logo

trugen jacn

خىتايغا قارشى قۇراللىق كۇرەش ۋە خىتاينىڭ پارچىلىنىشى شياڭگاڭدىن باشلىنىدۇ

خىتايغا قارشى قۇراللىق كۇرەش ۋە خىتاينىڭ پارچىلىنىشى شياڭگاڭدىن باشلىنىدۇ

مەمەتىمىن ھەزرەت

شياڭگاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا خەلقى، خىتاي ۋىرۇسى تۈپەيلى ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلانغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى، قورچاق خەلق قۇرۇلتىيىدا بۇگۇن 28 . ماي كۇنى ”دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ شياڭگاڭ نۇسخىسى” (港版国安法) نامىدىكى قانۇن لاھىيىسىنى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لاھىيەسىدە مۇنداق دېيىلگەن؛“ھەر قانداق چەت دۆلەت ۋە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇلىدۇ . زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، چەت دۆلەت ۋە چەتەل كۈچلىرىنىڭ شياڭگاڭدىن پايدىلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك ، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش ، سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ،(بۇنداق قىلغۇچىلارنى)تۇتۇپ توختىتىدۇ ۋە جازالايدۇ.” بۇنىڭ ئۈچۈن “شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئورگان ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.“

بۇ يەردە،ئۇيغۇرلارغا كىيگۈزۈپ كەلگەن قالپاقلىرىنىڭ ھەممىسى شياڭگاڭلىقلارغا ئالدىن ھازىرلانغان. “چەتئەلگە باغلانغان، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، بۆلگۈنچى،بۇزغۇنچى،تېرورىست…” دېگەن جىنايى ئىبارىلەر خىتاي جازا قانۇنىدا ئەڭ ئېغىر جازانىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. خىتايلار،كوممونىستىك پارتىيە ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنى “بۆلگۈنچى” دىگەن قالپاق بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلغان. ئىلھام توختى ئارقىسىغا ئادەم ئەگەشتۈرۈپ كوچىدا نامايىش قىلغىنى، ھۆكۈمەت بىناسىغا بىر تال تاش ئاتقىنى يوق. ھەتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى تەھدىت قىلىدىغان ھېچقانداق سۆزى، ماقالىسى يوق. ئامما، خىتاي “بۆلگۈنچى” دېگەن قالپاقنى ئىلھام توختىغا كىيگۈزۈش ئارقىلىقلا ئەنە شۇنداق ئېغىر جازاغا مەھكۇم قىلالىدى.

شياڭگاڭلىقلارچۇ؟ 2003-يىلى ، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى قوزغىلىپ، خىتاينىڭ 23 ماددىلىق قانۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. 2019-يىلى جىنايەتچىلەرنى خىتايغا ئەۋەتىش قانۇنىغا قارشى تۇرۇش نامايىشلىرى 6 ئاي داۋام قىلدى. يۈز مىڭلىغان، ھەتتا بەزى ھەپتىلىرى مىليونلىغان شياڭگاڭلىق كوچىلاردا سەلدەك ئاقتى، خىتايغا قارشى مىسلىسىز قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۇ قېتىمقى خىتاي قانۇنىمۇ مەغلۇپ بولدى. بېيجىڭ بۇ قېتىم شياڭگاڭنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا چىقىرىلغان ئاساسىي پرىنسىپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، شياڭگاڭدا “بىخەتەرلىك ئورگىنى قۇرۇش” ئارقىلىق خۇددى ئۇيغۇرلارنى تۇتقاندەك تۇتماقچى، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغاندەك قىرغىن قىلماقچى.
شياڭگاڭلىقلار ئۈچۈن تاللايدىغان ئىككىلا يول قالدى. يا تۇغۇلغان ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ ئەبەدىي سەرگەردانلىق يولىنى تاللاپ باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىش، ياكى ئۆزىنى، ھەق- ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى، ئانا ۋەتىنى شياڭگاڭنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش يولىنى تاللاش. شياڭگاڭلىقلارغا ئۈچىنچى بىر يول يوقتۇر.
خىتاي شياڭگاڭ قانۇن لاھىيەسىنى ئېلان قىلىپ ئىككى كۇندىن كېيىن، يەنى 24.ماي شياڭگاڭلىقلار كەڭ كولەملىك نامايىشقا چىقتى. نامايىشچىلارنىڭ قولىدا “ خىتاي كومىنىست پارتىيسىنى يەر يۇزىدىن يوقىتايلى!“ (!天灭中共) دېگەن بۇيۇك لوزىنكىلار بار ئىدى.خىتاي شياڭگاڭنى ئوتكۇزىۋالغان 23 يىلدىن بېرى شياڭگاڭلىقلار تىغ ئۇچچى بېىجىڭگە قارىتىلغان بۇنداق شۇئار ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان. بېىجىڭ شياڭگاڭغا قول سالدى، شياڭگاڭلىقلارمۇ كۇرەشنىڭ تىغ ئۇچچىنى بېىجىڭگە قاراتتى. ئارىسلان ياتقان يېرىدىمۇ بىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئالدامچىلىقنى ماھارەت دەپ بىلىش خىتاينىڭ دولەت ئەنئەنسىدۇر

مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن ئۇزاق، قالاق پېئودالىزىم ئەنئەنىسىنىڭ بويۇنتۇرقى ئاستىدىكى كىچىك بىر بېلىقچى يېزىسى بولغان شياڭگاڭنى، ئىنگلىزلار 150 يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئەركىن، باياشات، گۈللەنگەن زامانىۋى تىجارەت ۋە پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. دىڭشائوپىڭ “شياڭگاڭنىڭ تۈزىمى 50 يىل ئۆزگەرتىلمەيدۇ. بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم” دەپ دۇنياغا ئېلان قىلغان ئىدى. 20 يىل ئىچىدە شياڭگاڭ نوپۇسىنىڭ توتتىن بىرىنى خىتايدا يېتىشتۈرۈلگەن كومىنىست پارتىيە ئەزالىرى ۋە جاسۇسلار بىلەن تولدۇردى. شياڭگاڭدىكى مۇھىم گېزىت، تېلېۋىزور قاناللىرى، ئىستىراتېگىيىلىك ساھەلەر خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋە پارىخور ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ بولدى. ئەسلىدە ئىناق ياشاپ كەلگەن شياڭگاڭ خەلقى بۈگۈن بىر بىرىگە دۈشمەن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن ھالەتتە. چۈنكى، خىتاي كوممونىستىك پارتىسى كوچىنى ئۆزئارا دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇلغان توپلۇمدىن ئالىدۇ. خىتاي، ئۆزئارا بۇغۇشقان خەلقلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى، تومۇرىدىكى قاننى سۈمۈرۈپ ياشاش، كۈچىيىش تەجرىبىسىگە ئىگە.
خىتاي، “شياڭگاڭ بىخەتەرلىك قانۇنى” دېگەنتى چىقىرىش ئارقىلىق 1984.يىلى ئەنگلىيە بىلەن تۈزۈلگەن “شياڭگاڭنىڭ ئالى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش” شەرتنامىسىنى يىرتىپ تاشلىغان بولدى. خۇددى، شەرقى تۈركىستاندا 1955.يىلى ئۇيغۇر ئاپتونومىيە قانۇنىنى چىقىرىپ بېرىپ، ئۇيغۇر كادىرلارغا غالچا ۋە جاسۇسلۇق ھوقۇقىدىن باشقا ھىچقانداق ھوقۇق بەرمىگىنىگە ئوخشاش. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنى شەھەرلەردىن سۈرۈپ چىقارغىنىغا، خىتايلار يۇرتىمىزدا تېخىمۇ كۈچەيگەنسېرى، يېزا – قىشلاقلاردا ئاچ، يوقسۇل، چارىسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇمۇمىي يۈزلۈك قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ بارلىق باستۇرۇش كوچىنى قوللانغانلىقىغا ئوخشاش. ئۆزى چىقارغان مىللەتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش قانۇنىنى ئۆزلىرى يىرتىپ تاشلاپ، “ قانۇنىنى يىرتىپ تاشلىما”! دېگۈچىلەرنىڭ ئاغزىنى يىرتىپ تاشلىغىنىغا ئوخشاش.
خۇددى، تىبەتنىڭ روھانى لىدەرى دالايلاما بىلەن ماۋزېدوڭ 1952. يىلى بېجىڭدە ئىمزالىغان 17 ماددىلىق كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ، 1959.يىلى تىبەتكە ئەسكەر كىرگۈزۈپ تىبەت خەلقى ئۈستىدە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگىنىگە ئوخشاش.
بۇ قېتىممۇ خىتاي، شياڭگاڭنىڭ ئالى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا ئاتقان ئىمزاسىنى يىرتىپ تاشلىدى.خىتاي، ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلىكلەرنى، شياڭگاڭلىقلارنىلا ئەمەس، ئامېرىكىنىمۇ 40 يىل ئالدىدى.ئالدامچىلىقنى ماھارەت دەپ بىلىش خىتاينىڭ دولەت ئەنئەنسىدۇر.

