logo

trugen jacn

قوينى قاسساپ سويىسۇن

مەمەت ئىمىن
بىزدە ”قوينى قاسساپ سويىسۇن“ دەيدىغان بىر ئەقلىيە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ”ھەر ئىشنى شۇ ئىشنىڭ كەسسىپ ئەھىللىرى، مۇتىخەسىسلىرى قىلسۇن“ دىگەن مەنانى بىلدۇرىدۇ. ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئەقلىيە سۆز گەرچە ناھايتى توغرا سۆز بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ئەمىلى ھاياتىمىزدا بەزى كىشىلەر، بۇ سۆزنى باشقىلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش، مەلۇم كەسسىپنى مونۇپۇل قىلىپ، ئۆزنىڭ نوپۇزىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قالايمىقان ئىشلىتىدىغان ۋە ياكى ئۇ سۆزنى سۈيى ئىستىمال قىلىدىغان ئەھۋاللار ئىزچىل يۈز بىرىپ كەلمەكتە.
ئەمىلىيەتتە يالغۇز قوينى ئەمەس، ھەرقانداق ھايۋاننى قاسساپ سوياش كىرەك. شۇ سەۋەپتىن بىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە قاسساپلارنىڭمۇ قاسساپلىق پىراۋىسى بار. مەنىڭچە بۇ تالاش تارتىش قىلىدىغان موھىم مەسىلە ئەمەس، بۇ يەردە موھىم بولغىنى، ئۇ ”قاسساپ“ نىڭ ”قاسساپ“ لىقىنىڭ قانداق بىكىتىلىشى ۋە كىملەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىش مەسىلىسىدۇر. يەنى بىر ئادەمنىڭ ”قاسساپ“ بولىشى ئۇنىڭ پىشانىسىغا پۈكۈلگەنمۇ؟ ئۇ بىر ئادەم ئوقىغان كەسسىپمۇ؟ ئۇ بىر دىپلومامۇ ياكى شۇغۇللانغان كەسسىپمۇ؟ ”قاسساپلىق“، بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۆزگەرمەس نەرسىمۇ؟ بىر ئادەم ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن مەلۇم بىر كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇ ئادەم چوقۇم شۇ كەسسىپنىڭ ”قاسساپ“ پى ھىساپلىنامدۇ؟ بىر ئادەم ئۆزى شۇغۇللانغان كەسسىپنىڭ سىرتىدا باشقا بىر كەسسىپنىڭ ”قاسساپ“ پى بولالمامدۇ؟ مەنىڭ قارىشىمچە قاسساپلىق ھەرگۈزمۇ تۇغما ۋە ياكى بىر ئادەمنىڭ پىشانىسىغا پۈكۈلگەن نەرسە ئەمەس. ھەر قانداق ئادەم ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە ئۈگۈنۈش ئارقىلىق مەلۇم كەسسىپنىڭ ”قاسساپ“ پى بولالايدۇ.

ئامىركىنىڭ 19 – قىتىملىق پىرەزىدەنتى رۇسىرفورد خەيىس مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ھەر بىر مۇتىخەسىس بىر چاغلاردا يىڭى ئۈگەنگۈچى شاگرىت ئىدى“.
بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا ئاتا مىراس كەسسىپلەر ئۈزلىكسىز يوقاپ كىتىشكە يۈزلىنىۋاتقان بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇ ھەرگۈزمۇ ”ئوغرىنىڭ بالىسى ئوغرى، ئادۇكاتنىڭ بالىسى ئادۇكات“ بولىدىغان دۇنيا ئەمەس. نۇرغۇنلىغان تەرەققى قىلغان غەرىپ دۆلەتلەردە ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى يىتىلدۈرۈش جەريانى بولۇپ، ئۇ ھەرگۈزمۇ بىر ئىنساننىڭ كەلگۈسى بىر ئۆمۈرلۈك كەسسىپىنى بەلگۈلەيدىغان بىردىن بىر ۋاستە ئەمەس. ئامىركىدا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تىپىش ئەھۋالى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسسىپى توغۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت 27% تى ئوقۇغان كەسسىپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن؛ 30% تىدىن ئارتۇقى ئوقۇغان كەسسىپ بىلەن ھىچ مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا كەسسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. كۆپلىگەن كىشىلەر، يىشنىڭ چوڭىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشى ئۈزلىكسىز مۈكەممەلىشىپ، ئۆزىنىڭ قىززىقىشى ۋە قابىلىيىتىنى قايتىدىن تونۇپ يىتىپ، بىر ۋە ياكى بىر نەچچە قىتىم كەسسىپ ئالماشتۇرىدىكەن ۋە ئەڭ ئاخىردا ئۆزى قىززىققان بىر ياكى بىر نەچچە كەسسىپتە مۇئاپىقىيەت قازىنىدىكەن.
ھەممىمىز بىلگەندەك ھازىرقى ئامىركا پىرەزىدەنتى دونالد ترۇمپ، ئالى مەكتەپتە ئىختىساد كەسسىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن دادىسىغا ئەگىشىپ ئۆي مۆلۈك تىجارەتى بىلەن شۇغۇللانغان، كىيىن بىر مەزگىل تىلۋىزور رىياسەتچىسى بولغان. 70 ياشقا كىرگەندە ئامىركا پىرەزىدەنتلىك سايلىمىغا قاتنىشىپ، سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە دونالد ترۇمپنى سىياسەتنىڭ ”قاسساپ“ پى دىمەكچى ئەمەسمەن. ھازىر ھەممىمىز كۆرۈۋاتقاندەك، ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلەر ئۇنىڭ سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغانلىقى ۋە ياكى سىياسەتتىن پەقەت خەۋىرى يوقلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدە بار بولغان خەلقارا ۋەزىيەتتىكى تەڭپۇڭلىقنى قالايمىقان قىلىۋەتتى دىيىشسە، يەنە بەزىلەر دەل شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىۋاتىدۇ دىيىشمەكتە. مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتتى نەزەر ئۇنىڭ ئەنەنىۋى سىياسەتتىن پەرىقلىق بولغان باشقىچە بىر ئۇسۇل قوللىنىۋاتقانلىق ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ۋە نەتىجىسى قانداق بولىدۇ، ۋاختى كەلگەندە كۆرىمىز.

