logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئومۇمىي نەزەر – ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قوراللىق كۈرەشلەر

 

1940-يىلى فىۋرالدا ئالتاي ۋە كۆكتوقاي چارۋىچىلىرى شېڭ شىسەينىڭ چارۋىچىلار قوراللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك دېگەن بۇيرۇقىغا نىسپەتەن قاتتىق غەزەپلىنىپ شېڭ شىسە ينىڭ« قورال – ياراغ ئېنىقلاش كومىتېتى » نىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئېتىپ تاشلاپ، ئالتايدا تۇنجى قوزغىلاڭ ئوتىنى ياقىدۇ. ئوسمان ئىسلام8 بۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ. شۇندىن كېيىن ئوسمان ئىسلام بىر تۈركۈم قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ، جوڭخۇا مىنگونىڭ بىر پوچتا پونكىتى ۋە بىر قورال- ياراق ۋە ماددىي بۇيۇملارنى توشىۋاتقان ئەترىتىگە ھۈجۈم قىلىپ، نۇرغۇن ئولجا ئالىدۇ. 1941-يىلى ئاپرىلدا كۆكتوقاي چارۋىچىلىرى يەنە بىر قىتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قوزغىلاڭدىن كېيىن ئوسمان ئىسلام بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ جۇڭغار ئويمانلىقىدا قوراللىق كۆرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ.

1943-يىلى مايدا ئوسمان ئىسلام سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ھىسىداشلىق قىلىشى ۋە ياردىمىگە ئېرشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەقدىم قىلغان قوراللار ۋە ماددىي بويۇملارنى قوبۇل قىلىدۇ. 1943-يىل دېكابرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئوسمان ئىسلام چىڭگىل ناھىيىسى بۇلغۇن دەرياسى بويىدىكى قارارگاھىدا « ئالتاي قازاق مىللىتى قايتا گۈللىنىش ھەيئىتى» نى قۇرىدۇ. بۇ ھەيئەت قۇرۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئالتاي ۋىلايىتى بويىچە قازاق خەلقىنى قوزغاپ، شېڭ شىسەي ۋە جوڭخۇا مىنگونىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۆرەشنى كەڭ قاتات يايدۇرىدۇ ھەمدە بۇ كۆرەش بارغانسېرى ئۇلغۇيدۇ.

1943-يىلى يازدا شەرقىي ئالتايدا (جېمنىەي  تەرەپتە)  موللا ئىسلام ئىسمائىلوۋ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن بولسىمۇ، كۆچى ئاجىز بولغانلىقتىن مەغلۇپ بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ پاناھلىنىدۇ. 1944-يىلى يازدا قايتىپ كېلىپ قوراللىق كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

1944-يىلى ئاپرىلنىڭ باشلىرىدا موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى چويبالسان چېگرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش نامى بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوبدو ۋىلايىتىگە تۇتىشىدىغان چىڭگىل ناھىيىسىىنىڭ دېگەن بوكغۇن جايدىكى يايلاققا كېلىپ ئوسمان ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ. ئوسمان ئىسلامنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر تۈركۈم ھەربىي مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتىدۇ ھەمدە قورال- ياراق، ئوق – دورىلارنى ئەكىلىپ بىرىدۇ.

1944-يىلى ئاپرىلنىڭ باشلىرىدا ئالتاي پارتىزانلىرى ئەترىتى چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ بوكغۇن دەرياسى ۋادىسىدا قۇرۇلىدۇ، سۇلۇباي باش قوماندان بولىدۇ. 13-ئاپرىل كۈنى ئالتاي پارتىزانلىرىنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىشى ئارقىسىدا جوڭخۇا مىنگونىڭ چىڭگىل ناھىيىسىدىكى ھاكىمى تاۋبەيچۇن چڭگىل ناھىيە بازىرىنى تاشلاپ قالدۇق قىسىملىرىنى باشلاپ گۇچۇڭغا قاچىدۇ.

1944-يىلى ئىيوننىڭ باشلىرى دەللىقان سۇگۇربايوۋ9 سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ تۆمۈرخان، ئارۇپباي، قاسىن قاتارلىق ئون ئۈچ نەپەر مەسلىھەتچىسى (« ئاق ئۆي» مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى) بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ بوكغۇن دەرياسى ئەتراپىدىكى ئالتاي پارتىزانلىرى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، « قازاق مىللىتى قايتا گۈللىنىش ھەيئىتى » ۋە ئالتاي پارتىزانلىرىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتىنشىدۇ. ھەمدە پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەپ قوراللىق كۆرەشنى قاتات يايدۇرىدۇ.

