logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئومۇمىي بىر نەزەر – ئىلى ۋىلايىتىدىكى مىللىي قوراللىق ئىنقىلاب

 

1944- يىلى 9- ئاپرېل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ھارپىسىدا ئىنقىلابنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ، جۇملىدىن تەشۋىقات- تەرغىبات خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك ئېلىپ بارىدۇ. ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە(1) ۋە تەشكىلات ئەزالىرى تۈرلۈك سورۇنلار ۋە بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي مۇستەقىللىق، مىللىي ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ خەلقنى سەپەرۋەر قىلىشقا باشلايدۇ. ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ(2) قاتارلىقلار ياشلار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا تەشۋىقات ۋە تەرغىبات ئېلىپ بارىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى دۇنيا مىقياسىدا چوڭ ئىنقىلاب دولقۇنى ئۆركەشلەپ تۇرغان ۋاقىتتا مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ چاغدا 2 –  دۇنيا ئۇرۇشى داۋام قىلىپ تۇرغان مەزگىل ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىمۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنىقىلابىنى ھەر تەرەپلىمە قوللايدۇ. ھەر خىل كەسىپتىكى موتەخەسىسلار، ھەربىي ئوفېتسىرلار ۋە قورال- ياراق ھەمدە ھەربىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەتتا زۆرۈر بولغاندا مۇھىم ھالقىلىق پەيىتلەردە قىزىل ئارمىيە ئوفېتسىر- جەڭچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇرۇشلارغا بىۋاستە قاتناشتۇرۇپ، ئىنقىلابنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇرۇش ۋە قوغداپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئىلى ۋىلايتىنىڭ نىلقا ناھيىسىدە  1944 –  يىلدىن ئىلگىرى جۇڭخۇا مىنگو دايىرىلىرىگە قارشى مەخىپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەرىكىتى سېزىلىپ قالغاندىن كېيىن سوۋېتلەر سايوزىغا قىچىپ كەتكەن فاتىخ موسلىموۋ(3) ۋە شەرقىي تۈركىستاندا تۇرالماي ئىلاجسىز سوۋېت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن خەمىت موسىلىموۋ، رەفىق بايچۇرىن، قۇربان بۇرھانىدىنوۋ، ئوسمان ئىبراھىموۋ، نۇر ئوبۇلوۋلار سوۋېت سىياسىي ۋە ھەربىي خادىملىرى تەرىپىدىن تەربىيىلىنىپ ۋە قوراللاندۈرۈلۈپ، 1944 – يىل ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا ئىشغالىيەتچى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالماتادىن ئىلىنىڭ نىلقا تاغلىرىغا قاراپ ئاتلىنىدۇ .

پارتىزانلىق ئۇرۇش مەزگىلى

 

 

فاتىخ موسىلىموۋ باشچىلىقىدىكى بۇ بىر گۇرۇپپا قوراللىق كىشلەر ئۆز ئەتراپىغا ئەكبەر، سېيىت ، غېنى(4)، ناۋان، مولداجان ۋە ئىۋان سىتوۋ قاتارلىق كىشلەرنى توپلاپ،1944- يىلى 14 –  ئاۋغۇست كۈنى نىلقا ناھىيىسى ئولاستايدا پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەپ ئولاستاي پارتىزانلار ئەترىتى باش قوماندانلىق شتابىنى قۇرىدۇ.  فاتىخ پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، خەمىت مۇئاۋىن باش قوماندانلىقىغا ۋە ئەكبەر ئالدىنقى سەپ قوماندانلىقىغا سايلىنىدۇ . شۇندىن كېيىن پارتىزانلار ئەترىتى شۇ ئەتراپىدىكى جالۇنغۇل، جارتۇغان ۋە كۆكساي قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى قوزغاپ، يەرلىك جۇڭخۇا مىنگو دايىرىلىرىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۇشكە تەييارلىق قىلىدۇ.

1944- يىلى 17- ئاۋغۇسىت كۈنى پارتىزانلار ئەترىتى فاتىخنىڭ باشچىلىقىدا ئولاستايغا ھەربىي ئات سېلىقىنى سۆيلەپ كەلگەن نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فېڭ ۋىې جۇننىڭ 55  كىشلىك ئەترىتىگە ئوشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ زور غەلبە قازىنىدۇ. مانا بۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ ئۇلاستاي پارتىزانلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان تۈنجى ئوق ئاۋازى. ئۇلاستاي پارتىزانلىرى تۇنجى جەڭدە غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى كەڭ خەلق ئاممىسى پارتىزانلارنىڭ قوزغىلىڭىنى قىزغىن قوللايدۇ، بەس- بەستە پارتىزانلار ئەترىتىگە قاتنىشىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن 200 دىن ئارتۇق ئادەم ۋە 60 ئۇشۇق مىلتىققا ئىگە بولغان پارتىزانلار ئەترىتى تۇنجى قېتىم تەرتىپكە سېلىنىپ، ئۈچ چوڭ ئەترەتكە بولىنىدۇ، فاتىخ موسلىموۋ قوماندان بولىدۇ.

شۇندىن كېيىن ئولاستاي پارتىزانلار ئەترىتى جۇڭخۇا مىنگو ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى ئاشكارە تەشۋىقات ئىلىپ بېرىپلا قالماستىن يەنە ھەر يەردە تارقىلىپ تۇرغان جۇڭخۇا مىنگونىڭ دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ. 2 – سىنتەبر فاتىغ بىر قىسىم پارتىزانلارنى باشلاپ قورغاسنىڭ كەگەنساي دېگەن جايىدا جۇڭخۇا مىنگونىڭ دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنىغا ئۇشتۇمتۇت  ھۇجۇم قىلىپ غەلبە قازىنىدۇ. بۇندىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەكبەر باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم پارتىزانلار باسلقان داۋانىدا دۆشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ دۆشمەننىڭ 10  نەچچە ئەسكىرىنى يوقىتىدۇ، ھەمدە 2 پىلىمۇت ۋە 70  دىن ئارتۇق مىلتىق غىنىمەت ئالىدۇ. پارتىزانلار يەنە نىلقا بىلەن مازار ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتر سىم يولللىرىنى ئۇزۇپ تاشلاش بىلەن بىرگە يوللاردىكى كۆرۈكلەرنى بۆزۈپ، نىلقا بىلەن غۇلجىنىڭ ئالەقىسىنى ئۇزۇپ تاشلايدۇ.

