logo

trugen jacn

گىنگرىچ بىلەن سۆھبەت-3

گىنگرىچ بىلەن سۆھبەت

(3) ترامپ دېموكراتچىلار پارتىيىسى سايلاپ چىققان جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن جەۋلان

ئىلاۋە: ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەر سېپىگە قېتىلدى، ھالبۇكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پەرۋەردىگار بېكىتكەن ئەخلاق غايىسى، ھۆكۈمەت پرىنسىپى ۋە ئىقتىسادىي پرىنسىپقا ئەمەل قىلىدۇ. بۈگۈن قارايدىغان بولساق، ترامپ يولغا قويغان بارلىق سىياسەت تامامەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ سىياسىتىدۇر. شۇڭا ئۇ ئامېرىكىدا قايتا گۈللەنگەن كونسېرۋاتىزمنىڭ، ئەنئەنىگە قايتىش تەرەپدارلىرىنىڭ تۆتىنچى ئورنىغا تىزىلىدۇ.
زىيارەت قىلغۇچى: ۋاڭ ۋېي («ئۈمىد ساداسى» ئىستانسىسىىنىڭ مۇخبىرى)

[2019-يىلى 6- نويابىر] «ئۈمىد ساداسى»نىڭ تەجرىبىلىك رىياسەتچىسى فاڭ ۋېي گىنگرىچنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى، بۇ بىر يۈرۈش ماقالە ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئېسىل مەزمۇنلىرىنى داۋاملىق تونۇشتۇرىدۇ. (بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىنغان) بۇ ماقالە كونسېرۋاتىزمچىلارنىڭ ۋەكىللىك ئەربابى پرېزىدېنت ترامپنىڭ قانداق قىلىپ كونسېرۋاتىزمچىلارنىڭ ئىدىيىسى بىلەن تېز ۋە ئاسانلا پۈتۈشەلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ترامپ بولسا دېموكراتچىلار پارتىيىسى سايلىغان جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنتتىدۇر

ئامېرىكىدا قايتا گۈللەنگەن كونسېرۋاتىزمنىڭ تۆتىنچى ۋەكىلى ھازىرقى پرېزىدېنت دونالد ترامپ. ئەمما سايلام مەزگىلىدە ۋە ترامپ تەختكە چىققان دەسلەپكى چاغلاردا كۆپلىگەن كىشىلەر ترامپ راستىنلا كونسېرۋاتىپلارغا تەۋەمۇ؟ دەپ سوئال قويۇشقان. چۈنكى مەن بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن زاتلارنى زىيارەت قىلدىم، مۇنداقلا دەي: ترامپ دېموكراتچىلار سايلاپ چىققان جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت. چۈنكى دېموكراتچىلارنىڭ سولچىل سىياسىتى ئەسلىدە دېموكراتچىلارنى قوللايدىغان ئاممىنى، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىكى كۆك ياقىلىق ئىشچىلارنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋەتكەنىدى، ترامپ بولسا ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. 2016-يىلدىكى سايلامدا ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى سەپەرۋەرلىككە كېلىپ سايلاپ چىققان ئەمەس، بەلكى دېموكراتچىلارغا مايىل ئامما ئۇنى سايلاپ چىقتى. «ئىش چىڭىغا چىقسا، ئەكسىگە قايتىدۇ.» دېگەن شۇ، ئامېرىكىلىقلار شۇ ۋاقىتتا « بولدى بەس!» دەپلا ترامپقا بېلەت تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ترامپ ئاق سارايغا كىرەلىدى.
ترامپ ئاق سارايغا كىرگەندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلەر: «بۇ نېمە بولغىنى؟ بىز كونسېرۋاتىپ بولغاندىمۇ ئەڭ كونسېرۋاتىپ بىرسىنى پرېزىدېنت قىلىپ سايلاپتۇققۇ!» دېيىشتى. ئۇلار ترامپنىڭ ئەسلىدە بۇنداق ئادەملىكىنى ئويلاپ باقمىغاچقا ھەيران قېلىشتى.
ئويلاپ باقايلى، ترامپ ئەسلىدە دېموكراتچى بولۇپ، كېيىن ھېنرى روز پېروت (Henry Ross Perot) نىڭ ئىسلاھات پارتىيىسىگە كىرگەن؛ ھالبۇكى كۆپچىلىك ئۇنى سودىگەر دەپلا قارايتتى. سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى پۇرسەتپەرەس كېلىدۇ، ترامپ دېموكراتچى نامزاتلارغىمۇ، جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارغىمۇ پۇل ئىئانە قىلغان، يەنى كىملا بولسا ئىئانە قىلىۋەرگەن، ئالدىغا نېمە كەلسە يەۋەرگەن، شۇڭا ئۇ «پرىنسىپقا قارىمايدىغان پۇرسەتپەرەس». ئەمما ئۇ نېمىشقا پرېزىدېنت بولۇپلا سېپى ئۆزىدىن كونسېرۋاتىپ بولۇپ كەتتى؟ مانا بۇ كونسېرۋاتىپلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان مەسىلە.

