logo

trugen jacn

قەستەن تارىخقا كۆمۈۋېتىلگەن ئازادلىق داھىيسى: «نېتاجى» سۇبھاس چاندرا بوس ۋە قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە (01)

قەستەن تارىخقا كۆمۈۋېتىلگەن ئازادلىق داھىيسى: «نېتاجى» سۇبھاس چاندرا بوس ۋە قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە (01)

ئاپتورى: مىر كامىل كاشغەرىي

ئەسكەرتىش: ھەر بىر مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشى ۋە دۇچ كەلگەن شارائىتى ئۆزگىچە بولىدۇ ۋە بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. لېكىن ئازادلىققا ئېرىشىشنىڭ دەۋىر، مىللەت، جۇغراپىيە ۋە دىن ھالقىغان ئۇنىۋېرسال قانۇنىيەتلىرى، ئۆزگەرمەس مېتودلىرى مەۋجۇتتۇر. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار، بۇ داستاندا دەل ئەنە شۇ دەۋىر ھالقىغان ئورتاق ئۆلچەم ۋە مېتودلار بويىچە، ئۆزىمىزنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىش ئۈچۈن ئىلھام ئالىمىز. قېرىنداشلار، بۇ ئوتلۇق داستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ قەلبلەرگە يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن، ھەمبەھىرلەشنى، ئىنكاس يېزىپ، بارماق بېسىشنى ئايىمىغايسىلەر!

***** ****. *********** ********

«ئازادلىق بېرىلمەيدۇ، ئۇ تارتىپ ئېلىنىدۇ! ماڭا سىلەر قان بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ئازادلىق بېرەي

بۇ — نۇتۇق مەيدانىدا ياڭرىغان قۇرۇق شۇئار ئەمەس! بۇ — 20-ئەسىردە پۈتۈن ھىندىستان ئاسمىنىنى لەرزىگە سالغان، بىر پۈتۈن ئىمپېرىيەنىڭ ئۇلىنى تىترەتكەن مۇقەددەس بىر كۈرەش چاقىرىقى، قان بىلەن يېزىلغان قەسەم ئىدى!

بۇ ئاۋاز، نەچچە ئون يىل گاندىنىڭ «تىنچلىق» پەلسەپىسىگە كۆنۈپ، سەۋرتاقەت بىلەن زالىمنىڭ ئىنساپقا كېلىشىنى كۈتۈپ، قەلبىدىكى ئۈمىدسىزلىك تېغىنىڭ ئاستىدا ئېزىلىپ ياتقان بىر مىللەتنىڭ روھىدىكى يوشۇرۇن يانار تاغنى پارتلاتقان، ئەجدادلارنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقان جەڭگىۋارلىق روھىنى قايتىدىن ئويغاتقان ئوتلۇق نىدا ئىدى.

بۇ ئاۋاز — ئازادلىقنىڭ سەدىقە قىلىنمايدىغانلىقىنى، بەلكى قان ۋە جان بەدىلىگە تارتىپ ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى!

بۇ ئاۋاز — قۇللۇق زەنجىرىنى يىغازارە بىلەن ئەمەس، پولات ئىرادە ۋە جان پىدالىق بىلەن ئۈزۈپ تاشلاش كېرەكلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغان ئىدى!

بۇ، ئۆز خەلقى تەرىپىدىن مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن «نېتاجى» (ئۇلۇغ داھىي) دەپ ئاتالغان سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ ئاۋازى ئىدى! ئۇنىڭ ھاياتى — پەقەت بىر سىياسەتچىنىڭ ھايات ھېكايىسى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئازادلىققا بولغان ئەڭ شىددەتلىك ئارزۇسىغا بېغىشلانغان، يالقۇنلۇق، بورانچاپقۇنلۇق، خىيانەت ۋە قەھرىمانلىق بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەر بىر بېتىدىن جان پىدالىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەفسانىۋى داستاندۇر!

