logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئومۇمىي بىر نەزەر – بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلى

غالىپ ئىلى

   1945-يىلى فېۋرالدىكى يالتا يىغىنىدا ئىتتىپاقداش ئۈچ دۆلەت– سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى  ستالن، روزېۋېلت ۋە چېرچىللار بىر تەرەپتىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تۈپتىن زىت بولغان « يالتا كېلشىمى » نى ئىمزالايدۇ.

يالتا يىغىنىدا جياڭ جيېشىنىڭ تەلىبىگە بىنائەن روزېۋېلت ستالىندىن « شىنجاڭ» دا  يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ  بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدۇ. شۇنىڭ بىلەن ستالىن تاشقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنى جىياڭ جېشىغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە خىتايدا ئېرىشمەكچى  بولغان بەزى مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتگە ئىگە قىلدۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۇجۇقتۇرۋېتىش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن روزېۋېلت ۋە چېرچىللار بىلەن سودىلىشىپ، جياڭ جيېشىغا تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى ئىتىراپ قىلغۈزۈش شەرتى بىلەن جۇش ئۇرۇپ تەرەققى قىلىپ، غەلبىسىرى ئالغا قەدەم بېسىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىنى توخىتىتىشنى قارار قىلىپ، سوۋېت ئىىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدىكى ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ (2-دوم) باشلىقى گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋچ كوزلوپقا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن « تىنچىلىق سۆھىبىتى » ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدۇ ۋە مەجبۇرلايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن گېنېرال كوزلوپ ستالىننىڭ بۇيرۇقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئېلىخان تۆرە بىلەن كۆرۈشكەندە  ئېلىخان تۆرە گېنېرال كوزلوپنىڭ يەتكۈزگەن بۇيرۇقىغا قارشى چىقىپ، خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ھېچقاچان سۆھبەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  گېنېرال كوزلوۋ ئېلىخان تۆرە بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى يەنى سوۋېت  ئىتتىپاقىنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى گېنېرال ئىۋان  ياكوۋلىۋىچ

پالىنوپقا بويرۇق بېرىپ ، مىللىي ئارمىيىنىڭ شەرققە — ئۇرۇمچىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ستالىننىڭ بۇيرۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىستىقلالىيەت ۋە ئازادلىق ھەرىكىتى بەربات بولۇشقا يۈزلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى كونتروللىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئىلاجىسىز پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوتتۇرا فروىت يۇلىنىشىدە شىخو ۋە جىڭ ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ شانىلىق غەلبىسىدىن كېيىن داۋاملىق شەرققە — ئۇرۇمچىگە يورۇش قىلىش پىلانى توختىتىپ، جۇڭخۇا مىنگو مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچىلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئۈچ ۋىلايەت دايىرىسىدە چەكلىنىپ قالىدۇ. تىنچلىق سۆھبەت نەتىجىسىدە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى، مىللىي ئارمىيىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ساقلاپ قىلىنىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان يەرلىك ھەر مىللەت خەلقى بىر قىسىم دېموكراتىك ھۆقۈقلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ لېكىن جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ( تاشقۇرغان ئىنقىلابى ) ۋە ئونىڭ قوراللىق كۈچلىرى « 11 ماددىللىق بىتىم » نىڭ قوربانى بولۇپ كېتىدۇ. « 11 ماددىللىق بىتىم » نىڭ ئىمزالىنىشى  شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇنقەرىز بولۇشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.

1945-يىلى جياڭ جېيشى بىرقېتىملىق رادىئو سۆزىدە بىتىم قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بونى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپمۇ قوللايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەيئىتى ئىچىدىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن « تىنچلىق سۆھبەت » ئۆتكۈزۈش تەرەپدارلىرىنىڭ كۆپچىلىك ساننى ئىگەللىشى  بىلەن 1945-يىلى 2-يانۋار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەيئىتى « جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگە غەيرىي قوراللىق ۋاستە يەنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شەكلىنى قوللىنىپ < شەرقىي تۈركىستان > نىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.  ئەگەر جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قوشۇلسا، <  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت >  رەھىمجان سابىر ھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمنى سۆھبەت ۋەكىللىرى قىلىپ ئۇرۇمچىگە ئەۋەتىپ  جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈدۇ. » دېگەن مەزمۇندىن ئىبارەت بولغان 100-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللايدۇ. بۇ قارار موسكۋا تەرەپتىن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگە پەقەت « ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت سۆھبەت ۋەكىللىرىنى بېكىتتى » دېگەنلا مەزمۇندىلا يەتكۈزۈلىدۇ

شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەھىمجان سابىروۋنىڭ باشچىلىقىدا ئوبۇلخەيرى تۆرە، ئەخمەتجان ئەپەندىلەردىن  تەركىپ تاپقان بىر تىنچلىق سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇرۇمچىگە ئەۋەتىدۇ. 1945-يىلى 17-دىكابىردىن باشلاپ سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى كونسۇللىرىنىڭ كېلىشتۇرۇشى بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭخۇا مىنگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى جاڭ  جىجۇڭ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۈ. سۆھبەت نەتىجىسىدە 1946-يىلى 2-يانۋاردا «   11  ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى » ئىمزالىنىدۇ. شۇ يىل 6-ئىيۇن كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى سۆھىبىتى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشنى تاماملايدۇ.  بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدىكى تىنچلق سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي ئۇستۇنلىك ئورۇندا بولغاچقا، تاشقورغان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي- مەمۇرىي ئورگانلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئاساسىدا « بىتىم » تۇزۇش مومكىنچىلىكى مەۋجۇت ئىدى .

« 11  ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى » نىڭ  تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە :

مەركىزىي جوڭگو ھۆكۈمىتى ھەم شڭ جاڭدىكى ئىختىلال قىلغان جايلارنى ئىشغال قىلغان خەلق ۋەكىللىرى

ئوتورىسىدا قوراللىق جاڭجال مەسىلەسىنى تىنچلىق يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىلىق بىتىم

 

1- ھوكومەت شىنجاڭ خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنگەن خەلقدىن مەمۇرىيەت خادىملىرى سايلاش ھوقوقى بېرىدو.

بو ھوقوقنى ئەمەلگە ئاشوروش ئوچون توۋەندىكى تەرتىپ بەلگولىنىدور:

ۋەقە ھەل بولغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەر- بىر ناھىيەدىكى خەلقلەر ناھىيەلىك كېڭەش ئەزالىرىنى سايلاپ، ناھىيەلىك كېڭەش ھەيئەتلىرى تەشكىل قىلادور.

ناھىيەلىك كېڭەش ھەيئەتلىرى ھاكىم ( ناھىيە باشلىقى ) ۋە ھاكىم موئاۋىنلىرىنى سايلايدو. قالغان ناھىيە ئىدارەنىڭ بولوم باشلىقلىرىدىن يوقارقى خىزمەتچلىرى ھاكىم تەرەفدىن تەيىنلەنەدور.

سايلاۋ ئوتكوزولگەن دەۋرگە قەدەر، ۋەقە رايون ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە، ئو يەردىكى بار بولغان مەمورىيەتلەر ساقىلانادور.

ۋىلايەتلىك ۋەكىللەر ( ۋالىيلار ) ۋە ئۇلارنىڭ موئاۋىنلىرى، يەرلىك خەلق تەرەپدىن كورسەرتىلىپ ئولكىلىك ھوكومەت تەرەفدىن تەسدىق قىلىنادور.

ۋىلايەت دائىرلىرىدىكى ۋەزىفەلەرگە خىزمەتچىلەر ۋىلايەتلىك ۋەكىل ( ۋالىي ) تامانىدىن تەيىنلەنىدو.

ھەر- بىر ناھىيەلىك كېڭەش ھەيئەتى تەشكىل بولغاندىن كېيىن ئولار قانونغا ئاساسەن ئولكولوك كېڭەش ھەيئەتىنى سايلايدور. ئولكولوك كېڭەش ھەيئەتى خەلقنىڭ راينى تەلەپىنى ئىتو بىلەن بىللە ئولكولوك ھوكومەتنىڭ ھەرىكىتىنى تېكشىرىدور ۋە ياردملىشىدور.

ئاساسىي قانون ئېلان قىلىنىپ، ئومومىي- دائىمىي سايلاۋ ئوتكوزولگەنگە قەدەر، ئولكولوك ھوكومەتنى قايتادىن قوروپ چىقىش چارەلىرى توقوزنچى ماددە بويىنچەبەلگولەنەدور.

