logo

trugen jacn

تەبىئى بايلىقلىرىمىز ۋە مۇستەقىللىق يولىمىز-2

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

2. بۇلۇم :  خىتاينىڭ غەربى تۇركىستان خىرسى

 

 

1.خىتاينىڭ سېپىلنى ئىچىدىن يىمىرىش ئىستىراتىگىيىسى

خىتاي، غەربى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى، بولۇپمۇ قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئىچىدىن يېمىرلىشى ئۈچۈن بۈيۈك ئەمگەك سەرپ قىلماقتا.
دۇنيانىڭ ئەڭ يوقسۇل 50 دۆلىتى تىزىملىكىدە [38]تاجىكىستان 31. قىرغىزىستان 33. قاتاردا يەر ئالماقتا. تاجىكىستاننىڭ خىتايغا بولغان قەرزى، بۇ دۆلەتنىڭ [39]مىللى كىرىمىنىڭ 20% ئىگەللەيدۇ. خىتاي بانكىلىرى مۇددىتى توشۇۋاتقان 1.2 مىليارد دوللار قەرز پۇلىنى ئۆسۈمى بىلەن تاجىكىستاندىن ئېلىش ئۈچۈن تاجىكىستان مەركەز بانكىسىنىڭ ياقىسىنى سىقىشقا باشلىدى…. قەرىز پاتقىقىدىن چىقالمىغان تاجىكىستان خىتاينىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي [40] 1000 كۋۋادىرات كىلومېتىر زىمىننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. قەرز دەستىدىن تاجىكىستان دولەت تەۋەسىدىكى بارلىق ئالتۇن كانلىرىنى خىتاي شىركىتىگە ئوتكۇزۇپ بەردى. [41]ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن خىتاي ئالتۇن كان شىركەتلىرى 331 مىليون دوللارلىق ئالتۇن قېزىپ بولغانغا قەدەر تاجىك ئالتۇن كانلىرىنى ئىشلىتىش ھۇقۇقىغا ئىگە. خىتاي، تاجىكىستاننىڭ بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئەسكىرى بازا قۇردى. 2018.يىلى 13. دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ زامانىۋى [42]تانكا، بروۋنىڭ، زەمبىرەك… قاتارلىق قۇراللىرى بەدەخشاننىڭ شەھەر مەيدانىدا داغدۇغلۇق پاراتتىن ئۆتتى. سانائىتى بولمىغان تاجىكىستاننىڭ كانلىرى، تېرىلغۇ يەرلىرى زور مىقداردا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. 2 مىليون تاجىك ئىشسىزلىقتىن روسىيەدە ياللانما ئىشچى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر -يۇ، شۇئاندا [43]تاجىكىستاننىڭ كان ۋە ئىكىنزارلىقلىرىدا 100 مىڭ خىتاي ئىشچى ئىشلىمەكتە. تاجىكىستاننىڭ [44]مۇقىم ۋە قول تېلىفۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەۋەرلىشىش سىستىمېسى خىتاينىڭ خۇۋاۋېي Z.T.E شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا. بېجىڭ يېقىندا تاجىكىستاننىڭ [45]ھۆكۈمەت بىناسى ۋە پارلامىنېت بىناسىنى ھەشەمەتلىك قىلىپ ھەقسىز سېلىپ بېرىش ئۈچۈن 1.5 مىليارد يۇۋەن ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، ئىنجىنىر ۋە ئىشچىلار خىتايدىن كېلىپ، دۈيشەنبە شەھرىنىڭ مەركىزىدە 2020. يىلى قەد كۆتۈرۈپ تاماملىنىدىغان ئاسمان پەلەك ئىككى پلازانىڭ “خوشخەۋەر”ئى، تاجىك ئەمەلدارلاردا ھاياجان، تاجىك خەلقىدە ئەندىشە ياراتماقتا. بىراق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، تاجىكىستاننى خىتاينىڭ 33. ئۆلكىسى دەپ ھېسابلاشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ يازمىلار مەۋجۇت.

