logo

trugen jacn

مۇستەقىللىقىمىز ئۇلۇسچىلىق يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر كىملىكىمىزدە ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاش بىلەن قولغا كېلىدۇ

مۇستەقىللىقىمىز ئۇلۇسچىلىق يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر كىملىكىمىزدە ئېرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاش بىلەن قولغا كېلىدۇ!

ئاسىيە ئۇيغۇر

شەرقىي تۈركىستاندا بىزدىن باشقا بىر قانچە خەلق بار. ئەمما ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلار پەقەت ئۇيغۇرلار!
ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى باشقىلارمۇ ئوخشاش تارتقان دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىز كۆرگەن زۇلۇمنى باشقىلار كۆرگىنى يوق. بىزنىڭ شۇ زېمىننىڭ ئىگىسى سۈپىتىدە تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنى باشقىلار تۆلىگىنى، بىز تۆككەن قانلارنى تۆكۈپ باققىنى، بىز بەرگەن قۇربانلىقلارنى بېرىپ باققىنى يوق!
ئەگەر زۇلۇم كۆپچىلىككە ئورتاق بولسا، بۇ يەردە ھاكېمىيەت ئالماشسا، تۈزۈم ئۆزگەرسىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ دېگەن گەپ. ئەمما ئېرقىي قىرغىنچىلىقتا ئۇنداق ئىمكانىيەت يوق. تۈزۈم ئۆزگەرسىمۇ، ھاكېمىيەت ئالماشسىمۇ، خىتاي دېمۇكراتىك دۆلەتكە ئايلانسىمۇ، خىتايلار بىلەن بىرگە ياشىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق ئىكەنلىكىنى پەقەت ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمىزنى دەۋا قىلىش قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ.
ئۇلۇسچىلىق تەشەببۇسلىرى ھاكېمىيەتنى قايتۇرۇپ ئېلىش ياكى مۇستەقىل بولۇشىمىزغا قانۇنىي ئاساس بولالمايدۇ! مۇستەملىكە قىلىنغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز دەۋاتىمىز، مەسىلە بىز تارىختا تاجاۋۇزچىلىق بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغانمۇ ياكى ئۆزىمىز خىتاينىڭ ھىيلىسى بىلەن قىلتاققا دەسسىتىلىپ، خىتاي بىر پاي ئوق ئاتماي زېمىنىمىزغا ئىگە بولىۋالغانمۇ؟ بىر پاي ئوق ئاتمىدى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قارشىلىق بولمىغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قارشىلىق بولمىغان ئەھۋالدا بىز زېمىنغا ئىگە بولۇشنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتشىمىزگە تورغا كېلىدۇ. تارىختىكى مۇرەككەپ جەريانلارنى دۇنياغا دەلىللىك چۈشەندۈرۈپ، مۇستەملىكە بولغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ چىقىش بىز ئۈچۈن زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشنى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ، بىزنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغانلىقىمىزنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىسەن دەپ تۇرۇۋېلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ب د ت نىڭ 2758-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئىناۋەتسىز قىلىش، خىتاينىڭ ھاكېمىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ قانۇنسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ، 1949-يىلى خىتاي ھاكېمىيتىنىڭ قانداق شارائىتتا ۋەتىنىمىزگە بىر پاي ئوق ئاتماستىن بېسىپ كىرگەنلىكىنى ……..رەھبەرسىز قالدۇرۇلغان شۇ يىللاردا دۇچار بولغان بۇ قىسمەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئىزدېنىشكە، خاتالىقلارنى تېپىپ چىقىشقا، شۇنداقلا نۇرغۇن قانۇنى تەرتىپلەرنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۈگۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىپ، تېرىتورىيىسى دۇنيا خەرىتىسىدە ئېنىق سىزىپ قويۇلغان ۋە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەرزكۇر زېمىننىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى سۈپىتىمىزدە ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىمىز بىزنىڭ ئەسلىدىمۇ مۇستەملىكە قىلىنغان بىر خەلق ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغان بولساق، ئۇ زېمىندا خىتاينىڭ رايونلىرىدىكىدەك تېنچلىق ۋە ئەمىلىك بولۇشى، خىتايمۇ ئەتىدىن كەچكىچە <شىنجاڭ تارىختىن بۇيان جۇڭگونىڭ بىرقىسمى>دەپ جار سالىدىغان ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتى. كىم تارىختىن بۇيان ئۆزىگە مەنسۇپ بىر نەرسىنى باشقىلارغا <بۇ تارىختىن بۇيان مېنىڭ نەرسەم>دەپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرىدۇ؟ تارىختىن بېرى ئۇنىڭ تۇپرىقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۇ مېنىڭ تۇپرىقىم دېيىشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ خىتاي!!!