گىنگرىچ ترامپنىڭ كونسېرۋاتىپلار بىلەن تېزلا پۈتۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى

مەن گىنگرىچنىڭ سۆزلىرىدىن ئىككى سەۋەبنى يەكۈنلىدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە: بىرىنچىدىن، ترامپ ئۆمۈر بويى سودا قىلىپ كەلدى، ئۆزى ناھايىتى ئەقىللىق، خەلق رايى ۋە ئەقەللىي ھېسسىياتنى بەك چۈشىنىدۇ. يەنى ئۇ تۇرمۇشقا پىششىق، پۇقرالارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېگىدىن كۆزىتەلەيدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە كونسېرۋاتىپلارنىڭ سىياسىتى ئاقىدىغان سىياسەت، ئوباما ۋەكىللىدىكى لىبېرال سىياسەت ئاقمايدىغان سىياسەت، ئۇ بۇنى ھېس قىلغان ھەم كۆرۈپ يەتكەن. ئىككىنچىدىن، ترامپنىڭ يېشى چوڭ، 70 ياشقا كىردى، ئۇ گولدۋاتېر (Goldwater) دىن باشلانغان ئامېرىكا كونسېرۋاتىزمىنىڭ گۈللىنىشىنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت پرىنسىپىنى بىلىدۇ؛ ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا بۇ دۆلەت قۇرۇلغاندىكى پرىنسىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئېنىق ئېيتساق، ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتنى نېمىشقا قۇرغانلىقىنى بىلىپ ئاندىن ھوقۇق تۇتقان پرېزىدېنت، شۇڭا ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتىدۇ، ئەنئەنىگە قايتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ نەچچە ئون يىلدىن بېرى بۇ دۆلەتتە نېمىنىڭ ئاقىدىغان، نېمىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. گىنگرىچنىڭ ئېيتىشىچە، مانا بۇلار ترامپنىڭ كونسېرۋاتىپلار بىلەن تېزلا بىرلىشىپ كېتەلىشىنىڭ سەۋەبى.

ترامپنىڭ ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلىرىغا بەرگەن جاۋابى: سىلەر ئاخىرى ئۆز پرېزىدېنتىڭلارنى تاپتىڭلار

