logo

trugen jacn

كىم ۋە نىمىگە تايىنىمىز؟


نىجات

      خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر— تۈركىي مىللەتلەر— جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىدىن ئىبارەت جىنايى قىلىمىشنى توختىتىشتا كىم ۋە نىمىگە تايىنىش مەسىلىسىگە جاۋاپ ئىزلەشتىن ئەۋۋال شەرقىي تۈركىستان ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتىنىڭ ۋەزىيىتىنى بىر قۇر تەھلىل قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ.

       خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سىياسىي، ئىقتىسادىي،دىنىي ۋە مائارىپ-مەدەنىيەت جەھەتلەردە يۈرگۈزۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇشلىرى  ۋە تەقىبلەشلىرى دەستىدىن ئۇيغۇرلار بىر مىللەت سۆپىتىدە ھازىرقى زامان تارىخ سەھنىسىدىن يوقىلىش گىردابىغا بارغانسىرى يېقىنلىشىپ بارماقتا. مۇنداق بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان زىمىنىدا قولىدا تۆمۈرنىڭ بىر پارچە سۇنۇقى يوق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قوزغىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل رەزىل،مۇدىھىش ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىشنىڭ ئېھتىماللىقى رېئاللىقتىن ناھايىتى يېراق بولۇپ تۇرماقتا.

      ئەندى، چەت ئەللاردىكى ئۇيغۇر جامائەتىگە كەلسەك، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا مەملىكەتلەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسەن تارقاق ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ سانىمۇ ساناقلىق. ئۇنىڭ ئۇسىتىگە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچلىكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بىرى كۆچمەن بولغان ئۇيغۇرلار بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مەملىكەتلەردە چوڭقۇر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاساسى يوق دېيەرلىك. ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ھەر قايسى مەملىكەتلەرگە تارقاقلشقان ھەمدە بىرلىككە كەلگەن بىر ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتى مەۋجۇت ئەمەس. 

       يۇقىرقىدەك بىر ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كىمگە تايىنىش مەسىلىسىدە تاشقى ئامىلغا تايانمىسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاشقى ئامىل شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتىكى ئاساسىي ئامىل بولۇپ ھىسابلىدۇ.

       بۇ تاشقى ئامىللار قايسىلار؟ بۇ تاشقى ئامىللار دۇنيادىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدىغان بارلىق ئىجابىي دېموكراتىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى دېموكراتىك دۆلەتلەر، ئىنسانپەرۋەر تەشكىلاتلار، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، ئىنساپەرۋەر ۋە دېموكراتىك  زاتلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى قاتارلىقلاردۇر. 

      شۇڭلاشقا بارلىق  ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۆز پائالىيەتلىرىنى دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىك كۈچلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆڭۈل بولۇشىگە مەركەزلەشتۈرۈشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا نۆۋەتتكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاندىن  تېخىمۇ خەلقئارالىشىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقئارادا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەسكىن ئەيىپلەش ۋە ئۇلاردىن بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىش سادالىرى ياڭرايدۇ. خەلقئارالىق دېموكراتىك كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىشتا « كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈش، ئازراق ئاغرىنىش» دىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك تاكتىكىنى قوللىنىشقا ئېتىبار بىرىش كېرەك.

       ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيادىكى دېموكراتىك كۈچلەرمۇ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىچىلىقنى  توختىتىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىملىقى بارلىقىنى بىلىپ، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىماقتا. مەسىلەن:

       ئا قى شى كونگرېسىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىككى قانۇن لاھىيىسىنىڭ تەييارلاندى.

      « 5- ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋرېن ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسى ۋە جازا لاگېرلىرى ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىنىش ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. ماركو رۇبىيو ۋە جېيمىس مەكگوۋرېن باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ قەبىھ شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان بىر باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇلار يەنە ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلار ئۈچۈن جازا قوللىنىش ھەققىدىكى تەكلىپىنىڭ ئىنكاسسىز قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. باياناتتا يەنە 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن < 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى>  قىسقىغىنە تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىملىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە چوقۇم ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلىنغان. ». 

        ب د ت نىڭ كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئا قى شى ۋە گېرمانىيە ئەلچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى ئەيىبلەش ۋە دەرھال تاقاش ھەققىدىكى نۆتۈقلىرى ۋە ب د ت دىكى 22  دۆلەت 10- ئىيۇلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي كەمسىتىش ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا « خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قاماش سىياسىتى» قاتارلىقلارنى ئەيىپلىدى.

       2019- يىلى ئىيۇلدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئەلچىسى ناسان سەيلىس(Nathan Alexander Sales) ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا « < خىتاينى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر قامالغان لاگېرلارنى دەرھال تاقاپ دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ يەنە بۇ غايەت زور لاگېرلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. >، ناسان سەيلىس يەنە < بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى لاگېرلارغا، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ لاگېرلار تېخى ئەسلى رېئاللىقنىڭ ئايدىڭ بولغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى. چۈنكى بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامالغان كىشىلەردىن باشقا، يەنە بىر نەچچە مىليون ئادەم كۈندۈزلۈك لاگېرلاردا سىياسىي مېڭە يۇيۇشنىڭ ئازابىنى چېكىۋاتىدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ كۆلىمى غايەت زور ۋە پايانى يوق. قىسقىسى، ئۇنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. > » دېدى. ( ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىدىن).

      شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش  ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقاتقۈزۈش ئۈچۈن نىمىلەرگە تايىنىش مەسىلىسىدە ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىىياسىي پائالىيەتچىلەر خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش، دىنى باستۇرۇش،مائارىپ- مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئېغىر تەن جازالىرى ئارقىلىق مىلليۇنلىغان بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۋاتقانلىقى ۋە تۆمەنلىگەن نارسىدە بالىلارنى يېتىم قالدۇرۋاتقانلىقىغا دائىر ھەققىي رېئال پاكىتلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاستلىرى، خەلقئارالىق تەشۋىقات ۋاستلىرى، نامايىش ۋە ئاممىۋى يېغىنلار ئارقىلىق تەرغىپ- تەشۋىق قىلىشىنى جانلاندۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى ئىچىنىشلىق ۋەزىيەتنى خەلقئاراشتۈرۈش زۆرۈر. 

       ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى  ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر جامائەتىنى تولۇق سەپەرۋەرلىككە  كەلتۇرۇشكە تىرىشىش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان يېغىن ۋە نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ھازىرچە قاتناشماي تۇرغان قىسمەن ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەرلىكگە كەلتۇرۇش خىزمەتلىرىنى كۈچەيىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل كىشلەرگە « مىللىي مۇناپىق، خائىن، ساتقۇن » قاتارلىق سىياسىي قالپاق » لارنى كىيگۈزۈپ قۇيۇشتىىن قەتئې ساقىلىنىشى كېرەك.

       گەپنىڭ پوسكاللىسى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۇم گىردابىدا تۇرۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش ئۈچۈن، ئۆزنمىز بۇ جەھەتتە جان- جەھلىمىز بىلەن ئىشلىشىمىزدىن سىرىت يەنە دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىك كۈچلەر— دېموكراتىك دۆلەتلەر، ئىنسانپەرۋەر تەشكىلاتلار، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، ئىنساپەرۋەر ۋە دېموكراتىك  زاتلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى قاتارلىقلارنىڭ پىشىغا چىڭ ئېسلىپ،ئۇلارنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس ياردىمىنى قولغا كەلتۇرۇشىمىز شەرت.

                                                                                                                                   2019- يىلى ئىيۇل ئېيى

Share
2324 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.