logo

trugen jacn

مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر


مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر

خالىدە ئىسرائىل

مەنبە:
ئانىلار تورى

1857-يىلى ئەنگىلىيە ئىشچىلىرى دۇنيا بويىچە تۇنجى پۇتبول كۇلۇبىنى قۇردى .
1863-يىلى ئەنگىلىيىدىكى 11 پۇتبول كوماندىسى بىرلىشىپ تۇنجى پۇتبول جەمئىيىتىنى قۇردى .
1870-يىلى ئەنگىلىيە پۇتبول جەمئىيىتى ئەنگىلىيە ھەم دۇنيا بويىچە تۇنجى پۇتبول مۇسابىقىسى يەڭگۈچ پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆردى . شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيىدە پۇتبول ھەرىكىتى كەڭ قانات يېيىپ ، ئاۋستىرىيە ، ئاۋستىرالىيە ، ئىسپانىيە ، ئىتالىيە ، فرانسىيە ، بېلگىيە ، ھوللاندىيە قاتارلىق ئەللەرگە تارقالدى .
1896-يىلى پۇتبول ھەرىكىتى خەلقئارا ئولېمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر تۈرى قىلىپ قوشۇلدى .
1904-يىلى مايدا پارىژدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى FIFA قۇرۇلدى .
1928-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1930-يىلىدىن تارتىپ تۆت يىلدا بىر قېتىم دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى …

1870-يىللىرى ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستىر شەھىرىدىكى باغچا ، مەيدانلاردا توپ تېپىپ يۈرگەن پرىستان ئىشچىلىرى ئارىسىدا بىر ئۇيغۇر يىگىتىمۇ بار ئىدى . بەستلىك ، چاققان ، ئىنتايىن زېرەك بۇ يىگىت يېڭىلا ئۆگىنىۋالغان بىر نەچچە ئېغىز ئېنگىلىزچە سۆزىگە تايىنىپ بۇ يەردىكى ئىشچىلار بىلەن چىقىشىۋالغان ۋە پۇتبول ئويناشنى ناھايىتى ئوبدان ئۆگەنگەنتى . كىشىلەر ئۇنىڭدىن : سەن قەيەرلىك ؟ دەپ سورىسا ، ئۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ :
_ مەن ئۈستۈنئاتۇشلۇق ، ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئېكساق دېگەن يېرىدىن ، _ دەپ جاۋاب بېرەتتى . ھەممە ئىشقا قىزىقىدىغان ئەنگىلىيەلىكلەر دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۈستۈن ئاتۇش ، ئېكساق دېگەن شەھەرلەرنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇشاتتى .
ئۇ چاغلاردا ئۈستۈنئاتۇش قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق كىچىككىنە بازار ئىدى . ئۇنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ھەقىقەتەن تاپقىلى بولمايتتى .
بۇ يىگىت ئاشۇ ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتلىك ھاشىم بالىخان دېگەن يېتىم ئوغۇل ئىدى .
ئاتا – ئانىسىدىن كىچىك قالغان ھاشىم بالىخان ھاممىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولدى . ئۇ ، ھاممىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن ; قۇرئان ساۋادىنى چىقارغاندىن باشقا ، كۆچەت ئۇلاقچىلىقىغا ئۇستا بولۇپ يېتىلدى . ئايىغى چاققان ، پاكىز ، چىرايلىق كىيىنىپ يۈرۈشنى ياقتۇرىدىغان ، ھەر قانداق ئىشنى ئېپىگە كەلتۈرۈپ قىلىدىغان ھاشىم بالىخانغا ھاممىسىلا ئەمەس ، قولۇم – قوشنىلىرىمۇ ئامراق ئىدى . سۆزمەن – قىزىقچىلىقى ، چىقىشقاقلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆرگەنلا ئىشنى قىلىپ باققۇسى كېلىدىغان ھەر دەم خىيال مىجەزىنىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇمايتتى . ئۇ ھەقتە سۆز ئېچىلسا بوۋايلار كۈلۈشۈپ : ئوغۇل بالا شوخ بولسا ، شوخ بولمىسا يوق بولسا دەپتىكەن ، ھاشىم بالىزە شوخ ، كېلىشىملىك ئادەم بولدى ، ئۇ ئاشۇ مىجەزى بىلەن ھەر قانداق يەرگە بارسا نېنىنى تېپىپ يېيەلەيدۇ دېيىشەتتى .
ھاشىم بالىخان 17-18 ياش ۋاقىتلىرىدا ياشىنىپ قالغان ھاممىسى بىلەن ئىلىغا چىقىپ كەتتى . ھاممىسى ئىلىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كارۋانلارغا ئەگىشىپ ئەنجانغا ، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە باردى . ئىزمىردا مۇساپىرلىق ۋە يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرگەن چاغلىرىدا زەرىف بەي دەيدىغان كىشىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ ، خەلقئارا يۈك پاراخوتىنىڭ ياردەمچى يۈك تىزىملىغۇچىسى بولدى ۋە پاراخوت بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستىر شەھىرىگە بېرىپ ئۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ قالدى . ئىككىنچى يىلى تۈركىيەگە قايتىپ موينا ( ياۋايى ھايۋان تېرىسى ) ساتىدىغان بىر دۇكاندا ئىشلەپ بىر مەزگىل ئۆتكەندە ، خوجايىننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مال سېتىۋالغۇچىلارغا يول باشلاپ سىبىرىيەنىڭ بىر قىسىم جايىغا ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالمۇتا ، روسىيەنىڭ شەمەي شەھەرلىرىگە ، كېيىن يەنە قازانغا باردى .
قازان ئەينى دەۋردە غەرب ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئىقتىسادى تۈگۈن بولۇپلا قالماي ، مەدەنىيەت – مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ، غەرب دۇنياسى بىلەن شەرق دۇنياسىغا تەۋە خىلمۇ – خىل دىن ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ، پىكىر ئېقىملىرى ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ توقۇنۇشىدىغان ھەم بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ، گۈللەنگەن زامانىۋى شەھەر ئىدى . رىقابەت تۈسى قويۇق ، قىزىقارلىق تەنتەربىيە تۈرى بولغان پۇتبول بۇ يەردىكى مەكتەپلەردە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتاتتى .
ھاشىم بالىخان قازاندىكى بۇ يېڭىلىقنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولدى . ئۇ بۇ يەردىكىلەرگە ئەنگىلىيەچە ئويناش قائىدىلىرىنى ئۈگەتتى ، مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى ۋە ناھايىتى تېزلا بۇ يەردىكى داڭلىق توپچىلاردىن بوپقالدى . شۇ مەزگىلدە ئۇ سودا ئىشى بىلەن قازانغا كەلگەن بىر يۇرتلۇقى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق باي _ باھاۋۇدۇن ھاجى بىلەن كۆرۈشتى . ئۇلار ياش – قۇرامى تەڭ ، زېھنىي كۈچى ، پىكىر – ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىتلەر ئىدى ، ئىككىسىلا يۇرتىنى ، ئېكساقنى قىزغىن سۆيەتتى ، نامراتلىق ، نادانلىق ئىلكىدە ياشاۋاتقان يۇرتداش ، قان – قېرىنداشلىرىنى ، بۇلارنىڭ تەقدىرىنى كۆپ ئويلايتتى . شۇڭا ، ئوي – پىكرى كۆپىنچە بىر يەردىن چىقاتتى . ھاشىم بالىخان ئۇزاق يىل مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىپ يۇرتىنى سېغىنغانلىقىنى ، يۇرتقا كەتكۈسى بارلىقىنى ، مۇشۇ يەردىكى بالىلارغا پۇتبول ئويناشنى ئۆگەتكەندەك ، يۇرتىدىكى ھوشۇق ئويناپ يۈرگەن بالىلارغىمۇ پۇتبول ئويناشنى ئۆگەتكۈسى بارلىقىنى ئېيتقاندا ، باھاۋۇدۇنباي كۆزلىرىگە ياش ئالدى . ئۇمۇ يۇرتىدىكى قاراڭغۇ مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلىش ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا پەننىي دەرسلەرنى كىرگۈزۈش ، شارائىت يارىتىپ ، بۇ يەردىكىدەك يېڭىچە مەكتەپلەرنى قۇرۇش ، تەن تەربىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خېلىدىن بېرى ئوي – خىيالىنى چىرماپ ، يۈرىكىدىن چىقماي كېلىۋاتقان ئارزۇ – ئارمانلىرىنى سۆزلىدى . ئۇلار كۆپ قېتىم ئەنە شۇنداق سىردىشىپ ، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈشتى . باھاۋۇدۇنباي ھاشىم بالىخاننى يۇرتىغا قايتىدىغان كارۋانلار بىلەن يولغا سالىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئۈچ پۇتبول توپى بىلەن بىر ناسۇس يوللۇق تۇتتى . بۇ توپلار پامىر تاغلىرى ئارىسىدىكى تىك – خەتەرلىك مۇز – داۋانلاردىن ساق – سالامەت ئۆتۈپ ھاشىم بالىخان بىلەن بىللە ئېكساققا يېتىپ كەلدى . تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي ئېكساق دېھقانلىرى پۇتبولنى ياقتۇرۇپ قالدى .

كوچا ئاغزىدىن تىقىلىشىپ تۇرغان بىر نەچچە مەپە جايىدىن قوزغىلىپ ئەنجان رەستىسىگە ئۆتىدىغان يول ئىچىلدى، پەىيتۇنكەش ئەتراپتىكىلەرنى « ھارامتاماق ئوغرىلار، يالقاۋلار » دەپ تىللاپ ، پەيتۇننى ئەنجان رەستىسىگە ھەيدىدى. ئەنجان رەستىسى قەشقەردىكى كەڭرەك ، رەتلىكرەك كوچىلاردىن بىرى ئىدى. كوچا ئۈستى ياغاچ ، بورىلار ياكى ئىككى ياقتىكى ئۆيلەرگە ئارتىلدۇرۇپ سىلىنغان بالىخانا ئۆيلەر بىلەن يىپىلغان بولۇپ، ئۇ يەر -بۇ يەردىن چۈشۈپ تۇرغان كۈن نۇرى كوچىنى خىرە يورۇتۇپ تۇراتتى. كوچىنىڭ ئىككى يىنىدا ئۆزبىك، ھىندى ۋە يەرلىك باي سودىگەرلەر، جازانىخورلارنىڭ ئىككى قەۋەتلىك خىش ئۆيلىرى ۋە دۇكانلىرى، بىر -بىرىگە ئۇلۇشۇپ كەتكەن زەرگەر بازىرى بار ئىدى. بۇ دۇكانلاردا چەت ئەللەرنىڭ ئېسىل رەخت، موينا، كىيىم -كىچەكلىرىدىن تارتىپ ئىران گىلەملىرى، خاڭجۇ ۋە خوتەننىڭ يىپەك رەخت، ئەتلەسلىرى سىتىلاتتى. يەرلىك زەرگەرلەر ياسىغان ئالتۇن – كۆمۈش، زىبۇ – زىننەتلىرىمۇ خىلى سىپتا ئىدى.گىللېئان خانىم پەيتۇننى بازارنىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر تار كوچىنىڭ ئاغزىغا توختاتتى. ئاشۇ تار كوچىدا خىلى چوڭ بىر يىپەك مال دۇككىنى بار ئىدى .دۇككان خوجايىنى ئەزەلدىن چەت ئەللىكلەر بىلەن سودا قىلىپ كەلگەن ئۇقۇمۇشلۇق يەرلىك سودىگەر ئىدى. دوقمۇشتا قىزىل سىرلانغان ئىگىز چاقلىق، ئىشىكىگە چىلتەكلىك تاۋار پەردە تۇتۇلغان مەپە توختىدى.
مەپە ئالدىدا قۇراللىق ئىككى ئەسكەر تۇراتتى. سەل نىرىدا يەرلىك كىشىلەردىن بىر توپ ياش ئەر بىلەن ئۇششاق بالىلار تاماشا كۆرۈپ تۇراتتى. تار كوچىغا پىيادە كىرمەكچى بۇلۇپ تۇرغان خانىم، ئەسكەرلەرنىڭ رەتلىك قەدەم تىۋىشى، ئوفىتسىرلارنىڭ بۇيرۇق ئاۋازى، مىلتىقنىڭ شاراق – شۇرۇق قىلغىنىنى ئاڭلاپ جايىدا تۇرۇپ قالدى. تار كوچىدىن يەتتە – سەككىز ئەسكەر يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ مەپىنىڭ ئەتراپىدا ئىككى قاتار بولۇپ ھۆرمەتتە تۇردى. ئارقىدىنلا بىر نەچچە ياش ئوفىتسىرنىڭ ھەمرالىغىدا قىزىل ، ھاۋارەڭ كۆڭلەك، زەرلىك تاۋار كەمزۇل، كىچىك پۇتلىرىغا گۈل بىسىلغان خەي كىيگەن ئالتۇن -كۆمۈش ،قاشتىشى زىبۇ -زىننەتلىرىنى بولۇشىغا تاقاپ، قىنىق گىرىم قىلغان ئىككى ياش خىنىم ئەركىلىپ، تولغانغىنىچە چىقىپ كەلدى. تاماشا كۆرۈپ تۇرغان ئەرلەر بىلەن ئۇششاق بالىلارنى كۆرۈپلا يۇپۇرلۇپ كەلدى. ئەرلەرنىڭ چىرايىدا ئاشكارە بىر ھەۋەس، ئېچىرقاش ئىپادىلىنەتتى. بولۇپمۇ توپنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغان كىيىملىرى جۇل – جۇل، يۇز كۆزىنى قاسماق باسقان گومۇش چىراي بىر ئەر ياش خىنىملارغا قاراپ ھىڭگىيىپ كۈلۈۋىدى، قىلىن لەۋلىرىنىڭ بۇرجىگىدىن سىرغىغان شۆلگىيى يىپتەك ئۇزۇن سوزۇلۇپ ، كىردىن پارقىراپ كەتكەن تونىنىڭ ياقىسىغا ئېقىشقا باشلىدى.ئەركە- نايناق خېنىملاردىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ:
-ئەييۇ، جىگې، سىڭكۇ! ئېشىن سىلى،- دىيىشىگە، ئوفىتسىرلار بىلەن ئەسكەرلەر يۈگۈرۈشۈپ كىلىپ ھىلىقى گومۇشنى يەرگە يىقىتىپ مۇشتلاپ دەسسەپ كىتىشتى. بۇنىڭ بىلەن پۇخادىن چىقماي ئەتراپتا تۇرغانلاردىن ئۈچ – تۆتنى تارتىپ ئەكېلىپ مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇرۇپ باش كۆزىنى قانغا بويىدى…………..
بۇ ۋەقە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يۈز بەردى. ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئىككى خىنىمنى يۆلەپ مەپىگە چىقىرىپ، مەپىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ ، بىردەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ھىلىقى گومۇش تىخىچە يەردە ئىڭراپ ياتاتتى تاياق يىگەن بىر نەچچسى دەلدەڭشىگىنىچە « ۋايجان – ۋاييەي » دەپ نالە قىلىشاتتى. دۇككان خوجايىنلىرى، خىرىدارلار، بايىقى بىر توپ تاماشە كۆرگۈچى بۇ يەردە ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك بىر خىل سوغۇق ئىپادىدە قاراپ تۇرىشاتتى. بۇ سوغۇقلۇق نىمىشقىدۇر ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركۈندۈرەتتى……
گىللېئان خانىم بىردىنلا كەينىگە ياندى.ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىن مال سىتىۋالغۇسى كەلمىدى. بۇ كوچىدىن، بۇ كوچىدىكى، بۇ شەھەردىكى ئادەملەردىن رايى يانغانىدى.
چىنباغ – ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى جايلاشقان باغلىق قورۇنىڭ نامى. ئىيتىشلارغا قارىغاندا ئىسىم قويۇشقا ماھىر قەشقەرلىكلەر بۇ باغنىڭ پەلەمپەيسىمان يەر شەكلىنى ۋە جانا چىنىدەك چىرايلىق كۆركەملىگىنى سۈپەتلەش ئۈچۈن چىنباغ دەپ ئاتىغانىكەن.
چىنباغ ھەقىقەتەن گۈزەل بىر جاي. بۇككىدە دەل – دەرەخلەر ئارىسىغا جايلاشقان ئىگىز پوسۇندىكى ئىمارەتلەر ۋە راۋاق شەھەر سىپىلىغا ياندىشىپ پۈتكۈل قەشقەر شەھرىگە ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى چەكسىز ئېتىز – باغلارغا، ئەگرى- بۈگرى كەتكەن دەريا – ئىقىنلارغا يىراقتا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتىرىپ تۇرغان پامىر تاغلىرىغا نەزەر سىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ جاھاننىڭ تەرەپ -تەرەپلىرىدىن قەشقەرگە كەلگۈچىلەر ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ سۈت ئۇيقۇسىدا ياتقان بۇ قەدىمقى شەھەردىكى زامانىۋى مەدىنىيەتكە، بۇ شەھەرنى يىراققا تاشلاپ كىتىۋاتقان شاۋقۇن – سۈرەنلىك كەڭ دۇنياغا ۋە تەرەقىقىياتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىچىككىنە ئارال، چۆل -جەزىرىدىكى خىيالى جەننەت ھېسابلىنىدۇ.
پەيتۇن ئەنگىلىينىڭ قالقان شەكىللىك دۆلەت گېربى قادالغا كونسۇلخانا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلگەندە سوكنۇدىن فورما كىيگەن، قىزىل سەللىلىك ، بومبۇر ساقاللىق ئىككى ھىندى ئەسكەر تىك تۇرۇپ كونسۇل خانىمغا سالام بەردى.
دەرۋازا ئىچىدىكى توپ مەيداندا ياللانما خادىملار بىلەن پۇتبول ئويناۋاتقان ياش ياردەمچى كونسۇل جورج. شىرىف ئەپەندى خانىمغا يىراقتىن ئىھتىرام بىلدۈردى. پەيتۇن يولنىڭ ئىككى يىقىدىكى رەتلىك سىلىنغان ياللانما خىزمەتچىلەر ئۆيى، ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ، كونسۇلخانا دوختۇرىنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ دۆڭدىكى ئىچكىركى قورۇنىڭ ئالدىدا توختىدى. پەيتۇنكەش ئاۋۋال سەكرەپ چۈشۈپ پەيتۇننىڭ ئېشىكىنى ئىچىپ خانىمنىڭ پەيتۇندىن چۈشۈشىگە ياردەملەشتى.گىللېئان خانىم دەرەخلەر ئارىسدىكى بالكۇنلۇق ،يوغان دىرىزىللىرى كۈن نورىدا ۋالىلداپ تۇرغان كونسۇلخانا بىناسىغا نەزەر سالغىنىدا ھەر قاچانقىدەك كۆڭلىدە مەمنۇنلۇق ۋە قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ئۇ، پەي قىستۇرۇلغان شىلەپىسىنى قولىغا ئىلىپ ئاق تور پەلىيىنى يەشكەچ كەڭ پەلەمپەيگە چىقتى. قولىدىكى نەرسىلەرنى ئىشىكنى ئىچىپ بەرگەن ھىندىستانلىق خىزمەتكارغا بىرىپ :
-ئەپەندىم ئۆيدە بارمۇ ؟ دەپ سورىدى.
-ئەپەندىم ھازىرلا ئاتلىق چىقىپ كەتكەنىدى،– دىدى خىزمەتكار ھۆرمەت بىلەن. ئۇ ، خىزمەتكارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەندەك تاملىرىغا ھايۋان مۇڭگۈزلىرى ۋە باش سۆكەكلىرى چوڭايتىلغان سۈرەتلىرى ئىسىلغان قۇبۇلخانىنى ، تورۇسى ئىگىز، تىپتىنىچ، سۈرلۈك ئىشخانىلارنى ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى چىرايلىق بىزەلگەن، ئوتتۇرسىغا بىليارت شىرەسى ، پاتىفۇن، تام بويلاپ ئىگىز ئەينەكلىك كىتاب ئىشكاپلىرى قويۇلغان چوڭ ئۆينى ئارىلىدى. ئۇ شۇ تاپتا گىللېئان ئەپەندىنى بۇ يەردە كۆرۈشنى، بۈگۈن بازاردا كۆرگەنلىرىنى، كالىلىسىدىكى خىلمۇ -خىل ئوي -پىكىرىنى ئىيتىپ بىرىشنى ، ئۇنىڭ تەسەللى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلىدىكى غەشلىكلەرنى ئۇنتۇپ كىتىشنى شۇ قەدەر خالايىتتى- ھە. ھەر قاچان ، ھەر قانداق ئىشتا بۈيۈك بىرتانىيە ئىمرىيەسىنىڭ مەنپەتى نۇقتىسىدىن پىكىر يۈرگۈزىدىغان گىللېئان ئەپەندى ھەددىدىن ئارتۇق ھىسياتچان خانىمنى بىر نەچچە ئېغىز ماختـاپ ئۇچۇرۇپ ۋە يىنىككىنە تەنبىھ بىلەنلا پەسكويغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. خانىممۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولاتتى ۋە ئۇنىڭدىن تەسەللى تاپاتتى.
ئۇ كىتاب ئىشكابىنىڭ ئالدىغا بىرىپ كىتابلارنىڭ يۇقىرسىغا چاپلانغان « ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت قىممەتلىك ھۆجقەتلەر ۋە ئەسەرلەر »، « ئوۋچىلىق قامۇسى »، «رازۋېدكا رومانلىرى » دەپ يىزىلغاي كىچىك باغاقچىلارغا بىر دەم قاراپ تۇردى. ئارقىدىن ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ كىچىك شىرەدىكى پاتىفۇن پىلاستىلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. نىمىدىگەن قىزىق – ھە! قەشقەرلىكلەر پاتىفۇننى « شەيتان نەغمىسى » دەپ ئاتىشىدۇ.
ئۇ پاتىفۇننى ئىچىپ كونا بىر پىلاستىنكىنى قويدى، ئۇ موزارتنىڭ مۇزىكىسى ئىدى. ئۇ بۇ يەردە – قەشقەردە موزارتنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلاش تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى.
ئۇ تەۋرەنمە ئورۇندۇقتا مۇھەببەت كۈيلەنگەن يىقىملىق مۈزىكىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ نىمىشقىدۇر نوبىشى كوچىسىدىكى ھىكىقى كىچىككىنە قىستۇرمىنى – نازۇك، لاتاپەتلىك، گۈزەل قىز بىلەن ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان بۇركۈتتەك چەبدەس يىگىتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى.
ئۇ يىگىت شۇ تاپتا قەشقەردىن ئاتۇشقا قاراپ سوزۇلغان يولدا چاپىنىنى مۈرىسىگە سىلىپ تىز قەدەملەر بىلەن كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ، يۇمىلاقراق كەلگەن يۈزىگە يارىشىپ، ئەقىل ۋە ھىسيات بايلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كىرپىكلىك يوغان قارا كۆزلىرىگە چۇڭقۇر خىيال ۋە مۇڭ چۆككەن، يۈرىكى ھاياجانغا تولغانىدى. سېھرلەنگەندەك ئالدىدىكى نامەلۇم بوشلۇققا تىكىلگەن كۆزلىرى گويا قاندۇقتۇر خىيالى بىر ئىشنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ياكى كىم بىلەندۇر سۆزلىشىۋاتقاندەك گاھ غەزەپتىن ئوتتەك چاقناپ كەتسە، گاھ مۇھەببەتتىن مۇلايىم، خۇمارلىق جىلۋىلىنەتتى. ەۋلىرى نىمىلەرنىدۇ پىچىرلاۋاتقاندەك بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەيتتى …. ئەجەپ بىر ئىش بولدى – ھە .خۇددى بىرسى ئىتتىك بول دىگەندەك پىشىمدىن تارتقاندەك يۈگۈرۈپ كەلگەنىدىم. بىر قەدەم كىچىككەن بولسامزە …. كارامەتلىك خۇدا ئىككىمىزنىڭ دىلىغا بۇ ئوتنى ئۆزەڭ سالغان بۈگۈن بۇ يەردە مىنى بىر سىنىماقچى بولغانمىدىڭ ؟ سىنىقىڭدىن ئۆتكەن بولسام ئىشىمنى ئۆزۈڭ ئاسان قىلغايسەن، يىتىم بەندەڭنى مۇرادىمغا يەتكۈزگەيسەن، ئاھ، خۇدا !
ئۇ بۈگۈن قەشقەرگە ئاشۇ قىزنى بىر كۆرۋىلىش ئۈچۈن كەلمىگەنمىدى، ئۇنىڭ كوچىسىنى ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى نەچچە ئايلانمىغانمىدى. ئاخىر قىزنى كۆرۈش ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ھىيتگاھنى بىر پەس ئايلىنىپ قايىتىپ كەتمەكچى بولدى. ئاشۇ چاغدا كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك، بىر نەرسە ئۇنى ئاشۇ مەھەللە تەرەپكە تارتقاندەك بولدى. ئۇ ئاشۇ يۇگۈرەك پۇتلىرىغا تايىنىپ قىزنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن تارتىۋالدى. ئۇ قىز ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازى ئىدى.
ئۇ قىزنىڭ يۇمران تېنىنىڭ ھارارىتىنى ، قاتتىق ھاسىراپ، ئوق تەككەن كىيىكتەك تىپىرلاشلىرىنى سەزگىنىدە بىردىنلا قاتتىق ھۇدۇقۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. قىز ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراپ ئۇنىڭغا لەپپىدە بىر قاراپ قويدى- دە تېزلىكتە ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۆيى بار تار كوچىغا كىرىپ كەتتى.
