logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئازاد ئۈچ ۋىلايىتى

                 شەرقىي تۈركىستان ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ چېۋەر داھىيسى ئەخمەتجان قاسىمى

 

غالىپ ئىلى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى يەر كۆلىمى 280 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدىغان  ئۈچ ۋىلايىتىدە ماكانلاشقان 700 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ھەر قايسى يەرلىك مىللەت خەلقلىرى —  ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، رۇس، تۇڭگان، قىرغىز،تاتار، ئۆزبېك، شىبە، داغۇر (سۇلۇن) ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەت خەلقلىرى، ھەر قايسى سىنىپ، ھەر  قايسى ساھە،  ھەر قايسى تەبىقە- قاتلاملار ۋە دىنىي زاتلارنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك سەپ قۇرۇپ، ئورتاق دۈشمەن —   تاجاۋۇزچى جۇڭخۇا مىنگونىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەبىت مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بۇ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش مەقسىتىدە قوزغالغان قوراللىق مىللىي مۇستەقىللىق ( ئازادلىق)  ئىنقىلابىنىڭ (مىللىي ھەرىكىتىنىڭ) ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان بىر دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت  ۋە ھۆكۈمەت.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ « ھۆكۈمەت خىتابنامىسى » نى ئېلان قىلغاندىن

كېيىن جۇمھۇر رەئىسلىرى ئېلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ چېۋەر رەھبەرلىكىدە مەزكۇر دۆلەتنى بۇ خىتابنامىدىكى ماددىلار بۇيىچە دۆلەت ھوقۇقى ۋە مەمۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىپ، ئاسىيانىڭ مەركىزىي–  شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان دەسلەپكى قەدەمدىكى بىر دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى « ھۆكۈمەت خىتابنامىسى » غا ئاساسەن ئۆز ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزۈپ سىستېمىلىق ھالدا قەدەممۇ قەدەم دۆلەت تۈزۈلمىسىگە دائىر بولغان بىر قاتار مۇھىم ئىشلارنى قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىر يۈرۈش دۆلەت ھاكىمىيەت سىستېمىسى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھاكىمىيەتلىرى قۇرۇلىدۇ. ھاكىمىيەت قانۇن ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا يۈرگۈزۈلىدۇ. دۆلەت ئارمىيەسى —  مىللىي ئارمىيە، سوت، پىروكۇراتورا ۋە ساقچى ئورۇنلىرى قۇرۇلىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. ھەر مىللەت خەلقى ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولىدۇ. ھاكىمىيەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نادىر ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارلىرىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خەلققە جاۋابكار بولۇپ ئۆز خىزمەتلىرىنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيدۇ.  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۆز خىتابنامىسىدا « ھەممە مىللەت ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن شوئارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى تەكىتلەيدۇ.  مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق سۆز – ھەرىكەتنى چەكلەيدۇ ۋە قانۇنىي چارە كۆرۈلىدۇ. يەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ياخشى بولىدۇ. ھەر قايسى يەرلىك مىللەت خەلقلىرى ئۆزئارا ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان.

ئازاد ئۈچ ۋىلايەتتە دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق يۈكسىلىد . ئەمگەكچى خەلقنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ باجنى %50  كېمەيتىش، باج تۆلەشكە قۇربىتى يەتمىگەن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ سېلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى بەلگىلەيدۇ. 1948- يىلغا كەلگەندە ھەر خىل باجلار %50 كېمەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن دېھقانلارغا دېھقانچىلىق قورال – سايمانلىرى، ئات – كالا ۋە ئۇرۇق تارقىتىپ بىرىدۇ. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىك بانكىسىنى تەسىس قىلىپ بانكا ئارقىلىق دېھقانلارغا قەرز پۇل تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا يار – يۆلەكتە بولىدۇ. يېرى يوق دېھقانلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. تېرىلغۇ يەر مەيدانى 1944- يىلغا قارىغاندا يېرىم  ھەسسە كۆپىيىدۇ.

شەھەرلەردە بازار ئىگىلىكى راۋاجلىنىدۇ ، سودا- سانائەت يۈكسىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ يېزا – شەھەر خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشى مۇقىملىشىدۇ ۋە ياخشىلىشىدۇ. 1948- يىلى غۇلجىدا ئاشلىق ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا  كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئۈرۈمچىگە نىسپەتەن 5 باراۋەردىن 12 باراۋارگىچە ئازىيىدۇ.

مەدەنىيەت –  مائارىپ  ۋە  سەھىيە ئىشلىرى بىر قەدەر جۇشقۇن ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىدۇ. 1948- يىلدىن 1949- يىلغىچە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان خىراجەت نىسبىتى دۆلەت ئومۇمىي خىراجەت نىسبىتىنىڭ % 33  نى تەشكىل قىلىدۇ.

مائارىپ جەھەتتە باشلانغۇچ – تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر كۆپەيتىلىدۇ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن ھەر مىللەت بالىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى ئۆز تىلىدا ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر قۇرۇلىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەر يېزىقىدىكى دەرسلىكلەر تۈزۈلىدۇ. جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تولۇقلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 1948– 1949 – ئوقۇش يىلىغا كەلگەندە ئازاد ئۈچ ۋىلايەتتە يەنى ئىلى، تارباغاتاي  ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە 545 باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ، 1830 سىنىپ، 56 مىڭ 900  نەپەر ئوقۇغۇچى، 2059 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچى بار بولىدۇ. ( ئەنۋەر خانبابا : «  ئۈچ ۋىلايەت  ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مائارىپ ئەھۋالى » دىكى مەلۇمات )  ھەر ساھەدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان مەكتەپلەر قۇرۇلىدۇ. ساۋاتسىزلىقنى يوقىتىش خىزمىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ. 1949-  يىلىغا كەلگەندە ئازاد ئۈچ ۋىلايەتتە ساۋاتلىقلارنىڭ سانى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ  70% دىن ئېشىپ كېتىدۇ. ( سەيپىدىن ئەزىزى : « ئۆمۈر داستانى »، (ئەسلىمە 2) دىكى مەلۇمات )