ئەمما مېنىڭ يەنە ئازراق ئوخشىمايدىغان قارىشىم بار. گىنگرىچنىڭ يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىسىغا قوشۇلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا قىستۇرۇپ قويىدىغان نۇقتام بار. ئۇ نېمە دېگەندە، سىلەر ترامپنىڭ گېپىگە ئوبدان دىققەت قىلساڭلار، 2010-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇ مەيلى كىم ھوقۇق بېشىغا چىقسۇن ياكى قايسى پارتىيە غەلىبە قىلسۇن، ئۇ ئۆزى بولىدۇ دەپ قارىغاننىڭ ھەممىسىگە پۇل ئىئانە قىلدى. 2010-يىلىدىن كېيىن ئۇ دېموكراتچىلارغا بىر سىنتمۇ ئىئانە قىلماي، ھەممىسىنى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئاتىدى.
يەنە بىر قىزىقارلىق ئىش شۇكى، 2007-يىلى ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار ھەرىكىتى يىغىنى CPAC غا (Conservative Political Action Conference) قاتناشقانىدىم. بۇ كونسېرۋاتىپلارنىڭ يىللىق چوڭ يىغىلىشى ئىدى. شۇ چاغدا يىغىنغا 3000 ئادەم قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1000 بالا بار. ئۇلار بالىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ: سىلەر بىزگە ئەگىشىپ ئامېرىكا ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىڭلار، دەپ تەربىيە بېرىدىكەن. شۇڭا بالىلار بىلەن قېتىلىپ 3000 ئادەم دېگەن گەپ.
ترامپمۇ كېيىن بۇ يىغىنغا قاتناشتى، ئۇ سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ بىرى بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئادەم ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ پەقەت سودىگەر بولۇپ، كونسېرۋاتىپلارنىڭ پەلسەپىسى ياكى پروگراممىسىنى سۆزلىمەيتتى. ئۇ ھوقۇق تۇتقان ئىككىنچى يىلدىن بۈگۈنگىچە CPAC نىڭ يىغىنلىرىغا ھەر يىلى قاتنىشىپ كەلدى. ئىلگىرى بۇ يىغىنلارغا پرېزىدېنتنىڭ كېلىشى ئاسان ئەمەس ئىدى، بەك بولسا مۇئاۋىن پرېزىدېنتىنى ئەۋەتىپ قويۇپ ئىشنى تۈگىتەتتى. ترامپ تەختكە چىقىپ بىرىنچى قېتىم ئۇ يىغىنغا قاتناشقاندا: «سىلەر ئاخىرى ئۆز پرېزىدېنتىڭلارنى تاپتىڭلار!» (You finally got your president) دېدى. بۇ نېمە دېگىنى؟ چۈنكى، ترامپ ئۇلارنىڭ 2007- يىلىدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەقەدەر ئىچى پۇشۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان.
2007- يىلى كىچىك بۇش پرېزىدېنت ئىدى. ئۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىگەندە كۆپچىلىك بىر ياقتىن ئاڭلاپ، بىر ياقتىن ئەپسۇسلىنىپ: «مۇشۇمۇ بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىز بولدىمۇ!» دېيىشكەنىدى. شۇڭا ترامپنىڭ ئۇ گەپنى دېيىشى ئۇلارنىڭ كونا ھەسرىتىگە بەرگەن جاۋابىدۇر: «سىلەر ئۆز پرېزىدېنتىڭلارنى زارىقىپ كۈتكىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى! بۈگۈن ئاخىر ئۆز پرېزىدېنتىڭلارنى تاپتىڭلار.» گەرچە خالايىق ئۇ چاغدا ترامپنى بىزنىڭ ئادەم دەپ جەزملەشتۈرۈپ كەتمىسىمۇ، ترامپ ئۆزىنى «مەن سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار!» دەپ بېكىتىپ بولغانىدى.

ترامپ ئامېرىكا كونسېرۋاتىۋىزىمىنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە ئەنئەنىگە قايتىش يولىدىكى تۆتىنچى مۇھىم شەخس