ئۇ، قىزنىڭ قىزارغان يۈزىنى، ھاسىراشتىن نازۇك گەۋدىسىنىڭ تىترەشلىرىنى، كۆزلىرىدىكى ۋەھىمە ۋە ھاياجاننى، ئۇياتچانلىقنى شۇنچە يىقىندىن كۆردى. ئۇنىڭ ئاشۇ لەپپىدە بىر قاراپ قويۇشى ئۇنىڭ يۈرىكىگە چۇڭقۇر ئورناپ كەتتى. ئۇ ھېسابسىز مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاراش ئىدى. ئۇنى تىل تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەت ئاشىق يۇرىكى ئارقىلىق سېزىۋالاتتى. شۇ تاپتا ئۇ خۇددى بېخىل پۇل پارچىلىغاندەك قىزنىڭ ئاشۇ قارىشىنى ئۆز خىيالىدا پارچىلاپ ئۇنىڭ ھەر بىر بۆلىكىدىن ئۆزگىچە زوق – لەززەت ئالاتتى . بۇ زوق ۋە لەززەت تەڭداشسىز كۈچ – قۇۋۋەتكە ئايلىنىپ ئۇنى قانائەتلەندۈرەتتى. ئۇنىڭ خوشلۇقى ئىچ – ئىچىگە سىغماي، كۆز ئالدىدىكى يىشىل دالىنى، يەر ۋە ئاسمانىنى قۇچاقلىماقچىدەك قوللىرىنى كىرىپ شامالغا قارشى يۈگۈرۈپ كىتەتتى. ئەگرى – توقاي يوللار، ئىگىز – پەس سارغۇچ دۆڭلەر ، كۆكىرىشكە باشلىغان ئوت – چۆپ چاتقاللار، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۈرەتتەك رەڭدار تاغلار ھەزرەت، ئاۋات بەشكىرەمنىڭ باغلىرى ئۇنىڭ ئۇچقۇر تاپانلىرى ئاستىدىن يىراقلاپ كەتتى. ئەمدى ئۇ ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ تاغ باغرىنى بويلاپ بىر – بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن يۇرت – مەھەللىرى ئىچىدە كىتىپ باراتتى. ئەنە ھەمرا باينىڭ خۈۋەينى ئۈرۈكلۈك باغلىرىمۇ كۆرۈندى. بىر چاغلاردا بۇ باغنىڭ ئىگىز ئەنجان تاملىرى ئۈستىدىن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قىزنىڭ زىل ئاۋازدا ئىيتقان ناخشىللىرى ئاڭلىناتتى. قىز قەشقەرگە كەتكەندىن بىرى بۇ چوڭ باغ ئۇنىڭ كۆزىگە چۆلدەرەپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان بولدى.
يىراقتىن ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم مازىرىنىڭ ئىگىز مۇنارىسى كۆرۈنگەندە ئۇ قەدىمىنى تىزلەتتى. ھەبىب ئەجەم مازىرى يېنىدىكى ئاددى قەبرىدە ئاجايىپ بىر ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى، ياق، ئۇنىڭ جىسمى ئۆلگەن بىلەن روھى ھاياتتۇر، ئوغۇللىرى قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك ئىشلارنى ئاشۇ روھ ئۇلارنىڭ دىلىغا سىلىپ تۇردىغاندۇ……
مازارغا يانداپ سىلىنغان بىر كورپۇس ئاپئاق بىنا ، قاپقاقلىرى ھاۋارەڭ سىرلانغان چوڭ دېرىزىلىك سىنىپلار ، ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى، يىڭىدىن سىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ياتاقلىرى، تاش مۇنچا، تىياتىرخانا، كەڭ كەتكەن توپ مەيدانى …… مانا بۇئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئىچكىرسىدىكى مازارلار بىلەن تولغان بىر سەھرادا يۈز بەرگەن مۆجىزە – «ھۆسەيىنىيە » مەكتىۋى ئىدى. ئىللىق چىرايىدىن سەبىلىك، ئاق نىيەت پارلاپ تۇرغان بۇ يىگىت بولسا مۇشۇ مەكتەپنىڭ بالا ئەپەندىسى ئىدى.
قىز بىلەن يىگىت ئەسلىدە بىر مەھەللىدە -ئۈستۈن ئاتۈشنىڭ ئىكساق كەنتىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بالىلار ئىدى . ئوغۇلنىڭ ئىسمى كىرەم بولۇپ كىشىلەر ئۇنى دادىسى كىچىكئاخۇننىڭ ئىسمىنى قوشۇپ كىرەم كىچىك دەپ چاقىرىشاتتى، قىزنىڭ ئىسمى مەرىگۈل ئىدى . كىچىك ۋاقىتلىرىدا مەھەللىنىڭ ئىرىق – ئۆستەڭلىرىدە چۆمۈلۈپ، لاي ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىدا ئۇلار باراۋەر ئىدى . كىرەم مەرىگۈللەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنى ئوينىغىلى چاقىرىپ چىقاتتى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئاشۇ جەننەتتەك باغ ئىچىدە ئەتىدىن-كەچكىچە بىللە ئوينايتى. ئۇلا ئاستا-ئاستا چوڭ بولدى. مەرىگۇلمۇ باشقا قىز بالىلاردەك ئۆيىدىن تالاغا چىقمايدىغان، ئۇلار كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ قالدى.مەرىگۇلنىڭ دادىسى پات-پات تاغ ئارقىسىغا سودا قىلغىلى بېرىپ تۇرىدىغان چوڭ سودىگەر ئىدى. ئۇنىڭ قەشقەردىمۇ كاتتا دۇكانلىرى، ئۆيلىرى بار ئىدى.كىرەمنىڭ دادىسى كىچىك ئاخۇن بولسا كىرەم قورساقتىكى چاغدا كارۋانلارغا ئەگىشىپ ئەنجان تەرەپلەرەگە چىقىپ كەتكىنىچە خەت-خەۋرى بولمىغان ئىدى. ئانا-بالا ئىككىسى مەھەللنىڭ ئايىغىدىكى كىچىك بىر ھويلىدا يالغۇز ياشايىتتى. كىرەم ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئانىسىغا ياردەملىششكە باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىنن بىر-ئىككى چاقىرىم يىراقلىقتىكى جاڭگالدا كىرەمنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆيى بار ئىدى. ئانىسى ھەركۈنى ئاشنى تاۋاققا ئۇسۇپ داستىخانغا چىڭ چىگىپ:« ئوبدان بالام، يۈگۈرۈپ ماۋۇ ئاشنى چوڭ ئاناڭغا ئاپىرىپ بەر. ئاش سوۋۇپ كەتسە چوڭ ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئالالماي قالىسەن، يۈگۈرۈپ بىرىپ ،يۈگۈرۈپ كەل!» دەيىتتى. قۇلقى يۇمشاق كىرەم ئاشنى ئىسسىق پىتى ئىلىپ بارىمەن دەپ پىلدىرلاپ يۈگۈرۈپ ماڭاتتى. چوڭ ئانىسى ئىسسىق ئاشنى ئىچىپ ئۇنىڭغا ۋە ئانىسىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ بولۇپ « تاتلىق نەۋرەم، قارا كۆز نەۋرەم» دەپ ئەركلىتەتتى. قولغا قۇيماقتەك ساپسىرىق، شىرىن قاقلارنى تۇتقۇزۇپ:«بىچارە ئاناڭ ئەنسىرەپ قالمىسۇن، يۈگۈرۈپ-يۈگۈرۈپ ئۆيۈڭگە كەتكىن، بىركىملەر ئېتىڭنى چاقىرسا ئالدى-كەينىڭگە قارىمىغىن» دەپ تاپىلايىتتى.كىرەم ئانىسىنىڭ چۆچەكلىرىدىكى دەرەخ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرىۋالدىغان، مەھەللىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئېتىنى بىلىدىغان جىنلارنىڭ ئۆزنى تۇتۋىلىشىدىن قورقۇپ، ئالدى-كەينىگە قارىماي ئۇدۇل ئۆي تەرەپكە چاپاتتى. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى مۇسا ھاجىمنىڭ ئوغۇللىرى ئاچقان« ھۈسەيىنىيە» مەكىتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ مەكتەپكە كىرگەن تۈنجى كۈنى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇنى يىتىلەپ ئىسسسىق مۇنچىغا ئەكىرىپ يۇيۇندۇرغىنى، سارغۇچ ماتادا تىكىلگەن مەكتەپ فورمىسىنى كىيدۈرۈپ قويغىنى ئۇنىڭ ئېسىدىن زادى چىقمايدۇ. ئۇ، مەكتەپ ھاياتىغا تېزلا ئۆزلىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ يۈگۈرۈك، چەبدەسلىكى بىلەن تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيىتىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈندى. مەكتەپ مۇدىرى تۇرسۇن ئەپەندى تۈركىيىنىڭ داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئون يىللاپ ئوقۇپ كەلگەن ئالىي مەلۇماتلىق، بىر نەچچە خىل چەت ئەل تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشى ئىدى. ئۇ يەنە چېنىققان تەنتەربىيىچى، ئۇستا توپچى ئىدى. بىر قىتىم كېرەم كىچىك 100مېتىرغا يۈگۈرۈشتە بىرىنچىلىكنى ئالغاندا، شۇ ئەپەندىم ئۇنىڭ باش-كۆزىنى سىلاپ «بارىكاللا ئوغلۇم، ئاتاڭغا رەھمەت، خۇدا خالىسا مۇشۇ يۈگۈرۈك پۇتلىرىڭ بىلەن ھەممەمۇراد-مەقسىتىڭگە يېتىسەن» دەپ پىشانىسىدىن سۆيگەنىدى. ئۇ سەل چوڭ بولغاندا تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنى قولىدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ مەكتەپ پۇتپول كوماندىسىدىكىلەرگە؛ «مانا بۇ يىگىت ئۇزاققا بارمايلا ناھايىتى ياخشى بىر ھۇجۇمچى بوپقالىدۇ»دەپ تونۇشتۇردى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەس-يادى پۇتپۇلغا باغلاندى. ئۇ، «كېرەم توپچى »دېگەن نامغا ئاشۇ مۇشتەك ۋاقىتلىرىدىلا ئېرىشتى. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان، ئەڭ قەدىرلىك، شۇنداقلا كۆزيەتكۈسىز ئۇلۇغ ئادەم ئىدى.
ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئانىسى نامازغا قوپقاندا كېرەم كىچىكىمۈ تەڭلا ئورنىدىن تۇراتتى. ئالدىراپ ناشتا قىلىۋېلىپلا مەكتەپكە يۈگرەيتتى. ئۇ ئەمدى جىندىن قورقمايدىغان بوپ قالغان ئىدى. مەكتەپكە بالدۇرراق بېرىش ئۈچۈن باغلارنىڭ شورلىرىدىن ئۆمىلەپ كىرەتتى. قاشالاردىن ئاتلاپ، ئۆستەڭلەرنى كېچەتتى. بەزىدە ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن يوغان بۆرە ئىتلار چىقىپ ئۇنى قوغلاپ كېتەتتى. تاپانلىرى يەرگە تېگەر-تەگمەي دېگۈدەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان كېرەمنىڭ ئارقىسىدىن بىردەم قوغلاپ بېقىپ، ئۈمىدسىزلەنگەندەك توختاپ قېلىشاتتى. تاڭ نۇرى ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم ئاسمانپەلەك پەشتىقىنى، پەشتاق يېنىدىكى ئاپئاق ئاقارتىلغان سىنىپلارنى، توپ مەيدانىنى، مەكتەپ ۋە مەيدان ئەتراپىدىكى قويۇق تېرەكلەرنى غۇۋا يورۇتۇشقا باشلىغاندا ئۇ مەكتەپكە يېتىپ كېلەتتى. ئۇ ھەرقانچە بالدۇر كەلسىمۇ مەيداندا ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندىنى كۆرەتتى. ئاق كۆڭلەك كىيگەن، ئوتتۇرا بوي، خۇشپىچىم كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنى كۆرۈپ:
_ تىنچ قوپۇپسەنمۇ ئوغلۇم؟ _ دەپ سورايتتى.
_ تىنچ قوپتۇم، ئەپەندىم، سىزمۇ تىنىچ قوپۇپسىزمۇ؟_ دەپ سورايتتى كېرەم كىچىك بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ جاۋابىغا مەمنۇن بولۇپ كۈلۈپ كېتەتتى. كېرەم يۈگۈرۈپ بېرىپ دەرەخكە ئېسىپ قويۇلغان توپ خالتىسىدىن توپنى ئېلىپ كېلەتتى. بۇ، تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزى قەشقەردىكى موزدۇزلارغا بۇيرۇتۇپ تىككۈزگەن سارغۇچ تېرە توپ ئىدى. خالتىدا يەنە توپچى بالىلارنىڭ ئانىلىرى كونا تۇماق، بۆكلەرنىڭ ئىچىگە سامان، زىغىر پاخىلى سېلىپ تىكىپ بەرگەن توپلارمۇ بار ئىدى. ئادەتتە توپ ئوينايدىغان ھەرقانداق بالىنىڭ چەكمەن چاپان تىكىدىغان قىل رەختە ياكى قېلىن ماتادا تىكىلگەن توپى بولاتتى. ئۇلار ئۇنى ھويلىدا، يوللاردا، خاماندا تېپىپ ئوينايتتى. مەھەللىدىكى ئۇششاق بالىلارمۇ ئۇلارنى دوراپ ئانىلىرىغا ھەرخىل بۇرۇچ رەختتىن گۈل تەپچىلەنگەن توپلارنى تىكتۈرۈپ ئويناپ يۈرىشەتتى.
تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن كېرەم كىچىك بىر-بىرىگە پاس بېرىپ، توپنى پۇت، بەل، مۈرە، باش بىلەن توسۇشنى مەشىق قىلاتتى.
تۇرسۇن ئەپەندى توپنى پىرقىرىتىپ پۇتىنىڭ ئۇچى، دۈمبىسى، تىزى، تاپىنى بىلەن تەپكۈچ تەپكەندەك تېپىپ، گاھ تىزىنىڭ ئارىسىدىن، گاھ مۈرە، قولتۇقىدىن چىقىرىپ ھۈنەر كۆرسىتەتتى. توپ خۇددى ئۇنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ، ئۇنىڭغا ئۈنسىز ئىتائەت قىلىۋاتقاندەك كۆرنەتتى. مەيداننىڭ ئىككى بېشىدا كېسەك بىلەن ياسالغان ۋاراتا بار ئىدى. تۇرسۇن ئەپەندى توپ تەپسە، كېرەم ۋاراتار بولاتتى. كىچىكلىكىگە، بويىنىڭ پاكارلىقىغا باقماي يىقىلىپ-قوپۇپ، دومىلاپ يۈرۈپ توپنى تۇتۇۋېلىشقا تېرىشاتتى. ئۇ توپ تەپكەندە تۇرسۇن ئەپەندى ۋاراتار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر توپ، ھەربىر ھەركىتىنى ماختاپ ياكى تۈزىتىپ تۇراتتى. بارا- بارا مەيدانغا ئابدىراخمان ئەپەندى، ئالىز ئەپەندى، مەسئۇد ئەپەندىلەر، پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەنىۋەر، ئىبراھىم،غوپۇر، پەخرىدىن، تۇرسۇن قارى، بېشىراخۇنلار يىغىلاتتى. ئابدىراخمان ئەپەندى بىلەن ئەنۋەرمۇ قالتىس توپچىلاردىن ئىدى. بولۇپمۇ قاش-كۆزى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان مەڭزى قىزىل كەلگەن ئەنۋەرنىڭ تەپكەن توپى زايا بولمايتتى. شۇڭا ھېچقانداق مۇسابىقە ئەنۋەرسىز قىزىمايتتى .
يىغىلغانلا ئادەم سانىغا قاراپ بەش-ئالتىدىن ياكى سەككىزدىن كوماندا بولۇپ مۇسابىقىگە چۈشۈپ كېتەتتى. بەزىدە مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن دېھقان ياشلارمۇ مەيدانغا چۈشەتتى. ئادەم بارغانچە كۆپىيىپ، مەيدان قىقاس-چۇقان، بارىكاللا سادالىرى بىلەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈلەتتى.
ئەتىگەن سائەت سەككىزدە مەكتەپنىڭ بىر كۈنلۈك مەشغۇلاتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان گىمناستىكا باشلىناتتى. ھەر-بىر ئوقۇغۇچى مەيداندىكى مۇقۇم ئورنىنى تېپىپ رەتلىك تىزىلاتتى. ئابدىراخمان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى دۇخۇۋۇي مۇزىكا ئەترىتى ناغرا-سۇناي، نەي چېلىپ مەيدانغا كىرەتتى. ئوقۇغۇچىلار مۇزىكا ساداسىغا تەڭكەش قىلىپ گىمناستىكا ئوينايتتى. گىمناستىكىدىن كېيىن نۆۋەتچى ئەپەندىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ئالدىنقى كۈندىكى، تەرتىپ- ئىنتىزام، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە چىقىراتتى، ئەلاچى- ئىلغار ئوقۇغۇچىلار تەقدىرلىنەتتى، سەۋەنلىكلەر تەنقىد قىلىناتتى. خۇلاسە ئاياغلىشىشى بىلەن يەنە مۇزىكا ياڭراپ ئوقۇغۇچىلار:
قوپ ئى ئاداش تۇر،
ئەتراپىڭغا باق.
باق نە كۆرەرسەن،
ئويلىغىن ئۇزاق!

مارش ساداسى ئىچىدە سىنىپلارغا قاراپ ماڭاتتى. «ھۆسەينىيە»نىڭ يېڭى بىر كۈنى ئەنە شۇنداق باشلىناتتى.
«ھۆسەيىنىيە»دە شۇ ۋاقىتنىڭ ئادىتى بويىچە شەنبە ھەپتە بېشى ھېسابلىنىپ، جۈمە كۈنى ئارام ئېلىناتتى. چارشەنبە ئەتىگەندە قۇرئان تەجىۋىت ئۆتىلىپ پەيشەنبە پۈتۈن كۈن «قۇرئان» ئوقۇلغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا شىپاھىيە يات ئىملا، ھىساپ، يۇرت تەھسىلى،تەبىئەت، رۇس تىلى، ئەرەپ تىلى، جۇغراپىيە قاتارلىق دەرىسلەر ئۆتۈلەتتى. تۇرسۇن ئەپەندى شىپاھىيە، يات ئىملا ۋە تارىخ ئۆتەتتى. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ دەرسىنى ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئاڭلايىتتى، قاچان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ دەرسى كىلەركىن، دەپ تۆت كۆزى بىلەن كۈتىشەتتى. تۇرسۇن ئەپەندى «ئانا تىلنى تولۇق بىلىش، توغراقوللىنىش ھەر-بىر ئىنسان پەرزەنتى ئۈچۈن پەرز ۋە قەرزدۇر. بىزنىڭ چىرايلىق، يېقىملىق ئانا تىلىمىز بولغاچقا، بىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ئانا، دادا دەپ چاقىرشنى، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىششنى، جاھاندارچىلىق قىلىشنى ئۈگەندۇق.

ئانا تىلىمىز بىلەن خۇدانى، دۇنيانى بىلدۇق. دۇنيادىكى، ئىنسانچىلقتىكى نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىشنى چۈشەندۇق. ئانا تىلىمىز بىلەن شۇنداق چىرايلىق ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق ھەم ئىيىتتۇق. ئانا تىلىمىز بىلەن بوۋاقلارنى ئىغىزلاندۇرۇپ، ئۆلگەنلەرنى ئۇزاتتۇق. ئانا تىلىمىز بولمىغان بولسا بىز بىچارە خەلق بوپ قالغان بولاتتۇق. شۇڭا ئانا تىلنى ياخشى ئۈگنىشىمىز، ئۇنى بىشىمىزغا ئىلىپ، ئەتىۋارلىشىمز كىرەك» دەيىتتى.دەرىسنى بەك ئەستايىدىل ئۆتۈپلا قالماي، ئىملا ۋە تىل قائىدىسى جەھەتتە تەلەپنى قاتتىق قوياتتى. ئۆزى خەتنى چىرايلىق،ئۆلچەملىك يازاتتى. ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ شۇنداق يىزىشنى تەلەپ قىلاتتى. تارىخ ئۆتكەندە، دۇنيادىكى، يىراق ئەللەردىكى زور ئىشلارنى خۇددى مۇشۇ يۇرۇتتا بولغان ئىشلاردەك قىزقارلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بىرەتتى. دۇنيانى سۆزلەپ بولۇپ شىنجاڭنى، قەشقەرنى، ئاتۇشنى، سەلتەنەتلىك، ئازاپ-ئوقۇبەتلىك ھەم ئىچىنىشلىق تارىخنى، ئەركىنلىك، ئازادلىق يولدا كۆرەشكەن، قان تۆككەن باتۇر ئەزمەتلەرنى، داڭدار بىلىم-مەرىپەت ئىگىلىرنى سۆزلەپ، ئۆز نۆۋىتىدە مۇشۇ يۇرۇتتىن چىقىپ جاھان كىزىپ، كۆزى ئىچىلىپ پۇل ۋە يۈز تىپىپ زور ئىشلارنى قىلغان كاتتا بايلارنى بىر-بىرلەپ ساناپ،« ئەشۇلار بىزنىڭ يۇرۇتلۇق، بىر مەھەللىك قان-قىرىنداشلىرىمىز ئىدى، ئۇلار قىلغاننى بىز قىلالمامدۇق؟» دەپ بالىلارنىڭ كۆڭلىگە بىر ئوتنى سىلىپ قوياتتى.يۇرۇتنى، ۋەتەننى، ئۇنىڭ تارىخنىلا ئەمەس، تاغ-دەريالارنىمۇ چۈشۈنىشنى، بىلىشنى، يۇرۇت كۆرۈپ، شەھەر، دۆلەت ئاتلاپ دۇنيانى چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بىر قىتم ئۇ قەشقەر توغرىسىدا سۆزلەپ كىلىپ ئوقۇغۇچىلاردىن:
ئاراڭلاردا قەشقەرگە بىرىپ باققانلار بارمۇ؟- دەپ سورىدى.
13-14 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ بالىلار كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ، ئۈندىمەي ئولتۇرۇشتى. ئۇ يەنە:
قەشقەرگە بىرىشنى خالايدىغانلار بارمۇ؟- دىدى.
—مەن خالايمەن!
—مەنمۇ خالايمەن!
—مەنغۇ خالايتىم، لىكىن شۇ … ئاشۇ…
پەيشەنبە كۈنى تۇرسۇن ئەپەندى باشلىق ئون نەچچە بالا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە يىپىنچا ئىلىپ پىيادە قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى. قەشقەردە تۇرسۇن ئەپەندى ئۇلارنى باشلاپ ھىيگاھ جامەسى، خانلىق مەدىرسە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى، بۇلاق بىشى، قىلىچ بۇغراخان مازىرى، ھەزرەت قااتارلىق جايلارنى ئايلاندۇردى. قەشقەرنىڭ ئاۋات بازىرى، مىغ-مىغ ئادەملەر ئىكساقلىق بالىلارنىڭ كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلۋەتتى. شۇ كۈنى كىرەم كىچىىك بىلەن ئەنۋەر ئىگىز بوي، سىرىق چاچ، كۆزلىرى كۆپكۈك بىر ئادەمنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئاچقانچە ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ يوڭلدى ئىززىپ قالغاندا، تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە خانلىق مەدىرسەنى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ھەمراھلىرى بىلەن ئاخىرى تىپىشقاندى. شۇ قېتىمقى سەپەردىن كىيىن بۇ سەپەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن بالىلار بىردىنلا چوڭ بوپ قالغاندەك بولدى. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇلارغا قازان، ئىستانبول، پارىژ، بىرلىن دىگەندەك شەھەرلەرنىڭ قەشقەردىن نەچچە ھەسسە چوڭلىق، ئۇ شەھەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ رادىئو ئارقىلىق دۇنيادىكى يىڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولالايدىغانىلىقى، ئايروپىلان، ئاپتوموبىل، پويىز پاراخوتلارنىڭ سۈرئىتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەندە، بۇ سۆزلەر ئۇلارغا چۆچەكتەك تۇيۇلمايدىغان بولدى.
تەبىئەت دەرىسىنى مەسئۇد ئەپەندى، جۇغراپىيىنى ئەمرۇللا ئەپەندى ئۆتەتتى. مەسئۇد ئەپەندى ياز كىچىلىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ مەيدانىدا تۈنەپ، ئۇلارغا قاپقاراڭغۇ ئاسمان بوشلۇقىدىكى سامان ۋە ئۈنچىلەر چىچىلىپ كەتكەن يىزا يولغا ئوخشاش ئاقىرىپ كۆرىنىدىغان سامان يولى ھەققىدە، يۇلتۇزلار، ئاي، كۈن چولپان يۇلتۇزى ۋە ئۇلارنىڭ جايلىششى، ھەركىتى ھەققىدە سۆزلەپ بىرەتتى. مۇنداق ئۆتۈلگەن دەرىسلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىدىن ئۆمۈرۋايەت چىقمايىتتى. جۇغراپىيە ئۆتىدىغان ئەمرۇللا ئەپەندى دۇنيادىكى داڭلىق يانار تاغلارنى ۋە يانار تاغلارنىڭ پارتىلاش سەۋەبىنى ئۆتكەندە كەنت سىرتىدىكى قۇمساڭ يەرگە دورا كۆمۈپ، ئۈستىگە تاغ شەكىلدە قۇم دۆۋلەپ، دورىنى پارتىلىتىش ئارقىلىق يانار تاغ ھادىسىنى جانلىق چۈشەندۈرگەن ئىدى.
ئابدۇراخمان ئەپەندى قاشلىرى قاپقارا، قاڭشارلىق، ئىگىز بوي، جانلىق، تىتىك يىگىت ئىدى. ئۇ، تەنتەربىيەنى قىزغىن سۆيەتتى. ئۆزى تەنتەربىيە دەرىسى بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيەتتى. ئۇلارنى دائىم دالىغا، ئۆستەڭ بويلىرىغا ئىلىپ چىقىپ يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، چىلىشش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەيىتتى. ئوقۇغۇچىلارنى يۈگۈرتۈپ ئاق تاغقا ئاپىرىپ تاغقا چىقىش، توشقان قوغلاشتا مۇسابىقىگە سالاتتى. ئۇبەك ھىسياتلىق، كۆڭلى يۇمشاق ئىدى، ھىرىپ قالغان، مىجەزى يوق بولۇپ قالغان بالىلارنى ھاپاش قىلىپ كۆتۈرۋالاتتى. كەمبەغەل-نامرات بالىلارنى كۆرسە چىداپ تۇرالماي، قولدا نېمە بولسا بىرىۋىتەتتى. بىر قېتىم ئۇ بالىلارنى باشلاپ تاغقا چىقىپ كىتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بىر كىيىك چىقىپ قالدى. بالىلار ئۇنى مۇھاسىرگە ئېلىپ قوغلاپ چۇڭقۇر بىر جىراغا قاپسىۋالدى. ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆزى جىراغا چۈشۈپ كىيىكىنى تۇتۇپ چىقىتى. كىيىكنىڭ پۇت-قولى باغلاندى. باغلاققا چۈشكەن كىيىك دىر-دىر تىتىرەيىتتى، ياش تولۇپ تۇرغاندەك بولۇپ كۆرنىدىغان قاپقار كۆزلىرى بىلەن ئەتىراپقا غەمكىن تەلنۈرۈپ قارايىتتى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار تاغ ئۈستىدە دەم ئىلىپ ئولتۇرغاندا ئابدۇرەھمان ئەپەندى نىمىشقىدۇر ئىچىلالماي خىيال سۈرۈپ قالدى. كىيىكنى سويۇپ، گۆشنى كاۋاپ قىلىشقا تەقەززار بولۇپ تۇرغان بالىلارمۇ مۇئەللىمىگە قاراپ شوخلۇقلىرىنى قىلالماي شۈكلەپ قىلىشتى. ئابدۇرەھمان ئەپەندى بىردەم جىن ئولتۇرغاندىن كىيىن بىردىنلا بىشىنى كۆتۈرۈپ:
بالىلىرىم، كىيىكنى قويىۋەتسەك رازى بولامسىلەر؟ دەپ سورىدى.
بالىلار بىر-بىرگە قاراشتى. «قويىۋىتىمىزمۇ؟ ئەمسە نىمىشقا جاپا تارتىپ تۇتتۇق؟ قورساق ئىچىپ تۇرغاندا، تەييار كاۋاپنى نىمىشقا يىمىگۈدەكمىز؟» بالىلارنىڭ سەبى كۆزلىرىدىن ئەشۇ مەنا ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.
بۇ بىچارە تۇتقۇنغا قاراڭلار. مۇشۇ تاغدا ئەركىن يايلاپ يۈرگەن بىزنىڭ نەپسىمىز تۈپەيلى ئەركىنلىكىدىن ئايرىلدى، ئەمدى جىنىدىنمۇ ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللرى بارىدۇ، ئۇلار شۇ تاپتا بۇ بىچارىنىڭ يولىغا قاراپ تۇرۇشقاندۇ.
كىرەم كىچىكنىڭ يوغان، قاپقارا كۆزلىرىگە ياش تولدى.
—ئەپەندىم، قويىۋىتەيلى،- دىدى ئۇ تىتىرەك ئاۋازدا.
—قويۋىتەيلى!-دىيىشتى قالغان بالىلارمۇ.
— كىيىك باغلاقتىن ئازاد بولۇپ تاقلاپ-تاقلاپ قىيالا ئارسىدا غايىپ بولدى.ھەممەيلەنىنڭ كۆڭلىدىكى غەشلىك يوقاپ، كۆڭۈللىرى ئىچىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار تاغقا چىقسا توشقان، كىيىك ئوۋلىمايدىغان بولدى.
بىر كۈنى كىرەم ئاغىنىلىرى بىلەن يولدا توپ تىپىپ ئويناپ كىتىۋىتىپ تاغسى ئىمىن مەزىنگە ئۇچىراپ قالدى. توغرىسىنى ئىيتقاندا، ئۇنىڭ تەپكەن توپ دەل تاغىسىنىڭ قاڭشىرىغا بىرىپ تەگكەن ئىدى. مەزىن تاغىسى ئۇنى قۇلىقىدىن تارتقىنىچە ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كىرىپ قوللىرىنى شىلتاپ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ، ئاغزىدىن شالىلىرنى چاچراتقىنىچە تىللاپ كەتتى؛
—ھۇ جويۇد، مۇرتەد! ئىمانسىزلارنىڭ ئارقىسدا يۈرۈپ يولدىن چىققاندىن نان قىپى! جىنىڭ ئىچىڭگە پاتماي قالغان بولسا، مۇشۇ ئەسكى توپنى تىپىپ يۈرگىچە ئىتىزغا چىقىپ كەتمەن چاپساڭ بولماسمىدى!
ئىمىن مەزىن يىڭىچە مەكتەپلەرگە ۋە ئەپەندىلەرگە جېنىنىڭ بارىچە ئۆچىلىك قىلاتتى. يۇرۇت بىگى ۋە بىر قىسىم قازى-قوزاتلار بىلەن بىرلىشىپ: «مۇسا بايلار بالىلىرىمىزغا پەرەڭلارنىڭ ئىشلىرىنى ئۈگىتىپ نىمە پايدا تاپتى. بالىلار ئەتىدىن كەچكىچە ئەپەندىلەرنىڭ ئارقىسىدا شەيتاننىڭ توپنى تالشىپ يۈرۈپ مۇسۇلمانچىلىقنىڭ يولدىن چىقىپ كەتتى ئۇ ئەسكى توپتىن ئاش-نان چىقمامدىكەن؟» دەپ ۋەز ئىيتاتتى. تاغسى كىرەمنى نەدە كۆرسە تۇتىۋىلىپ پەندى-نەسھەت قلاتتى ياكى تىللاپ ۋەز ئىيتىپ قورقۇتماقچى بولاتتى.كىرەمنىڭ ئانىسى ئاكىسىغا بولىشىنى ياكى ئوغلىغا بولىشىنى بىلەلمەي مىشىلداپ يىغلايىتتى. ئاكىسىنىڭ دىگەنلىرىمۇ ھەق. دىمىسىمۇ مۇشۇ مۇشتۇمدەك بالىغا نىمە جىن چاپلاشتىكىن، ئولتۇرسا، قوپسا تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن توپنىڭ گىپىدىن باشقا گەپ قىلمىغان. كىچىلىرى نىمىلەرنىدۇ دەپ ۋارقىراپ جۆيلۈپ ئادەم قورقۇتۋاتقان، چۈشەكەپ، توپ تەپتىم دەپ يوتقاننى تىپىپ، يوتقان توشاتمىغان….ئۇ،ئاكىسنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئوغلىنى ئوقۇتۇپ، دىمىدە سۈيى ئىچكۈزۈپمۇ باقتى،نەسھەت قىلىپمۇ، ئۆيگە سولاپ قويۇپمۇ باقتى، لىكىن كار قىلمىدى، ھىچ نەرسە كىرەمنى يولدىن قايتۇرالمىدى. تىخى، بىر جۈمە نامازدىن يانغاندا، ئەپەندىلىرىم سىنى مەكتەپكە كەلسۇن دەيدۇ،ھەممە بالىنىڭ ئانىلىرى بارىدىكەن، دەپ مەكتەپكە باشلاپ باردى. ئەسلىدە ئۇ كۈنى چوڭ مۇسابىقە بولغانكەن.كىرەمىنىڭ ئانىسى ئۆزىگەئوخشاش يۈزىنى ياپقان بىر توپ ئايالنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئوغلىنىڭ مەيداندا ئوقتەك تىز يۈگۈرۈپ، توپنى ۋارتارغا قانداق تىپىپ كىرگۈزگىنىنى، توپ كۆرىۋاتقانلارنىڭ«كىرەم كىچىك، ياشاپ كەت!»،«ئوغۇل بالا!» دەپ توۋلاشقانلىرىنى ئاڭلىدى ھەم كۆردى. ئۆزىمۇ ھاياجانلىنىپ گاھىدا ئوغلىدىن ئەنسىرەپ نەچچە قىتىم ۋارقىراپ سالغىنىنى تۇيمايلا قالدى. مۇسابىقىدىن كىيىن تۇرسۇن ئەپەندى ئوتتۇرغا چىقىپ كىرەمنى مۈرىسىگە ئولتۇرغۇزىۋىلىپ:«خالايىق، بۈگۈندىن ئىتىبارەن كىرەمنىڭ ئىتى كىرەم توپچى بولسۇن!» دىگەندى، ھەممە ئادەم چاۋاك چىلىپ ئالقىشلاپ كەتتى. ئانىسى شۇنىڭدىن كىيىن كىرەمىنى توسمايدىغان، تىخى ئۆزىگە ئوخشاش ئانىلىرى بىلەن توپنىڭ، مۇسابىقىنىڭ پارىڭىنى سىلىشىدىغان، ئوغلىدىن پەخىرلىدىغان بولدى. كىرەم بىر كۈنى ئۇنىڭغا:«ئانا، ئاڭلىسام پەرەڭلەرنىڭ توپى بىزنىڭكىدىن قاتتىق ئىكەن. مەن ھەرقانداق قاتتىق توپنىمۇ تىپەلەيدىغان بولسام دەيمەن. سەن ماڭا زىغىر پاخىلنىڭ ئارسىغا شىغىل ئارلاشتۇرۇپ بىر توپ تىكىپ بەرگىنە» دىگەندە نەچچە كۈن باش قاتۇرۇپ ئوغلى دىگەندەك توپتىن بىرنى تىكىپ بەردى. بۇ توپنى تەپكەن دەسلەپكى كۈنلەردە كىرەمنىڭ يالاڭئاياغ پۇتلىرى قىزىرىپ،قاناپمۇ كەتتى. بىراق بىر مەزگىل دىن كىيىن قانىماس بولدى، ئانىنىڭ كۆڭلىمۇ جايىغا چۈشتى. كىرەم ئەنە شۇنداق توپ تىپىپ يۈرۈپ چوڭ بولدى.مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تىخى شۇ مەكتەپكە ئەپەندى بولدى. توپ تىپىپ يۈرۈپ مۇشۇ يۇرۇتتىكى ئەڭ چىرايلىق قىزنىڭ مۇھەبىتىگىمۇ ئىرىشتى.
بىر كۈنى كىرەم ئاغىنىلىرى بىلەن كونا تۇماقنى ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغان توپنى تىپىپ ئويناۋاتاتتى. كىمدۇر بىرنىڭ كۈچەپ تىپىشى بىلەن توپ يول بويدىكى ئەنجان تاملىق چوڭ باغنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. باغنىڭ تاملىرى ئىگىز ئىدى. تام بويلاپ ئاسمان-پەلەك قەد كۆتۈرگەن قويۇق سەگۈ تىرەكلەر باغنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ تۇراتتى. كىرەم توپنى ئىلىۋىلىش ئۈچۈن باغنىڭ شورىسىدىن ئۆمىلەپ كىردى. باغدا ئۇ باينىڭ قىزى مەرىگۈلنى كۆردى.ئۇ قىزنىڭ قولىدىكى توپنى ئىلۋالماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى.
—-كىرەم كىچىك، سىنى قەشقەرگە بىرىپ ئوقۇيدىكەندەيدىغۇ،راستمۇ؟- دەپ سورىدى مەرىگۇل بۇلاقتەك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ.
—ئەپەندىم مىنى قەشقەردە ئوقۇتماقچى بولغان، لىكىن ئانامنى يالغۇز قالىدۇ دەپ بارمايدىغان بولدۇم. ئەپەندىم ئۇنداق بولسا سىنى ئۆزۈم تەربىيلەيمەن،دىدى،- دىدى كىرەم مەغرۇرلۇق بىلەن.
—قەشقەرگە ئاناڭنىمۇ بىللە ئىلىپ كەتسەڭ بولىدىغۇ؟
—ئانام ئۇنىمايدىكەن. سەھرادا ئازادە ياشاپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەم شەھەرگە كۆنەلمەيمەن، دەيدۇ. مەن تۇغۇلمىغان ۋاقتىمدا دادام بىلەن قەشقەرگە بىرىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئىسىلغان ئادەملەرنى كۆرۈپ قورقۇپ كىتىپتىكەن، قەشقەرنىڭ گىپى چىقسا ھازىرمۇ تىترەپ كىتىدۇ.
—ئۇغۇ راست، مەنمۇ قەشقەرگە كۆنەلمەيمەن،- مەرىگۇل شۇنداق دەۋىتىپ ناھايىتى چىرايلىق ھەم چەبدەس ھەرىكەت بىلەن توپنى باغ سىرتىغا قارتىپ تەپتى. توپ ئىگىز ئەنجان تىمىنىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ، كۆكۈش پارقىراپ تۇرغان سەگۈ تىرەكلەر ئارىسىدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتتى.
—نىمە،سەن….سەن؟
—قانداق مەندىن باشقا ئادەم توپ ئوينىيالمايدۇ،دەپ قالغانمىدىڭ،- دىدى مەرىگۇل لەۋلىرىنى دومسايتىپ ۋە بىردىنلا ئىچىلىپ كۈلدى،- مىنىڭمۇ بىر توپۇم بار، ئاۋۇ بۇلۇڭدا بىر ۋاراتارمۇ بار تىخى.
ئوغۇل بالا بولۇپ قالساڭمۇ بوپتىكەن،- شۇنداق دەپ كىرەممۇ كۈلىۋەتتى.
كىرەم باغ ئىشىكى تەرەپكە كىتىۋىتىپ، بىردىنلا توختاپ مەرىگۇلدىن سورىدى:
—راست، سەن ھىلىقى مىنى قەشقەرگە بارىدىكەن دىگەن گەپنى نەدىن ئاڭلىدىڭ؟ مەن ھىچكىمگە دىمىگەنتىم.
—كالۋا،- مەرىگۇل سەدەپتەك چىشلىرىنى كۆرسىتپ يەنە كۈلدى،- ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا سىنىڭلا گىپىڭ، تېخى سېنى ئەنجانلىق بىر ئەپەندى بىلەن ئەنجانغا كېتىدىكەن دىگەن گەپمۇ بار!
……..
كىرەملەر شۇنىڭدىن كىيىن دائىم مۇشۇ باغنىڭ تۈۋىدە توپ تىپىدىغان بوپ قالدى. كىرەم ھەر قىتىمدا بىر- ئىككى نۆۋەت توپ ئىلىپ چىققىلى باغقا كىرىپ تۇردى. كىرەم ھەر قىتىم باغقا كىرىپ كەتسە نىمىشقا پات چىقمايدىغانلىقىغا ئەجەبلەنگەن ئاغىنىلىرى باغنىڭ شورىسىدىن ئۆمىلەپ كىرىپ كىرەمنىڭ مەرىگۇل بىلەن ئىرىق بويىدا يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتقانلىقنى كۆردى. شۇنىڭدىن كىيىن ئىكساقتىكى ياش بالىلارنىڭ ئارسىدا بىر ناخشا تارىلىپ كەتتى. ناخشىنىڭ نامى«گۈلمەرەم»ئىدى. بۇ ناخشا شۇنچىلىك مۇڭلۇق، گۈزەل ئىدىكى، ئاڭلىغانلار كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىپ، ئۇزاققىچە ئىسىدىن چىقمايىتتى.
بىر كۈنلەردە مەرىگۈلنىڭ دادىسى ھەمراباي قىزى بىلەن كىرەم توپچى توغرىسىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ نۇمۇس ۋە غەزەپتىن يىرىلىپ كەتكىدەك بولدى.«نى-نى بەگزادىلەرنى قىزىمغا لايىق كۆرمەي يۈرسەك، قىزىمىز بىر يالاڭتۆش يىتىم ئوغلاق بىلەن تىپىشىپتىمۇ. ۋاي ئىسىت، قىزبالا دىگەننىمۇ باقامدىغان!»دەپ نالە-پەرياد چىكىپ، خوتۇنىغا يەتكۈچە كايىپ ئاخىرى خوتۇنى بىلەن قىزىنى قورۇقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەردىكى پىنھان قورۇ-جايغا يولغا سالدى. كىرەمنىڭ پۇتلىرى ئالدىدا قەشقەرنىڭ يولى قانچىلىك يول ئىدى! ئۇھەپتە، ئون كۈندە بىر قەشقەرگە بىرىپ نو بىشى تەرەپتىكى كوچىلارنى ئارلايىتتى. مەرىگۇلمۇ بەزىدەيالغۇز، بەزىدە بىر قىرى خوتۇننىڭ ھەمراھلىقىدا كوچا تەرەپكە چىقىپ قالاتتى. ئۇ، پەرەنجىگە يۆگەلگەن قىزنىڭ بۇرۇلۇپ لەپپىدە بىر قارىشىدىن، نازۇك بەدىنىنىڭ ئالاھىدە بىر قىياپەتلىرىدىن ئۆزىنى كۆرگىنىنى سىزەتتى ۋە ئۆزىچە قىزىرىپ، ھاياجانلىنىپ، شىرىن خىياللار ئىلكىدە ئارقىسىدىن ئۇزاق قاراپ قالاتتى. قىزنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر كۆرەلىگەن چاغلىرىدا ئۇنىڭغا يولنىڭ يىراقلىقى، ھارغىنىلىق ۋە ئاچلىق، ۋىسال ئارزۇسىنىڭ بىقارارلىقى بىلىنمەي قالاتتى.
ئاق تاغ خۇددى ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالغاندەك ياكى يەر تىگىدىن ئۈسۈپ چىققاندەك ئىكساقنىڭ جەنۇبىدىكى قۇم تاشلىق چۆلدە سىرلىق قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قاراڭغۇ كىچىلەردە، تاڭ سەھەردە ۋە گۇگۇم پەيتىدە ئۇ سۈكۈت ئىچىدە زىمىنغا نەزەر سىلىپ تۇرغان مويسىپىتقا ئوخشىسا، ئايدىڭ كىچىلەردە ياكى ئاپتاپ قاينىغان ياز كۈلىرىدە كىرىستالدەك يالتىراپ نۇر چاچىدۇ. تىخىمۇ يىراقتىن نەزەر تاشلىغاندا ئۇ خۇددى ئىكساقتىن ئىبارەت بۇ قەدىمى يۇرۇتنىڭ بىشىدىكى ئوتىغاتتەك كۆرۈنىدۇ. تارىختىن بۇيان بۇ شىخىل تاشتا بۇ يۇرۇتتا، بۇ يۇرۇت ئەتىراپىدىكى كىچىك-كىچىك بوستانلىقلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرگە ئىگە بىر قوۋمى ياشىغان. بۇ يۇرۇت خەلىقىنڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى جاھان كىزىش بولسا كىرەك.
يەرنىڭ ئۈنۈمسىز، قۇرغاقلىقى ۋە قىستاڭچىلىق ئۇلارنى باشقىلاردىن تىرىشچان، چىداملىق قىلىپ يىتىلدۈرۈپلا قالماي، جاھان كىزىپ باشقىچە تىرىكچىلىك يولى تىپىشقا مەجبۇر قىلغان. نەتىجىدە ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تاغ-داۋانلاردىن ئىشىپ، چۆل-باياۋان،دىڭىز-ئوكيانلاردىن ھالقىپ دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرىدە ئاياغ ئىزلىرىنى قالدۇرغان. بارغانلا يىرىدە روناق تىپىپ، ئۆز يۇرۇتىدىن كۆپ ياخشى ياشىغان. ئەمما ئۇلار ئاشۇ كىچىككنە نامرات، تاشلىق زىمىنىنى زادى ئۇنتۇپ قالمىغان. شۇڭا ئۇ يەر ئۇيغۇرلار يۇرۇتىدىكى تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئەڭ زىچ، دۇنيادىكى يىڭىلىقلار ئەڭ ئاسان ئۆزلىشىدىغان كۆزنەك بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تەقدىرگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. تارىختا شۇنداق بولغان، بۈگۈنمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ مۇسا بايلار. ئاچقان «ھۈسەينىيە»،«ھەبىبىزادە دارىلمۇئەللىمىن» مەكتەپلىرى، مەرىپەتپەرۋەر بايلار ئاچقان ۋە ئىچىۋاتقان تىخمۇ كۆپلىگەن مەكتەپ خۇددى قاراڭغۇلۇق قوينىدا لاۋۇلداپ يانغان مەشئەلدەك كىشىلەرنى ئويغۇتىۋاتىدۇ، ئۈمىدلەندۈرۋاتىدۇ، تىخىمۇ گۈزەل مەنزىرىگە ئىنتلدۇرىۋاتىدۇ……لىكىن ، دۇنيادا ياخشى، گۈزەل ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقمىقى نەقەدەر مۈشكۈل، ئۇنىڭ رەقىبلىرى نەقەدەر كۆپ ۋە رەزىل ھە……
يۇرۇت بىگىنىڭ ئۆيىدىن ئاتلىق چىقىپ كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندى چۇڭقۇر خىياللارغا پاتقاندى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن چىرايى غەزەپتىن قىيسىيىپ، ساقاللىرى تتىرەپ تۇرغان يۇنۇس بەگ ۋە بەگنىڭ مىھمانخانىسىدا تۈكۈرۈكلىرىنى چاچىرتىپ سۆزلەپ«ھۈسەيىنىيەنىڭ» ئوقۇتۇشقا، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا، بولۇپمۇ چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەمنىڭ پۇتبۇل ئوينىشىغا تىل-ئاھانەت ياغدۇرۋاتقان قازى-قۇززات، ئىشان مەزىنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتى ئىدى.
-كونىچە مەدىرسلىرىمىزنىڭ نىمىسى يامان؟ باللىرىمىزنى قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاش-يۇمشاق، تەقۋادار مۇسۇلمان قىلىپ تەربىيلەپ كىلۋاتقىنى، ئاشۇ مەدىرىسە ئەمەسمۇ!
پەننى دەرىس دەپ دىنىمىزغا، «قۇرئان-كەرىم»، ھەدس مۇبارەككە خىللاپ پەتىۋارلارنى تارقىتىپ يۈرسە جاھاننىڭ ئىشلىرى ئىزدىن چىقىپ كەتمەمدۇ! يەر دىگەننى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىر كالا مۈڭگۈزىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ نىرىسىدىكى ئىشلارنى بىر خۇدايىمنىڭ ئۆزى بىلىدۇ. جەدىت ئەپەندىلەر يەر يۇمىلاق توپقا ئوخشايدۇ، توختىماي چۆرگىلەپ تۇرىدۇ، دەپ دەرىس ئۆتكىدەك. ئەگەر ئۇلار دىگەندەك بولسا ماۋۇ پىيالىدىكى چاي نىمىشقا مىدىرلىمايدۇ، تۇرسۇن ئەپەندى قانداقچە يۇمىلاپ كەتمەي بىزنىڭ يىنىمىزدا بەخۇدۈك ئولتۇرالايدۇ، ھا…..ھا…..
بىر ئوبدان باللىرىمىزنى تاغمۇ-تاغ، باغمۇ-باغ چاپتۇرۇپ يۇرۇپ ياۋايىلاشتۇرۋەتتى بۇ ئەپەندىلەر. ھىلىقى پەرەڭلەرنىڭ شەيتان توپى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى. نەگە قارىسا شۇ،كىمنىڭ ئاغزىغا قارىسا شۇنىڭ گىپى. ھەتتا خاتۇن خەقلەرمۇ چەتتە قالمىدى.بالىلا خەلىپەتلەرنىڭ گىپىنىلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلىرنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ كەتتى.
ئاۋۇ ئەمرۇللا بەگنى خىلى ئوڭلۇق ئادەم دەپ يۈرسەك، ئۇششاق بالىلارنى باشلاپ تاش مەسچىتنىڭ يىنىدىكى قۇملۇققا مىلتىق دورىسى كۆمۈپ پارتىلىتىپ، «يانار تاغ» مۇشۇنداق پارتىلايدۇ، دەپ يۈرۈپتۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولامدۇ يا ئەرۇللا ئەپەندىنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولامدۇ! سىلى دەپ باقسىلا تۇرسۇن ئەپەندى، سىلى چوڭ يەرلەردە ئوقۇغان، چوڭ ئىشلارنى كۆرگەن ئادەم. بىزنىڭ يۇرۇتتىكى بۇ ئىشلار قالايمىقانچىلىق، دەھرىيلىك بولماي نىمە؟! بۇ ئىشلارنى دوتەي ئالىيلىرى ئاڭلاپ قالىدىغان بولسىغۇ، كۆرگىلىكى بار بۇ ئەپەندىلەرنىڭ.