1 –باب: پارلاق يۇلتۇزنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە روھلارنىڭ يول ئايرىمى

1897 –يىلى، ھىندىستان قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقان بىر پەيتتە، باياشات بىر ئائىلىدە يۇلتۇز پارلىدى. بۇ — سۇبھاس چاندرا بوس ئىدى. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدىلا پىشانىسىگە بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يېزىلغاندەك، ياشلىقىدىنلا ئۆتكۈر ئەقلى، پولاتتەك ئىرادىسى ۋە ھېچكىمگە بوي ئەگمەس روھى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئەنگىلىيەگە بېرىپ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتى بولغان ھىندىستان ھەق تەلەپ ئىشلىرى ئىمتىھانى (Indian Civil Service) دىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزىگە پارلاق كەلگۈسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. لېكىن ئۇ، زالىم مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلىپ، يۇقىرى مائاش ۋە شانشەرەپ ئىچىدە ياشاشنى ئۆزىگە ئەڭ چوڭ نومۇس دەپ بىلدى. ئۇنىڭ قەلبىدە بىرلا نىدا ياڭرايتتى: «ئانا ۋەتەننىڭ ئازادلىقى مېنىڭ شەخسىي شانشەرەپلىرىمدىن مىڭ قېتىم ئەلادۇرشۇڭا، ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ، بۇ باياشاتلىق پۇرسىتىدىن قەتئىي ۋاز كەچتى.

ھىندىستانغا قايتىپ كېلىشى بىلەنلا، ئۇ ئۆزىنى دەرھاللا ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ئوتيالقىنىغا ئاتتى ۋە ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتىيى (Congress) غا قوشۇلدى. ئۇنىڭ مىسلىسىز تەشكىللەش قابىلىيىتى، ئوتلۇق نۇتۇقلىرى ۋە ياشلارنىڭ قەلبىنى جەلپ قىلىش كۈچى ئۇنى تېزلا پۈتۈن ھىندىستاندىكى ئەڭ پارلايدىغان سىياسىي يۇلتۇزغا ئايلاندۇردى. ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گاندىدىن قالسىلا، قۇرۇلتايدىكى ئەڭ تەسىر كۈچى يۇقىرى رەھبەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 1938- ۋە 1939-يىلى، ئىككى قېتىم ئارقىمۇ ئارقىدىن قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىمدا، ئۇ مەھاتما گاندى ئۆزى بىۋاسىتە بارلىق ئىناۋىتىنى دوغا تىكىپ قوللىغان نامزاتنى غايەت زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، پۈتۈن قۇرۇلتاينى ھەيران قالدۇردى، ئۆزىنىڭ قانچىلىك زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئەسلىدە، بوس 1921-يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندە، ئالدى بىلەن بومبايدا مەھاتما گاندى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ گاندىنىڭ خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىغا، مىليونلىغان ئىنسانلارنى بىر ئاۋاز ئەتراپىغا توپلاش جەلپكارلىقىغا قايىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «تىنچ قارشىلىق» ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى نىشانى ۋە بۇ مۇساپىنىڭ روشەن ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە سورىغان ئوتلۇق سوئاللىرىغا ئېنىق جاۋاب ئالالمىغاندا، كۆڭلىدە بىر بوشلۇق، بىر گۇمان ھېس قىلغان ئىدى. گاندىمۇ بۇ ياشنىڭ كۆزلىرىدىكى ئوتنى، ئەقلىي زېرەكلىكنى دەرھاللا بايقىغان، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ بويۇن ئەگمەس روھنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى مۇستەقىل تەپەككۇرنىڭ، ئۆزىنىڭ «مۇتلەق ئىتائەت» نى تەلەپ قىلىدىغان رەھبەرلىك ئۇسلۇبىغا بىر كۈنى چوقۇم خىرىس بولىدىغانلىقىنى سەزگەن ئىدى.

شۇنداقتىمۇ، قۇرۇلتاي ئەينى ۋاقىتتىكى بىردىنبىر سەھنە بولغاچقا، بوس ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ سەپكە قوشۇلدى. ئۇ تېزلا ياشلار ۋە قۇرۇلتايدىكى رادىكال قاناتنىڭ مەنىۋى داھىيسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ نوپۇزىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى، گاندى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كونا ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئەندىشە ۋە ھەسەت ئوتىنى ياندۇردى. گاندى، بوسنىڭ ئۆزىنىڭ «تىنچلىق» پەلسەپىسىگە پۈتۈنلەي قارشى بولغان «كۈچ ئىشلىتىش» تەرغىباتىنىڭ، بىر كۈنى ئۆزى قۇرغان بۇ ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك رەقىبكا ئايلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.