شۇ يىلى ئىيوننىڭ ئوتتۇرلىرى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى قابدىل موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ50 نەچچە ھەربىي خادىمى ۋە شۇ دۆلەت چېگرىسى ئىچىگە قىچىپ بارغان ئالتايلىق قازاق چارۋىچىلاردىن تەركىپ تاپقان 100 دىن ئوشۇق ئادىمى بار پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىن بورچىن ناھىيىسىگە كېلىدۇ.

يەنە شۇ ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى « ئالتاي قازاق مىللىتى قايتا گۈللىنىش ھەيئىتى » يىغىن چاقىرىپ، جوڭخۇا مىنگو ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشنى پۈتكۈل ئالتاي ۋىلايىتىگە كېڭەيتىشنى قارار قىلىدۇ. تەشۋىقات ۋە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ئىشلەش ئۈچۈن قۇۋانىشباي 400 كىشلىك قوراللىق كۈچنى باشلاپ « قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت » ۋە دەللىقان سۇگۇربايوۋنىڭ ئۆز ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىغا يازغان خېتىنى ئېلىپ موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق سارسۇمبە ( ھازىرقى ئالتاي شەھىرى) بىلەن بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تاغلىق رايوندىكى يايلاققا بارىدۇ، قابدىل 80 نەپەر قوراللىق كۈچنى باشلاپ قابا ناھىيىسىنىڭ يايلىقىغا بارىدۇ، جىلقايدار 250 نەپەر قوراللىق كۈچنى باشلاپ جېمىنەي ناھىيىسىگە بارىدۇ.

20-ئىيول كۈنى قۇۋانىشباينىڭ قوراللىق شۆبە ئەترىتى ئاساسىدا تەشكىللەنگەن بۇرۇلتوقاي پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلىدۇ. شۇ يىلى ئىيوننىڭ ئاخىرى قابدىل قوراللىق شۆبە ئەترتىنىڭ ئاساسىدا تەشكىللەنگەن قابا پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلىدۇ. شۇ يىلى 8-ئىيول كۈنى جىلقايدارنىڭ قوراللىق شۇ ئەترىتى ئاساسىدا تەشكىللەنگەن جېمىنەي پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلىدۇ، رامازان بولىم، موللا ئىسمايىلوۋ رەھبەرلىككە كۆرسىتىلىدۇ.

شۇ يىلى ئىيونىنىڭ باشلىرى جېمىنەي، قوبۇقسار قاتارلىق ناھىيىلەردىكى قازاق، موڭغۇل قەبىللىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە قوبۇقسار، جېمىنەي پارتىزانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى جېمىنەي ناھىيىسى بىلەن قوبۇقسار ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىدىكى ساۋۇر تېغى قاراغايتى يايلىقىدا يىغىن ئېچىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئارۇپباي، قۇرماشلارنىڭ ياردىمىدە قوبۇقسار ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ھەركىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

شۇ يىلى 5-ئاۋغۇستىن 8-ئاۋغۇسگىچە قابا پارتىزانلىرى قابا ناھىيە بازىرىغا تۆت كېچە – كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ھۇجۇم قىلىدۇ. 8-ئاۋغۇست كۈنى جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ياردەمگە كەلگەن قوشۇنى يېتىپ كەلگەنلىكتىن پارتىزانلار مۇھاسىرە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى- موڭغۇلىيە چېگرىسى ئارقىلىق چىڭگىل ئەتراپىغا چېكىنىپ، ئالتاي پارتىزانلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

شۇ يىلى 10-سىنتەبردە ئالتاي پارتىزانلىرى ئەترىتى نۇرخوجانى 500 كىشلىك پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ سارسۇمبە، بورچىن قاتارلىق ناھىيىلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتىدۇ.

شۇ يىلى 22-سىنتەبر ئالتاي پارتىزانلىرى نورغاتتا جۇڭخۇا مىنگو ھەربىي دائىرلىرىنىڭ گۇچىڭدىن ئالتايغا ھەربىي ئەشيا قاچىلاپ كېتىۋاتقان 45 ئاپتوموبىل ۋە 100 تۆگىدىن تەركىپ تاپقان تراسپورت ئەترىتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، دۆشمەن قوشۇنىنىڭ 80 نەچچە ئادىمىنى يوقىتىدۇ، ئوق- دورا قاچىلانغان ئىككى ئاپتومووبىلىنى پارتلىتىۋىتىدۇ.

