logo

trugen jacn

جەنۇب ئىستىرادىگىيەسىدە مەۋجۇتلۇقىمىز

تۇنيۇقۇق

جەنۇب ئىستىرادىگىيەسىدە مەۋجۇتلۇقىمىز

 

11- ئاينىڭ 15- كۈنى پاكىستان خىتايدىن كىلىدىغان قىممىتى 140 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى سۇ توسمىسى قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي ياردىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. سەۋەبى، بۇ توسما پاكىستانغا قاراشلىق كەشمىر رايونىدا، كەشمىر ھندىستان بىلەن تالاشتىكى جاي، چاتاق چىقسا دۆلىتىمىز مەنپەتىگە توغرا كەلمەيدۇ، شۇڭا ئۆزىمىز پۇل جەملەپ ئۆزىمىز قىلىمىز“ دىيىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى خەۋەرلەردە ئەزەلدىن خىتاينى ئاكام دەپ كىلىۋاتقان سادىق غالچا پاكىستاننىڭ بۇ قىلىقى خەلقئارادا زور دىققەت تارتتقان ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن خۇش بولۇپ كەتكەن ھىندىستان ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى بولسا بولىشىغا غۇلغۇلا قوزغىغان بولدى.

12- ئاينىڭ 8- كۈنى تۈنۈگۈن فىرانسىيە رادىئوسى ۋە باشقا خەۋەرلەردە پاكىستاندىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پاكىستاندىكى تىرورچىلارنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇردى. پاكىستاندا بىر ئايدىن بۇيان قالايمىقانچىلىق چىقىۋاتقىنى راست. پاكىستان ئىچىدىكى قۇراللىق كۈچلەر ئانچى- مۇنچە خىتايلارنى بۇلاپ- تالاپ، قاقتى- سوقتى قىلىپ تۇرىدۇ. قىزىق يىرى فىرانسىيە رادىئوسى بۇ خەۋەرنى ئىلان قىلىش بىلەن بىرگە، مۇنداق ئىككى ئېغىز سۆزنى قوشۇپ قويغىنى ئالاھىدە تۇيۇلدى.
”خىتاي بىلەن پاكىستان 2008- يىلى ئەركىن سودا كىلىشىمى ھازىرلىغان، خىتاي پاكىستاندا ئۈزلۈكسىز ئاساسىي ئەسلىھە تۈرلىرىگە قۇرۇلۇش ياردىمى بىرىپ كەلگەن، شۇنداقلا يەنە پاكىستاندىن ئەرەب دىڭىزى ۋە پارس قولتۇقىغا قارايدىغان چوڭ پورتى گىۋادار پورتىنى ئىجارىگە ئالغان. بۇ ئارقىلىق خىتاي ئوتتۇرا شەرقتە تەسىرى كۈچىنى كىڭەيىتمەكچى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى 40 يىل ئىچىدە گىۋادار پورتىدىن كىرىدىغان پايدىنىڭ 91% نى خىتاي ئىگەللىسە، ساھىپ دۆلەت پاكىستان ئارانلا 9% پايدا ئالىدىكەن. بۇ پاكىستانلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان“. فىرانسىيە رادىئوسىنىڭ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ئۆزۈڭلار بىلىۋالساڭلار بولىدۇ.
مۇشۇ گىۋادار پورتى توغرىسىدا دىيىشىلى.
گىۋادار پورتى پاكىستاننىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ھىندى ئوكيان/ ئەرەب دىڭىزى/ پارس قولتۇقى قاتارلىقلارغا چىقىشتىكى مۇھىم پورت ئىغىزى. خىتاي ئۈچۈن ئامرىكا يىتەكچىلىكىدەكورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، فىلىپپىندىن شەكىللەنگەن c شەكىللىك دىڭىز يولى زەنجىرى ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشتىكى مۇھىم چىقىش يولى ئىدى. بۇ پورت ئوتتۇرا شەرقتىكى نىفىت دۆلەتلىرىگە يىقىن، 100 مىڭ توننىلىق نىفىت پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ.

