logo

trugen jacn

خىتايلار يوشۇرغان تارىخ -1

 

تۇنيۇقۇق

خىتايلار يوشۇرغان تارىخ -1

يىپەك يولىنىڭ ئىچىلىشى ۋە تۇنجى بىڭتۈەن

 

ئىنسانىيەت مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەتىنىمىز تۈركىستانغا جايلاشقان تارىم ۋادىسى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى، ئىمپىرالىزىمنىڭ ئالتۇن كۆۋرۈكى بولۇپ كەلگەن. 1492- يىلى ئىسپانىيەدىكى ئەندۇلۇس ئىسلام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، كولومبو دىڭىز سەپىرىگە ئاتلانماستىن بۇرۇن يىپەك يولى شەرقى ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقى ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول ئىدى.

مىلادىدىن بۇرۇن تارىم ۋادىسى ھونلارنىڭ ئاشلىق بازىسى بولۇپ، ھونلار بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى تۈركلەرنىڭ كۈچلۈك سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەن سۇلالىسى ھونلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىدىن قورقۇپ،70 يىل ئىچىدە ئالدى- كەينى بولۇپ مەلىكە قىزلىرىدىن ئوننى ھونلارغا خوتۇنلۇققا تۇتۇپ بىرىش بەدىلىگە تىنىچلىقنى ساقلاپ كەلدى. خەنلەر ھەر يىلى ھونلارغا يىپەك، تاۋار- دۇردۇن، مەي- شاراپ، گۈرۈچ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قىممەت باھالىق سوۋغا- سالاملار بىلەن ھونلارغا ئولپان تاپشۇراتتى. يىپەك بۇ ئولپان بويۇملار ئىچىدە ھەممىدىن ئەتىۋار بولۇپ، سۈپىتى ياخشى، ئۆزى يىنىك، كىيىم- كىچەك، يوتقان- كۆرپە ھەممىسىگە ئىشلەيتتى. يىپەك بويۇملار ھوقۇق ۋە نوپوزنىڭ سىموۋولى ئىدى. تەڭگە پۇل بىرلىككە كەلمىگەن ھەمدە يىتەرلىك سوققىلى بولمايدىغان ئۇ تارىخى دەۋىردە يىپەك رەختلەر يەنە پۇلنىڭ رولىنى ئوينايتتى.

ھونلار خەنلەرنى تولا تاران- تاراج قىلىپ، ھەر قىتىمدا تەڭسىز كىلىشىمنامىلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردى. خەنلەر قىزلىرىنى ھونلارغا خوتۇنلۇققا سوۋغا قىلىپ ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خەنلەر ھونلارنىڭ ئاشلىق بازىسى بولغان تارىم ۋادىسىدىكى بەگلىكلەرنى قولغا چۈشۈرمەكچى بولدى.

بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن خەنلەر مىلادىدىن بۇرۇن 138- يىلى جاڭچىيەننى سوۋغا- سالاملار بىلەن پىچانغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى. يولدا ھونلار ئۇنى تۇتىۋىلىپ، 10 يىل ئەسىرلىكتە تۇرغان. جاڭچىيەن قىچىپ چىققاندىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەھۋالىنى ئىگەللەپ چىققان. ئۇ غەربى خەن سۇلالىسىگە قايتىش يولىدا يەنە بىر قىتىم ھونلارغا ئەسىرلىككە چۈشۈپ، بىر يلدىن كىيىن ئاران تەستە غەربى خەنگە قايتىپ كەتكەن. 115- يىلى جاڭچىيەن ئىككىنجى قىتىم جاڭچىيەننى نەچچە يۈز مىليون سەر قىممىتىدىكى سوۋغا- سالاملار بىلەن تارىم ۋادىسىغا ئەۋەتىپ، مەلىكىلىرىنى ئۇيسۇن خانلىرىغا ياتلىق قىلىش ئارقىلىق قۇدا- باجا بولۇپ، ئۇيسۇنلارنى ھونلارغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرغان. ئەمما ئۇيسۇنلار خەنلەرنى ياراتماي قۇرۇق قول يولغا سالغان. جاڭچىيەن گەرچە ئىككىلا قىتىم نىيىتىگە يىتەلمىگەن بولسىمۇ، پىچاندىن ئىرانغىچە كۆرۈپ كەلگەن جاڭچىيەن پامىر ئىگىزلىكىنىڭ ئۇ قىتىدىكى يىپيىڭى دۇنيانى، سودىغا ماھىر خەلق ۋە قايناق بازارنى كۆرۈپ، غەربنىڭ بازىرىغا يول ئىچىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايقىغان. ئۇ يەنە پەرغانىلەرنىڭ چىلانتورۇق ئاتلىرىغا ئاشىق بولۇپ، ھونلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئاتلارنى غەربى يۇرتتىن ئەكەلمەكچى بولغان.
شۇنداق قىلىپ شەرقتە شىئەندىن دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئۇيسۇنلارنى سىتىۋىلىش ئەسقاتمىغاندىن كىيىن،104- يىلى خەنلەر قوماندانى لى گۇاڭلى 60،000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈش قىلىپ ئىككى يىل يول يۈرۈپ، لوپنورغا كەلمەي تۇرۇپ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن تەڭدىن تولىسى ئۆلۈپ كەتكەن، قالغىنىمۇ جەڭدە ئۆلگەن.