ئىگىز پاپاخ، ئاق كۆينەك ئۈستىگە بەدىنىگە چىپپدە كىلىدىغان خورما رەڭ تون كىيگەن تۇرسۇن ئەپەندى يوغان سەللىك، پار-پۇر تونلۇق، يوغان قورساق قازى-قۇزاتلارنىڭ ئارىسىدا چاققان، خۇشپىچىم كۆرۈنەتتى. ئۇ بىر قىشنى سەل ئىگىز كۆتۈرۈپ، نىپىز لەۋلىرىىڭ بۇرجىكىدە سۇسقىنە كۈلۈمسىرگەن پىتى ئۇلارنىڭ قايناشلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇردى. ئۇ ئۇلارغا بۇنىڭدىن 430يىللار ئىلگىرى پەرەڭلەرنىڭ ئىتالىيە دىگەن يىرىدە دىنى ئۆلىمالار بىلەن بىر ئالىم ئوتتۇرسىدا دەل مۇشۇنداق مۇنازىرلەرنىڭ بولغانلىقىنى، كوپىرنىك ئىسىملىك بۇ ئالىم يەر شارى قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان ئادەتتىكى بىر پىلانىت دىگەن قارىشىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت نەزەربەنىت ئىچىدە ياشاپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكەن ئالىم گاللىنىڭمۇ كوپىرنىڭ تلىماتىنى ياقلىغانلىقى تۈپەيلى كوپىرنىڭ بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغانلىقى، 1600-يىلى گىئوردانو برونۇ ئىسىملىك بىر ئالىمنىڭ كوپىرنىك تەلىماتىنى تەشۋىق قىلغانلىقى تۈپەيلى رىم مەيدانىدا ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى….لىكىن، بۇ نەزەربەنىت ۋە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشلەر بىلەن بۇ ئىلمى يەكۈن يوقالمايلا قالماستىن، بۇلۇتلارنى يىرىپ چىققان قۇياشتەك چاقناپ، ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلشنى ۋە ئىنسانىيەت مەدىنىيتىنى زور بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلەتكىنى…..دەپ بەرگۈسى كەلدى. ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ چىرايىغا بىر-بىرلەپ نەزەر سىلىپ بۇ نىيتىدىن ياندى. ئاچكۆزلۈك، تەمە ۋە نادانلارچە مەنمەنلىك قاپلىغان بۇ چىرايلا ئۇنىڭ رايىنى قايتۇرغان ئىدى ئۇلا سۆزلەپ ھارغاندا ئالدىرماي گەپ باشلىدى:
ھەر قايسىلىرى بۇ يۇرۇتنىڭ مۆتىۋەرلىرى، كاتتىلىرى. ھەرقايسىلىرى كىچە-كۈندۈز يۇرۇتىمىزنىڭ غىمىنى يىيىشتىلا.ھەر قايسىلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەلىرىگە ئەمەل قىلماي ھەددىمىز ئەمەس، چوقۇم ئەمەل قىلىمىز، لىكىن بىزمۇ ھەرقايسىلرنىڭ ئىككى ئىغىز گىپىمىزنى ئاڭلاپ قويۇشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. ھەر قايسىلىرى ئاق تاغقا چىقىپ باققان بولۇشلىرى مۇمكىن. تاغدىن پەسكە قارىساق بىزنىڭ بۇ ئىكساق ئالقانچىلىكلا كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى قايراق، بەيساق، تاقۇت، يولچىلارنى قوشقاندىمۇ ئۇ يەنىل ئالقانچىلىك يۇرۇت. دۇنيادا تاغنىڭ نىرىسىدا تاغ، يۇرۇتنىڭ نىرىسىدا يۇرۇت، دەريانىڭ نىرىسىدا دەريا، ھەتتا قاتمۇ-قات دىڭىز- ئوكيانلار بار. ئاشۇ تاغلارنىڭ، دىڭىز-ئوكيانلارنىڭ نىرىسىدا نۇرغۇن ئادەملەر بار. ئاشۇ تاغلارنىڭ، تاغلارنىڭ، دىڭىز-ئوكيانلارنىڭ نىرىسىدا ھىساپسىز نۇرغۇن ئادەملەر بار. ئاشۇ ئادەملەر نى-نى ئىشلارنى قىلۋاتىدۇ، ئاجايىپ يوغان دۇربۇن، تىلىسكۇپلارنى ياساپ يۇلتۇزلارنىڭ سىرنى ئىچىۋاتىدۇ، يەر ئاستىدىن خىلمۇ-خىل بايلىقلارنى قىزۋاتىدۇ.ماشىنا، ئايرۇپىلان، پاراخۇت، پويىزلارنى كەشىپ قىلىپ ئالتە ئايلىق يولىنى بىر كۈندە بىسىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنى ئىلىم-پەنگە، مائارىپقا تايىنىپ قىلۋاتىدۇ. ئۇلار ياراتقان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمغىلى، شەك كەلتۇرگىلى بولماس. بىز مۇشۇ يۇرۇتتىن چىقماي ئولتۇرۋىلىپ ئاكاڭ قارىغاي ھەممىدىن كاتتا، دەپ جاھاندىكى ھەممە ئىش،ھەممە يەر بىر قىلپتا دەپ قارىساق بولماس. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام بۇخارايى شەرفنىڭ ئۆلىمالىرىدىن«ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىپ» دىگەن پەتىۋانى ئىلىپ كەلمىدىمۇ؟! يۇرۇتىمىزدىن چىققان مۇسا ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى چەتئەللەرنى كۆرۈپ، يۇرۇتىنى ئويلاپ، خەلقىمنىڭ كۆزى ئىچىلسۇن جاھالەتتە قالمىسۇن، دەپ«ھۈسەينىيە»نى بەرپا قىلمىدىمۇ؟! ئەمدى تەنتەربىيەگە كەلسەك، ئۇسۇلى جەدىت ئەقلى تەربىيە بىلەن بەدەن تەربىيىسىگە تەڭ ئىتىبار بىرىدۇ. بەدەن چىنىقتۇرغاندا روھى ۋە جىسمانى ئىللەتلەردىن خالى بولغلى بولىدۇ. جۇشقۇن روھ ۋە ساغلام بەدەنسىز ھىچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولماس. ھەر قايسىلىرىمۇ باللىرىمىزنىڭ، دىھقانلىرىمىزنىڭ روھىدىكى جۇشقۇنلۇقىنى كۆرۋاتىدىغانلا. پىقىرنىڭ قارشىچە بۇ يامان ئىش ئەمەس. بىز خەلقنى سۇغا ئوخشاتساق، توختام سۇ چىرىندە بىلەن تولغان ئۆلۈك سۇدۇر. ئىقىپ تۇرغان جۇشقۇن سۇلار ساپ، تازا ۋە تىرىك سۇ ھىسابلىنىدۇ. بۇ ۋاجىدى ئالغاندا بەدەن چىنىقتۇرغاننىڭ نىمىسى يامان؟ ئۇ نىمە سەۋەپتىن ھەرقايسى زاتى مۇبارەكلىرىمىزنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدىكىن؟
يۇرۇت چوڭلىرى بىر پەس بىر- بىرگە قارىشىپ جىم بولۇشۇپ كەتتى. كىيىن ئۆز-ئارا كۇسۇرلىشىپ ، دىمىقىنى قىقىپ، گاللىرىنى قىرىپ تۇشمۇ-تۇشتىن سۆز باشلاشتى:
—تۇرسۇن ئەپەندىم، سىلىنىڭ دىگەنلىرىنى بىزمۇ بىلىمىز. ئۇيەرلەرگە بارمىساقمۇ بارغانلاردىن ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. لىكىن ئۇلار كىم؟ بىز كىم؟ بىزنىڭ دىنىمىزمۇ، ئۆرىپ ئادىتىمىزمۇ، تۇتقان يولىمىزمۇ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنچە يىلدىن بۇيان بىز ئۇلارسىزمۇ ياشاپ، يولنى ئوڭ مىڭىپ كەلدۇق ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە خەقنى دورايمەن دەپ ئوڭدا چۈشمەيلى يەنە! بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىغىمۇ بەك كايىپ كەتكۈچىلكىمۇ يوق. خۇدايىم بىزگە بۇ دۇنيالىقنى بەرمىگەندىكىن بىز خەق نامىزىمىزنى ئوقۇپ، شەرەئەت يولىنى تۇتۇپ، سىڭگەن نانىنى يەپ، تىنىچ ئۆتسەك بولارمىكىن.
ئۇدۇنيا، ئۇ دۇنيا دەپلا مۇشۇ كۈنگە قالغان خەق بىز. ئۇنداق بولسا خۇدايىم بىزنى بۇ دۇنياغا- مۇشۇنداق گۈزەل، باي-باياشات بىر زىمىن ئۈستىگە نىمە دەپ ياراتتى؟ يارتقۇچى مەن، يارالغۇچى ئۆزۈڭ دىمىدىمۇ! بىزمۇ ئادەمغۇ! بولدى، بۇ گەپلەرنى مۇشۇ يەردە قويۇپ ھەر قايسىلىرىغا مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزەي. باھاۋۇدۇن ھاجىم چەتئەللەردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پات ئارىدا يۇرۇتقا يىتىپ كەلگۈدەك. ھاجىم كەلسىغۇ قاراپ تۇرماس. لىكىن بىز ھازىر تازا ئۈزۈكچىلىك ئىچىدە تۇرۋاتىمىز. بالىلىرىمىز قىينىلىپ قالمىسا بولاتتى. ھەر قايسىلىرىغا ئايان بولغىنىدەك، يىقىندىن بۇيان مەكتىپىمىزدە ئوقۇيدىغانلار ھەسىلەپ كۆپەيدى، خىراجەت بولسا يەنە بۇرۇنقىدەك. شۇڭا ھەرقايسىلىرىنى جامائەت ئىسكىلاتىدىن بىرىلىدىغان ياردەمنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ بەرسە دىگەن ئۈمىدە بىز. بولسا، جاۋابىنى ھازىر ئېلىپ كەتسەم.
يۇرۇت چوڭلىرى يەنە بىر نۆۋەت جىم بوپ كىتىشتى. بۇ جىمجىتلىق خىلى ئۇزاق سوزۇلدى. ئۇلارنىڭ رايىچە بولسا خىراجەتنى كۆپەيتىش ئەمەس، بەلكى پەقەتلا بەرگۈسى يوق ئىدى. ئەمما باھاۋۇدۇن ھاجىم راستىنلا كىلىپ قالسا ئۇ كىشىگە يۈز كەلگىلى بولمايدۇ-دە. ئۇ دىگەن ئۇنداق-مۇنداق ئاددەم ئەمەس، دۇنيانىڭ يىرىمى تونۇيدىغان كاتتا باي. ھىلىغۇ قەشقەردىكى چوڭلارئىكەن ئۆلكىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ھۆرت-پۆرت دىيەلمەيدۇ، ئاشۇنداق بىر ئادەمگە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ دەپ ھىچكىم ئىيىتىيالمايدۇ….
باھاۋۇدۇن ھاجىمىنىڭ نامى تىلغا ئىلنىشى بىلەنلا ھەممە نارازىلىقلا قايناپ تۇرغان قازانغا سۇ قۇيۇلغاندەك بىسقىپلا قالماي، خىراجەت ئىشىمۇ ھەل بولدى. تۇرسۇن ئەپەندى دەيدىغانلىرىنى دەپ، مەقسىدى ھەل بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى ئوڭچە قالدۇرۇپ، ئۆزرە سوراپ قايتىپ چىقتى…
تۈنۈگۈن ئاتچىلار ئەۋەتكەن كىشىدىن باھاۋۇدۇن باينىڭ يۇرۇتقا كىلىدىغانلىق خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆڭلىدە ئىللىق بىر سىزىم، بىر خۇشلۇق پەيدا بولدى. ئەينى يىللىرى باھاۋۇدۇن باي مۇشۇ يۇرۇتلۇق ئون نەچچە بالىنى تۈركىيىگە ئوقۇشقا يولغا سالىدىغان چاغدا ئۇنىڭ بىشىنى سىلاپ، پىشانىسىدىن سۆيگەندىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئاشۇنداق ئىللىق سىزىم، خۇشلۇق پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا باھاۋۇدۇن باي ياش، قاۋۇل ئىدى. مەخمەلدەك قويۇق، قاپقارا قاشلىرىنىڭ قۇيرۇقى بىشىدىكى ئىگىز پاپاخنىڭ ئىچىگە قەدەر سوزۇلغان بولۇپ، ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن، كىشىگە سەمىمىي، ئىللىق بېقىشلىرىدىن، گەپ سۆزلىرىدىن بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك، مىھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى.ئۇ:
بالىلىرىم تىرشىپ ئوقۇپ، يۇرۇتىمىز خەلىقىمىزگە كىرەكلىك ھەممە نەرسىنى ئۈگنىۋىلىڭلار، بىز سىلەرنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز، ئاتۇش خەلق سىلەرنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ…دىگەن ئىدى.
ئۇ بىر كەتكىنىچە تۈركىيىدە ئون يىلچە تۇرۇپ قالدى. دەسلەپتە قىسقا كۇرۇسلاردا، كىيىن ئالى بىلم يۇرۇتى«سۇلتانەم»دە ئوقۇدى. بۇ جەرياندا باھاۋۇدۇن باي تاپىلىغاندەك، ئۆزى يۇرۇتىمىزغا كىرەكلىك دەپ قارىغان ھەممە نەرسىنى-ھىساب، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ،جۇغراپىيە، رەسىم، مۇزىكا، ئاستىرونومىيە، ھىسابات باشقۇرۇشنى، تۈرۈكچىنىلا ئەمەس،ئىنگىلىز، فىرانسۇز تىللىرنىمۇ ئۈگەندى. تەنتەربىيە، توپ تۈرلىرنىڭ ھەممىسىگە ماھىر بولۇپ يىتىشتى. ئاخىر ۋاقتى سائىتى كىلىپ ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدا تۈركىيىدە تونۇشقان، ئارلاشقان دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا چىدىماي قىلىشتى. ئىست، ئاشۇ چەت قالاق يەرگە سەندەك ئادەم بىكار كىتىسەن، دەپ ئەپسۇسلىنىشتى.ئۇنى كاتتا خىزمەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتى.ئەمما ئۇ ئاشۇ بىلىم ماھارەتلىرىنى يۇرۇتى، خەلىق ئۈچۈن ئۈگەنگەندى. ئۇ ئۈگەنگەنلىرنىڭ بىرنى قالدۇرماي يۇرۇتى ۋە خەلقىگە تەقدىم قىلشى كىرەك ئىدى. شۇنچە يىلدىن بىرى ئۇ ئەقىدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆيۈپ پىشتى،ھەريان چاپتى، كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى. ئۇۋالچىلىق، ھاقارەت، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچىرىغاندىمۇ، ھاياتى خەۋىپ ئاستىدا قالغاندىمۇ ئۆز يولىدىن تەۋرىنىپ قالمىدى. ئۇ، مائارىپنىڭ مەنىلىك ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكگە چىن دىلىدىن ئىشىنەتتى. مائارىپ بىلەن ئۆز يۇرۇتىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا كۆز يىتەتتى.شۇڭا ئۆز تەقدىرىنى، بارلىق ئارزۇ ئارمىنىنى، بەخىت ۋە ئازابىنى «ھۈسەيىنىيە»نىڭ ئىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۋەتكەندى .
«ھۈسەيىنىيە» ھەقىقەتەنمۇ بىر مەشئەلگە ئوخشايىتتى. ئۇ جاھالەت، نادانلىق قاپلىغان بۇ زېمىندا نەچچە ئەۋلاد مەرىپەت تارقاتقۇچىىلارنىڭ جانىنى- جانغا ئۇلاپ قولدىن-قولغا يەتكۈزىشى بىلەن 40يىل ياندى. ھەرقىتىم ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، دەھشەتلىك بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلگەندە ئۇ سۇسلاپ ئۆچۈپ قىلىش گىردابىغا بىرىپ قالسىمۇ، بوران توختاپ، سۈزۈك ئاسمان يۈز ئاچقاندا تىخىمۇ يالقۇنجىدى، لاۋۇلداپ ئۇلغايدى.
تۇرسۇن ئەپەندى بىشىنى كۆتۈرۈپ يىراقلارغا، ئىگىز سەگۈ تىرەكلەرنىڭ نىرىسىدىكى شىغىل تاشلىق چۆللەرگە، ھەيۋەتلىك ئاق تاغقا قارىدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئاق تاغ چوقىسىدا راستىنلا بىر مەشئەل لاۋۇلداپ يىنىۋاتقاندەك، مەشئەلنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن دىھقان بالىسى تىقما-تىقما بولۇپ ئالغا ئىنتىلىپ تۇرغاندەك كۆرۇندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر قولىدا قەلەم، بىر قولىدا توپ بار ئىدى. قەلەم ئۇلارنى ئىلىم ئۈگنىشكە ئۈندىسە، توپ ئۇلاردا غورۇر ۋە ئىشەنچىنى، ھەر بىر كىشى كۆپچىلىك ئۈچۈن، كۆپچىلىك ھەربىر كىشى ئۈچۈن دەيدىغان جەڭگۈۋار بىرلىكىنى يىتىلدۈرگەنىدى.
تۇرسۇن ئەپەندى ئارقا تەرىپىدىن چىپىپ كىلۋاتقان ئاتنىڭ تۇياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ سەگەكلەشتى. بىر قىتىم كۈپكۈندۈزدە ئاشۇنداق بىر ئاتلىق ئارقا تەرەپىدىن كىلىپ ئۇنى چوماق بىلەن ئۇرۇپ يىقىتماقچى بولغان، ئەنەشۇنىڭدىن كىيىن ئۇ يالغۇز ۋاقىتلىرىدا ئەتراپىدىكى شەپىلەردىن ھۇشيار تۇرىدىغان بوپقالدى.ئۇ، يولنىڭ چىتىگىرەك چىقىپ، كىلىۋاتقان ئاتلىققا يول بەردى. ئاتلىق تىز كىلىۋاتاتتى. ئۇ يىقىنلاپ كىلىپ: «تىنىچ-ئامانلىقمۇ موللا ئاكا. مەن سەندىن ئەنسىرەپ بەگنىڭ ئۆيىگە بارسام، سىنى كەتتى دىيىشتى. كەينىڭدىن ئالدىراپ يىتىپ كىلىشىم…»دىگەندىلا تۇرسۇن ئەپەندى كەينىگە قاراپ كۈلۈمسىردى. ئۇ مۇشۇ كەنىتلىك مۇسا پالۋان دىگەن يىگىت ئىدى. ئۇلار تۇرسۇن ئەپەندىنى بىر تۇغقان قىرىندىشىدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆز قۇلاق بولۇشاتتى.
-تىنىچلىق، رەھمەت ساڭا مۇسا، كەلمىسەڭمۇ بولاتتى. ھە، توپخانىدا مۇسابىقە باشلىنىپ كەتكەندۇ ؟
سىنى ساقلاپ قىلشتى، ئەپەندىم ئۆزى باش بولۇپ بەرسە دىيىشىۋاتىدۇ.تىزرەك ماڭايلى ئەمسە،- ئۇلار ئاتنى قامچىلاپ ئىتتىك يۈرۈپ كەتتى.
ئاپرىل كىرىشى بىلەن چىنباغ ئاجايىپ گۈزەللىشىپ كەتتى. باغ ئەتراپىدىكى تىرەكلەر پوتلا تاشلاپ، نازۇك يىشىل يوپۇرماقلارنى چىقاردى.
يول بويىغا تىكىلگەن تۇخۇمەك دەرەخلىرى، قارىياغاچ،سىدە، ئەرمۇدۇن دەرەخلىرى تۈگۈچلىرنى يىشىپ، خىلمۇ-خىل شەكىللىك يىشىل يوپۇرماقلىرىنى يىيىشتى. يول بويلىرىدىكى بوش يەرلەرگە ياتقۇزۇلغان چىملار يىشىل مەخمەلدەك تاۋلىناتتى. باش باھاردىكى بۇ يىشىللىق كۆزگە ۋاللىدە كۆرۈنۈپ، كۆڭۈللەرنى يايرىتىدىغان بىر خىل پاك، يۇمران يىشىللىق ئىدى.
گىللئان خانىم كۈنگەي تەرەپتىكى بىر تۈپ ئۈرۈكنىڭ چىچەكلىگنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدىكى خۇشلۇقىدىن ھۇزۇرلىنىشقا تىخى ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. ئەتىسىلا قورۇدىكى ۋە باغدىكى ئالما، ئۈرۈكلەر غۇچىچىدە چىچەكلەپ كىتىشتى.
پاكار،ۋىجىك، مىسرەڭ چىرايى قات-قات قورۇقلار بىلەن تولغان باغۋەن گۈللۈكتە ئىشلەپ يۈرەتتى. ئۇ ئىڭىشىپ تۇپراقتىن ئەمدىلا بىخ يىرىپ چىققان يۇمران مايسىلار بىلەن گەپلىشىۋاتقاندەك بىر نىمىلەرنى دەيىتتى. گىللئان خانىم تەرجىماندىن سوراپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ گۈللەرگە:«تىنىچ-ئامان ئۈنۈپ چىقىۋالدىڭلارمۇ بالىلىرىم؟ قورۇقماڭلار ياخشى كۈنلەر ئەمدى كىلدۇ، ئاپتاپتا ئىتىتىك-ئىتىتىك ئۆسۈڭلار…»دىگەنلىكىنى بىلىپ نەچچە كۈنگىچە كۈلۈپ يۈردى. باغۋەن كونسۇلخانىدىكى چەت ئەللىكلەرگە ئۆزىچە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويۇۋالاتتى ۋە شۇنداق چاقىراتتى،بۇ ئىسىملار بارا-بارا ئومۇملىشىپمۇ قالاتتى. ئۇ گىللئان خانىمنىڭ مارگارېتا دىگەن ئەسىمنى ئېغىزغا كەلمەيدىكەن، دەپ ياراتماي،«مەريەمخان دەپ چاقىراتتى. گىللىئان ئەپەندىنى جىلىلئاخۇن، كونسۇلخانىغا تولا كىلىدىغان ئىسمى بەكمۇ مۇرەككەپ قىرى مىسسسئونېرنى «گىلدىڭباش ئەپەندى» دەيىتتى. گىللئان خانىم ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە ئامراق ئىدى.
گللىئان خانىم باھار مەنزىرسىدىن ئىلھاملىنىپ بۈگۈنگە چاقىرىپ قويغان مىھمانلارنى باغدا كۈتمەكچى بولدى. خىزمەتكارلار ئۇنىڭ تاپشۇرقى بىلەن سىپىل تەرەپتىكى چوڭ بىر تۈپ ئۈرۈكنىڭ ئاستىغا ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى تىزدى. ئۈستەلگە پاكىز ئاق داستىخان سىلىپ، سالېفىتكا، تەخسە،ۋېلكا-قوشۇق، رۇمكىلارنى تىزىپ تەييار قىلدى. لوندۇندىكى داڭلىق ئۇستىنىڭ قولىدىن چىققان سۇس كۈلرەڭ شىم-كاستومنى كىيىپ، گالىستۈك تاقىغان كونسۇل گىللئان ئەپەندى بىلەن ياقا ۋە مەيدىسىگە تور تۇتقان، ئۆرە ياقىلىق ئاق كوپتا، ئۇزۇن قاتلاق يوپكا كىيگەن،مۈ.رىسىگە نىپىز تورنى يىپىنچا تاشلاپ، سىرىق چىنگىلەك چاچلىرىنى ئارقىسىغا تۈرىۋالغان گېللئان خانىم مېھمانلارنى قىزغىن كۈتىۋىلىپ، ئىنگلىز پاسونىدىكى ئېگىز يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقلارغا باشلىدى. بۈگۈنكى مېھمانلار ياردەمچى كونسول شىرىف ئەپەندىدىن باشقا كونسولخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولغان شىۋىتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلار ئۆمىكى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى يوھان. ئاندىسىن ئەپەندى، شېۋىتسىيىلىك مىسسىئونېر، داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس راكويتىس ئەپەندى،ئەنگىلىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان 1-دۇنيا ئۇرۇشى جەڭ مەيدانىدىكى قانداقتۇر كەچۈرمىشلىرى تۈپەيلى ھەربىي ئىشلار ۋە سىياسيدىن قول ئۈزۈپ، تەقۋادار خىرىستىئانغا ئايلانغان، ئەنگىلىيىدىكى راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشنى تاشلاپ قەشقەرگە كىلىپ شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرى ئۆمىكىدە دىن تارقاتقۇچى بولغان مان ئەپەندى، يەنە شۇ شىۋېتسىيىلىكلەر بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقان ئەنگىلىيىلىك رېچىر خانىم، ئەنگىلىيىلىك ساياھەتچى ۋە مۇخبىر مېچىل ئەپەندى، پامىر ئېگىزلىكى ۋە تەڭرىتاغلىرىىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈپ تۈرگە ئايرىش خىزمىتى بىلەن كەلگەن ئۆسۈملۈكشۇناس فىرانك. لودىلو، ھىندىستان ئارقىلىق قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىە لېيتىنانتى گىرگىسېن ۋە ئۇنىڭ خانىمى، ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن جۇغراپىيىلىك تەكشۇرۇش ئۆمىكىدىن ئۈچ كىشىمۇ بار ئىدى.
مېھمانلار جايلىشىپ، ئۆزئارا تونۇشۇۋالغاندىن كىيىن، تېزلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كىتىشتى.پامىر، قاراقۇرۇم تاغلىردىكى مۇشەقەتلىك يوللارئارقىلىق توشۇپ كىلىنگەن شوتلاندىيە ۋىسكىسى، مەدىنىيەتلىك جەمىيەتنىڭ قاتمۇ-قات قائىدە يۇسۇنلىرى، تىرىكچىلىك غىمى،رىقابەتلىرىدىن يىراق،رىۋايەت تۈسى قويۇق بۇ قەدىمى شەھەر، ئەتراپتىكى ئۆزگىچە باھار مەنزىرسى، ھەممە يەرنى قاپلىغان چىچەكلەرنى ئارلاپ ئۇچۇپ يۈرۈشكەن ھەرە-كىپىنەكلەر….مىھمانلار ۋە ساھىپخاننىڭ كەيپىنى بىراقلا كۆتۈرۋەتكەنىدى.
ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغان لوندۇن ۋە نىيۇ-يۇرك توغرىسىدكى ئەڭ يىڭى خەۋەرلەردىن كىيىن ئۇلارنىڭ پاراڭ تىمىسى تەبئى ھالدا كونسۇلخانا مەنزىرسى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلىشىغا، شىۋىتسىيىلىك مىسسئونېر، ۋىراچ ھەم ئارختىكتور خاۋگىرىگنىڭ لايھىلىشى، قەشقەرلىك تامچىلارنىڭ تىرىشچانلىقدا سىلىنغان كۆركەم ۋە ئەپلىك كونسۇلخانا ئىمارەتلىرى، بۇ ئىشلارغا يىتەكچىلىك قىلغان قەشقەردىكى تۇنجى كونسۇل ماكارتىنى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە، ئۇلارنىڭ يىقىن دوستى- نىمىشقىدۇر قەشقەردە ئۇزاق يىللاپ ئۆزى يالغۇز ياشاپ، ئاخىرى يەككە-يىگانە ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن ھوللاندىيىلىك مىسسئونىر ھىندىركىسقا يۆتكەلدى. كۆپ يىلدىن بۇيان بۇ كونسۇلخانىغا كىلىپ كەتكەن خىلمۇ-خىل ئادەملەر، بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئاجايىپ ۋەقەلەر ئەسلەندى. ئولتۇرغانلار ئىچىدە راكويتىس ئەپەندى قەشقەرگە ھەممىدىن كونا ھىسابلىناتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ئاۋرىل.سىتەيىن،سىۋىن ھىدىن،گىرمانىيلىك فون.لىكوك، ئامرىكىلىق لاتىمۇر قاتارلىق مەشھۇر شەخىسلەر بىلەن كۆرۈشكەن چاغلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىراتىنى قىزقارلىق سۆزلەپ كۆپچىلىكنى جەلىپ قىلىۋالدى. بولۇپمۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيا مىقياسىدا شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى ۋە ئاسار ئەتىقىلىرىگە كۈچلۈك قىزىقىش كۆتۈرۈلگەن، ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ئارخئولوگ، ئىكىپىدىتسىيىچىلەرنىڭ قەدىمى خارابىلىقلاردىن قازغان ۋە يەرلىك كىشىلەردىن سىتىۋالغان ھەددى-ھىسابسىز مەدىنىيەت مىراسىنى ساندۇق-ساندۇقلاپ ئۆز دۆلەتلىرىگە ئىلىپ كىتىۋاتقان شارائىتتا خوتەنلىك كىتابپۇرۇش ئىسلام ئاخۇننىڭ چەتئەللىكلەرنى قانداق كولدۇرلاتقانلىقى توغرىسىدىكى ھىكايە ھەممەيلەنگە قاتتىق تەسىر قىلدى.