بۇ ئىدىيەۋى زىددىيەت 1939-يىلدىكى قۇرۇلتاي رەئىسلىكى سايلىمىدا پارتلىدى. گاندى ئۆزىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى پاتتابى سىتاراماييانى نامزات قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي نوپۇزى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈدى. ئەمما سايلام نەتىجىسى پۈتۈن ھىندىستاننى زىلزىلىگە سالغان سىياسىي يەر تەۋرەش بولدى. بوس غەلىبە قىلدى! بۇ، قۇرۇلتاينىڭ روھى گاندىنىڭ يولىدىن بۇرۇلۇپ، بوس كۆرسەتكەن يولغا مايىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئاشكارا ئىسپاتى ئىدى. مەغلۇبىيەتكە چىدىمىغان گاندى: «بۇ پاتتابىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئەمەس، مېنىڭ مەغلۇبىيىتىمدۇردەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلتاي ئاسمىنىدا ئىككى قۇياش پەيدا بولدى. بىرى، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەمما سەۋرتاقەتنى بىردىنبىر قورال قىلغان مەھاتما گاندى؛ يەنە بىرى، ياش، قايناق، ئوتلۇق ۋە ھەرىكەتچان سۇبھاس چاندرا بوس. ئەمما ئىككى قۇياش بىر ئاسمانغا ھەرگىز سىغمايتتى. شۇڭا گاندى ۋە ئۇنىڭ سادىقلىرى بوسنىڭ خىزمەتلىرىگە ماسلاشماي، ئۇنى پۈتۈنلەي يېتىم قالدۇردى.

گاندى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى «تىنچ قارشىلىق» نى بىردىنبىر يول دەپ قاراپ، بېرىتانىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق «دومىنىيونلۇق ھوقۇقى» (Dominion Status) نى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلاتتى. بۇ — ئەمەلىيەتتە بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ، يۈكسەك ئاپتونومىيەگە ئېرىشىش دېگەنلىك ئىدى. بوس بۇنى قەتئىي رەت قىلدى! ئۇنىڭ ئۈچۈن «دومىنىيونلۇق» قۇللۇقنىڭ يالتىراق قەغەزگە ئورالغان يەنە بىر شەكلى ئىدى. ئۇ «پۇرنا سۋاراج» — يەنى تولۇق مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلدى!

ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ھىندىستانغا نىسبەتەن تارىختىكى قايتا تاپقىلى بولمايدىغان «ئالتۇن پۇرسەت» ئىدى. ئۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بېرىتانىيەگە ئالتە ئايلىق مۆھلەت بېرىشنى، ئەگەر بۇ ۋاقىت ئىچىدە ھىندىستانغا مۇستەقىللىق بەرمىسە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي قارشىلىق ھەرىكىتى قوزغاشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئەمما بۇ تەكلىپ گاندى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئاخىرقى مۇنازىرىلەرنىڭ بىرىدە، ئىككى بۈيۈك روھنىڭ يولى مەڭگۈگە ئايرىلدى. بوس گاندىغا ئۆتۈنۈش ۋە كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:

«ھۆرمەتلىك مەھاتما، سىزنىڭ يولىڭىز بىر رۇھانىيلىق يولى. ئەمما بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى پەقەت رۇھانىي ھەرىكەتكە تاياندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. دۈشمەن قىلىچ كۆتۈرۈپ كەلگەندە، بىز ئۇنىڭغا گۈل تۇتۇپ چىقالمايمىز. ۋاقىت بىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ

گاندىنىڭ جاۋابى تەمكىن، ئەمما كېلىشمەسلىك بىلەن تولغان ئىدى:

«زوراۋانلىق پەقەت تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىقنى تۇغدۇرىدۇ. ئەگەر بىز دۈشمىنىمىزنىڭ ئۇسۇلىنى قوللانساق، ئۇنىڭ بىلەن نېمە پەرقىمىز قالىدۇ؟»

بۇ پەقەت ئىككى سىياسىي يولنىڭ تاللىشى ئەمەس، بەلكى ئىككى خىل دۇنيا قاراشنىڭ، ئىككى خىل روھنىڭ توقۇنۇشى ئىدى. بۇ، ئىككى بۈيۈك روھنىڭ ھەرگىز كېلىشەلمەيدىغان يول ئايرىمى ئىدى.

بىر تەرەپتە، سەۋرچانلىق بىلەن زالىمنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىشقا تىرىشىدىغان روھ، يەنە بىر تەرەپتە، زۇلۇمنىڭ ئالدىدا تىز پۈككەننىڭ ئورنىغا تىك تۇرۇپ ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان، يۈرەكلەردىكى غەزەپ ئوتىنى ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەردانە روھ بار ئىدى. بوس، دەل شۇ ئىككىنچى روھنىڭ، يەنى ياش، قايناق ۋە ئۈمىدۋار ھىندىستاننىڭ ئاۋازى ئىدى.

