logo

trugen jacn

خىتاي يوشۇرغان تارىخ-2

 

تۇنيۇقۇق

خىتاي يوشۇرغان تارىخ -2

تۈلكە ئۆز ئېنىغا ئۈرسە قوتۇر بولۇر

 

خىتاي تارىخىنى ۋاراقلىساق تاكى 20- ئەسىرگىچە شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى دىھقان مىللەتلەرگە پادىشاھ بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. خىتاينى تۇنجى بولۇپ بىرلىككە كەلتۈرگەن چىن شىخۇاڭ غەربى شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەردىن ئىدى. چىن شىخۇاڭدىن باشلاپ سوقۇلغان سەددىچىن سىپىلى ھەر قايسى دەۋىرلەردە قايتا- قايتا ياسىلىپ ۋە تۇتاشتۇرۇلۇپ 5000 كىلومىتىر ئۇزۇنلۇققا يەتكەن بولسىمۇ، شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ تۆمۈر تاپانلىرىدىن قوغداپ قالالمىدى. ھونلاردىن كىيىن سىيانپىلار تاكى سۈي، تاڭ سۇلالىسىغىچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە 16 دۆلەت قۇردى. سۈي، تاڭ سۇلالىسى تۈركلەر، ئۇيغۇرلارغا بىقىندى بولۇپ ئۆتتى. ئاندىن قىتانلار لىياۋ سۇلالىسىنى، جۇرجىتلار جىن سۇلالىسىنى، موڭغۇللار يۈەن سۇلالىسىنى، جۇرجىتلارنىڭ ئەۋلادى مانجۇلار چىڭ سۇلالىسىنى قۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەر بولۇپ، نوپوس سانى ئاز، مەدەنىيىتى بەك تەرەققى قىلمىغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھ بولۇپ كەلگەن ئىدى.

جۇڭگونى تۇنجى قىتىم بىر لىككە كەلتۈرگەن چىن سۇلالىسىنىڭ تىرىتورىيەسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە جەنۇبى جۇڭگونىلا ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. چىن سۇلالىسىدىن كىيىن خەن سۇلالىسى قۇرۇلدى. خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغان خەنزۇلار 华夏خۇاشىيا دەپ ئاتىلاتتى، خەن سۇلالىسىدىن كىيىن ئاندىن خەن 汉 دەپ ئاتالغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خۇاشىيا中原华夏 دىگەننى خىتايچە قىسقارتسىڭىز 中华جۇڭخۇا بولىدۇ. دىمەك، ھازىرقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سۆز يىلتىزىدىن قارىغاندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ خەلق جۇمھۇرىيىتى دىگەنلىك بولىدۇ.

خىتايلار خەن سۇلالىسىدىن كىيىنكى تارىختا يەنە سۈي隋، تاڭ唐، سۇڭ宋، مىڭ 明سۇلالىلىرىنى قۇرغانلىقى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. سۈي سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ سىيانپىلار بولۇش ئىھتىمالى زور. خەنلەردىن بولغان تەقدىردىمۇ سۈي سۇلالىسى ئارانلا 38 يىل(581-619) ھۆكۈم سۈرۈپ، تۈركلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. سۇڭ سۇلالىسى(960-1279) قىتانلار، جۇرجىتلار، موڭغۇللار نىڭ بەسمۇ- بەس ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، باش كۆتۈرۈپ باقمىغان. مىڭ سۇلالىسى (1368- -1644 ) جۇ يۈەنجاڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان ”جۇ يۈەنجاڭنىڭ ئانىسى خۈيزۇ مۇسۇلمان ئىدى“ دىگەن خاتىرىلەر بار. مىڭ سۇلالىسى خىتاي تارىخىدا جەنۇبتىكىلەر شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ قۇرغان بىردىنبىر سۇلالە ھىسابلىنىدۇ. ئەمما مىڭ سۇلالىسنىڭ قوشۇنى بىز تەرەپكە يەتمىگەن، شۇڭا ئارتۇق سۆزلەنمەيدۇ.
مىلادى220 – يىلى خەن سۇلالىسى گۇمران بولۇپ، 500 يىلدىن كىيىن تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلدى. تاڭ سۇلالىسى قۇرغۇچىسى لى يۈەن ئەسلى سۈي سۇلالىسى تەييۈەن ئايمىقىنىڭ ئامبىلى ئىدى، لى يۈەننىڭ نەسەبى توغرىسىدا سىيانپى ئىدى دەيدىغانلار كۆپ. 617- يىلى لى يۈەن شەرقى تۈرك خاقانى سىۋارغاننى سۈي سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ :“ پۈتۈن بايلىقلار سىلىگە قالسۇن، بەگلىك بىلەن زىمىن ماڭا قالسۇن،“ دەپ بىقىندىلىق بىلدۈرۈپ مەكتۇپ ئەۋەتتى. سىۋارخان خۇشاللىق بىلەن لى يۈەننىڭ ئەلچىسى لىيۇ ۋىنجىڭغا 2000 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن، 1000 تۇياق ئات قوشۇپ يولغا سالدى. لى يۈەننىڭ بۆرىنى قوتانغا باشلايدىغان ساتقىنلىقى كىيىنكى دەۋىرلەردە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.1