ئاشۇ يىللاردا ئەنگىلىينىڭ قەشقەردىكى كونسۇلى ماكارتىنى، روسىيە كونسۇلى پىتروۋىسكىي ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايىدىن كەلگەن ئارخىئولوگلار ئىسلامئاخۇننىڭ قولىدىن نامەلۇم قەدىمكى يىزىقتا يىزىلغان، سارغىيىپ، چىرىپ كەتكەن ھۆججەت، كىتابلارنى سىتىۋالىدۇ. بۇ كىتابلار كالىكۇتتا، سان-پىتىبۇرگ، لوندۇن، پارىژنىڭ كىتابخانا ۋە كۈتۈبخانىلىرىدا پەيدا بولىدۇ. دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئالىم بۇ« قەدىمكى يىزىق» نىڭ مەنىسىنى يېشىش يولدا تىرشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەنگىلىيلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى سىر رودولف. خوئىنلى بۇ «قەدىمكى يېزىق» ئۈچۈن قىممەتلىك بەش يىل ۋاقتىنى سەرىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى بۇ كىتابلارنىڭ ئىجادچىسىنىڭ ئىلىپنىڭ سۇنۇقىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر ئۇششاق تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. سىتەيىن يەنە بىر قىتىم شىنجاڭغا كەلگەندە خوتەن ئامبىلى فەن دارىننىڭ يادىمىدە ئىسلام ئاخۇن بىلەن كۆرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇستىلىق بىلەن ئەيىنى يىللاردا ئۆزىگە سىتىپ بەرگەن كىتابلارنىڭ كىلىش مەنىبەسى توغرىسىدا گەپ ئالىدۇ. ئەسلىدە ئىسلامئاخۇن ۋە ئۇنىڭ شىرىكلىرى خوتەن قەغىزىنى توغراق يىلىمىنىڭ سۈيىگە چىلاپ سارغايتقاندىن كىيىن قەغەزنى كونا كىتاپقا ئوخشاش كىسىپ، تۈپلەپ، خەتكە ئوخشاش بىر نىمىلەرنى سىزىپ قويىدىكەن-دە،سىۋەتكەسىلىپ ئوچاقنىڭ مورىسىغا بىر-ئىككى ئايغىچە ئىسىپ قويىدىكەن….دۇنيادىكى نى-نى ئالىم، ئارخئولوگنى نەچچە يىللاپ قايمىقتۇرغان بۇ« قەدىمكى يىزىقتا يىزىلغان كىتابلار »نىڭ بارلىق كىلش جەريانى ئەنە شۇنداق ئاددى مۈكەممەل ئىكەن.
بۇ ۋەقەگە قارىتا سورۇندىكىلەرنىڭ ئىنكاسى ھەرخىل بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى، بولۇپمۇ دىن تارقاتقۇچىلا بۇ يەردىكى ئاھالىنى چۈشكۈن، خۇراپى دىنى ئاسارەت ئىلكىدە گۇناھقا پىتىپ ياشاۋاتقان دوزىخيلار، دەپ بىلگەنلىكتىن ئىسلام ئاخۇننىڭ قىلمىشىنى كەچۈرگۈسىز ئالدامچىلىق دەپ ئەيىبلەشتى. لىتنات، مۇغبىر ۋە جۇغراپىيشۇناسلار :ئۇ ھەقىقەتەن تالانتىلق سودىگەر ئىكەن، دىدى. راكويىتس ئەپەندى ئۆزى يىغىپ توپلىغان بىر نەچچە كوپلىت ئۇيغۇرچە قوشاق ۋە ماقال تەمسىلنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەندە بولسا ھەممەيلەن ئىختىيارسىز ئاپىرىن ئوقۇشتى. گىللئان خانىم ھەممىدىن ھاياجانلىنىپ:
بىز ئۇلارنىڭ ھىسياتىنى ھىچقانچە چۈشەنمەيمىز. مىنىڭچە، ئۇلار بىز ئويلىغاندەك نادان ئەمەس. يەنە بىرى، سىلەرمۇ دىققەت قىلدىڭلارمىكىن، ئۇلاردا تۇغما ئىسل سۈپەتلىك بار. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى، بوۋايلىرى نىمىدىگەن سالاپەتلىك ھەم مەردانە، ئاياللىرى نىمىدىگەن سۈلكەتلىك. ئۇلاردا گۈزەللەر بەك كۆپ. ئۇلارنىڭ ناخشا-مۇزىكىللىرى ،ئۇسۇللىرىمۇ بەك گۈزەل… ئۇ سەل ئويلىنىۋىلىش ئۈچۈن بىشىنى كۆتۈرۈپ، نىرىدىكى گۈللۈكتە ئىشلەپ يۈرگەن باغۋەننى كۆردى-دە سۆزىنى داۋام قلدى:- ئاۋۇ قىرى ئادەم دائىم گۈللەر بىلەن، ھايۋانلار بىلەن گەپلىشىدۇ. يىڭى ئۈنۈپ چىققان مايسىلارغا قاراپ:« تىنىچ-ئامان ئۈنۈپ چىقالىدىڭلارمۇ؟ ئەمدى قورۇقماڭلار،مەن بار» دەيدۇ. ماڭا بۇگەپلەردە چوڭقۇر شىئرى مەنا باردەك تۇيۇلىدۇ….
ياش ھەم جۇشقۇن ياردەمچى كونسۇل ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلدى:
ئىنچىكە كۈزەتسەك، بۇ ئادەملەردە ھەقىقەتەن بىر خىل سۈپەت بار. ئۇلار ھەم بەك ئەقىللىق، ئەمما ئۇلارنى چۈشەپ تۇرغان نەرسىلەر بەك كۆپ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھەم ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى بايقىيالمىغان ھەم ئۇنداق شارائىتمۇ يوق.
ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە. بىر قەدىمى مىللەت سۈپتىدە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەلۇم ئالاھىدە تەرەپلەر مەۋجۇت،- دەپ سۆزىنى قاتتى ئاندسن ئەپەندى،- لىكىن نىمشقىدۇر ئۇلاردا ۋەتەن، مىللەت ئىڭى يوق، بۇلار ناماز ئوقۇش بىلەن قورسىقىدىن باشقا نەرسىنى ئويلىمايدۇ. مىللىتىڭ نىمە دىسە، مەن مۇسۇلمان ياكى قەشقەرلىك، دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋاش، ئىتائەتمەن كىلىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇلار باشقا مىللەتلەر تەرپىدىن باشقۇرۇلۇشقىلا مۇۋاپىق كىلىدۇ.
مەن قەدىمى قەشقەرلىكلەر بىلەن شىۋىتسىيىلىكلەر ئوتتۇرسىدا قانداقتۇر باغلىنىش بارلىقى توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان،- دىدى مۇخبىر ھەم ساتاھەتچى مېچىل ئەپەندى كۈلۈمسىرەپ، – شىۋىتسىيىلىك مىسسئونىرلارنىڭ مۇشۇنداق جاپالىق جايىدا، يەرلىك كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلىك بىلەن قارشى ئاستىدا شۇنچە كۆپ ئىشنى قىلشى ئەنە شۇ قەدىمى رىشتىنىڭ سەۋەبىدىنمۇ، قانداق؟
—بۇ رىۋايەت ئەمەس،- دىدى راكويتىس ئەپەندى،- دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى يىل نامىللىردە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كاسكارىت دىگەن شەھەردىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرلەر بولغان، بەزى ئالىملىرىمىز بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئىزدىنىپ مەخسۇس ئەسەرلەرنى يازغان.ئەمما بۇ ھىچ نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. تەكلىماكان قۇملىقى بىلەن شىمالى قۇتۇپ ئوتتۇرسىدا پەرق قانچە زور بولسا، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋىتسىيەلىكلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرقمۇ شۇنچە زور.
ھىندىستانلىق ئاشپەز ئوخشىتىپ ئەتكەن پۇدىڭنىڭ داستىخانغا كىلىشى بىلەن پاراڭنىڭ تىمىسى ئۆزگەردى. ئۇلار گىللئان خانىمنىڭ مول داستىخىنى ۋە مىھمان دوستلىقىنى مەدىھيلىشىپ تاماققا تۇتۇش قىلىشتى. شۇنىڭدىن كىيىن خىلىغىچە پاراڭ تازا قولاشمىدى. تاماق يىيلپ بولغاندا بۈگۈنكى بۇ سورۇندا ناھايىتى ئاز سۆزلەپ،تارتىنىپ ئولتۇرغان سىرىق چاچ، ياشقىنە جۇغراپىيشۇناس:
—مەن بۇ قىتىمقى سەپىرىمدىن ناھايىتى مەمنۇنمەن،- دەپ سۆز باشلاپ قالدى،- شىنجاڭنىڭ تاغلىرى كارامەت ھەيۋەتلىك، كۆركەم ئىكەن، ئادەمدە ئىختىيارسىز ھۆرمەت قوزغايدىكەن. تەكلىماكان قۇملۇقى ماڭا مەۋىج ئۇرۇپ تۇرغان ھالىتىدە دىڭىزنى ئەسلەتتى. بەلكىم ئۇ تىخىمۇ سەلتەنەتلىك، سىرلىق يەنە بىر خىل دىڭىزدۇر. مەن بۇشۇنداق بىر زىمىندىن يارىماس جەلىقنىڭ چىقىشىنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. مىنىڭچە، ئۇلار ھامان بىر كۈنى ئويغىنىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قەدىر-قىمىتىنى تونۇپ يىتىدۇ.
كۆپچىلىك مۈرەككەپ خىياللار ئىلىكىدە بىدەم جىم ئولتۇرۇشۇپ قالدى ئارىدىن كىمدىن بىرى:
—مۇمكىن ئەمەس، بۇ خەلىق مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئۇلارنى ئويغىنىدۇ دىگەندىمۇ، بۇنىڭغا يەنە ئاز دىگەندە مىڭ يىل بار،- دىدى.
—كەچۈرڭلار، بۇ گەپلەرنى قىلشمايلى،كۆز ئالدىمىزدىكى گۈزەل باھار مەنزىرسىدىن ھوزۇرلىنايلى، مۇزىكا ئاڭلايلى، تانسا ئوينايلى….
گىللئان خانىم چەتتىكى ئۈستەلگە قويۇلغان پاتىفۇننىڭ ئالدىغا بىرىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان«باھار ساداسى» دىگەن ۋالىس مۇزىكىسىنى قويدى. تونۇش-گۈزەل مىلودىيە، يەر-جاھاننى قاپلىغان ئاپئاق چىچەكلەر، زەڭگەر ئاسماندا ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۈزۈپ يۈرگەن يۇپقا بۇلۇتلار مىھمانلارغا ئۆزلىرىنى خۇددى ۋىنا شەھىرىنىڭ يىنىدىكى ئورمانلىقلاردا سەيلە قىلۋاتقاندەك خىيالى بىر تۇيغۇ بەخش ئەتتى. گىللئان ئەپەندى بىلەن خانىمى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ليىتىنانىت بىلەن ئۇنىڭ ياش، چىرايلىق خانىمى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ۋالىس ئاھاڭىغا كەلتۈرۈپ يەڭگىل ئايلىنىشقا باشلىدى. شىرىف ئەپەندى بىلەن رىچىر خانىممۇ ئولتۇرالماي ئوتتۇرىغا چۈشمەكچى بولۇشتى….دەل شۇ پەيىتتە، سىپىلنىڭ ئارقىسىدىنلا بىر ئۇيغۇر ئەركىشىنىڭ ياڭراق ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپ پاتىفۇن ئاۋازىنى بىسپ كەتتى. ئۇ قوپال، سەل غاژ-غۇژ، ئەمما جەلىپكار ئاۋاز خۇددى ئۆز مەۋجۇتلىقنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك يوچۇن، ساددا، ئەمما خىللا يىقىملىق بىر ئاھاڭغا جىنىنىڭ بارىچە توۋلايىتتى….
تانسا ئويناۋاتقانلارمۇ، ئوينىماقچى بولىۋاتقانلارمۇ توختاپ قالدى. ھەممەيلەن ئىىتىيارسىز باشلىرىنى بۇراپ ئاشۇ ناخشىغا قۇلاق سالدى. سىپىل كەينىدىكى يولدىن ئىشەك مىنىپ كىتىۋاتقان يولۇچى ياكى كەتمەننى مۈرىسىگە سىلىپ بىرەر دىھقان ئىيىتقان بۇ ناخشا ئۇلارغائۆزلىرنىڭ قەشقەردە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى رىئاللىق قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
باھاۋۇدۇن ئەپەندى ئىكساققا كەلدى.ئۇ كىلىدىغان كۈنى يۇرۇت مۆتىۋەرلىرى ، ئىكساق خەلقى، «ھۈسەينىيە»نىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن يۈزدەك كىشى قايراقنىڭ يۇقۇرسىغىچە بىرىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى. كۈتۈۋىلىشقا ماڭغان خەلق توپىنىڭ ئالدىدا فورما كىيگەن پۇتپۇل كوماندا ئەزالىرى مارشقا دەسسەپ كىتىۋاتاتتى. ئۇلارنى باشلاپ ماڭغىنى توپ سىلىنغان خالتىنى بوينىغا ئاسقان كېرەم توپچى ئىدى. شۇ تاپتا پۈتكۈل يۇرۇت خەلقىگە باش بولۇپ ماڭغىنىدىن ئىپتىخارلىنىپ، ئۇنىڭ ئاپتاپتا كۆيگەن چىرايى ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۆز ئانىسىلا ئەمەس، مەھەللىدىكى ھەممىلا ئادەم دىگىدەك نامىزىدا نامىنى ئاتاپ دۇئا قىلىدىغان، بۇ يۇرۇتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ئۇلۇغ ئادەمنى كۆرۈش ئارزۇسىدا يۈرىكى تىپچەكلەپ قىنىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك سوقاتتى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن بىرى باھاۋۇدۇن باينى كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، بۇ يۇرۇتتىكى ھەر بىر كىشىگە ئوخشاش باھاۋۇدۇن باينىڭ نامى ئۇنىڭ قەلبنىڭ چوڭقۇر قىتىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى، كەنىتتە، كەنىتىتىكى ھەربىر ئۆيدە، «ھۈسەيىنىيە» دە باھاۋۇدۇن باي بىلەن باغلىنىشلىق بولغان نۇرغۇن ئىش بار ئىدى.
ئىلگىرى ئىكساق تەۋەسىدىكى كىشىلەر سۇ ماجراسى تۈپەيلى جەڭگى-جىدەل، ئاداۋەت ئىچىدە ياشايدىكەن،ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىمۇ دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدىكەن. ئۇزاق يىللار ئىلگىرى باھاۋۇدۇن باي ئوتتۇرىغا چىقىپ:بىر يۇرۇتلۇق، قان-قىرىنداش تۇرۇپ، خۇدا بەرگەن سۇنى نىمە ئۈچۈن باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىماي،سىنىڭ-مىنىڭ دىمەي تەڭ ئىشلەتمەيمىز؟-دەپ كەنتتىكى يەر ۋە ئائىلىلەرنى رەتكە تىزىپ، سۇنى نۆۋەت بىلەن ئىشلىتىشنى تۈزۈملەشتۈرۈپتۇ. ئەڭ ئادىل، ئەڭ قاتتىق قول كىشىلەرنى مىرابلىققا تاللاپتۇ.ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ تۈزۈم بۇزۇلماپتۇ، ئىكساقتا سۇ ماجراسىمۇ يۈ بەرمەيدىغان بوپتۇ.
ئىلگىرى بۇ يۇرۇتتا يىتىم-يىسىر، يوقسۇل كىشىلەر پۇلغا مۇھتاج بولغاندا جازانىخورلاردىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز ئىلىشقا مەجبۇر ئىكەن. شۇ تۈپەيلى نۇرغۇن ئادەم ۋەيران بولۇپ كەتكەنىكەن. باھاۋۇدۇن باي بىلەن ھۈسەيىن باي چەتئەللەرنى كۆرۈپ كەلگەندىن كىيىن ئىكساقتا«ۋاردات»ۋە«جامائەت ئىسكىلاتى»نى قۇرۇپتۇ. خەلىقنىڭ ئۆلۈم -يىتىم ئىشلىرىدىكى ئىسقاتىنىڭ يىرىمى، سودا شىرىنكانىسىنىڭ يىرىمى ھەشەمەتلىك توي قىلغانلارنىڭ«ياغلىق پۇلى»، جەمىيەت تەرتىۋىنى بۇزغانلاردىن ئىلىنىدىغان جەرىمانلار« ۋاردات» قا يىغىلىدىكەن. خەلىقنىڭ ئۆچرە-كەپسەنلىرى بولسا جامائەت ئىسكىلاتىغا تۆكۈلىدىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن«ۋاردات» ھاجەتمەنلەرگە ئۆسۈمسىز قەرىز بىرىپ تۇرىدىغان، قەرىزنى تۆلىيەلمىسە، ئاجىز يوقسۇللارنىڭ قەرىزنى كۆتىرىۋىتىدىغان، ھەتتا قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەيدىغان بوپتۇ. جامائەت ئىسكىلاتىغا يىغىلغان ئۆشرە كەپسەنلەر بولسا مەكتەپلەرگە ئىشلىتىلىپتۇ. باھاۋۇدۇن باي جۈمە نامىزىدا ۋە ھەرخىل سورۇندا تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە تىجارەت يوللىرى تونۇشتۇرۇپ، كىشىلەرنى تىجەشلىك ئىقتىسادچىل ياشاشقا، پاكىزلىققا، توي-تۆكۈن، نەزىر -چىراقلارنى ھەشەمەتلىك قىلماسلىققا، بالىلارنى بىلىملىك، ھۈنەرلىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلەش، قىز-ئاياللارنى ئاسراش، ئىلىم ئىگىللىرى ۋە سەنئەتكارلارنى قەدىرلەش، ھۆرمەتلەشكە ئۈندەيدىكەن.ھۈسەيىن باي، باھاۋۇدۇن بايدەك چەتئەللەردە نى-نى زاۋۇتلىرى بار كىشىلەرگە قانچىلىك ھەشەمەتچىلىك قىلسا ياراشقان بولاتتى-ھە. ئەمما ئۇلار پەرزەنتىلىرگە مۇۋاپىق لايىق چىقسىلا بىر قازان ئاشنى ئىتىپ، تۆت ئادەمنى چاقىرىپلا نىكاھ ئوقۇتۇپ قويىدىكەن. مال-دۇنياسىنى كۆز-كۆز قىلىشنى زادى راۋا كۆرمەيدىكەن، نىمىشقا ئۇدۇنيادىكى بايلارنىڭ ھەممىسى شۇلاردەك بولمايدىغاندۇ-ھە….
كىرەم توپچى بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىۋاتقان خىياللىرنى يىغىپ،«گۇس-گۇس» دەسسەپ كىتىۋاتقان ھەمراھلىرىغا بويۇنداپ قاراپ قويدى. ھەممىسىنىڭ چىرايىدا ۋىلىلداپ تۇرغان بىر ھاياجان-خۇشلۇقنى كۆرۈپ،مەيدىسىدىكى توپنى ئىختىيارسىز چىڭ باستى. يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى يۇرۇت بىگى، ئىمان-ئىشانلار «يىڭى مەكتەپنىڭ بالىلىرى پەنىنى دەرىسلەرنى ئوقۇسا ئوقۇسۇن، ئەمما ھىلىقى شەيتان توپنى ئويناپ، ئادەم يىغىپ يۇرۇتنى پاراكەندە قىلمىسۇن» دىيىشىپ مەكتەپكە بىسىم ئىشلەتكەنىلىكنى، ھەتتا، بەزىلەرنىڭ قەشقەردىكى ئۆمەر باي، دوتەيلەرگىچە ئەرىز قىلغىنىنى، مەكتەپكە قۇراللىق شىرىكلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇزۇن قارا تاۋار چاپان كىيگەن ئەلپازى بۇزۇق ئەمەلدارلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ….كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ھىلىلا خوشلۇق ئىچىدە تىپچەكلەپ تۇرغان كۆڭلىگە بىر غەشلىك سايە تاشلىدى.«توپتا نىمە گۇناھ؟ توپ ئوينىغانىنىڭ گۇناھى نىمە؟ بولۇڭ-پۇشقاقلاردا ھوشۇق ئويناپ، نىشە چىكىپ يۈرسەك بولامتى ئەمسە!»
كىرەم توپچى ئىختىيارسىز بۇرۇلۇپ ھەمراھلىرىغا يەنەبىر قارىدى. ۋۇجۇدىدىن جۇشقۇنلۇق، چىرايلىرىدىن نۇر تېمىپ تۇرغان بۇ بالىلار مەدىرىسەلەردىكى بالىلاردىن ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنەتتى. يول ماڭسا قەددىنى تىك تۇتۇپ روھلۇق ماڭاتتى.مۇئامىلىدە دادىل، ئوچۇق-يورۇق، سۆزلىرى چاقماقتەك ئىدى. بىر قىتىم بۇ يېزىغا كەلگەن بىر چەتئەللىك ئۇلارنىڭ مەشىق، مۇسابىقىلىرنى كۆرۈپ:«ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگىنىگە ئانچە ئۇزاق بولمىغان پۇتپۇل ھەركىتىنىڭ ئاسىيانىڭ ئىچكىرىدىكى بۇ چەت يىزىدا بۇنچىۋالا ئوموملىشىپ كىتىشىنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىكەنمەن. پۇتبول بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئاجايىپ بىر جۇشقۇنلۇق ئەكەپتۇ» دەپ ھەيرانلىق ۋە قايىللىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.تۇرسۇن ئەپەندى ئەجەپ توغرا ئىيىتتى: توپتا گۇناھ يوق، توپ ئويناشتا گۇناھ يوق! گۇناھ ئاشۇلاردا ، يېڭىلىقنى ، تەرەققىياتنى كۆرەلمەيدىغان، ئاللىقانداق رەزىل مەقسەتلىرى ئۈچۈن خەلىقنى مەڭگۈ ئىتائەتمەن، نادان ھالىتىدە قالدۇرۇشتا ئويلايدىغانلاردا. توپنى ئوينىغىنىمىز ئوينىغان. پۇتبۇلنى ئىكىساققا ھاشىم بالخان بىلەن باھاۋۇدۇن ھاجىم ئەكىرگەن. باھاۋۇدۇن ھاجىم ئىكىساقنىڭ پۇتبۇل ھەرىكىتىگە باشتىن ئاياغ كۆڭۈل بۆلگەن ، يانتاياق بولغان. بۇقېتىم بىز ئۇزاتقان ئاشۇ ئەجىرنىڭ بىكارغا كەتمىگىنىنى بىلدۈرۈپ قويايلى. روھلۇق-جۇشقۇن ھالىتىمىز، ئەڭ يۇقىرى ماھارىتىمىز بىلەن ئۇنى خۇشال قىلايلى ،ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بىرەيلى……..
توپ ئىچىدە بىردىنلا كۆتۈرۈلگەن غۇلغۇلا كېرەم توپچىنىڭ خىيالىنى بۆلدى. ئۇ، كىشىلەر«كەلدى، كەلدى!»دېيىشىپ كۆرسىتىۋاتقان تەرەپكە قاراپ، بىر نەچچە ئاتلىق كىشىنىڭ ۋە ئۈچ ئاتلىق بىر مەپىنىڭ دوقمۇشتىن قايرىلىپ چوڭ يولغا چۈشكەنلىكىنى كۆردى.
خەلىق توپى داۋالغۇپ كەتتى. تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن يۇرۇت چوڭلىرىدىن بىر نەچچىسى ئىتتىگىرەك مىڭىپ ئىلگىرلەپ كىتىشتى. بىر قىسىم ياشلار بىلەن ئۇششاق بالىلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ئالدىغا ماڭغانلارنى كۆرۈپ مەپە توختىدى. باھاۋۇدۇن ھاجىم باشقىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي مەپىدىن چۈشۈپ جامائەت بىلەن سالاملاشتى. گاھلىرى بىلەن قول سىقىش ياكى قۇچاقلىشىپ، مۈرە قىقىشىپ كۆرۈشتى. كىيىن قارشى ئالغۇچىلار بىلەن بىللە ئاستا خەلق توپى تەرەپكە قاراپ كەلدى.
كىرەم توپچى كوماندا ئەزالىرىغا سەپنى بۇزماسلىقىنى جىكىلەپ، مەكتەپ ناخشىسىنى باشلىدى. كۆپچىلىك ئۇنىڭغا تىزلا ئەگىشىپ كەتتى. توپچىلارنىڭ بىر خىلدىكى قەدەم ئاۋازى بىلەن ياڭراق ناخشا ساداسى باھار تۈسىنى ئالغان دالىنى لەرزىگە كەلتۈردى.
چەكە چاچلىرى ۋە ساقالىلىرى ئاقارغان، جۈدەپ، ئاجىزلاپ قالغان بولسىمۇ كۆزلىرىدى پاراسەت، مىھرىبانلىق نۇرى چىچىلىپ تۇرغان، كىينىشى ئاددى، ئەمما يەنىلا شۇنداق سۆلەتلىك، مىھرى ئىسسىق باھاۋۇدۇن باي خەلق توپى ئالدىغا كىلىپ:
-ئەسسالام خەلىقم !-دەپ چۇڭقۇر باش چۆكۈرۈپ تەزىم قىلدى. باينىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر نەچچە قىرى ئايال ھۈ تارتىپ،قوشاق قىتىپ يىغلىشىپ كەتتى. ئاق ساقاللىق ئىككى مويسىپىت ئىتتىك بىرىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزغاندا كىرەم توپچى باينىڭ قارا كۆزلىرىگە ياش تولغانلىقنى كۆردى. كىرەم توپچىنىڭ باشلامچىلىقدا پۇتبولچىلار بايغا ياڭراق ئاۋازدا سالام بەردى. قاتار تىزىلىپ تۇرغانبىر-بىردىن چىرايلىق، چاققان چەبدەس بالىلارنى كۆرۈپ باينىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ، كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى. ئۇ، پۇتبۇل كوماندىسىدىكى ھەر-بىر بالىنى بىر-بىرلەپ باغرىغا بىسىپ:«كىمنىڭ ئوغلىسەن بالام؟» دەپ سوراپ، پىشانىلىرىگە سۆيدى. جامائەتنىڭ توسقىنىغا قارىماي توپچىلار قاتارىدا خىلى يەرگىچە پىيادە مىڭىپ، بۇ قىتىمقى سەپىرىدە ھىندىستان، تۈركىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر مۇنچەچوڭ شەھەرگە بارغانلىقىنى، بارغان يىرىدىكى مەكتەپلەردە كۆرگەنلىرىنى، گىرمانىيە، تۈركىيىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆزى كۆرگەن پۇتبول مۇسابىقىلرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن قىزقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭغان بالىلار ئۇنىڭ ھەربىر ئىغىز سۆزىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ، ئىسىدە مەھكەم تۇتىۋىلىشقا تىرىشتى. دەرۋەقە، باھارنىڭ ئاشۇ چىرايلىق، ئىللىق بىر كۈنى شۇ مەيداندىكى بالىلارنىڭ خاتىرسىدە ئۆمۈرۋايەت ساقلىنىپ قالدى.