جۇڭخۇا مىنگو دائىرلىرى خەلقنىڭ نەپىرىتىگە ئۆچرىغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ قوزغىلىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. بارغانسىرى ئۇلغىيىپ كېتىپ بارغان نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ ئوتىنى ۋاقىتىدا ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرلىرى ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇبىڭدىنى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇۋەققەت ۋالىيسى قىلىپ ئەۋەتىپ، ئىلىنىڭ ئامانلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولىدۇ. 1944- يىلى 2 –  سىنەبىر شېڭ شىسەي جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى 8 –  ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانلىق نامى بىلەن بۇيرۇق چۇشۇرۇپ جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى زاپاس 7 –  دىۋىزىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇدېفۇنى ئىلىدىكى بارلىق قوشۇنلار ۋە ئامانلىق ساقلاش قىسملارغا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ليۇبىڭدىنى ۋە دۇدېفۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۇ يىلى سىنتەبرنىڭ ئاخىرىدا ئىلى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋجۇمىڭ 300 دىن  ئارتۇق قوراللىق كۈچنى باشلاپ، پارتىزانلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئولاستايغا يۇرۇش قىلىپ چوڭ چىقىم تارتىپ، مەغلۇبىيەتكە ئۆچرايدۇ.

پارتىزانلار ئەترىتى تولۇق تەييارلىق قىلىپ شۇ يىلى 6 –  ئوكتەبر كۈنى فاتىخنىڭ قوماندانلىقىدا نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم باشلاپ، كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق 7 –  ئوكتەبر نىلقا ناھىيە بازىرىنى ئېشغال قىلىدۇ.  شۇندىن كېيىن نىلقا  ناھىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى تارىخىدىكى تۈنجى خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خەمىت دۆشمەن بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق ئۈچۈن شەرەپ بىلەن قوربان بولىدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭدە پارتىزانلار ئەترىتى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ھەربىي- ساقچىلىرى بولۇپ جەمئىي 30 دىن ئادىمىنى يوقۇتۇپ، 140 نەچچىسىنى ئەسىرگە ئېلىشتىن تاشقىرى يەنە 66 دانە مىلتىق، 8 تاپانچا، 3 پىلىموت، 150 گراتات، نەچچە مىڭ پاي ئوق ۋە 1 ماشىنا ئولجا ئېلىش بىلەن بىرگە تۇرمىدىكى 100 ئارتۇق ھەر مىللەت كىشلىرىنى بۇشىتىدۇ.  نىلقا  ناھىيە بازىرى ئازات بولغاندىن كېيىن ئولاستاي پارتىزانلار ئەترىتى نىلقا ناھىيە بازىرىدا قايتا رەتلىنىپ، ئۈچ چوڭ ئەترەتكە بۆلىنىدۈ. 1 –  چوڭ ئەترەتتە 300 گە يېقىن كىشى بولۇپ قازاقلار ئىدى. ئەكبەر ئەترەتنىڭ باشلىقى، سېيىت مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىلىنىدۇ. 2- چوڭ ئەترەتتە ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە ئاز ساندىكى شىبەلەر بولۇپ 250  يېقىن كىشى بولۇپ، غىنى باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.  3 –  چوڭ ئەترەتنىڭ كۆپ قىسمى رۇسلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ئىۋان سىتوۋ ئەترەت باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. پارتىزانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 800 دىن ئېشىپ كىتىدۇ.

نىلقا پارتىزانلار قوشۇنىنىڭ ئەترەتلىرى

 

  1. چوڭ ئەترەت

300 گە يېقىن قازاقلاردىن تەشكىل تاپقان.

ئەترەت باشلىقى ئەكبەر، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى سېيىت

    2. چوڭ ئەترەت

250 گە يېقىن ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە شىبەلەدىن تەشكىل تاپقان.

ئەترەت باشلىقى غېنى

    3. چوڭ ئەترەت

كۆپ قىسمى رۇسلاردىن تەشكىل تاپقان.

ئەترەت باشلىقى ئىۋان سىتوۋ

 ( ئارقا سەپ تەمىناتچىلىرى بىلەن پارتىزانلارنىڭ

ئومۇمىي سانى 800 نەپەردىن كۆپ )

 

پارتىزانلار ئەترىتىگە نىلقا پارتىزانلار ئەترىتى دېگەن رەسمىي نام بىرىلىدۇ.  شۇندىن كېيىن پارتىزانلار ئەترىتى نىلقا ئەتراپىدىكى جايلاردا جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنلىرى ۋە ساقچىلىرىغا قارىتا بولغان قوراللىق كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرىدۇ، قوراللىق ئىنقىلاب بارغانسىرى ئۇلغىيدۇ ھەمدە ئۆزلۈكسىز غەلبىلەرگە ئېرىشىدۇ. پارتىزانلارنىڭ تەسىرى تېز سۈرئەت بىلەن غۇلجا، تىكەس، كۈنەس ۋە توققۇزتارا ناھىيىلىرىگىچە كېڭىيىدۇ. نىلقا ناھىيىسى پارتىزانلار ئەترىتى تەرىپىدىن  ئېشغال قىلىنغاندىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگو دايىرلىرى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ، جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى 8 –  ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇشاۋلياڭ جۇڭخۇا ئۆكتەبرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى زاپاس 7 –  دىۋىزىيە 19 –  پولكىنىڭ كاماندىرى پېڭ جۇنيې ۋە زاپاس 7 –  دىۋىزىيىسىنىڭ شتاپ باشلىقى ساۋرىلىڭلارنى كەيىنى – كەيىنىدىن ئىلىدىكى جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىرى قىلىپ تەيىنلەپ  ئەۋەتىدۇ.

ئۆكتەبرنىڭ ئاخىرى ئازادلىق تەشكىلاتى غۇلجىدا قورالىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنى ياردەم سوراش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىدۇ. 5 -نويابىردىن باشلاپ غۇلجىنىڭ كوچىلىرىدا « يوقالسۇن خەلقنى ئەزگەن ھۆكۈمەت! »، « ياشىسۇن ئىنقىلاپنىڭ غەلبىسى! » قاتارلىق مەزمۇندىكى پىلاكات ۋە تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى  پەيدا بولىدۇ. ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەربىي –  ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە : « غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلانغان قورال-  ياراغلار شەھەرگە كىرىپ بولدى.»  مەزمۇنىدىكى جىددىي تېلېگراممىنى يوللايدۇ.

ساۋرۇلىڭ جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىدىن 1600 كۆپرەك ئەسكەر كۈچىنى توپلاپ، بىر قانچە يولغا بۆلۈنۈپ « باندىتلارنى يوقىتىش » ئۈچۈن نىلقا تەرەپكە ئاتلاندۈردۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى 1 –  نويابىردىن باشلاپ  فاتىخ قوماندانلىقىدىكى نىلقا پارتىزانلىرى دۆشمەن بىلەن كەسكىن جەڭلەرنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتدا قوراللىق كۈچلەرنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن پىلانلىق ھالدا ئولاستاي تەرەپكە چېكىنىپ،ئولاستاينىڭ يىنىدىكى جالىنغۇل ئۇرۇشىدا دۆشمەننى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. بۇ قېتىمقى گىرەلەشمە جەڭ شىددەت بىلەن 8 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ. پارتىزانلار دۆشمەننىڭ 47  ئادىمىنى يوقىتىپ، 12  ئادىمىنى ئەسىرگە چۈشۈرىدۇ. ھەمدە 3 پىلىموت، 32 مىلتىق، 10  يەشىك  ئوق ۋە باشقا ھەربىي ئەشيالارنى غىنىمەت ئالىدۇ. ئەپسۇس بۇ قېتىمقى شىدەتلىك ئۇرۇشتا ئەكبەر ئىغىر ياردارلىنىدۇ.