ھازىر خىتاينىڭ 3/2 ئۈلۈش نىفىتى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ، بۇنىڭ 80% قىسمى ئوتتۇرا شەرقتىن كىلىدۇ. ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرقتىن نىفىت يۆتكەش ئۈچۈن چوقۇم مالايسىيەنىڭ مالاكا دىڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈش كىرەك ئىدى. ئۇندىن باشقا دۇنيا زاۋۇتى بولغان خىتاينىڭ 60% ئىمپورت- ئىكىسپورت ماللىرىمۇ مۇشۇ يول ئارقىلىق يەتكۈزۈلەتتى. خىتاي ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىن مال يۆتكەش ئۈچۈن بۇ يەردىن ئۆتسە ئاۋال ھىندىستان دىڭىز تەۋەلىكى، ئاندىن مالايسىيەگە قارايدىغان مالاكا دىڭىز بوغۇزى، ئاندىن سىنگاپورنىڭ تۈۋىدىن ئۆتىدۇ. سىنگاپوردا بولسا ئامرىكىنىڭ ھەربىي قىسمى بار. ئەگەر شۇنداقلا بىر ئىش بولۇپ قالسا، ئامرىكا ياكى بۇ يولنى قامال قىلىپ، خىتاينىڭ پاراخوتلىرىنى كونتىرول قىلالايدۇ. ھىچبولمىسا تەكشۈرۈش نامىدا ئۇزاق مەزگىل توختۇتۇپ قويالايدۇ. گىۋادار پورتىنى بۇرۇن ئامرىكا تالاشقان بولسىمۇ، پاكىستاننىڭ باھاسىغا چىقىش قىلالمىغان، شۇنداقلا ئۇ ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئالدىراش ئىدى، ھازىر بولسا بارمىقىنى چىشلەپ قىلىۋاتىدۇ.

ئەمما گىۋادار پورتى خىتاي ئىچىۋالغاندىن كىيىن، خىتاينىڭ مالاكا بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە ئانچە ھاجىتى قالمىدى. خىتاي ئۆزىگە ئىھتىياجلىق نىفىت، كان بايلىقى، خەلقئارا سودا ئىشلىرىنى گىۋادار سودا پورتى ئارقىلىقلا پۈتتۈرۈپ، خىتاي سەپ بەرگەن نىفىت تۇربىسى ياكى تۆمۈر يول ئارقىلىق بىۋاستە قەشقەرگە توشۇپ ئەكىرەتتى. قەشقەردىن باشلانغان 1200 كىلومىتىرلىق قاراقۇرۇم يولى: قاراقۇرۇم، ھىندىقۇش، ھىمالايا تاغ تىزمىلىرى ئارىلىقىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو- پاكىستان چىگرا ئىغىزى قونجىراپتىن چىقىپ، ئۇدۇل پاكىستاننىڭ شىمالىغا تۇتۇشىدۇ. بۇ يولنى خىتاي 2030- يىلى گىۋادارغىچە تۇتاشتۇرۇش پىلانىنى ماقۇللاپ بولدى. بۇنداق بولغاندا خىتاي ئەسلىدىكى چىقىمنى ئوبدانلا تىجەپ قالالايدۇ. خىتاينىڭ پىلانىدا 2022- يىلىغا بارغاندا گىۋادار پورتىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پورتلاردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش بار. 2013- يىلى پاكىستان گىۋادار پورتىنىڭ 43 يىللىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خىتايغا ئىجارىگە بەردى. 2015- يىلى 11- ئايدا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ قەدەمنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغىنى خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىرادىگىيەسىدە بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