باھاۋۇدۇن باي شۇ كۈنى ھىرىپ چارچىغىنىغا قارماي ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە «ھۈسەيىنىيە»گە بىرىپ، ھەزىرتى ھەبىپ ئەجەم مازىرى يىنىدىكى دادىسىنىڭ تۇپرىقىنى يوقلىدى، مەسچىتتە بىر رەكەت ناماز ئوقۇپ بولۇپ، دىھقانلار كوماندىسى بىلەن «ھۈسەيىنىيە» كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردى. بۇ، 1927-يىلنىڭ ئاپرىل ئىيى بولۇپ، باھاۋۇدۇن باي شۇ يىلى 77ياشتا ئىدى.
ئىكساق تىپتىنىچ كىچىككىنە كەنت ئىدى. ئۇ يەر-بۇيەردىكى قويۇق ئۈرۈكلۈك، شاپتۇل، ئۈزۈملۈك باغ ئىچىگە سىلىنغان كىسەك تاملىق ئاددى ئۆيلەردە كىشىلەر خاتىرجەم ياشايىتتى. كەنىت مەركىزىدىكى مەسچىتتىن ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئىمىن مەزىننىڭ مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى بىلەن «ھۈسەيىنىيەدىكى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقان جاراڭلىق ئاۋازىلا كەنىتنىڭ جىمجىتلىقىنى ئاندا-ساندا بۇزۇپ تۇراتتى. بەزى-بەزىدە ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ياپيىشىل قوناقلىقتىن ئاڭلىنىپ قالىدىغان ھەسرەتلىك ناخشا ئاۋازى يۈرەكلەرنى لەرزىگە سىلىپ ئۆتەتتى-دە، جىمجىتلىق يەنە ئەسلىگە كىلەتتى.كۈنلەر بىر خىلدا تىنىچ ئۆتەتتى.
باھاۋۇدۇن باينىڭ كىلشى بىلەن ئىكساقنىڭ زىرىككەكلىك، جىمجىتلىق بۇزۇلدى. ئىكساقتىن قەشقەرگە، ئاستىن ئاتۇشقا، ئۇلۇغچات تاغلىرىغا تۇتاشقان يوللاردا ياسىداق مەپىلەر، ئىسىل ئاتلارنىڭ قوڭغۇرقى توختىماي جىرىڭلاشقا باشلىدى.باھاۋۇدۇنباينىڭ ئىغىل ،ھويلىلىرى، ئىشىك ئالدى مەپىلەر، نەسىللك ئاتلار بىلەن تولۇپ تۇراتتى. مىھمانلىرنىڭ ئىچىدە مۇسا بايلارنىڭ قەشقەردىكى، يىقىن-يىراق ناھيلەردىكى ۋە چىگرا بويلىرىدىكى سودا ۋاكالەتخانىلىرنىڭ خادىملىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنىلىرى، ئەتراپتىكى يۇرۇتلارنىڭ ۋە قەشقەرنىڭ يۇرۇت چوڭلىرى، ئىلىم ئەھلى، ئۆلىمالار، داڭلىق تىۋىپلار بار ئىدى. كەلگۈچىلەر ئۇزاق ھايال بولمايىتتى. بايمۇ ئۇلارنى ئارتۇقچە تۇتۇپ كەتمەيتتى، ساقلقى يوقلقى تۈپەيلى ئۇلارنى ئۇزتىپمۇ چىقمايتتى. پەقەت بىرلاقىتىم باھاۋۇدۇن باي بىر مىھماننى ساق بىر كۈن تۇتۇپ قالدى. ساھىبخان بىلەن مېھمان ئىنتايىن بىرىلىپ قانداقتۇر ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشتى، سىردىشىپ مۇڭدىششىتى. ئاخىردا مىھماننىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۇنى كوچا بىشىغىچە ئۇزتىپ چىقتى. مىھمانمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا خوشلاشتى. بۇغداي ئۆڭلۈك، كۆزلىرى ئوتتەك يىنىپ تۇرىدىغان بۇ ئادەم مەشھۇر پېداگوك، ژورنالىسىت ھەم يالقۇنلۇق شائىر قۇتلۇق شەۋقى ئىدى.
باھاۋۇدۇن باي مەكتەپنى بىر كۈنمۇ ئىسىدىن چىقارمايىتتى. ساقلىقى ياخشى بوپقالغان كۈنلىرى ئەتىگەنلىك گىمناستىكا ۋاقىتىدا، بەزىدە دەرس ئۆتۈلۋاتقان چاغلاردا ھاسىغا تاينىپ مەكتەپتە پەيدا بولاتتى. بىردەم- يىرىمدەم ئولتۇرۇپ مۈئەللملەرنىڭ دەرىسىنى ئاڭلايىتتى. ئوقۇغۇچىلارنى خەت يازدۇرۇپ، خەتنى چىرايلىق، توغرا يازغان بالىلارنى كۆرسە بەك خۇشال بولۇپ ماختاپ كىتەتتى. يىتىم-يىسىر، نامرات بالىلارنى كۆرگەندە ئىچ ئاغرىتىپ كۆزلىرىگە ياش ئالاتتى. بەزىللىرىگە ئۆزى يىنىدىن چىقىرىپ پۇل،كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەرسە، بەزىلىرىگە جامائەت ئىسكىلاتى، «ۋاردات»ئارقىلىق ياردەم قىلاتتى. تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ھارۋۇدا ئولتۇرۇپ مەھەلىلەرنى ئىتىز-ئىرىقلارنى ئارلاپ، چوڭلاردىن كىملەرنىڭ ۋاپات بولغىنىنى، كىشلەرنىڭ تىرىقچىلىق ئەھۋالىنى، تىرىكچىلىك يوللىرىنى سۈرۈشتۈرەتتى. كىم بىلەن كىمنىڭ قۇدا باج بولۇشقىنىنى، كىملەرنىڭ كۆكلەپ كىملەرنىڭ خاراپ بولغانلىقنى چۇڭقۇر خىيال ئىچىدە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايىتتى. تۇمىقىنى قولغا ئىلىپ، ئاق تاغقا ئوخشاش بىشىنى سىلاپ، كۆزنى يىراقلارغا تىكىپ سۆزلەيىتتى:
ئۆمۈرۈمنىڭ كۆپ قىسمى ياقا يۇرۇتتا ئۆتۈپتۇ، كۆپ ئەلنى كىزىپتىمەن، بايۋەتچە، باي، ھاجى ئاتىلىپ راھەت-پاراغەتتە، ئىززەت-ھۆرمەت ئىچىدە ياشاپتىمەن. لىكىن كىندك قىنىم تۆكۈلگەن مۇشۇ ئالقانچىلىك يەرنى ھىچ يەرگە ئوخشاتمىدىم. ئانىلىرىمىز سامان قالاپ ئەتكەن ھەمەك نان، زاغرىلارنى،ئاياللىرىمىز ئەتكەن قۇيماقلارنى دۇنيانىڭ ھىچقانداق يىردىن تاپالمىدىم. ئاشۇ يۇرۇتلاردا يۈرۈپ ئاتۇشلۇقمەن، ئىكساقلىقمەن دىگەن ئادەم كۆزۈمگە دادامدەك كۆرۈندى. چۈش كۆرسەم دائىم ئاق تاغنى چۈشىدىم، دائىم يۇرۇتىمغا ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمىدىم، دەپ پۇچۇلنىپ يۈردۈم. ئەمدى ئويلاپ باقسام «ھۈسەيىنىيە» نىڭ ۋەزنى ئۆمۈرۋايەت تاپقان مال-دۇنيايىمىزنىڭ ۋەزنىدىن ئىغىر ئىكەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يۈزى«ھۈسەيىنىيە» بىلەن يورۇق بولىدىكەن . دادام رەھمەتلىكنىڭ بىر تەرىپىگە ھەزىرتى ھەبىب ئەجەمنى، بىر تەرىپىگە«ھۈسەيىنىيە»نى ئىلىپ يىتىشمۇ بىكار ئەمەسكەن….
كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ، مۇشۇ قىتىم كەتسەم ئاتۇشقا يەنە بىر كىلش يوق ماڭا. شۇڭا ساڭا قىلدىغان ۋەسىيتىم شۇ بالام:«ھۈسەيىنىيە» خاراپ بولمىسۇن …
تۇرسۇن ئەپەندى باينىڭ سۆزلىرىنى ئۈن-تىنسىز ئاڭلايىتتى. ئۇ ۋەدە بەرمىگەن، چىرايلق گەپلەرنى قىلمىغان بولسىمۇ يۈز سۆڭەكلىرى قوپال، قارامتۇل كەلگەن بۇ ئەزمەتنىڭ چىرايىدا ئەكىس ئەتكەن ئىپادىلەردىن باھاۋۇدۇن باي غايەت زور ئىشەنچ ۋە تەسەلى تاپاتتى.
بىر كۈنى باھاۋۇدۇن باي بىغىدىكى ئۈرۈك چىچەكلىرى ئاستىغا قويۇلغان نەقىشلىك كات ئۈستىدە قوش-قوش دۇخاۋا تەكىيلەرگە يۆلىنىپ ئارام ئىلىپ ياتاتتى. ئىنىسنىڭ كەنجى قىزى ئابىدەم ئۇنىڭغا كۆمۈ پەتمۇستا چاي ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئاياغ تەرپىگە كىلىپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈپ چاي ئوتلاۋاتقان بايدىن:
-تاغا، نىمە ئويلاۋاتىسەن؟ ئەتىدىن كەچكىچە قوشۇماڭنى تۈرۈپ خىيال قىلىدىكەنسەن، ئويلىغانلىرىڭنى بىزگىمۇ دەپ بەرسەڭ بولمامدۇ؟- دىدى.
«13-14 ياشلارغا كىرگەن، ئۆڭى قولىدىكى كۆمۈشتەك سۈزۈك، قاش-كۆزلىرى سىزىپ قويغاندەك چىرايلىق جىيەن قىزىغا قاراپ باھاۋۇدۇن باي ئامراقلىق بىلەن كۈلدى:
-نىمىنى ئويلايتتىم، مىنىڭ ئابىدەم قىزىم نىمانچە چىرايلىقتۇر، خۇدايىم نىمىشقا بەزى ئادەملەرنى چىرايلىق، بەزى ئادەملەرنى سەت يارتىدىغاندۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن.
-يالغانچى، تاغام دېگەن يالغانچى!- قىز نىپىز لەۋلىرىنى پۇرۇپ دومسايغندەك قىلىپ ئورنىدىن تۇردى.
توختىغىنا قىزىم ئاۋۇ باغۋەن تاغاڭنى چاقىرۋىتە بۇ يەرگە،- دىدى باي. قىز بىر قولىدا بىشىدىكى دوپپسىنى تۇتۇپ ئۇششاق چاچ ئۆرۈملىرىنى سىلكىتىپ ھويلا تەرەپكە يۈگۈردى. ھايال ئۆتمەيلا ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، ئىككى مەڭزىدىن قان تىمىپ تۇرىدىغان باغۋەن كىلىپ باينىڭ ئاياغ تەرىپىدە قول باغلاپ تۇردى. باي سەل كۆتۈرلۈپ ئولتۇردى:
—تۇردىكا، باغ بەك قۇرۇپ كىتىپتۇ،بىر سۇغۇرۋەتسەڭ قانداق؟
—مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇراتتىم ھاجىم، شۇغىنىسى بىزنىڭ نۆۋىتىمىز تېخى كەلمىدى ئەمەسمۇ.بىرىپ سۇنى ئىچىۋەرگىن، بىر نىمە دىسە، باھاۋۇدۇن ھاجىم شۇنداق دىدى، دە.
باغۋەن ئىڭىشىپ تەزىم قىلىپ چىقىپ كەتتى.كۆپ ئـۆتمەي باغدىكى ئىرىققا شىلدىرلاپ سۇ كەلدى.ئەمما دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يىتىپ بارماي تۇرۇپلا توختاپ قالدى.ئارقىدىنلا قىرى باغۋەنمۇ ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يىتىپ كەلدى.
مەن دىمىدىممۇ ھاجىم، ئاۋۇت مىراپ دىگەن زادى يۈزسىز نېمە، تاپقان دادىسىغىمۇ يۈز-خاترە قىلمايدۇ ئۇ. سۇنى ئىچىپ بولۇشىمغا يۇقىرى تەرەتتىن قارا-يامغۇر بولۇپ يۈگۈرۈپ كەلدى«ئىچىقنى ئەت!ئەت دېدىم ئەت!»دەپ كەتمەننى تەڭلەپ تۇرىدۇ ئۇ مۇناپىق. باھاۋۇدۇنباي ئاچ دېگەن، دېسەم، بۇ سېنىڭ بېيىڭنىڭ سۈيى ئەمەس،خەلىقنىڭ سۈيى، باش كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ نۆۋىتىنى بۇزغىلى بولمايدۇ، دەپ ھەيۋە قىلۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن…
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان باينىڭ چىرايى ئاستا-ئاستا ئىچىلدى. باغۋەننىڭ ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سىلىپ تۇرغان ئابىدەم تاغىسىنىڭ ئەتىگەندىن بىرى تۈرۈكلۈك تۇرغان قوشۇمىسنىڭ ئىچىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھىچ نەرسىنى چۈشىنەلمەي بىشىنى چايقىدى، شۇنچە كاتتا باي تۇرۇپ، بىر سوكال مىرابقا سۆزىنى ئۆتكۈزەلمەي خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا، كۈلىۋاتىدۇ تىخى،دەپ ئەجەپلەندى.
ئەتىسى جۈمە نامىزىدىن كىيىن باۋۇدۇنباي جامائەت ئالدىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئىلىپ ئاۋۇت مىرابنى تەرىپلىدى. ئۇنىڭدى رازى بولغانلىقىن ئىيتىپ:«سۇ يۇرۇتنىڭ، خەلىقنىڭ سۈيى. مەيلى باي ياكى كەمبەغەل بولسۇن، ئۇنىڭدا ھەممە ئادەمنىڭ ھەققى بار، ئەمما ئۇنى ھەركىم قائىدە بويىچە، ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىشى شەرت. قائىدە- يۇسۇن بۇزۇلسا كىشىلەر كۆڭلى پاراكەندىچىلىكتە قالىدۇ، ئەلدىن ئىنساپ كۆتۈرۈلىدۇ. ئىنساپ كۆتۈرۈلگەن ئەلدىن بەخىت- سائادەت قاچىدۇ»دىدى . شۇ سورۇندا ئۆز قولى بىلەن ئاۋۇت مىرابقا تون كىيگۈزدى. بۇ ئىش ،بۇ سۆز ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە يىقىپ ، ئىغىزدىن- ئىغىزغا ، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا تارالدى. ئاۋۇت مىرابمۇ ئىكىساقتىكى مەشھۇر ئادەم بوپ قالدى. قەشقەردىن ۋەلىخانباي كەلدى. ئۇ، باھاۋۇدۇنباينىڭ قەشقەردىكى سودا كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. بۇ كارخانىلارنىڭ ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ئىشلىرىنىمۇ ئاشۇ ۋەلىخانباي باشقۇراتتى.ئۇ بۇقىتىم خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلمىگەنىدى. ھىندىستاننىڭ شىنجاڭدىكى سودىگەر ، جازانىخورلىرى قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئەزەلىدىن جۇڭگۇ تەرەپكە باج-سىلىق تاپشۇرمايىتتى. پەقەت يېقىنىقى يىللاردىلا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانى بىلەن شەكىل ئۈچۈن ئاز-تولا رەسمىيەت بىجى تۆلەيدىغان بولغانىدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بولسا ھىندىستاندىكى شىنجاڭلىق سودىگەرلەردىن ھەسسىلەپ باج ئىلىپلا قالماي، قەدەمدە بىر ئىشلىرىغا قېيىنچىلق تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى قاقتى-سوقىتى قىلاتتى. يىقىندا يەنە باجنى ئۆستۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يوشۇرۇن يوللار بىلەن شىنجاڭنىڭ خام ئەشيالىرىنى ھىندىستانغا ئاپىرىپ تۆكمە قىلىپ سىتىپ، مۇسا بايلارنىڭ ۋە باشقا شىنجاڭلىق سودىگەرلەرنىڭ ماللىرنى كاساتلاشتۇرىۋەتكەنىدى. ۋەلىخانباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي بۇ ئىشلاردا ئەزەلدىن دوستانە ئۆتۈپ كىلۋاتقان ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسلىھىتىگە كىلىشتى. ئاپىرىلنىڭ ئاخىردا ۋەلىخانباي تۇرسۇن ئەپەندىنى قەشقەرگە ئېلىپ باردى. چىن باغدا كونسۇل گىللئان ئەپەندى ئۇلارنى دەبدەبىلىك ئەمما قۇرۇق تەكەللۇپ سۆزلەر، ھىندىستاننىڭ خۇش-پۇراقلىق چىيى بىلەن كۈتىۋالغان ئىدى. سورۇندا كونسۇلخانىدا ھىندىستانلق مۇسۇلمان ئەمەلدارمۇ بار ئىدى. تۇردۇن ئەپەندى راۋان ئىنگىلىز تىلىدا ئۆزىنىڭ مۇسا بايلار ئىگىلىكنىڭ ۋاستىسى-باۋۇدۇن مۇسا باينىڭ ئالى ئىھتىرامىنى ۋە ھاۋالىسىنى ئىلىپ كەلگەنلكىنى ئىيىتقاندا،كونسۇل جاناپلىرى بىلەن ھىندىستان ئەمەلدارلىرى ئاغزىنى ئىچىپلا قالغانىدى. ئۇلار ئاددى-ساددا، سىپايە كۆرۈنىدىغان بۇ سەھرالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىنگىلىزچە سۆزلىىشىنى ئەسلا كۈتمىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش ۋە چۈشىنىش بىر قەدەم چۇڭقۇرلىشىپ، سۆھبەت دوستانە تۈس ئالدى. ۋەلىخانباينىڭ پاكلىق، قائىدىلىك سۆزلىرى ئالدىدا كونسۇل جاناپلىرى ئارتۇقچە بويۇن تولغاشنى راۋا كۆرمىدى.چۈنكى مۇسابايلار بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنىڭ زىينىغا ئۇچىرشىنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىمۇ،ھىندىستانلقلارمۇ خالىمايىتتى. گىللىئان ئەپەندى يۇقىردا قويۇلغان ئىشلارنى ئەستايىدىل ئىنىقلاش ۋە تۈزتىشكە كۈچ چىقارغانلىقنى بىلدۈردى. ھىندىستانلىق مۇسۇلمان خىزمەتكار ئۇلارغا بىر پەتمۇستا قەن-گىزەك ۋە قەھۋە ئىلىپ چىقىتى. ئۇلارنىڭ قەھۋە ئىچكەن راۋاقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرگە كۆز تاشلىدى. راۋاقنىڭ تۆۋىنى يول بولۇپ يولدىن ئات مىنگەن ئادەملەر، ھارۋا-مەپىلەر توختىماي ئۆتۈپ تۇراتتى، يولنىڭ نىرىسى كەڭ كەتكەن ياپيىشىل ئىتىزلىقلار، ئۇنىڭ نىرىسى قىزىل دەريا لۆمشۈپ ئاقاتتى.دەريا بويىدا بىرمۇنچە ئاتلار، بەزىلىرى سۇ ئىچىدە،بەزىلىرى قىرغاقتا تۇرۇپ سۇ ئىچىۋاتاتتى. قىپيالىڭاچ ئوغۇل بالىلار بۇ ئاتلارغا مىنۋالغان بولۇپ ياۋداق ئاتلار ئۈستىدە شۇنداق ئەركىن ئولتۇراتتى. ئاتلارنىڭ باش تەرىپىدە سۇ ئىلىنغان تۇلۇم، سۇغلار ئارتىلغان ئىشەكلەر، چىلەككە سۇ ئىلىۋاتقان ئوغۇل بالىلار ۋە چوڭ ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار بۇ سۈنى شەھەرگە ئەكىرىپ ساتاتتى. دەريانىڭ قارشى تەرىپى بوياقچىلار مەھەللىسى بولسا كىرەك، ئۆگزىلەرگە يىيىلغان رەختىلەر بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى راۋاق ئاستىدىن تۈگمەنچىلەرنىڭ بۇرغا ئاۋازى، ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى….بۇ تەرەپتە-كونسولغانا ئىچىدەئاپئاق ئاقارتىلغان رەت-رەت ئۆيلەر، گۇللۇكلەر، ھۆپپىدەئىچىلىپ كەتكەن چىچەكلەر، توپ مەيدانى خۇددى كەڭ يىيىلغان سۇرەتتەك كۆرۇنەتتى. مەيدانداپۇتپۇل ئويناۋاتقان ئاق تەنلىك ۋە قوڭورتەنلىك كىشىلەر تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ دىقىتىنى تارتتى. ئۇئۇلارنىڭ ھەربىرھەركىتىگە زەن قۇيۇپ قارىدى .ئۇلارھەممىسى دىگىدەك ئىگىزبۇي، قاۋۇل يىگىتلەرئىدى،ماھارىتىمۇخىلى ئۈستۇندەك قىلاتتى .

گىلليان ئەپەندى تۇرسۇن ئەپەندىگەقاراپ كۇلۇمسىردى :
—بۇئويۇنغا قىزقىۋاتىسىزغۇ دەيمەن،ئەپەندى ؟
ۋەلىخنباي ئۇنىڭ ئۇرنىداجاۋاپ بەردى :
—كونسۇل جاناپلىرى، بۇلارنىڭ يۇرۇتىدىمۇياخشى تەربىيلەنگەن پۇتپۇل كوماندىسى بار.مۇشۇئەپەندىم ئۇلارنىڭ يىتەكچىسى. مىنىڭچەئۇ سىزنىڭ ئادەملىرىڭىزبىلەن مۇسابىقلششنى ئويلاۋاتىدىغۇ دەيمەن .
كونسول قىزىقىپ قالىدى .ئىلگىرى سوۋىت ئىتتىپاقى كونسولنىڭ بۇيەردىكى قانداقتۇردېھقان پۇتپۇلچىلارتوغرىسىدا.ئىيتقانلىرنى ئىسگەئىلپ، بۇنى بۈيۈك برېتانىيە مەدەنىيتنىڭ ئوتتۇرائاسياىدىكى بىر غەلبىسنى نامايەن قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، دەپ ئويلىدى .
—راستمۇ؟ ناھايىتى ياخشى، بۇقالتىس ياخشى گەپ بولدى. مەن سىلەرنىڭ كومانداڭلار توغرىسدائىلگىرى ئاڭلىغان. بىزمۇسابىقەئوينايلى. ئەمىلىيەتتە قەشقەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئىككى كوماندىسى بار. بىرى ئەنگلىيىنىڭ، يەنەبىرى شىۋتسيىلىكلەرنىڭ. مىنڭچەئۇلارمۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ…
شۇ قىتىمقى سۆھبەتتىن كىيىن ئەنگىليىنىڭ قەشقەردەتۇرۇشلۇق ياردەمچى كونسولى شىرىف ئەپەندى بىلەن شىۋتسيەدىن تارقىتىش ئۆمىكى دوختۇرخانىسنىڭ باشلىقى ئاندىسن ئەپەندى ئىكساققا كەلدى. ئۇلارئىكساقلىقلارنىڭ يەرلىك توپلىرنى، يالاڭئاياغ پۇتلىرداتوپ تىپپ ئويىنغان مۇسابىقلىرنى قىزىقىپ كۆردى .ئىككى تەرەپنىڭ مەسلھەتلىشىپ بىكىتىشى بىلەن مۇسابىقە 20-،21-مايدائۆتكۆزۈلدىغان بولدى .
بۇ خەۋەرچاقماق تىزلىكىدە قەشقەر، ئاتۇش دائىرسگەتارالدى. كۆپ قىسم كىشلەرئۈچۈن بۇ بىر كۈتىلمگەن خەۋەر بولدى .
—ئىنگىلىزلار دىگەن كىم؟بىز كىم؟ بىزنىڭ دىھقانلىرىمىز ئۇلارنىڭ بىر پەشۋاسىغىمۇ يارىماس…..
—ئىنگىلىز-شۋېتلار بىلەن پۇتبولدا مۇسابىقىلىشىمەن،دىيىش ئۆزىنى بىلمەي شىلىتىڭ ئاتقانلىق بولماي نىمە!
—ئىكساق پۇتبۇلچىلىرىمۇ بوش ئەمەس، ئۇلارنىڭ قانداق ئوينىغىنىنى مانا مەن كۆرگەن!
كىشىلەر شۇنداق دىيىشىپ تالاش-تارتىش قىلشاتتى، ھەتتا ئۇرۇشۇپ-تىللىشپ، كاللا-قاپاق يىرىشقانلارمۇ بولدى.