مەنچە، يېقىنقى 10 يىلدا ترامپنىڭ ئىدىيىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئۇ بارا-بارا كونسېرۋاتىپلار سېپىگە قېتىلدى. ئەمما ئۆزى بۇنداق دېمىدى، داۋراڭ سالمىدى. ترامپ دەبدەبىلىك گەپ قىلمايتتى، رەسمىي دۆلەت يىغىنلىرىدا باشقىلار يېزىپ بەرگەننى ئوقۇغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەتتە قەغەزگە قارىماي سۆزلەيتتى. يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ئىدىيىىسىدە دەرۋەقە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئۇ رەسمىي كونسېرۋاتىپلار سېپىگە كىردى.
كونسېرۋاتىپلار ئەخلاققا رىئايە قىلىدۇ. «ترامپ ياش ۋاقتىدا قۇرۇق سۆلەت بەگزادە ئىدى، ئاغزىغا نېمە كەلسە شۇنى دەيتتى…» دەيدىغانلار بولسىمۇ، ھازىر قېرىپ قالغاندىمۇ ئۇنىڭ شۇ ئىشلىرىنى تۇتىۋېلىپ: «بۇ ئادەم قانداقسىگە دۆلىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلالايدۇ؟ ئۇ چوقۇم ياخشى پرېزىدېنت بولالمايدۇ.» دەيدىغانلار چىقسىمۇ، ئۆكتىچىلەر بۇنىڭدىن پايدىلانسىمۇ، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە ھەقىقەتەن زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكى، كونسېرۋاتىپلار سېپىگە قېتىلغانلىقى ئەمەلىيەتتۇر؛ ھالبۇكى كونسېرۋاتىپلار تەڭرى بېكىتكەن ئەخلاق غايىسى، ھۆكۈمەت پرىنسىپى ۋە ئىقتىسادىي پرىنسىپقا ئەمەل قىلىدۇ. شۇڭا بۈگۈن قارايدىغان بولساق، ترامپ يۈرگۈزگەن بارلىق سىياسەت تامامەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ سىياسىتىدۇر. تېلېۋىزوردا چىقىۋاتقان كونسېرۋاتىپلارنىڭ چىرايىغا قاراپ بېقىڭ، بۇ ئىككى يىلدا ئۇلارنىڭ گۈلقەقەلىرى خېلى ئېچىلىپ قالدى. ئۇلار ئىچىدە خۇشال، ئۇلار كۈتۈلمىگەن ئامەتكە ئېرىشتى، چۈنكى ئۇلار ترامپنىڭ كونسېرۋاتىپ پرېزىدېنت چىقىپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. ترامپ كونسېرۋاتىپلارنىڭ ئامېرىكىدا قايتا گۈللەنگەن كونسېرۋاتىزمى ۋە ئەنئەنىگە قايتىش يولىدىكى تۆتىنچى مۇھىم شەخستۇر.

كىچىك ھېكايە: گىنگرىچ «ئىككىمىز ئوخشىمايمىز» دەپ، ترامپنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان

مەن گىنگرىچ بىلەن ترامپنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە كىچىككىنە ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەر ئارىسىدىن پرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ سايلىنىشقا ئاتلانغاندا (ئەمەلىيەتتە ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن ئەمەس ئىدى)، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بىر قانچە داڭلىق شەخسمۇ نامزات بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىدۇ، ترامپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى باش كۆتۈرگۈزمەيدۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ ھەم ھۇجۇم قىلىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىچىدىكى ئاقساقاللار ئۇنىڭغا زەربە بېرىۋاتقان، تىللاۋاتقان چاغدا گىنگرىچ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ كۆپچىلىكنى قايىل قىلىدۇ ھەمدە ترامپتەك بۇنداق سىياسىي ئەربابنى قوللاش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. كېيىن ترامپ پرېزىدېنت بولۇپ، مۇئاۋىن پرېزدېنتنى تاللايدىغان چاغدا، كۆپچىلىك ئارىسىدا: گىنگرىچ ترامپنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن بىرى بولغۇدەك، دېگەن گەپ تارقىلىدۇ. ئۇ چاغدا ترامپنىڭ ئۈچ نامزاتى بار ئىدى.
گىنگرىچ كېيىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: شۇ كۈنلەردە ترامپ بىلەن بىر قېتىم بىللە تاماق يېگەندە ئۇنىڭغا: « سەن ھېچكىمگە ئوخشىمايسەن، مەنمۇ شۇ، ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەك باشقىلار بىزنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇقالمايدۇ. سەن چوقۇم سېنىڭ گېپىڭنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ، سەن بىلەن ئامما ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان بىر ئادەمنى مۇئاۋىن پرېزدېنت قىلغىن، شۇنداق قىلساڭ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا مەن سېنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتىڭ بولالمايمەن.» دېدىم. شۇنداق قىلىپ، گىنگرىچ مۇئاۋىن پرېزىدېت بولۇش پۇرسىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. كېيىن مايك پەنس (Mike Pence) مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولدى.
– پەنس مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولۇپ بەك ياخشى بولدى،- دەيدۇ گىنگرىچ،- ئۇنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلىدۇ، بەك ياخشى بولدى! ترامپ باش قوماندان، پەنس ئۇنى كۆپچىلىككە چۈشەندۈرگۈچى، ئۇلار بەك ماس كېلىدۇ.
مانا بۇنىڭدىن گىنگرىچنىڭ ترامپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