618- يىلى تاڭ سۇلالىسى (618-907) قۇرۇلدى. پادىشاھ لى يۈەن ئۆزىنىڭ ساتقىنلىق تەپسىلاتىنى خەلقئالەم بىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن لىيۇ ۋىنجىڭنى ئۆلتۈردى. 2

627 – يىلى شەرقى تۈرك زىمىنىدا تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بىرىپ، نۇرغۇن چارۋا قىرىلىپ كەتتى، خەلق ئاچارچىلىقتا قالدى. شەرقى ئۇيغۇرلار باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە شەرقى تۈركلەرگە قارشى قوزغىلاڭ قىلدى. 630- يىلى تاڭ سۇلالىسى شەرقى تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلىپ غەلبە قازاندى، 100 مىڭ تۈركنى ئەسىر ئالدى. 639- يىلى 4- ئايدا كۇرشات لى شىمىننى گۆرۈگە ئىلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن خەلقىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تاڭ ئوردىسىغا بىسىپ كىردى. ئەمما پىلان ئەمەلگە ئاشماي، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇربان بولدى. 640- يىلى، لى شىمىن ئەسىر ئالغان تۈركلەردىن تەشكىللەنگەن قوشۇنغا ئاسىناتۇرنى سەركەردە قىلىپ، تۇرپاننى بىسىۋالدى. 644- يىلى قاراشەھەرنى بىسىۋالدى. 648- يىلى كۇچار، قەشقەر، خوتەن خانلىقلىرىنىمۇ بىسىۋالدى. 650- يىلىغا كەلگەندە تارىم ۋادىسى تۈركلەرنىڭ قولىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتتى. 657- يىلى كۈچاردا ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قۇرۇلدى.

تاڭ سۇلالىسى بىر نەچچە ئورۇندا قورۇقچى بەگ مەھكىمىلىرىنى قۇرغاندىن كىيىن، تارىم ۋادىسىغا ھەربىي دىھقان يۆتكەپ، چىگرا قوغدىماقچى بولدى. 742- يىلى قۇمۇلدا 2467 ئۆيلۈك، 11570 خىتاي بار ئىدى. تۇرپاندا 9016 ئۆيلۈك، 48476 نەپەر خىتاي بار ئىدى. جىمىساردا 2236 ئۆيلۈك، 9964 نەپەر خىتاي بار ئىدى. ئەنشى قورۇقچى مەھكىمىسىدە ئۈچ تۈمەن، تەڭرىتاغ ئەتراپىدا 3 تۈمەن قوشۇنى بار بولۇپ، يىغىپ كەلگەندە 100 مىڭدىن ئاشاتتى. 3

670- يىلى تىبەتلەر خوتەن، قەشقەر، كۇچار، قاراشەھەرنى بىسىۋالدى. 692- يىلى تاڭ سۇلالىسى قايتىدىن تارتىۋالدى. گەرچە ئارىلىقتا سەككىز تۈرك قاغان جان تىكىپ قارشىلىق بىلدۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسى ۋە تىبەتتىن تارىم ۋادىسىدىن قوغداپ قالماقچى بولسىمۇ، ئاجىز كەلدى.

50 يىللىق بىقىندىلىقتىن كىيىن،682 – يىلى ئىلتەرىش قاغان شەرقى تۈركلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. 697- يىلىدىن باشلاپ قارابالاساغۇندىكى شەرقى تۈركلەر تاڭ سۇلالىسى قىرالچىسىى ۋۇزىتىيەنگە ئېغىر سىلىقلارنى سالدى ۋە ھاقارەت قىلدى.4

717 – يىلى غەربى تۈركلەرنىڭ يىڭى قاغانى تۈركەش سۇلۇ قاغان ئەرەب ۋە تىبەت قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سوياپ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنى تاڭ سۇلالىسىدىن قايتۇرىۋالدى. ئۈچتۇرپان ۋە ئاقسۇ شەھەرلىرىنى قامال قىلدى. 720- يىلى سۇلۇ قاغان كۇچارنى قامال قىلدى، تارىم ۋادىسىكى خىتاي قوشۇنلىرىغا ئوموميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى. 5

751 – يىلى، قىرغىزىستانىڭ شىمالىدىكى تالاستا تاڭ سۇلالىسىگە قارشى ئابباسىيلار ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە تۈرك ئىتتىپاقداشلىرى چوڭ ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشتا تاڭ سۇلالىسى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى،650- يىلىدىن 100 يىل ئۆتۈپ تاڭ سۇلالىسى تۈركىستان زىمىنىدىن تولۇق قوغلاپ چىقىرىلدى. شۇنىڭدىن كىيىن مەيلى تاڭ سۇلالىسى بولسۇن، مەيلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانىدانلىقلىرى بولسۇن بۇ ۋەقەدىن كىيىن شەرقى تۈركىستان زىمىنىغا 1000 يىلىغىچە تاخاۋۇز قەدەملىرىنى باسالمىدى.