1944-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئوسمان ئىسلام بىلەن دەللىقان سۇگۇربايوۋ بىللە جېمىنەي، بۇرۇلتوقاي، قابا  ۋە قوبۇقسار قاتارلىق جايلاردىكى تارقاق پارتىزان ئەترەتلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ پارتىزانلار ئەترىتى باش قوماندانلىق شتابىنى تەسىس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە « ئالتاي ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» قۇرۇلۇپ ئوسمان ئىسلام ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، دەللىقان ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەمدە قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار باش قوماندانى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. پارتىزانلار ئەترەتلىرى رەتلەنگەندىن كېيىن 9 چوڭ ئەترەت بولۇپ تۈزىلىدۈ. پارتىزانلارنىڭ سانى 2000 دىن ئاشىدۇ.

ئالتاي پارتىزانلار ئەترىتى باش قوماندانلىق شتابى قۇرۇلغاندىن كېيىن دەللىقاننىڭ رەھبەرلىكىدە  ئالدى بىلەن جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئالتايدىكى باش قوماندانلىق شتابىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن يەنە چىڭگىل، كۆكتوقاي قاتارلىق ناھىيەلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئالتايدىكى ھۆكۆمىرانلىقىغا ئىغىر زەربە بېرىدۇ.

ئوسمان ئىسلام بىلەن دەللىقان سۇگۇربايوۋنىڭ پارتىزانلار ئەترىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن 1944-يىلى ئاپرىلدا شېڭ شىسەي 4 پولك ئەسكىرىي كۈچى بىلەن چىڭگىل رايونىدىكى ئوسمان پارتىزانلار قىسمىغا قارىتا قورشاۋ ھۇجۇم باشلىغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە مەغلۇپ بولۇپ،بىر پولك ئەسكىرىي كۈچىنى يوقىتىدۇ. گەرچە جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلان ۋە تانكىلار بىلەن قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ يەنىلا  ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

1944-يىلى 15-دېكابر كۈنى دەلىلقان سۇگۇربايۇۋ ئالتاي پارتىزانلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى قاتناشقان چوڭ يىغىندا ئىلى ۋىلايىتىدە قوزغالغان تاجاۋۇزچى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۆمرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنىڭ غەلىبىگە ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ.

ئالتاي ۋىلايتىدىكى ئوسمان ۋە دەللىقان پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ بارغانسىرى كۆچىيىپ، ئالتايدا تۇرۇشلۇق جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىگە ئۆزلۈكسىز زەربە بېرىشى « شىنجاڭ » جۇڭخۇا مىنگو مەمۇرىي- ھەربىي دائىرلىرىنى 1945-يىلى 24-فېۋرال كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كۆكتوقاي، ئۇلۇنگۇر مەمۇرىي رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە داربۇسۇندىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمەت مەمۇرىي خادىملىرى ۋە دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى گوچىڭغا چېكىنىشىگە مەجبۇر قىلىدۇ. چېكىنگەن دۆشمەن ئالتاي پارتىزانلار ئەترىتنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۆچراپ، ئېغىر چىقىم تارتىدۇ. كۆكتوقاي، چىڭگىل ۋە ئۇلۇنگۇر مەمۇرىي رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى  قاتارلىق جايلارنى پارتىزانلار ئەترىتى ئىشغال قىلىدۇ.

1945-يىلى 20-فېۋرال جېمىنەى پارتىزانلار ئەترىتى جېمىنەى ناھىيىسىنى ئىشغال قىلىپ،جېمىنەي ناھىيىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قۇرىدۇ. شۇ يىلى ئىيۇننىڭ بىشىدا بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدىكى جوڭخۇا مىنگونىڭ ھەربىي- مەمۇرىي خادىملىرى ناھىيىنى تاشلاپ، بورچىن ناھىيىسىگە قاچقاندىن كېيىن بۇ ناھىيىنى پارتىزانلار ئازات قىلىدۇ. شۇ يىلى ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا جېمىنەي پارتىزانلىرى ساغانئوبانى ساقلاۋاتقان جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ تارباغاتايدىن ئالتايغا ياردەم بېرىدىغان يولىنى ئۇزۇپ تاشلايدۇ.

ئالتاي رايونىنىڭ مەركىزى سارسۇمبەنى ئىشغال قىلىش  ئالتاي پارتىزانلىرىنىڭ باشتىن – ئاياغ ھۇجۇم قىلىش نىشانى بولىدۇ. نىلقا ۋە ئىلى قوزغىلىڭى مەزگىلىدە يەنى 1944-يىلىنىڭ سېنتەبردىن نويابىرگىچە ئوسمان ۋە دەللىقان پارتىزانلار ئەترىتى گەرچە ئىككى قېتىم سارسۇمبەغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولىدۇ.

