logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر -10

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

 10- ئىسلام ۋە ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى 

بىز،يۇقىرقى بابلاردا قۇرئاننىڭ تۇنجى ئەمرىنىڭ “ئوقۇش” ئىكەنلىگىنى كۆپ قىتىم تەكىتلەپ ئۆتتۇق.ھەزىرىتى ئەلى “ ماڭا بىر ھەرىپ ئۈگۈتۈپ قويغۇچىنىڭ قىرىق يىل قۇلى بولۇشقا رازىمەن“, “ بىلمدىن ئارتۇق بايلىق،نادانلىقتىن ئارتۇق يوقسۇللۇق يوقتۇر.“ دېگەن ئىدى. ئەپسۇسكى مۇسۇلمان دۇنياسى ئاللانىڭ بۇ تەلىماتىغا ئەھمىيەت بەرمىدى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار 14. ئەسىردە باشلانغان تىجارەت ئىنقىلاۋىنى، 16. ئەسىردە باشلانغان بىلىم ئىنقىلاۋىنى، 18. ئەسىردە باشلانغان سانائەت ئىنقىلاۋىنى قاچۇردى ۋەياكى بۇ ئىنقىلاپلارنى كاپىرلارنىڭ ئىشى دەپ قارىغاچقا بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا كەلىشىگە توسالغۇلۇق قىلدى. مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر ئىش ئادىمى باھاۋىدىن موساباينىڭ 1912. يىلى ئىستانبۇلدا ئوسمانلى دۆلىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تەلئەت پاشا بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقى تۈركىستاندا جەدىدى ئۇسۇل – يېڭى مائارىپ مەكتەپلىرى ئېچىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە مەكتەپلەرنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەلەت پاشا، 1913. يىلى ياش پىدايى ئوقۇتقۇچى ئەخمەت كامالنى شەرقى تۈركىستانغا ئەۋەتتى. ئەخمەت كامال ئو زامانكى قەشقەرنىڭ ئوقۇ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ “ قەشقەر شەھەردە يۈز ئون تۇرت مەھەللە، يۈز سەككىز جامى مەۋجۇتتۇر… قەشقەر شەھىرىدە تونۇلغان، مەشھۇر ئون بەش مەدرىسە بار. بۇ مەدرىسىلەرنىڭ ھەربىرسىدە 200 دىن كۆپ تالىپ (ئوقۇغۇچى) ئوقۇتۇلماقتا ئىدى. بۈگۈن ياۋروپادا باشلانغۇچتىن ئۇنۋەرسىتىتلارغىچە 15 يىلدا ئىكمالى تاھسىل (ئوقۇپ بىلىم ئېلىش) تاماملىنىپ جەمئىيەتكە چىقىش مۇمكىن. بىراق قەشقەر مەدىرىسىلىرىدە 20 يىل جەينەكلىرىنى سۈرتۈپ ئولتۇرغان ئوغۇل بالىلارنىڭ تېخىچە ئىسمىنى يېزىشنى ئۈگىنەلمىگەنلىكىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئىشىتتىم ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.” (ھەبىبزادە ئەخمەت كامال: چىن – تۈركىستان خاتىرىلىرى 46-47- بەتلەر – تۈركچە.)

ئەخمەت كامال، ئاتۇشتا 10 نەچچە مەكتەپ ئاچتى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەكلىپى بىلەن قەشقەر شەھىرىدە مەكتەپ ئېچىشقا ھەركەت قىلىشى بىلەن بېشىغا قانداق كۈنلەر كەلگەنلىكىنى ئىخچام قىلىپ مۇنداق ئاڭلىتىدۇ“ 1916.يىلى 9. ئاينىڭ 28. كۈنى تۈركىستانغا كېلىپ 4 قۇربان ھەيتىنى ئۆتكۈزگەن بولدۇم. ئەپسۇسكى بۇ 4 قۇربان ھەيتىنىڭ ھەممىسىنى تۇرمىدا ئۆتكۈزدۈم. قەشقەردىكى قۇربان ھەيتلىرىمنى تۇرمىدا ئۆتكۈزۈشۈمگە قەشقەرلىق ئۆمەر باي ۋە سەلىم موللىلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە رۇس كونسۇلغا مېنىڭ ئۈستۈمدە چېقىمچىلىق قىلىپ تۇرغانلىقى ئىدى.” ( ھەبىبزادە ئاھمەت كەمال: چىن – تۈركىستان خاتىرىلىرى – تۈركچە – 463- بەت)