102- يىلى خەن سۇلالىسى 300مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن خىشى كارىدورىنى ھونلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ھىمايە قىلىپ، سەركەردە لى گۇاڭلىنى يەنە 60 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن، 70 مىڭ كىشىلىك پىيادە قوشۇن، ئىككى تۈمەن خىزمەتچى ۋە ئاشلىق ئۈچۈن 30 مىڭ تۇياق ئات، 100 مىڭ تۇياق ئات بىلەن غەربكە يۈرۈشكە يولغا سالىدۇ. لى گۇاڭلى بۈگۈردە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن كىيىن، پەرغانىگە كىلىپ، پەرغانىنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاسىرىگە ئالغان بولسىمۇ قولغا ئالالمىغان. ئاندىن پەرغانىلىكلەر خەنلەرگە چىلانتورۇق دۇلدۇل ئاتلاردىن ئون نەچچە تۇياق، ئادەتتىكى ئاتتىن 3000 تۇياق بىرىدىغانغا سۈلھى قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ لى گۇاڭلى 130 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىر يىل ئۇرۇش قىلىپ ئاران نەچچە ئون تۇياق دۇلدۇل، 3000 تۇياق ئادەتتىكى ئاتقا ئىرىشىدۇ. لى گۇاڭلى چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەندە بولسا بۇ قوشۇندىن ئارانلا 20 مىڭ ئادەم، ئون نەچچە مىڭ تۇياق چارۋا قايتىپ كىلەلەيدۇ. قالغان قوشۇننىڭ ھەممىسى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش مۇساپىسىدە ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە جەڭدە ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. بۇ ئىككى قىتىملىق يۈرۈشتە ناھايىتى ئېغىر زىيان تارتقان خەنلەر چىگرالارغا ئەسكەر يۆتكەپ بوز يەر ئىچىش، ھەربىي دىھقان تەشكىللەش، شۇ ئارقىلىق چىگرا ساقلاش مەسلىھەتىنى بىرىدۇ. 2

خەنلەر تارىخىدا تۇنجى قىتىملىق ئەسكەر يۆتكەپ بوز يەر ئىچىش مىلادى 92- يىلى ئۆلگەن خىتاي تارىخچى بەنگۇ يازغان “ تارىخنامە“ دىگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن. تۆۋەندىكىسى كىتابتىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ئاساسى مەنا تەرجىمىسى :