1944-  يىلى 4- نويابىر ئازادلىق تەشكىلاتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ غۇلجىدىكى ئاساسىي ھەربىي كۈچىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن نىلقا تەرەپكە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. ھەمدە شەھەر ئىچىدە ئاممىنى مەخپىي تەشكىللەپ قوراللاندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتدا سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن  نىلقا پارتىزانلىرىغا ئالاقىچى ئەۋەتىپ، غۇلجا قوزغىلىڭىغا ياردەمگە كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 5 – نويابىر پارتىزانلار باش شتابى ئالاقىچىدىن خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مەسلىھەتلىشىپ، مازار ئەتراپىدىكى جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيە قوشۇنلىرىنى يۇقىتىش ئۇرۇش پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، بىر قىسىم كۈچنى مازار تاغ ئېغىزىنى ساقلاپ، غۇلجىدىن كەلگەن جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنىنىڭ ئالدىنى تۇساپ زەربە بېرىشكە قالدۇرۇپ، پارتىزانلارنىڭ بەش مىڭدىن ئارتۇق كىشلىك ئاساسىي كۈچى فاتىخنىڭ قوماندانلىقىدا ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ غۇلجىغا ئاتلىنىشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 6 –  نويابىر تاڭ سەھەردەنىلقا پارتىزانلارنىڭ 2 –   چوڭ ئەترىتى بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ كېلىپ، 1 –   ۋە 3 –  چوڭ ئەترەتلەرنىڭ بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ كېلىشنى كۆتمەيلا غۇلجا 3 –  رايونىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم باشلاپ قويۇپ، دۆشمەننىڭ قاتتىق قارشىلىق قىلىشىغا ئۈچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نائىلاج تۈرپانيۈزىگە چېكىنىپ، باشقا ئىككى چوڭ ئەترەت بىلەن ئۆچراشقاندىن كېيىن شۇ كۇنى كەچتە غۇلجىدىكى ئۈچ دارۋازىغا كېلىپ بۇيرۇق كۈتىدۈ.  شۇ كۈنى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرى پېتىر رومانىۋىچ ئالىكساندىروۋ بىلەن بىرگە ئىككى توننا پارتىلاتقۇچ دورىسى، ئىككى پىلىموت ۋە بىر مىناميوتى بار ئاۋتوماتلار بىلەن قوراللانغان ئاتمىش كىشلىك بىر قوراللىق ئەترەتنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورغاس ئارقىلىق غۇلجىغا يېتىپ كېلىدۇ.

1944- يىل 6 – نويابىر كۈنى كەچتە ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەر قايسى قوراللىق كۆچلەر باشلىقلىرىنىڭ  باش قوشۇشى بىلەن بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلىپ، قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق شتابىنى قورۇلۇدۇ. ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق شتابقا سوۋېت قىزىل ئارمىيە ئوفېتسىرى پېتىر رومانىۋىچ ئالىكساندروۋ  مەسئۇل بولىدۇ، قوماندانلىق شتاب ئەزالىرى رەھىمجان سابىر ھاجىيوۋ، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، ۋارشانوۋ  مىخايلوۋىچ  ماژاروۋ  ۋە  قاسىمجان قەمبىرى  قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

7-  نويابىر تاڭ سەھەردە پاتىخ موسىلىموۋ قوماندانىلىقىدىكى نىلقا پارتىزانلار ئەترىتى، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ ۋە پېتىر رومانىۋىچ ئالىكساندرو باشچىلىقىدىكى قورغاس پارتىزانلىرى ۋە ئازادلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى غۇلجا شەھىرىدىكى يەرلىك ھەر مىللەت قوزغىلاڭچىلىرى ۋە خەلق ئاممىسى بىرلىكتە  جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئاساسىي ھەربىي پونكىتلىرى، ۋالىي مەھكىمە ، ئىلى ۋىلايەتلىك باش ساقچى ئىدارىسى ۋە  تارماق ساقچى ئىدارىلىرى، ئېلېكتر ئىستانسىيىسى،تېلېفون ئىدارىسى ۋە كەسپىي شىركەت  قاتارلىق نوقىتىلىق جايلارغا قارىتا ئومۇميۈزلىك ھۇجۇم باشلايدۇ . جەڭنىڭ بىرىنىچى كۈنىلا ليۇبىندې پارتىزانلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىنىدۇ.

شىددەتلىك جەڭلەر بولۇۋاتقان جىددى پەيىتتە ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ(5) ئىككى ماشىنا بىلەن 60 نەپەر قوراللىق خادىملارنى باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غۇلجىغا يېتىپ كىلىپ، پارتىزانلارنىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسى قوشۇنلىرى ۋە ساقچىلىرىغا قارىتا قىلۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قاتنىشىدۇ.  سوۋېت قوراللىق كۆچلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن 6 كۈنلۈك كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق 12-  نويابىرغا كەلگەندە ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لەڭشاڭ بۇتخانىسىدىن سىرىت غۇلجا شەھەرىنىڭ باشقا جايلىرى پارتىزانلار ئەترىتلىرى ۋە خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن ئشغال قىلىنىدۇ . 10 –  نويابىر كۈندىكى غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا سېيىت قەھرىمانلارچە قوربان بولىدۇ، دەل شۇ كۈنى سېيىتنىڭ بىر نەۋىرە ئاكىسى ئەكبەرمۇ قوربان بولىدۇ. 16-  نويابر ئىسھاقبېك مونونوۋ(6) بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيە ئوفېتسىرى ئالىكساندىر (تەخەللۇسى ئىسكەندەر)، ئېۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ قاتارلىقلار تاتار، قىرغىز ۋە قازاقلارنى ئاساس قىلغان بىر باتالىيون ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غۇلجىغا كېلىپ، ھەرەمباغنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ.

غۇلجا قوزغىلىڭى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى شۇ يىلى ئۆكتەبرنىڭ ئوتتۇرلىرى فاتې ئىۋانوۋىچ لېسكىن(7) تەلكە ئېغىزى ئەتراپىدا پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللەشكە باشلايدۇ. شۇ يىلى 6 –  نويابىر لېسىكىن پارتىزانلار ئەترىتى غۇلجا قوزغىلىڭىغا ماسلىشىش ئۈچۈن لوسىگۇڭ رايوىلۇق پەيچوسوغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ غەلبە قازىنىدۇ، ھەمدە بۇ يەردە موگۇنتوۋ بىلەن لوسىگۇڭ پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللەيدۇ. غۇلجا قوزغىلىڭى جىددى داۋاملاشۋاتقان كۈنلەردە بۇ پارتىزانلار ئەترىتى 9 –  نويابر كەڭساينى قامال قىلىپ، ئۇرۇمچى- غۇلجا تاشيولىنى ئۇزۋېتىدۇ. 12- نويابىر لېسكىننىڭ قوماندانلىقىدا پارتىزانلار ئەترىتى يېڭى ئېرتەي ، تەلكە داۋىنى، كەڭساي تاغ ئېغىزى قاتارلىق  ھەربىي جەھەتتە مۇھىم بولغان جايلارنى ئىگەللەيدۇ، ھەمدە ئۇ يەردە مۇستەھكەم ئىستىھكام قۇرۇپ، جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ غۇلجىدىكى قوشۇنغا ياردەمگە كەلمەكچى بولغان  قوشۇنلىرىغا توسۇپ  زەربە بېرىشكە تەييارلىنىدۇ .