غەرب دۇنياسى سانائەت ئىنقىلابنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىنكى ئۇ دەۋىردە يۇرتىمىزدا ئىلىم- مەرىپەت دۈشمەنلىكنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەخمەت كامال ۋە مەھمەت ئىمىن بۇغرالارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە يۈرەكلەرنى لەختە، لەختە قان قىلىدىغان بايانلار بار. ئەخمەت كامال سىنىپلاردا ئىستانبۇلدىن ئەكەلگەن دۇنيا خەرىتىسىنى تامغا ئېسىپ بالىلارغا دەرس ئۆتسە، قەشقەرنىڭ ئۇ زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر داموللىسى بولغان سەلىم موللا قاتارلىقلار< تۈركىيەلىك ئەخمەت كامال بالىلىرىمىزنى يولدىن چىقاردى. سىنىپلارغا رەسىم ئېسىپ بالىلارنى كاپىرلىق يولىغا باشلىدى. ئەخمەت كامالغا بالىسىنى بەرگۈچىلەر ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق> دىگەن پەتىۋالارنى چىقارغان…. پۈتۈن دۇنيادا مەرىپەت يالقۇنى جاھالەتنىڭ جەندىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاۋاتقان ئۇ دەۋىردە، ۋەتىنىمىزدە قۇتراپ تۇرغان جاھالەت، نادانلىق، بىلىم، مەرىپەتنى، ئاللانىڭ ئوقۇغىن دېگەن تەلىماتىنى بوغۇپ يوق قىلىۋېتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.ئۇيغۇر مىللىتى ئويغۇنۇپ ئىلىم، مەرىپەتكە يۈزلەنگەندە بولسا بوينىدىكى سىرتماقنىڭ قانچىلىك چىڭىپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلغان ئىدى.پۇرسەت بولسا ئاللا بۇرۇن قەچىپ كەتكەن ئىدى.

بۇگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى يىڭى مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويماقتا.بىراق يىڭى مائارىپ تۈزىمى،بىلىم ۋە مائارىپنىڭ يولىنى نۇرلۇق ماياكقا ئوخشاش يۇرۇتقان ئىسلامنى تىخىمۇ ياخشى ئۈگۈنىش ئىمكانىيەتلىرىنى ياراتقان بولسىمۇ،بىز ئۇيغۇرلاردىكى يىڭى مائارىپ دەۋرى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە تەرەپكە قاراپ يۈزلەنگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ يىڭى مائارىپقا يۈزلىنىش دەۋرى،مىللىي ئويغۇنۇشنىڭ باشلىنىش دەۋرىدۇر.ئۇيغۇرلاردىكى مىللي ئويغۇنۇش پەننى مائارىپنىڭ يۇرتىمىزغا كىرىشى ۋە ئۇمۇملىشىشى بىلەن باشلاندى ۋە ئۈممەتچىلىك كۆزقارىشىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ مىللەتچىلىك كۆزقارشى ئۇمۇملىشىشقا باشلىدى.

