logo

trugen jacn

مۇستەقىللىق ۋە ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقى

 

نەزەر

 

كائىناتتىكى ھەر قانداق بىر شەيئى ئۆزىدىن باشقا بىر ياكى بىر قانچە شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. بۇ قانۇنىيەت تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەت  دۇنيالىرىدا ئوخشاش بىر مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتدۇر.  بىرەر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىمۇ بۇ قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. دېمەكچى، مۇستەقىللىق بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللەت خەلقى ۋە بۇ مىللەت ياشايدىغان زېمىندىن ئىبارەت ئىككى ئامىل ھازىر بولۇشى شەرت. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئەلمىساقتىن تارتىپ شۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى قاتارلىق ئىندىجىنېىس خەلقلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە بۇ خەلقلەر ماكانلاشقان زېمىن مەۋجۇت بولۇشى شەرت. بۇ ئىككى ئامىل ھازىر بولمىسا، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدىكى  شەرقىي تۈركىستالىقلار بۇ جەھەتتە قانچىلىك ئىش قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىدىن ئىبارەت بۇ شەيئى قايتا مەۋجۇت بولالمايدۇ.

خىتاي كومھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ بۇندىن كېيىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولماسلىقى ئۈچۈن 2017-  يىلدىن باشلاپ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ زېمىندا تەلتۆكۈس يوقىتىشقا كىرىشتى ھەمدە بەزى « نەتىجىلەر» گە ئېرىشتى ، يەنى بىر قانچە مىليون ئۇيغۇرنى ھەر خىل ۋاسىتىلار ئارقىلىق يوقاتتى ۋە يوقاتماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى زاماندا شەرقىي تۈركىستاندىن موڭغۇلىيە كۆچكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشىنى دەستەك قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئەزەلدىن ئىندىجىنېىس خەلق مەۋجۇت ئەمەس دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن خەلقئارادا « ئۇيغۇرلار ئەسىلىدە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاپ كەلگەن خەلق ئەمەس» دېگەن چۈشەنچىنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار، ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە دۇنيا ئىنسانپەرۋەر جامائەتچىلىكىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە دۇنيادا خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قاتتىق ئەيىپلەيدىغان ۋە دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر سىياسىي ۋەزىيەت ۋە سىياسىي بىرلىك سەپ شەكىللەندى، ھەمدە بۇ بىرلىك سەپ خىتاي كومھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

خەلقئارادا پەيدا بولغان بۇ ياخشى بىر ۋەزىيەتتە دىئاسپورادىكى بەزى ئۇيغۇر شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار بۇ ياخشى پۇرسەتتىن ياخشى، تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارادىكى ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ھەر قايسى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ جان پىدالىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارغا قارىتا يوق يەردىن تۈك ئۈندۈرۈپ، ئۇلارغا تۆھمەت چاپلاپ، « مۇستەقىللقىدىن ۋاز كەتتى »، « شەرقىي تۈركىستان دېمەي ئۇيغۇر ئىلى دېدى » ۋە « ئۇيغۇرلارنى ئىندىجىنېىس خەلق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ قويدى » قاتارلىق چويلىدا توختىمايدىغان، ھېچقانداق ئاساسىي يوق گەپلەر بىلەن ئۇلارنى تۆھپىلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇلارنى بۇ سەپتىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.  ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلرى ئۆز نۆۋىتىدە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچنى قاتتىق ئاجىزلاشتۇرماقتا.

خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىپ ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار مەۋجۇت بولمىسا يەنى  شەرقىي تۈركىستاندا ئەلمىساقتىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن ئىندىجىنېىس خەلقى–ئۇيغۇرلار بولمىسا، چەت ئەللەردە تۇرۇپ « شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى» دەپ توۋلىغاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار؟!

ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەققىدە بىر- ئىككى ئېغىز سۆز قىلىنماقچى :  ب د ت بىر قانۇن چىقىرىش مۇئەسسەسى ئەمەس. بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسىى شۇندىن ئىبارەتكى، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىرلىكتە دۇنيا تىنچىلىقنى ساقلاش ۋە دۇنيادا سادىر بولىۋاتقان ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش. بۇ تەشكىلات خۇددى بىر خەلقئارالىق مەمۇرىيەتكە ئوخشايدۇ. مەزكۈر تەشكىلات چىقارغان قارارلار بىلەن خىتابنامىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇنىي خاراكتېرى يوق. لېكىن قارارلار بىلەن خىتابنامىلارنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بولىدۇ. ب د ت نىڭ قارارلىرى پەقەت مەمۇرىي ئىجرا قىلىنىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ب د ت نىڭ خىتابنامىلىرى  مەمۇرىي ئىجرا قىلىش كۈچىگىمۇ ئىگە بولمىغان بىر تەشەببۇسنامىدىن ئىبارەت دوكلاتلار بولۇپ، بۇ خىتابنامىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە باغلىق بولىدۇ، خالاس. شۇڭلاشقا قىسمەن ئۇيغۇر شەخسلەرنىڭ « بەزى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنى ئىندىجىنېىس خەلق كاتېگورىيىىسگە كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولالمايدۇ. » دېگەنلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي  ئاساسىي يوق  گەپلەر بولۇپ، پەقەت بۇ شەخسلەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئىنكار قىلىش ۋە يوق قىلىش ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي نىيەتلىرىنى « ئەمەلىيلەشتۈرۈش» جەھەتتىكى ئۇرۇنۇشلىرىدىن ئىبارەت، خالاس.

 

2022-  يىلى يانۋار

 

 

 

 

Share
939 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.