logo

trugen jacn

دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قولىشى قانچىلىك دەرىجىگە بارالايدۇ؟

(AP Photo/Jacquelyn Martin)

نەزەر

(پارچە)

 

خەلقئارالىق قانۇن ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ۋەجىدىن دۇنيادىكى ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەر قايسى دۆلەتلەر نورمال ئەھۋالدا ئۆزئارا بىر-  بىرىنىڭ تېرىتورىيىلىك سۇۋېرېن ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىشىدۇ ھەمدە ھەر قانداق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بۇ مەسىلىگە دائىر ئىشلارغا چېتىلىپ قىلىشتىن ئامال بار ساقىلىنىشقا تىرىشىدۇ. دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تاشقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمۇ بۇ خەلقئارالىق مۇناسىۋەت رامكىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، دېمەكچى، بۇ دېموكراتىك دۆلەتلەر ئومۇمەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ  تېرىتورىيىلىك مەسىللىرىگە ئارىلاشمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۆزلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ كىشلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى پەقەت كىشلىك ھوقۇق دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، خالاس.

يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىن شۇنى خۇلاسىلاش مۇمكىنكى، بەزىبىر دۆلەتنىڭ پارچىلىپ يېڭى دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇتلەق ھالدا شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى  زىدىدىيەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مەزكۈر دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسىدىن بولغان. نەتىجىدە ب د ت نىڭ ئارىلىشى بىلەن كۆپ ئەھۋاللاردا يېڭى دۆلەتلەر پەيدا قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق مىللەتلەر ئارسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش ياكى كەسكىن زىددىيەتلەر ھەل قىلىنغان.

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇرەككەپ بىر جەريانلاردۇر. بۇ جەريانلارنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بار. نۆۋەتتە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئاساسەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگەللىۋېلىش ئارقىلىق چوڭ دۆلەتلارگە ئايلانغان. چوڭ دۆلەتلەردىكى بېسۋېلىنىغان زېمىنلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ قايتا مۇستەقىللىققا ئېرىشىش مەسىلىسى شۇ مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئىشى. بۇ مەسىلە پەقەت مەزكۈر دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىش دەرىجىسگە قاراپ ھەل بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت ھەل قىلىپ بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا باشقا دۆلەتلەردىن « بۇ زېمىندىكى خەلقىنىڭ  مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەملىشىش» نى تەلەپ قىلىشتەك ئىشلار ياكى شۇ دۆلەتلەردىن « بۇ زېمىننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلار ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق تەلەپ ۋە خام خياللاردىن ئىبارەت، خالاس. شۇنى چۈشۈنۈپ يېتىش كېرەككى، باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېسۋېلىنىغان خەلقلەر ئۆز مۇستەقىللىقلىرىنى جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق خەلقلەر ئۆز مۇستەقىللىقىنى چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلمايدۇ بەلكى پەقەت ئۆز تۇپرىقىدا دەسسەپ تۇرۇپ، قوراللىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، خالاس.

2022 – يىلى فېۋرال

 

Share
937 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.