جوھن گىلەن (John Glenn) بولسا 1962 – يىلى تۇنجى قىتىم ئاي ئوربىتاسىغا بارغان ئامىركانىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئۇنىۋەرسىتتا خىمىيە كەسسىپىدە ئوقۇغان، 53 ياشقا كىرگەندە سىياسى ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، ئوخايو (Ohio) شىتاتىنىڭ كىڭەش پالاتاسىيە مىللەت ۋەكىلى بولغان ۋە ئۇ خىزمەتنى 24 يىل داۋاملاشتۇرغان. 1998 – يىلى ئۇ كونا كەسسىپىنى قايتىدىن قولغا ئىلىپ، ”بايقاش“ ناملىق ئالەم بوشلىقى كىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

جۇلىيا چائىلد (Julia Child)، ئالى مەكتەپتە تارىخ كەسسىپىدە ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خەت باسقۇچى، ئاخباراتچىلىق قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 50 ياشقا كىرگەندە تۇنجى ئاشپەزلىك كىتاۋىنى نەشىر قىلغان ۋە 1961 – يىلى داڭلىق ئاشپەزلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
بىزگە مەلۇمكى ”قوينى قاسساپ سويىسۇن“ دىگەن بۇ ئەقلىيە سۆزىدىكى ”قاسساپ“ نىڭ ئەسلى مەنىسى مەلۇم كەسسىپ بىلەن شۇغاللانغۇچى، ياكى مەلۇم كەسسىپنىڭ ئۇستىسى دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇندىن بىرى شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتقان كەسسىپى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەگەر بىز بۇ ”قاسساپ“ سۆزىنى نوقۇل ھالدا يەنىلا بىر ئادەمنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسسىپى بىلەن باغلىۋالساق، بىزنىڭ بۇ ئەقلىيە سۆزگە بولغان چۈشەنچىمىز بىتەرەپلىمىلىك بولۇپ قالغان بولىدۇ. تاماقنى ئاشپەز ئېتىدۇ، بىراق تاماق ئېتەلىگەن ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاشپەز بولىشى ناتايىن؛ ھەم شۇنداقلا تاماقنىڭ تەملىك ياكى تەملىك ئەمەسلىكىگە باھا بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇستا ئاشپەز بولىشىمۇ ناتايىن. كىسەلنى ئەلۋەتتە دوختۇر داۋالايدۇ، بىراق دوختۇرنىڭ قانداق دوختۇر ئىكەنلىكىگە بىمارلارمۇ باھا بىرەلەيدۇ. گەرچە دوختۇرغا باھا بىرىشتە ھەر خىل ئۆلچەملەر بولسىمۇ، بىراق دوختۇرغا باھا بەرگۈچى چوقۇم دوختۇر بولۇش ھاجەتسىز.
ھەر بىر كەسسىپنىڭ قىلىپلىشىپ كەتكەن بەزى ئادەتلىرى بولۇپ، بىر ئادەم ئۇزۇن مۇددەت بىر كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئۇ ئادەم يالغۇز ئۇ كەسسىپنىڭ ئۇستىسى بولۇپ قالماستىن بەلكى شۇ قىلىپلىشىپ كەتكەن ئادەتلەر تۈپەيلىدىن، ئۇ ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان يىڭى ئىدىيەلىرى چەكلىمىگە ئۇچۇرشى، يىڭىلىق يارىتىش ئىدىىيەسى بەلگۈلىك توسالغۇغا ئۇچۇرشى، ھەتتە ئوخشاش خاتالىقلارنى قايتا قايتا سادىر قىلىشى مۈمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پەقەتلا ئۇ كەسسىپتىكى قىلىپلىشىپ كەتكەن ئادەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمىغان، ئۇ كەسسىپنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ۋە ياكى بۇ كەسسىپكە يىڭى كىرگەن كىشىلەر، ئۇ چەكلىمىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدا ئۆزگۈرىش پەيدا قىلالىشى مۈمكىن. ”پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى“ دىگەن ھىكايىنى بەلكىم كۆپۈنچىمىز ئوقۇغان. پادىشاھنىڭ ئۈستىدە كىيىم يوقلىقىنى بايقىغۇچى، دەل شۇ ”قىلىپ“ نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمىغان كىچىك بالا. بىزدە ”كۆزگە ئىلمىغان پۇتاق، ئىشتانغا ئىلمىشىپتۇ“ دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بار. دىمەك بەزىدە مەۋجۇت مەسىلىنى بايقاش ئۈچۈن، چوقۇم ”قاسساپ“ بولۇش ھاجەتسىز؛ ئۇنىنغا بەزىدە ئەقىل ۋە ئىدىرەك يىتەرلىك.
