logo

trugen jacn

خىتاينى زاۋاللىق يۈزلەندۈرىدىغان ئۈچ چوڭ ھادىسە

 

ت. ئوسمان قارائالتۇن

تارىخنىڭ ئىنسانلارغا ئۈگەتكەن ئەڭ بۈيۈك دەرىسى تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىدۇر. تارىختىن بۇيانقى بولۇپ ئۆتكەن كۈچلۈك ئىمپىرىيە ۋە خانىدانلىقلار ھەرقېتىم پۈتۈن ھوقۇقنى يەككە بىر شەخىسكە تاپشۇرغاندىن باشلاپ ھالاكەتكە يۈزلەنگەن. خىتايلارمۇ بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. تىخى يىقىنقى زامان خىتاي تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ماۋ جاللاتنىڭ ھوقۇقنى يالغۇز چاڭگىلىغا ئىلىۋىلىپ پۈتۈن خىتاينى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە چوڭ ئاچارچىلىقتتەك سورۇقچىلىقلارغا سىلىپ، مىلىيونلىغان خىتايلارنىڭ بىگۇناھ جىنىغا زامىن بولۇش بىلەن بىرۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. دىڭ جاللات بۇنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەچكە، ھوقۇق قولغا ئۆتكەندە، خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پەقەت ئىككى نۆۋەتلا ۋەزىپە ئۆتەش چىكىنى بەلگىلىگەن. ئاساسىي مەقسىتى بولسا يەنە بىر ماۋ قالايمىقانچىلىقى چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىدى. ھالابۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ يىل شى جاللات ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش چىكىنى بىكار قىلىۋەتتى. خىتاي يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىق سورىنىدىكى يىزىلمىغان قائىدە بويىچە 68ياشقا كىرگەنلەر پىنسىيەگە چىقاتتى. ئەمما شى جاللات بۇ قائىدىنىمۇ بۇزۇپ، ئاتالمىش “پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش پائالىيتى”دىكى سەردارى ۋاڭچىشەننى پىنسىيەگە چىقارماي، مۇۋىن رەئىسلىكىگە قويدى. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسىدى ئۆز شايكىلىرىغا ھوقۇق بىرىپ، بوينىنى كۈچلەندۈرۈش بولسا، يەنە بىرى كومپارتىيە ئىچىدە شى جاللاتقا يوشۇرۇن بويۇنتاۋلىق قىلىدىغانلارنىڭ يەنىلا بار ئىكەنلىكى ۋە ئۇلاردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئەمما ، شى جاللات خىتايدىكى پۈتۈن ھوقۇقنى ئاساسەن چاڭگىلىغا ئىلىپ بولدى. ئۇنداقتا، خىتايلار نىمە ئۈچۈن تارىخنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇنىڭغا يول قويىدۇ؟
بۇ خىتايلارنىڭ ئىڭى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ماۋ جاللات 35 مىليون خىتاينىڭ بىشىغا چىققان تۇرۇپمۇ يەنىلا مەدھىلىنىدۇ. مىڭلىغان خىتاي ئىستۇدىنتلار تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئوت ئاچار ۋە تانكىلارنىڭ ئاستىدا قەتلى قىلىنغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى سىتۇدىنتلار يەنىلا خىتاي كومپارتىيەسى تەرەپدارلىرى. دىڭ جاللات ئىيىتقان “ئاق مۈشۈكۈم قارا مۈشۈكۈم، چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈكۈم” دىگەن سۆزىدىكى ئاق-قارا مۈشۈكنىڭ رەڭگىگە ئەمەس، ھەرىكىتىگە سىمۋۇل قىلىنغان، بۇ يەردىكى مۈشۈك دەل كومپارتىيەدۇر. كومپارتىيە بىگۇناھ خىتاي خەلقىنى قەتلى قىلامدۇ، ئاتامدۇ-چاپامدۇ بەرىبىر، پەقەت خىتايلارنىڭ يەنچۇقىنى توملىتىشقا سورۇن ھازىرلاپ بەرسىلا ۋە يول قويسا يەنىلا ياخشى مۈشۈكتۇر. بۇ ياخشى مۈشۈك بىرقانچە يوقىرى قاتلام خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بولسىمۇ ياكى شى جاللاتتەك بىرلا بولسىمۇ خىتايلار ئۈچۈن بەرىبىر، پەقەت ۋە پەقەت بۇ مۈشۈك چۈشقان تۇتسىلا. بۇنىڭدىن بىز بىر نۇقتىنى چوڭقۇر ھىس قىلالايمىز، ئىككى قولى مىليونلارچە بىگۇناھ خەلقنىڭ قىنى بىلەن بويالغان خىتاينىڭ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەت، پارتىيە، دۆلەت ۋە داھى دىگەن تۆت ئۇقۇم بىر ئۇقۇمغا ئايلانغان خىتاينىڭ بىر ئەجەللىك ئاجىزلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىقتىساد ئامىلىيدۇر. ئەگەر شى جاللات ئىقتىسادىي ئىشىشنى ساقلاپ قالمايدىكەن، تويماس، بالاخور ئوتتورا قاتلام خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشىپ بىرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەشنالىقىنى قاندۇرمايدىكەن، خىتاي كومپارتىيسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلگىچە تەخىتتىن چۈشىدۇ. بۇ قىرى قاقۋاش جاھانگىر ئامېرىكا ۋە ئىتىپاقداشلىرى شۇنداقلا شى جاللاتمۇ مەسلىھەتچىلىرى ئارقىلىق ئوبدان تونۇپ يىتىگلىك. يىڭى يىپەك يولى تۈرى “بىر يول، بىر بەلۋاغ” قۇرۇلىشى دەل مۇشۇ ئىھتىياج ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. شى جاللات بۇ غايەت زور قۇرۇلۇش تەكلىۋىنى يىڭى تەخىتكە چىقىپلا ئىلگىرى-كىيىن بىر ئايلا پەرق بىلەن قازاقىستان ۋە ھىندۇنىزىيەدە 2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قارا نيتىنى ئاشكارلىدى. ئەمما خىتاينىڭ يولغا قويۇشقا پىتىنالمىغان يەنە بىر دۇنياۋىي قارا پىلانى ، شى جاللات رەقىبلىرىنى تىخى تازلاپ بولمىغاچقا ۋاقىتلىق كەينىگە سۈردۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاشكارا مەخپىيەتلىك ئىدى، ئۇ بولسىمۇ نىفىت يۈئەنى.بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ ئەينى يىللىرى كۈتكىنىدەك ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن. قىرى جاھانگىرلار خىتاينىڭ قارا نىيتىنى بىلىپ قالدى. ئەگەر ۋاقتىدا تەندبىر قوللانمىسا يەۋاتقان نىنى كىچىكلەپ كىتىدىغانلىقى ياكى خىتاينىڭ پۈتۈنلەي يالغۇز يىگۈسى بارلىقىنى بىلدى. خىتاينىڭ دۇنيا بانكىسى ۋە ياپۇن تەرەققىيات بانكىسىغا رەقىپ بولغان ئاسىيا سىلىنما ئۇل-مۇئەسسە بانكىسىنى قۇرۇشى خىتاينىڭ دۇنياۋى قارا نىيتىنىڭ ئىسپاتى. قىرى جاھانگىرلار خىتاينىڭ ئوزۇن ئويۇن ئوينايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇزۇن ئويۇندىن بىرنى قۇردى. مەقسىتى خىتاينى خوروتوش ۋە ھالسىزلاندۇرۇش ھەمدە ئاخىرىدا ئەجەللىك ئاجىزلىقى ئىقتىسادىي ئامىلى تۈپەيلىدىن تەخىتتىن چۈشۈرۈش. بۇ ئويۇننىڭ نەتىجىسىدىن ئاپىرىدە بولغان، خىتاينى زاۋاللىقا يۈزلەندۈرىدىغان ئۈچ چوڭ ھادىسىنى تەھلىلى قىلىپ ئۆتىمەن.