2- ھوكومەت دىنى سىقىشلارغا يول قويماي،خەلققە دىنىگە تولوق ئازادلىق بىرىدور.

3- دولەت ئىدارەلىرىنىڭ،مەمورىي ئىدارەلىرىنىڭ ۋە  سوت ئىدارەلىرىنىڭ ھوججەتلىرى دولەت تىلى ۋە موسولمان تىللىرىدە توزولىدور.

ھوكومەت دائىرلىرىگە موراجىئەت قىلىدىغان خەلق ھوججەتلىرى شول خەلقىنىڭ ئوز ئانا تىلىدەگىنە توزولوشكە ئىجازەت بىرىلىدور.

4- باشلانغۇچ ۋە ئورتا مەكتەپلەردە ئوقوش ھەر مىللەتنىڭ،ئوز تىلىدا بولىدور، لېكىن ئورتا مەكتەپتە دولەت تىلى مەجبورىي دەرس بولوپ كىرىدور.

ئالىي مەكتەپلەردە دەرسلەر ئېھتىياجىغە قاراپ دولەت ياكى موسولمان تىللىرىدە يورگوزلىدور.

5-  ھوكومەت مىللىي مەدەنىيەت  ۋە مىللىي سەنئەتنىڭ ھۇرلىك بىلەن تەرەققي ئىتىشنى تەمىن قىلىدۇر.

6- ھوكومەت مەتبوئاتتا، مەجلىسلەردە، نوتوق-  سوزلەردە ھۇرلىكنى تامىن قىلىدور.

7- ھوكومەت ھەققى ئىشلەپچىقىرىش ئابيكىتلىرىنى ۋە خەلقنىڭ قوۋەتىنى ھىساپقا ئېلىپ كوچ- قوۋەتىگە قاراپ خراج بەلگولەيدور.

خەلقلەر ھوكومەتكە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى توشەنگىنى ئوچون، بو ياردەمنى بىرىشنى لازىم دەپ ھىساپلايدور،ليكىن ياردەمنىڭ مىقدارى خەلقلەرنىڭ تورموشىغە ۋەئىقتىسادىي يوكسولوشىگە دەخىل يەتكوزمەسلىك دەرەجەدە بولوشنى شەرت قلىدور.

8- ھوكومەت ساۋديگەرلەرگە داخيلى ۋە خارجى ساۋدا ھۇرلىگى بىرىدور، ليكين مەركەزى ھوكومەتنىڭ دوۋلەتلەر بىلەن توزولگەن سىرتقى ساۋدا قائيدەلىرىگە، ساۋديگەرلەر رغايە قىلىشى كىرەك بولىدور.

9- شڭ جاڭ ئولكولوك ھوكومەتنىڭ تەركىبى مەركەزى ھوكومەت تامانيدەن يىگرمە بەش ئەزاغە قەدەر كوپەيتىلىدور.

يىگرمە بەش ھوكومەت ئەزاسى ئىچىدىن مەركەزى ھوكومەت ئون ئەزانى تەيىنلەيدور. قالغان ئون بەش ھوكومەت ئەزاسىنى ھەر- بىر ۋىلايەتدىن خەلق ۋەكىللىرى تامانىدەن كورسەرتىلىپ، مەركەزى ھوكومەت تەرەفدەن تەسدىقلەنەدور.

مەركەزى ھوكومەت تەرەفدەن تەيىن قىلناچاق ئون ئەزا ئىچىدە:

ھوكومەت رەئىسى، باش كاتىپ، ئىچكى ئىشلار نازارەتىنىڭ باشلىقى، مالىيە نازارەتىنىڭ باشلىقى، جەمئىيەت ئىدارە باشلىقى، مائارىپ نازارەت باشلىقىنىڭ موئاۋىنى، تەمىرات نازارەتىنىڭ باشلىقىنىڭ موئاۋىنى، سەھىيە ئىدارىسىنىڭ موئاۋىنى ۋە ئىككى ھوكومەت ئەزاسى كىرىدور.