ھازىرقى زامان ئىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ”قاسساپ“ دىمەك يالغۇز مەلۇم كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دىمەك بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇ شۇ كەسسىپنىڭ مۇتىخەسىسى (Specialist, Expert) دىمەك بولۇپ، ئۇ مەلۇم كەسسىپ، مەلۇم تىما، مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت ئۈزلىكسىز ئىزدەنگەن، تەتقىتقات ئىلىپ بارغان ئادەملەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. مۇتىخەسىسلەر گەرچە مەلۇم كەسسىپ ۋە ياكى مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە چۈشەنچە بىرىش، يەكۈن چىقىرىش ئىمتىيازىغا ئىگە ئالاھىدە بىلىملىك كىشىلەر بولسىمۇ، ئۇلار ئوتۇرغا قويغان چۈشەنچە، ئۇلار چىقارغان يەكۈن نورمالدا قانۇنى كۈچكە ئىگە دەپ قارالغان ۋە مۇتلەپ كۆپ ساندىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئوتۇرغا قويغان مەسىلەلەرنىڭ، ئۇلار چىقارغان يەكۈنلەرنىڭ ھەر زامان مۇتلەق توغرا بولىشى ناتايىن. ھەم شۇنداقلا مەلۇم شەخىسنىڭ مەلۇم ساھەدە مۇتىخەسىس بولۇپ نوپۇزلۇق بولۇشى بىلەن، باشقىلارنىڭ ئۇ كەسسىپ ياكى ئۇ ساھەدىكى مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق دىگەنلىك بولمايدۇ. زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ تونۇشى ۋە كۆز قاراشلىرى ئۆزگۈرەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسسىپىدىن باشقا قىززىقىشلىرى، ئىزدىنىشلىرى ئۈزلىكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئۈزلىكسىز ئۈگۈنۈش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇرۇن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىدۇ؛  شۇنداقلا ئىنسانلار بۇرۇن توغرا دەپ بىلگەن نەرسىلەر زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىيىن خاتا بولۇپ چىقىشى مۈمكىن. يەنى ئىنسانلارنىڭ بىلگىنى ۋە بىلىمى ھەرگۈزمۇ چەكسىز، مۇتلەق ۋە ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس.
ئاخىردە تەكىتلەپ ئۆتىدىغىنىم، قوينى قاسساپ سويىسۇن، قاسساپلارنىڭ يىتىلىپ چىقىشى چەكلىمىگە ئۇچۇرمىسۇن؛ كونا قاسساپلارنىڭ ئورنىنى يىڭى يىتىشىپ چىققان قاسساپلار تولۇقلىسۇن. قاسساپلارغا يالغۇز قاسساپلار ئەمەس، بەلكى قاسساپ بولمىغانلارمۇ باھا بەرسۇن. ھەم شۇنداقلا ”قاسساپ“ لار باشقىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، سورۇننى مونۇپۇل قىلىۋالمىسۇن؛ ”قاسساپ“ بولمىغانلار ئۆزىلىرىنى ”قاسساپ“ چاغلاپ، قوينى ھارام قىلمىسۇم؛ ھەممە ئىشقا چىتىشىۋىلىپ سورۇننى قالايمىقان قىلماي، ئىزدەنسۇن، بىلمىگەننى بىلگەنلەردىن ئۈگەنسۇن.

2019 – يىلى 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، نىيورۇك

http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/08/blog-post_23.html

Share
7053 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.