گىزىتى تارقىتىلغان. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ شەرقى تۈركىستاندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىشىدىن ئەنسىرەپ، تۈركىيە بىلەن تاكى 1934- يىلىغىچە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. 1934- يىلى شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھالاك بولغاندىن كىيىن، خىتاي ئاندىن تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرغان. شۇنداقتىمۇ تۈركىيەگە بىرىپ شەھەر كۆرۈپ كەلگەن زىيالىي مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى، سابىت داموللاملار پانتۈركىزىم ۋە ئۇسۇلى جەدىد مائارىپىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىغا ئايلانغان. 1938- يىلى كامالتۈركنىڭ شەرقى تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەگە كىلىپ ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىشى بىلەن مەمەت رىزا بىكىن تۈركىيەگە كىلىپ ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ، گىنىرال بولغان. مەسئۇد سابىرى تۈركىيەدە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان، تىبابەت ئۆگەنگەن، ئىككى جۇمھۇرىيەتتە ئەسكەرلەر ئازدۇر- كۆپتۈر تۈرك قوماندانلارنىڭ تەربىيەلىشىدە بولغان.

1950- يىلى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كومونىسىت خىتايلار ئۆزىنى ياپون باسقۇنچىلىرىدىن قۇتۇلدۇرغان ئامرىكىغا قارشى شىمالىي كورىيە ئۇرۇشىغا كىردى. تۈركىيە بولسا كومونىزىمغا قارشى تۇرۇپ، شىمالىي كورىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىپ خىتاي بىلەن ئۇرۇشتى. تۈركىيەدىن شىمالىي كورىيەگە ئۇرۇش قىلغىلى بارغانلار ئارىسىدا ئۇيغۇر گىنىرال مەمەت رىزابىكىنمۇ بار ئىدى. 1952- يىلى، ئامرىكا تۈركىيەنىڭ شىمالىي كورىيە ئۇرۇشىدىكى تىرىشچانلىقىنى مۇكاپاتلاپ، تۈركىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ( ناتو) ئەزا دۆلەت قىلدى. تۈركىيە ناتودىكى بىردىنبىر مۇسۇلمان دۆلىتى، بىردىنبىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولمىغان دۆلەت بولۇپ قالدى. شۇ كەملەردە خىتاي تۈركىيەنى ئىمپىرالىزىمنىڭ كۈچۈكى دەپ تىللايتى. تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتى ئۆ- ئارا دۈشمەن ھالەتتە بولۇپ، ھىچقانداق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت يوق ئىدى.

1949- يىلى، يىل ئاخىرىدا تۈركىيە پارلامىنت ئەزالىرى ھىندىستانغا بىرىپ، شەرقى تۈركىستاندىن قىچىپ چىققان ئۇيغۇرلارغا خىزمەت، مەبلەغ ۋە تۇرالغۇ ۋەدە قىلىپ ئۇلارنى تۈركىيەگە ئىلىپ كەتمەكچى بولغان. 1952- يىلى مەمتىمىن بۇغرا تۈركىيەگە كەلگەن. ئارىلىقتا تۈركىيە شىمالىي كورىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىشىنى كىچىكتۈرگەن. 1952- يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىننىڭ تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشۈپ سۆزلىشىىشى نەتىجىسىدە، تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كىلىشكە قوشۇلغان. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1953- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە 1850 نەپەر شەرقى تۈركىستانلىق مۇساپىرلارنى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭغا ئوخشىغان يول بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ئىشىمۇ ھەل بولغان. 1954- يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن تۈركىيەگە يىتىپ كەلگەن، 1957- يىلى ۋەتەنداش بولغان. 1959- يىلى خىتاي باشقا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە كىتىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن كىيىن، 1961- يىلى تەخمىنەن 600 نەپەر ئادەم ئۆزىنى ئاڧغانىستان پۇقراسى دەپ قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئاڧغانىستانغا كەلگەن. ئۇلار ئاڧغانىستاندا 5- 6 يىل تۇرغاندىن كىيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە باش مىنىستىرى سۇلەيمان دەمىرنى قايىل قىلغان. 360 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ تۈركىيەگە كىلىپ، قەيسەرىگە ئورۇنلاشقان. دەسلەپتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى گەرچە خىتاي بىلەن ھىچقانداق دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي مۇستەقىللىق غايىسىنى قوللاپ كەتمىگەن. شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ئەركىنلىك، ئىشخانا ۋە ئازغىنە ياردەم پۇلى بەرگەن.