يۇرتىمىزدا زامانىۋىي مائارىپ دەپ ئاتالغان پەننى مەكتەپلەر 1930-1940.يىللاردا،يەنى،شىڭشىسەي دەۋرىدە ئۇمۇملىشىقا باشلىدى.پەننى مەكتەپلەر ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى  تەربىيەلىگۈچىلەرسەۋىت ئىتتىپاقىدا ماركىسىزىم تەربىيەسى ئاستىدا يىتىشكەن ئۇيغۇر،ئۆزبەك، قازاقلار ئىدى.دەرىسلىك كىتاپلارنىڭ ھەممىسى سەۋىتتىن كىلەتتى.يىڭى مائارىپ پەن-بىلىمگە تەشنا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ماگىنىتتەك جەلىپ قىلىدى.

باھاۋىدىن مۇساباينىڭ ئىستانبۇلدا ئوسمانلى دۆلىتىگە قىلغان رەسمى تەلەپنامىسىغا ئاساسەن تۈركىيەدىن ئاتۇشقا ئىۋەتىلگەن تۈرك مائارىپچى ئەخمەت كامالنىڭ 1913.يىلى ئاتۇشقا كىلىپ ئاچقان پەننىي مەكتەپنى يىڭى مائارىپنىڭ باشلىنىش تارىخى دەپ ھىساپلىساق، يۇرتىمىزدا پەننى پائارىپنىڭ باشلانغىنىغا 100 يىلدىن ئاشتى.بۇ 100 يىل ۋاقىت ئىچىدە مىليۇنلىغان ئۇيغۇر ساۋادىنى چىقاردى.100 مىڭلىغان زىيالى يىتىشتى.شىڭشىسەي ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئاتىزىم ئىدىلوگىيەسى يىتەكچىلىك قىلغان مائارىپ تۈزۈملىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەنگە بولغان مۇھەببىتىدىن پايدىلىنىپ،دىندىن ئايرىلغان ھەتتا دىنغا نەپرەت قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى يىتىشتۈردى.شۇنىڭ بىلەن دىندار خەلقنىڭ دىنسىز زىيالىلىرى مەيدانغا كەلدى.بۇلۇپمۇ ئەدىبىيات-سەنئەت،تەشۋىقات ساھەسىدە ئىسلامنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ كۆرسىتىش،نادانلىقنىڭ،قالاقلىقنىڭ،بەخىتسىزلىكنىڭ مەنبەسىنى ئىسلام قىلىپ كۆرسىتىش جەھەتتە ھاكىمىيەتلەر ئۇيغۇر شائىر،يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىنى كىرالاپ ئىشلىتىشتە ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، دىنىمىزغا قارشى ئىلىپ بەرىلغان بۇ پۈتمەس-تۈگىمەس ھۇجۇملار خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ئەغىر جاراھەتلەرنى پەيدا قىلدى.

بۇ 100 يىللىق تارىخى جەريان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ،يۇرتىمىزدا دىن كۆرسىتىلگەن خۇراپاتلىق تونى ئىچىگە يۈشۈرنىۋالغان جاھالەت قاراڭغۇلىقىدىن چىقىپ،دۇنيانىڭ زامانىۋىي يۈزىنى كۆرۈش،تونۇش جاريانى بولدى.بىراق،مىللىي ئويغۇنۇش دەۋرى ئەينى زاماندا ئىسلامدىن ئۇزاقلىشىش دەۋرى بولدى.1920-1930.يىللاردىكى ئورتا ئاسىيا سوتسىيالىستىك ئەدىبىياتنىڭ دىن دۈشمەنلىگى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىجادىيەت ئەقىمى،ئۇيغۇر ئەدىبىي ئىجادىيەت ۋە ئاخباراتچىلىغىغا ئۆلگىلىك رول ئوينىدى.ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان رومانلىرى “ئۆتكەن كۈنلەر”، “مىھراپتىن چايان” ئىدى. مىھراپ،پەيغەمبىرىمىز تۇنجى مەسچىتنى ياسىغاندا ئۆزىنىڭ ئىماملىق قىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس  ياساتقان مۇنبەردۇر.مىھراپ مەسچىت،جامىلارنىڭ ئىماملىلىرى جامائەتكە قۇرئان تەبلىگ قىلىدىغان،نامازدا ئىماملىق قىلغۇچىغا مەخسۇس ھازىرلانغان يەرنىڭ ئىسىمى.مىھراپ،ئىمان،ئىلىم-مەرىپەتنىڭ سىموۋىلىدۇر.مىھراپتىن پەيغەمبەر چىقتى،ئالىملار چىقتى،قەھرىمانلار چىقتى.سۇلتان ساتۇق بۇغراخان،مەھمۇت قەشقىرى،يۇسۇپ خاس ھاجىپ…مەھمەتىمىن بۇغرا، سابىت داموللام، ئەلىخان تۆرەم..لەرمۇ مىھراپتىن چىققان.ئەپسۇسۇكى،مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلەچەك يۈكىنى زىممىسىگە ئالغۇچى ئۇيغۇر ياشلىرى “مىھراپتىن چايان چىقىدۇ”غانلىغىغا ئىشەندۈرۈلۈپ تەربىيەلەندى.

