logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-13

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

 13- ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كىيىن, ساھابىلاردا ئىسىم، كىيىم –كىچەك ۋە بىز

 

ئىسلام- تارىخى بىر ئىنقىلاپتۇر. ئىسلام ئىنسانىيەت تارىخىدا يېپ-يېڭى بىر دەۋر، يېپ-يېڭى بىر مەدەنىيەت ياراتقان ئىنقىلاپتۇر.ئامما،ئىسىم ياكى كېيىم ئىنقىلابى بولغان ئەمەس.ئىسلام،ئىنسانلارنىڭ روھى دۇنياسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان ئىنقىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسىم ۋە كىيىم-كىچەكلىرىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

پەيغەمبىرىمىز 40 ياشقا كەلگەندە مىلادى 610.يىلى پەيغەمبەرلىك ۋەھىي كەلدى.ھەم ئاللانىڭ روسۇلى ھەم تۇنجى مۇسۇلمان پەيغەمبىرىمىز ئىدى.پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلغاندا “چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىپ كاتتا زىياپەت بېرىپ ئىسىم مەرىكىسى قىلدى.بۇ زىياپەت سورۇنىدا بوۋاقنىڭ ئىسمىنى سورىغانلارغا ئىسمىنى ‘ ئاللا ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرى ماختىسۇن دەپ مۇھەممەد قويدۇم.”دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.(بۇخارى 4/11 ھەدىس نومۇرسى؛1439. مۇسلىم 4/1827 ھەدىس نۇمىرىسى؛2354). مۇھەممەد سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى: كۆپ قېتىم شۈكرى-سانا ئېيتماق،تەكرار-تەكرار ماختانماق،كۆپلىگەن ياخشى خۇيلارغا ئىگە، دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىسلام تارىخچىلىرى پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن مەككىدە مۇھەممەد ئىسمى بولغان 7 نەپەر كىشىنىڭ بولغانلىقىدا ھەم پىكرىدۇر.پەيغەنبىرىمىزنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇللا.ئابدۇللا دېگەن ئىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى؛ئاللانىڭ قۇلى دېگەن بولىدۇ.ئىسلام مەۋجۇت بولمىغان بىر زاماندا ئاللا،ئاللانىڭ قۇلى،دىگەن سۆز-ئاتالغۇلار قانداق پەيدا بولغان؟ مەككە مۇشرىكلىرى ئاللا سۆزىنى كۆپ تەكرارلايتتى ئاللا دەپ ئىبادەت قىلاتتى.ئامما كەبىدىكى 360 بۇتنى ئاللانىڭ ياردەمچىلىرى ياكى شېرىكلىرى دەيتتى ۋە ئۇلارغا چوقۇناتتى.شۇنىڭ ئۇچۇن روسۇلىللا،ئىسلامغا كىرمىگەن مەككە ئاھالىسىنى مۇشرىك (ئاللاغا شىرىك قوشقۇچى) دەپ ئاتىدى.پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئامىنە،تۇنجى خانىمنىڭ ئىسمى خەدىچە.بۇنىڭدىن باشقا ھ.ز.ئالى،ھ.ز.ئابابەكرى،ھ.ز.ئۆمەر،ھ.ز.ئوسمانلار رەسۇلىللانىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى ۋە رەسۇلىللادىن كېيىنكى ئىسلام خەلىپىلىرىدۇر.ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن قويۇلغان ئىسىملار ئىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېڭىدىن ئىمان ئېيتقان ھېچبىر مۇسۇلماننىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتمىدى ۋە ياكى ئۆزگەرتىش تەشەببۇسىدا بولۇنمىدى.شۇڭا ئىسلام ئىسىم ئىنقىلابى ئەمەس دەيمىز.

قۇرئانى كەرىمدە،ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئەرەبچە ئىسىم قويۇشى پەرىز ۋە ياكى سۈننەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئايەت يوقتۇر.

