logo

trugen jacn

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ھەققىدە بىر نەچچە ئېغىز سۆز

 

مۇراد ئۈمىدى

 

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مائارىپى ئاساسەن قازاقىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە غەربىي ياۋروپادىكى گېرمانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق بىر قانچە مەملىكەتلەردە مەۋجۇت. بۇ ماقالىدا مىللىي مائارىپنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىدە قىسمەن تەكلىپلەر بېرىلمەكچى. بايان قىلىشقا ئەپلىك ۋە ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن بۇ مەسىلە ئىككى قىسىم بۇيىچە بايان قىلىنىدۇ.

 

قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى

 

قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بىر مىللىي مائارىپ بولۇپ، ئورتا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن باشلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تەرەققىي قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغان. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ قازاقىستان مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بىر ئايرىلماس تەركىبى قىسىم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

گەرچە سوۋېت ئۇيغۇر مائارىپى ئورتا ئاسىيا سوۋېت ئىتتىپاقداش رېسپۇبلىكىلاردا جۈملىدىن قازاقىستاندا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە زور رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى جۈملىدىن قازاقىستاندا ئومۇميۈزلۈك ئەمەس، پەقەت چەكلىك دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل بولغانلىقتىن سوۋېت دەۋرىدىلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشى ۋە خىزمەت تېپىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىدى.  بۇ مەسىلىلەر قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ روشەن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. سوۋېت دەۋرىدە ھەر يىلى 30000  ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى نۆۋەتتە 15000 ئوقۇغۇچى ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى. كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ ئويلاپ ئۇلارنى قازاق ياكى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بەرمەكتە. گەرچە بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى، يىگىت باشلىرى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ خادىملىرى كۆپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە قازاق ۋە رۇس تىللىرىنى دەرسلىك قىلىپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ يەنىلا مەسىلە ئۈزۈل- كېسىل ھەل بولماي تۇرماقتا. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى، يىگىت باشلىرى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ خادىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتە داۋاملىق زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە ياردىمى بولۇشىنى كۆزلەپ تۆۋەندىكى تەكلىپ بېرىلمەكچى:

قازاقىستاندىكى 60 چە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە – تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بۇ مەكتەپلەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نوقۇل ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇ – ئوقۇتۇش سىستېمىسىدىن قۇش تىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا ئۆتۈشتىن ئىبارەت. يەنى يالغۇز ئۇيغۇر تىلىدىلا ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا خاتىمە بېرىش لازىم. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تولۇقسىز ئورتا مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدىن (7 – سىنىپتىن) ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدىن (8 – سىنىپتىن) باشلاپ بىر – ئىككى دەرسنى قازاق تىلى ياكى رۇس تىلىدا ئۆتۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.  شۇنداق بولغاندا، ئاتا – ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىپ پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا كېرىپ ئوقۇش ۋە خىزمەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

غەربىي ياۋروپا، تۈركىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر مائارىپى

       

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قىلىنىدىغان ئىش ئۇيغۇر بالىلىرى ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى دۆلەت مائارىپ مەمۇرىيەتلىرى باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتلىك مەكتەپلەر ئوقۇشى زۆرۈر. بۇ ئىش رېئاللىققا ئايلانسا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە داۋاملىق ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

چەتئەللەردە  ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپ بېرىلمەكچى:

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دۆلەت مائارىپ مەمۇرىيەتلىرى باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتلىك باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان شەرت ئاستىدا، نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىشتىن سىرتقى ئۇيغۇر باشلانغۇچ –  ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى ئېچىش كېرەك.  ئۇيغۇر بالىلىرى بۇ مەكتەپتە پەقەت شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىدە يېرىم كۈندىن ئوقۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى بىر تەرەپتىن بالىلار پۈتۈن بىر ھەپتە دۆلەتلىك مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولغاچقا، ئوقۇشقا نىسبەتەن تويۇنغان ھالەتتە بولۇپ ھەپتە ئاخىرىسىدا داۋاملىق ئوقۇشقا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن پىسخىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا بالىلار ئويۇنغا ئامراق كېلىدۇ، قاچانكى بالىلار ئويۇنغا تويغاندا ئاندىن ئوقۇشقا نىسبەتەن زېھىنىنى ياغالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئوقۇش ۋاقىتنىڭ قانچىلىك بولۇشىنى پېداگوگىكا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي ئاساستا مۇھاكىمە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بالىلار ئۈچۈن ئاران كەلگەن ھەپتە ئاخىرىدىكى ئويناش پۇرسىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىش بالىلار ئۈچۈن ئادىللىق ھېسابلانمايدۇ. شۇنى چۈشىنىپ يېتىش لازىمكى، ۋاقىت بىلەن بىلىم ئىگىلەشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەر دائىم ئوڭ تاناسىپتا بولۇۋەرمەيدۇ.  بەزى ۋاقىتلاردا ئوڭ تاناسىپتا كېتىۋاتقان ئەھۋال تەتۈر تاناسىپقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

يەنە تەتىل مەزگىللىرىدە بۇ مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان شەرت ئاستىدا قىسقا مۇددەتلىك كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن.

مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتتە ھەر بىر مەكتەپتە ئاتا – ئانىلار كومىتېتىنى تەسىس قىلىش كېرەك.  مەزكۇر كومىتېت مەكتەپنىڭ پۈتكۈل مەمۇرىيەت ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشى لازىم.  مەكتەپتە تەكلىپلىك – قەرەللىك پىدائىي ياكى ئاز مىقداردا ھەق ئېلىشقا رازى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق.  مەكتەپنىڭ خىراجىتىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىئانە توپلاش ۋە مەلۇم مىقدار ئوقۇش پۇلى ئېلىش زۆرۈر.

ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قۇرۇشتىكى تۈپكى مەقسەت غەربىي ياۋروپا، تۈركىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا بۇ مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنىدىغان دەرسلەر بۇ تۈپكى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم. ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى ۋە ئىشتىن سىرتقى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر يېزىقىدىن ساۋات چىقىرىش، ھۆسن خەت، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى، يېزىقچىلىق، ئۇيغۇر ئۇسسۇل – ناخشىلىرى، ئۇيغۇر مىللىي قول ھۈنەر ۋە ئۇيغۇر ئويۇنلىرى قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىش مۇمكىن. ئىشتىن سىرتقى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، يېزىقچىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر سەنئىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىش مۇمكىن.

دۆلەتلىك مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن كونسۇلتاتسىيە قىلىش توغرا كېلىپ قالسا، ئۆزلىرى ئولتۇراقلاش مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان تىلدا ئۆتۈلۈشى تۈزۈك.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى شۇ مەملىكەتتىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانغا دائىر ھەر خىل تېمىدا قەرەللىك كۇرسلارنى ئېچىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىلىرى ناھايىتى ياخشى بولماقتا.  بۇ بىر  قانات يايدۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولغان بىر مائارىپ پائالىيىتىدۇر.

قىسقىسى، چەتئەللەردە ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت بۇ مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش –  ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جەھەتتە قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئىش – ھەرىكەت بۇ نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.

 

2021-  يىلى ئاۋغۇست

 

 

Share
193 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.