خىرىستىيان غەرىپ دۇنياسىنىڭ “زورو-Zoro” ئىسىملىك بىر چۆچەك قەھرىمانى بار.بەلكى “زورو” دىگەن كىنونى كۆرمىگەن ئۇيغۇر يوق.زورو خىرىستىيان چىركولىرىنىڭ ھەققانىيەت سىموۋۇلى.زورونىڭ ئارقا تىرىگى چىركو.دىمەك چىركولاردىن ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىدىغان زورولار چىقىدۇ.جۇڭگودىمۇ مەشھۇر خويەنجىا ئوبرازى بار. “خويەنجىا” كىنوسىنى،چاتما پىلىملىرىنى كۆرمىگەن ئۇيغۇرلار يوق بولىشى مۇمكىن.خويەنجىا بۇتخانىدىن چىققان قەھرىمان.خەنزۇلارنىڭ ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمانلىرى پارتىيە مەكتىۋىدىن ئەمەس،بۇتخانىلاردىن چىقىدۇ.

غەرىپلىكلەرمۇ،شەرىقلىقلارمۇ بەدىئى ئوبرازلىرىنى مەدىنىيەت سىمولى بولغان دىنىي ئىبادەتخانىلىرىدىن ئىزدەيدۇ ۋە تاپىدۇ.

بىزنىڭ “مىھراپتىن چايان” چىقىرىشىمىز،مەدىنىيىتىمىزنى تامامەن يوق قىلىشنى مەقسەت  قىلىش ئەمەسمۇ؟ ئابدۇقادىر داموللام،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،سابىت داموللام،مەھمەت ئەمىن بۇغرا،ئەلىخان تۆرە،نىمشەھىت ئارمىيە داموللا… مىھراپتىن چىقمىدىمۇ؟سىز يۇرتىمىزنىڭ ھەر بىر غەرىچ تۇپرىغىنى ئالقىنىڭىزغا ئەلىپ سىنچىلاپ قارايدىغان بولسىڭىز،ئۇ توپراقلارغا ئارىلىشىپ كەتكەن شەھىتلەرنىڭ ئاقىرىپ تالقانغا ئايلىنىپ كەتكەن سۇڭەكلىرىنى كۆرەلەيسىز.ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەلبى ئىمان بىلەن تولغان بىزنىڭ ئاتا-بۇۋىلىرىمىز ئىدى.