2. خىتاي تەرىپىدىن قەرز ۋە پارىخورلۇق پاتقىقىغا پاتۇرۇلغان غەربى تۈركىستاندىن بىر ئۆرنەك دۆلەت

2013. يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئومۇمى تاشقى قەرزى ئىچىدە خىتايدىن ئالغان [46]قەرز 2% نى ئىگىلەيتتى. 2018. يىل ئاخىرىغا كەلگەندە ئومۇمى تاشقى قەرزى ئىچىدە خىتايدىن ئالغان قەرز مىقتارى 44% كە چىقتى. 6 مىليون نوپۇسلۇق قىرغىزىستاندا ئادەم بېشىغا 703 دوللاردىن خىتاي قەرزى كېلىدۇ. 5 نوپۇسلۇق بىر ئائىلىگە تەقسىم بولىدىغان قەرز مىقدارى 3500 دوللاردىن ئارتۇق. بۇ رەقەم، ئىشلەش قابىلىيىتى بار بىر قىرغىزنىڭ 3 يىللىق مائاشىغا توغرا كېلىدۇ. قىرغىزىستاندا كىشى بېشى يىللىق مىللىى كىرىم 1100 دوللار. (تاجىكىستان 925 دوللار). قىرغىزىستان 5 يىل ئىچىدە خىتايغا 1.5 مىليارد دوللار تۆلىشى شەرتنامىگە باغلانغان.
خىتايلار غەربى تۈركىستاندا “بىر يول، بىر بەلۋاغ” پەردىسى ئارقىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى پۇلغا سېتىۋېلىشتا تاجىكىستاندا بولغىنىغا ئوخشاش قىرغىزىستاندىمۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ كەلمەكتە.
قىرغىزىستاندا پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ۋەدىسى بىلەن دۆلەت رەئىسى سايلانغان ئالمازبەك ئاتامبايەۋ 2011.يىلدىن 2017. يىلغىچە دولەت پرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئوتىدى. خىتاي تەرەپتىن بىشكەك شەھرىنىڭ قىشلىق ئىسسىتىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ئىلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلىشى ئۈچۈن بەرگەن 386 مىليون [47]دولارنىڭ مۇھىم بىر مىقتارى ئاتامبايەۋنىڭ كارايىپ ئاراللىرىدا ئامېرىكىغا تەۋە ۋىرگىن ئاراللىرىدىكى بانكا ھېسابىدىن تېپىلغانلىغى مەتبۇاتلارغا چىقىپ كەتتى.
سابىق باش مىنىستىر ساپار ئىساقوۋ 2017 – 2018. يىللىرى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن كىشى. ساپار ئىساقوۋ 2018.يىلى 29.ماي كۈنى [48] ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ تەكشۈرۈلمەكتە. ئىساقوۋنىڭ 18 قېتىم پارىخور خىتاي شىركىتى باشلىقى بىلەن مەخپى كۆرۈشكەنلىكى، كۆپ قېتىم خىتايغا تەكلىپ قىلىنىپ پارا ۋە خوتۇن قىز پاتقىقىغا پاتۇرۇلغانلىغى ئاشكارىلاندى. 386 مىليون خىتاي كىرېدىسىنىڭ قىرغىزستاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى تۇزاققا چۈشۈرۈش يولىدا خەجلەنگەنلىگى، كۆپلىگەن قىرغىز ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن پۇلغا سېتىۋېلىنغانلىغى قىرغىزىستان خەلقىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.
قىرغىزىستان قاتناش-ترانسىپوت مىنىستىرى [49]جەمشىتبەك قالىلوۋ 2018.يىلى 5. دېكابىر كۈنى خىتاي شىركىتىدىن 50 مىڭ دوللار پارا ئېلىۋاتقان نەخ مەيداندا قولغا ئېلىندى ۋە دەرھال مىنىستىرلىقتىن ئىستىفا قىلىشقا مەجبۇر قالدى. ئۆز ۋاقتىدىكى سابىق قىرغىزىستان دۆلەت پرېزدىنتى ئاقايەۋنىڭ ئوغلى خىتاي بىخەتەرلىك تەشكىلاتى تەرىپدىن سېتىۋېلىنغانىلىغى ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتىكى قىرغىز ئىسيانىدا بۇ ۋەقە مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرى بولغان ئىدى.
قىرغىزىستاندا[50] ھەر 4 ئائىلىدىن بىرسى يوقسۇللۇق سەۋىيىسىدىن تۇۋەن ھاياتتا ياشايدۇ. جالالئالابات تەرەپتە يوقسۇللۇق ئۆلچىمىدىن تۇۋەن ياشىغۇچىلارنىڭ نىسپىتى 45% لەرگىچە چىقىدۇ. 1 مىليون 200 مىڭ قىرغىز رۇسسىيەدە ئىشلەپ ئائىلىسىگە پۇل ئەۋەتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە 600 مىڭى ئىشلەش رۇخسىتى قېيىنچىلىغىدىن رۇسسيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن.
خىتاينىڭ، غەربى تۈركىستاندىكى ئىشسىزلىق، يوقسۇللۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەمەس، رەھبىرى كادىرلارنى سېتىۋېلىش، پارىخورلۇق بىلەن چىرىتىشكە مەبلەغ ئاجرىتىشى روسسىيە ۋە غەرب دۇنياسىنى جىددى ئەندىشىلەندۈرمەكتە.