يەنە شۇ يىلى نويابىرنىڭ باشلىرىدا ئابدۇرېھم، باۋۇدۇن قاتارلىق كىشلەردىن تەركىپ تاپقان سۇيدۇڭ پارتىزانلار ئەترىتى ۋە نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا فاتىخ موسلىموۋنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەنسۇر لومىيوۋ بىلەن كەرىم ھاجى باشچىلىقىدىكى توڭگان پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللىنىدۇ.

شۇ يىلى 12 –  نويابىر كۈنى غۇلجىدا ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىگىدە ئىلى ۋىلايىتىدە ياشىغۇچى ھەر مىللەت خەلقلىرى، ھەر قايسى سىنىپ ، ھەر قايىسى تەبىقە- قاتلام، ھەر قايىسى ساھە، دىني زاتلار ۋە پارتىزانلارنىڭ بىرلىك سېپى ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ.

غۇلجا قوزغىلىڭى غەلبە قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىزانلار ئەترەتلىرى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى نوقتىلىق پىلانى داۋاملىق تۈردە ئاكتىپلىق بىلەن ھەرەمباغ ئايرودروم ۋە لەڭشاڭ بۇتخانىسىدىن قاتارلىق جايلاردىكى قالدۇق جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنلىرىغا قارىتا ئېلىپ بىرىلىۋاتقان قورشاۋ ھۇجۇمنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەڭساي تاش يولى ۋە شىمالدىن جىڭغا ئۆتۈدىغان تىيانشان تاغ ئېغىزلىرىنى چىڭ ساقلاپ، جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئىلىغا ياردەمگە كېلىشىنى توساش؛ يەنە قورغاس، سۇيدۇڭ ۋە كۆرە قاتارلىق جايلاردىكى جوڭخۇا مىنگو ھەربى- ساقچىلىرىنى تېزلىك بىلەن يوقۇتۇپ، غۇلجىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتۇشىدىغان تاش يولنى راۋان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىلىدىغان ياردەمىنىڭ تۇسالغۇسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلى ۋىلايىتىدىكى جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنىنى تەلتۆكۈس يوقۇتۇپ، ئىنقىلاپنىڭ مېۋىسىنى قوغداپ، دۆشمەننىڭ ھەربىي جەھەتتىن « باندىتلارنى يوقۇتۇش» پىلانى ۋە سىياسىي جەھەتتىن « جارچى- سىلاۋچىلىق» نىيىتىنى قەتئى تار-  مار قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

1944- يىلى نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىبىگە بىنائەن ۋىلادېمىر كوزلوۋ باشچىلىقىدىكى ۋە ۋىلادېمىر سىتىفانوۋىچ باشچىلىقىدىكى سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ئىككى ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى (شەرتلىك بەلگىسى 1 – نومۇرلۇق ئۆي ۋە 2 – نومۇرلۇق ئۆي ) غۇلجىغا يېتىپ كېلىدۇ . ئولار ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ زور سىياسي، ھەربىي قارار-  سىياسەتلىرىنىڭ بەلگىلىنىشى ۋە ئىجىرا قىلىنىشىغا قاتنىشىدۇ .

شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرى پارتزانلار باش قوماندانلىق شتابى قورغاس، سۇيدۇڭ ۋە كۈرەلەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن لوسىگۇڭدا شۆبە قوماندانلىق شتابى قورۇپ، سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىسى گېنېرال لېيتېنانت كوزلوۋنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەيدۇ ھەمدە غۇلجىدىن كەلگەن بىر پارتىزانلار چوڭ ئەترىتى، سۇيدۇڭ پارتىزانلار ئەترىتى ۋە توڭگان پارتىزانلار ئەترىتىنى بىرلەشتۇرۇپ بۇ ناھىيىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلىشنى قارار قىلىدۇ. ( كېيىن ئىسھاقبېك مونونوۋنىڭ پارتىزانلار ئەترىتىمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ.)

19- نويابىر كۈنى پارتىزان ئەترەتلىرى قورغاس ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم باشلىغاندىن تارتىپ تا 29 –  دېكابرگىچە بولغان ئارىلىقتا قورغاس، سۇيدۇڭ ۋە كۈرەدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ناھىيىنى ئازات قىلىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىنىڭ موڭغۇلكۆرە، تېكەس، توققۇزتارا، كۆنەس ۋە چاپچال قاتارلىق ناھىيىلىرىمۇ ئالدىن- كېيىن بولۇپ پارتىزانلار ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنىدۇ. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بۇ ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە خەلق ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرىدۇ. شۇ يىلى 20 –  نويابىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئېردەنى باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار ئەترىتىنى بورتالاغا تەشۋىقات پائالىيىتى ۋە پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەشكە ئەۋەتىدۇ.     

       گەرچە 1944- يىلى 14 – نويابىر جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى 8 – ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇ شاۋلياڭ ئۇرۇمچىدىكى ئۆزىنىڭ مەھكىمىسىدە جىددى ھەربىي يىغىن ئېچىپ، بەش يول بىلەن « ئىلى باندىتلىرى » نى قوراللىق باستۇرۇش پىلانىنى تۇزۇپ چىقىپ، جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىدىن 5  پىيادە ئەسكەرلەر پولكى، 1 زەمبىرەكچىلەر پولكى، 1 برۇۋنىكلار باتالىيونى يەنە 4 دانە E- 15  تىپتىكى كۈرەشچى ئايرۇپىلانى  بار ئۇچقۇچىلار تارماق ئەترىتى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن جەمئىي 6000  كىشلىك قوشۇننى يىغىپ، جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى كوماندىرلىرىدىن لى تيېجۇننى ئۇرۇمچىدە تۇرۇپ بۇ پىلاننى ئىجىرا قىلىشقا قوماندان قىلىپ بەلگىلەپ، بىرىنچى قەدەمدە جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى زاپاس 7 –  دىۋىزىيە باشلىقى لى يۇيشياڭغا بىر قىسىم قۇشۇننى باشلاتقۇزۈپ شۇ يىلى 29 – نويابىر ئىلىغا ئاتلاندۈرغان بولىسىمۇ، كەڭسايدا ئىلى پارتىزانلىرىنىڭ قاتتىق قارىشلىىقىغا ئۆچرايدۇ. گەرچە كېيىن ئىككى ئايرۇپىلاننىڭ ھىمايىسىدە پارتىزانلارغا قايتا ھۇجۇم باشلىغان بولسىمۇ پارتىزانلارنىڭ قەيسەرلىك  بىلەن جەڭ قىلىشى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دېكابرنىڭ 15- كۈنىگە كەلگەندە  جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنڭ غۇلجىدىكى موھاسرىدە  قالغان قۇشۇنلىرىغا ياردەم بېرىش ئۇرۇش پىلانى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