يىلتىزسىز دەرەخ،دىنسىز مەدىنىيەت يوقتۇر.دىننى رەت قىلغان مىللەتلەرمۇ ئەسلىدە بىر دىن ياراتقان مەدىنىيەتنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ. يۇرتىمىزدا 1949-1978.يىللىرى ئارىسىدىكى ئەدىبىيەت-سەنئەت ئەسەرلىرىدە سەلبىي ئوبرازلارنى تەسۋىرلەشتە سەللە،يەكتەك،ساقالدىن ۋاز كەچمىدۇق.ساقال،سەللە-يەكتەك ئەسلىدە ئىسلامنىڭ سىموۋىلى ئەمەس.ئاللا كىيىملەردە ئەمەس،قەلىپلەردە.ئامما،ئىسلامنى سەللە-يەكتەك،ساقالدىن ئىبارەت ئاددىي شەكىلۋازلىققا چۈشرۈپ تۈرۈپ مۇبارەك دىنىمىزنى ھەجىۋىلەشتۈرۈش مۇسۇلمان ئانىنىڭ قۇرسىغىدىن تۇغۇلغان ئىنسانغا يارىشىدىغان قەلىق ئەمەس.بۇگۈنمۇ سەللە،يەنكتەك،ساقال بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان يازغۇچى،شائىرلىرىمىز بار،ھەتتا ساقال،سەللە،يەكتەكنى ھۇقۇقتا ئۆسۈش ئۈچۈن شۇتا بالداقلىرى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان كىشىلىرىمىز بار.ئارىمىزدا كونىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن ئىسلامغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئارىلاشتۇرىۋىتىلگەنلىگىنى ھىچ پەرىق قىلالماي ئۆتۈۋاتقان زىيالىلىرىمىز ھەتتا پروفىسسورلىرىمىز بار.

گەرچە ئۇيغۇرلار،كەيىنىكى 300 يىللىق تارىخىدا خۇراپات ۋە بىدئەت بىلەن ئەغىر دەرىجىدە كىرلەنگەن، ئىسلام ئۆلۈمالىرى سانالغان مۇتەسەسسىپلەرنىڭ ئىسكەنجىسى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قالغان بولسىمۇ،ئامما  ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ داىرىسىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق.ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ ھازىرمۇ شۇنچىلىك جانلىق ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىشىدىكى سەۋەپ،پۈتمەس-تۈگۈمەس ئىنىرگىيە مەنبەسىنىڭ ئىسلام بولغانلىغىدىندۇر.

قۇرئاندا ئەينى زاماننىڭ ئەدىپ،پەيلاسۇپ،زىيالىلىرى ھىساپلانغان شائىرلار توغرىسىدا مۇنداق ئايەت بار “ شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ.ئۇلارنىڭ (سۆز ۋادىلىرىدا) تىڭىرقاپ يۈرگەنلىكنى كۆرمەمسەن؟ئۇلار قىلمايدىغان  نەرسىلەرنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ.پەقەت ئىمان ئەيىتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان،ئاللانى كۆپ زىكرى قىلغان،زۇلۇمغا ئۇچىرىغاندىن كەيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.” (شۇئەرا سۈرىسى 225-227.ئايەت) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، سۆز ۋادىلىرىدا تىغىرقاپ يۈرۈپ،ئازىراق قەلەم ھەققى ئۈچۈن ۋىجدانىنى يەنچىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان شائىرلىرىمىز،يازغۇچىلىرىمىز،پەيلاسۇپلىرىمىز ۋە باشقا زىيالىلىرىمىز ئازمۇ؟

ھەتتا قۇرئاندا ئاللاھ مەدھىيەلەنگەن “ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز (سىيا) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز (نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ نىڭ سۆزلىرىنى(يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ” (لوقمان سۈرىسى 27.ئايەت) دىگەن ئايەتنى ئۆزگەرتىپ

“سىيا بولسا دەڭىز- ئوكيان
قەلەم بولسا جىمى ئورمان
ئۇلۇق داھى،ئۇلۇق يولباشچى ماوجۇشى
ئادا بولماس سىنىڭ شەنىڭ
يەزىلسا مىڭ تۈمەن داستان