3. خىتاينىڭ، غەربى تۈركىستاننى سانائەتسىز قالدۇرۇپ، ئەبەدى خام ئەشيا بازىسى قىلىش غەرىزىگە دىققەت قىلىندىمۇ؟

مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ زەھەرلىك ئىستىراتىگىيىسى، بېقىندى ياكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەرنى سانائەتلىشىشكە ئىمكان بەرمەسلىك، خام ماددا مەنبەسى ۋە بازار قىلىپلا ئەبەدى موھتاج ھالدا قالدۇرۇش. خىتاي غەربى تۈركىستانغا بۇ ئىستىراتىگىيەنى چارەك ئەسىردىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي، غەربى تۈركىستاندا پەقەتلا نېفت،گاز ۋە كان بايلىقلىرىغىلا ۋە بۇ بايلىقلارنى يۆتكەپ كېتىدىغان، تۆمۈر يول، تاش يول، تۇرۇببا يوللىرىغىلا مەبلەغ سېلىپ كەلدى. بۇ قۇرۇلۇشلاردا ئۆزىنىڭ ئىنجىنىر ۋە ئىشچىلىرىنى ئىشلەتتى.
خىتاي ئەرزان ماللىرىنى غەربى تۈركىستاندا تۆكمە قىلىپ ساتتى، قارشىلىقىدا بۇ رايوننىڭ خام ئەشيالىرى ئېلىپ كەتتى. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئۇچاق زاۋۇتلىرىدىن بىرسى ۋە 200 ئۇچاق ئۆزبېكىستانغا سېۋىت ئىتتىپاقىدىن مىراس قالغان ئىدى. ئۆزبېك رەھبەرلەر خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىپ، تېخنىلوگىيە يېڭىلاپ زاۋۇتنى تەكرار ئىشلىتىش ئارزۇسىدا خىتاي شىركەتلىرىنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، خىتايلار زاۋۇتقا قىززىققان بولۇپ سېۋىت ئاۋئاسسىيە تېخنىلوگىيىسىنىنىڭ ئارخىپلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولدى. ئۇچاق زاۋودىنى بولسا ئوزبەكىستانغا ئەمەس، خىتايغا قۇردى. ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇچاق زاۋۇدىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى كۈتتى. چەتئەل مەبلىغى، يېڭى تېخنولوگىيە تاپالمىغان زاۋوت ۋەيران بولدى. خىتاي، بۇ زاۋۇتقا ئەمەس، [51]پەرغانە ۋادىسىدىكى كونا نېفت قۇدۇقلىرىنى يېڭىلاش ۋە بۇ قۇدۇقلاردىن چىققان نېفتنى ئەرزان باھادا خىتايغا توشۇپ كېتىش يولىدا 1990. يىللارنىڭ ئاخىرىدىلا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان ئىدى. ھازىرمۇ پەرغانە ۋادىسىدىكى 15 نېفت قۇدۇقى مەيدانىنىنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىغىدا.
