logo

trugen jacn

چارىسىزلىقنىڭ مىسرالارغا توكۇلىشى – جازا لاگىرىدىكى زىيالى، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ«يانارىم يوق» شېرى ھەققىدە

چارىسىزلىقنىڭ مىسرالارغا توكۇلىشى – جازا لاگىرىدىكى زىيالى، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ«يانارىم يوق» شېرى ھەققىدە

 

پروف. د.ر. ئاھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن (Prof. Dr. Ahmet Bican Ercilasun)

بۇ شېئىرنىڭ ماۋزۇسى «يانارىم يوق». مېنىڭچە بۇ شېئىر 21-ئەسىردىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شېر دۇنياغا 21-ئەسىردىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ۋە كەلگۈسىگە يەتكۈزىدىغان نادىر ئەسەر. ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ، ھېسس – تۇيغۇنىڭ )ئولتۇرمەك ئىستىسىمۇ( ئۆلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ، شېئىرنىڭ يەنىلا )بىر جانلىققا ئوخشاش( نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نادىر ئەسەر.

2018-يىلنىڭ سوغۇق قىش كېچىسى ئىدى. ئۇرۇمچىدىكى يالغۇز كوچىلارنىڭ بىرىدە غۇۋا چىراغ كونا بىر ئۆينى يۇرۇتۇپ تۇراتتى. ئابدۇقادىر كالالىدېن ئۈستەل ئالدىدىن تۇرۇپلا ياتاق ئۆينىڭ ئاخىرقى چىرىغىنى ئۆچۈردى. ئاخىرقى كۈنلەر قانچىلىك ئاۋارىچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇ كارىۋىتىدىغا ئۇزۇنۇپ ئازراق خاتىرجەملىك تاپىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتىك ئەركىنلىك ئارزۇسى ئۇستىدە خىيال سۇرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ، شۇ لەنىتىلەرنىڭ ئىشىكىنى ئەنسىز تاقىلدىتىپ ئۇرغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئىشىك شۇنچىلىك قاتتى ئۇرۇلماقتا ئىدىكى، ئىشىك ئورۇلۇپ كېتەي دەپلا قالدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن چىراقنى يېقىشقىمۇ ئۇلگۇرمەي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىشىكنى ئېچىشى بىلەنلا قوپال قوللار بېشىغا قارا خالتا كېيگۇزدى، قوللىرىغا سوغۇق كەلەپچە تاقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ماشىنىغا ئىتتىرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بېشىغا توك كالتىگى ئۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاڭلىغىنى ماشىنا ماتورنىڭ ئاۋازى ئىدى…

ئابدۇقادىرجالالىدىن كامىرنىڭ قاراڭغۇلۇققا كۆنۈپ قالغان ئىدى. ئۇ سوغۇق ، قاراڭغۇ كامىرنىڭ بىر بۇلۇڭىغا يالغۇز تاشلاپ قويۇلغان ئىدى. ساناقسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۇنلەر ئۇنىڭمۇ بېشىغا كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قۇلاقتىن قۇلاققا پىچىرلىشىپ دېيىلگەن سۆزلەر راست ئىدى. كىشىلەر بىر-بىرلەپ غايىب بولماقتا ئىدى. ئاتىلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان بالىلار ۋە ئېرى كېچە يېرىمىدا تۇتۇپ كېتىلىپ بۇ توغرۇلۇق ھېچكىمگە تىنالمىغان كوزى ياش ئاياللار. ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ ئەرلىرىدىنلا ئەمەس، سەبى بالىلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىغى راس ئىدى.خىتايچە يەسلىلەرنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا بالىلىرىنى كورۇۋېلىشقا تەلمۇرۇپ تۇرۇشقان ئانىلار كۇنسىرى كوپىيىۋاتاتتى. بەخىتسىز ۋە چارىسىز بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭمۇ ئائىلسىمۇ ئۇنىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى،قايەردە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلغىنى بىلمەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە ، بۇ بىر قېتىملىق ھادىسە ئەمەس. بۇ ۋەقەلەر دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن قەشقەر، خوتەن ، ئاقسۇ ، ئۇرۇمچى ،تۇرپان ۋە غۇلجا، ئالتاي… لاردا يۇز بەرمەكتە. تۇيۇقسىزلا ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدىن ئېلىپ كېتىلگەن كىشىلەر لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تولدۇرۇلماقتا. ئۇرۇمچى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ ئائىلىسى ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالالمىدى. ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