1945-يىلى ئىيۇن ئىيىنىڭ ئوتتۇرلىرى ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان سۇگۇربايوۋ 1200 كىشلىك ئالتاي پارتىزانلىرىنى باشلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ سارسۇمبە ناھىيىە بازىرىغا ھۇجۇم  قىلىپ، ئۇدا يەتتە كېچە-  كۈندۈز جەڭ قىلغان بولسىمۇ بۇ ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلالمايدۇ. 25-ئىيۇندا دەللىقان يەنە قوشۇن باشلاپ سارسۇمبە ناھىيە بازىرىغا قايتا ھۇجۇم باشلىماقچى بولغان ۋاقىتتا پارتىزانلارنىڭ ئىككى چوڭ ئەترەت باشلىقلىرى  — نورقوجاي ۋە سۇلايمانلار جەڭ باشلىنىش ئالدىدا دۆشمەن قوشۇنىغا تەسلىم بولغانلىق سەۋەبى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ. شۇندىن كېيىن شۇ يىلى 5-ئاۋغۇستىن باشلاپ ئالتاي پارتىزانلىرى سارسۇمبە ناھىيە بازىرىنى قايتا مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن7 – ئاۋغۇستىن باشلاپ موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىتىنىڭ 50 نەچچە ھەربىي خادىمىنىڭ مىناميوت بىلەن سارسۇمبەناھىيە بازىرىنى توپقا تۇتۇشى ئاستىدا ئوسمان ئىسلام ۋە دەللىقان سۇگۇربايوۋ يەنە  1000 دىن كۆپرەك ئالتاي پارتىزانلىرىنى باشلاپ سارسۇمبەگە قايتا ھۇجۇم باشلايدۇ. سارسۇمبىنى ساقلاۋاتقان جۇڭخۇا مىنگو  دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ، لېكىن 16-ئاۋغۇستقا كەلگەندە جۇڭخۇا مىنگو  دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن بىر قىسىم قوشۇنى يىتىپ كەلگەنلىك سەۋەبى بىلەن موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خادىملىرى چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ. دەل شۇ چاغدا  ئوسمان ئىسلام ۋە دەللىقان سۇگۇربايوۋ مىللىي ئارمىيە قىسملىرىنىڭ قوبۇقسارغا يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، پارتىزانلارنى ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىن چېكىندۈرۈپ، مىللىي ئارمىيە قىسملىرىنىڭ يىتىپ كېلىشىنى كۈتىدۈ.

داۋامى بار….

******************************

(8) ئوسمان  ئىسلام  (1899– 1951): قازاق، قوراللىق قوزغىلاڭچى. كۆكتوقاي ناھىيىسىدە توغۇلغان. 1940-يىلدىن باشلاپ پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇبېرناتورى مىلىتارىست شېڭ شىسەيگە قارشى قوراللىق كۈرەش قىلغان. 1943-يىلى دېكابر ئۇ « ئالتاي قازاق مىللىتى قايتا گۈللىنىش ھەيئىتى» نى قۇرغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە 1945-يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە ئالتاي ۋىلايتىنىڭ ۋالىسى بولغان. 1947-يىلى  16-سېنتەبىردە  قوراللىق توپىلاڭ كۆتىرىپ ئالتاي ۋىلايىتىنى بىر مەزگىل بېسۋالغان. 1949-يىلىدىن كېيىن ئوسمان ئىسلام داۋاملىق قوراللىق ھەرىكەتلەردە بولغان. 1951-يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن. 1951-يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ  ئىجرا قىلىنغان.

(9) دەللىقان سۇگۇربايوۋ  (1906– 1949):  قازاق، قوراللىق ئىنقىلابچى، ھەربىي، سىياسىيون. چەرۇجى قەبىلىسىنىڭ تەيجىسى. موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۆرلىگەي رايونىدا قازاقلارنىڭ كىرەي قەبىلىسىگە تەۋە كىروچ ئۇرۇقىدىن بولغان ئابرويلۇق بىر ئائىلىدە توغۇلغان.  1941-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالماتادىكى شەرق ئۇنۋىرىسىتىدا ئوقۇغان. 1944-يىلى ئىيۇلدا ئالتايغا قايتىپ، ئالتاي پارتىزانلىرى ئەترىتىگە رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان. ئالتاي پارتىزانلىرى ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى بولغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ( 1946-يىلى ئىيۇل) ۋە شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن گېنېرال مايور ئۇنۋانى بىرىلگەن. دەللىقان  كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن –  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1949-يىلى ئاۋغۇستا دەللىقان سۇگۇربايوۋ  خىتاي كومپارتىيىسى ئاچماقچى بولغان يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيپىڭغا كېتىۋېتىپ ئاتالمىش ئايروپىلاپ ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا تاپقان.

Share
328 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.