ئاخىرىدا، ئۆز ئىدىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان بوس، غەزەپ ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، ئۆزى قانتەرى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان قۇرۇلتايدىن ئىستىپا بەردى.

شۇ كۈنى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:

«بۈگۈن مەن يالغۇز قالدىم. ئەمما مېنىڭ يولۇم ھەقىقەتنىڭ يولىدۇر. ئەگەر پۈتۈن دۇنيا ماڭا قارشى چىقسىمۇ، ئەگەر مەن بۇ يولدا يالغۇز مېڭىشقا مەجبۇر بولساممۇ، قىلچە ئىككىلەنمەيمەن

بۇ سۆزلەر — بىر قەھرىماننىڭ ئۆز غايىسى ئۈچۈن دۇنيادىن يۈز ئۆرۈشتىن قورقمايدىغان پولات ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاققۇزغان كۆز يېشى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەغلۇبىيىتى ۋە چەتكە قېقىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان قېرىنداشلىرىنىڭ يەنىلا قۇللۇق زەنجىرى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، ئەمما ئازادلىقنىڭ «ئالتۇن پۇرسىتى»نىڭ قولدىن كېتىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىدەك جىددىي ئىستىراتىگىيەلىك تەقەززا يۈزىسىدىن ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭ قەلبىدە بىرلا نىدا ياڭراشقا باشلىدى:

«ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر، ھىندىستان چوقۇم مۇشۇ ئالتۇن پۇرسەتتە مۇستەقىل بولۇشى كېرەك

بۇ، يېڭى بىر كۈرەشنىڭ، تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ شەرەپلىك بىر سەپەرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

**** **** ***** ******** *****

خوش! ئەمدى قىسسىدىن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چۈشكەن ھەسسىگە كېلەيلى!

 

چاندىرا بوس داستانىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدىن روھىمىزغا ئويۇلىدىغان سەككىز مەشئەل

بىرىنچى مەشئەل: 70 يىللىق غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىنىش — ئازادلىق سەدىقە قىلىنمايدۇ، ئۇ قۇربانلىق بىلەن تارتىپ ئېلىنىدۇ!

70 يىللىق ئۇزۇن كېچە — بىزنى شېرىن ئەمما زەھەرلىك بىر غەپلەت چۈشىگە غەرق قىلدى. بۇ چۈشتە، دۇنيانىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىشىنى، زالىمنىڭ بىر كۈنى ئىنساپقا كېلىپ، ۋىجدانىنىڭ ئويغىنىشىنى ياكى دۇنيانىڭ قولىمىزدىن تۇتۇپ خىتاينى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چقىرىپ بېرىشىنى كۈتتۇق. كۆز ياشلىرىمىزنى دەريا قىلىپ ئېقىتىپ، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»، «ئىنسانپەرۋەرلىك» دېگەن يالتىراق شۇئارلارنىڭ سايىسىدىن پاناھلىق تىلىدۇق. ئۈمىدىمىزنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قەبرىستانلىقتەك سۈكۈتىگە، خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئاق قەغەز ئۈستىدىكى ئۆلۈك ھەرپلىرىگە باغلىدۇق. گويا ئازادلىق — بىرەيلەننىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ ئېلىپ بېرىدىغان سەدىقىسىدەك قولىمىزنى سوزۇپلا يۈردۈق.

لېكىن ھەر قانداق چۈشنىڭ ئويغىنىدىغان بىر سوغۇق سەھىرى بولىدۇ. مانا ئەمدى شۇ رەھىمسىز دۇنيانىڭ مۇزدەك رېئاللىقى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. بىز ئىلاھلاشتۇرغان ئۇ ئالىيجاناب پرىنسىپلار، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قاراڭغۇ مەنپەئەتلىرى ئالدىدا قانداق رەھىمسىزلەرچە يىرتىپ تاشلانغان قەغەز پارچىلىرىغا ئايلاندى؟

غەززەنىڭ ئاسمانىغا ئۆرلىگەن ئاھۇپەريادلار، بېرمادا دەريا بولۇپ ئاققان قانلار، ئۇكرائىنانىڭ خارابىلىرىدە يىغلىغان بوۋاقلارنىڭ چىقىراشلىرى — بۇلارنىڭ قايسىسى تاش يۈرەك سىياسەتنىڭ مەنپەئەت تارازىسىنى تەۋرىتەلىدى؟

