logo

trugen jacn

دىندارلىق بىلەن سىياسەت ۋە زامانىۋىلىقنىڭ  مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

                                                                      نەزەر

 

شەيئىلەر ياكى ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدا پەقەت لوگىكىلىق باغلىنىش (مۇناسىۋەت) مەۋجۇت بولغاندىلا، ئاندىن بۇ شەيئىلەر ياكى ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت (باغلىنىش) شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيئىلەر ياكى ئۇقۇملارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ تەھلىل يۈرگۈزگىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا دىندارلىق بىلەن سىياسەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدا زىچ  لوگىكىلىق باغلىنىش مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن دىندارلىق بىلەن زامانىۋىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق لوگىكىلىق باغلىنىش مەۋجۇت ئەمەس.

دىندارلىق بولسا بىر شەخسنىڭ مۇئەييەن بىر دىنغا بولغان ئېتىقاد دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇقۇمدۇر. بۇ ئۇقۇم مەزكۇر شەخسنىڭ سىياسەت بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ. دىندارلىق بۇ كىشىنىڭ سىياسەت بىلەن ئارىلىشىشىغا توسقۇنلۇق ھاسىل قىلمايدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر دىن پەيدا بولۇشى بىلەنلا ئۆزى بەرپا بولغان جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن.  دىندار كىشىلەرمۇ ئۆزى خالىسا جەمئىيەتنىڭ سىياسەتلىرىگە ئارىلىشىپ، سىياسەتكە كۆڭۈل بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ  مۇكەممەل ۋە ئۈنۈملۈك دېموكراتىك دۆلەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئاتىلىرى تومېس جېففېرسون، جون ئەدېمس، بېنجامىن فىرانكلىن ۋە جورج ۋاشىنگتونلارمۇ ئىنتايىن دىندار كىشىلەر ئىدى. ئامېرىكىدا  مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ھەر قېتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق  قۇرۇلتايلىرىغا قاتناشقان جون ئەدېمس قۇرۇلتاي مەزگىللىرىدە ھەر يەكشەنبە كۈنى كەم دېگەندە ئىككى قېتىم چېركاۋغا ئىبادەت قىلىشقا باراتتى. جۈملىدىن ئىسلام دىنىنى ئالساق، ئىسلام دىنى تارىخىمۇ سىياسىي كۈرەش بىلەن تولغان بىر تارىخ.  ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ، ھەم مۇھىم بولغان سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرىمۇ سىياسىي كۈرەشنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇڭلاشقا دىندارلىق سىياسىي كۈرەشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت نۇقتىئىنەزەر توغرا بولمىغان بىر ئويدۇرما كۆز قاراشتۇر.  ئەركىن ئەپەندىنىڭ « دىندارلىق » ھەققىدىكى كۆز قارىشى دىندارلىقنى رەت قىلغان كۆز قاراش بولماستىن، پەقەت ھازىرقى ۋەزىيەتتە دىئاسپورادىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىڭ يىللاردىن بىرى شەكىللەنگەن ئۆزگىچە بولغان ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى تاشلاپ، باشقىچە ئىسلام ئۆرپ – ئادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان. ئەركىن ئەپەندىنىڭ دىندارلىق ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى « دىندارلىق سىياسىي كۈرەشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۆز قاراش » دەپ تونۇش بولسا ئەركىن ئەپەندىنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان كۆز قارىشىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەمدى، دىندارلىق زامانىۋىلىققا توسقۇنلۇق قىلامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، دىندارلىق بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق لوگىكىلىق باغلىنىش يوق. دۇنيادا ھازىرغىچە دىندارلىق زامانىۋىلىققا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەمەس، چۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور ھەسسە قوشقان نۇرغۇن كىشىلەر- ئالىملار دىندارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ئادەملەر بولغان ئىدى. بۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن تارىختا ئۆتكەن ئەبۇناسىر مۇھەممەد ئىبنى فارابى، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا ۋە ئالبېرت ئېينىشتېين قاتارلىق كىشىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى ئۇقۇمىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ تەھلىل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق، ئارتۇقچە بىر ئىش بولسا كېرەك. ئەركىن ئەپەندىم ئۆز كەسپى بويىچە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىسلام دىنىغا قاتتىق ئېتىقاد قىلىدىغان  بىر ئىخلاسمەن مۇسۇلمان ئۈممەتتۇر.

قىسقىسى، دىندارلىقنىڭ زامانىۋىلىققا ھېچقانداق توسقۇنلۇقى يوق بولۇپ، زامانىۋىلىققا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نەرسە دىندارلىق بولماستىن، بەلكى دۆلەت تۈزۈمىنىڭ قانداق بولۇشى زامانىۋىلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

2022- يىلى 24-  مارت

Share
978 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.