1944- يىلى 19- دېكابر غېنى باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار ئەترىتى بىلەن ئېردەنى مېڭىيوۋ باشچىلىقىدىكى موڭغۇل پارتىزانلار ئەترىتى بىرلىكتە ئارىشاڭ ناھىيە بازىرىغا ھۈجۈم باشلاپ، ئىككى كۈنلۈك كەسكىن جەڭ قىلىپ 20- دېكابر ئارىشاڭ ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلىدۇ.  بۇ قېتىملىق جەڭدە پارتىزانلار 70 دىن ئارتۇق دۆشمەننى يوقىتىپ، ئارىشاڭ ناھىيە ھاكىمى ۋاڭ بىڭ شىياڭنى ئەسىرگە چۈشۈرىدۇ.

1-  قېتىملىق ئىلىغا ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن بۇيرۇققا بىنائەن لى تيېجۇن جىڭدا ئىلىغا ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىدىغان يىڭى شتابنى قۇرۇپ، 1945- يىلى 9- يانۋار جۇشاۋلياڭنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش بويىچە ھەربىي ئۇرۇش قىلىش يېڭى لايىھىسىگە ئاساسەن ئۇرۇش قىلىش بۇيرۇقنى چۇشۇرۇپ 11 –  يانۋاردىن باشلاپ ئومۇمىي ھۇجۇم باشلايدۇ. جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى يېڭى 45 -دىۋىزىيىسىنىڭ باشلىقى شيې يىفېڭنىڭ قوشۇنى غۇلجىدىن 20 كىلومىتىر ئارىلىق بار بولغان پىلىچى دىگەن جايغا بىسىپ كەلگەندە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ مۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتىن ئالاقزادە بولۇپ، ۋەزىپىسىنى تاشلاپ قاچماقچى بولغان پارتىزانلار ئەترەتلىرى باش قوماندانى پېتىر رومانىۋىچ ئالىكساندىرۋنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئىۋان ياكوۋلىۋىچنى قويىدۇ. جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنڭ ئىلى رايونىغا  بېسىپ كېرگەن قوشۇنلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جىددى سەپەرۋەرلىككە كەلتۇرۇلگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىلى پارتىزانلار ئەترەتلىرى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ كۆرساي ۋە پەنجىم قاتارلىق جايلاردا قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىشىغا ئۆچراپ 19 –  يانۋارغا كەلگەندە ئۈزۈل- كېشىل تار- مار بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1944  –  يىلى 25 – نويابىردە جياڭ جيېشنىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۆلكە رەئىسى ۋۇجۇڭشىن ۋە جۇشاۋلياڭغا يازغان خېتىدىكى « … غۇلجا ئەتراپىدىكى ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ پائال ھۇجۇمغا ئۈتۈپ، غۇلجا قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش، …» دېگەندەك پىلانلىرى بىت –  جىت بولىدۇ.

ھەرەمباغقا 80 كۈن قورشاۋ ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى ئۈزۈل- كېسىل يۇقۇتۇش ئۈچۈن 1945 –  يىل 27 –  يانۋار پارتىزانلار ئەترەتلىرى باش قوماندانلىق شتابى غۇلجىدىكى جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ئۇرۇنلاشۋالغان ھەرەمباغ، ئايرۇدروم ۋە لەڭشاڭ بۇتخانىسىغا ئومۇميۈزلىك ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن 28 –  يانۋار تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ پارتىزانلار ئەترەتلىرى سوۋېت ئىتتپاقى ھەربىي خادىملىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھەر قايسى نوقتىلارغا شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. گەرچە جياڭ جيېشى ئۆز قوشۇنىغا « ستالىنگراد روھىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان روھ بىلەن ئاغىرىغىچە چىڭ تۇرۇڭلار» دېگەن تېلېگرامما بۇرۇقنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەرەمباغ قاتارلىق ئۈچ جايدا مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ئىلى پارتىزانلىرنىڭ دەھشەتلىك  ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بىرەلمەي 30 –  يانىۋار كەچتە دۇدېفۇ مىڭدىن ئارتوق  قالدۇق ئەسكەر ۋە 3000 دىن كۆپرەك خىتاي ئاھالىسىنى باشلاپ، ئايرودرومدىن مۇھاسىرىنى بۆزۈپ جىڭغا تەرەپكە قاراپ قاچقان بولسىمۇ، پارتىزانلار ئەترەتلىرى تەرىپىدىن يەنە مۇھاسىرىگە چۆشۈپ قالىدۇ. 1 –  فېۋرال  كۈنى  دۇدېفۇ  باشچىلىقىدىكى بۇ قالدۇق ئەسكەرلەر مۇھاسىرىنى بۆزۈپ ئۆتۈش جەريانىدا ئىلى ئاتلىق چوڭ ئەترىتى ۋە سۇيدۇڭ پارتىزانلار چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يۇقتىلىدۇ. بۇ قىتىمقى ھەرەمباغ، ئايرۇدرۇم ۋە لەڭشاڭدىكى دۆشمەننى يوقىتىش ئۇرۇشىدا پارتىزانلار جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرلىرىدىن ساۋرۇلىڭ، دۇدېفۇ، پېڭ جۇنيې قاتارلىقلار ۋە ئەسكەرلىرىدنن جەميئې بولۇپ 1600 ئارتۇق دۆشمەننى يوقىتىدۇ. 2100 دانە مىلتىق، ئېغىر- يىنىك پىلىمۇتلاردىن 98 دانە، 2 دانە زېنىت توپ، 5 دانە مىناميوت، 54 ئايروپىلان ( كۆپى دۆشمەن تەرىپىدىن بۇزۋىتىلگەن.)، 16 ئاۋتوماشىنا، 8 راتسىيە ئاپپاراتى ۋە باشقا ھەربىي ئەشيالارنى غىنىمەت ئالىدۇ. پارتىزانلار ئەترەتلىرى ھەرەمباغنى ئشغال قىلغاندىن كېيىن ئىلى ۋىلايتىنىڭ جىڭ ۋە بورىتالا ناھىيىلىرىدىن باشقا جايلىرى پۈتۈنلەي ئازاد بولىدۇ.

