logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى

غالىپ ئىلى

1944- يىلدىكى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى بىلەن قۇرۇلغان  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى –  مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوۋنىڭ قوماندانلىقىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىستراتېگىيىلىك ئۇرۇش پىلانى بۇيىچە – ئۈچ فرونت بۇيىچە ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي شەرقىي تۈركىستاندىكى قوشۇنلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ غەلبىسىرى ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۇرۇمچىگە 140 كىلومېتر قالغان ۋاقىتتا 1945- يىلى  ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچ چوڭ دۆلەت باشلىقلىرى —  ستالىن، روزېۋېلت، چېرچىللەرنىڭ يالتا يىغىنىدا ستالىن ئۆزىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيەنى جۇڭخۇا منىگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىدۇرۇش ۋە خىتايدىكى مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى مەقسەت قىلغان ھالدا جياڭ جيېشىنىڭ روزېۋېلت ئارقىلىق يىغىندا ئوتتۇرغا قويۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە بېرىۋاتقان ھەربىي ياردىمىنى توختىتىش تەلىپىگە قوشۇلۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشىنى توختىتىشىنى قارار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى جۇڭخۇا منىگو ھۆكۈمىتى بىلەن « تىنچلىق سۆھبىتى » ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1945 – يىل 17 – دىكابىردىن باشلاپ سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى كونسۇللىرىنىڭ كېلىشتۇرۇشى بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭخۇا مىنگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى جاڭ  جىجۇڭ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۈ. سۆھبەت نەتىجىسىدە 1946 – يىل 2 – يانۋاردا«   11  ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى » ئىمزالىنىدۇ. « 11 ماددىللىق بىتىم » نىڭ ئىمزالىنىشى  شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇنقەرىز بولۇشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.  گەرچە « 11 ماددىللىق بىتىم » دىكى بەلگىلىمىلەر بۇيىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ « ئۆلكىلىك بىرلەشمە » قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى باشتىن – ئاياغ ئۆز مىللىي ئارمىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسلىدىكى مەمۇرىيىتى ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىۋاتقان مەمۇرىيەت بىرلىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋىتىش كويىدا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، 1949- يىلى ئىيوندا موسكۋادا ليۇ شاۋچى باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۇتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە ستالىن يالتا يىغىنىدا بەرگەن ۋەدىسىگە « سادىق»  بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلماي، چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى بەلگىلىگەن تۈركىستان ( ئوتتۇرا ئاسىيا) تۈركلىرىنىڭ خەۋبىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پۈتكۈل تۈركىستان تۈركلىرىنى غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە روسىيە ۋە خىتاي دۆلەتلىرى ئايرىم- ئايرىم ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بولغان چارروسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە ۋارسلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۇنجۇقتۇرۋېتىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن  ستالىن شەرقىي تۈركىستاننى پات ئارىدا قۇرۇلماقچى بولىۋاتقان  جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتى  تېررىتوريىسىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇشىغا قوشۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى موسكىۋادا بىرتەرەپ بولغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي،  1949- يىلى 27-  ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك مۇنونوۋ، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى گېنېرال مايور دەللىقان سۇگۇربايوۋ  ۋە « شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ « يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتى» نىڭ مۇدىرى ماۋزېدوڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «   يېڭى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى » غا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيپىڭغا قىلغان سەپىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت تېررىتوريىسى ئىچىدىن ئۆتكەندە ئۆمەكدىكى بارلىق  ۋەكىللەر ۋە خىزمەتچى خادىملار كىشلەرنى شۈبھىلەندۈرگەن ھالدا توساتتىن قازا تاپتى.

بۇ « قازا» دىن ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسىنى ياخشى چۈشەنگەن، ئۈچ كىشلىك ئۆمەكنىڭ باشلىقى سەيپىدىن ئەزىزى  بېيپىڭدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ ھىچ قانداق قارارىسىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار– ئەمىلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيە قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا بىرتەرەپ قىلدى.   ھاتتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى بىر چەتكە چۆرۈۋېتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى ماۋزېدۇڭغا سۇندى. ( سەيپىدىن ئەزىزى : « ئۆمۈر داستانى » ( ئەسلىمە 2) دىكى مەلۇمات) . بۇ ئۆمەكنىڭ بېيپىڭدە بېجىرگەن خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بېيپىڭ دائىرلىرىنىڭ نەزىرىدە « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى » دېگەن شەيئى مەۋجۇت بولماي قالدى.