“ جاڭچىيەن غەربى يۇرت يولىنى ئىچىپ، لى گۇاڭلى بويسۇندۇرغاندىن كىيىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 68- يىلى جىڭجى قەيسەر ۋە ئىرادىلىك، تاشقى ئىشلارغا ماھىر بولغاچ بۈگۈرگە قورۇقچى بەگ قىلىپ ئەۋەتتى. جىڭجى جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىنغان 1500 نەپەر مەھبۇسنى باشلاپ، بۈگۈردە چىدىر قۇرۇپ، بوز يەر ئىچىپ ئاشلىق ۋە قوشۇن توپلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن بوز يەر ئىچىپ دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەنلەرنىڭ غەربى يۇرتتىكى دۆلەتلەرگە بارىدىغان ئەلچىلىرى، سودىگەرلىرىنى ئوزۇق- تۈلۈك ۋە ئۇچۇر- مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى. جىڭجى جىمىسارغا ھۇجۇم قىلىپ ئالغاندىن كىيىن، م ب 60- يىلى ھونلاردا ئىچكى ئۇرۇش كۆتۈرۈلۈپ، ھونلارنىڭ غەربى يۇرتقا مەسئۇل سول قانات بىگى خەن سۇلالىسىغا ئەل بولدى. شۇنىڭ بىلەن جىڭجىنىڭ نامى چىقىپ كەتتى. خەن سۇلالىسى پادىشاھى جىڭجىنى ماختاپ يارلىق چۈشۈرۈپ:“ غەربى يۇرت تۇتۇق بىگى جىڭجى يات ياۋايىلارنى تىنجىتىپ، شان- شۆھرەت تىكلەپ، ھون تەڭرىقۇتنىڭ قىرىندىشى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، جىمىسارۋە تۇرپاننى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن “ يىراقنى تىنجىتقۇچى بەگ“ دىگەن ئوتۇغات نامىنى بەردۇق“ دەپ تارتۇقلىغان. كىيىن ھونلار قوشۇن باشلاپ جىڭجىغا ھۇجۇم قىلدى. جىڭجى 1500 كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ، تۇرپان سىپىلى ئىچىگە كىرىۋالدى. ھونلار سىپىلنى نەچچە كۈن مۇھاسىرىگە ئىلىپ، خەنلەرگە تىزدىن يوقىلىشنى بۇيرۇپ قايتىپ كەتتى. جىڭجىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خەن شۈەندى ياردەمچى ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەندىن كىيىن، جىڭجى ئاندىن سىپىلدىن چىقالىدى ۋە كورلىغا قايتىپ تىرىقچىلىق قىلدى. ھونلاردىن خاتىرجەم بولغاندىن كىيىن، خەنلەر بۈگۈرنى مەركەز قىلغان ھالدا تۇرپان، كورلا، يەكەن قاتارلىق جايلارغا ئەسكەر كۆچۈرۈپ، بوز يەر ئاچتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ جايلار خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولدى. “ دەپ يازغان. (خەننامە: جىڭجى تەزكىرىسى، غەربى يۇرت تەزكىرىسى) 3

مانا بۇ بۇ يەنە يىپەك يولىنىڭ ھەقىقىي باشلىنىشى، خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا ئەسكەر يۆتكەپ دىھقانچىلىق قىلىشنىڭ تۇنجى مىسالى. شۇ رىۋايەتكە ئاساسەن خىتايلار شەرقى تۈركىستاننى :“ شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگوغا تەۋە“ دىگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ تارىخ راستمۇ ياكى ئويدۇرۇلغانمۇ ياكى كۆپتۈرۈلگەنمۇ ئايرىم بىر مەسىلە. قانداقلا بولمىسۇن، خىتايلارنىڭ بۇ يەردىكى ھىيلە- مىكىرلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى. ھونلار تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى ئۇرۇشلاردىن دەستىدىن ئاجىزلاشقاندا خەنلەر سوقۇنۇپ كىرىۋالغانىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ھونلار قايتا كۈچلىنىپ، قايتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيانى قايتىدىن قولىغا ئالدى. مىلادى 13- يىلى قاراشەھەر خەلقى ھونلار بىلەن بىرلىشىپ خەنلەرنى قوغلاپ چىقاردى. خىتايلارنىڭ ھەربىي دىھقانلىرىمۇ جىنىنى ئىلىپ قاچتى. غەربى خەن سۇلالىسى مىلادى 24- يىلىدىكى دىھقانلار قوزغىلىڭىدا ئاغدۇرۇلدى. دىمەك خىتايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شەرقى تۈركىستاننى ئىگەللىۋالغان تارىخ زورىغا راست بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ پەقەتلا مىلادىدىن بۇرۇنقى 60- يىلىدىن مىلادى 10- يىلىغىچە 70 يىل داۋاملاشقان بولىدۇ. 4

