logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتى تەرپىدىن تارقىتىلغان سانلىق مەلۇمات

sherqiy_turkistan-400x355
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نۇپۇس 23مىلىيۇن 225مىڭ 400 ئۇيغۇرلار نىڭ نۇپۇسى 11مىلىيۇن 271مىڭ 900ئىگىلىگەن نىسبىتى 48.53% خەنزۇلارنىڭ نۇپۇسى 8مىليون 595مىڭ 100ئىگىلىگەن نىسبىتى 37.01%دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتايچە سۇمۇرۇغ تورى يېقىندا ئىلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان نۇپۇس ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى شەھەر ۋىلايەتلەرنىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى
نۇپۇسى 3مىلىيون 530مىڭ ،خىتاينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 74.91%,ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 25.09%. دىمەك ئۈرۈمچىدە خىتاي كۆپ.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
نۇپۇسى 3مىليون 9مىڭ 100،خىتاي 1مىلىيۇن 100مىڭ ،ئىگىلىگەن نىسبىتى 36.6%ئاز سانلىق مىللەتلەر نىڭ نىسبىتى 63.4%،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 774مىڭ ،قازاقلار 634مىڭ.قازاقلاردىن ئۇيغۇر كۆپ.
قەشقەر ۋىلايىتى
نۇپۇسى 4مىلىيون 448مىڭ ،ئۇيغۇرلار 4مىليون 125مىڭ ،ئىگىلىگەن نىسبىتى 91.92%خىتاينىڭ 296مىڭ 907،ئىگىلىگەن نىسبىتى 6.62%،باشقا ئاز سانلىق مىللەت 1.46%.قەشقەر ۋىلايىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇپۇسى ئەڭ كۆپ ۋىلايەت بولۇپ ،شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ كۆپ ناھىيە يەكەننىڭ نۇپۇسىلا 1مىلىيون ئەتراپىدا. شۇڭا يەكەننى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلانماقتا.
خوتەن ۋىلايىتى
نۇپۇسى 2مىلىيون 258مىڭ ،ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى 96.3%،خىتاي 3.5%،باشقىلار 0.2%. خوتەنگە 3مىليون خىتاينى2017 –يىلغىچە يۆتكەپ كېلىش پىلانى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خىتاي ئولكىلىرىگە ئۇيغۇرلارنى ئىشچىلىققا يۆتكەشنى تېزلاشتۇرۇپ زاپاس ئادەم كۈچى نىقابىدا خىتايلارنى يۆتكەش تېزلىتىلماقتا.
ئاقسۇ ۋىلايىتى
نۇپۇسى 2مىليون 530مىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى 77%،خىتاينىڭ نىسبىتى 23% بۇ رايونمۇ خىتاينىڭ نوپۇس يۆتكەش رايونى بولۇپ، خوتەن ، قەشقەردىن قالسا خىتايلاشتۇرۇش قەدىمى بېسىلىدىغان رايون.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى:
نۇپۇسى 576مىڭ 168,قىرغىزلار 154مىڭ ئۇيغۇرلار 371مىڭ ،خىتاي 42مىڭ .
بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى : نۇپۇسى 1مىلىيون 398مىڭ ،خىتاينىڭ 778مىڭ ،نىسبىتى 55.6%،ئازسانلىق مىللەتلەر 620مىڭ نىسبىتى 44.4%،ئۇيغۇرلار 483مىڭ ،ئىگىلىگەن نىسبىتى34.5%، موڭغۇللار 52مىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 3.8% خىتايلاشتۇرۇش قەدىمى ئاساسى جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ھىساپلىنىدۇ
قۇمۇل ۋىلايىتى : نۇپۇسى 616مىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى 31.9% بۇ رايونمۇ خىتايلاشتۇرۇش ئاساسى جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان رايون ھىساپلىنىدۇ.خىتاينىڭ سانى كۆپ، تولۇق ساننى كۆرستىلمىگەن
تۇرپان ۋىلايىتى:  نۇپۇسى 612مىڭ ئۇيغۇرلار 474مىڭ ،نىسبىتى 72.6%،خىتاينىڭ 138مىڭ نىسبىتى 21.2%خۈيزۇلار 39مىڭ نىسبىتى 5.9% تۇرپانمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ خىتايلاشتۇرۇش قەدىمى ئىشقا ئاشقان رايون.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 1مىليون 610مىڭ ،خىتاي 1مىليون: 26مىڭ ،ئىگىلىگەن نىسبىتى 72.6%،ئازسانلىق مىللەتلەر 386مىڭ ،نىسبىتى 27.4%،بۇنىڭ ئىچىدە خۈيزۇلار147مىڭ 10.4%،قازاقلار 146مىڭ 10.4%،ئۇيغۇرلار 67مىڭ نىسبىتى 4.8%.
ئوخشاشلا خىتاينىڭ خىتايلاشتۇرۇش قەدىمى ئىشقا ئاشقان رايون
بورتالا موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى :نۇپۇسى 490مىڭ ، 33% ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
قاراماي شەھىرى : نۇپۇسى 389مىڭ 794،خىتاينىڭ 221مىڭ، نىسبىتى 74.7%،ئازسانلىق مىللەتلەر 74مىڭ796، 25.3%
ئالتاي ۋىلايىتى نۇپۇسى 675مىڭ ،قازاقلار 353مىڭ417،نىسبىتى 52.29%،خىتاي 273مىڭ 216،نىسبىتى 40.51%باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر 48مىڭ 657،نىسبىتى 7.2%
تارباغاتاي ۋىلايىتى :نۇپۇسى 300مىڭ ،خىتاي 110مىڭ نىسبىتى 33.6%،ئازسانلىق مىللەتلەر 190مىڭ 63.4%،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 77مىڭ قازاقلار 63مىڭ.
ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى : بىڭتۈەندە 14دىۋىزىيە176تۈەن بار بولۇپ ،ئومۇمىي نۇپۇس 273مىڭ 290،شەرقىي تۈركىستان ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ 1.8%نى ئىگەللەيدۇ .37مىللەت بار ،ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نۇپۇسى 37مىڭ 540بىڭتۈەن نۇپۇسىنىڭ 13.9%نى ئىگەللەيدۇ

https://www.facebook.com/karakash.abdulcelil/posts/1163725280367813

Share
2816 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.

#

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتى تەرپىدىن تارقىتىلغان سانلىق مەلۇمات” için 1 yorum