شۇنىڭ بىلەن ، ستالىننىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېرشكەن خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى 1949-  يىلى ئۆكتەبردە شەرقىي تۈركىستانغا  تاجاۋۇز قىلىپ كېرىپ،1950- يىلنىڭ بىشىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. شۇندىن كېيىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ئىچىدە تەنھا ئايدەك پارلاپ ، دۇنيادا بەش  يىل مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇنقەرىز بولۇپ ، شەرقىي تۈركىستان يېڭى بىر مۇستەملىكىچى– خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پرولېتارىيات دىكتاتورلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى.

لېكىن، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىگە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى سېپىپ كەتكەن مۇستەقىللىق ئۇرۇقلىرىنىڭ ئۇندۈرمە بولۇشلىرى ئەسىرلەر بۇيى ئۆلمىدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئىستىقلالىيەتكە بولغان ئارزۇ- ئۇمىت يالقۇنلىرى زادىلا ئۆچمىدى ،بەلكى بارغانسىرى يالقۇنجاپ بارماقتا.

قىسقىسى، غەلبىسىرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جەڭگىۋار مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەگە ئىگە ۋە ھەر قايسى يەرلىك مىللەت خەلقلەرنىڭ كەڭ ۋە قۇدرەتلىك ھىمايىسىگە ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەپلىرىنى بىر تەرەپتىن ستالىننىڭ ئۆزى قوللىغان ۋە ھەربىي جەھەتتە ياردەم قىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا  ئاسىيلىق قىلىشى؛ يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي  مۇستەقىللىق (ئازادلىق) ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى كونتروللىقىدا بولۇشى ۋە ئۇنڭىغا تايىنىپ قىلىشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىكىنىڭ سوۋېت مايىللىرىنىڭ قولغا ئۆتوپ كەتكەنلىكى؛ بۇ كىشلەرنىڭ خىتاي تارىخى ۋە ھەر قايسى دەۋرلەردىكى تاجاۋۇزچى-  مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا بولغان تارىخى بىلىمى، چۈشەنچە، تونۇشلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىقىقا بولغان تارىخى بىلىمى، چۈشەنچە، تونۇشلىرىنىڭ ئەتراپلىق،چوڭقۇر، يىتەرلىك بولماسلىقى؛ ئۇلارنىڭ شۇ دەۋردىكى خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيەتلىرىگە بولغان تونۇشىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىگە بولغان پەرەزلىرىنىڭ ئىلمىي ھەمدە تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا قۇرۇلمىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ  كىشلىك مەپكۇرىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانلىرىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

______________________

پايدىلانغان كىتاپلار ۋە ماقالىلار :

كىتابلار :

« ئەخمەتجان ئەپەندىنى ئەسلەيمەن » (  1- ۋە 2- كىتابلار )، ماھىنۇر قاسىم ، مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ 2014 – يىل 8 – ئاي 1- نەشىرى

« شانلىق مىللىي ئارمىيە » ( خەنزۇچە، «军族民的荣光»(ۋېى جۋاڭ، خەلق  ئازاتلىق ئارمىيىسى ئەدەبىيات-  سەنئەت نەشىرىياتىنىڭ 2015 –  يىل 1 – ئاي نەشرى

« شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى » ،  شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش- تەھرىرلەش كومىتىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1995- يىل 8 – ئاي  1- نەشرى       

« مەن شاھىت بولغان ئىشلار »، سەيدۇللا سەيىپۇللا ،  شىنجاڭ ياشلار-  ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ 2005 – يىل 6-  ئاي نەشرى

« ئۆمۈر داستانى » ( ئەسلىمە 2 ) ، سەيىپىدىن ئەزىزى ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 1990- يىل 12- ئاي 1- نەشرى

ماقالىلار  :

« ھاياتىمدىن خاتىرىلەر » ، ئەنۋەر خانبابا، « شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » ( 40) دىن ، 228- 375 –  بەتلەر، ج خ س م

كېڭىشى ش ئو ئا ر كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللىرى ھەيئىتى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1996 – يىلى 5- ئاي 1-  نەشرى                                       

                                                                                           2020- يىلى ئاۋغۇست —  ئوكتەبر ئايلىرى

 

Share
274 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.