logo

trugen jacn

يەھۇدى پائالىيەتچى: بىزمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر خەلق، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار

«ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى» ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.

مەزكۇر تەشكىلات يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جىددىي ھەركەتكە ئۆتۈپ، يەھۇدى جەمئ‍يىتى ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشتا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى بىنى گاتمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشتا مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

بىنى گاتمەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسىي خىزمىتى «يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى دېگەنلىك كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلىكتۇر، كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلىك، يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى دېگەنلىكتۇر» دەپ ئاتىلىدىغان مۇھىم پرىنسىپ ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىدا بۇ ئىككى نۇقتا بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىكەن.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىنى گاتمەن ئەنگىلىيەنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دۆلەتلىك كۈندىلىك گېزىتى بولغان «تايمىس گېزىتى» دە بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىپ، پۈتۈن ياۋروپادىكى يەھۇدىي ياشلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.

بىنى گاتمەن ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىي مىللىتى تارىختا ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچرىغان، ۋەتەنسىزلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ھەمدە پۇتۇن دۇنيانىڭ شۇ پاجىئەلەرگە سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشىنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن بىر خەلق. يەھۇدىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچىرىغا مىللەتلەرنى يالغۇز قويماسلىقتا مەجبۇرىيىتىمىز بار. بىزنىڭ تور ھەركىتىمىزدە مۇشۇ نۇقتىنى نامايەن قىلماقچى. چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا يالغۇز تاشلاپ قويساق بولمايدۇ. بىزنىڭ ئ‍ېچىنىشلىق تارىخىمىز سەۋەبىدىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئالاھىدە بىر مۇنبىرىمىز بار. گەرچە تەشكىلاتىمىز بەك چوڭ بولمىسىمۇ، بۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا قۇربى يېتىدۇ. مۇھىمى بۇنداق بىر ئالاھىدە مۇنبەردىن پايدىلىنىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش بۇرچىمىز بار، دەپ ئويلايمەن.»

بىنى گاتمەننىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىكەن. شۇڭا ئۇلار بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان يەھۇدىيلار ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشقا باشلاپتۇ ۋە باشقا يەھۇدىي جەمئىيەتلىرىمۇ ئاستا-ئاستا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋېتىپتۇ.

«ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى» 36 دۆلەتتىكى 160 مىڭ دىن ئارتۇق يەھۇدىي ئوقۇغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىش، ياش يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئاۋازى بولۇپ ئۇلارغا ۋەكىل بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنگەن ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ قوللاشلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىۋېتتېردا #NeverAgainRightNow! تور ھەركىتىنى باشلىغان.

بىنى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنىڭىزدەك بۇ ھەركىتىمىزنىڭ تېمىسى #NeverAgainRightNow! بۇ ياۋروپا بىرلىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى بىلەن گېرمانىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە باشقۇرىدىغان پائالىيەت بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىدى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دىققەتنى تارتىش، ئاندىن بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن پائال خىزمەتلەرنى ئىشلەش. بىر يىلدىن بۇيان بىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ باردۇق. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ياش يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ياۋروپا كوچىلىرىدا ۋە پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا نامايىش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى سېپىمىزگە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.»

10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنى، خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ياۋروپانىڭ 30 شەھرىدىكى ياش يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئۆز شەھەرلىرىدىكى خىتاي كونسولخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان.