تۈركىيەدە ئەڭ ئاۋال قۇرۇلغىنى شەرقى تۈركىستان مۇساپىرلار كومىتىتى بولۇپ، ھەرخىل سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، تەشۋىقاتقا كۈچەپ،تۈرك مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلغان. 1965- يىلى مەمتىمىن بۇغرا ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ئەڭ ئالىي داھىي بولغان. 1976- يىلى مەمەت رىزا بىكىن رەھبەرلىكىدە شەرقى تۈركىستان ۋەقڧى قۇرۇلغان. شەرقى تۈركىستان ئاۋازى، شەرقى تۈركىستان خەۋەرلىرى ئايلىق ژورنىلى، ھۆر تۈركىستان ئايلىق ژورنىلى، كۆك بايراق قاتارلىق گىزىت – ژورناللار تارقىتىغان. شەرقى تۈركىستان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، شەرقى تۈركىستان ئاياللار بىرلەشمىسى، شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى قاتارلىقلار قۇرۇلغان.

1970 – يىللىرى ئامرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتى سوۋىتقا قارشى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەمۇ خىتاي بىلەن ئالاقە ئورناتقان. 1971- يىلى 8- ئايدا، ئىككى تەرەپ پارىژدا ئورتاق بايانات ئىلان قىلدى. ئىككى تەرەپ مۇستەقىللىق، ئىگىلىك ھوقۇق، زىمىن پۈتۈنلۈكى، ئىچكى سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق، ھوقۇقتا باۋارەر بولۇش ۋە ئۆز- ئارا مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپى ئاساسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. تۈركىيە تەيۋەننى ئەمەس، خىتاينى بىردىنبىر قانۇنلۇق دۆلەت دەپ تونۇيدىغان بولدى، ب د ت دا خىتاينىڭ ۋەكىللىكىنى قوللىغان. 1989- يىلى تىيەنئەنمىن ۋەقەسىگە قارشى غەرب دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈش تەرەپتارى بولسا، تۈركىيە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق تەرەپتارى بولۇپ، ئىمبارگوغا قارشى تۇرغان. بۇنداق قىلىشىدا تۈركىيە سىپرۇس ۋە كۇردلار مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشنى، شىمالدىكى تارىخى دۈشمىنى سوۋىتتىن مۇداپىيەلىنىشنى ئويلىغان. 1990- يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى ئۆرۈلگەندىن كىيىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىمۇ ئاياغلاشقان. تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى قۇرال سودىسىدا ئىپادىلەنگەن، چۈنكى غەرب دۆلەتلىرى كۇردلار مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، تۈركىيەگە قۇرال سېتىش چەكلىمىسى قويغان. تۈركىيە ناتودىكى سەپداشلىرىدىن ئالالمىغان قۇرال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تىخنىكىسىنى خىتايدىن سېتىۋالغان. ئەمما خىتاي- تۈركىيە مۇناسىۋىتى باشقا ئىقتىساد، دىپلومات جەھەتتە نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. 1991- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى ئادەتتىكىچە، تۈركىيەنىڭ خىتايغا سالىدىغان مەبلەغ خامچوتى 54 مىلىيون دوللار، ئەمەلىي سالغىنى 18 مىلىيون دوللار بولغان. خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى 161 مىلىيون دوللار، ئەمەلىيلەشكىنى 55 مىلىيون دوللار بولغان.