ئارىدىن 60 يىل ئۆتۈپ شەرقى خەن سۇلالىسى ئەلچىسى بەنچاۋ كەلدى. بەنچاۋ بولسا ”خەننامە“ ناملىق تارىخ كىتابنى يازغان بەنگۇنىڭ ئۇكىسى. مىلادى 73- يىلى بەنچاۋ 36 ئادەم بىلەن تارىم ۋادىسىغا كەلدى. ئۇ غەربى يۇرتتىكى ئۇششاق بەگلىكلەرگە ھونلاغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، “ يات ياۋايىلارنىڭ قولى بىلەن يات ياۋايىلارنى يوقاتماقچى“ ئىدى. 78- يىلى بەنچاۋ خەن جاڭدىغا مەكتۇپ ياردەم ياردەم سورىدى. 81- يىلى خەن جاڭدى ئۇنىڭغا مەھبۇسلاردىن تەشكىللەنگەن 1000 كىشىلىك ھەربىي دىھقان ياردەمچى قوشۇنى ئەۋەتتى. مىلادى 87- يىلى بەنچاۋ خوتەن، قەشقەر، ياركەنتلىكلەر بىلەن كۇچار، قاراشەھەرلىكلەرنى ئۇرۇشقا سىلىپ ، كۆپ قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولدى. شەرقى خەن بەنچاۋنىڭ كۆرسەتكەن نەتىجىسىنى تارتۇقلاپ، ئۇنىڭغا ”غەربنى تىنجىتقۇچى بەگ“ دەپ نام بەردى. 91- يىلى شەرقى خەن پىچاننى بىسىۋالدى. 94- يىلى غەربى ھونلار تەڭرىقۇتى پانغۇ تارىم ۋادىسىنى قايتۇرىۋالدى، 106- يىلى پىچاننى قايتۇرىۋالدى. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھونلار بىلەن خەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلار شەرقى تۈركىستاننىڭ دەرۋازىسى پىچاننى تالىشىش بىلەن ئۆتۈپ، ئايىغىدا يەنىلا ھونلارغا تەۋە بولدى. خەنلەرنىڭ غەربى يۇرتنى ئىستىلا قىلىش قارا نىيىتى 20 يىل ئىچىدە قايتىدىن بەربات بولدى. 5 ( كىيىنكى خەننامە)

123- يىلى بەنچاۋنىڭ كىچىك ئوغلى بەنيوڭ 600 نەپەر ھەربى دىھقان بىلەن بىلەن لۈكچۈندە بوز يەر ئاچتى. 124 – يىلى پىچاننى ئىشغال قىلدى. 125 – يىلى دۇنخۇاڭدىن 6000 كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ كىردى. 126- يىلىغىچە بەنيوڭ قۇمۇل، پىچان، توقسۇن، كۇچار، ئاقسۇ، يىڭىشەھەر قاتارلىق پامىر ئىگىزلىكىنىڭ شەرقىدىكى شەھەرلەرنى ئەل قىلدى. ئاندىن ئۇ شەھەرلەردىن يىغىلغان تۆت تۈمەن قوشۇن توپلاپ، قارا شەھەرنى ئىشغال قىلدى. ئەمما 127- يىلى خەن سۇلالىسى بەنيوڭنى ياندۇرۇپ ئەكىلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن خەنلەرنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى ئىستىلاسى ئاياغلىشىشقا باشلىغان. 6

شەرقى خەن سۇلالىسى بولسا 125- يىلىدىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بولۇپ، كىيىنكى تەپسىلاتىنى ”ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە“ دىگەن تىلۋىزىيە ڧىلىمىدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.

بۇ تارىختىن بىر نەچچە ئىش ئايدىڭ بولىدۇ.

1- خەن سۇلالىسى ئەزەلدىن شەرقى تۈركىستان زىمىنىنى ياتلارنىڭ زىمىنى دەپ قارايتى. شۇڭا خەنلەر جىڭجى ۋە بەنچاۋغا ياۋايى ياتلارنى باستۇرغانلىقى ۋە ئۆز- ئارا ئۇرۇشقا سالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تارتۇقلىغان.