خىتاي، ئۆزبېكىستاندىن 2016.يىلى 170 مىڭ توننا پاختا سېتىۋالدى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزبېكىستان پاختىسىنىڭ 75% نى خىتاي سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەتمەكتە. ئامما ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىگى دۆلەتنى توقۇمىچىلىق مەركىزى قىلىش ئۈچۈن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا باج، يەر، توك، ئىشچى جەھەتلەردە كۆپ پايدىلىق قانۇنلارنى چىقارغان بولسىمۇ، خىتاي يەنە بۇ توقۇمۇچىلىق ساھاسىغا كۆزگە كۆرۈنگۈدەك مەبلەغ سالمىدى. ئىشسىز ئۆزبېكلەر دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە ئىش ئىزدەپ پىتىراپ كەتمەكتە. [52]چەتئەلدە ئىشلەۋاتقان ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 8 مىليون. ئىشچان ئۆزبەك ئىشلەمچىلەر روسسىيە، تۈركىيە، ياۋروپا، ئەرەپ دۆلەتلىرى، ئىسرائىل، جەنۇبى كورە، تايلاند، مالايشىيا، ھىندىنوزىيە… قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەڭ كۆپ. پەقەت جەنۇبى كورىيەدە ئىشلەش رۇخسىتى بار ئۆزبەك 25 مىڭ ئەتىراپىدا بولسىمۇ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۆزبەك بۇ دۆلەتتە قاچاق ئىشلەيدۇ. پەقەتلا ئامېرىكا، كاناداغا ئىش ئىزدەپ كېتىپ بۇ دۆلەتلەردە ئىلتىجا قىلىپ قېپقالغان ئۆزبەكلەرنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئارتۇق. دۇنياغا تاراپ كەتكەن ئۆزبەكلەردىن ھەر يىلى يۇرتىدىكى ئائىلىلىرىگە كېلىدىغان پۇل 2.3 مىليارد دوللار. چۈنكى ئىشسىز ئائىلىلەر ئۇلاردىن كېلىدىغان پۇلغا مۇختاج. ئەگەر خىتاينىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ سانائەتلىشىشىگە،ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە يەردەمچى بولۇش نىيىتى بولغان بولسا ئىدى، بۇنچىۋالا كۆپ ئۆزبەك ۋەتەندىشى يۇرتىنى، ئائىلىسىنى تاشلاپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تاراپ كەتمىگەن بولاتتى. (خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بويان ئۆزبەكىستاننى قازاقىستانغا قارشى قوراللاندۇرۇپ كەلگەنلىگى،كۆپلىگەن ئۆزبەك ھەربىي ۋە ساقچى قىسىم كوماندىرلىرىنى ھەقسىز ئوقوتۇپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا يامان غەرەز بىلەن تولغان پاكىتلارنى بۇ يەردە يازمايمەن. چۈنكى تېمىمىز بايلىق ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ.)
يالغۇز ئۆزبەكىستانلا ئەمەس، قىرغىزىستانغا سېۋىتلەردىن قالغان ئەڭ بۈيۈك كالاشنكوۋ قۇرال زاۋۇدىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدە خىتاينىڭ ئەرزان تەقلىد كالاشنىكوپ ئاپتوماتلارنى خەلىقارا قۇرال بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىشى سەۋەپ بولغان بولسا، قازاقىستاننىڭ قاراغاندادىكى غايەت زور پولات-تۆمۇر زاۋۇدىنىڭ ئېغىر كىرىزىس ئىچىگە چۈشۈپ قېلىشىدا، خىتاينىڭ ئەرزان پولات- تۆمۈرنى دۇنيا بازىرىغا تۆكمە قىلىپ ساتقانلىقى سەۋەپ بولغان.