بىنى گاتمەننىڭ ئېيتىشىچە، 10-دېكابىر يەھۇدىلارنىڭ «خانۇككاھ بايرىمى» بولۇپ، بۇ يىلى مەزكۇر بايرامنىڭ بىرىنچى كېچىسى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» گە توغرا كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن بىر كۈنگە توغرا كەلگەن بۇ ئىككى خاتىرىلەش كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ روشەن نامايان قىلىشقا ئىنتايىن ماس كەلگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇندا دەيدۇ: «خانۇككاھ بايرىمىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىگە توغرا كېلىشى بەك ياخشى بولدى. چۈنكى بۇ كۈنلەردە ئىپادىلەيدىغان مەزمۇن بىر بىرىگە ماس كېلىدۇ. خانۇككاھ كېچىسىدە ئەينى چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ بايرامنى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ خاتىرىلەش، يەھۇدىيلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارىخىي كەچمىشلىرى ۋە ئۇيغۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىرىنى تېخىمۇ روشەن يورۇتۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا بىرلىكتە خاتىمە بېرىش يۈزىسىدىن بىز بىرلىكتە شام ياندۇردۇق. بۇ پائالىيەت خانۇككاھ بايرىمىنىڭ بىر قىسمى. خانۇككاھ بايرىمى يورۇقلۇق، ئۈمىد ۋە غەلىبىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەڭ قاراڭغۇ ۋاقىتتىمۇ ئۈمىد بولسا، نۇر ھامان بار بولىدۇ. ھازىرچە ئۇنى كۆرەلمىسىڭىزمۇ، ئۇ بەلكىم بىراۋنىڭ مۆجىزىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆزلەش ھوقۇقى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت مۇنبەرلىرىدە دەردىنى ئاڭلىتىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن. دەرۋەقە، بۇ يىل سېنتەبىردە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇشۈكۇر ئابدۇرىشىت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مەزكۇر تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

بىنى گاتمەننىڭ بىلدۈرىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىلاتى ئۆزىدە بار مۇنبەرلەرنى ئىشلىتىشتىن باشقا يەنە، ئىمكان قەدەر كۆپ كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كوچىلاردا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن پائالىيەت قىلىدىكەن.

ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇنبىرىمىزدىن پايدىلىنىپ ئىمكانقەدەر كۆپ كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاشقا تىرىشتۇق ۋە كوچىلاردا ئاكتىپ ھەركەت ئېلىپ باردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن خېلى كۆپ خىزمەتلەرنى بىرگە قىلىۋاتىمىز. مەسىلەن، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىغا تەشكىللىدۇق. ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆزلىشىشكە تەكلىپ قىلدۇق. بىز بۇنىڭدىن نۇرغۇن كۆز قاراشقا ئېرىشىمىز، ئەمەلىيەتتە بىز ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈمىد بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز. بىز يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدىن بىر قاتار مەسىلىلەرنى، يەنى بۇ ۋەزىيەتكە ياردەم بېرىش ۋەدىسىدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق. بىز بۇ تەشۋىقاتنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە ئۇنى كۈچەيتىمىز، شۇنداقلا يەھۇدىيلار جەمئىيىتىنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە تېخىمۇ چوڭ يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنى بۇ مەسىلىدە ئاكتىپ بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىشنى ئىلتىماس قىلىمىز. بەلكىم بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بىز ئەنگىلىيەدىكى رېنې كاسسىن بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىگە ئاكتىپ قاتناشقان تۇنجى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى. بۇ نۇقتىدا يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئاكتىپ بولۇۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان قانچىلىغان يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقىنى كۆرۈش كىشىدە ھەقىقەتەن ئۈمىد پەيدا قىلىدۇ.»

بىنى گاتمەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ چوقۇم ئۈنۈم قازىنىشىدىن ئۈمۈدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«گەرچە ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى خىتاينى قىلمىشلىرىدىن توختىتىپ قالالمىساقمۇ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايمىز. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىپ پايدا ئېلىۋاتقان غەرب شىركەتلىرىگە قارشىلىقىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە كېلەر يىلى يەنە ۋولكىسۋاگېن، زاراغا ئوخشاش شىركەتلەرگە بەكرەك بېسىم ئىشلەتمەكچىمىز. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىپ پايدا ئېلىۋاتقان شىركەتلەردىن بولۇپ، ئۇلارنى بۇ ئىشىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا بازارلىرىدا ساتالماس قىلىۋېتىشىمىز كېرەك. ئىشلار ئەسلىدە بۇنداق بولماسلىقى كىرەك ئىدى. بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشان دەپ ئويلايمىز.»

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا بىنى گاتمەن «خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى توسۇش ئىنتايىن موھىم بولۇپلا قالماي، بەلى ئۇلارنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ، يوغىناپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم» بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، 2016-يىلىدىن ئېتىبارەن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە 1. 8 مىليوندىن 3 مىليوغىچە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ۋە قۇل ئەمگىكىگە مەجبۇرلانغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، بۇ نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپلا قالماي، بىر قىسىم يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ھېسسىداشلىقىنى قوزغىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/yehudiy-uyghur-12302020135624.html

Share
726 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.