logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئومۇمىي نەزەر – تارغاباتاي ۋىلايىتىدىكى ئىنقىلابى ھەرىكەتلەر

غالىپ ئىلى

تارغاباتاي ۋىلايىتىدىكى ئىنقىلابى ھەرىكەتلەر

 

1943-يىلى سىنتەبردە رىپوۋ چۆچەكىنىڭ شىمالىدىكى قىربېتتە پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەپ، چۆچەك ئەتراپىدا پارتىزانلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. 1944-يىلى ئاپرېلنىڭ  ئوتتۇرلىرى قۇبۇقسار پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلۇپ، زۇڭغۇرۇۋ قالىقان ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە كۆرسىتىلىدۈ. ئۇلار جوڭخۇا مىنگو  دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قۇرشاپ يوقىتىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىگە چېكىنىدۇ. شۇ يىلى 4-ئىيۇل كۈنى مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا زۇڭغۇرۇۋ قالىقان 150 نەچچە كىشلىك  قوبۇقسار پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ قوبۇقسار ناھىيىسىگە قايتىپ كېلىپ داۋاملىق پارتىزانلارلىق ھەركىتى ئېلىپ بارىدۇ.

1944-مايدا چۆچەكتە ئابلىمىت ھاجىيوۋ10، مەتنىياز قارى ئەيسابايوۋ، ئابلىز راخمانلارنىڭ ئايرىم- ئايرىم رەھبەلىكىدە ئۈچ جەڭگىۋار گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ، ئىشغالىيەتچى جوڭخۇا مىنگو ئىستىبىدات ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. شۇ يىلى 10-ئىيۇل ئابدۇللا رامزانوۋنىڭ(مەنسۇر رۇزى)  ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئابلىمىت ھاجىيوۋنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تارباغاتايدىكى ئۈچ جەڭگىۋار گۇرۇپپا بىرلەشتۈرۈلۈپ، جوڭخۇا مىنگو ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان جەڭگىۋار تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلۇدۇ. بۇ تەشىلات قىسقارتىلىپ « مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش » تەشكىلاتى دەپ ئاتىلىدۇ. رەھبەرلىرى ئابلىمىت ھاجىيوپ، ئابلىز راخمانوۋ، مەتنىياز قارى ئەيسابايوپلار بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى تارباغاتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە زىيالىيلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇستەملىكىچى جوڭخۇا مىنگو ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، رىپوۋ پارتىزانلىرىنىڭ قوشۇننى زورايتىشىغا ياردەم بېرىش، ئېمىل قوماندانلىق شتابىغا ئاخبارات يىغىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. 1944-يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرىدا ئابلىمىت ھاجىيوۋ بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، ئابدۇللا رامازانوۋ نىڭ ياردىمى ئارقىسىدا قاباستاۋدا قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ، تارغاباتاي ۋىلايىتىدىكى يەر ئاستى پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

1944-يىلى مايدا يەنە دۇبېك چالغىنبايوۋ، بالقاش ئالىمغازى قاتارلىق قازاق زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۆچەكتە تۇرۇشلۇق كونسۇلىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن چۆچەك ناھىيە بازىرىدا  قازاق ياشلىرى ئاساس قىلىنغان جەڭگىۋار گۇرۇپپا قۇرۇپ، تاجاۋۇزچى جوڭخۇا مىنگو مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. شۇ يىلى ئاۋغۇستا « مۇڭغۇل- قازاق مىللىي ئازادلىق كومىتېتى » قۇرۇلىدۇ. 1945-يىل 7-ماي كۈنى دۇبېك جالغىنبايوۋ بالقاش ئالىمغازى، جاغدا بابالىكوۋلارنى چاغانتوقايغا پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەشكە ئەۋەتىدۇ. ئۇلار تەشكىللىگەن چاغانتوقاي پارتىزانلىرى كۆپىيىپ، 500 كىشىگە يېتىدۇ.

شۇ يىلى ئىيوندا قاسىمئاخۇن ئىسمائىلوۋ قاتارلىقلار ئابدۇللا رامازانوۋنىڭ ياردىمى بىلەن سوۋېت چېگرىسى ئىچىدىكى بەختى كەنتىدە ئىمىل قوماندانلىق شتابى قۇرىدۇ.