90 – يىللاردىن كىيىن، سوۋىت ئۆرۈلۈپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيادا قانات يىيىشقا ئەگىشىپ، خىتايمۇ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى بۇرۇنقىدەك ئىچكى مەسىلە دەپلا قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. بۇ مەزگىلدە خىتايمۇ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشقا باشلىغان. خىتاي تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستان ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە بىسىم چۈشۈرۈپ باققان، ئەمما تۈركىيە دەسلەپتە كۆرمەسكە سىلىش، رۇخسەت قىلىش ياكى بىۋاستە قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولغان. 1992- يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن تۈركىيە رەئىسى تۇرگۇت ئۆزەل بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەندە، تۇرگۇت ئۆزەل: سوۋىت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كىيىن، شەرقى تۈركىستانمۇ مۇستەقىل بولۇش نۆۋىتى كەلدى“ دىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە ئاشكارا يول قويۇلغان. 1992- يلى 12- ئايدا، ئىستانبۇلدا تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان خەلقئارالىق يىغىنى شەرقى تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان، ئەمما مۇۋەپپىقىيەتلىك خىزمەت قىلالمىغان. 1993- يىلى شەرقى تۈركىستان قۇرۇلتىيى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، گىرمانىيەگە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان.

1994- يىلىغا كەلگەندە، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەرىكىتىگە بەرگەن ۋەدىلىرى كۆپۈككە ئايلىنىشقا باشلىغان. غەرب ۋە شەرق ئوتتۇرىسىسدا قالغان تۈركىيە ئۆز دۆلەت مەنپەئەتى ئويلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ئانچە قىزىقمايدىغان بولغان. 1994- يىلى 6- ئايدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئالىپتىكىن تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى: سوتسىيال دىموكرات پارتىيىسىدىكى بۈلەنت ئەجەۋىت، رەڧا پارتىيىسىدىن نەجمەتتىن ئەرباكان، ۋەتەن پارتىيىسىدىن يۇلتۇز يىلماز ۋە باشقا پارلامىنت ئەزالىرىغا مايىل بولۇشقا باشلىغان. 1995– يىلى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن 95 يىشىدا ۋاپات بولغان. ئىستانبۇلنىڭ ئەينى چاغدىكى شەھەر باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن شەرىپىگە قەبرە تاش قاتۇرغان. شۇ يىلى، تۈركىيە رەئىسى سۇلەيمان دەمىرەل خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن، مەخپى بۇيرۇق چىقىرىپ تۈركىيە ھەر قايسى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان تەشكىلات يىغىلىشلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتنىششىنى چەكلىگەن. 1997- يىلىدىن باشلاپ، تۈركىيە ناتودىن ئىرىشەلمىگەن قۇراللارنى خىتايدىن سېتىۋىلىش، خىتاي بازىرىغا كىرىش، قىبرىس مەسىلىسىدە بىخەتەرلىك كىڭىشىگە ئەزا خىتاينىڭ قوللىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق كۆرەشلىرى چەتكە قىقىلغان. 1998 – 12- ئايدا، 18 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، 40 تىن ئارتۇق رەھبەر ۋە 300دىن ئارتۇق ۋەكىللەر شەرقى تۈركىستان مىللى مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ مەركەز دۇنيا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەلقئارا بىرلەشمىسى، شۇنداقلا مەمەت رىزابىكىن رەھبەرلىكىدىكى شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭپورتىرىتى بولۇپ قالغان. ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە خىتاي ئولتۇرالماي قالغان، چەتئەلدىكى ئىستىقلالچىلارنى بېسىقتۇرمىسا، شەرقى تۈركىستاندىكى سىياسىتىنىڭ ئۇتۇق قازىنالمايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان. شۇندىن ئىتىبارەن، خىتاي خەلقئارادىكى شەرقى تۈركىستان خەلقئارا ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىنچىكە پىلان تۈزۈشكە باشلىغان.