ئەمدى شۇ ھەقىقەتنى قانقېنىمىز بىلەن ھېس قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى: بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز ياكى يوقىلىشىمىز، دۇنيادىكى بىرەر كۈچنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتىگە خەنجەردەك سانجىلىدىغان ياكى زىيىنىغا قالقان بولىدىغان بىر ھالەتنى ئۆزىمىزنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىمىز ياراتمىغۇچە، ھېچكىم، ھېچقاچان بىزنىڭ كۆز يېشىمىز ئۈچۈنلا ئازادلىقىمىزغا ئۆز كەلگۈسىنى تىكمەيدۇ! بىزنىڭ ئۆز پۈتىمىز بىلەن تىك تۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەي تۇرۇپ، ھېچ بىر كۈچ نەتىجىسى ئېنىقسىز ئىشقا مەبلەغ سالمايدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ — خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ۋەھشىيلىكىنى دۇنياغا ئاڭلاتمايلى دېگەنلىك ئەمەس! خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچىمىز. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ كۈرىشىمىزنىڭ ئاساسلىق غايىسى ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس غايىگە يېتىش يولىدىكى بىر ۋاسىتە، بىر قوراللا بولۇشى لازىم.

شۇڭا، نېتاجى بوسنىڭ ئاسماننى تىترەتكەن: «ئازادلىق بېرىلمەيدۇ، ئۇ تارتىپ ئېلىنىدۇدېگەن ھۆكمىنى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە ئويايلى! روھىمىزدىكى 70 يىللىق «تىلەمچىلىك» ۋە «كۈتۈش» پىسخىكىسىنى ئۆز پۈتىمىز بىلەن دەس ئورنىمىزدىن تۇرۇش ئىرادىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرۈپ تاشلايلى! خىتاينىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىشتىن ئىبارەت ۋاستىنى غايە قىلىۋېلىشتەك بېكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇش ئۈچۈن، پولات ئىرادە بىلەن «كۈرەش قىلىپ تارتىۋېلىش» يولىنى جىددىي ئويلىشايلى!

ئىككىنچى مەشئەل: ئالتۇن تەخت ۋە ۋىجدان ئوتتۇرىسىدىكى تاللاش — ھەقىقىي شانشەرەپنىڭ ئۆلچىمى

بۇ بىزگە، بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ئۆزىنىڭ ۋە ئالىسىنىڭلا راھىتى بىلەن بولۇپ ياشاۋاتقان ۋە نۇمۇس قىلماستىن «مەن سىياسەتكە ئارىلاشمايمەن» دەۋاتقان، ھەتتا خىتايغا سەت كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىگە ئۆزى قاتناشمىسىمۇ ئايالىنى ياكى قىزلىرىنى يوللاش ئارقىلىق يوقلىمىدىن ئۆتۈپ تۇرۇشنى جانباقتىلىق پەلسەپەسى قىلىۋالغان كىشىلىرىمىزگە ئۆتكۈر بىر سوئالنى سانجىيدۇ:

«بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقىي شانشەرەپ نېمە؟ زالىم مۇستەملىكىچىدىن تامادا بولۇش ياكى ئىشغالىيەتچى دۆلەت سىستېمىسى ئىچىدە يۇقىرى مەنسەپلەرگە ئېرىشىپ، ئۆزى ئۈچۈن «ئالتۇن تەخت» ياساپ، شەرمەندىلەرچە راھەتپاراغەتتە ياشاشمۇ ياكى شۇ ئىمتىيازلارنى نومۇس دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى مىللەتنىڭ تىكەنلىك ئەمما شەرەپلىك ئازادلىق يولىغا ئاتاشمۇ؟!

بوسنىڭ تاللىشى شۇ ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ: «ئۆز مىللىتى ئاسارەت ئاستىدا ئىڭراۋاتقاندا، قولغا كەلگەن ھەر قانداق شەخسىي شانشەرەپ — روھقا كىيدۈرۈلگەن كىشەن، ۋىجدانغا سانجىلغان زەھەرلىك خەنجەردۇر!