ھەيرانباغنى ئىشغال قىلىش جەڭ غەلبىسىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي پارتىزانلار ئەترەتلىرى باش قوماندانلىق شتابى بورىتالاغا قارىتا ئىستراتېگىيىلىك قورشاۋ يوقۇتۇشنى باشلايدۇ. 10  –  فىۋرال لېسكىن 700 دىن ئارتۇق ئادىمى بار ئەرتەي (كەڭساي) پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ قورغاسنىڭ شىمالىدىن يولغا چىقىپ، 16 –  فېۋرال سەنتەي بىلەن ئوتەينىڭ ئوتتۇرىسىغا يېتىپ كىلىپ، سەتەي بىلەن ئوتەيدىكى جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشنى ئۆزۈپ تاشلايدۇ. شۇندىن كېيىن لېسكىن بىر قىسىم پارتىزانلارنى ئوتەيگە ياردەمگە كېلىدىغان دۆشمەن قوشۇنىنى تۇساپ تۇرۇشقا قالدۇرۇپ،  ئاساسىي كۈچى بىلەن سەنتەيگە قورشاۋ ھۇجۇم باشلايدۇ. لېسكىننىڭ دۆشمەن قوشۇنلىرىنى بۆلىۋېتىپ مۇھاسىرە قىلىش پىلانىنىڭ غەلبىلىك بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان  پارتىزانلار ئەترەتلىرى باش قوماندانلىق شتابى  ئىلى ئاتلىق چوڭ ئەترىتىگە ئەرتەيدىكى ( تەلكە داۋانىدىكى) جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق  چۈشۈرۈدۇ. بىر مەھەل شىددەتلىك جەڭ ئارقىلىق ئەرتەيدىكى جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتىلىدۇ.

لېسكىن پارتىزانلىرى ۋە ئىلى ئاتلىق پارتىزانلار چوڭ ئەترىتىنىڭ شەرق ۋە غەرپ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشغا ئۆچراۋاتقان جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىىڭ سەنتەي  ۋە باشقا جايلاردىكى قوشۇنلىرى 8  –  ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇشاۋلياڭنىڭ جياڭ جيېشىنىڭ « ئومۇمەن جىڭنىڭ غەربىدىكى قىسىملارنى ئەڭ مۇۋاپىق چارە قوللىنىپ ئاۋۋال جىڭ ۋە شىخو قاتارلىق بىخەتەر رايونلارغا چېكىندۇرۇڭلار، ئاندىن بىمالال ھالدا مۇداپىئە كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىقىر ئالدىن بەلگىلىگەن فاڭجېنغا ھەققىي ئەمەل قىلىڭلار. …» دېگەن كۆرسەتمىسىگە بىنائەن 18 –  فېۋرال چۈشۈرگەن بۇيرۇقى بۇيىچە ئالدى- كېيىن بولۇپ جىڭ ناھىيىسىى تەرەپكە قاراپ چېكىنىشكە باشلايدۇ. سەنتەيدىكى (سايرامدىكى)  چېكىنگەن  دۆشمەن قوشۇنى قىچىش يولىدا يۇشۇرنۇپ تۇرغان پارتىزانلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۆچراپ كۆپچىلىكى يوقىتلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەنتەيدىن ئوتەيگىچە بولغان ئارىلىقتىكى جايلار پارتىزانلار تەرىپىدىن ئېگەللىنىپ ، بورتالاغا ھۇجۇم قىلىش يولى ئېچىلىدۇ.

1945- يىلى 21- فېۋرال موڭغۇل پارتىزانلار ئەترىتى ئېردەنى مېڭىيوۋ قوماندانلىقىدا بورتالا ناھىيە بازىرىغا  قارىتا مۇھاسىرە ھۇجۇمى باشلاپ، ناھىيە بازىرىنى تاشلاپ قاچماقچى بولغان دۆشمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. 27- فېۋرال شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بورتالا ناھىيىلىك ھاكىمىيەتنى تەسىس قىلىدۇ.

شۇ يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا ئەرتەي پارتىزانلار ئەترىتى ۋە موڭغۇل پارتىزانلار ئەترىتى بىرلىكتە ئوتەيدىن بورتالاغا باردىغان يول ئۇستىدىكى دۈشمەننىڭ كۆچلۈك كۆچى ئىگەللەپ تۇرغان ئالمىلىق جاڭزىسىغا قورشاۋ ھۇجۇم باشلاپ، بىر نەچچە كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق بۇ جاينى ئىگەللەيدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭ ۋە ئەرتەي جىڭى ئارقىلىق پارتىزانلار ئەترەتلىرى زور بىر تۈركۈم دۈشمەننى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە 371 دۈشمەننى  ئەسىرگە ئېلىشتىن سىرت يەنە جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىدىن 32 مىنامىيوت، چوڭ – كىچىك زەمبىرەكلەردىن 7 ، ئېغىر- يېنىك پىلىموتلاردىن 44 ، 100 مىلتىق، 2  تانكا، تانكىغا قارشى تۇرىدىغان قورالدىن 2 نى غىنىمەت ئالىدۇ.

بۇ قېتىمقى پارتىزانلار ئەترەتلىرىنىڭ ئەرتەي، سەنتەي، ئوتەي ۋە بۆرىتالا لارنى تىز سۆرئەت بىلەن ئازاد قىلىش غەلبىسى جەڭچلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى كۆتۈرۈپ، پارتىزان ئەترەتلىرىنىڭ ئەمىلى كۆچىنى كۆچەيىتىپلا قالماستىن يەنە تېخىمۇ كەڭ كۇلەمدىكى ئۈچ فرونت يولۇنۇشى بۇيىچە ئوپراتسىيە ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. جياڭ جيېشىنىڭ جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇنلىرىنى جىڭنىڭ غەرب تەرپىدىكى تار تاغ ئارىلىرىدىن تۇزلەڭلىككە جايلاشقان جىڭ ۋە شىخو غا چېكىندۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ ھەربىي قوماندانلىق جەھەتتىكى  زور كەتكۈزۈپ قويۇشى مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قوراللىق كۆچى بولغان ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ بىپايان كەتكەن جۇڭغار تۇزلەڭلىگىدە ئۆز رولىنى تۆلۈق جارىي قىلدۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ بىرىپلا قالماستىن، يەنە جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزلۈكسىز مەغلۇبىيەتكە ئۆچرىشىنىڭ ئاساسى سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

1944- يىلى دېكابردىن باشلاپ شىمالىي شەرقىي تۈركىستان بىلەن جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان  يەنجى رايونىدىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇھىم  ئىستراتېگىيىلىك جاينى ئىگەللەش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن جوڭخۇا مىنگو « شىنجاڭ » دائىرلىرى ئوتتۇرىسىدا تالاش- تارتىش ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. ئىلى ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن ئىلى پارتىزان ئەترىتى تاغ يوللىرىنى بۇيلاپ يەنجىغا تەرەپكە قاچقان تېكەس ۋە موڭغۇلكۈرەدىكى جوڭخۇا مىنگو مەمۇرىي- ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ 25- دېكابر يۇلتۇزدا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يوقىتىپ، بايىنبۇلاقنى ئىشغال قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن بۇ پارتىزانلار ئەترىتى بايىنبۇلاقنى بازىس قىلىپ نېكىدىن پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، يۇلتۇزدا مۇداپىئەدە تۇرۇپ جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىلىدىكى قىسىملىرىغا ياردەمگەكېلىشىنى توساش بىلەن بىرگە يۇلتۇزنى يەنجى ۋە كورلا تەرەپكە تەرەققى قىلىشىنىڭ تايانچ بازىسى قىلىدۇ.  9- ئاپرېل  بايىنبۇلاڭ  پارتىزانلىرى (نېكىدىن پارتىزانلار ئەترىتى)  قورغاستايدا موڭغۇللارنىڭ كونا تورغۇت جەنوبىي قەبىلىسىنىڭ ۋاڭى مانچۇكزابونىڭ رەبىقىسى ۋۇجىڭبېڭنىڭ جوڭخۇا مىنگو دائىرلىرى بىلەن بېرىلىشىپ تەشكىللىگەن 300  ئادەمدىن كۆپ  بولغان موڭغۇل قوغدىنىش ئەترىتىگە قاريتا مۇھاسىرە ھۇجۇم باشلاپ،13-  ئاپرېلغا كەلگەندە بۇ قوغدىنىش ئەترىتىنى تارمار قىلىپ، 220  ئادىمىنى يوقىتىپ،  208  مىلتىق، 4 پىلىمۇت ۋە 4 تۆمەن پايغا يېقىن ئوقنى غەنىمەت ئالىدۇ.