1998 – يىلى، 12- ئاينىڭ 28- كۈنى تۈركىيەدە چىقىرىلغان 36- نۇمۇرلۇق قاراردا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى، شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى چەكلەش بۇيرۇلغان. شۇ چاغدىكى باش مىنىستىر بۇلەنت ئەجۋىت ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە مەسىلە سۈپىتىدە ساقلانماسلىقى كىرەك دىگەن، شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 10 ئەزاسى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى مەلۇم تەشكىلاتلار شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى چوقۇم كۈن تەرتىپكە ئەكىلىمىز دەپ تۇرىۋالسا، شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلا تېخىمۇ ئېغىر كۈنگە قىلىشى مۇمكىن دىگەن. تۈركىيە خىتاينىڭ سىپرۇس مەسىلىسىدە گىرىتسىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىن ۋاز كەچكەن. ئامالسىز قالغان شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بىسىمىدىن قورقۇپ قالماستىن، ئەكسىنچە خەلقئارا جەمىيەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشقان. خىتاينىڭ قورققىنى ئىنقىلاپچىلارنىڭ تەھدىت پەيدا قىلىشى ئەمەس، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا پەيدا قىلىدىغان سەلبى تەسىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي چاپىقىنى ئادالايمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ، شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىپ كىتىشىگە تۈرتكە بولغان. قارىماققا خىتاينىڭ تۈركىيە سىياسىتى ئەسقىتىۋاتقان، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئامالسىز غەرب دۆلەتلىرىگە قىچىۋاتقاندەك كۆرۈلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە،خىتاينىڭ تۈركىيە سىياسىتى ئەمەلگە ئاشماستىن، ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلغان، شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ خەلقئاراغا تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان. خىتاينىڭ تۈركىيەگە بىسىم چۈشۈرۈشى بىلەن، شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى خىتاينىڭ قولى يەتمەيدىغان، سۆز- ھەرىكەت ۋە ئىش- پائالىيەتتە تېخىمۇ ئەركىن بولغان غەربى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامرىكىدا يىڭىدىن تەشكىلاتلارنى قۇرغان.

2000- يىلى 4- ئايدا جىياڭ زىمىن تۈركىيەگە زىيارەتكە بارغاندا، شەرقى تۈركىستانلىقلار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. ئەمما تۈركىيە يەنىلا جىياڭ زىمىننى ياخشى كۈتىۋىلىپلا قالماستىن، جىياڭ زىمىننىڭ بوينىغا ئەڭ ئالىي شەرەپ ئالتۇن مىدالى ئىسىپ قويغان. 2000- يىلى تۈركىيە خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىن سىتىۋالغان ئاۋىياماتكا كىمىسىنى تۈركىيە بوغۇزىدا چىگرادىن ئۆتكۈزمەي، 15ئاي ۋاقىت تۇتۇپ تۇرغان. خىتاي تولا يالۋۇرۇپ، ھەربىي تىخنىكا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئىقتىسادىي مەبلەغ، ساياھەت كىلىشىمى، ئىستىراخۇانىيە دەپ تولا ئۈستەك بىرىپ يۈرۈپ ئاران تەستە 2001- يىلى 11- ئايدا كىمىسىنى قايتۇرىۋالغان. 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، 2002- يىلى 2- ئايدا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سائادەتتىن تانتان خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، تۈركىيەدە خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ تىرورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2002- يىلى 4- ئايدا خىتاي باش مىنىستىرى جۇرۇڭچى تۈركىيە باش مىنىستىرى بۈلەنت ئەجىۋىت بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيە تەرەپ يەنە بىر قىتىم ھەرقانداق تىرورچىلارغا قارشى ئىكەنلىكى، شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر بۆلىكى ئىكەنلىكى، بۆلگۈنچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قارارغا بىر قىسىم قاتتىق قولچىلار مۆتىدىلچىلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن يىقىن ئۆتىشىنى ئەيىبلىدى. ئۇلار : خىتايغا نىسبەتەن تۈركىيە پەقەتلا خىتاينىڭ ياۋروپاغا كىرىشىدىكى بىر ئۆتەڭ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي بازىرى ياۋروپادا، تۈركىيەدە ئەمەس. شۇڭا خىتاي بىزنىڭ ماللىرىمىزنى سېتىۋالىدۇ، بىز خىتايدىن ئايرىلىپ قالساق بولمايدۇ دىگەن گەپ بەك كۈلكىلىك گەپ. بىز ئۇلارغا 3 مىلىيونلۇق مال ساتساق، ئۇلار بىزگە 70 مىلىيونلۇق مال سىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىزنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشماڭلار دىگەن بىلەن، 60 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈركىيەدىكى سولچىلانى قوللاپ، بىزنىڭ ئىچكى سىياسىتىمىزگە ئارىلاشتى. بۇ تولىمۇ مەنتىقىسىز ئىش“ دەپ قارشى تۇرغان.