مەدەنىيەت جەھەتتىن ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە سەنئەت ئۆمەكلىرى قۇرۇلىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى قۇرۇلۇپ مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىي قىلىدۇ. ھەر جايلاردا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرى قۇرۇلىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق، رۇس ، موڭغۇل ۋە شىبە قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىدا گېزىت-  ژۇرناللار نەشر قىلىنىدۇ. شەھەر ۋە ناھىيەلەردە ئاممىۋىي كۇتۇپخانىلار ۋە كىنوخانىلار قۇرۇلىدۇ.

سەھىيە جەھەتتىن شەھەر – ناھىيەلەردە يېڭىدىن دوختۇرخانىلار ، يېزا – قىشلاقلاردا تېببىي پونكىتلار قۇرۇلىدۇ. ھەقسىز دوختۇرغا كۆرۈنۈش يولغا قويۇلىدۇ. ھەر مىللەت خەلقنىڭ سالامەتلىك سۈپىتى تاجاۋۇزچى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا نىسبەتەن كۆپ ياخشىلىنىدۇ. قىسقىسى، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىن ئىبارەت بۇ مۇستەقىل رايوندا ھەر ساھەدە دەسلەپكى گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىدۇ.

1949- يىلغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئېسىل ئەزىمەت پەرزەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەت ئارمىيەسى —  مىللىي ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ ئىستېداتلىق قوماندان-  كوماندىرلىرى، ھەربىي ئايروپىلان، تانكا- بورۇۋنىك، زەمبىرەك، زېنىت توپ ۋە ھەربىي ئاپتوموبىل قاتارلىق بىر قەدەر زامانىۋى قۇرال – ياراق، ھەربىي ئۈسكۈنە – ئەشيالار ۋە مىڭلىغان ھەربىي ئات، ھەربىي قاتناش ۋاسىتىلىرى ھەمدە ھەربىي گوسپىتال (ھەربىي دوختۇرخانا) قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇكەممەل ھەربىي لازىمەتلىكلەرگە ئىگە بولغان  يۈكسەك ھەربىي ئىنتىزاملىق جەڭگىۋار ۋە قەيسەر بولغان 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە مۇنتىزىم ئارمىيە بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

1947- يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قايتىدىن مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنى غۇلجىغا مەخپىي ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ مەخپىي بەلگىسى «  ئەخمەتجان قاسىمى 2 –  ئىشخانىسى » دەپ بېكىتىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلابى داۋام قىلغان قىسقىغىنا بەش يىل جەريانىدا مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە نۇرغۇنلىغان كادىرلار تەربىيەلىنىپ چىقىدۇ. بۇ كادىرلار جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئۆزى كادىرلار بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. بۇ جەرياندا داڭلىق سىياسىي ئەربابلار، داڭلىق قوماندانلار، باتۇر ئوفىتسېر – جەڭچىلەر ۋە پىدائىيلار، خەلق ئۈچ ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان ئىلغارلار، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋە تېببىي خادىملار يېتىشىپ چىقىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىرى ئېلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ بىر بىلىملىك، تەدبىرلىك، تەجرىبىلىك، قابىلىيەتلىك دىپلومات ۋە پىشقان سىياسىيون رەھبەرلەر ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان  قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىساد، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ۋە ھەربىي جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەر–  ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تامامەن ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوخشاش بۇ مۇقەددەس زېمىندا بۈيۈك دۆلەت قۇرۇپ ئۇنى ھەر جەھەتتىن راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

       ئەخمەتجان قاسىمى ۋە بىر قىسىم تۆھپىكارلارنىڭ بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى (1949– يىلى)

 

پايدىلانغان كىتابلار ۋە ماقالىلەر :

كىتابلار :

« ئەخمەتجان ئەپەندىنى ئەسلەيمەن » (  1- ۋە 2- كىتابلار )، ماھىنۇر قاسىم ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 2014 – يىل 8 – ئاي 1- نەشرى

« شانلىق مىللىي ئارمىيە » ( خەنزۇچە، «军族民的荣光»(ۋېى جۋاڭ، خەلق  ئازادلىق ئارمىيەسى ئەدەبىيات–  سەنئەت نەشرىياتىنىڭ 2015 –  يىل 1 – ئاي نەشرى

« شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى » ،  شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش- تەھرىرلەش كومىتېتى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1995- يىل 8 – ئاي  1- نەشرى

« مەن شاھىت بولغان ئىشلار »، سەيدۇللا سەيپۇللا ،  شىنجاڭ ياشلار– ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ 2005 – يىل 6-  ئاي نەشرى

« ئۆمۈر داستانى » ( ئەسلىمە 2 ) ، سەيپىدىن ئەزىزى ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 1990- يىل 12- ئاي 1- نەشرى

ماقالىلەر ؛

« ھاياتىمدىن خاتىرىلەر » ، ئەنۋەر خانبابا، « شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » ( 40) دىن ، 228 – 375 –  بەتلەر، ج خ س م كېڭىشى

ش ئو ئا ر كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللىرى ھەيئىتى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1996 – يىلى 5- ئاي 1-  نەشرى            

«  ئۈچ ۋىلايەت  ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مائارىپ ئەھۋالى » ئەنۋەر خانبابا،« شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » (45) دىن ،193– 208 -بەتلەر، ج خ س م كېڭىشى ش ئو ئا ر كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللىرى ھەيئىتى ، 2003- يىلى

Share
855 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.