غەربى تۈركىستاندا كۆپلىگەن جاسارەتلىك كارخانىچىلار، ئاياق، كىيىم- كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى، ئىلىكتىرونىك بۇيۇملىرى… فابرىكىلىرىنى ئاچقان بولسىمۇ، كۆپۈنچىسى خىتاينىڭ ئەرزان تۆكمە ماللىرى بىلەن رىقابەت ئىتەلمەي تاقىلىپ كەتتى. خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىغا مۇھتاج بولۇپ سانائەتسىز يېزائىگىلىك توپلىمى بولۇپ ياشاش، شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاش، غەربى تۈركىستاندىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ مىللى تەقدىرى بولۇپ كەلمەكتە.
خىتاي، غەربى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يوقسۇللۇقنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن مەبلەغ سالمايدۇ. ھاكىمىيەتلەرنى چىرىتىش، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى پارا بىلەن بۇلغاپ ئۆزىگە سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىر يول، بىر بەلۋاغ دېگەن نېمە؟ بىر يول دېگىنى جاسۇسلۇق يولىدۇر. بىر بەلۋاغ دېگىنى پارىخورلۇق بەلبېغىدۇر. ئۇ، مۇھتاج دۆلەتلەرنىڭ بوشاپ كەتكەن بىلىدىن ئەمەس، بوينىدىن باغلايدىغان قۇللۇق سىرتمىغىدۇر. بىزنى ئۈمۈتۋار قىلىدىغان يېرى شۇكى، غەربى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئاستا، ئاستا ئويغىنىشقا باشلىدى.

3. بولۇم: خىتاينىڭ غەربى تۇركىستاندىن كېسۋالغان زىمىنلار ۋە بۇ دولەتلەرگە يايغان ئىستىغبارات تورى

خىتاي، 3 غەربى تۈركىستان دۆلىتىدىن 3438 كۋۋادىرات كىلومېتىر زىمىننى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىغىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

(ماقالە داۋام قىلىدۇ)

پايدىلانغان مەنبەلەر:

 

  1. Orta Asya, Petrol ve Doğal Gaz Zengini

 

  1. Dünyanın en fakir 50 ülkesi

39.俄媒:北京为中亚国家挖好债务陷阱

  1. 塔吉克斯坦宣布将退还中国约1000平方公里领土
  2. 俄媒尖锐批评 中共诱中亚国家陷入债务陷阱
  3. 中国军车装备塔吉克斯坦 俄罗斯不安
  4. Beklenen oldu: Kırgızistan’a Çinli işçi akını
  5. 中国贷款滋生腐败威胁中亚主权 巴尔干地区同样告急
  6. 中共撒币15亿元 援建塔吉克政府议会建筑群
  7. Kırgızistan’ın dış borcunun yarısı Çin’e
  8. 严寒中停止供热 中国贷款涉及腐败
  9. 吉尔吉斯前总理被控参与中国公司腐败案遭调查
  10. Kırgızistan’da rüşvet skandalına adı karışan bakan istifa etti

50.Çin’in Sömürgesi Durumuna Düşürülen Türk Cumhuriyetlerini Bekleyen Tehlikeler-

51.中国在中亚的角色与利益

52.Özbeklerin en çok göç ettiği ülkeler açıklandı

Share
1144 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.