دەرۋەقە ۋەتەننى ئانىسى ئورنىدا كۆرگەن ھەر قانداق ۋەتەنپەرۋەرگە نىسبەتەن ئۆز مىللىتى ئاسارەت ئاستىدا ئىڭراۋاتقاندا، دۈشمەنگە خىزمەت قىلىپ قولغا كەلگەن ھەر قانداق ئالىي ئاكادېمىك ئۇنۋان ۋە ھەر قانداق شانشەرەپ، روھىغا كىيدۈرۈلگەن كىشەن، ۋىجدانىغا سانجىلغان خەنجەر ھېسابلىنىشى لازىم. چاندىرا بوسنىڭ قەلبىدە ياڭرىغان «ئانا ۋەتەننىڭ ئازادلىقى مېنىڭ شەخسىي شانشەرەپلىرىمدىن مىڭ قات ئەلادۇردېگەن نىدا — ھەر بىر ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرنىڭ روھىي قەسەمىگە ئالىنىشى كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان قابىلىيەتلىك ياشلىرىمىز تۈركىيە ۋە غەرب ئەللىرىدە ئىلىمپەننىڭ يۇقىرى پەللىلىرىگە چىقىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن «ئالتۇن ئېسىل» ئىمتىياشلارنى ياراتتى. لېكىن بوسنىڭ ئۆلمەس روھى بىزگە شۇنى ئەسكەرتمەكتە:

«ھەقىقىي زىيالىي، ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر ئۆز قابىلىيىتىنى پەقەت شەخسىي راھىتى ئۈچۈنلا ئىشلەتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئۆز بىلىمىنى مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشى ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچقا، ئۆز ئورنىنى ۋەتەننى قوغدايدىغان مۇستەھكەم بىر قورغانغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭا، ھەقىقىي شانشەرەپ — ئېرىشكەن يۈكسەك مەنسەپتە ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن شۇ مەنسەپتىن ۋاز كېچەلەيدىغان ياكى ئۇنى مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان پولات ئىرادىدە جىلۋىلىنىدۇ»

ئۈچىنچى مەشئەل: زالىمنىڭ ۋىجدانىدىن ئۈمىد كۈتۈشتەك ئۆلۈك خىيالنى دەپنە قىلىش!

گاندىنىڭ يولى — بىر رۇھانىيەتچىنىڭ يولى ئىدى، ئۇ زالىمنىڭ يۈرىكىدىكى يوشۇرۇن ياخشىلىققا ئىشىنەتتى. لېكىن بىزنىڭ 70 يىللىق تەشكىللىك يىغلاپ يۈرىشىمىز، ماھىيەتتە شۇ گاندىچە يولنىڭ ئاخىرىغا چىقمايدىغان بىر نۇسخىسى بولۇپ قالمىدىمۇ؟ نەتىجە نېمە بولدى؟ بىز يىغلىغانچە، دۈشمەننىڭ قەلبى يۇمشىماقتا يوق، ئەكسىچە تېخىمۇ قاتتى، دۇنيانىڭ مەنپەئەت لوقمىسىغا تولغان زۇۋانى تېخىمۇ سۈكۈتكە چۆمدى. زۇلۇمنىڭ قامچىسى تېخىمۇ زەھەرلەندى! نېتاجى بوسنىڭ روھى بۈگۈن بىزگە شۇنى جاكارلىماقتا: «دۈشمەن قىلىچ كۆتۈرۈپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا گۈل تۇتۇپ چىقىش — ئۆزئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتۇرزالىم پەقەت بىرلا تىلنى چۈشىنىدۇ — ئۇ بولسىمۇ كۈچنىڭ تىلى! شۇڭا، بىز دۇنياغا ئۆزىمىزنىڭ مەزلۇملۇقىمىزنى كۆرسىتىپ ھېسداشلىق تىلىنىش سەھنىسىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ تاغدەك مەزمۇت، يېڭىلمەس ئىرادىمىزنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ھۆرمەتكە ۋە ھەقىقىي ئىتتىپاقداشلارغا ئېرىشىش سەھنىسىگە چىقىشىمىز كېرەك!

تۆتىنچى مەشئەل: نىشاننىڭ قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك ئېنىق ۋە مۇتلەق بولۇشى — «ئاپتونومىيە» ئەمەس، «تولۇق مۇستەقىللىق

نېتاجى بوس، گاندى تەلەپ قىلغان «دومىنىيونلۇق» نى — يەنى قۇللۇقنىڭ يالتىراق قەغەزگە ئورالغان يەنە بىر شەكلىنى قانداق نەپرەت بىلەن رەت قىلغان بولسا، بىز ھەر تۈرلۈك «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشى»، «مەدەنىيەتنىڭ قوغدىلىشى» ياكى «ھەقىقىي ئاپتونومىيە» دېگەندەك سۆزلەردىن شۇنداق ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم! بۇلار — بىزنى مەڭگۈلۈك قۇللۇق سازلىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتۇرىدىغان ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان تاتلىق يالغانلاردۇر. بىزنىڭ كۈرەش بايرىقىمىزغا پەقەت بىرلا سۆز يېزىلىشى كېرەك«مۇستەقىللىق! تولۇق مۇستەقىللىق

بۇ بىزنىڭ قۇتۇپ يۇلتۇزىمىز، يولىمىزدىكى بىردىنبىر نۇرلۇق مەشئەل بولۇشى شەرت! بۇ نىشاندىن قىلچە تەۋرەنسەك، دۈشمەننىڭ ئالدامچىلىقىغا ئۇچرايمىز ۋە كۈرىشىمىزنىڭ روھى ئۆلىدۇ.

