logo

trugen jacn

يوقكەن ئادالەت – ئابلىكىمجان جانباز

يوقكەن ئادالەت
ئا.جانباز
باقتىم دۇنياغا ھەر يەردە غەپلەت،
ئۆزى غەپلەتتە، ئۆزگىگە نەپرەت.
ھۆكۈمران بولغان زۇلۇم – قاباھەت،
بۇ دۇنيا تىلسىز، يوقكەن ئادالەت.
….
مەزلۇم ئۇيغۇرۇم، شەرقىي تۈركىستان ،
زۇلۇم دەردىدە يىغلايدۇلەر قان.
پەرياد ئىلكىدە يۈرەكلەر پىغان،
بۇ دۇنيا كۆردۇر، يوقكەن ئادالەت.
…..
تارىم دەرياسى كۆتۈرەر چۇقان،
ئاچچىق تولغىنار ھەتتا زەرەپشان.
بۇقۇلداپ يىغلار شۇ تەكلىماكان،
بۇ دۇنيا پاڭدۇر، يوقكەن ئادالەت.
….
بۇۋاقلار تىرىك كۆمۈلۈپ كەتسە،
يۈرەكلەر ھەتتا يېرىلىپ كەتسە.
ئىپپەت نامۇسلار چەيلىنىپ كەتسە،
دۇنيا سۈكۈتتە، يوقكەن ئادالەت.
…..
ئەسىرلەر ئۆتتى ۋەتەن دەپ توۋلاپ.
دوپپا، تونلارنى كەيدۈردۇق زورلاپ.
ئەپسۇس قويمىدى بىر مەرتە قاراپ،
دۇنيا رەھىمسىز، يوقكەن ئادالەت.
….
قېرىنداش دېدۇق، كۈتتۇق شاپائەت،
ئەپسۇس، ئۇلارغا بولدۇق تاپاۋەت.
ئويلاپ قالدىم بۇ قانداق قاباھەت،
قېرىنداش يۈزسىز، يوقكەن ئادالەت.
….
دىنداش دېگەنلەر قىلار ئىبادەت،
ئەمما نەپ ئۈچۈن يوقتۇر دىيانەت،
ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن چەكمەس رىيازەت.
دىنداشلار دىنسىز، يوقكەن ئادالەت.
ئىنسان ھەقلىرى دېگەن شۇئارلار،
ئىت – مۈشۈك ئۈچۈن قانۇن قويارلار.
ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن كۆزۈن يۇمارلار،
ئىنسان ھەققى يوق، يوقكەن ئادالەت.
….
باقتىم دۇنياغا، ھەممىنى كۆردۈم،
قېرىنداش، دىنداش ئىكەن بىكۈيۈم.
ئاچچىق ھەقىقەت، كۆيەر يۈرۈكۈم،
ئىنسانلىق ئۆلمۈش، يوقكەن ئادالەت.
…..
ئويغان ئۇيغۇرۇم، كۆتۈر بېشىڭنى،
ئورنۇڭدىن دەست تۇر، سۈرتۈپ يېشىنى.
ئۆزۈڭگە تايان چىشلەپ چىشىڭنى،
دۇنياغا باقما، يوقكەن ئادالەت.
Share
851 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.