مىسىردا خرىستىيان قىپتىلار، 85 مىليونلۇق نوپۇسنىڭ 18% نى تەشكىل قىلىدۇ. سۈرىيەدىكى ئەرەب نوپۇسىنىڭ 10% خرىستىيان.لىۋاندىكى ئەرەب نۇپۇسىنىڭ 39% خرىستىيان.خىرىستىيان ئەرەبلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسمى ئوخشاشلا ئەرەپچىدۇر. مەسىلەن; لىۋانلىق مەشھۇر ئەرەب يازغۇچىسى خەلىل جىبران خىرىستىياندۇر.ئامما ئىسمىغا قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر خەلىل جىبراننى مۇسۇلمان،دەپ پەرەز قىلىدۇ.چۈنكى،ئەرەب خرىستىيان،ئەرەب يەھۇدىلار ئەرەب مىللىتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەبچە ئىسىم قويغان.

ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ يۈزدە توقسان بەش پىرسەنتى ئەرەبچە ۋە پارسچە ئىسىملاردۇر.  ئىسمىمىزنىڭ مەنىسىنى نۇرغۇنلرىمىز بىلمەيمىز.بىلىشكە قىززىققىنىمىزمۇ يوق.خۇددى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى بىلمىگىنىمىزگە ۋە بىلىشكە قىززىقمىغىنىمىزغا ئوخشاش.مىسال ئۈچۈن بىر قانچەەرەپچە ئىسىمنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ باقايلى ئابباس-قۇپال. ئابدۇراخمان-راخماننىڭ قۇلى. ئابدۇلباقى-ئەبىدى. ئامىنە-كۆڭلىدە تەشۋىش يوق. ئاسىيە-تۈگرۈك،دىيەك. ئەسما-ئىسىم،ئات. ھەجەر-تاش. لىتىپ-يۇمشاق. ساجىدە-سەجىدە قىلغۇچى.پېشانىسىنى يەرگە تەگكۈزگۈچى. سۇدىيە-پايدىلىق. زەينەپ-ئالماس تاشلارنىڭ بىر تۈرى.ئىززەت-كۇچ،قۇۋۋەت،ئۈستۈنلۈك.

سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلارغا بولغان سۆيگۈمىز تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بالىلىرىمىزغا ئىسىم قىلىپ قويۇش ئەلۋەتتە بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ساۋاپتۇر.ئامما،ئۇيغۇرچە گۈزەل سۆزلەردىن تاللاپ بالىلىرىمىزغا ئىسىم قىلىپ قويۇش گۇناھ ئەمەس.چۈنكى،ئۇيغۇرنى،ئۇيغۇر تىلىنى ياراتقۇچى ئاللا،ئەرەپنى ۋە ئەرەب تىلىنى ياراتقان ئاللانىڭ ئۆزىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،بارلىق ئىنسانلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرغان،ئامما،ئەرەب بولۇشقا چاقىرغان ئەمەس.

ئىسلام ئىسىم ئىنقىلابى بولمىغىنىغا ئوخشاش كىيىم ئىنقىلاۋىمۇ ئەمەس.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام “ئىسلام دېگەن نىمىدۇر؟” دەپ سورىغانلارغا ”ئىسلام-ھايا دېمەكتۇر”.دەپ جاۋاپ بەرگەن.ھايا-ئۇيالماق دېمەكتۇر.كىمدىن؟ئالدى بىلەن ئاللادىن،ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەردىن.ھايانىڭ مەنىسى،ئىنساننىڭ ئىززىتىگە مۇۋاپىق كىيىنىش،سۆز-ھەركەتتە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھايا بىلەن ئىمان قوشكىزەكتۇر.ھايا كېتىپ قالغان يەردىن ئىمانمۇ كېتىپ قالىدۇ.

قۇرئاندا،مۇسۇلمانلار كىيىدىغان كىيىمنىڭ شەكلى،مودىسى، رەڭگى ھەققىدە ھىچقانداق شەرت ياكى ئەمىر يوقتۇر.شەمۇ-ھايا ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇن كىيىم كىيىش مۇسۇلمانلارغا تەۋىسىيە قىلىنىپ كەلمەكتە.“ئەي ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق،” (ئەرەب سۈرىسى 26.ئايەت.)ئايەتتە،ئىنساننىڭ نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق كىيىم كەيىشى توغرۇلۇق مەزمۇن ھەممىمىز چۈشىنەلىگۈدەك روشەن.

ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۈچۈن بېشىغا سەللە كىيىش ئۇزۇن بىر تارىخى جەريان ئۆرپ-ئادەت بولۇپ كەلدى.ئەڭ مۇھىمى سەللە دىندارلىق ۋە تەقۋادارلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قاراپ كەلگەنلىگىمىزدۇر.ھالبۇكى سەللە،ئەرەبلەر مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ بېشىغا كىيىدىغان(باشنى ئىسسىق-سوغۇقتىن قوغدايدىغان) بىر مىللىي كىيىم ئىدى. ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ چىققاندا،ئەبۇجەھىل ؛كىم مۇھەممەتنىڭ تىرىكى ياكى ئۆلۈكىنى ئەكەلسە 100 تۈگە مۇكاپات بىرىمەن، دەپ جاكارلىدى.ئەسلام قەبىلىسىدىن بۈرەيدە ،قۇرەيىشلەرنىڭ مۇكاپىتىنى ئىلىش ئۈچۈن رەسۇلىللانى قوغلاپ تۇتۇشقا چىققان مۇشرىكلاردىن بىرسى ئىدى.ئامما ئۇ،رەسۇلىللانى كۆرۈشى بىلەنلا ئۆزى بىلەن ئوخشاش مەقسەتتە كەلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان بولدى.چۆلدە رەسۇلىللانىڭ قۇشۇنى ئىچىدە كېتىۋېتىپ بېشىدىكى ئاق سەللىسىنى يېشىپ نەيزىسىنىڭ ئۇچىغا باغلىدى؛”سىلەردەك شانلىق بىر قوشۇن بايراقسىز ماڭسا ياراشمايدۇ.ئەگەر ئىجازەت بەرسىڭىز،سىلەرنىڭ ئەلەمدارىڭلار(بايراق كۈتەرغۈچى) مەن بۇلاي دىدى ۋە تاكى كۇبا يېزىسىغا يىتىپ بارغۇچە رەسۇلىللانىڭ ئەلەمدارلىغىنى قىلدى.” (ئەل-بۇخارى 4.جىلىت 256-257.بەت.ھەدىس نۇمىرى:1غ.) رەسۇلىللا،ئەرەبلەرنىڭ باش كىيىمى سەللىنى مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنمۇ،مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنمۇ كىيگەن.رەسۇلىللانىڭ كەيگىنىنى سۈننەت بىلىپ كىيىش ساۋاپتۇر.ئامما،كىيمەسلىك گۇناھ ئەمەس.

مۇسۇلمان ئەرلەر،تەرەققىيات ۋە يېڭى مەدەنىيەتتىن پايدىلىنىشتا بەك مۇتەئەسسىپ ئەمەس.ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.ئامما،خوتۇن-قىزلىرىمىزغا ئىنتايىن قاتتىق چەكلىمە قويۇشتا ھەممىمىز ئورتاقلىققا ئىگە.ھەتتا بەزىلىرىمىز ئىسلام دىينىنى خوتۇن-قىزلىرىمىزغا زۇلۇم ۋاستىسى قىلىشنى ئۇلارغا كۆيۈنۈش دەپ قارايمىز.كىيىم مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق.ھەتتا بەزىلىرىمىز،ئەۋرىتىنى ياپماي يۈرگەنلەر بىلەن چاتىغىيوق، مەدەنىي , ئىسلامىي قائىدىلەرگە ئەڭ ئۇيغۇن كەيىنگەنلەردىن قۇسۇر چىقىرىمىز.مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ قانداق كەيىنىشى كەرەكلىگىنىڭ شەرتلىرىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن پەقەت قۇرئانى-كەرىمگە مۇراجىئەت قىلىش كۇپايە؛

“مۆمىنىلەرگە ئېيتقىنكى، نا مەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن،” (24.نۇر سۈرىسى 31.ئايەت)