شياڭگاڭ ئاسانلا يۆتكىۋەتكىلى بولىدىغان لوقما ئەمەس.

شياڭگاڭنىڭ 2017.يىلقى يىللىق مىللىي دارامىتى 490 مىليارد 880 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن يىللىق دارامىتى 64928 دوللار. شياڭگاڭنىڭ 2018.يىلى 12. ئايدا ئېلان قىلغان (بورسا) ئاكسىيە بىرجىسى ھەجىمى 3 ترىلون 870 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ 7. بۈيۈك بورساسىدۇر. 40 يىلدىن بېرى خىتايغا سېلىنغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ 90% نى شياڭگاڭ ئارقىلىق خىتايغا كىرىپ كەلمەكتە ئىدى. خىتايدىن چەتئەلگە سېتىلغان ماللارنىڭ 70% نى شاڭگاڭ ئارقىلىق دۇنياغا سېتىلىپ كەلمەكتە. ھازىرمۇ خىتاي مەركەز بانكىسىنىڭ قولىدىكى چەتئەل پىرۋۇتلىرىنىڭ 60%نى  شياڭگاڭ  دوللىرىدۇر. شياڭگاڭ ئىمپورت- ئىكسپورتتا ھەجىمدە دۇنيادا 10. ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەنگىلىيە بانكىسى بولغان HSBC (香港 上海 滙豐 銀行- شياڭگاڭ ۋە شاڭخەي بانكىسى) ئىنگىلىزلارنىڭ ھىندىستاندا ئىشلەپ چىقىرىپ خىتايدا ساتقان ئەپىيۇنلارنىڭ پۇلىنى ساقلاش ۋە ئوبوروت قىلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن 1865.يىلى 3. مارت كۈنى ئىنگىلىز سىياسەتچى Sir Thomas Sutherland تەرىپىدىن شياڭگاڭدا قۇرۇلغان بولۇپ، ( ئۇ دەۋىردە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىلى بۆلگىسىدىن باشقا توپراقلاردا قەشقەرىيە دۆلىتى مەۋجۇت بولغان بولسا، ئىلىدە ئىلى سۇلتانلىغى دۆلىتى بار ئىدى. ھەر ئىككى دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى ئىدى) بۇگۈن ئاسىيادا HSBC شاياڭگاڭ مەركىزىگە قاراشلىق 220 شۈبە بار. شياڭگاڭغا قاراشلىق شۆبىلەردە ئىشلەيدىغان ئىشچى- خىزمەتچىسىنىڭ سانى 68294 نەپەر. بانكىنىڭ ئۆز سەرمايىسى 97،2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. شياڭگاڭ لوندۇندىن قالسا دۇنيانىڭ ئەڭ زور فىنانس (پۇل مۇئامىلە) مەركىزىدۇر.