1945-يىلى ماينىڭ باشلىرى قالىبېك قاتارلىق كىشلەر ساۋەن ناھىيىسىدىكى نەنسەندە قازاق چارۋىچىلار ئاساس قىلىنغان يۇز كىشىگە يېقىن بىر پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللەيدۇ. شۇ ئاينىڭ  ئاخىرىدا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى قازىقان مانامبايوۋنى 70 نەچچە كىشىنى باشلاپ ساۋەن ناھىيىسىگە ئەۋەتىدۇ. شۇ يىلى ئىيۇندا يەنە 2-تۈركۈمدە ئەۋەتىلگەن 200 نەچچە كىشلىك قوراللىق قوشۇن ساۋان ناھىيىسى ئېرەن كابىرغىدا قالىبېك پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

1945-يىلى ماينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى توختى ھەلىموپنى پارتىزانلارنى باشلاپ ئېبنۇر كۆلى بىلەن مايلى تېغى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. توختى ھەلىموپنىڭ يېتەكچىلىكىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مايلىدا پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلىدۇ. بۇ پارتىزانلار ئەترىتى نۇرساپا سىيتجانوۋ بىلەن قالى مەسئۇل بولىدۇ. شۇ يىلى 1-ئىيول مايلى پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن ئېبنۇر كۆلى پارتىزانلار ئەترىتى بىرلىكتە قىزىلتۈزدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىككىسى بىرلىشىپ ئېبنۇر- مايلى پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلىدۇ ، توختى ھەلىموۋ ئەترەت باشلىقى، ساپا سېيىتجانوۋ بىلەن قالى مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولىدۇ.

1945-يىلى 12-ئىيۇلدا دېنسوۋ ساۋەن ناھىيىسىدىكى شاۋگۇەندە رۇس ۋە قازاق دېھقان- چارۋىچىلارغا باشچىلىق قىلىپ قوززغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 100 نەچچە كىشلىك پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەپ، 14-ئىيۇل شاۋگۇەي ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىپ، 20 نەچچە مىلتىق غەنىمەت ئالىدۇ.

18-ئىيۇل موڭغۇل مۇستەقىل ئاتلىق باتالىيۇنى بىلەن ئېبنۇر كۆلى- مايلى پارتىزانلار ئەترىتى بىرگە تارباغاتاي- شىخو تاشيولىنىڭ بوغۇزى ئوتنى ئىگەللەيدۇ. 30-ئىيۇل جاغدا بابالىكوۋ چاغانتوقاي ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كەسكىن جەڭ ئارقىلىق ناھىيە بازىرىنى ئىگەللەيدۇ. شۇ يىلى 5-ئىيۇل ئىمىل قوماندانلىق شتابى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىغا خەت ئەۋەتىپ، تارباغاتاينى ئازاد قىلىش پۇرسىتى پىشىپ يېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىدۇ ۋە دەرھال قوشۇن ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

داۋامى بار….

********************

(10) ئابلىمىت ھاجىيوۋ (1917– 1993) : ئۇيغۇر، ئىنقىلابچى، سىياسىيون. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش دېگەن جايدا توغۇلغان. 1935– 1937-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ (ساگۇ) مەمۇرىيەت- ھوقۇق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1937– 1940-يىللىرى ئۇرۇمچىدە مائارىپ ساھەسى ۋە ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا خىزمەت قىلغان. 1940– 1943-يىللىرى گۇبېرناتور مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ياتقان. 1944-يىلى مايدا ھاجىيوۋ تارغاباتاي ۋىلايىتى چۆچەكتە مۇستەملىكىچى جۇڭخۋا مىنگو ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بىر جەڭگىۋار گۇرۇپپا قورغان. بۇ جەڭگىۋار گۇرۇپپا كېيىن چۆچەكتە قورۇلغان باشقا ئىككى جەڭگىۋار گۇرۇپپا  بېرىلىشىپ،« ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش » تەشكىلاتى بولغان. 1944-يىلى دېكابرنىڭ باشلىرىدا ھاجىيوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى قاباستاۋدا دېگەن جايىدا قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ، تارغاباتاي ۋىلايىتىدىكى يەر ئاستى پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ھاجىيوۋ تارغاباتاي ۋىلايىتى ۋالى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئسى،  شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مەركىزىي تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ھاجىيوۋ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن.  ئابلىمىت ھاجىيوۋ كېسەل سەۋەبى بىلەن 1993-يىلى ئۇرۇمچىدە ۋاپات بولغان.

Share
747 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.