ئابدۇقادىرجالالىدىن پروفېسسور، ئالىم. ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئەڭ ھورمەتكە سازاۋەر مۇتەپەككۇر يازغۇچى، شائىردۇر. ئۈچ يىللىق سېغىنىش ئۇنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى ، ھەتتا سۆڭەكلىرىدىن يىلىكلىرىگە ئوتۇپ كەتتى. ئۇ، جازا لاگىرلىرى تۇتقۇنلىرىنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغان بىر پارچە شېئىر يازدى. بۇ شېر قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن ئەركىن دۇنياغا ئۇچۇپ چىقتى. بۇ قاناتلىق شېر، مەدىنى دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، دۇنيا ئاڭلاپ باقمىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرىرىدىن خەۋەر بەرمەكتە. قاناتلانغان شېئىر قەلب ۋە تىللارغا قونۇپ ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ روھى دۇنياسىنى لەرزىگە سالماقتا.
«يانارىم يوق». شېرى، چىرايلىق ۋە تالانتلىق ئۇيغۇر قىزى مۇقەددەس مىجىتنىڭ ھىسسىيات بىلەن تولغان ئۇرغۇلۇق دىكلىماسسىەيسى بىلەن تېخىمۇ جانلاندى. مۇقەددەس خانىم بۇ شېئىرنى سالماقلىق بىلەن ، ئەمما قەلبىنىڭ تىترەپ تۇرغان تارى بىلەن ياڭرىتىدۇ:

يانارىم يوق
ئابدۇقادىر جالالىدىن
بىر بۇلۇڭدا يېگانىمەن نىگارىم يوق،
كېچىلىرى قارا باستى تۇمارىم يوق.
بۇ ھاياتتىن ئۆزگە يەنە خۇمارىم يوق،
جىمجىتلىقتا خىيال ئەزدى ئامالىم يوق.

مەن كىم ئىدىم، نېمە بولدۇم، بىلەلمىدىم،
كىمگە دەيمەن دىل سۆزۈمنى، دېيەلمىدىم.
يا پەلەكنىڭ خۇي پەيلىنى سېزەلمىدىم،
يار قېشىڭغا باراي دەيمەن قارايىم يوق.

پەسىللەرنى بىلىپ تۇردۇم بۇرجەكلەردىن،
ھېچبىر خەۋەر ئالالمىدىم چېچەكلەردىن.
بۇ سېغىنىش ئۆتۈپ كەتتى سۆڭەكلەردىن،
قانداق يەر بۇ بارارىم بار، يانارىم يوق.

( تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان ئەھمەت بىجان ئېرجىلاسۇن)