ئايەتتە،بىرىنچى بولۇپ ئاياللارنىڭ نامەھرەملەرگە(ئېرىدىن باشقا ئەرلەرگە) تىكىلىپ(ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى ئويغىتىدىغان مەنا بىلەن) قارىماسلىق ئەمىر قىلىنغان.ئىككىنچىسى ئەۋرەتلىرىنى يېپىش ئەمىر قىلىنغان.ئۈچۈنچىسى،تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقىلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق.ئاياللار ئۈچۈن ۋۇجۇدىنىڭ قايسى قىسىملىرى ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ؟ چاچ،يۈز،قول ئەۋرەت ھېسابلىنامدۇ؟ تاشقى زىننەت قايسىلىرى؟ قۇلاقتىكى زىرە-ھالقا،بوينىدىكى زەنجىر-ماجان،قولدىكى بىلەيزۇكلەر قايسى كاتوگىرىيەدىكى زىننەت بۇيۇملىرى ھېسابلىنىدۇ؟ بۇ ماۋزۇلاردا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ يۈز يىللاردىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلىغان مەزھەپلەردە ئوخشاش بولمىغان فەقىھ ئالىملىرىنىڭ پەتىۋالىرى،تالاش تارتىشلار بۈگۈنمۇ  ھېچ پەسەيمەي داۋام قىلىپ كەلمەكتە.ئايەتتىكى “ھىمار” سۆزى كەڭ مەناغا ئىگە بولغان بىر سۆز بولۇپ،ئۇيغۇرچە مەنىسى “ياپىدىغان رەخ” دېمەكتۇر.ئەرەپچىدە ئۈستەلنى ياپىدىغان(داستىخان) رەخمۇ،ئادەم بەدىنى يۆگەۋالىدىغان رەخمۇ ئوخشاشلا “ھىمار” دىيىلىدۇ.يەنى-بىر نەرسىنى ياپىدىغان رەخ دىمەكتۇر.ھىمار-ھۇمار سۈزىنىڭ بىرلىك ئىپادىلىنىشىدۇر.ئەرەپچىدە باش-رەس دىيىلىدۇ.ئاياللارنىڭ بەشىغا ئارتىدىغان ياغلىقنى “مىقنا”(كۆپلۈك كېلىشلەردە ئىشلىتىلىدۇ) ”ناسىيف”(بىرلىكتە ئىشلىتىلىدۇ)دەيدۇ.

تاھارەت ئېلىش توغرىسدىكى ئايەتلەردە “رەس” باش سۆزى ئېنىق تىلغا ئېلىنغان.ئامما يۇقىرىقى ئايەتتە “رەس” سۆزى يوق.تاھارەت ئېلىش توغرۇلۇق ئايەتتە بەدەننىڭ قايسى ئەزالىرىنى قانداق يۈيۈش توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بار.ئامما بۇ ئايەتتە ئاياللارنىڭ يۆگىنىشى توغرىسىدا تەپسىلات بېرىلمىگەن.