دىگەن شىئىرلارنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان شائىرلار يازدى.بۇ شىئىر ئوتتۇرىغا چىققان 70.يىللاردا خەلقىمىز،ھەتتا خەنزۇ خەلقىمۇ تارىختىكى ئەڭ قاراڭغۇ،ئەچىنىشلىق دەۋىرنى بەشىدىن كەچۈرىۋاتاتتى.ئۆز غۇرۇرىنى ئۆزى دەپسەندە قىلغان ئىنسان-مەنپەئەت ئۈچۈن باشقىلارنى ئورۇنسىز ماختىغان ئىنساندۇر.سەن باشقىلارنى قانچىلىك كۆككە كۈتەرگەنسىرى،ئۆزەڭنى  شۇنچىلىك يەرگە ئۇرغان بولىسەن.قۇرئاندىكى “ئۆز ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار” دىگە سۆزنىڭ مەنىسىنى “ئۆز ئىززەت-نەپسىنى ئۆزى ئاياق ئاستى قىلغۇچىلار” دەپ شەرھىلىسەك خاتا شەرھىلىگەن بولمايمىز.

قۇرئاندا “زۇلۇمغا ئۇچىرىغاندىن كىيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار”نى تەقدىرلەيدۇ.زۇلۇمنى مەدھىيەلەش گۇناھتۇر،زۇلۇمدىن مۇداپىيەلىنىش ساۋاپتۇر.ئىمان بولمىغان ئادەملەردىمۇ ۋىجدان بار. ۋىجدان ئىماننىڭ قەلىپلەردە ئەكىس ئىتىشىدۇر. ۋىجدانغا خىلاپ بولغان ھەركەت دىنغىمۇ خىلاپتۇر.خەلىقنى توغرا يولغا باشلايدىغانلارمۇ،توغرا يولدىن ئازدۇرىدىغانلارمۇ زىيالىلار ئىچىدىن چىقماقتا.پەيغەمبەر ئەلايھىسسالام،ئەينى زاماننىڭ ئەڭ دەھرى،ئەڭ گۇناھكار شائىرلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلغان،ھەتتا مۇكاپاتلىغان.مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىلىمىنى توغرا يولدا ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرغان ئىدى.پەيغەمبەر قۇرئاننى تەبلىگ قىلىۋاتقان مەككە دەۋرىدە،رەسۇلىللاغا ئەڭ شىددەتلىك ھۇجۇم ۋە مەسخىرە قىلغۇچى مۇشىرىكنىڭ ئىسمى كائاب ئىدى. كائاپ مەككىنىڭ ھەتتا ئەرەپ يەرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ مەشھور شائىرى ئىدى.كائاپ،رەسۇلىللانى كۆرگەنلا يەردە شىئىر ئوقۇپ رەسۇلىللانى مەسخىرە قىلغاندا مەككە مۇشرىكلىرى خوش بولۇپ چاۋاك چەلىشىپ كىتەتتى.بايلار پۇل ھەدىيە قىلاتتى.ئەبۇجەھىل دەۋاملىق ئۇنىڭغا پۇل بىرىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ جامائەت ئىچىدە يۈزىنى تۆكۈش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى.مەدىنە دەۋرىدە مۇسۇلمانلار كۈچلىنىشى بىلەن،پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن “كۆرگەن يەردە ئۆلتۈرۈش” ئەمرى بىرىلگەن مۇشرىكلار تىزىملىكىنىڭ بىرىنجىسى كائاپ ئىدى.مەككە فەتھىدە كائاپ تايىپقا قاچتى.تايىپ ئاھالىسى مۇسۇلمان بولغاندىن كەيىن كائاپ چۆللەردە قەچىپ يۈردى.ھىجرىيەنىڭ 9.يىلى كائاب مەدىنىگە مەخپى كىلىپ بىر كۈنى بامدات نامىزىدىن كىيىن پەيغەمبەرنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ كەچۈرۈم سوردى ۋە ئىمان ئەيتىپ مۇسۇلمان بولدى.رەسۇلىللا،كائاپنى كەچۈردى.كائاب ئورنىدىن تۇرۇپ رەسۇلىللانى مەدھىيەلەپ “ رەسۇلىللا ھەر شەيىنى يۇرۇتقان نۇردۇر.زۇلۇم-زۇلمەتنى پاچاقلايدىغان ئاللانىڭ قەلىچىدۇر” دىگەن مەزمۇندا شىئىر ئوقۇدى.رەسۇلىللا كۈلۈمسىرىدى ۋە ئۈستىدىكى يەكتەكنى چىقىرىپ كائابقا ھەدىيە قىلىدى.كائابنىڭ مىراسچىلىرى تەرىپىدىن پادىشا مۇئاۋىيەگە 200مىڭ دەرھەمگە (60 كىلو كۈمۈش) سەتىۋەتىلگەن مۇبارەك يەكتەك ئەمەۋىلەردىن ئابباسىلارغا،ئابباسىلاردىن ئوسمانلىغا ئۆتۈپ،بۇگۈن ئىستانبۇل توپقاپى مۇزىينىڭ “ مۇقەددەس ئامانەتلەر” خەزىنىسىنىڭ “خىركايى سائادەت” (سائادەت يەكتىكى) بۆلۈمىدە مۇھاپىزەت قىلىنماقتا ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ زىيارىتىگە سۇنۇلماقتا. ئاللانىڭ پەيغەمبىرى،كائابقا ئوخشاش ئىسلامنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى كەچۈردى.ئۇنى ھەدىيە بىلەن مۇكاپاتلىدى.شۇنىڭ بىلەن كائاپ ۋە كائابقا ئوخشاش ئەينى زاماننىڭ نۇرغۇن زىيالىلىرى توغرا يولغا ئۆتتى ۋە توغرا يول ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.

ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدە شائىر،يازغۇچىلار كۆپ.دۇنيا ئەدىبىياتى بىلەن رىقابەت قىلىالايدىغان سەۋىيەدىكى شىئىر،ھىكايە،رومانلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.ئەمما،يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ۋە ئىلان قىلىنىۋاتقان رومانلارنىڭ سانىغا قارىغاندا سۈپەت يەنىلا تۈۋەن.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا،شائىر،يازغۇچىلارنىڭ كۆپلىگىدىن،تەبىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئازالغىدىن شىكايەت قىلىۋاتقانلار بار.تەبىي پەن ئالىملىرىمىز ھەقىقەتەن بەك ئاز.ئامما،شائىر،يازغۇچىلىرىمىزمۇ كۆپ ئەمەس. “مىھراپتىن چايان” چىقارغۇچى شائىر،يازغۇچىلار ئارىمىزدىن يوقالسىلا،بۇ بىزگە يىتىدۇ.ئىسپانىيە يازغۇچىسى مىگۇئەل دە سىرۋانتىس سائاۋەدىرا (  Miguel de Cervantes Saavedra)نىڭ “دونكىخوت” رومانى ئىلان قىلىنغان 1605.يىلىدىن قەييۇم تۈردىنىڭ 1974-. يىلى ئىلان قىلىنغان “ قىزىل تاغ  باتۇرلىرى” رومانىڭ (ئەگەر رومان دىيىلسە) ئارىلىقىدا 370 يىللىق مۇساپە بار.زىيا سەمىدىنىڭ “مايىمخان” رومانىنى تۇنجى ئۇيغۇر رومانى دەپ ھىساپلىساقمۇ ئارانلا 10 يىللىق ۋاقىت قىسقىرايدۇ.دىمەك ئۇيغۇر رومانچىلىغىنىڭ قەدىمى، غەرىپ رومانچىلىق تارىخىدىن 360 يىل كەيىن باشلانغان. “دونكىخوت” 370 يىلدىن بىرى دۇنيا رومانچىلىغىنىڭ بايراقدارلىقىنى ھىچكىمگە تارتقۇزۇپ قويماي كەلمەكتە.يەنە 370 يىل كىيىنمۇ بۇ رومان بەدىئى ماھارەت ۋە بەدىئى ئوبراز يارىتىش جەھەتتە ھاياتى كۇچىنى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ.ئامما، “قىزىل تاغ باتۇرلىرى” تۇغۇلىشتىلا ئۆلۈك توغۇلغان ئىدى. بۇ روماننى رومان دىيىشتىن كۆرە،ئىسلامغا ۋە مىھراپقا ھاقارەت قىلىشتا رەزىل،سەۋىيەسىز بىر تەشۋىقات ماتىريالى دىيىش مۇۋاپىقتۇر.

