logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ۋە پانتۈركىزم– پانئىسلامىزم


گىياھ

 پانتۈركىزم XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيە بۇرژۇئازلىرى ئارىسىدا ئۆسمان ئىمېرىيسىىنىڭ ئۆتمۇشتىكى شانۇشەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش مەخسىتىدە پەيدا بولغان بىر ئىدېئولوگىيە ئىقىمى بولۇپ، تۇركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇندۇرۇش، تۇركىيە دۆلىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر شىۋىنىزملىق نەزەرىيە.

       ھەر قايسى تۈركىي تىللىق دۆلەتلەردىكى پانتۈركىستلارنىڭ بىر مەزگىل ئېلىپ پائالىيەتلىرى مەزكۈر دۆلەتلەردىكى يەرلىك تۈرك مىللەتچلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۆچراپ، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشقانغا ئوخشاش سىياسىي مەۋقە مەسىلىسىدە گاڭگىراپ قالغان ( ھەم گومىنداڭچى ھەم پانتۈركىست بولماقچى)  مەسئوت سابىر باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم پانتۈركىستلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكەتلىرىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگىگەن.

       پانئىسلامىزم XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن دىنىي- سىياسىي ئېقىم. پانئىسلامىزم تەرەپدارلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ « بىرلىكى »، خەلىپە رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى ئىدىيىنى تەرغىپ قىلغان.

       پانئىسلامىزم تەرەپدارلىرى مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى ئاكتىپ تەرغىبات ئېلىپ بارغان. پانئىسلامىزمدا XIX  ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە شەرق خەلقلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش غايىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ مەلۇم ئىلغارلىق تەرەپلىرىمۇ بولغان. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ھەر قايسى شەرق ئەللىرىدىكى مىللەتچىلەر ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇش مەسىلىسىدە پانئىسلامىزمنى رەت قىلغان. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا پانئىسلامىزم  تەرەپدارلىرىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرى شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولمىغان. 

           يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ( مۇستەقىللىق ) ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ھېچقاچان پانتۈركىزم- پانئىسلامىزم ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئىسكەنجىىسىگە چۈشۈپ قالماي، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشتىن ئىبارەت باش ئىدىيىسىنىڭ يىتەكچىىلىكدە كۆرەش قىلدى ۋە كۆرەش قىلىپ كەلمەكتە. 

       شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قۇرغۇچىلىرىدىن سابىت داموللام ئابدۇباقى كامالى ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرالار پانتۈركىسىت- پانئىسلامىزمچىلار ئەمەس،بەلكى ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتچىلىرىدىن ئىدى. ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ پانتۈركىسىت- پانئىسلامىزمچى ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدىغان ھېچقانداق پاكىت ئاشكارلانمىدى. 1933 – يىلى12- نويابىردە ئاساسىي قانۇن ئاساسىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە سابىت داموللام يىتەكچىلىكىدە 1933- يىلى 24- فىۋېرالدا پارتىلىغان خۇتەن قوزغىلىڭىنىڭ مەھسۇلى. بۇ جۇمھۇرىيەت سابىت داموللام ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىق كىشلەرنىڭ ئەتراپلىق ۋە مۇكەممەل تەييارلىق قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ھېچقانداق چەت ئەل دۆلەتلىرىنى قۇترىتىشى ياكى پىلانلىشى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەت ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى خۇددى 1946- يىلى 1- ئېيول « شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت » نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىگە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئا قى شى ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىخۇادا ( ئۇرۇمچىدە)  تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىپ، بۇ « بىرلەشمە ھۆكۈمەت »نىڭ قۇرۇلغانلىقىغا شاھىت بولغاندەك بىر ئىش. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئۆز ئەلچىسىنى چەت ئەللەرگە ئەۋەتىشى ھەمدە « دۆلەت خېتى » ئارقىلىق تۈركىيە، ئافغانىستان، ئىران، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ، گېرمانىيە،فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئوقتۇرۇشى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر خىل نورمال ئەھۋال. (شەرقىيتۈركىستانئىسلامجۇمھۇرىيىتىھۆكۈمىتىنىڭچەتئەلدۆلەتلىرىبىلەنمۇناسىۋەتئورنىتىشپائالىيەتلىرىغادائىرمەلۇماتلار  سەيپىدىنئەزىزىنىڭ : « ئۆمۈرداستانى » ( ئەسلىمە 1) دىنئېلىندى. 1990- يىلنەشرى ). « مېنىڭ بىلىشىمچە، 1933– 1936- يىللاردا قەشقەردە تۈركىيىدە ئوقۇپ كەلگەن بەش- ئالتە  كىشى بولۇپ، بۇلاردىن قەشقەردىكى نو بېشى باشلانغۇچ مەكتەپتە يۇسۇپ ئەپەندى، سىبو مەكتەپتە ئابدۇرېھىم ھاجى،ئاتۇشتا مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىقلار تۇنجى قېتىم ئېچىلغان پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1936- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەقەسىدىن كېيىن، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يوقاتتى.» ( سەيدۇللاسەيپۇللايوف : « مەنشاھىتبولغانئىشلار »، 2005- يىلنەشرى). مەزكۈر جۇمھۇرىيەت تۇغرىسىدا  سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» يازغانلىرى بولسا ھېچقانداق تارىخىي پاكىتى يوق ئويدۈرما تۆھمەتلەردىن ئىبارەت، خالاس.

        شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇشنى باش نىشان قىلغان 1944– 1949- يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەممىىسى مۇستەقىللىق ئىدىيىسى بىلەن قۇراللانغان. ئۇلار تۈركىيەنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت قۇرۇش ياكى خەلىپە رەھبەرلىكىدىكى بىرلىككە كەلگەن مۇسۇلمان دۆلىتىنى قۇرۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان. قوراللىق كۆرەش بولغان رايونلاردا پانتۈركىسىتلىق– پانئىسلامىزملىق ئېقىملار، پانتۈركىست — پانئىسلامىزمچىلار مەۋجۇت بولمىغان.  1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىلغان بىر دۆلەت. جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرەمۇ پانتۈركىست– پانئىسلامىزمچىمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلغان بىر نەپەر جەڭگىۋار جەڭچى ئىدى. ئىنقىلاب ھارپىسىدا ۋە قوراللىق ئىنقىلاب دەۋردە ئېلىخان تۆرەنىڭ ئىسلامىيەت نۇقتىئىنەرەرىدىن چىقىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى ئىنقىلابقا سەپەرۋەر قىلىشتا ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېر- جەڭچىلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئاجايىپ ئىجابىي روللارنى ئوينىغان. بەزى كىشلەر ئۆزلىرى يازغان ماقالە- كىتابلىرىدا ئېلىخان تۆرەنىڭ مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابنى قۇتقۇزۇپ قىلىش مەقسىتىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت نامىدىن گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مابۇفاڭدىن ھەربىي ياردەم سۆراپ يازغان خېتىنى دەستەك قىلىپ،جۇمھۇر رەئىس ئېلىخان تۆرەگە بۆھتان چاپلاپ، ئۇنى  پانئىسلامىزمچى دەپ ئاتاشلىرى ئەيىنى دەۋردىكى تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ ئىش توغرىسىدا  سەيدۇللا سەيپۇللايوف  « مەن شاھىت بولغان ئىشلار » دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان : « 1945- يىلنىڭ باشلىرى بولسا كېرەك، ئېلىخان تۆرە گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ما بۇفاڭغا خەت يېزىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىپتۇ،دېگەن گەپلەرمۇ تارقالغان ( بۇ ئېلىخان تۆرىنىڭ ئىشى بولماستىن، كوللېكتىپ رەھبەرلىكنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن مەقسەتلىك يىزىلغان خەت».) ».  ئەگەر ئېلىخان تۆرە  بىر پانتۈركىسىت بولغان بولسا ئىدى،ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسولخانا خادىملىرى ئۇنى « ئازاتلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئاساسىي رەھبىرى قىلىپ تاللىمىغان بولاتتى، ھەمدە جۇمھۇر رەئىسى بولۇشىغا قوشۇلمىغان بولاتتى. بۇ مەسىلە ھەققىدە سەيدۇللا سەيپۇللايوف « شاھىت مەن شاھىت بولغان ئىشلار » دېگەن كىتابىدا « ئېلىخان تۆرە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادىمى،ئونداق بولمىغاندا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلىپىدە مەخپىي تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولالمايدۇ.» دەپ يازغان. ئېلىخان تۆرە نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى جۇڭخۋا مىنگو بىلەن « تىنچىلىق سۆھبەت » ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەجبۇرلىشىغا قوشۇلماي، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىنى ساقلاپ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بولغان. « ئېلىخان تۆرىنىڭ تىنچلىق بىتىمىگە قارشى چىقىشى تامامەن مۇمكىن، چۈنكى ئۇ 1944- يىلىدىن تارتىپ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. شۇنداقلا ئۇ گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشتا گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلسىمۇ، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن كوممۇنىزمغا قارشى شەخس ئىكەنلىكى شۈبھىسىز.»،« بەزى ماقالىلەردە ئۈچ ۋىلايەتتە پانتۈركىزمچىلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ×× يىلى پانتۈركىزمچىلارنىڭ ھەرىكىتى كۆچەيگەن، ئېلىخان تۆرە پانتۈركىست ئىدى، دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى پانتۈركىزمغا ۋە پانتۈركىستلارغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن، ھەتتا گۈمانلىق كىشلەر نازارەت قىلىنغان.» مەنشاھىتبولغانئىشلار » دىن ). ئەمەلىيەتتە،ئېلىخان تۆرەگە چاپلانغان پانتۈركىست– پانئىسلامىزمچى دېگەن نام بىر پاكىتسىز تۆھمەتتىن ئىبارەت،خالاس. ئېلىخان تۆرەگە چاپلانغان پانتۈركىسىت– پانئىسلامىزمچى دېگەن بۇ نام 1950- يىلدىن كېيىن سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى قىسمەن كىشلەرنىڭ غەرەزلىك سىياسىي ئويۇنىدىن ئىبارەت، خالاس. 