بەشىنچى مەشئەل: بورانچاپقۇنلۇق دېڭىزدا يول تېپىش — ئىستراتېگىيەلىك «ئالتۇن پۇرسەت» نى يارىتىش ۋە تۇتۇش!

نېتاجى بوس دۇنيا ئۇرۇشىدەك بالايىئاپەتنى مىللىتى ئۈچۈن «ئالتۇن پۇرسەت» كە ئايلاندۇرالىدى. ئۇنىڭ بۇ ئۆتكۈر ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭقۇر دەرستۇر. بىز ئىچكى رىقابەت ۋە مەنمەنلىك تالاش تاتىشلىرىغا پېتىپ، دۇنيانىڭ بورانچاپقۇنلۇق دېڭىزىدا پاسسىپ لەيلەپ يۈرگەن ئاجىز كېمە بولۇشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئەكسىچە، دۇنيانىڭ ھەر بىر دولقۇنىنى، چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەر بىر توقۇنۇشنى، دۈشمىنىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ھەر بىر ئاجىزلىقىنى ئۆتكۈر كۆزىتىپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدىغان ۋە كەلگەن پۇرسەتنى قەتئىي قولدىن بەرمەيدىغان ماھىر كاپىتانلارغا ئايلىنىشىمىز لازىم. ئۇنتۇمايلى، «ۋاقىت بىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ

ئالتىنچى مەشئەل: ھەقىقەت يولىدىكى يالغۇزلۇق — يېڭى يول ئاچقۇچىلارنىڭ پولات ئىرادىسى!

نېتاجى بوس ئۆزى ئىشەنگەن ھەقىقەت ئۈچۈن، گاندىدەك بىر تاغقا، پۈتۈن بىر قۇرۇلتايغا قارشى تۇرۇشتىن قورقمىدى. ئۇنىڭ: «ئەگەر مەن بۇ يولدا يالغۇز مېڭىشقا مەجبۇر بولساممۇ، قىلچە ئىككىلەنمەيمەندېگەن سۆزلىرى — بىر قەھرىماننىڭ يۈرەك قېنى بىلەن يېزىلغان قەسەمىدۇر. بۈگۈنكى دىئاسپورادىكى رەھبەرلىرىمىز ۋە ھەر بىر ۋەتەنپەرۋەر ئۆزىدىن سوراپ باقسۇن: بىز كۆنگەن، ئەمما نەتىجىسى كۆرۈلمىگەن كونا يوللاردا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرامدۇق ياكى ھەقىقەتنىڭ تىكەنلىك، ئەمما شەرەپلىك يولىدا يالغۇز بولسىمۇ مېڭىشقا جۈرئەت قىلالامدۇق؟ ھەقىقىي داھىيلىق — كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئەمەس، ھەقىقەتنىڭ چاقىرىقىغا ئەگىشىشتۇر!

يەتتىنچى مەشئەل: ئازادلىق دەرىخىنىڭ قان بىلەن سۇغىرىلىشى — «ماڭا سىلەر قان بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ئازادلىق بېرەي

بۇ — نۇتۇق مەيدانىدا ياڭرىغان قۇرۇق شۇئار ئەمەس، بۇ — ئازادلىقنىڭ ئەزەلدىن ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى، كائىناتقا ئويۇلغان ئەڭ ئاخىرقى فورمۇلاسىدۇر! 70 يىللىق كۆز ياشلىرىمىز بىزگە ھېسداشلىقنىڭ كۆز يېشىمىزنى ئېيتىدىغان قەغەز ياغلىقىدىن باشقا ھېچنەرسە ئېلىپ كەلمىدى، چۈنكى ئازادلىق دەرىخى مەزلۇملارنىڭ كۆز يېشى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەھرىمانلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغىرىلغاندىلا كۆكلەيدۇ. چاندىرا بوسنىڭ روھى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرماقتا: مىللەتنىڭ ئەركى ئۈچۈن ئەڭ ئەزىز بولغان جاننى ۋە ئەڭ قىزىل بولغان قاننى تەقدىم قىلىشقا تەييار بولغان بىر ئەۋلاد يېتىشىپ چىقمىغۇچە، ھەقىقىي مۇستەقىللىق بىر سەھرادىكى ئالۋۇنغا ئوخشايدۇ. بىز چوقۇم ياشلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنچنى تازىلاپ، ئۇلارنىڭ تومۇرىغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەڭگىۋار جىھاد روھىنى، نېتاجىنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماس ئىرادىسىنى سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك!