بىز ئۇيغۇرلار،تەبىي پەن بىر ياقتا تۇرسۇن،ئىجتىمائى پەندىمۇ ئىنتايىن ئارقىدا.ئەقلىمىز،تالانتىمىز ئىسراپ قىلغۇدەك دەرجىدە ئەشىپ-تىشىپ تۇرغىنى يوق.ئاللا،ئەقىلنى،بىلىمنى توغرا ئىشلەتكەنلەرنى خەيىرلىك كۈنلەرگە ئىرىشتۈرىدۇ

قۇرئاننىڭ 68.نىنجى ئايىتىنىڭ ئىسمى،قەلەم،دۇر.قەلەم سۈرىسى “قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان  نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى” جۈملىسى بىلەن باشلىنىدۇ.ئاللانىڭ قەتىدا قەلەم،قەلەم بىلەن يەزىلغان نەسرىلەر مۇبارەكتۇر.قەلەمىڭ ئۇلۇغ بۇلۇشىدىكى سەۋەرپ،قەلەم،قۇرئاننى يەزىپ قالدۇرۇشتا،ئىنسانلارنى يۇرۇقلۇققا چىقىرىشتا مەشئەللىك رول ئونىغانلىغىدۇر.بۇگۈن بەزى قەلەملەر مەشئەل،بەزى قەلەملەر مەشئەلنى ئۈچۈرىدىغان جۇدۇن بولماقتا.ئاللانىڭ ئارزۇسى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇسى بىردۇر.قەلەم تۇتقان قول پاكىزە بولىشى، قەلەمگە قۇماندانلىق قىلغۇچى مىڭىدە تارىخى مەسئۇلىيەت بولىشى لازىم. “ئاللانىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللادىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.” (فاتىر سۈرىسى 28.ئايەت) ئاللا،ئالىملارنى سۈيۈدۇ.نىمىشكە؟ چۈنكى،ئۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان مىڭە بولغانلىغى ئۈچۈن.توغرا-خاتانى پارىقلەندۈرەلەيدىغان تەپەككۇر قابىلىيىتى بولغىنى ئۈچۈن.

باشقىلار بۇتخانىلاردىن،چىركولاردىن  قەھرىمان چىقىردۇ-يۇ،بىز نىمىشكە مىھراپتىن چايان چىقىرىشىمىز كىرەك؟ ئۆزىمىز ياراتقان يىلان ئارقىلىق ئۆزمىزنى چاقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟

مىھراپ،ئىماننىڭ،ۋىجداننىڭ،ئەخلاقنىڭ،ئەركىنلىكنىڭ،قەھرىمانلىقنىڭ سىموۋىلىدۇر. ئۆلمەس ئەسەرلەر ئۆلمەس مەدىنىيەتتىن ئۇزۇق ئالىدۇ.“قۇتاتقۇبىلگ”،”دىۋانۇ-لۇغات تۈرك” نىمە ئۈچۈن بۇگۈنگىچە ياشاپ كەلمەكتە؟ چۈنكى،يۈسۈپخاس ھاجىپ،ماخمۇت قەشقىرى…لەر ئۆز خەلقى ئىتىقات قىلغان ئۇلۇغ ئىسلام مەدىنىيىتىدىن ئۇزۇق ئالغان ئىدى.

Share
3591 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.