ئۇ چاغدىكى تۈركىيەگە نىسبەتەن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامرىكا، ئوتتۇرا شەرقتىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. خىتاي تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىستىراتىگىيەلىك خەۋىپ كەلتۈرمەيتى، خىتاينىڭ دىگىنىگە ماقۇل دەپ قويسا تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تاقاشقۇدەك ئىش يوق ئىدى. تۈركىيەلا ئەمەس، كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ شەرقى تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى قوللاشنى خالىمىغان ياكى قادىر بولالمىغان. بۇ خەلقئارا ۋەزىيەتتە شەرقى تۈركىستان دەۋاسىغا ئورۇن بىرىۋاتقان ۋە ئازدۇر- كۆپتۇر قوللاۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت تۈركىيە بولۇپ قالغان. تۈركىيە شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنى چەكلەشتە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، باشتىن- ئاياغ يەنىلا مۆتىدىل يول تۇتقان. تۈركىيە ئاتا تۈرك ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇشىدىنلا تۈرك مىللەتچىلىكىنى دەستەك قىلغان بولغاچ، خەلق ۋە ئەمەلدارلار ئارىسىدا شەرقى تۈركىستانغا ھىسداشلىق قىلىدىغانلار كۆپ بولغان. تۈركىيەدە قۇرۇلغان تەشكىلاتلار ئەينى ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلاتلار ھىسابلانغان.

2002- يىلى ئاق پاررتىيە ھاكىميەت بىشىغا چىققاندىن كىيىن، خىتاي بىلەن مۇناسىۋىت ياخشىلىنىشقا باشلىغان. 2003 – يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاق پارتىيەنىڭ لىدىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايغا زىيارەتكە بارغان. ئەردوغان ئۆزى بىلەن 100دىن ئارتۇق ئەمەلدار ۋە سودىگەرلەرلەر ۋەكىلىنى باشلاپ بارغان بولۇپ، خىتاي بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيىتمەكچى بولغان. خىتاي تۈركىيەنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىستىقلالچىلىرىنى قوللايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى سەزگەن ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بىرلا خىتاي دۆلىتى سىياستىنى قوللايدىغانلىقى، خىتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكى، ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەردوغان خىتايغا سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتايدىكى زىيارەت ۋاقتىدا، 16- يانۋار ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان :“ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى“ دىگەن يىغىننى ئىچىلىشقا ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇت قالغاندا بىكار قىلىۋەتكەن. بۇ ئەردوغان دەل 1995- يىلى ئىستانبۇل شەھەر مەركىزىدىكى سۇلتان ئەھمەد جامەسىنىڭ بىر قىسمىنى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىننىڭ نامى بىلەن ئاتىغان، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئوسمان باتۇرلارنىڭ قەبرە تىشىنى مەسجىد ئىچىگە قاتۇرغان، ئۇلارنى ”شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم ئەتكەن،تۈرك دۇنياسى مۇستەقىللىقى ۋە ئادالەتنىڭ سىموۋولى “ دەپ نۇتۇق سۆزلىگەن ئەردوغان شۇ ئىدى. 2002- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۈنى تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، شەرقى تۈركىستان ئازاتلىقىنى ئەڭ قوللايدىغان مىللىي ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى خىتايغا ۋە ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بارغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە- خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن يىلدا بىر ئىككى قىتىم تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاقە قويۇقلاشتى، بىرىش- كىلىش كۆپەيگەن.