يەنە شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، قەشقەرنىڭ مۇقىملىقى گىۋادار پورتىغا تۇتاشقان بۇ ئىستىرادىگىيەدە ئىنتايىن مۇھىم تۈگۈن، ئۆتەڭلىك رولىنى ئوينايدۇ. لەنىتى خىتايلار شۇڭا قەشقەرنى ئامبۇردا قىسقاندەك چىڭ تۇتىۋاتىدۇ. بۇلارنى ئويلاپ كۆزلۈرۈمدىن ياش قۇيۇلدى، كۆڭلۈم بەك يىرىم بولدى! خىتاي ناھايىتى، ناھايىتى تىز قەدەمدە ئىلگىرلەۋتىدۇ، ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى، ئەزىز ماكان قەشقەرنى خىتايلار ئەنە شۇنداق يۇتۇپ كەتمەكتە. ئانا ۋەتەن كوھىقاپ ئېغىزىغا كەپ بولدى. خىتاينىڭ شۇ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشسا، بىزنىڭ ۋەتەننىڭ كۆرىدىغان كۈنى تېخى ئالدىدا. بىز بولساق، بۇ ئاشكارا قارا قوللارنىمۇ كۆرۈپ يىتەلمەي، بىلسەكمۇ پەرۋاسىز، يا بىرلىشەلمەي، يا ئامال قىلالماي، ئامال قىلالمىساقمۇ خىتاينىڭ رەزىل نىيەتلىرىنى بىلىش ۋە بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ تۈزۈك ھەرىكەت قىلماي يۈرمەكتىمىز!

11- ئاينىڭ 15- كۈنى پاكىستان سۇ ئىلىكتىر ئىنشائاتىنى بىكار قىلغان بىلەن، 11- ئاينىڭ 24- كۈنى خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە “ جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى“ كىلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ كىلىشىم بويىچە گىۋادار پورتى، ئېنىرگىيە، قاتناش، ئاساسىي قۇرۇلۇش، سانائەت ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ھەمكارلىق ئورناتتى. دىمەك، يىقىندىن بۇيان پاكىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ئۇششاق جىدەللەردە، پاكىستان مىنىڭچە خىتايدىن كۆپرەك مەنپەئەت تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، بىراق يۈز ئۆرۈشى ناتايىن. ئۇندىن باشقا، پاكىستان خىتاينىڭ دىدىكى بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. پاكىستان نامرات ۋە تېخنىكا كەمچىل دۆلەت بولغاچ، خىتاينىڭ بىكارلىق يول ياساپ بىرەي دىگىنىگە ماقۇل دەيدۇ. خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشلىرى پاكىستاندا 2 مىليون خىزمەت ئورنى ھازىرلايدىغانلىقى مەلۇم. ئەمما دۆلەتنىڭ جان تومۇرى بولغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىدە خىتايغا يۆلىنىپ قىلىپ، ئىگىلىك ھوقوقىنى يوقىتىپ قويىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