ئىلى ۋىلايىتىدىكى بۇ مىللىي ئازادلىق ئۇرۇش جەريانىدا بۇ رايوندا ئۇلتۇراقلاشقان يەرلىك ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەرزەتلىرى —  پارتىزانلار ئۆز ئانا يۇرتىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۆشمەن بىلەن جەسۇرانە جەڭ قىلىدۇ. بىر تۈركۈم پارتىزانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز جانلىرىنى ئاتا قىلىدۇ . خەمىت، ئەكبەر، سېيىت ۋە رۇشەنگۇل قاتارلىق خەلق قەھرىمانلىرى  دۆشمەن ئالدىغا كۆكرەك چىقىپ مەرتلەرچە قوربان بولىدۇ. ئولار خەلقىمىزنىڭ دېموكراتىك ئەركىن تۇرمۇشنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز قانلىرىنى ئانا توپرىغىغا تۆكىدۇ. فاتىغ ،ئەكبەر ۋە غىنى باتۇرلەردەك خەلق ئەزىمەتلىرى تىللاردا داستان قىلغۇدەك قەھرىمانلىقلارنى يارىتىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت خەلقى مۇستەبىت جوڭخۇا مىنگو ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن غەلبە قازىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمدارلارنىڭ رەھىمسىز ئېزىشى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ئارقىسىدا خەلق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەكسىز ئېزىلىدۇ. ھوقۇق،  باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ھاياتلىق يولى قاتارلىق ئىنسانىي ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنىدۇ، جېنىدىن جاق تويىدۇ، خەلق قۇللارچە ياشاشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ مىلتىق، تاياق- توقماق، ھەرە، گۈرجەك كۆتۈرۈپ، جوڭخۇا مىنگو ھاكىمىيتى ۋە ئۇنىڭ زامانىۋىي قوراللار بىلەن  قوراللانغان  ئارمىيەسىگە قارشى چىقىدۇ. خەلق كۈچى مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ.  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەرەمباغ جېڭى قاتارلىق جەڭلەردىكى قەھرىمانلارنى ئوردىن ۋە مېداللار بىلەن تەغىدىرلەيدۇ. 1946 –  يىل ئىيۇنغا كەلگەندە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت فاتىخ، غېنى ۋە ئەكبەرلەرگە « خەلق باتۇرى » دېگەن نامنى بېرىدۇ.

 

داۋامى بار….

************************

(1)  ئېلىخان تۆرە (1885– 1976) : ئۆزبېك، ئىنقىلابچى، سىياسىيون، ئىسلام دىنى ئالىمى. روسىيىنىڭ ( قىرغىزىستاننىڭ)  توقماق ( بالاساغۇن ) دېگەن يېرىدە  بىر ھاللىق دېھقان ئائىلىسىدە توغۇلغان.  ئەدەبىي تەخەللۇسى ساغۇنىي.  سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بۇخارادا ئىسلام دېنىي بىلىملەر  ۋە تىبابەتچىلىكنى ئۆگەنگەن. 1929- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئىماملىق ۋە تىۋىپلىق قىلغان. 1937- يىلى مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇبېرناتورى مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 1941- يىلى قويۇپ بېرىلگەن. غۇلجىدا قورۇلغان  ئازادلىق تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئىلى ئىنقىلابى ھارپىسىدا مىللىي مۇستەقىللىق تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئالىي قوماندانى ۋە ھۆكۈمەت ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مارشال دەرىجىلىك ھەربىي ئونۋان بېرىلگەن.  ئېلىخان تۆرە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ھوقۇقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك كىشلىرىنىڭ قوللىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئىچىدىكى قىسمەن ئىختىلاپلاردىن پايدىلىنىپ، 1946- يىلى ئىيۇندا جۇمھۇر رەئىس ئېلىخان تۆرە نى ئالدامچىلىق يولى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كەتكەن. ئېلىخان تۆرە تاشكەنتتە 30  يىل مىرزا قاماق ۋە نەزەربەند ئاستىدا ياشىغان. بۇ يىللاردا ئېلىخان تۆرە ئىسلام ۋە تۈرك تارىخلىرىغا ئائىت نادىر ئەسەرلەرنى يازغان ۋە نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان.  1976 – يىلى 28-  فىۋىرالدا كېسەل سەۋەبى بىلەن تاشكەنتتە ۋاپات بولغان.

(2) ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ (1921–  1949)  : ئۇيغۇر، قوراللىق ئىنقىلاپچى، سىياسىيون.  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان تەۋەسىدىكى  پىرىۋارسكى شەھىرىدە توغۇلغان. ئۆلكىلىك 1-  ئوتتۇرا ۋە « شىنجاڭ ئىنستىتۇتى » دا ئېچىلغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان. 1942- يىلى غۇلجىدا ئوقۇتقۇچى، قوشۇمچە ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ  تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىگەن. غۇلجىدىكى  ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىلى ئىنقىلابى ھارپىسىدا زىيالىي ياشلار ئارىسىدا مىللىي ئىنقىلاب تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.  1944- يىلى 6- نويابىر ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقدا ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇلغان قوراللىق پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ كېلىپ غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1945- يىلى ئىيۇلدا ئابباسوۋ سىياسى كومىسسارلىق ۋەزىپىسى بىلەن جەنۇبىي فرونت ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىگە قاتناشقان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە تەشۋىقات بولۇمىنىڭ باشلىقى، مىللىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈم باشلىقى، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە باش كاتىپى،  شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە  ئىتتىپاقنىڭ ئاخبارەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.  جۇڭخۇا مىنگو نىڭ 1946- يىلى ئاچقان مەملىكەتلىك مىللىي قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خەلقچىل ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە  ئىتتىپاقنىڭ ئاخبارەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.  ئابباسوۋ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1949- يىلى ئاۋغۇستا ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ خىتاي كومپارتىيىسى ئاچماقچى بولغان يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيپىڭغا كېتىۋېتىپ ئاتالمىش ئايروپىلاپ ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا تاپقان.