بىرىنجىسى، نىفىت يۈئەنى
1973-يىلى ئامېرىكا پىرىزدىنتى نىكسون سەئۇدىي ھۆكىمىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەيدىغان بىر كىلىشىم تۈزىدۇ. كېلىشىمدا سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى، بەھرەيىن قاتارلىق ئۇكىللىرى نىفىتىنى ئامېرىكا دوللىرىغا سىتىشتىنلا ئىبارەت. بۇنىڭ بەدىلىگە ئامېرىكا سەئۇدىي ھۆكىمىتىنىڭ تەختىدە مۇنتىزىم ئولتۇرىشىنى ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوغدايدىغان بولۇپ پۈتۈشتى. مانا بۇ دۇنياغا مەشھۇر نىفىت دوللىرىنىڭ كىلىش مەنبەسى. شۇنىڭ بىلەن نىفىت سودىسى پەقەت ۋە پەقەت دوللار بىلەنلا بولدى.،ئامېرىكا شۇ يىلدىن باشلاپ ئالتۇن ئۆلچىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۇنيا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە قەغەز پۇلنىڭ ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە تىرىلىشىگە خاتىمە بەردى. نىفىت دوللىرى ئورنى سەۋەبىدىن ئامېرىكا دوللىرى دۇنيا پۇلى بولدى. دۇنيا پۇلىنى كىم بىسىپ چىقىرىش ھوقۇقىي بولسا، دۇنيانىڭ غوجائاكىسى بولىدۇ. نىفىت دوللىرى ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋىي ھۆكۈمرانلىقىنى تىخىمۇ پۇختا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بولىشىغا تۈرتكە بولدى. قىسقىسى نىفىت دوللىرى ئامېرىكىنىڭ جانىجان دۆلەت مەنپەئىتى. كىمكى بۇنىڭغا پالتە چاپىمەن دەيدىكەن، ئۆز پۇتىغا پالتە چاپقان بىلەن ئوخشاش. نەتىجىدە ئىككى كىشى ئۆز پۇتىغا پالتا چىپىۋالدى. ئۇنىڭ بىرى سادام ھۈسەيىن يەنە بىرى مۇئەممەر قادافى. ئۇلار ھەرئىككى ئۆز نىفىتىنى دوللارغا ئەمەس باشقا دۆلەت پۇلىغا يەنى ياۋرۇغا ياكى ئالتۇنغا سىتىشقا ئۇرۇنۇپ، ئامېرىكا مالىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقماقچى بولدى. تولىمۇ ئەپسىۇس، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەممىگە ئايان. بۇ يىل يەنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، شاڭخەي خەلقئارا ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش مەركىزىنى قۇردى. بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا مالىيە ئاتوم بومبىسىنى تاشلىشى ئىدى. بۇ بازاردا نىفىت يۈئەنگە سىتىلىدۇ. بۇ سادام ۋە قادافىدىن كىيىن، ئۈچىنجى كىشى شى جاللاتنىڭ نىفىت دوللىرىغا پالتا ئۇرىشى ھىساپلىنىدۇ. بۇ بازارنىڭ ئىچىلىشى ھىچقانداق دۇنياۋىي دىققەت-ئىتتىبارىنى قوزغىمىدى. خىتايلارمۇ داۋراڭ سالمىدى. ئەمما بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق بولۇپ، ئامېرىكا بى…
[16:14, 10.7.2018] Hamitbey: ئامرىكاـ خىتتاي ئىقتىساد ئۇرۇشى .
1.ئامرىكا دۇنيادا بىرىنچى ئختىسادى گەۋدە. 2017 يىللىق دۈلەت مالىيە يىغىندىسى، 17 ترليۇن دۇللار. نۇپۇسى تەخمىنەن 367 مىليۇن .كىشى باشى مالىيە تەخسىماتى تەخمىن 47000 دۇللار.ئالدىنقى 10 يۇقۇرى كىرىملىك دۇلەتنىڭ ئىچىدە.
ئامرىكا خىتتايدىن يىلىغا تەخمىن 370 مىليات دۇللارلىق مال سىتىۋالىدۇ. بۇ دىگەنلىك ھەر بىر ئامرىكا پۇخراسى 47 مىڭ دۇللىرىنىڭ 1000 دۇللىرىغا خىتتايدىن مال ئالىدۇ. 47/1 .ئەكسىچە ئامرىكا خىتتايغا 200 مىليات دۇللارلىق مال ساتىدۇ. بۇ 17 تىليۇن دۇللار دۈلەت يىغىندى مالىيەسىنىڭ 85/1 نى ئىگەللەيدۇ. دىمەك ھەر بىر ئامرىكا پۇخراسى، خىتتايدىن يىلىغا تەخمىنەن 1000 دۇللار ئەتراپىدا مال سىتىۋالغان بۇلسا، خىتتايغا 550 دۇللار ئەتراپىدا مال ساتىدۇ،
2. خىتتاي دۇنيادا ئىككىنجى ئىختىسادى كوچ
2017 يىللىق مالىيە يىغىندىسى 11 تىليون دۇللار. نۇپۇسى بىر مىليات 380 مىليۇن ئەتراىدا. كىشى باشى مالىيە تەخسىماتى 7800 دۇللار ئەتراپىدا. دۇنيادىكى دۈلەتلەر ئارا كىشى باشى مالىيە پەرقىگە قارىغاندا 70 نەچچىنچى ئۇرۇندا.