شياڭگاڭدا 1300 ئامېرىكا شىركىتى بار بولۇپ، شياڭگاڭدا ياشايدىغان ئامېرىكا پۇخراسىنىڭ سانى 85000 نەپەر. بۇ شەھەردىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ئامېرىكا پۇخرالىرىنىڭ مۇتلاق كۆپ سانلىقى بانكىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 2018.يىل ئامېرىكا- شياڭگاڭ تىجارەت ھەجىمى 75 مىليارد دوللار بولۇپ،(2018.يىلى تۈركىيە – ئامېرىكا تىجارەت ھەجىمىنىڭ 20 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا، شياڭگاڭ بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى تىجارەت ھەجىمىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىگىنى چۈشىنەلەيمىز.) ئامېرىكىنىڭ تىجارى ئاكتىپ بالانسې 33 مىليارد 800 مىڭ دوللار. 2009- 2018. يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئاكتىپ بالانسې 297 مىليارد دوللار. يەنى شياڭگاڭ ئامېرىكىنىڭ ۋاز كېچەلمەيدىغان بازارلىرىدىن بىرىدۇر.
ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ئەركىن پورتى ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونى، فىنانس مەركىزى ئىمتىيازى بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن گۈللەپ- ياشىغان ۋە خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۈيۈك تۆھپە قوشقان شياڭگاڭ توغرۇلۇق خىتاي ھاكىمىيىتى، يېڭى “ بىخەتەرلىك قانۇنى” چىقىرىش ئارقىلىق خىتايغا ئالتۇن تۇخۇم تۇغۇپ بېرىۋاتقان بۇ تۇخۇنى شىجىنپىڭ نىمە ئۇچۇن بۇغۇزلىۋېتىش قارارىغا كەلدى؟

تارىخى قەتلىئام ئالدىدىكى شياڭگاڭ

ماركىسىزم نەزىرىسىنى ئىككى جۈملىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن؛ سىياسى جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز سىنىپى كۈرەش، ئىقتىسادى جەھەتتىن خۇسۇسى مۈلىكنى يوق قىلىش. شىجىنپىڭ، شياڭگاڭدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. شىجىنپىڭ، شياڭگاڭنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىش بەدىلىگە خىتاي چېگىرىسى ئىچىدە “مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىش” يولىنى تاللىدى.يەنى ”تۇخۇنى ئولتۇرۇپ، مايمۇننى قورقۇتۇش ھىلىسى“. مۇستەبىت دىكتاتۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتى، تەھدىت ۋە نەپرەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. بوي سۇنماسلىقنىڭ بەدىلى ئۆلۈمدۇر. شىجىنپىڭ، گۈللەپ- ياشنىغان ئامما ئۆزىگە بوي سۇنمىغان شياڭگاڭدىكى جانلىقلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئارمىيە ئاتلىق قېلىچىنى غىلابىدىن چىقاردى. شياڭگاڭ كوچىلىرىدا سۇدەك ئاققان قانلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، 1.5 مىليارد خىتاي ئاھالىسىنىڭ يۈرىگىگە يەنە بىر قېتىم قورقۇ سالماقچى. قۇرقۇنچاق توپلۇم بويۇندۇرۇقىغا ئاشىق ئۆكۈزدىن پەرقسىزدۇر. خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ، ئىنسانلارنى ئىنسانلىقتىن چىقىرىپ، بويۇندۇرقىغا ئاشىق ئۆكۈزگە ئايلاندۇرۇش تەجرىبىسى مول.