گىنگرىچنىڭ «ترامپ بىلەن خىتاينىڭ ئېلىشىشى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتىگە يۈزلىنىش» ناملىق يېڭى كىتابى قانداق كىتاب؟

ئەمدىكى گەپ گىنگرىچنىڭ يېڭى كىتابى ھەققىدە بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ ترامپقا بولغان تەسىرىمۇ چوڭ، ئۇنداقتا بۇ قانداق كىتاب؟
گىنگرىچنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا يازغان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چوڭ سىياسەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تېمىسى ناھايىتى چوڭ؛ ئۇنى ئۆتكەن بەش مىڭ يىللىق تارىخنى قېدىرىپ چىققان دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. ئۇ خىتاينىڭ ئەمىنىيە ۋە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىن باشلاپ بۈگۈنكى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى ئىشلار ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغىچە ھەممىنى بايان قىلغان… ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتى بولۇپ، ئۇ بۇ سىياسەتنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغان، شۇڭا بۇ كىتابنىڭ نۇقتىئىنەزەرى ناھايىتى ئېنىق.
مەن ئۇنىڭ كىتابىنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىدىن نەقىل ئېلىش ئارقىلىق بۇ كىتابنىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكىنى قىسقىچە چۈشەندۈرىمەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ترامپنىڭ بىر غايىسى بار، ئۇ بولسىمۇ <ئامېرىكىنى يەنىمۇ قۇدرەتلىك قىلايلى!> (Make America Great Again) دېگەن غايىدۇر؛ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي غايىسى بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت قىلىش. بۇ ئىككى غايە بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدۇ. ئەگەر ترامپنىڭ ئامېرىكا غايىسى غەلىبە قىلسا، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي غايىسى مەغلۇپ بولىدۇ؛ ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ خىتاي غايىسى غەلىبە قىلسا، ترامپنىڭ ئامېرىكا غايىسى بەربات بولىدۇ». مانا بۇ ئۇنىڭ تۈپ نۇقتىئىنەزەرى.
ئاخىرىدا ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇ پەقەت بىرلا پارتىيىگە، يەنى خىتاي كومپارتىيىىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش مىللەتلەر ئارا ياكى غەرب مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش ئەمەس. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ ئويلاپ باقايلى، ئەگەر خىتاينى سوراۋاتقان ھۆكۈمەت كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئەمەس، نورمال ھۆكۈمەت بولغان بولسا بۇ سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ترامپنىڭ سىياسىتى بارلىققا كەلمەيتتى.
شۇڭا بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ترامپنىڭ رەقىبى خىتاي كومپارتىيىسى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئېلىشىشى «يا سەن ئۇتىسەن، يا مەن» دەيدىغان كەسكىن كۈرەش بولۇپ، ئىككىلا تەرەپ ئۇتىدىغان ئىش يوق. مەزكۇر كىتابتا ئىشلارنىڭ قائىدىسى، دەلىل-ئىسپاتلار ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەسىلىنى دەپلا قالماي بەلكى ئۇنى ھەل قىلىش لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇڭا بۇ كىتاب ناھايىتى ئەتراپلىق يېزىلدى، 300 نەچچە بەت، ئىسمى <ترامپ بىلەن خىتاينىڭ ئېلىشىشى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتىگە يۈزلىنىش> ».
29- ئۆكتەبىر، گىنگرىچ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ يېڭى كىتابى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى، فاڭ ۋېي ۋە باشقا مۇخپىرلار بېرىپ ئاڭلىدى ھەمدە گىنگرىچ بىلەن سۆھبەتلەشتى. فاڭ ۋېينىڭ گىنگرىچ بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسىگە قىزىقساڭلار، مەزكۇر ماقالىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىلەر.
مەنبە:
http://www.soundofhope.org/gb/2019/11/06/n3315933.html

Share
1908 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.