ھەر بىر ۋىلايەت خەلق ۋەكىللىرى تامانىدەن كوتەرىلىپ، مەركەزى ھوكومەت تەرەفىدەن تەستىلانەدورغان ئون بەش ئەزالار ئىچىگە :

ئىككى ھوكومەت رەئىس مۇئاۋىنى، ئىككى باش كاتىب مۇئاۋىنى، ئىچكى ئىشلار نازىرىنىڭ مۇئاۋىنى، مائارف نازىرى، تەمىرات ئىشلار نازىرى، سەھىيە ئىشلار باشلىقى، مالىيە نازىرىنىڭ مۇئاۋىنى، جەمئىيەت ئىشلىرى باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى ۋە بەش ھوكومەت ئەزاسى كىرىدور.

قالغانى قوشومچە نىڭ بىرىنجىسىدە كورسوتولدى.

10- مىللىي ھەربىي  قىسىملىرى تەشكىل قىلىنىدور.

بو قىسىملەرنىڭ تولدىرلىشى دائىرەۋى بەلگو بىلەن مۇسۇلمان خەلقلەردىن بولۇشى شەرت.

بو مىللىي قىسىملار، ئىختىلالچى ھەربىي قىسىملارنى قايتادىن دۆلەت ئەسكەرىي تەرتىبىگە مۇۋافىق قوروش يولى بىلەن تەشكىل قىلىنىدور. ئەسكەرلەرنى ئوقوتوش ۋە قوماندا بىرىش ئىشلىرى ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدە بولىدور.

بو قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى ئوز ۋەزىفە ۋە ئونۋانلىرىنى ساقلايدور ھەم ئولار دەرەجەسى بىلەن ۋەزىپەسىنى ساقلاپ توروپ، بەلگولوك موددەتلەردە ھەربىي مەكتەپكە تەلىم- تەربىيە ئىلىش ئوچون يىبەرلىدور.

بو قىسىملارغە ھوكومەت تەرەفىدىن تەلىم- تەربىيە بىرىش ئوچون كىشى ئەۋەتىپ تەلىم- تەربىيە بىرىش ئىشلىرىغا ياردەملەشىدور.

مەركەزنىڭ شڭ جاڭ دە تورغوچى ئەسكىرى قىسىملىرى مىللىي ھەربىي قىسىملار تورغان رايونلارغا ئورناشتورولمايدۇ. مەركەزنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ھەم قىسىملار ئوز- ئارا دوستلوق مۇناسىبەتلىرىنى ساقلاشلىرى لازىم. ھەمدە ئوز- ئارا بىر- بىرگە قارشى ھىچ قانداق دوشمەنلىك ھەركەتلەر قىلماسلىقلىرى شەرت.

بو ئەسكەرى قىسىملارنىڭ سانى، مىقدارى توغرولوق تورودىغان ئورونلىرى ھەققىدە ئايرىم موزاكىرە قىلىنىپ ئايرىم قوشومچە توزولوپ موھاكىمە قىلىنغاندىن كىيىن كوچكە ئىگە بولىدور.

قالغانى قوشومچە نىڭ ئىككىجىسىدە كورسوتولىدور.

11- ھازىرقى ۋەقە ھەل بولغان قەدەر ھەر ئىككى تەرەفدىن ھىبسگە ئالىنغانلار مەسىلەسى ھەل بولغان سوڭ ئون كۇن ئىچىدە تەرەف بىر- بىرنىڭ ھىبىسنى بوشوشودۇ ۋە  كىلەچەكدە ئولارنىڭ ھىچ سەۋەبلىرى بىلەن سىقىلماسلىقىنى ئىككىلا تەرەف ( گارانت) كافالەندور.

مەركەزى ھوكومەتنىڭ ۋەكلى :         张治中

خەلق ۋەكللەرى :                              رەھېم جان سابىر ھاجى

ئوبولخەير رابات

ئەخمەد قاسىمى

 

جۇڭخۋا مىنگونىڭ 35 نىچى يىلى 1 نىچى ئاينىڭ 2 نىچى كۇنى.

. 1946- 12/

شەھرى ئۇرۇمچى .

 

1946-يىل 1 -ئىيۇل ئۇرۇمچىدە « 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى » ئاساسىدا تەشكىللەنگەن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ  جىجۇڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئەخمەتجان قاسىمى، بورھان شەھىدىلار بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا « بىتىم » ئاساسىدا  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىدىن يەنە بىر مۇنچە كىشلەر بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. مەسىلەن، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ مۇئاۋىن باش كاتىپ، رەھىمجان سابىرھاجى ئىچكىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، سەيپىدىن ئەزىزى مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، دەلىلقان سۇگۇربايىۋ سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئىسھاقبېك مونونوۋ ھۆكۈمەت ئەزاسى قوشۇمچە ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش شتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قاتارلىقلار.