خىتتاي ئامرىكىدىن يىلىغا 200 مىليات دۇللار ئەتراپىدا مال سىتىۋالىدۇ.
بۇ ھەر بىر خىتتاي پۇخراسى 7800 دۇللار پۇلىدىن 145 دۇللارغا ئامرىكا مىلىنى سىتىۋالغانغا تەڭ. يەنى 53/1. ئەكسىچە، خىتتاي ئامرىكىغا يىلدا 370 مىلياتلىق مال ساتىدۇ.بۇ خىتتاي مالىيەسى 11 تىليۇن دۇللارنىڭ 30/1
نى ئىگەللەيدۇ. دىمەك ھەر بىر خىتتاي پۇخراسى، ئامرىكىغا 265 دۇللارلىق مال سىتىپ 145 دۇللارلىق مال ئالىدۇ.
بۇ ئىككى دۈلەت مالىيەسى
نۇپۇسى، كىشى باشى مالىيە تەخسىماتى، ھەم سودا پەرق سۇممىسىدىن قارىغاندا ، ئامرىكا 85 دۇللارنىڭ 1دۇللىرىنى خىتتايدىن كىرىم قىلسا، ھەر 47 دۇللارنىڭ 1 دۇللىرىنى خىتتايغا بىرىدۇ.
خىتتاي بۇلسا ھەر 30 دۇللارنىڭ 1 دۇللىرىنى ئامرىكىدىن كىرىم قىلسا، ھەر 53 دۇللىرىنىڭ 1 دۇللىرىنى ئامرىكىغا بىرىدۇ. قارىغاندا ئامرىكا بۇ سودىدا زىيان تارقۇچى تەرەپ، خىتتاي پايدا ئالغۇچى تەرەپتەك تۇرىدۇ. بۇ سودا يەنە تەڭشەلمەي داۋاملاشسا، ئۇزۇنغا قالماي خىتتاي ئامرىكىدىن ئىشىپ 1. نۇمۇرلۇق دۈلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەھۋال چاتاق.تىرامىپ بۇ ئەھۋالنى ئىنچىكە ھىساپلاپ ئۈلگۈرگەن بۇلسا كىرەك. تۇت مىليات دۇللاردىن ئارتۇق مالنىڭ ساھىبى بۇلغان بۇ قىرى سۇدىگەر ئاخىرقى ھىساپتا ئامرىكىنىڭ بىرىنچىلىگىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن خىتتاي ماللىرىغا باج قۇشۇش ئارقىلىق زىياننى تىرىلدورمەكچى بۇلدى.خىتتايمۇ ئۇخشاش ئۇسۇلدا ئامرىكا مالىغا باج قۇشۇشنى ئىلان قىلدى. ئەگەر بۇ ھالەت تىخىمۇ ئىلگىرلەپ بارلىق مالغا باج قۇشۇشقا بىرىپ يەتسە، 370 مىلياتنىڭ 200 مىلياتى ئىككى تەرەپكە ئۇخشاشلىق ئىلىپ كەلسىمۇ، بىراق ئامرىكا خىتتاينىڭ 170 مىليات مالىغا قۇشقان باج بىلەن پايدىغا ئىرىشەلەيدۇ. خىتتاي ئامرىكىنىڭ 85/1 ئىختىسادىغا تەسىر كۈرسەتكەن بۇلسا، ئامرىكا خىتتاينىڭ 30/1 ئىختىسادىغا تەسىر كۈرسۈتىدۇ.دىمەك ئاخىرى ئامرىكا غەلبە قىلىدۇ.بۇ خۇددى 47 مىڭ دۇللارلىق تىجارەتچى بىلەن 7800 دۇللارلىق تىجارەتچىنىڭ سۇدا رىقابىتىگە ئۇخشايدۇ.يامان يىرى خىتتاي سۇدا رىقابىتى ئۈچۈن مال باھاسىنى تۇۋەنلىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈچۈن خام ئەشيانى ئەرزان ئىلىشى كىرەك.زاۋۇتلارنىڭ تاقالماسلىغى ئۈچۈن،سۇ، تۇك، باج، ئىجارە، مائاش ، ھەم بانكا ئۈسۈملۈك قەرزىنى تۈۋەنلىتىش كىرەك.بۇ زەنجىرسىمان مالىيە باغلانمىسى ئاخىر بىرىپ بانكا مالىيەسىنىڭ نۇرمال ئايلىنىشىغا تەسىر قىلىپ، دۇلەت خەزىنە كىرىمىنى كىمەيتىدۇ.