شائىر ئەمەلىيەتتە «يانارىم يوق- قايتىپ چىقىشىمنىڭ ئىمكانى يوق» دەيدۇ. ئۇ ئۆيىگە ، يېقىنلىرىغا قايتىشنى خالايدۇ ، ئەمما قايتىپ كېلەلمەيدۇ.يەنى قايتىش يوق. ئۇ بىر نەچچە يىل مۇشۇنداق يەرگە تاشلانغان بولۇپ ، تامنىڭ يۇچۇغى ئارقىلىقلا پەسىللەرننڭ ئالماشقانلىغىنى بىلەلىگەن. ئۇ ئائىلىسىدىن، يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغىنىغا ئوخشاش، يېغىۋېلىش لاگىرىنىڭ سىپىل تېمىنىڭ سىرتىدىكى گۈل- چېچەك، تەبىئەت دۇنياسىدىنمۇ تامامەن خەۋەرسىز. سېغىنىش تۇيغۇسى سۆڭەكلىرىدىن ئۆتۈپ يىلىكلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. زىنداندىكى يالغۇزلۇق، جان- جىگەر يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئالالماسلىق، ئىنسانلىق غۇرۇرىنىڭ چەيلىنىشى مىسىرالارغا نە قەدەر چوڭقۇر سىڭدۇرۇلگەن-ھە! «مەن كىم ئىدىم، نېمە بولدۇم، بىلەلمىدىم،». بىز كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى تارتىۋالىدىغان رەھىمسىز رىئاللىققا دۇچ كەلدۇق. خىتايلارنىڭ قىسىق كوزلىرى، قاڭشارلىق كۆزلىرى چوڭ ئۇيغۇر ، قازاقلارنى ، زاڭزۇ ، موڭغۇللارنى كورۇشكە تاقەت قىلالمايۋاتىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق خىتايلارنىڭ تارىخى گەنلىرىدە بار بولغان بىر كىسەللىك. دەل 1288 يىل ئىلگىرى ، بىلگې كاغان بۇ گەننى بايقىغان ۋە ئۇنى «ئۇرگسىراتماق» ، يەنى «نەسەبىنى قۇرۇتۇش» دەپ ئاتىغان. 732-يىلى دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن يىل. بۇ سوزنى بىلگى كاغان ئىشلەتكەن. ئابدۇقادىر جالالىدىن ھازىر ئۇنى «پەلەكنىڭ خۇي پەيلى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى ”پەلەك“ خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئادىتىنى- خۇيىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى كورسىتىدۇ. دۇنيانىڭ كوز ئالدىدا كىشىلەرنى قاراڭغۇ زىندانلارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئۇنتۇشقا تاشلاپ قويۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇرۇش. شائىر؛ «كىمگە دەيمەن دىل سۆزۈمنى، دېيەلمىدىم. » ئىنسان كوڭۇل سوزلىرىنى ھېچكىمگە دىيەلمەيدىغان يەر بارمۇ دۇنيادا؟ بار؛ قەشقەردە، خوتەندە، قۇمۇلدا، تۇرپاندا، ئۇرۇمچىدە، غۇلجىدا، ئالتايدا… بار.

شائىرمۇ ئەمدى گۇزەل چۈشلەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئارزۇلىرى قاراڭغۇ زىندانلاردا تارمار قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ھېسسىياتى قارا ئۆڭكۈرلەردىن موجىزىلىك بىر شەكىلدە تاشقىرىغا چىقىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى گاس قۇلاقلارنڭ ئېچىلىشىغا ۋەسىلە بولدى.

بۇ شېئىرنىڭ ماۋزۇسى «يانارىم يوق». مېنىڭچە بۇ شېئىر 21-ئەسىردىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شېر دۇنياغا 21-ئەسىردىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ۋە كەلگۈسىگە يەتكۈزىدىغان نادىر ئەسەر. ئىنسانىيەتنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ، ھېسس – تۇيغۇنىڭ )ئولتۇرمەك ئىستىسىمۇ( ئۆلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ، شېئىرنىڭ يەنىلا )بىر جانلىققا ئوخشاش( نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نادىر ئەسەر.
ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ شېئىرنى تارقىتىشى ، ھەتتا ئابدۇقادىر جالالىدېننى نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشى مۇھىم ئەھىمىيەتكە ئىگە.

مەنبە:

UYGUR TÜRKLERİNİN GÜNÜMÜZDEKİ ÇARESİZLİĞİNİ AKSETTİREN BİR ŞİİR : ” YANARIM YOK” !

Share
722 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.