2- بۇ مەھكىمىلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى غەربى تۈركلەر بىلەن ھونلارنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇش، شەرقتىن غەربكە قاتنايدىغان يىپەك يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىدى. يەرلىك بەگلىكلەر بەنچاۋنى ئەلچى دەپ تونۇيتتى، بەگ دەپ تونۇمايتتى. قۇرۇلغان مەھكىمىلەر ھەر قىتىمدا سىپىل سوقۇپ، ئوردا بەرپا قىلغان بولماستىن، پەقەتلا ۋاقىتلىق چىدىر تىكىپ، دىھقانچىلىق قىلغان ئىدى. بۇ قورۇقچىلار خىتاي سودا كارۋانلىرىغا ئۆتەڭ ھازىرلاپ، ئوزۇق- تۈلۈك، ئۇچۇر مۇلازىمەت يەتكۈزەتتى، يەرلىك بەگلىكلەرگە قارىتا جاسۇسلۇق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى شەرقى تۈركىستاننى تولۇق ئىگەللىمىگەن، پەقەتلا جەنۇبتىكى بىر قانچە ناھىيە ۋە پىچاندا ئازغىنە مۇددەت قورۇقچى مەھكىمە قۇرغان. ھازىرغا قەدەر خىتايلار دەۋا قىلىۋاتقان قورۇقچى مەھكىمىلىرىنىڭ ئىزناسىمۇ تىپىلغىنى يوق، خىتاي يازغان تارىختىن باشقا تارىخى گۇۋاھچىسىمۇ يوق.

3- جىڭجى 1500 كىشىلىك، بەنچاۋ 1000 كىشىلىك، بەنيوڭ 500 كىشىلىك ھەربىي دىھقان تۇرغۇزغان. لى گۇاڭلىدىن كىيىن ھەر قىتىم خىتايلارنىڭ پىچاندىن سوقۇنۇپ كىرىش ئۇسۇلى جىنايەتچى مەھبۇسلاردىن تەشكىللەنگەن ھەربىي دىھقان يۆتكەش بولغان. ئېنىقكى بۇنچىلىك ئادەم بىلەن ھونلارغا تاقابىل تۇرۇش تۈگۈل، نەچچە تۈمەن قوشۇنى بار يەرلىك خانلىقلارنىمۇ باشقۇرالمايدۇ. خەنلەر پەقەت يەرلىك ئۇششاق بەگلىكلەرنى ھونلارغا قارشى كۈشكۈرتۈپ، ئارىلىقتا پىتنە تىرىپ، ئۆز- ئارا ئۇرۇشقا سالغان. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تارىم ۋادىسىدا بىرلىككە كەلگەن چوڭ دۆلەت شەكىللەنمەي، ئۇششاق بەگلىكلەر ھالىتىدە تۇرۇشى سەۋەب بولغان.

4- 400 يىللىق خەن سۇلالىسى ئۈچ قىتىم غەربى تۈرك ئۇيسۇنلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسغىنە ۋاقىت ئازغىنە ساندىكى ھەربىي دىھقان قورۇقچى مەھكىمىسى تۇرغۇزالىغان. ئاشۇرۇپ ئىيىتقاندىمۇ غەربى تۈركلەر بىر مەزگىل خەن سۇلالىسىگە بىقىندى بولغان دىيىشكە بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
1- يىپەك يولى:1- باب پىتىر ڧىرەنكوڧەن. خىتاي قۇدا- باجىلىق تارىخى: 631-688- سۈيمىڭ
2- ھونلار قىسقىچە تارىخى – تۇرغۇن ئالماس
3- (خەننامە: جىڭجى تەزكىرىسى، غەربى يۇرت تەزكىرىسى- بەنگۇ) 3
http://blog.sina.com.cn/s/blog_40df931a0102wigr.html
4،5- ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى- ت.ئالماس، كىيىنكى خەننامە: بەنچاۋ تەزكىرىسى- ڧەنيى
http://wyw.5156edu.com/html/z8399m9461j1442.html
6- كىيىنكى خەننامە – بەنيوڭ تەزكىرىسى – ڧەنيى
http://lishi.zhuixue.net/renwu/banchao/20598.html
http://military.china.com/hist…/…/20140124/18313343_6.htmlHH

Share
247 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.