قەشقەردىكى ئۆمەر باي قاتارلىقلار باھاۋۇدۇن بايغا دۇئايى سالام يوللاپ «دىھقانلارنىڭ ئىگىلىز-شۋېتلار بىلەن مۇسابىقىلەشمەكچى بولغىنى ئەخمىقانە ئىش ئەمەسمۇ، ئۇلارنى يىڭىشقۇ مۇمكىن ئەمەس، يىڭىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويساق، ئىككى ئوتتۇردىكى مۇناسىۋەتكە دەز كەتمەمدۇ، ئالدى بىلەن جانابلىرنىڭ سودا ئىشىغا دەخلى-تەرۇز يەتمەمدۇ. جانابلىرىنىڭ دەرھال بۇ ئىشنى توسۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز»دىيىشتى. قەشقەر دوتىيى ماشاۋۇرمۇ باھاۋۇدۇن بايغا ئادەم ئەۋەتىپ:« ئەل كۆڭلىگە پاراكەندىچىلىك سالىدىغان، چەتئەل دائىرلىرى بىلەن بولغان ئىناق مۇناسىۋەتكە دەخلىيەتكۈزىدىغان» بۇنداق«مۇسابىقە»دىن خاتىرجەمسىزلىنىۋاتقانلقىنى، باھاۋۇدۇن باينىڭ بۇ ئىشنى ئاقىلانىلىك بىلەن توسۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باھاۋۇدۇن باي بولسا:
«بۇ ئاددى، دوستانە بۇسابىقە، ئۇنىڭدا باشقىچە مەقسەت، مۇددىئا يوق، يەنە كىلىپ كونسۇل جانابلىرى ئۆزى خالىغان، ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىكتىپ بولغان ئىش. ئۇنى ئۆز ئالدىمىزغا قالدۇرساق مۇۋاپىق بولماس. پىقىر ھەر قايسىلىرنىڭ قارشى تەرەپ بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ كۆرۈپ، قايتا يوليۇرۇق بېرىشلىرىنى كۈتىمەن»دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
بىر كۈنى شەھەر كاتتىلىرى ھەم چەتئەل كونسۇللىرى داخىل بولغان بىر سورۇندا، ئۆمەر بايلار گەپ ئىچىشقا پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرۇشقاندا، گىللېئان ئەپەندى كونسۇلخانىدىكلەر بىلەن شىۋېتسىيىلىكلەرنىڭ ئىكساقلىق دىھقانلار بىلەن پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلاپ قالدى. بۇنى سوۋىت ئىتىپاقى كونسۇلى دومپىس ئەپەندى دەرھال قوللىدى ۋە دوتەي جانابلىرى بىلەن شەھەر چوڭلىرىنىڭمۇ بۇ ئىشنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانىلقىنى بىلدۈردى. دوتەي ماشاۋۋۇ شۇ يەردىلا:
ياخشى، بۇ بىر رەسمىي مۇسابىقە بولسۇن، بىزنىڭ دىھقانلار كوماندىسىنى «جۇڭگۇ كوماندىسى» لا دەيلى، لىكىن ئۇلار يىڭىلىپ قالسىمۇ كىرەك يوق، كىم ئۇلارنى يىرىنى تىرىماي توپ ئوينىسۇن دەپتۇ!-دىۋىدى، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كاتتىلار بۇ«خەلىقئارالىق پۇتبۇل مۇسابىقىسى»نى قانداق قىلىپ ياخشى ئۆتكۈزىشنىڭ مەسلىھىتىگە چۈشتى. شۇ سورۇندا ئولتۇرغان ھوشۇر ھاجى سەمەن يولىدىكى بىدىلىكىنى توپ مەيدانى قىلشقا بەردى. يەنە بىر باي ۋاراتار ياسىتىپ بەرمەكچى بولدى. مۇسابىقە توغرىسىدا ئىلانلار چاپلىنىپ، كوچىغا جاكارچىلار چىقىرىلىدىغان بولدى. مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغانلار باشلامچىلىق بىلەن مۇسابىقىنى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىندى.
شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار پەسكويغا چۈشۈپ، ھەممە ئادەم مۇسابىقە بولىدىغان كۈنلەرگە ئىنتىزار بولۇشتى، پەقەت ھەمرا بايلا شەھەردىكى ئۆيىدە ئەتىدىن كەچكىچە كوتۇلداپ يۈرەتتى. يۇرۇتىدىكى «توپا توزىتىپ يۈرگەن تۆت-بەش قەلەندەر»نى تىللىغىنى تىللىغانىدى. بىر كۈنى مەرىگۇل چىداپ تۇرالماي ئىغىز ئاچتى:
—دادا يۇرۇتتىكىلەر ئىنگىلىزلار بىلەن شىۋېتلارنى يىڭىۋالسا سەن خۇشال بولمامسەن؟
يىڭەلەمتىكى، يىڭەلمەيدۇ ئۇ خەق!
—ناۋادا يىڭىۋالسىچۇ…؟
—دىدىمغۇ يىڭەلمەيدۇ دەپ.
—راستىنلا يىڭىۋالسا قانداق قىلسەن؟
قىزنىڭ جاھىللىقىغا قاراپ ھەمراباي ئىچىدە«قىز بالا بولسمۇ مىنى دورىغان دە، ئىسىت، ئوغۇل بالا بولۇپ قالسىچۇ» دىگەنلەرنى ئويلىدى. قىزنىڭ بىشىنى سەل سىڭايان قىلىپ، قاپقارا قاشلىرىنى ھىمرىپ تۇرغان تۇرقىغا مەستلىكى كىلىپ پىخىلداپ كۈلىۋەتتى:
—ناھايىتتى كەلسە ناغرا سۇناي چالدۇرۇپ بىرەرمەن شۇ.
—ئاران شۇنچىلىكما؟-دىدى قىز ياراتمىغاندەك لەۋلىرىنى ئۈمچەيتىپ.
—ھە بولاپتۇ، ئاۋۇ ئىغىلدىكى ئىرىكنى سويۇپ مىھمان قىلارمەن ئەمسە،- شۇنداق دەۋىتىپ بىردىنلا قىز بالىغا بەك بالدۇر ۋەدە قىلىپ قويغىنىنى سىزىپ دەرھال قاپقىنى تۈرىۋالدى،- قىنى ۋاقتى كەلسۇن ، ھازىر كىمنىڭ ئۇتۇشىنى بىر ئاللا بىلىدۇ…
مۇشۇ زىمىن،مۇشۇ تاغلار يارالغاندىن تارتىپ ئىقىپ كىلىۋاتقان تۈمەن دەرياسى نىمە ئىشلارنى كۆرمىگەن-ھە!ئۇ ئۆز ۋادىسىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ھەممە خۇشاللىق ۋە غەم-قايغۇللىرنى، سىغىز توپىلىق يارلىق ئۈستىدىكى بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ، گىرەلىشىپ كەتكەن توپرەڭ ئۆيلەرنىڭ قايسى بىرى قاچان سىلىنغىنىنى، قىپيالىڭاچ بولىۋىلىپ ئۆز باغرىدا پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ ئوينايدىغان ئوغۇل بالىلارنىڭ قاچان چوڭ بولۇپ ئۆيلىنىپ، قىرىپ تۇپراق ئاستىغا كۆمۈلگىنىنى؛ نى-نى ھەشەمەتلىك ئوردا-قەسىرلەرنىڭ قاچان بىنا بولۇپ، قاچانلاردا كۈلگە ئايلانغىنىنى بىلىدۇ. ئۇ يەنە شەھەرنى ئەجدىھاردەك ئوراپ تۇرغان ئىگىز قىلىن سىپىلنىڭ قانچە قىتىم ۋەيران بولۇپ قانچە قىتىم سوقۇلغىنىنى، سىپىلغا تىرىك كۆمۈلگەن ئادەملەرنى كۆرگەن. ئەجدىھارنىڭ ئىغىزىدەك سۈرلۈك دەرۋازىلارغا قاتار ئىسىلغان ئادەم باشلىرىنى كۆرگەن. سىپىل دەرۋازىلىرىدىن توختىماي كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغان بايلار ۋە نامراتلارنى، دىھقانلار، ئىشلەمچىلەرنى، سودىگەر، بەگزادىلەرنى، كىيىملىرىگە يىراق يۇرۇتلارنىڭ توپىسى سىڭگەن سەيياھ-جاھانكەزدىلەرنى ھەم كۆپ كۆرگەن، ئەمما ئۇ بۈگۈنكىدەك ھەممە ئادەمنىڭ شەھەر سىرتىغا قاراپ سۇدەك ئاققىنىنى كۆرمىگەن.
راستىنلا قەشقەرلىكلەرگە بۈگۈن نىمە بولدى-ھە؟ ئەتىگەندىن تارتىپلا قەشقەر تەۋرەپ كەتكەنىدى. ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا توپنىڭ، مۇسابىقنىڭ گىپى. ئاشخانا-ناۋايخانىلار، دۇكانلار تاقالدى. ئادەم بىلەن تولۇپ تۇرىدىغان كوچىلار چۆلدەرەپ قالدى. شەھەر ئەتراپىدىكى ئۇچما راۋان يارباغ دەرۋازىغىچە، ناچۇق ئۆستەڭ بويلىرىدىن قۇمدەرۋازىغىچە بولغان يوللاردا ئات-ئىشەكلىك، ھارۋىلىق پىيادە ئادەملەر مۇسابىقە بولىدىغان سەمەن يولغا قاراپ ئاقماقتا.
مۇسابىقە بولغان بىدىلىكتە كىشىلەر ئاھاڭ چىچىپ بەلگە قىلىنغان «مەيدانىنى چكرىدەپ يىغلىشقانىدى. مەيداننىڭ باش تەرىپىدە ھەمرا باي ئەكەلدۈرگەن ناغرا-سۇنايچىلار ئەتىگەندىن تارتىپلا توختىماي شوخ ئاھاڭلارنى چىلىپ، كىشىلەرنى جەلىپ قىلماقتا، ھاياجانلارندۇرماقتا. مەيداننىڭ «تۆر» تەرىپىگە دوتەي، شەھەر چوڭلىرى، چەتئەل كونسۇللىرىنىڭ ئولتۇرىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ياغاچ ئورۇندۇقلار ياسالغان، ئاددى پۇقرالار- سەللىك، دوپپىلىق ،تۇماقلىق كىشىلەر، ئۇششاق بالىلار ئاللىقاچان ئالدىنقى ئورۇنلارنى ئىگىلەپ، چاپان-چارا، كىگىزلەرنى سىلىپ بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بولۇشقانىدى. مەيداننىڭ سەل نىرىسىغا ئۇششاق يايمىچىلار، دوغاپچىلار، غالتەكچىلەر، سامسىپەز-مانتىپەز،ئۆپكە ھىسابچىلار، گازىر-پۇرچاقچى، لەڭپۇڭچىلار جايلىشىپ ئاۋات بازار شەكىللەندۈرگەنىدى. ئۇششاق بالىلار بىلەن چوڭراق بالىلار بازار بىلەن مەيدان ئوتتۇرسىدا توختىماي چىپىشىپ، ئۇنى-بۇنى سىتىۋىلىپ يىيشەتتى ياكى قوغلىشىپ ھەرخىل شوخلۇقلارنى قىلاتتى. ئۇلار بۈگۈن خۇددى ھىيىت بولغاندەك خۇشال ئىدى.
مەيداننىڭ بىر چىتىدە تۈنۈگۈن ئاتۇشتىن پىيادە مىڭىپ كەلگەن ئىكساقلىق توپچىلار ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەن بىرەر يۈزدەك ئادەم دائىرە بولۇپ ئولتۇرۇشاتتى. مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلارنى باھاۋۇدۇن باي بىلەن تۇرسۇن ئەپەندى مەكتەپتىكىلەر ۋە دىھقانلار ئارسىدىن ئىنچىكىلەپ تاللىدى. بۇ جەرياندا قايسىسىنى تاللاپ، قايسىسىنى قويۇشنى بىلمەي خىجالەتچىلىكتىمۇ قالدى. بىز دىگەن ھاشىم بالىخاننىڭ شاگىرتلىرى تۇرساق، مۇنداق مۇسابىقىگە بىز چۈشمەي كىم چۈشىدۇ، دەپ تۇرىۋالغان ئاپئاق ساقاللىق ئىككى بوۋاينى ئامالسىز زاپاس توپچىلار قاتارىغا قوشۇپمۇ قويۇشتى. ئالدىنقى كۈنى توپچىلار يولغا چىقىدىغان چاغدا ناھاۋۇدۇن باي باشچىلىقىدا يۇرۇت خەلق قومۇرلۇپ چىقىپ ئۇلارنى ئۇزاتتى. پۇتبۇل دىسە جىنىنى بىرىدىغان بىر توپ ئادەم يولنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي ئۇلارغا ئەگىشىپ قەشقەرگىچە كەلدى. توپچىلار بىر كىچە قونغان خانلىق مەدىرىسەدە بۇ سەپ تىخىمۇ زورايدى. شۇ تاپتا مۇشۇ مەيداندا ئولتۇرغان شۇنچىۋالا جامائەتمۇ توپچىلارغا چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئۈمىە ئىچىدە تەلپۈنىۋاتىدۇ. ئاشپەز-ناۋايلار ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقلىرى، كۆڭۈل قويۇپ ياققان نانلىرى بىلەن ئۇلارنى بىقىۋاتىدۇ. دوغاپچىلار:«يۈرىكىڭلارنى سەگىتىپ، جىنىڭلارنى ياشارتىدىغان دوغاپ بۇ» دىيىشىپ، يوغان چىنىلەردە دوغاپ ئەكىلىپ بىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار نىمىشقا مۇشۇنداق قىلدۇ؟ تۇرسۇن ئەپەندى ئويلىغانچە ئۆزىنى بىر تاغ يۈدىۋالغاندەك سىزەتتى. بەزىدە ئەندىشىگىمۇ چۈشۈپ قالاتتى. لىكىن تىگى-تەكتىدىن ئالغاندائۇنىڭ يۈرىكى توق، ئىشەنچىسى كۈچلۈك ئىدى. ئۇ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ئاشۇ بىر-بىردىن قاۋۇل، چەبدەس يىگىتلەرگە ئىشىنەتتى، ئۇ ئۇلارنىڭ خىلى كۆپىگە قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ خەتنى توغرا ھەم چىرايلىق يىزىشنى ئۈگەتكەن. پۇتبۇل دىگەننىڭ جۈرئىتى بار ئوغۇل بالا ئوينايدىغان نەرسە ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەر-بىرنى ئاۋۇ چاقماقتەك چەبدەس كىرەم كىچىكنى، قاراقاش، قاراكۆز، قاڭشارلىق، ئىگىز بوي ئەنۋەرنى، بەستىلىك چىرايى قىزىل، سىرىق ساقال ئىبراھىمنى، يوغان-يورپا، قاۋۇل، ئەمما كىچىك بالىدەك ساددا غوپۇرنى، ياۋاش ئەمما پەملىك بىشراخۇننى، مۇسا پالۋاننىڭ ئىنىللىرى پالۋان قامەت تۇرسۇن قارىي بىلەن ئەمەت قارىيلارنى…. بەك چۇڭقۇر چۈشىنەتتى. ھەر-بىرنىڭ مىجەزىنى، توپنى قانداق تىپىدىغانلىقنى، ئارتۇق-كەم تەرەپلىرىنى بەش قولدەك بىلەتتى. قارىماققا ياۋاش، جىمغۇر كۆرۈنىدىغان بىر بالنىڭ كۈتمىگەندە كارامەت ئىشلارنى قىلىۋىتەلەيدىغانلىقنى بىلەتتى. بىر ئايدىن بۇيانقى جاپالىق مەشىق جەريانىدا ئۇلارنىڭ ھەربىرى خىللا ئورۇقلاپ، چىرايلىرى قارداپ قالغان بولسىمۇ، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ۋۇجۇدىدىن پۈتمەس-تۈگمەس كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. مانا ئۇلار شۇ تاپتىمۇ:
ئاقاداشلار توپلىنايلى، جەھلىن ئوينى بۇزغىلى،
ئەل كۆزىدىن ئالغان قاراڭغۇ پەردىنى يىرىتقىلى.
ئىنقىرازدىن خەلقىمىزنى قۇتقازغۇچى ئىلىمدۇر،
بىزلەرنىمۇ دەل بۈگۈن ھەم بىلىم ئكزى قۇتقۇزۇر.
دىگەندەك ناخشىلارنى كەينى-كەينىدىن ئۇلاپ ئوقۇپ، مەيداننى لەرزىگە سالماقتا ئىدى.
ئۇلارنىڭ قارشى تەرپىدە-مەيداننىڭ سىرتىدا ئاق رەڭلىك تەنتەربىيە كىيىمى، پۇتبۇل ئايىغى كىيگەن ئىگىز بوي، سىرىق چاچ، كۆك كۆز كەلگەن ئىنگىلىزلار ۋە ھىندىستانلقلاردىن تەركىپ تاپقان «ئەنگىلىيە كوماندىسى» دىكىلەر توپلىشىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىمۇ بىرەر يۈز ئادەم-كونسۇلخانا خىزمەتچىلىرى، شىۋېت دىن تارقاتقۇچىلىرى ھەم دوختۇرخانا خادىملىرى ۋە تاماشا كۆرگۈچىلەر ئورىۋالغاندى.
كەينە-كەينىدىن كەلگەن ھەشەمەتلىك مەپىلەردە دوتەي ۋە شەھەر بەگلىرى، قازىكالان، ئۆلىمالار ۋە كاتتا، زەردار بايلا يىتىپ كىلىشتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىلا رۇسچە ۋە ئىنگىلىزچە پەيتۇندا ئەنگىلىيە ۋە سوۋىت ئىتىپاقى كونسۇللىرى، خانىملىرى بىلەن يىتىپ كەلدى. بۇ چاغدا مەيدان ئەتراپى سانجاق-سانجاق ئادەملەر بىلەن تولۇپ يىڭنە سىغقۇدەك يەر قالمىغان، ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى، دەرەخ شاخلىرىغىمۇ ئادەملەر چىقىۋالغانىدى. ئىككى كونسۇل خانىملىرى بىلەن دوتەينىڭ ئىككى تەرپىگە ئورۇنلاشتى. دوتەي ئىككى تەرپىدىكىلەر بىلەن بىر نەچچە ئىغىز سۆزلىشىپ باش لىڭىشىتتى. ئارقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىگىز بوي، ئاۋاق تىلماچ بىلەن مەيداننىڭ ئوتتۇرغىراق كىلىپ سۆزىنى باشلىدى. بۈگۈنكى قەشقەر تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن كاتتا خەلىقئارالىق مۇسابىقىنىڭ جۇڭگۇ- ئەنگىليە خەلىقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بەلگە تىشى بوپقىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىككى تەرەپ توپچىلىرىغا ئامەت تىلىدى. ئارقىدىنلا كونسۇل گېللئان ئەپەندى سۆز ئىلىپ ئالاھىدە بىر خىل ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى ئىچىدە، بۈگۈنكى مۇشۇنچە كۆپ، مۇشۇنچە قىزغىن تاماشىبىننى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ پۇتبۇل يۇرۇتى بولغان ئەنگىلىيىلىك ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى مۇسابىقىدە «ئەنگىلىيە كوماندىسى»نىڭ ماھارىتى ھەم جاسارىتىگە، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە يارتالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «جۇڭگۇ كوماندىسى»توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن تەسىرلىك تەرىپىنى ئاڭلىغانلقىنى ئىيتىپ ئۇلارغىمۇ ئامەەت تىلىدى.ئاخىردا يۇمۇرلۇق تەلەپپۇزدا: ئەگەر جۇڭگۇ تەرەپ ئۇتىۋالسا، بىز ئۇلارغا كۆمۈش ئىگەر جاپدۇقلۇق بىر جۈپ ئارغىماق بىرىشكە ۋەدە قىلىمىز. بىز ئۇتىۋالساق جۇڭگۇتەرەپ بىزگە نىمە بىرىدىكىن؟ دەپ ئەتراپىدىكىلەرگە قارىدى. چەتئەللىكلەر قاقاقلاپ كۈلۈشتى. تۇرسۇن ئەپەندى تىلماچنىڭ تەرجىمە قىلشىنى ساقلىمايلا، يۇقىرى ئاۋازدا:
بىر بىرگە ئىككىنى بىرىشكە تەييار!-جاۋاپ بەردى. تىلماچ كونسۇلنىڭ سۆزنى تەرجىمە قىلىپ بولغاندا تاماشىبىنلا بارىكاللا ئىيىتىشىپ چاۋاك چىلىشىپ كىتىشتى.
بۇسابىقە باشلاندى، ئىككى كوماندا ناغرا-سۇناي، ئالقىش ساداسى ئىچىدە مەيدانغا كىرىپ كەلدى. بۇ بىر بىرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى كوماندا ئىدى. ئاق كىيىملىك«ئەنگىلىيە كوماندىسى» ياردەمچى كونسۇل شىرىف ئەپەندى، كونسۇلخانا دوختۇرى، ئۇزاقتىن بىرى كونسۇلخانىدا تۇرۋاتقان مۇخبىر ھەم ساياھەتچى، شاپ بۇرۇت مېچىل ئەپەندى، ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ لىيتنانتى گىرگىسىن، ئىككى نەپەر ياش جۇغراپىيە شۇناس ۋە ھىندىستانلىق ئۈچ خادىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ھەممىسىنىڭ چىرايىدىن غالىپلىق ھەتتا مەسخىرە ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى.دىمىسىمۇ مەدەنىيەتلىك دۇنيادىن يىراق جاھاننىڭ بىر چىتىدىكى سەھرالىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشمەكچى بولغىنى كۈلكىلىك بىر ئىش ئەمەسمۇ. ئۇلارنىڭ ئارسىدا ياخشى چىنىققان تەنتەربىيە ھەۋەسكارى شىرىف ئەپەندى، بىر مەزگىل لوندۇندىكى پۇتبۇل كولۇبلىرىدا توپ تەپكەن، پۇتبۇلغا ئائىت ئوبرۇزلارنى يازغان مىچىل ئەپەندى تاغقا چىقىش ماھىرى گىرگىسىنلار تۇرسا. خەيريەت، بۇ مۇسابىقە ئۇلار ئۈچۈن بىر قىتملىق يەڭگىل كۆڭۈل ئىچىش مۇسابىقسى بوپ قالغۇسى. ماۋۇ يىرىم ياۋايى ئادەملەر ئۈچۈن بولسا ھەققىي مۇسابىقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىۋالىدىغان بىر پۇرسەت، پۇرسەت بولغاندىمۇ، ھاياتىدا يەنە بىرقىتىم ئىرشەلمەيدىغان تىپىلغۇسىز بىر پۇرسەت ئىكساق كوماندىسىدىكلەر. بىشىغا ئاق دوپپا، ئۇچىسىغا ئاق ماتا كۆينەك كىيگەن، بەللىرىگە بالۋاغ باغلىغان، پۇتلىرىدىكى مەسە كالاچلىرىنى چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن خىلمۇ-خىل شوينىدا باغلىۋىلىشقان ئىدى. ئەمما دىققەت بىلەن كۈزەتكەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەستايىدىللقىنى، مەقسىدىگە يەتمىگۈچە توختىمايدىغان«ياۋايى كۈچ»ۋە يۈرەكنى جىغىلداتقىدەك قەيسەرلىكنى ھىس قىلالايىتتى.
سوۋىت ئىتتپاقلىق رىپىرنىڭ پۈشتەك چىلىپ بەلگە بىرىپ بىرىشى بىلەنلا، ساقاللىق ئىنگىلىز دوختۇر توپنى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىغا قارىتىپ تەپتى. شۇنداق قىلىپ دۇنيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدىن كەلگەنلەر بىلەن«يىرىم ياۋايى»لار ئارسىدىكى ئىس -تۈتەكسىز كۈرەش باشلىنىپ كەتتى.
مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى پەيىتلىرىدە ئىككى تەرەپ كوماندا ئەزالىرنىڭ روھى دۇنياسى ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنەتتى.
ئەنگىلىيە كوماندىسىدىكىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە مەيداندىكى ھەركەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە شەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى، ئىكساقلىقلار بولسا ھەدىگەندىلا تەمتىرەپ تۇراتتى. ناتۇنۇش، كۈچلۈك رەقىب، تۈمەنىلىگەن تاماشىبىننىڭ دىڭىز شاۋقۇنىدەك چۇقان-سۈرەنلىرى ئۆمرىدە بۇنداق كاتتا سورۇننى كۆرۈپ باقمىغان بۇ ساددا كىشىلەرنىڭ
دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرشىگە كاشىلا قىلماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ تەمتىرەپ قىلۋاتقانلقنى سەزگەن ئەنگىلىيىكلەر چەبدەسلىك بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى ھە دىگەندىلا ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتاتتى. بۇ ھالەت يەنە بىر پەس داۋاملىشىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ غەلبە ئاساسىنى قۇرىۋىلىشىدا گەپ يوق ئىدى.
دەل شۇ چاغدا مەيداننىڭ بىر چىتىدىن بوراندەك غەزەبلىك ئاۋاز ياڭرىدى. ھەممە ئادەم ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرۇلۇپ قاراشتى. ئىكساقنىڭ زاپاس كوماندا ئەزالىرى ئارسىدا ئولتۇرغان ئاپئاق ساقاللىق تەمبەل بىر بوۋاي ساقاللىرىنى تىتىرتىپ:«…ئوينىيالمىساڭ چۈشە مەيداندىن! ھەرقايسىڭ توپنى تالاشماي ساماغا چۈشتىڭمۇ مەيدانغا؟!» دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئۇ، ئىكساقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى توپچىلىرىدىن بىرى بولغان نامان ئاكا ئىدى. نامان ئاكىنىڭ قەھىرلىك ئاۋازى ۋە ئاپئاق ساقىلى ئىكساقلقىلارنى سەگىتتى. كىرەم كىچىك ئىچىدە ئىختىيارسىز بوۋايغا ئاپرىن ئوقۇدى. ئۇ بىردىنلا پۇت قولنىڭ كۈچكە تولغانلىقنى ھىس قىلدى. ئۇ ئەنگىلىيىلىكلەر چەبدەسلىك بىلەن پاسلىشىپ ئىلىپ كىتىۋاتقان توپنى بۈركۈتتەك ئىتلىپ بىرىپ ئۈزۈپ ئالدى….
—بارىكاللا! ئوغۇل بالا دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ مانا.
—ئاتاڭغا رەھمەت!- دەپ توۋلىشاتتى ئەتراپتىكىلەر.كىرەم توپنى توختىتىپ مەيدانغا بىر نەزەر سالغاندىن كىيىن، ھۇجۇمچى ئورنىدا تۇرغان ئەنۋەرنى كۆردى-دە، «ئالە ئەنۋەر» دىگىنىچەتوپنى كۈچەپ تەپتى. ئاللىقاچان توپنى كۈتۈپ تۇرغان ئەنۋەر توپنى مەيدىسىگە شۇنداق چىرايلىق ئىلىپ توختاتتىكى، ئەنگىلىيىكلەرنىڭ چىرايىدىمۇ ھەيرانلىق ئەكىس ئەتتى. مەيدان سىرتىدىكىلەر ھاياجاندىن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، گۈلدۈرلىشىپ كەتتى.