تۈۋەندىكى ئايەتتە بولسا ئاياللارنىڭ يۆگىنىشى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى ئەمىرلەر بار؛“ئەي پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ،قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ.” (33.ئەھزاپ سۈرىسى .59 ئايەت).بۇ ئايەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز “جىلباب” جىلباب سۆزى ئەرەبچە بەزى لوغاتلاردا “ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەب ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ۋە ئەرلەرنى جەلپ قىلمايدىغان شەكىلدە يۆگۈنىۋالىدىغان كۆينەك” دەپ  ئىزھاتلىسا ،يەنە بەزى لوغاتلاردا “جىلباب-كونا ئەرەب ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ئاياللارنىڭ چېچىدىن تىرناقلىرىغىچە يۆگۈۋالىدىغان رەختنىڭ ئىسمى” دەپ شەرھلەيدۇ.بۇ قىزىق نۇقتىغا مەركەزلەشكەن ئىجتىھات،بەس-مۇنازىرە مىڭ يىلدىن بىرى ئىسلام دۈنياسىنىڭ كۈن تەرتىپىنى ئىگىلەپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ بۇ مەسىلە ئىنتايىن نازۇك بىر تېما سۈپىتىدە كۈنتەرتىۋىمىزدە.ئايەتتە ئاياللارنىڭ يۆگۈنىشى لازىمغىنىڭ سەۋبى قۇرئاندا ئىنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. “…بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ.” ئىسلام دىنى،دۇنيادا قۇللۇق تۈزۈم ئەڭ ۋەھشى باسقۇچتىكى بىر زاماندا دۇنياغا كەلگەن.قۇللار مال قاتارىدا ھىساپلانغانلىغى ئۈچۈن،(ئەرەب سەھرالىرىدا قۇل خوتۇن-قىزلارغا چېقىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ياۋايى خاراكتېردىكى ئەركەكلەر كۆپ ئۇچرايتتى.جاھىلىيەت زاماندىكى ھەج پائالىيەتلىرىدە مۇشرىك ئەر-ئاياللار كەبىدە قىپ يالىڭاچ بولۇپ ھاياسىزلىق بىلەن ھەج تاۋاپ ئىشلىرىنى قىلاتتى.) ھۇر،ئەركىن ئاياللارنى قۇللاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھ بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى.ئەگەر،ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىمىز ئىچىدە،پەيغەمبىرىمىزنىڭ، ساھابىلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى پەرەنجە ئىچىدە ئىدى دېگەن چۈشەنچىدە بولۇپ،شۇنداق كىيىنىشىنى خالىسا (ئەلۋەتتە بۇنداق كەيىنىۋاتقان خوتۇن-قىزلىرىمىز بار) ئۇلارنىڭ ساۋابقا ئېرىشىش يولىدىكى بۇ كىيىنىش شەكلىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم.ئەگەر؛بۈگۈن مەدەنىي دۇنيادا ياشاۋاتىمىز.قۇللۇق دەۋىردىكى ۋەھشى ئەركەكلەر كۈنىمىزدە بەك ئاز.بىز ئەۋرەتلىرىمىزنى يۆگەپ،دىنىي ۋە مىللىي ئەخلاق-ھايا ئىچىدە كىيىنىدىغان مۇسۇلمان بولۇشنى خالايمىز،دىگۈچلەرنىمۇ ئەيىپلەپ چەتكە قاقۆئاسلىغىمىز. ئۇلارنىڭ ئاللاھ سۆيگۈسىگە، ئىسلامغا بولغان مۇھاببىتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم.

دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە جۇغراپىيىلىك شەرت-شارپىت ۋە مىللىي ئۆرپە-ئادەتلىرىگە كۆرە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىيىنىش شەكلىدە پەرقلەر بار.سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۈرىيە،ياكى تۇنۇستىكى، مۇسۇلمان ئەرەب ئاياللىرىنىڭ  ئىسلامى كىيىم چۈشەنچىسى ۋە كىيىنىشلىرى پەرقلىق.تۈركىيەدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىيىنىشى ئۆزگىچە بولسا،مالايشىيا،ھىندۇنوزىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىنىشى باشقىچە.ھىندىستان،بىنگال،پاكىستان ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشى يەنە باشقىچە.تۇڭگان ئاياللارنىڭمۇ كىيىنىشى ئۆزىگە  خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.مۇسۇلمان ئەللەردە،ئەۋرەتنى يۆگەش چۈشەنچىسىنىڭ پەرقلىق بولىشى سەۋەبىدىن مۇسۇلمانچە كىيىنىشمۇ پەرقلىق بولماقتا.

ئاللا،كېيىم-كېچەككە ئەمەس،قەلپلەرگە خىتاب قىلىدۇ.ئىمان قەلپتە.ئىسلام دىنىدا شەكىل ئەمەس،نىيەت ھەممىدىن مۇھىمدۇر.ئىسلام-ھايا،پاكىزىلىق،قۇلايلىق،ھۇزۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان دىندۇر.

 

Share
2894 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.