          1950-  يىلى غۇلجىدىكى « راخمانوفنىڭ پانتۈركىزملىق  تەشكىلاتى پاش قىلىندى »  دېگەنگە ھېچقانداق پاكىت يوق. 1952- يىلى رەھىمجان سابىرھاجىيوۋ، مەمەتنىيازقارى قاتارلىق بىر مۇنچە كىشلەر « پانتۈركىست » دەپ قارىلانغان. لېكىن بۇ ئىشلار ئۆز ۋاقتىدىلا خاتا دېلو دەپ ئاقىلىنىپ، ھەممىسىنىڭ نامى ئەسلىگەكەلتۈرۈلگەن. ( بۇمەلۇماتلار « مەنشاھىتبولغانئشلار » دىن ).

        1944– 1949- يىللاردىكى جۇشقۇن ئۇرغۇپ رىۋاجلانغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتى دەۋردىمۇ ھېچقانداق مىللىي روھى ۋە غۇرۇرى قۇزغالمىغان،گومىنداڭ ئەمەلدارى بولغان، كېيىن تۈركىيە چىقىپ كەتكەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىننىڭ يېڭى خۇجايىنى تۈركىيەنىڭ بېقىندىىسى بولۇش مەقسىتىدە توساتتىن ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ئۇرغۇپ،خەلقئارا ۋە تۈرك دۇنياسىدا بازىرى كاسسات « پانتۈركىزم » بايرىقى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مەلۇم بىر مەزگىل ئېلىپ بارغان« تەشۋىق ۋارىقى» تارقىتىشتەك پائالىيەتلىرىمۇ ئاخىرى نەتىجىسز ئاخىرلاشقان.

       ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ چەت ئەللەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پانتۈركىزم–پانئىسلامىزم ئىدىيىسىدىن خالى بولغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئازاتلىقى- ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلۋاتقان تەشكىلاتلاردۇر. بۈگۈنكى كۈندە ھەر قايسى تۈركىي تىللىق دۆلەتلاردىكى مىللەتچى ۋەتەنپەرۋەر سىياسىيونلاردىن ھېچكىم تۈركىيە ياكى بىرەر خەلپىلىك دۆلەتنىڭ بېقىدىسى بولۇپ ياشاشنى خالمىسا كېرەك.

                                                                                                                                          2019- يىل ئىيۇن ئېيى

Share
1055 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.