خىتاي يەنە پاكىستانغا يىقىن بىر نەچچە دۆلەت- بىرما ۋە بىنگال بىلەن تۈزگەن ئىقتىسادى كارىدور كىلىشىمىمۇ خىتاينىڭ گىۋادار پورتى بىلەن ئۈچبۇلۇڭلۇق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم تايانچ نۇقتىسى ھىسابلىنىدۇ. خىتاي يۈننەن- كۈنمىڭ- رۇيلى بويلاپ تۆمۈر يول، تاشيول ئارقىلىق بىرماغا كىرىپ، بىرمادىن ھىندى ئوكياندىكى بىرما دىڭىز قولتۇقىغا چىقالايدۇ. بۇ يولدىن خىتاي نىفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇيدۇ. كۈنمىڭدا خىتاينىڭ نىفىت پىششقلاپ ئىشلەش بازىسى بار. خىتاي بۇ رايوننىڭ تىنىچ بولىشىنى خالايدۇ. خىتاينىڭ 19- قۇرۇلتايدا بىرمانىڭ روھىنگادىكى مۇسۇلمانلارنى قانلىق قىرغانلىقىنى قوللىشى بىكار ئىش ئەمەس. بۇ قوللاش بىر تەرەپتىن يەنە ئەگەر ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرمۇ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدەك غەۋغا چىقارسا ئاياپ ئولتۇرمايمىز دىگەن ئۇچۇرنىمۇ بىرىدۇ. خىتاي بىرمانىڭ دۆلەت ئەركانلىرى، مۇھىم ئەربابلىرىنى يىنىغا تارتىپ، خىتايپەرەس كىشىلەرنى ئالدىن بايقاپ ۋە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، مال- دۇنيا، ساھىپجامال نازىنىن ئارقىلىق خىتايغا قارشى بارلىق كۈچلەرنى بۇلغاش ياكى ئالاھىدە ئىمتىياز بىرىش بىلەن قولغا كەلتۈرىۋاتىدۇ. يىقىندا ئاۋىستىرالىيەنىڭ تاشقى سودا مىنىسترىمۇ خىتايدىن زور مىقداردا پارا ئالغانلىقى، ئاشكارىلىنىپ، قولغا چۈشتى.
بۇ پەسكەش خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كىلىۋاتقان ئۇسۇلى بولۇپ، ھونلار، تۈركلەرگىمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. ئوكىسفورد ئۇنىۋىرسىتىنىڭ داڭلىق تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، دۇنياغا داڭلىق :“ يىپەك يولى“ دىگەن كىتابنى يازغان پىتىر فىرانكوپان كىتابىنىڭ بىرىنجى بابىدا مۇنداق دەيدۇ:“ خىتايلار ھونلارنىڭ يىپەك رەخىتلەرگە ئامراقلىقىنى، ھونلارنىڭ مەدەنىيىتىدە يۈز بىرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن غەلبىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى. بىر خەنزۇ ئەمەلدارى ھونلارنىڭ قەبىلە باشلىقىغا :“ ئەمدى سىلەر خىتاينىڭ ماللىرىدىن ئايرىلالمايسىلەر!“ دىگەن ئىدىئ نەتىجىدە خىتاي ھونلارنى غەربى يۇرتتىن ھەيدەپ چىقاردى“.
كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ شاھزادىسى كۆل تىكىن (731- يىلى ت) كۆلتىكىن مەڭگۈ تىشىدا: “ خىتاي خەلقىنىڭ گىپى تاتلىق، سوۋغىسى ئىسىل ئىكەن. تاتلىق سۆزى، ئىسىل سوۋغىلىرى بىلەن يىراقتىكى خەلقلەرنىمۇ ئۆزىگە شۇنچە يىقىنلاشتۇرىدىكەن. ئۇلارغا يىقىنلاشقاندىن كىيىن، ئۆزلىرىنىڭ يامان ھىيلەلىرىنى چىقىرىدىكەن. ياخشى، ئەقىللىق كىشىلەرنى، ناھايىتى باتۇر كىشىلەرنى ئىلگىرى كەلتۈرمەيدىكەن. بىر كىشى خاتالاشسا، ئۇنىڭ ئۇرۇغى، قەۋمى ۋە بۆشۈكىگىچە روناق تاپقۇزمايدىكەن. ئۇلارنىڭ تاتلىق سۆزىگە، ئىسىل سوۋغىلىرىغا ئىشىنىپ، نۇرغۇن تۈرك خەلقى ئۆلدۈڭلار. تۈرك خەلقى ھالاك بولغاندىن كىتيىن، قالغانلىرى جەنۇپتىكى چوغاي تېغىغا توپلىنىپ، يايلاقتا ئولتۇراقلىشايلى دىسە، يامان نىيەتلىك كىشىلەر تۈرك خەلقىنى شۇ يەردە ئۆلسۇن دەپ، ئەگەر خىتايغا يىراق بولساڭلار، ناچار سوۋغا بىرىدۇ. يىقىن يولىساڭلار، ياخشى سوۋغا بىرىدۇ دەپ قۇتراقۇلۇق قىپتۇ. بۇ ھىيلىنى بىلمىگەن كىشىلەر ئۇ سۆزلەرگە ئىشىنىپ، خىتايغا يىقىن بىرىپ، نەتىجىدە نۇرغۇن كىشى ئۆلدۈڭلار. خىتايغا يىقىن تۇرساڭلار ، تۈرك خەلقى ئۆلىسىلەر“ دەپ مەڭگۈ تاشلارغا مەڭگۈلۈك پەندى- نەسىھەت قالدۇرغان ئىدى. ھىچ ئىبرەت ئالمايمىزغۇ- تاڭ!

