logo

trugen jacn

خىتاي قەشقەردىكى بۈيۈك تۈرك ئالىمى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنى چېقىۋەتتى

پىروفېسسور دوكتور ئەكرەم باراك ئارېكئوغلۇ

 

مەھمۇت قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى

 

مەھمۇت قەشقەرى ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك ئەڭ ئاز 3000 يىللىق تۈرك كۈلتېرى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل تۈرك ئەللىرىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقىپ، تۈرك شېۋىلىرى لۇغىتىنى يېزىپ چىققان.

بۈگۈن ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلىغان ۋاقتىمىزدا، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئالىملارنىڭ ئەڭ چوڭى ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز. 11-ئەسىردە تۈرك دۇنياسىدىن يىغقان سۆزلەردىن تەشكىل تاپقان «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» ئارقىلىق 9000دىن ئارتۇق سۆزنىڭ كۈنىمىزگە يېتىپ كېلىشىگە ھەسسە قوشتى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسىنى توغرا شەكىلدە بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق.

مەھمۇت قەشقەرى ئەسىرىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، شۇ دەۋردىكى ئاباسىيە خەلىپىسى مۇقتەدىر بىئەمرۇللاھقا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، تۇغۇلغان يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، قەشقەرگە يېقىن ئوپال (ئويپال) دېگەن جايغا يەرلەشكەن ۋە ئۇ جايدا ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەدرىس ئېچىپ مۇدەررىسلىك قىلغان. مەھمۇت قەشقەرى 97 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، مەدرىسنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.

ئۇنىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش بىزگە نېسىپ بولدى. بۇ مازارلىقنىڭ كىرىش ئېغىزغا مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ناھايىتى يوغان ۋە ھەيۋەتلىك قىلىپ ياسالغان ھەيكىلى تىكلەنگەنىدى.

يېقىندا بىزگە فاشىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەيكەلنى چېقىۋەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى. مازارلىقتىكى قالغان يادىكارلىقلار ۋە مەھمۇت قەشقەرى قەبرىسىنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم.

2013-يىلى يانۋاردا قىرغىزىستان-تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم پىروفېسسور دوكتور ئىسمائىل دوغان بىلەن بىرلىكتە سۇنغان تۈر تەتقىقاتىمىز نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىمۇ-يېزا، مەھەللىمۇ-مەھەللە ئايلىنىپ چىقىش پۇرسىتىمىز بولدى. خىتاي فاشىزمى ۋە زۇلۇمى شۇ يىلدىن كېيىن ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇ تەتقىقات ساياھىتىمىز جەريانىدا مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قەبرىسىنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ يۈزلەرچە پارچە رەسىم تارتتۇق ۋە دۇئا قىلدۇق، ئۇ يەرگە مەسئۇل ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزدىن مەلۇمات ئالغانىدۇق. بۇ رەسىملەر ھازىرمۇ ئارخىپلىرىمىزدا تۇرماقتا.

گەرچە خىتاي مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنى چېقىۋەتكەن بولسىمۇ،لېكىن بىز تارتقان رەسىملەر ۋە باشقا رەسىملەر بۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخنىڭ شاھىتى بولىدۇ.

خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ مازىرىنى، يېنىدىكى مەسچىتنى، بەھەيۋەت ھەيكىلىنى ۋە ئۇ تىككەن دەپ قارالغان دەرەخ (ھاي-ھاي تىرەك)نى، يەنى مەھمۇت قەشقەرى مازىرى ئەتراپىدىكى بارلىق يادىكارلىقلارنى 2006-يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO)غا ئىلتىماس قىلىپ، بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كۇلتېر مىراسى قاتارىدا رويخەتكە ئالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇنى مەھمۇت قەشقەرى مازارلىقى ئىچىدە قاتۇرغان بىر تاشقا ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە قىلىپ يېزىپ، بۇ مازارلىقنىڭ خىتاي دۆلىتى ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر لەۋھە ئېسىپ، بۇ مازارلىقنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەرگەن ۋە بۇ ھەقتە دۇنياغا ۋەدە بەرگەنىدى. لېكىن خىتاي مازارلىقنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى چېقىپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىغا بەرگەن ۋەدىسىگە خىيانەت قىلدى.