ئەنۋەر بۇرۇلۇپ ئەنگىلىيە تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا قاراپ شامالدەك تىز يۈگۈردى. ئەتراپتىكىلەرنى كەينىگە تاشلاپ، ئالدىغا كەلگەن بىر ئىنگىلىز بىلەن ھنىدىستانلىقىنى ماھىرلىق بىلەن ئالداپ ئۆتۈپ، توپنى ۋارتاغا قارىتىپ كۈچەپ تەپتى. پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ تۇرغان ئەنگىلىيە ۋاراتارى توپنى سالماقلق بىلەن تۇتىۋالدى. ئەمما بۇ بىر توپ ئىكساق كوماندىسىدىكلەر ئۈچۈن ئىلھام بەخش ھۇجۇم سىگنالى بولۇپ قالدى. مۇسابىقە بارغانسىرى كەسكىنلەشتى، ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق قاملاشقان ھۇجۇممۇ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سىلىپ چۇقان كۆتۈرگۈزىۋەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئىلشىشى پۈتكۈل مەيداننى مسلىسىز جددىيىلىك ئىچىگە ئىلىپ كىردى. مەيداننىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىكساق كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى جىددىيىچىلىك ۋە يۈرەكسىزلىكىنى يوقتىپ، بارا-بارا مۇسابىقىگە كىرىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئەنگىلىيە كوماندىسىدىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ «يىرىم ياۋايى» لارنى بوش چاغلاپ قالغانلقىلىرىنى سىزىپ، ئەسلىدىكى ھاكاۋۇرلىقىنى تاشلاپ، توپنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئويناشقا باشلغانىدى.
ئىكساقلقلار كەينى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئەنگىلىيىلىكلەرنى خىلىلا تەمتىرىتىپ قويدى. بولۇپمۇ كىرەم توپچى بىلەن تۇرسۇن ئەپەندى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە قادالغان خەنجەردەك توختىماي زەربە بىرەتتى، مۇسابىقىنىڭ ئىكساقلىقلارغا پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تاماشىبىنلار بولسا خۇددى بۇ ئالەمدىكى ئاجايىپ كارامەتلىك مۆجىزىنىڭ شاھىتىدەك ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا چۇقان سۈرە سىلىشاتتى.
بۇ ھال ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى بولغان لىيىتنانت گىرگىسنىنى قاتتىق تىرىكتۈردى. «نىمە ئىش بۇ، ماۋۇ يالىڭاياغلار خۇددى خۇداسىدىن مەدەت ئالغاندەك كۈچىيىپ كىتىپ بارىدىغۇ. مەيلى، ئۇلارغا كىمنىڭ مەدەت بىرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنى يىڭىشىمىز كىرەك. بۇ ياۋايىلارنىڭ بۈيۈك برېتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تەڭداشسىز ئوبرازىغا نوقسان كەلتۈرىشىگە يول قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر بۇلار يىرىتقۇچ يولۋاس بولغان تەقدىردىمۇ، قامچا بىلەن باش ئەگدۈرۈش كىرەك!»دەپ ئويلىدى.
ئۇ ئويىلغانسىرى غەزەبلىنىشكە، ئەسەبىيلىششىكە باشلىدى.
دەل شۇ چاغدا ئەنگىلىيە تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايۇنغا قاراپ توپنى ماھىرلق بىلەن ئىلىپ كىتىپ بارغان بىشراخۇنغا قاراپ ئىتىلغان قوڭۇر تەنلىك بىر بىكتوپقا قاراپمۇ قويماي، بىشىراخۇننىڭ ھوشۇقىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتى. ئۇنداق يولسىز ھۇجۇمغا تەييارلىقسىز تۇرغان بىشىراخۇن ئاغىرىققا چىدىماي يەردە يۇمىلاپ كەتتى.
—ياخشى! دەپ ۋارقىردى لىېيتنانىت،- ئۇلارنى مۇشۇنداق قوپالماس قىلىپ قويۇش كىرك.
—نىمە قىلىق بۇ، شۇنداقمۇ نامەرتلىك قىلغان بارمۇ؟!
—چىدىغانغا چىقارغان! چىدىماسلار ئوينىمىسۇن!
نارازىلىق سادالىرى مەيداننى بىر ئالدى. سوۋىت ئىتىپاقى كونسۇلخانىسىدىن تەكلىپ قىلىنغان رىپىر دەرھال پۈشتەك چىلىپ مۇسابىقىنى توختاتتى ۋە بىنگاللىق بېكىنى ئاغزاكى ئاگاھلاندۇردى توپنى ئكساق كوماندىسىغا ئىختىيارى باشلاتقۇزدى.
شۇنىڭدىن كىيىن ئىكساقلىقلار كەينى-كەينىدىن يىقىلغىلى تۇردى. تۇرسۇن ئەپەندى ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكلىكىنى سىزىپ، ئەزالىرىنى ھوشيار بولۇشقا چاقىرىدى. ئىكساقلىقلارنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ غەزەپ ئۇچقۇنى چاچىرماقتا ئىدى.
ئەنگىلىيە كوماندىسى ھۇجۇم قىلىپ، توپنى ئىكساق تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونى ئەتراپىغا ئىلىپ كەلدى. ئەڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ كەلگەن مىچىل ئەپەندى توپنى ئىلىشىغا، ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ«ئىلتىپاتى»دىن تولا بەھرىمان بولۇپ، ئىچى قايناپ تۇرغان ئەمەت قارى يۈگۈرۈپ بىرىپ مىچىل ئەپەندىنى دولىسى بىلەن كىلىشتۈرۈپ ئۈستى.
ئىگىز بوي مىچىل ئەپەندى دەرەختەك ئۆرۈلۈپ، يەردە نەچچە يۇمىلاپ كەتتى. رىپىر دەرھال پۈشتەك چىلىپ ئەنگىلىيە كوماندىسىنى ئىختىيارى توپ باشلاتقۇزدى. ئىكساقلىقلار بۇنىڭغا نارازى بولدى، تۇشمۇ-تۇشتىن رىپىرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بىرىپ، بۇنى قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئەمەس، دەپ تالشىشتى.
ئەنگىلىيىلكلەر بولسا توپنى تىز سۈرئەتتە باشلاپ، قارشى تەرەپنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ۋاراتاغا قارىتىپ توپنى تەپتى. پۈتۈن دىققىتىنى مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى تالاش-تارتىشقا قارىتىپ تۇرغان ۋاراتار مۇھەممەت توڭپنى توسۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى. مەيداندىكى تاماشىبىنلار بۇ تۇيۇقسز ئەھۋالدىن ھۇدۇقۇپ، ئۈن چىقارماي ھاڭۋىقىپ قىلىشتى. رىپىر بولسا ئىككىلەنمەي، كىرگەن توپنىڭ ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلىپ، ئوتتۇرا مەيداندىن توپ باشلاشنى ئۇقتۇردى.
گىللىئان ئەپەندى بىلەن خانىمى باشچىلىقىدىكى كونسۇلخانا خادىملىرى، شىۋېتسىيىلىكلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چاۋاك چىلىپ تەنتەنە قىلىشتى. تاماشىبىنلار بوراندەك گۈركىرەپ ۋارقىراشتى:
—ناھەق بولدى، ناھەق!
—ھۇ نامەردلەر، خوتۇن كىشىدىن ئۇششۇق نىمىلەرىكەن بۇ!
—يالغانلىقىمىز چىنىپ قالمىسۇن، دەپ قويىۋالغان ساقاللىرىغا قاراڭلار، خالايىق! بۇنچە كۆپ كىشى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بىر نىيەت-بىرمەقسەت ئۈچۈن جىنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىشىپ چۇقان سىلىپ باقمىغان، مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۇگۈپ سەكرەشمىگەنىدى. شۇتاپتا مەيدان ئىچى بىلەن سىرتى بىرلىشىپ كەتكەنىدى. تاماشىبىنلارنىڭ يۈرىكى ئۆز توپچىلىرنىڭ يۈرىكى بىلەن تەڭ سوقاتتى. ھېس تۇيغۇلىرى ئۇلار بىلەن تەڭ ئۆركەشلەپ، دىڭىزدەك داۋالغۇيىتتى.
سوۋىت ئىتىپاقلىق رىپىر سائەتكە قارىدى-دە، ئكساق كوماندىسىدىكىلەر ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى باشلىشى بىلەنلا پۈشتەك چىلىپ يىرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقنى ئۇقتۇردى. تىزلىكتە بىرىپ توپنى قولىغا ئىلىپ، تۇرسۇن ئەپەندىگە ئەتراپتىكى چوقان-سۈرەن سىلىپ تۇرغان تاماشىبىنلارنى ۋە غەزەپلىك چىرايلارنى كۆرسىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ مەيداندىن چىقىپ كەتتى.
ئەنگىلىيىلىكلەر مەيدان سىرتىغا سايىۋەن بىكتىپ ئالاھىدە راسلانغان ئورۇنلارغا بىرىپ ئارام ئىلىشتى. شىۋېت دوختۇرلىرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا پايپىتەك بولۇشاتتى، كونسۇلخانا خىزمەتچىلىرى ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى ئۇۋلاپ، ئىچىملىك ئەكىلىپ بىرىپ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىشكە تىرشاتتى.
ئىكساقلىقلار بولسا تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا مەيدان ئوتتۇرسىدا يۇمىلاق بولۇپ ئولتۇرىشتى.
—ھەممىمز ماۋۇ خەلقنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز، – دىدى تۇرسۇن ئەپەندى،- ئۇلار بىزنىڭ ئارقا تىرىكىمىز، كۈچ-قۇۋىتىمىزنىڭ مەنبەسى. ئاشۇ ئەزىز خەلىقىمىزنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولۇش بىز ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن باراۋەر. ئەگەر بۈگۈن بىزگە ئەجەل كەلگەن تەقدىردىمۇ، مۇشۇ مەيداندا رەقىبلىرىمىزنى يىڭىپ، يۇرۇت خەلىقنىڭ تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆلىمىز. قورقۇنچاقلىق قىلىشقا، چىكىنىشكە قەتئى يول يوق. رەقىبىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىز ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈك بولىشىمىز كىرەك.
دەل شۇ چاغدا ئالىمان ئىچىدە ئادەم توپىنى يىرىپ كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ، مۇسابىقىنىڭ دەسلىپىدە ۋارقىراپ ئىكساقلىق توپچىلارنىڭ دىققىتىنى يىغقان، ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان نامان توپچى ئىدى. ئۇ، تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قوللىرىغا ئىسلىپ تۇرۇپ:
—بالىلىرىم، پالۋانلىرىم، مەن سىلەردىن رازى بولدۇم، خەلىقىمىز سىلەردىن رازى بولدى. سىلەر جىنىڭلارنى تىكىپ قويۇپ ئوينىدىڭلار، ئاۋۇ ھاكاۋۇر پەرەڭلەرنى ئەندىشىگە سىلىپ قويدۇڭلار، ئۇلۇغ ئاللا پۇت قولۇڭلارغا يەنىمۇكۈچ-قۈۋەت بەرگەي، سىلەرگە يىڭىلمەس نۈسرەت ئاتا قىلغاي، خەلىقنىڭ ئالقىش رەھمىتىدىن كۆكلەپ كەتكەيسىلەر ئىلاھىم، ئامىن!-دەپ دۇئا قىلدى. ھاياجان ياشلىرى بوۋاينىڭ ئۇزۇن، ئاق ساقاللىرىغا ئىقىپ چۈشتى.
بۇ چاغدا كوماندا ئەزالىرنىڭ كۆزلىرىمۇ ئوتتەك يىنىپ، تومۇرلىرىدىكى قانلار ئۆركەشلەپ ئاقماقتا ئىدى. ئۇلار ئەتراپقا قاراپ، بىدىلىككە يىغىلغان تۈنەنلىگەن خەلىقنىڭ ئۆزلىرىگە تىككەن ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى كۆردى. بۇ كۆزلەر ئىچىدە يەتتە ياشلىق بالىلارنىڭ غۇبارسىز كۆزلىرىمۇ، 70 ياشلىق بوۋايلارنىڭ نۇرى قاچقان كۆزلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ كۆزلەردىكى ئۈمىد ئۇچقۇنىنى ئۆچۈرىۋىتىشكە بولمايتتى، ئۇلارنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى جان تىكىپ ئاقلىماي بولمايىتتى.
رىپىر مەيدانغا كىرىپ پۇشتەك چالدى. ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلاندى.
ئىكساقلقلار خۇددى باشقىچىلا ئادەملەرگە ئۆزگىرەپ قالغاندەك ئىدى. ئۇلار ھىچنىمىدىن قورۇقمايىتتى، نىشانىغا قاراپ شىردەك ئىتىلاتتى. ھەركەتلىرى شۇ قەدەر چاققان، چىرايلىق ئىدى. ئۇلار ئەنگىلىيە تەرەپ ۋاراتاسىغا توختىماي ھۇجۇم قىلاتتى. ھۇجۇملار خۇددى دىڭىز دولقۇنلىرىدەك بىر-بىرىدىن شددەتلىك، بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كىلەتتى. ئەمدى ئەنگىليە كوماندىسىدىكىلەر تەمتىرەپ قىلىشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز مەيدانىدا توپلىشىپ مۇداپىيەدىلا تۇراتتى، تىپەتتى، پۇتلايىتتى، ئالدىغا ئۆتكەننى تارتىپ يىقىتاتتى. ئەمما ئىكساقلقلار يىقىلسا دەرھال قوپاتتى-دە، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئالغا يۈگىرەيىتتى، ئىتىلاتتى، يەنە يىقىلسا يەنە تۇراتتى، يەنە يۈگرەيىتتى، يىقىلغان يەردىن قۈۋەت ئالغاندەك تىخىمۇ قەيسەر بولۇپ تۇراتتى. ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ چىرايىدا كۆرەڭلىكتىن ئەسەر قالمىدى. ئۇنىڭ ئورنىنى ھەيرانلىق، قورقۇش ھەتتا ئاز-تولا قايىللىق ئىگىلىدى.
تۇرسۇن ئەپەندى پەخىردىدىن بەرگەن پاسنى ئالدى دە، تىز سۈرئەت بىلەن قارشى تەرەپ كوماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىىغا ئىلىپ كىردى. ھىندىستانلىق ۋاراتار تۇرسۇن ئەپەندىنى نىشان قىلىپ شىددەت بىلەن ئىتىلىپ چىقتى. قارشى تەرەپنىڭ مەقسىدىنى پەمىلگەن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزنى يانغا ئىلىپ، ئۇنىڭ يىنىدىن شامالدەك ئۆتۈپ كەتتى. ۋاراتار ئۆزىنى تۇتالماي، ئۆزىگە ئوخشاش مەقسەت بىلەن تۇرسۇن ئەپەندىگە قاراپ ئىتىلىپ كەلگەن سەپدىشى بىلەن قاتتىق سوقۇلۇشتى ۋە ئىككىلىسى ھۆركىرەشكىنىچە يەردە يۇمىلاپ كىتىشتى. بۇنى كۆرگەن تۇرسۇن ئەپەندى پۇتىدىكى توپنى ۋاراتارغا تەپمەستىن، يان سىزىقتىن تىپىپ چىقىرۋەتتى-دە، دەرھال بىرىپ ۋاراتارنى يۆلىدى. بۇ ئالىيجاناپ ھەرىكەت پۈتكۈل مەيداننى لەرزىگە سىلىۋەتتى. ھەتتا كونسئول گىللىئان ئەپەندى بىلەن خانىممۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تۇرسۇن ئەپەندىگە قاراپ كۈچەپ چاۋاك چالدى. ئۇلارغا ئەگىشىپ كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ زاپاس ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇنتىغان ھالدا چاۋاك چىلىشىپ كەتتى.كونسۇلخانىنىڭ داۋالاش خادىملىرى دەرھال مەيدانغا يۈگۈرۈپ كىرىشتى. بۇ كىچىككىنىە ئۈزىلىش داۋمىدا گىللىئان ئەپەندى مەيداننىڭ چىتىگە كىلىپ ئەنگىلىيە كوماندىسىدىكىلەرگە:« بۇ مۇسابىقىدە بەلكىم ئۇتتۇرشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئىناۋەتنى ئۇتتۇرۋىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنتۇپ قالماڭلاركى، ھازىر سىلەر بۈيۈك بىر برېتانىيە ئىمپىريىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپتىدە تۇرۋاتىسىلەر. بىرىڭلار، ئۇلارغا ھەقىقى ئەنگىلىيە مۆتىۋەرلىرىنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولغاي»دىدى.
ئادەم ئالماشتۇرۇلۇپ، كەسكىن جەڭ باشلاندى. ئەمما بۇ قىتىم مەيداندىكى كەيپىيات تۈپتىن ئۆزگەرگەنىدى. ياپيىشىل بىدىلىكتە 22ئەزىمەت باراۋەر ئورۇندا، كەمسىتىش ۋە كەمسىتىلىشتىن خالى ھالدا غەلبە ئۈچۈن كۈرەش قىلۋاتاتتى. مانا بۇ ھەققى مۇسابىقە ئىدى.
ئىكساق كوماندىسىدىكىلەر توپنى ھۇجۇم سىپىدە تۇرغان ئەنۋەرگە پاس بىرىشتى. ئەنۋەر توپنى ئەپچىللىك بىلەن كونتىرول قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا ئوقتەك يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئالدىنى توسقان ھۇجۇمچىلاردىن ئۇيان-بۇيان ئەگىپ، ناھايىتتى چاققان ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار ھەرقانچە قوغلاپمۇ ئەنۋەرگە يىتىشەلمىدى. ئۇ توپنى ئىلىپ ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا كىرىپلا ئوڭ بۇرجەككە قارتىپ شۇنداق كۈچ بىلەن تەپتىكى ۋاراتار توپنى توسۇپ بولغىچە توپ كىرىپ كەتتى. ناغرا-سۇناي ساداسى، قىقەس سۈرەن قاپلىغان مەيدان داۋالغۇپ كەتتى. كىشلەر ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا تەنتەنە قىلىشتى. رىپىر توپنى ئىلىپ ئوتتۇرا مەيداننى كۆرسەتتى، ئىككى تەرەپنىڭ نەتىجىسى بىردە بىر بولۇپ، تەڭشىلىپ قالغانىدى.
مۇسابىقىنىڭ ئاخىردا، ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ھەممىسى دىگىدەك ئۆز مەيدانىغا قايتىپ قەيسەرلىك بىلەن مۇداپىيەدە تۇرغاچقا، مۇسابىقە تىركىشىش باسقۇچىغا كىرىپ قالغانىدى. ۋاقىت مىنۇت سىكۇنىتلاپ ئۆتمەكتە، رىپىر توختىماي سائەتكە قارايىتتى، تاماشىبىنلارنىڭ چىرايىدىن تاقەتسىزلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. مۇسابىقە ۋاقىتنىڭ توشۇش ئالدىدا تۇرغانلىقنى كۆرگەن ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ چىرايىدىكى جىددىيلىكمۇ يوقىلىشقا باشلىغاندى.
توپ ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ پۇتىدا بولۇپ، ئۇلار ئاخىرقى بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىتىنى ئۆتكۈزۋىتىش ئۈچۈن ئۆز مەيدانىدا پاس بىرىشىپ يۈرمەكتە ئىدى. تۇيۇقسىز توپنىڭ يىنىدا پەيدا بولۇپقالغان كىرەم مايمۇندەك چاققانلىق بىلەن توپنى لىتنانىت گىرگىسىننڭ پۇتىدىن تارتىپ ئالدى-دە، ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتارسىغا يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇ شۇنداق تىز يۈگۈردىكى، كۆرۈپ تۇرغان ھەممە ئادەم ھەيرانلىقتىن قىتىپ قالدى. گىرگىسىن بولسا، ھازىرلا پۇتىدا تۇرغان توپنىڭ قانداق قىلىپ بۇ مۇشتۇمدەك بالىنىڭ پۇتىغا ئۆتۈپ قالغىنىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. كىرەم ئاجايىپ چاققانلىق ۋە ماھىرلىق بىلەن قات-قات توساقلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ ۋاراتارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ۋاراتار ئۆزىنى كىرەمنىڭ پۇتىدىكى توپقا ئاتتى. كىرەم بولسا سىھرىگەرلەردەك بىر ھەرىكەت بىلەن توپنى ۋاراتارنىڭ ئالدىدىن ئىلىپ كەتتى دە، قۇرۇق ۋاراتارغا قارىتىپ جىنىنىڭ بارىچە تەپتى، توپ كىردى.
نەتىجىدە ئىككىدە بىر بولدى. مەيدان قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن، كىشىلەر سەكرىشىۋاتقان، ۋارقىرشىۋاتقان، تونۇشسۇن، تونۇشمىسۇن مەھكەم قۇچاقلىشىپ يىغلىشىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىدە، كونسۇل خانىممنىڭ چىداپ ئولتۇرالماي پەيتۇنغا چۈشۈپ ئۆزى يالغۇز كىتىپ قالغىنىنى كىشىلەر كۆمەي قالدى. رىپىرنىڭ پۈشتەك چىلىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىلان قىلغانلىقىنىمۇ ھىچكىم سەزمىدى. تاماشىبىنلار مەيدانغا سەلدەك يوپۇرىلىپ كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمان توپچىلىرىنى قاتمۇ-قات ئورىۋالدى. ھەممە ئادەم ئۇلارغا ئىككى ئىغىز يۈرەك سۆزىنى ئيىتىۋىلىشنى ياكى بىرەرسىنىڭ چاپىننىڭ پىشىنى بولسىمۇ تۇتىۋىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. كىشىلەر توپىنىڭ سىرتىدا ھەمرا بايمۇ ھاسىراپ ھۆمىدەپ ئايلىنىپ يۈرەتتى. قىپقىزىل يۈزىدىكى تەرلىرىنى يوختىماي سۈرىتكەچ كىشىلەر توپىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ، قىستىلىپ ئالدىغا ئۆتمەكچى بولاتتى. سانجاق-سانجاق تۇرۇشۇپ كەتكەن ئادەملەر يول بەرمىگەندە بولسا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، بوينىنى سوزۇپ ئىكساقلىق يۇرۇتداشلىرىنى ياكى ئۆزى دائىم تىللاپ، قارغاپ يۈرىيدىغان كىرەم كىچىكنى، يا كىرەم توپچىنى كۆرىۋالماقچى، ئۇلارنى ئۆيىگە باشلاپ يوغان ئەركەك قوينى سۆيۈپ مىھمان قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئيىتماقچى بولاتتى….
ئادەملەر توپ پىچاق بىلەن كەسكەندەك ئىككىگە ئايرىلپ، يول ئىچىلدى. دوتەي باشلىقى ئەمەلدارلار ۋە يۇرۇت چوڭلىرى، سوۋېت ئىتىپاقى كونسۇلى قاتارلىقلار توپچىلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ھەممىسىنىڭ ئاغزى قۇلقىغا يەتكەن، خۇشاللىق ۋە ھەيرانلىقتىن ئاغزى گەپكە كەلمەي قالغانىدى. سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى دومپىس ئەپەندى«ئەمگەكچى خەلىقنىڭ جاھانگىرلىك ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسى»نى تەبرىكلەپ ئىكساقلىقلارغا ئىككى پۇتبۇل توپى تەقدىم قىلدى. توپلار ناھايىتتى چىڭ، يىپيىڭى، پارقىراپ تۇراتتى، خۇددى كىرەم بىلەن ئەنۋەرلەرنىڭ ئارزۇسىدەك ئىدى.
ئىككىنچى كۈنى، يەنى 21-مايدا ئىكساق پۇتبۇل كوماندىسى شىۋېتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلار، دوختۇرخانا خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئۇلارنى يەتتىدە بىر نەتىجە بىلەن يەڭدى. مۇسابىقىدىن كىيىن مىڭلىغان خەلق ئىكساقلىق پۇتبۇلچىلارنى دولىسىدا كۆتۈرۈپ شەھەر ئايلاندۇرۇپ، خانلىق مەدىرىسگىچە ئاپىپ قويدى.
توپچىلار ئەتىسىلا ئىكساققا قايىتتى. باھاۋۇدۇن باي بىلەن يۇرۇت خەلىقى ئۇلارنى چوڭ يولغا چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. ئىكساقلىقلار قەھرىمان توپچىلىرىنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەپ چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ بەردى. تويلار تويلارغا ئۇلىشىپ كەتتى. شۇ تويلارنىڭ بىرى كىرەم توپچى بىلەن مەرىگۇلنىڭ ئىدى.
ئادەملەر دىگەن قىزىق بولدۇ، نامرات تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى كاتتا باينىڭ يالغۇز قىزىنى ئەمرىگە ئىلىپ، باينىڭ ئەتىۋارلىق كۈيئوغلى بوپقالغاندا ھىچكىم كىرەمنىڭ توپنى نەقەدەر ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.بەلكى كىرەم كىچىكنىڭ ئانىسىغا نەقەدەر كۆيۈمچان ئىكەنلىكىنى ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا چوڭ ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى كۆپ ئالغىنىىنى، ئۇنىڭ ئاشۇ ياخشىلىق ۋە دۇئالارنىڭ خاسىيىتىدە كۆكلەپ ، بۈگۈنكى كۈنگە ئىرىشكىنىنى سۆزلەپ يۈرۈشتى.
ئىيۇل كىرىپ تاغ يوللىرى ئىسسىغاندا باھاۋۇدۇنباي غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئىكساق خەلقى ئۇنى يىغا- زارى بىلەن ئۇزاتتى. باھاۋۇدۇنباي غۇلجىغا بىرىپ، بىر يىلدىن كىيىن، يەنى 1928-يىلى ۋاپات بولدى .
يىللار توختىماي ئۆتىۋەردى . جاھاندا نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى . .ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى لوندۇندىكى « ئاركوس » شىركىتىنىڭ جاسوسلۇق دېلوسى تۈپەيلى سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىگەنلىكىتىن قەشقەردىكى ئەنگىلىيە ، سوۋېت ئىتىپاقى كونسۇللىرى بىر سورۇندا ئولتۇرمايدىغان بولدى .
بۇ يىللاردا شىنجاڭدا ئۈچ قىتىم ھاكىميەت ئالماشتى. ئۆلكە ئاسمىنىنىى قارا بۇلۇت قاپلاپ ، جۇدۇن -چاپقۇن ئۈزۈلمىدى.
1937-يىلى تۇرسۇن ئەپەندى شىڭ سىسىەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلدى.
يىللار ئىكساقتىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈردى. كىچىكلەر چوڭايدى، چوڭلار قىرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. « ھۆسەيىنىيە » نىڭ مۈنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىللىرى كەينى-كەينىدىن تۇتۇلدى. قىرىپ- چىپىلدى. ئەمما «ھۆسەيىنىيە » تاقىلىپ قالمىدى، ئىكساقلىقلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىمۇ ئۆچمىدى.
1954-يىلى ئىكساقتا تۈنجى پۇتبول جەمىئىيىتى قۇرۇلدى.

Share
625 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.