بۇ ئۇخشاشلا ئامرىكىغىمۇ بۇلىدۇ.بىراق زىيان ئامرىكىغا ئازراق خىتتايغا كۈپراق بۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتتاي ئامرىكا ئىختىسادىغا 85/1 تەسىر قىلسا ئامرىكا خىتتاي ئىختىسادىغا 30/1 تەسىر كۈرسۇتىدۇ. ھەم ئامرىكا خىتتايدىن ئالغان 170 مىليات ئەتراپىدىكى مىلىغا باج قۇشۇش شارائىتغا ئىگە.ھەم بۇ سۈدا ئۇرۇشىغا بەرداشلىق بىرىشتە ئامرىكا پۇخرالىرى 47 مىڭ دۇللار بىلەن جەڭگە كىرسە خىتتاي پۇخرالىرى 7800 دۇللار بىلەن جەڭگە كىرىدۇ.قىزىق يىرى خىتتاي بۇ سۇدا ئۇرۇشىغا كىرسىمۇ زىيان، كىرمىسىمۇ زىيان. خىتتاي بۇ سۇدا ئۇرۇشىدا ئامرىكىغا قاراپ قارار ئىلشقا مەجبۇر. بەلكىم خىتتاي زىياننى باشقا ئۇسۇل بىلەن تۇلدۇرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: بىر قىسىم ئامرىكا چۇڭلىرىنى پولغا سىتىۋىلش ئارقىلىق ئامرىكىنىڭ سىياسەتىنى ئۈزگەرتىشىگە ئۇرۇنۇشى، ياكى باشقا دۈلەتلەر بىلەن سۇدا سۇممىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇ دۈلەت چۇڭلىرىنى سىتىۋىلىپ ئۈز ماللىرىنى شۇ دۈلەتلەردە سىتىشنى كۈپەيتىش بىلەن تەڭ ئاخىرقى چارىسى ئۈز پۇخرالىرىنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىش ئۈچۈن سىياسى بىرۇدا قارار ماقۇللاپ، بىر قىسىم بايلارغا، ئالدىن بىيىغان باشلىقلارغا ھەر خىل سىياسى قالپاقلارنى كەيدۇرۇپ، مال ـ مۈلكىنى ـمۇسادىر قىلىش ئارقىلىق خەزىنە قالدۇقىنى كۈپەيتىپ، بۇ قىيىن ئۈتكەلدىن ئۈتىۋىلىشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن. خىتتايدا مۇنداق بىر گەپ بار. پولوڭ ئاز بۇلسا سىنىڭ، چۇڭراق تىجارەت قىلساڭ كۇللىكتىپنىڭ، ”بۇ پاي شەكلىدىكى شىرىكلىكنى كۈرسىتىدۇ “ ، كاتتا بايغا ئايلانساڭ پۇلۇڭ ھۈكۈمەتنىڭ. چۈنكى بۇ كاتتا بايلىقىڭغا، يا كۇمۇنىس رەھبەرلىرى شىرىك بۇلىدۇ، يا سىياسى قالپاق كەيدۈرۈپ مال ـ مۈلكىڭنى مۇسادىر قىلىدۇ. ئىككى يۇلۋاس ئۇرۇشسا مايمۇن ۋاقىتلىق پادىشا بۇلۇپتۇ. تۇپىلاڭدىن تۇغاچ ئۇغۇرلاش دەيدىغان ئاتا سۈزلىرىمىز بار. بۇ سۇدا ئۇرۇشىنى تاماشا قىلغاچ، تۇپىلاڭدىن تۇغاچ ئۈغۇرلاپ، بىزمۇ پادىشا بۇلۇشقا تىرىشىپ باقايلى! سۈزلەۋىرىپ زىرىكتۈرۈپ قۇيماي، سىلەرمۇ بۇ ھەقتە كۈپچىلىككە ئككى كەلىمە بۇلسىمۇ سۈزلەڭلار.
2018 .7.7

سانلىق مەلۇماتلار google دىن ئىلىندى.

Share
556 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.