logo

trugen jacn

كۈرەش ئاتاخان:مىللەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە چۈشەنچە

 

 

vwe

 

كۈرەش ئاتاخان

مىللەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە چۈشەنچە

بەزىلەر مىللەتچىلىكنى ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئايرىپ قاراپ، كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى، تېخىمۇ توغرىسى تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى مىللەتچىلىك دەپ خاتا چۈشەندۈرۈشكە ئورۇنغاندەك، مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلىقلەرنىڭ مىللىي قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەركىتىنىمۇ مىللەتچىلىك كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈدۇ.ئەمەلىيەتتە كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىكى مىللەتچىلك ھېساپلانمىغاندەك، مىللىي زۇلۇم ئاستىدىكى خەلىقلەرنىڭ مەيلى قايسى شەكىلدە بولمىسۇن ئېلىپ بارغان ئازاتلىق ھەركەتلىرى ھەققانىي كۈرەش بولۇپ ئەرىقچىلىق ياكى تېرور ھېساپلانمايدۇ
مىللەتچىلىك ئىنسانلىقنىڭ دۇنيادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى بولغاچقا، دۇنيادا مىللىي دەۋلەتلەر بارلىققا كەلگەن.مىللەتچىلىك/دەۋلەتچىلىك ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان جۇغراپىيىۋىي رايوندا، ئۆزى ئادەتلەڭەن تىل-يېزىقتىن پايدىلىنىپ، ئەتنىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي، مەدەنىي ۋە كۇلتۇرال ئالاھىيىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈرىيىتىدىن بار بولغان بولىدۇ.
ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەر بەزىدە دىننى بەزىدە ئەكسىيەتچى پەيلاسوپلارنىڭ ئېيىتقانلىرىنى بازارغا سېلىپ، مىللەتچىلىكنى قانداقتۇر بىنورمال نەزەرىيەلەر بىلەن خۇنۇكلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ،بىزگە تۇيدۇرماي مىللىي ئېڭىمىزدىكى مىللەتچىلىك/دەۋلەتچىلىك ئىددىيسىنى زەھەرلەۋاتىدۇ.ئۇلار خىتاينىڭ كەڭەيمىچىلىك ھەركىتىنى مىللەتچىلىك دەپ بۇرمىلاپ، خەلقىمىزگە مىللەتچىلىكنى خۇددى ۋابادەك قورقۇنچلۇق شەكىلدە كۆرسۈتۈشكە ئورۇنماقتا. بىزنىڭچە خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى مىلەتچىلىك ئەمەس، كەڭەيمىچىلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن قۇتقۇزۇش ھەركىتى تېرور ئەمەس مىللەتچىلىكتۇر
مىللەتچىلىك شەكىللەنمەي تۇرۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ…ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسۋەتكە ئىگە…بىرى يەنە بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ…تارىختا ھەرقانداق بىر سىياسىي مىللەت قانچە مىڭ يىللاردىن بېرى بەلگۈلۈك جۇغراپىيلىك رايوندا ياشاپ، ئوخشىمىغان دەۋلەتلەرىنى قۇرۇپ، خەلىقارادا مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن.سىياسىي مىللەت مىڭ يىللاپ ياشىغان بىر رايون دەۋلەت ياكى ئىشغال ئاستىدىكى دەۋلەت-ۋەتەن- بولۇپ، مىللەت بۇ جۇغراپىيەدە ئاپىرىدە بولغان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەۋھەرلەرنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسىدىن ئايرىلىپ بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزىنى قوغدىيالمايدۇ.بۇ جەھەتتىن ئالغاندا دەۋلەت ياكى مىللەتنى رايون، ئەرق، ئىتىقات، كۇلتۇر، مەدەنىيەت قاتارلىقلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
مىللەتچىلىك سوبىيەكتىپلىققا مايىل ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوبيەكتىپلىققا مايىل مىللەتچىلىكتۇر…خىتاينىڭ س.تۇركىستان/ئۇيغۇرىستان تاجاۋۇزى مىللەتچىلىكمۇ ئەمەس، ۋەتەنپەرۋەرلىكمۇ ئەمەس ئەكسىنچە سېپى ئۆزىدىن فاشىزىمدۇر…فاشىزىمنىڭ ئەتنىك، كۇلتۇرال ۋە سىيسىي ھەدىپىدە مىللەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك دەگەن ئۇقۇم ئىنكار قىلىنغان بولىدۇ.ئەگەر تاجاۋۇزچىلار دىن، ئەرىق ۋە مەدەنىيەت ھەققىدە بىلجىرلىغان بولسا، ئوتتۇرغا چىققىنى سۈيىستىمالدىن باشقا نەرسە ئەمەس…
خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئىشغال ئاستىدىكى باشقا خەلىقلەرگە قاراتقان ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى خىتاي مىللەتچىلىكى دەپ چۈشۈنىدىغانلار بار…ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي مىللىي كىملىكىنىنىڭ گەلىغا سۈرتۈلگەن ئۆتكۈر پىچاق بولۇپ، ئەسلى تراگەدىيە بۇ يەردىن كېلىپ چىقىدۇ.ئۇيغۇرلاردەك ئوبيەكىت قىلىنغۇچىمۇ،خىتايلاردەك ئوبيەكىت قىلغۇچىمۇ ھالاك بولىدۇ…دۇنيادا ھازىرقى زامان فاشىزىمى ۋە ئىمپېرىيالىزىمىنىڭ بىرقانچە ئۆرنىكى بار…بىرى ئىمپەرىيال سىستەمغا ئايىت بولغان ياپونىيە مودەلى، ئىككىنچىسى فاشىزىم سىستەمىسىغا ئايىت بولغان ئەسكى سوۋىتلەر ئىتتىپاقى مودەلى ئۇندىن باشقا خىتاي ئۇلترا كاپىتالىزىمى …بىرى مىللىي كىملىكنى ئىتىراپ قىلغاچقا كۈچلىنىدۇ…ئىككىنچىسى ۋە ئۈچۈنچىسى مىللىي كىملىكنى ئىنكار قىلىغاچقا يوقىلىدۇ
پەلسەپە نۇقتىسىدىن قارىساق خىتاينىڭ مۇستەملىكە رايونلارغا قاراتقان سىياسىتى ئۇنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش شىرىن چۈشىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان بىرىنچى ئامىل…مۇستەملىكە ئارقىلىق ھۆكمارانلىق قىلىش ئاللا بۇرۇن ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئاقماس ماتا، زورلاپ ساتادۇر…خىتايمۇ بىزدىن كۈچلۈك ھېساپلانغىنى بىلەن دۇنيادا ئارقىدا قالغان قالاق بىر مىللەت بولغاچقا ياپونىيە، گەرمانىيە ۋە فرانسىيەنىڭ يولىنى تۇتالمايۋاتىدۇ…خىتايلار ئەگەر خىتاي دەۋلىتى شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكىسىدىن ۋاز كەچسە، تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئويلاپ خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيۋاتىدۇ…تارىختا ئاسىيادا قۇرۇلغان كۈچلۈك دەۋلەتلەرنىڭ قايسىسى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزمىگەن؟!خىتايلار بۇنى چۈشىنەمدۇ؟!چۈشەنسە نىمىشقا مىللىتىمىز بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ…بۇ دۈشمەنلىك خىتايلار تەرىپىدىن كۆرۈكلەندىكچە، خىتاي دەۋلىتى ئاجىزلاپ ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى كۈچلىنىدۇ…! بۇ ھالەتتە يەنى ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قايتۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ بىزنى دوست سانىغىنىدىن دۈشمەن سانىغىنى تېخىمۇ ئەۋزەل
خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستانلىقلارغا قارىتا دۈشمەنلىكى بىزنىڭ مىللىي ئىنقىلاپ قوشۇنىمىزنى بەرپا قىلىشىمىزنىڭ پۈتمەس بۇلىقى ۋە مىللەتچىلىك ئىددىيمىزگە ئاساس سالىدىغان تۇنجى مەكتەپ…ۋەتىنىمىز شەرقىتۈركىستان/ئۇيغۇرىستاندا تاجاۋۇزچىلار بىلەن مىللىتىمىز ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ئاللا بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەل قىلالمايدىغان باسقۇچقا كىرىپ بولدى. دۈشمەن بولسا مىللىتىمىئىزنىڭ ئىستىخىيىلىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەركەتلىرىنى، ھۈر دۇنيادىكى سىياسىي ھەركىتىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە كونتۇرۇل قىلغاندەك ئۆزى سىزغان سىزىققا چۈشۈرەلمەي قاتتىق ساراسىمگە چۈشۈپ قالدى… بۇ ھادىسىنى چۈشەنمىگەنلەر خىتايغا ئاق بايراق كۆتۈرۈپ چىقىشىۋاتىدۇ، مىللەتچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ خىتاي بىلەن مۇرەسسەلەشمەكچى بولىۋاتىدۇ…ئۇلار ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ، “خىتايلار كۈچۈيۈپ كەتتى، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاننىڭ پايدىسى يوق”، “خىتايلار ياشلىرىمىزنى بەك قىرىۋەتتى، سىياسىي قىلماي مەدەنىيەت بىلەن مەشغۇل بولايلى”، “تىلىمىزنى قوغداپ قالساق كېيىن بىر گەپ بولىدۇ”، “ھازىر ۋەتەن بەك ياخشى بولۇپ كەتتى، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىلەر”، “بىزنىڭ دەۋلىتىمىز ۋە بايرىقىمىز بولۇپ باقمىغان”، “بىز خىتاي، خىتايدىن كەلدۇق”، ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان ئەمەس خىنجىئاڭ، خىتاي ئەمەس خەنزۇ، خىتاي دەۋلىتى ئەمەس زھۇڭگو”، “بىر مىللەت قەت كۆتۈرىمەن دەيدىكەن ئاۋال ئىلىم-پەندە قەددىنى تىكلىشى كەرەك”، “سىياسىي نىشانىمىز مىللىي مۇستەقىللىق دېسەك خەلقارادىن بىزگە ياردەم قىلمايدىكەن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش دەسەك بولغىدەك” …دېيىشىپ، مىللىي ئىرادىمىزنى كۆزگە ئىلماي، دۈشمەننىڭ نېنىغا قايماق سۈرتىۋاتىدۇ.ئۇلار ساقال-بۇرۇتنى قويۇشۇپ، دوپپا بىلەن ئەتلەسنى كىيىۋەلىپ، ھۈر دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپمۇ، نومۇس قىلماي سىياسىي تەشكىلاتلىرىمىزنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئورۇنماقتا.
ئۇلار دەۋلەتنىڭ مۇنقەرىزلىگىنى تىلغا ئالمىسا، سىيسىي ھەركەت قىلمىسا خىتاي ئىتنىك ۋە كۇلتۇرال قىرغىننى توختۇتىدىغاندەك، مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدايدىغاندەك تەتەنپەتە خىياللاردا بولماقتا…ئۇلار ۋەتىنى ۋە دەۋلىتى يوق مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىنى، ئىلىم-پەندە ھەم قەد كۆتۈرەلمەي ئۈزىل-كېسىل ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلمەمدىكىنە؟!ئۇلار سىياسىي تەقدىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلمەستىن ھەرقانچە مىللەتچى ۋە ۋەتەنپەرۋەر قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مەن ئۇيغۇر دەپ ۋارقىرىسىمۇ، بىزنىڭ نەزىرىمدە خىتايدىن بەتتەر ۋە خەتەرلىكتۇر
دۇنيادا مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا ئۈچ تۈرلۈك مىللەت بار: بىرى ئىتنىك مىللەت/دەۋلەت، ئىككىنچىسى سىياسىي مىللەت/دەۋلەت، ئۈچۈنچىسى ئىقتىسادىي مىللەت/دەۋلەت…ئۇيغۇر بىلەن خىتايلار بۇ ئۈچنىڭ ئىچىدە سىياسىي مىللەتكە، ئامەرىكا، جاپون ۋە گەرمانلار ئىقتىسادىي مىللەتكە، تىبەت ۋە مۇڭغۇللار ئىتنىك مىللەتكە كىرىدۇ…ئىتنىك مىللەتلەر بىلەن سىياسىي مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بىلەن سىياسىي مىللەتلەر بىلەن سىياسىي مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، سىيسىي مىلەتتلەر بىلەن ئىقتىسادىي مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر ئوخشىمىغان رايون ۋە مىللەتلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئۇقۇمىدا روشەن پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان…غەرىپنىڭ مىللەتچىلىك ئۇقۇمىنى ئۇيغۇرىستانغا، خىتايلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇقۇمىنى ئۇيغۇرىستان خەلقىگە قارىسىغا تەدبىقلاشقا بولمايدۇ…ئىتنىك، سىيسىي، ئىقتىسادىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئىنقىلاۋىمىزغا بولغان ۋاستىلىق ۋە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئىمپورت قىلىنغان ئىدىئولوگىيە بىلەن ۋەتەن/مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي كۈرەشلەرىمىز ئاسان غەلبە قىلالمايدۇ…!
مىللەتسىز ۋەتەن، ۋەتەنسىز مىللەت بولمىغىنىدەك، ۋەتەنسىز دەۋلەتمۇ بولمايدۇ…مىللەتچىلىك/دەۋلەتچىلىك بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرى يەنە بىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان سوبيەكتىپ بارلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىرى-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ ھەم ئايرىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەركىتى-ۋەتەنپەرۋەرلىك-ھەققانىي ھەركەت بولۇپ، ئۇ ئىشغال ئاستىدىكى دەۋلەتنى يەنى تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشنى يۈكسەك غايە قىلغان مىللەتچىلىكتۇر
گېرمانىيە 6.دىكابېر 2013

 

15350582_1701203853238533_4354070910453090055_n

Share
2433 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.