سەككىزىنچى مەشئەل: ئۆز يۈرىكىمىزگە سانجىلغان خەنجەرنى سۇغۇرۇپ تاشلاش — ئىچكى ئىختىلاپتىن ھالقىپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈش!

بوس بىلەن گاندى ئوتتۇرىسىدىكى يول ئايرىمى قارىماققا بىر پارچىلىنىشتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نېتاجى ئۆز يولىنى تاپقاندا، ئىككىلەنمەستىن ئالغا ئىلگىرىلىدى. گاندىنى ياكى قۇرۇلتاينى تىللاپ ئەيىبلەپمۇ يۈرمىدى. بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ئىختىلاپلار، گۇرۇپپىۋازلىق ۋە شەخسىي ھەسەتخورلۇقلارچۇ؟ ئۇلار — دۈشمەننىڭ ئوقىدىنمۇ بەتتەر، ئۆزىمىز ئۆز يۈرىكىمىزگە سانجىۋاتقان زەھەرلىك خەنجەر بولۇشتىن ھالقىيالمىدى! پىروفېسسورلۇقنى خىتايدىن مۇكاپاتقا ئالغان ئىچىمىزدىكى بەزى ئالىي ئۇنۋانلىق بىلەرمەن ئۈششۈك تەككەن ئېشەك ھەرىلىرى مۇھاجىرەتكە چىققاندىن تارتىپ، ئۆزلىرى بىرەر چارە ياكى يول كۆرتسىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھە دېسىلا تەشكىلاتلىرىمىزنى تىللاپ، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا سەت كۆرسىتىپ، تەشكىلاتلىنىش قىزغىنلىقىمىزغا سۇ تۆكتى. ئاڭلىۋالغان بەزى خاتالىقلارنى تۇتقۇ قىلىۋېلىپ، ئىجتىمائىي بىرلىكىمىز ۋە سىستېمىلىشىش ئىقتىدارىمىزغا كېسىلىتا قۇيدى.

ئەلۋەتتە ئىدىيە ۋە مېتود ئۈستىدىكى مۇنازىرىلەر زۆرۈر، لېكىن ئۇلار ھەرىكىتىمىزنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان زەھەرگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ھازىر قايسى يولنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تالاشتارتىش قىلىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس، بەلكى بىر نىشان ئاستىدا، سىستېمىلىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز يولىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ۋاقىتتۇر.

خۇلاسە شۇكى، ئەمدى ئورۇۇنسىز يىغلاشنى توختىتىپ، روھىمىزنى قايتىدىن تاۋلايدىغان، كۈرەش ئىرادىمىزنى پولاتتەك چىڭىتىدىغان ۋاقىت كەلدى. روھىمىزدىكى ئۈمىدسىزلىك تېغىنى پارتلىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئازادلىق ئۈچۈن ھەممە نەرسىگە تەييار بولغان يانار تاغدەك بىر روھنى تىكلىمىسەك بولمايدۇ!

(داۋاملىشىدۇ…..)


ئىككىنچى بۆلۈمدە، ھىندىستاندا ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس پىكىرلىرى سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلغان ۋە يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلىنغان سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ، كۆپ قېتىملاپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن ۋە يۈزلىگەن ئىنگلىز جاسۇسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئارسلان يۈرەك مۇستەقىللىق جەڭچىسىنىڭ قەپەسنى قانداق پارەپارە قىلىپ چىققانلىقىنى؛ ئەمدى ئانا ۋەتىنىدە نەپەس ئېلىشقىمۇ ئىمكان قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتىنى چەتئەلدىن باشلاش ئارزۇسىدا بىر مۇسۇلمان دوستىنىڭ ياردىمى بىلەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىشىنى، ئافغانىستاننىڭ ئەجەللىك يوللىرىدا ئۇنى قانداق خەۋپخەتەرلەر ۋە پۇرسەتلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئافغانىستاندا تارتقان جاپامۇشەققەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز.

Share
1945 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.