« تىنچلىق بىتىم » بۇيىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت  40  مىڭدىن ئارتۇق كىشلىك مىللىي ئارمىيسى 12700 كىشىگە قىسقارتىلىپ،6 پولىك قىلىپ تۇزىلىدۇ. بۇ پولىكلارنىڭ ئۈچ پولىكى دۆلەت ئارمىيىسى، 3 پولىكى ئۆلكىلىك ئامانلىقنى ساقلاش قىسمى بولۇپ قايتا تەشكىلىنىدۇ. بۇ قىسىملار ئۈچ ۋىلايەتتە تۇرىدۇ. ھەمدە بۇ قوشۇنىغا ئۈچ ۋىلايەتتىن ئىسھاقبېك قوماندان بولىدۇ. بىتىمگە ئاساسەن ئۈچ ۋىلايەتتە جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى تۇرغۇزۇلمايدۇ . شۇندىن كيېىن شەرق تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى چۇشۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىنگونىڭ دۆلەت بايرىقى قايتىدىن ئېسىلىپ، شەرق تۇركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىيەتلىرى قايتا ۋىلايەتلەرگە ئۆزگەرتىلىپ، ئىدارە- ئورگانلارنىڭ ۋىۋسكىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. شەرق تۇركىستان جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ناخشا- ئۇسسۇل- تىياتىر ئۆمىكى تارقىتىۋېتىلدى.

شۇندىن كېيىن بىر يىل داۋامدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت  ۋەكىللىرى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا جىددى ۋە كەسكىن سىياسىي كۆرەشلەر بولىدۇ. جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى تەرەپ 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمنى ئىجرا قىلماي بۇزىدۇ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتىنىڭ سىياسىي پرۇگىراممىسىنىڭ ئېجرا قىلىنىشىغا تۇسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئىلغار زاتلارغا زىيانكەشلىق قىلىدۇ، جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەتتە ۋىلايەتتىكى سايلامنىڭ ئوڭۈشلۇق بولىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. جۇڭخۋا مىنگو تەرەپنىڭ توسقۇنلىقى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك كېڭەش يىغىنى ئىچىلمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كىشلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇمچىدىكى جۇڭخۇا مىنگو دائىرلىرى بىر قىسىم ئاممىنى قۇتۇرتۇپ،1947-يىل 25-فېۋرال كۈنى ئۇرۇمچىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ «  25-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى » نى پەيدا قىلىدۇ. تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتدىن قورال تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەخپىي ھالدا ئالتايدىكى ئوسمان ئىسلام قاتارلىقلارنى قوراللاندۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنى ئاغدۈرۋېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپ جۇڭخۇا مىنگو دائىرلىرىنىڭ « بىتىم » گە قارشى بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىگە قارىتا كەسكىن  كۈرەش قىلىپ، « 11 ماددىلىق  تىنچلىق بىتىم » ۋە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇدۇ. گەرچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ۋەكىلللىرى زور تىرشچانلىق ۋە سەۋر- تاقەتلىك كۆرسەتسىمۇ جۇڭخۇا مىنگو دائىرلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە قارشى تۇرىشى بىلەن « 11  ماددىلىق تىنچلىق بىتىم » ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن 1947-يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قىلىپ،  بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىنى پوتۇنلەي ئۈزۈپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جايلاشقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدكى ئۈچ ۋىلايەتكە قايتىپ كېتىدۇ.

«   11  ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى » بۇزۇلغاندىن كېيىن « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يەنە قايتىدىن مۇستەقىل ئىدارە قىلىنىدۇ. مىللىي ئارمىيە « بىتىم » دىن كېيىنكى قىسقارتىلغان ھالەتتىن بورۇنقى ئەسلىي ھالىتىگە كېلىپ ، تىخىمۇ جەڭگىۋارلىشىپ، جۇڭخۋا مىنگو دۆلەت ئارمىيسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن موداپىئەلىنىپ جىددىي ھالەتتە تۇرۇدۇ.

Share
355 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.