بۇ لەۋھەنىڭ ئىنگلىزچىسىدە مۇنداق يېزىلغانىدى (يۇقىرىدىكى مېنىڭ رەسىمىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە):

THE NATİONAL CULTURAL RELİCS SPOT THE TOMB OF MAHMUD KASHGARİ

يېقىندا تاراتقۇلاردا تارقالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىغا جايلاشقان بۇ مازارلىق ھويلىسىدىكى مەھمۇت قەشقەرى ھەيكىلىنى چېقىۋەتكەن. مازارلىقتىكى قالغان يادىكارلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم.

خىتاي، تۈرك مىللىتىنىڭ بۇ مۇھىم ۋە بىباھا مىراسىنى يوق قىلىپ، تۈركلەرگە ۋە ئىنسانىيەتكە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق يېڭى بىر مەدەنىيەت بەرپا قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسا، خاتالاشقان بولىدۇ.

زۇلۇم بىلەن ئاۋات بولغاننىڭ ئاقىۋىتى بەربات بولىدۇ، زالىملارغا لەنەت بولسۇن!

ئەتراپىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، نەچچە ئەسىر ھاكىمىيىتىمىز ئاستىدا باشقۇرۇپ مەدەنىيەت بەرپا قىلغان، مېھرى-مۇھەببەت ۋە ئىنسانىيلىق ئېلىپ بارغان، دىنى، تىلى ۋە ھەممە نەرسىسىگە ھۆرمەت كۆرسىتىپ قول ئۇزاتمىغان، ئەكسىچە ئۇلارنى گۈللەندۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان بالقان رايونىدىكى ئەللەرنىڭمۇ خۇددى خىتايغا ئوخشاش يول تۇتقانلىقىغا ۋە ئوخشاش ئۇسلۇبنى قوللانغانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز. بېلگرادتا ئوسمانىيلار بەرپا قىلغان 250دىن ئارتۇق جامەدىن بۈگۈن ئاران بىرسى ساقلىنىپ قالدى. سوفيادا قۇرۇپ چىققان 200دىن ئارتۇق مەدرىس ۋە جامەلەردىن بۈگۈن پەقەت بىرسىلا ساقلىنىپ قالدى. فاشىست ھاكىمىيەتلەر بەرپا قىلىنغان مەدەنىيەتلەرنى يەريەكسان قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئوپچە قەتلى قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە مازارلىقلىرىدىن تارتىپ ئىبادەتخانلىرىغىچە، ھەتتا كۆۋرۈكلەرنى ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلماقتا. چۈنكى ئۇلار فاشىست ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق مەدەنىيەتلەرنى بىر خىللاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ تارىخى ۋە كۇلتېرىدىن ئايرىپ تاشلاش ئارقىلىق ماڭقۇرتلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.

تۇران يىگىتلىرى تەرىپىدىن بىر كۈنى ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل بولغان شەرقىي تۈركىستاندا چىقىپ تاشلانغان مەھمۇت قەشقەرى ھەيكىلىنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك بولغان ھەيكىلى تىكلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل.

شەرقىي تۈركىستان پات يېقىندا چوقۇم ھۆر بولىدۇ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئەركىن لەپىلدەيدۇ، بۇنىڭغا ئىمانىمىز كامىل.

ئاللاھ تۈركلەرگە يار بولغاي، شەرقىي تۈركىستان بار بولغاي!

مەنبە: پىروفېسسور دوكتور ئەكرەم باراك ئارېكئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇسى.

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: باتۇر قاراخانلې

 

Share
250 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.