شياڭگاڭنىڭ ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قېلىپ ئېزىلىش خەۋپى

خىتاي، شياڭگاڭنىڭ ئىسيانكار روھىنى يوق قىلىش ئارقىلىق بۇ شەھەرنىڭ ئالى ئاپتونومىيىلىك ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئەتئى قارارغا كەلگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. پرەزدىنت ترامپ، شياڭگاڭنىڭ ئەركىن پورت، ئەركىن بازار، ئەركىن فىنانس مەركىزى… قاتارلىق ئالاھىدە ئىمتىيازىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ۋە خىتايغا قويغان ئېمبارگونى شياڭگاڭغىمۇ قويىشى مۇمكىن. باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ھەركەت قىلىدىغانلىقى مۇقەررەر. شياڭگاڭدىكى غەرب دۆلەتلىرى شىركەتلىرىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، شياڭگاڭلىق يەرلىك سەرمايە ئىگىلىرى، ئالىملار، زىيالىلار… قىسقىسى يۇقىرى تەبىقىدىكى شياڭگاڭلىقلارمۇ بۇ شەھەردىن ئايرىلىشقا باشلايدۇ. شياڭگاڭ فىنانس مەركىزىلىك قىممىتىنى يوقىتىشقا باشلىغاندا، خىتايمۇ بۇ شەھەردىكى بانكىلىرىنى شېنجېن، شاڭخەيگە يۆتكەشكە، شاڭخەينى،، شىنجىننى شياڭگاڭنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلايدۇ. شياڭگاڭ ئەگەر خىتاينىڭ قولىدا قالسا ئەركىللىكىدىنلا ئەمەس، ئىقتىسادى باياشاتلىقىدىنمۇ مەھرۇم قالىدۇ. شياڭگاڭنىڭ خىتاينىڭ سىياسى، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى قىسقۇچى ئارىسىدا ئىزىلىش خەۋىپى بار.

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شياڭگاڭغا بېسىپ كىرىشى خىتاينىڭ پارچىلىنىشنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ

شياڭگاڭ قۇللۇق بويۇندۇرغىدىن قۇتۇلغىنىغا 170 يىلدىن ئارتۇق زامان بولدى. ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 4-5 ئەۋلات دۆۋلەت تەھدىدى كۆرمەي، ئازات ئازادە سىياسى مۇھىتتا ياشاپ كەلدى. ئەركىن ياشاپ ئادەتلەنگەن ئىنسان ئۈچۈن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىش، نەپەس ئېلىۋاتقان ئوكسىگىندىن مەھرۇم قىلىشتىن پەرقسىزدۇر. شۇڭا شياڭگاڭ خەلقى يېقىنقى يىللاردا، خىتاي دۆۋلەت زۇلۇم مىخاينىزىمىنىڭ شياڭگاڭغا كىرىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن تىللاردا داستان بولغىدەك كۈرەش قىلدى. بولۇپمۇ 2019.يىلى 6. ئايدا باشلانغان ۋە ئۈزلۈكسىز ئۇلغىيىپ داۋام قىلغان نامايىشلار، خىتاينىڭ شىنجىڭغا توپلىغان ئارمىيە قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشىگە سەۋەپ بولۇپلا قالماي، “جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش” قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ئاممىۋىي ھەركەت ئورتاق بىر لىدەرگە، ئورتاق بىر تەشكىلاتقا ئىگە ئەمەس ئىدى. مىليونلىغان ئىنسان ھەر ھەپتە ئاخىرى تور ئارقىلىق خەۋەرلىشىپ كوچىلارغا، مەيدانلارغا توپلاندى. ھېچكىم بۇ ئاممىۋىي ھەرىكەتنى ئۆزىنىڭ لىدەر بولۇش پۇرسىتى دەپ قارىمىدى. ھەر مەھەللىدە بىر تەشكىلات قۇرۇشتەك ئەخمىقانىلىق شياڭگاڭنىڭ ھېچبىر يېرىدە كۆرۈلمىدى. گۇۋاڭدوڭ ئۆلكىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن خىتاي ساقچىلار نامايىشچىلارنى شەپقەتسىزلەرچە باستۇردى. بۇرۇنلا شياڭگاڭ نوپۇسىغا ئۆتۈۋالغان كوممۇنىست خىتايلار قارشى نامايىشچىلار قوشۇنى تەشكىل قىلىپ، ئەركىنلىك تەرەپدارى نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇردى، يىقىتتى، ھەتتا ئۆلتۈردى. يۈزلەرچە ياش نامايىش مەيدانلىرىدا، ساقچىخانىلاردا ھاياتىدىن ئايرىلدى. مىڭلارچە نامايىشچى ھازىرمۇ خىتاي تۇرمىلىرىدا جىسمانى ۋە مەنىۋى قىيىن قىستاقتا ئازاب چەكمەكتە. ئۇنىۋېرسىتەلەرنى قورشىۋالغان خىتاي ساقچىلىرى بىنالارغا داۋاملىق ئوق ياغدۇردى.گاز بومبىلىرىنى ئېتىپ ئوقۇغۇچىلارنى زەھەرلەپ ھۇشسىزلاندۇردى. بىراق ئوقۇغۇچىلار ،سۇ، كولا شىشىلىرىگە بېنزىن تولدۇرۇپ كۆيدۈرگۈچى بومبا ياساپ خىتاي ساقچىلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتتى. ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى بىر ئوقۇغۇچى قالغۇچە كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. خىتاينىڭ بارلىق قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزگەن قانلىق باستۇرۇشلىرى شياڭگاڭ خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىدى. شياڭگاڭلىقلارنىڭ خىتاي زۇلىمىغا قارشى كۈرىشنى قوللاش ھەرىكتى ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياۋروپادا ياشاۋاتقان شياڭگاڭلار ئارىسىدىمۇ داۋام قىلدى. 2019.يىلى 9. ئايدا لوندوندا، كوچىدا كېتىۋاتقان 4 نەپەر شياڭگاڭلىق بۇ شەھەرگە ساياھەتكە كەلگەن شيڭگاڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىغىنى كۆرۈپ قېلىپ، تۇتۇۋېلىپ قاتتىق ئۇردى، يەرگە يىقىتىپ دەسسەپ، قوۋۇرغىلىرىنى ئېزىپ، ئېغىز بۇرنىنى قان قىلىپ قويۇپلا يۇقاپ كەتتى. لوندون ساقچىسى ئۇرغان ياشلارنى تاپالمىدى. ئامما بۇ خەۋەر دۈنيا مەدياسىدا كەڭ يەر ئالدى. چەتئەلدە ئۆز ئارا بوغۇشۇپ ئېنېرگىيىسىنى بىكارغا خەجلەۋاتقان خىتاي مۇخالىفەتلىرىمۇ، بۇ 4 نەپەر شياڭگاڭلىقنىڭ لوندوندىكى قەھرىمانلىقلىرىنى ئۇزۇنغىچە ھېكايە قىلىپ يۈرۈشكەن بولدى.

