logo

trugen jacn

مۇستەقىللىق ئاسماندىن چۈشەمدۇ؟

نەزەر

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق مۇستەقىللىقىنىڭ قانداق بىر سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئوبيېكىپ شارائىتتا ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىگە بىر نەزەر تاشلاش ھازىرقى زاماندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇشتا پايدىلىنىش ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.

1933- ۋە 1944- يىللىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەبىت مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى ئوڭۇشلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا ئىچكى ئامىل —  يەرلىك خەلقلەرنىڭ قوراللىق كۆرەش قىلىشى بىلەن بىرگە يەنە  تاشقى ئامىلمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.

ھەر ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۈمھۈرىيەتلىرىنىڭ بەرپا بولۇشىدىكى ئاساسلىق تاشقى ئامىللار مۇستەملىكىچى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنىڭ نىسپىي ھالدا ئاجىزلىشىشى، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان نازارىتىغا قارىتا يېتەرلىك ۋاقىت ۋە ھەربىي كۈچ ئاجرىتالماسلىقى ۋە خىتاي نوپۇسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئىگەللىگەن نىسپىتىنىڭ ئىنتايىن ئاز بولغانلىق ئامىللاردىن ئىبارەت بولغان. بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا جياڭ جيېشى باشچىلىقىدىكى جۇڭخۇا مىنگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى خىتاي كوممۇنىستلىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىچكى ئۇرۇش بىلەن ھەلەك بولۇپ قالغان.  يەنە بىر سەۋەب بولسا بۇ ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مىللەتچىسى سۇن جۇڭشەننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشقا  ئىقتىساد ۋە ۋاقىت ئاجرىتالماسلىقىدىن ئىبارەت بولغان.

نۆۋەتتە خىتاي كومھۆكۈمىتى خىتاي دۆلىتى ئىچىدە دۆلەت ھوقۇقى مەركەزگە مەركەزلەشكەن ۋە مۇكەممەللەشكەن دۆلەت باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئىگە ھاكىممۇتلەقلىك بىر دۆلەت. خەلقئارادا بولسا ئۆزى ئۈچۈن دۇمباق چالىدىغان بىر مۇنچە قورساق باقتى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۋالغان، نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە دۇنيا مىقىياسىدا گېپى خېلى ئۆتىدىغان، نىسپىي ھالدا جاھانگىر دۆلەتكە ئايلانغان دۇنيادىكى ئىككىنچى ئىقتىسادىي كۈچگە ئىگە بىر دۆلەت. نۆۋەتتە بۇ مۇستەبىت ۋە مۇستەملىكىچى دۆلەت خاراپلىشىش باسقۇچىدا ئەمەس بەلكى نىسپىي ھالدا تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. خىتاي كومھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ باشقا دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىشنى نىشان قىلغان « بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» دىن ئىبارەت بولغان مۇستەملىكىچىلىك ئىستراتېگىيىسىنى خەلقئارادا ھەدەپ تەرغىپ قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرنى بىر- بىرلەپ يېرىم مۇستەملىكە دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرماقتا. ئىقتىسادىي كۈچلۈك غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ئۇلارنى ئالدام خالتىغا چۈشۈرىدىغان « ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتلىشىش، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق » قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە پەن- تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزىنى ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتە تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئورۇنماقتا. خىتاي كومھۆكۈمىتى ئۆز دۆلەت ئىچى ۋە مۇستەملىكىلىرى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردا خىتاي شوۋىنىزمىنى (مىللەتچىلىكىنى) كەڭ ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرغىپ قىلماقتا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرماقتا. خىتاي كومھۆكۈمىتى مۇستەملىكە قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى مەڭگۈلۈك ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن بۇ زېمىنلارنىڭ ئىگىلىرىنى خىتايلاشتۈرماقتا، ئۆلتۈرمەكتە ۋە بۇ زېمىنلارغا خىتايلارنى مىليونلاپ – مىليونلاپ كۆچۈرۈپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ مۇستەملىكسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق مۇستەقىللىقنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئوبيېكىپ شارائىت ھازىرچە مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭلاشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك باسقۇچدىكى  ۋەزىپىسى  خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان بۇ دەھشەتلىك ۋە رەزىل ئىرقىي قىرغىنچلىقىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى يوقۇلۇپ كېتىشكە يۈزلەنگەن ئۇيغۇر،قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر ۋە تېگىشلىك. بۇ ئىستراتېگىيىلىك باسقۇچدىكى  ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىرىدىن بىر ئۈنۈملۈك يولى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەرگە تايىنشتىن ئىبارەت بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر ۋە تېگىشلىك. مۇبادا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ يوقۇلۇپ كېتىش ئەھۋالى سادىر بولۇپ قالسا، بۇ جايدا كىمگە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ بەرگۈلۈك؟!

2021- يىلى نويابىر

 

Share
831 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.