خوڭ كوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتايغا مەنسۇپ، خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ ئېتنىك كىملىكى خىتاي، ئەمما ئۇلار مۇستەقىللىق شۇئارلىرىنى نىمە ئۈچۈن توۋلىيالىدى؟
چۈنكى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ دۇنيا كۈن تەرتىپى بېكىتىلگەندىن بۇيان ، ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان خەلقلەر مەيلى ئۇلار تارىختا دۆلەت قۇرغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۆزلىرىگە ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلار بىلەن بىر مىللەت بولسۇن ياكى بولمىسۇن، مۇستەقىل بولدى! سەۋەب نىمە؟
سەۋەب:
خەلقئارا قانۇندا ئىنسان ھەقلىرى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ! ئەگەر ئوخشاش بىر مىللەت بولسىمۇ، ئىدولوگىيە پەرقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تونۇنۇشلاردا مەسىلە ئېرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولسا، ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغۇچى بىلەن ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچى ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى مۇستەقىللىق بولغان. شۇ سەۋەب خوڭ كوڭ مۇستەقىللىق شۇئارىنى ياڭراتتى، شۇ سەۋەب خوڭ كوڭلۇقلار خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە ئېرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىرئىسپاتلارنى توپلاپ خەلقئارا غا جاكارلاپ، دۇنيانىڭ ھېسداشلىقى، قوللىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنداقتا خوڭ كوڭ كەلگۈسىدە مۇستەقىل بولالامدۇ؟
بۇنداق ئېھتىماللىق ئەلۋەتتە بار! پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭ كوڭلۇقلار ئۈستىدىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان جىنايىتى ئېتىراپ قىلىنسا ۋە خوڭ كوڭ خەلقى مۇستەقىللىقنى خالىسىلا مۇستەقىللىق ئۇلار ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس!
خوڭ كوڭلۇقلار نىمە ئۈچۈن ئۆز دەۋاسىنى ئۆزلىرىگە ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ زۇلمىنى تەڭ تارتىۋاتقان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خىتاي قېرىنداشلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويمىدى؟ بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا خوڭ كوڭنىڭ مۇستەقىل ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدا دېمۇكراتىك تۈزۈلمىدە بىر ئەسىر ياشىغان خوڭ كوڭ ئەلۋەتتە چوڭ قۇرۇقلۇق خىتايلىرى بىلەن ئىدولوگىيە پەرقىگە ئىگە. شۇ سەۋەب قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم دېگەن سۆزنىڭ چوڭ سىياسىي قىلتاق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى تېزلا ھېس قىلغان. سايلام ھوقۇقىنىڭ خەلقتىن تارتىپ ئېلىنىشى بىلەن غەزەبلەنگەن خوڭ كوڭلۇقلار 2014-يىلى <كۈنلۈك ھەرىكىتى>قوزغىغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ سەۋەبى خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولۇپ، خوڭ كوڭغا ۋەدە قىلىنغان 50 يىلغىچە خوڭ كوڭنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمەيدۇ ۋەدىسىنىڭ تېخى يىگىرمە يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران قىلىنىشى، شۇنداقلا خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز ھەق – ھوقۇلىرىنىڭ كاپالەتسىز قېلىشى، مائارىپ، ئىقتىساد ۋە سىياسىي ساھەلەردە چەتكە قېقىلىشى ئۇلاردا ئۆز كەلگۈسىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغان. بۇ جىدەللەرنىڭ تاكى بۈگۈنگىچە ھەر خىل شەكىللەردە داۋاملىشىشىمۇ دەل يۇقارقىدەك تەڭسىزلىكلەرنىڭ ئېرقىي يوقىتىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ.
ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان رېئاللىقىمىزنى قايرىپ قويۇپ، زۇلۇمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش، خىتاي جىنايىتىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس! مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى! تارىخنىڭ پاتقاقلىرىدىن ئەمەس، بۈگۈننىڭ رېئاللىقىدىن كەلگۈسىمىزنى ئىزدەيلى!
1994-يىلى رىۋاندا ئېرقىي قىرغىنچىلىقىدا شۇ ۋاقىتتىكى ب د ت باش كاتىپى ئاننان <بۈگۈن بىز يەنە بىر قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئەسلىدىكى مەقسەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەتلەرنى ئەمەس، بەلكى يەككە ھالەتتىكى ھەر بىر ئىنساننى قوغداش ئىكەنلىكىنى چوقۇم تونۇشيمىز كېرەك! >دېگەن. شۇ سەۋەب، <ئىنسان ھەقلىرى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ>قارىشىدا دۇنيا بىرلىككە كەلگەن ۋە رىۋاندا قىرغىنچىلىقى سەۋەب، جەنۇبىي سۇدانلىقلار مۇستەقىل بولغان!

Share
1668 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.