ئەمما بىرما خەلقى خىتاينى ئانچە ياقتۇرمايدۇ، خىتاي مۇستەملىكە تارىخىدىن باشقا يەنە بىرمادا ئىلگىرى خىتاينى قوغلاپ چىقىرىش، بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشتەك ئېغىر قانلىق ۋەقەلەرمۇ يۈز بەرگەن. بۇ يەردە خىتايغا قارىغاندا بەكرەك قارشى ئىلىشقا ئىرىشىۋاتقىنى 50 يىلدىن بۇيان بىرما خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەلەت يەتكۈزىۋاتقان ياپونىيە. 50 يىلدىن بۇيان، ياپونىيە بىرمالىقلارغا يول ياساپ بىرىش، توك ئۇلاپ بىرىش، مەبلەغ سىلىپ، كارخانا قۇرۇپ خىزمەت ئورنى يارىتىش، ياپونىيە ئالىي مائارىپىدا ھەقسىز ئوقۇتۇش دىگەندەك خەلقچىل ئۇسۇل بىلەن كۆڭلىنى ئۇتىۋاتىدۇ. بىرمادا خىتايغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن نامايىش، خىتاي بىلەن قۇرۇلۇش ھەمكارلىقى ئورناتماسلىق قاتارلىق پاسسىپ ئىپادە بىلدۈرۈشلەرنىڭ كەينىدە ياپونىيە ۋە ياپون مەستانىلىرى بار. شۇڭا بىرما خىتايدىن رازى بولغۇدەك مەنپەئەتكە ئىرىشمىسە، خەلقىمىز قوللىمىدى دەپلا رەت قىلىۋەتكەن ئىشتىن نەچچىسى بار. ئامرىكا بولسا باشتا بىرمىدا ئامرىكىغا مايىل كۈچلەرنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، خىتاينىڭ يولىنى كەسمەكچى بولدى. بىرما ئارمىيىسى نەچچە قىتىم ئامرىكىنىڭ كۈشكۈرتىشىدە خىتاي چىگراسىنى “ ئۇقۇشماي“ خاتا پارتىلىتىپ قويدى. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تۆمۈر يول، تاشيول، نىفىت تۇربا قۇرۇلۇشلىرىنى توختىتىپ قويدى. ئەپسۇس، بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى بىرماغا ئاكاڭ مەن دەپ كاپالەتنامە بىرىلمىگەچ، بىرما يەنىلا خىتاينى تاللىدى. بىرمامۇ بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستىرادىگىيەسىگە قاتنىشىپ خىتايغا يىقىنلاشتى. ئېنىقكى، بىرمادەك نامرات دۆلەت ئامرىكا، ياپونىيە، خىتاي، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قايسىسى مەنپەئەت بەرسە شۇنىڭغا كۈچۈكلىنىپ جان باقمىسا كۈن ئالمىقى تەس.
چۇرامپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن بولىشىغا پۇل سۇغىرىۋىلىپ كىتىپلا، يەنە دۈشمەنلىكىنى باشلىدى. بۇ يىل 11- ئايدا ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىقلار بىلەن تىنىچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان ئىستىرادىگىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ياپونىيەمۇ ھىندىستان بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى ناھايىتى تىز بولىۋاتىدۇ. يىرىم يىل ئىچىدە، يىل ئىچىدە نۇرغۇن پىلان بويىچە چوڭ قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرۈپ مىڭىۋاتىدۇ. ئەگەر ھىندىستان پۇل بىلەن كۈچ چىقارسا، ياپونىيە تېخنىكا چىقارسا، ئامرىكا قوللاپ ۋە قوغداپ بەرسە ئاران- ئاران خىتاينىڭ ئارقىدىن قوغلاپ يىتىشەلەيدۇ.
[ شۇنىڭغا ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئۈستۈن قىلىمىز] (ئەنئام:129)

2017-12-9

Görüntünün olası içeriği: 1 kişi
Share
451 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.