(3) فاتىخ موسىلىموۋ  (1900– 1980) :  تاتار، قوراللىق قوزغىلاڭچى. چارروسىيەدە توغۇلغان. نىلقا ناھىيىلىك يەرلىك مەسھۇلاتلار شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ شېڭ شىسەيگە قارشى مەخپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇنىڭ بۇ پائالىيىتىنى يەرلىك جۇڭخۇا مىنگو دائىرىلىرى كەلگەندىمۇ داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ بۇ مەخپىي پائالىيتى 1943- يىل سېنتەبىردە سېزىلىپ قالغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى سوۋېتلەر سايۇزىغا قېچىپ كېتىدۇ. 1943- يىلى فاتىخ ئالماتا يېنىدا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىدا سىياسىي- ھەربىي جەھەتلەردە تەربىيەلەنگەن. ئۇلاستاي ۋە نىلقا پارتىزانلار ئەترەتلىرىنىڭ باش قوماندانى بولغان. نىلقا قوراللىق قوزغىلىڭىغا قوماندانلىق قىلغان. بەش مىڭدىن ئارتۇق نىلقا پارتىزانلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە مىللىي ئارمىيە ئاتلىق 13-  پولكىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، نىلقا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى  ۋە شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. فاتىخ  مسىلىموۋقا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن « خەلق باتۇرى » دېگەن نام بېرىلگەن. فاتىخ باتۇر كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1955 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن. 1980- يىلى  كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالمۇتادا ۋاپات بولغان.

(4) غېنى مەمەتباقى (1901–  1978) :  ئۇيغۇر، قوراللىق قوزغىلاڭچى. غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىدا توغۇلغان. نىلقا قوزغىلىڭىدا پارتىزانلار ئەترەت باشلىقى بولغان. نىلقا ناھىيە بازىرى، غۇلجا شەھىرى ۋە ئارشاڭ ناھىيىلىرىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭلىرىدە ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەن. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە « شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » نىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن « خەلق باتۇرى » دېگەن نام ۋە پولكونىك دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋان بېرىلگەن. كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن 1955 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن. 1978- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن قازاقىستاننىڭ چىلەك دېگەن جايىدا ۋاپات بولغان.

(5) ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ (xxxx–  1955) : رۇس، ھەربىي. سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرى. مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇبېرناتورى گۇبېرناتور مىلىتارىست شېڭ شىسەي دەۋرىدە گېنېرال مايور دەرىجىسى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ھەربىي مەسلىھەتچى ۋە ھەربىي مەكتەپنىڭ ھەربىي تەلىم- تەربىيە مەسئۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1938- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتقان. 1944- يىلى نويابىرنىڭ بېشىدا گېنېرال پالىنوۋ بىر قىسىم قىزىل ئارمىيە قوراللىق قوشۇنىنى باشلاپ،غۇلجىغا كېلىپ غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1944- يىلى 16- نويابىردا گېنېرال پالىنوۋ ئىسھاقبېك مونونوۋ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفېتسىرى ئالىكساندىروۋ (تەخەللۇسى ئىسكەندەر) لار بىلەن 200 دىن ئارتوق شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان پارتىزان ئەترىتىنى باشلاپ ئىلىغا قايتا كېلىپ، ئىلىنى ئازات قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ۋاقىتلىق گېنېرال پالىنوۋ ھەرامباغ ئۇرۇشى، شىمالىي فرونت ۋە ئوتتۇرا فرونتدىكى شىخو ئوپراتسىيىسى قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلغان. گېنېرال پالىنوۋ ئىلى پارتىزانلار ئەترەتلىرىنىڭ باش قوماندانى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى، مىللىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى ۋە ھەربىي كومىتېتى ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن گېنېرال لېيتېنانت ئۇنۋانى بېرىلگەن. گېنېرال پالىنوۋ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. گېنېرال پالىنوۋ ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك ۋە قىرغىز تىللىرىنى پىشىق بىلگەن. « 11 ماددىلىق تىنچلىق بېتىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتقان. 1955 –  يىلى ۋاپات بولغان.

(6) ئىسھاقبېك مونونوۋ (1902– 1949) : قىرغىز، قوراللىق ئىنقىلاپچى، ھەربىي.  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسى يىغىن يېزىسىغا تەۋە سىمخانا دېگەن يەردە توغۇلغان. ئىمەندار قەبىلىسىنىڭ بېگى. 1928- يىلى سوۋېت ئتتىپاقىنىڭ فرونزى ( بىشكەك)  شەھەرىدىكى ھەربىي ئىنستىتۇتدا ئوقۇغان. 1935- يىلى گۇبېرناتور مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن پولكى كوماندىرى ۋە كېيىن برگادا كوماندىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 1942- يىلى مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇبېرناتورى شېڭ شىسەينىڭ قولغا ئېلىشىدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن  سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە 1944- يىل 16- نويابىردا ئىسھاقبېك ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفېتسىرى ئالىكساندىروۋ (تەخەللۇسى ئىسكەندەر) لار بىلەن 200 دىن ئارتوق شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان پارتىزان ئەترىتىنى باشلاپ باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلىغا كېلىپ، ھەرەمباغ ئۇرۇشى ۋە غۇلجىنى تولۇق ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان. كۆرە ئۇرۇشى ۋە جىڭ ئوپراتسىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ 107- نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن گېنېرال مايور ئىسھاقبېكقا گېنېرال لېيتېنانت ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1945- يىلى 22-  ئوكتەبىردىكى 114- نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن ئالىي ھەربىي كومىتېتى ئەزاسى بولغان. 1946- يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ مىللىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولغان. يەنە  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى،ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك ئامانلىق ساقلاش گارنىزونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى،شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە مەركىزىي تەشكىلىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. گېنېرال ئىسھاقبېك كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1949- يىلى ئاۋغۇستا ئىسھاقبېك مونونوۋ خىتاي كومپارتىيىسى ئاچماقچى بولغان يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيپىڭغا كېتىۋېتىپ ئاتالمىش ئايروپىلاپ ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا تاپقان.

(7) فاتې ئىۋانوۋىچ لېسىكىن (1913– 1970)   :رۇس، قوراللىق ئىنقىلابچى، ھەربىي.  روسىيە ئوكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىلىغا كەلگەن. كەڭساي ئەرتەي قاتناش بېكىتىنىڭ ئىنژېنېرى بولغان. 1944- يىلى ئۆكتەبردە ئۇ ئەرتەي پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللىگەن. كېيىن موگۇنتوۋ بىلەن لوسىگۇڭ پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللىگەن. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە مىللىي ئارمىيەدە پولك ۋە برگادا كوماندىرى، مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇۋەققەت باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پولكونىك دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋان بېرىلگەن. كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ش ت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوردېن-  مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن. 1953- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن. 1970- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالمۇتادا ۋاپات بولغان.

 

Share
2357 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.