بۇ مەغلۇبىيەت سەۋەبلىك تاڭ سۇلالىسى ئىچىدە ئۆڭلۈك- سۆيگۈن توپىلىڭى قوزغالدى. 755- يىلى ئۆڭلۈك- سۆيگۈن توپىلىڭى قوزغالغاندا تاڭ سۇلالىسى ئورىۇن ئۇيغۇرلىردىن ياردەم سوراپ: “ پۈتۈن مال- دۇنيا، ئوغۇل- قىزلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ بولسۇن، زىمىن بىلەن بەگلىك بىزگە قالسۇن“ دەپ يەنە بىر قىتىم ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىگە ساتقىنلىق قىلدى. كىلىشىمگە ئاساسەن يابغۇ تىكىن 4000 كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن بىلەن ئىسيانچىلارنىڭ 100،000 كىشىلىك قوشۇنىغا ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، بىر كۈندىلا 60،000 ئادىمىنى يوقاتقان.6

ئۆڭلۈك- سۆيگۈن قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كىيىن، تاڭ سۇلالىسىى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بىقىندى بولدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارغا تۆلەيدىغان ناھايىتى زور بىقىندىلىق بىجى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي يىمىرىلىپ، زاۋاللىققا يۈزلەندى.

تارىختىن ئۈگۈتلەر:

1- ۋەتىنىمىز تۈركىستان خىتايلار يازغان راست- يالغان تارىخلار بويىچە خىتاي ئىستىلاسىدا خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدى – كەينى بولۇپ 90 يىل تۇردى. 500 يىلدىن كىيىنكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 100 يىل خىتاي ئىستىلاسىدا تۇردى دىسەكمۇ، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا نىسبەتەن 200 يىل دىگەن ھىچ گەپ ئەمەس.
2- ئەگەر خىتايلار 1000 يىل ئاۋال تۈركىستان زىمىنىدا قوشۇن تۇرغۇزغىنى سەۋەبلىك تۈركىستان زىمىنى خىتايلارنىڭ ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كىتىدىغان ئىش بولسا،خىتايلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ھاكىمىيەت تىكلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن خىتايلارغا ياشىغۇدەك يەر قالمىغان بولاتتى.
3- ئەسىر قىلىنغان شەرقى تۈركلەر ئىچىدىن ئاسىناتۇرغا ئوخشاش خائىنلارمۇ، كۇرشادغا ئوخشاش باتۇرلارمۇ چىققان. خىتايلار پۈتۈن جاھانغا پەخىرلىنىدىغان تاڭ سۇلالىسىدىن تەختىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى، ئوغۇل- قىزلىرىنى قوشۇپ سىتىۋىتىدىغان تاڭ گاۋزۇ لى يۈەن ۋە تاڭ سۇزۇڭ لى خىڭلار چىققان.
4- خىتاي ئىستىلاسى ھونلار ۋە تۈركلەر ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچراپ، ئىچكى قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردا ئاندىن خىتايلارغا پۇرسەت يارىتىلغان.
5- شەرقى،غەربى تۈركلەرنىڭ مەغلۇب بولۇش سەۋەبىگە قارىساق، ھەرگىزمۇ تاڭ سۇلالىسىگە تاقابىل تۇرالماي ئەمەس، بەلكى خىتايغا بولۇشۇپ بىر- بىرىگە قارشى چىققانلىقى، ئىتتىپاقلىقنى بۇزغانلىقى سەۋەبىدىن خار كۈنگە قالغان. تاڭ سۇلالىسى غەربى ۋە شەرقى تۈركلەرگە ئاساسلىقى يەنە تۈركلەردىن قوشۇن توپلاپ، ئۆز- ئارا جىدەلگە سىلىپ، ئوتتۇرىدىن پايدا ئالغان بولۇپ، يەكمۇ- يەك كەلگەن بولسا تاقابىل تۇرالمىغان بولاتتى.
6- تاڭ سۇلالىسى غەربكە ھەربىي دىھقان يۆتكەشنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، ئومومىي قوشۇن 100 مىڭدىن ئاشقان. 100 مىڭ دىگەن سان ئۇ دەۋىردە ئەمەس، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ خىلى چوڭ سان ھىسابلىنىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ خەلقىمىز يەنىلا ئۇلارغا باش ئەگمىگەن، قايتا- قايتا قوزغىلاڭ قىلىش، تۈركلەر بىرلىككە كىلىش ۋە ئەرەب ئابباسىيلار قوشۇنى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش نەتىجىسىدە تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارغان.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
1- ”ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى“ – سىماگۇاڭ 《资治通鉴》
2- تاڭ گاۋزۇنىڭ تۈركلەرگە بىقىندىلىق بىلدۈرگىنى توغرىسىدا- چىن يىنكى 陈寅恪《论唐高祖称臣于突厥事》
3- ”شىنجاڭدىكى مىللەتلەر:32 – شۆ زۇڭجىڭ 新疆民族 — 薛宗正
4- ئۇيغۇرلار:362- تۇرغۇن ئالماس
5- ئۇيغۇر يىلنامىسى:92 – مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا
6- ئۇيغۇرلار: 101 – لىيۇ زىشىياۋ

2018-1-8

Share
282 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.