2009- يىلى 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا ئەردوغان بۇ ۋەقەنى :“ ئىرقىي قىرغىنچىلىق“ دەپ ئەيىبلىگەن. تۈركىيە سودا- سانائەت مىنىستىرى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا مەڭگۈلۈك ئىقامەت ۋە ۋەتەنداشلىق بەرگەن. ئەمما ئەمما تۈركىيەلىك خەلقئارا سىياسەت تەتقىقاتچىسى ڧاتىخ ڧۇرتۇن 2010- يىلى يازغان :“ ئۇيغۇر مەسىلىسى سايىسىدا تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى“ دىگەن ماقالىگە كۆرە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىدا ئاساسلىق سەۋەب ئىككى: 1- تۈركىيە خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، 2- ئەڭ مۇھىمى تۈركىيەگە خىتاينىڭ دىققىتىنى تارتىش، بۇ ئارقىلىق خىتاي مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش. تۈركىيە 1997- يىلىدىن بۇيان خىتاي بىلەن يىقىنلىشىشنى كۆزلەپ كىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بىرىش ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن سىگنالى ئويۇن قائىدىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى كىرەكلىكى. تۈركىيە خىتايغا يىقىنلىشىش بىلەن بىرگە، ئاۋام خەلقنىڭ بىسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ تۇرمىسا بولمايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئويلۇشۇپ، تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى سۇسلاشتۇرۇشى كىرەك“.

بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى ئاساسلىق مەسىلە: بىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى، يەنە بىرى تۈركىيە- خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدە تۈركىيەگە ئىمپورت كۆپ، تۈركىيەدىن ئىكىسپورتنىڭ ئاز بولۇشىدىن ئىبارەت تەڭپۇڭسۇزلۇق. تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى قوللاش نۇتۇقلىرى ئاساسلىقى ئاۋام خەلقنى ئاڭلىسۇن دەپ سۆزلەيدۇ. ئەگەر خەلق ئۇيغۇرلارنى قوللايمىز دىسە، بىراق پارتىيەلەر ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى باشقا پارتىيەلەرگە بىلەت تاشلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا تەسەللىي بىرىپ قانائەتلەندۈرىدۇ، بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ كۆڭلىنى قانائەتلەندۈرىدۇ، بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن كىلىشىم ھازىرلاۋىرىدۇ. سىياسىي تەڭپۇڭلۇق بەك مۇھىم، تۈركىيە تاشقى مۇناسىۋىتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىدىيىۋىي ئېقىم ئەمەس، ئىقتىسادىي مەنپەئەتتۇر.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

https://www.rfa.org/mandarin/yataibaodao/30697-20000419.html
http://www.fmprc.gov.cn/…/1206_676…/xgxw_676962/t11032.shtml
https://besacenter.org/…/576-Tightening-China-Turkey-Relati…
https://thediplomat.com/…/01/in-turkey-us-loss-is-chinas-g…/
http://www.mei.edu/…/china-turkey-relations-grow-despite-di…
https://zh.wikipedia.org/…/%E4%B8%AD%E5%9B%BD%EF%BC%8D%E5%9…

https://www.turkeyanalyst.org/…/426-turkey-and-china-mergin…

https://www.boxun.com/ne…/…/china/2011/03/201103160149.shtml
http://qerindashlar.com/198/178

Share
222 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.