ئەۋلاتتىن ئەۋلادقىچە قۇللۇقتا ئۆتۈپ، يېيىشنى، ئىچىشنى، ئىشلەشنى بىلىدىغان ۋە ئاچچىقى كەلگەندە بىر بىرى بىلەن چىشلىشىدىغان، تېپىشىدىغان ئۆي ھايۋانلىرىدىن پەرقسىز ھالغا كېلىپ قالغان خەلقلەر بىلەن ئەۋلاتتىن ئەۋلادقىچە ئەركىن ياشىغان، زۇلۇمغا دۇچ كەلگەندە ئورتاق دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرالايدىغان ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ تۈگەپ كېتىشكە رازى خەلقلەرنىڭ بۈگۈنىمۇ، كېلەچىگىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. قەھرىمان خەلقلەرگە ياردەم قىلغۇچىلارمۇ كۆپ چىقىدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئۈنۈمسىز تۇپراققا ئۇرۇق چېچىپ، ھوسۇل ئېلىش خام خىيالىدا بولمايدۇ.
ئەگەر خىتاي ئارمىيىسى شياڭگاڭغا قول سېلىپ، بۇ شەھەردە خەلقنىڭ قېنى ئېقىتىشقا باشلىغاندا، شياڭگاڭلىقلار قۇراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باشلايدۇ.
ئەگەر خىتاي شياڭگاڭدىكى قانلىق باستۇرۇشتا مۇۋاپىقىيەت قازانسا، ئىككىنچى بولۇپ تەيۋەنگە قول سالىدۇ. بۇ قېتىم بېجىڭدا ئوتكۇزىلگەن خەلق قۇرۇتېيىدا خىتاي باش مىنىستىرى لىكېچاڭنىڭ دوكىلاتىدا ”تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۇرۇش“ دىگەن ئىبارە بار. ئامما بۇ قېتىم ھەر دايىمقىدەك ”تىنىچلىق بىلەن“ دىگەن ئىبارىنى تىلغا ئالمىدى. بۇ سوزدىن خىتاينىڭ ئىككىنجى قەدەمدە تەيۋەنگە قول سالىدىغانلىقى نەقلا بىلىنىپ تۇرىدۇ.
خىتاينىڭ تارىختىكى ھاكىمىيەتلىرى ئۆز مىللىتىنى ۋە قول ئاستىدىكى كىچىك مىللەتلەرنى قىرغىن قىلىشنى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ كاپالىتى ھېسابلاپ كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ نىيىتى تېخىمۇ قارا. شۇڭا شياڭگاڭلىقلارنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرىنى تەيۋەن، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى ئاخىرغىچە قوللايدۇ. قەھرىمان شياڭگاڭلىقلار بىلەن بىر سەپتە زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پىدائىيلار ئۈزۈلمەي كېلىشى مۇمكىن.
بۇ قۇراللىق قارشىلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان شياڭگاڭلىقلار ئارىسىدىمۇ قانات يېيىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى تەمسىلچىلىكلىرىمۇ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر شىجىنپىڭ شياڭگاڭنى ئېغىر بومباردıمان قىلىشقا باشلىسا، بۇ كۆركەم شەھەر بىر كۈنى خارابىلىق ئىچىدىكى بىنالار مازارلىغىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئامما شايڭگاڭلىقلار ياندۇرغان مەشئەل ئوتى خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىغا تۇتۇشۇپ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زۇلۇم كۆرگەن مىللەتلەرنىڭ ئازاتلىق يولى ئېچىلىدۇ.

ئەركىن ياشاپ ئۆگەنگەن ئىنسان ھەرقانداق ۋاقىت، ھەر قانداق شارائىتتا بوينىغا قۇللۇق زەنجىرى تاقىلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. تۇغۇلغاندىن باشلاپ بوينىدىكى قۇللۇق زەنجىرى بىلەن ياشاپ ئادەتلەنگەن قۇل، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپ بوينىدىكى زەنجىرنى چىقىرىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ھەركەت قىلىشقا باشلىغاندىلا، ئۇ زەنجىرنى ئىكەكلەيدىغان ئېكەك بەرگۈچىلەرمۇ، زەنجرنى پاچاقلاشقا ياردەم قىلغۇچىلارمۇ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ھۆرلىكمۇ، قۇللۇقمۇ ئۇ ئىنساننىڭ خاراكتىر ۋە ئىستىكىگە باغلىق. شۇڭا ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ كەلدىم؛ بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتېرى ئۇ مىللەتنىڭ مىللىي تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ.

شياڭگاڭلىقلار ئۆزلىرىنى خىتاي نەسلىدىن دەپ ھىساپلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى باشقا.مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خىتايغا قارشى قۇراللىق كۇرەش ۋە خىتاينىڭ پارچىلىنىشى شياڭگاڭدىن باشلىنىدۇ.

2020.يىلى 5.ئاينىڭ 28.كۈنى

Share
4715 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.