logo

trugen jacn

تۆت مەسىلە ھەققىدە تۆت ئېغىز سۆز-نەزەر

تۆت مەسىلە ھەققىدە تۆت ئېغىز سۆز
نەزەر
مەپكۇرە

مەپكۇرە سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىسىدە تۈردەش ئىسىم ( بىر خىلدىكى شەيئىلەردە ئۇرتاق بولغان ئومۇملىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز) بولۇپ،تۈردەش ئىسىملار كاتېگورىيىسىنىڭ ئېنقلىغۇچى سۆزلەر بىلەن بېرىكىش ئارقىلىق كونكرېت سېمانتېك مەنە ئىپادىلەيدىغان تارماق تۈركۈمىگە مەنسۇپ سۆز. مەسىلەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك مەپكۇرىسى، مىللەتپەرۋەرلىك مەپكۇرىسى ۋە تەرەققىپەرۋەرلىك مەپكۇرىسى قاتارلىقلار. دېمەك،مەپكۇرە سۆزى پەقەت باشقا سۆز بىلەن بىرىكىپ سۆز بىرىكىمىسى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن خاس (ئاتاقلىق ) ئىسمغا ئايلىنالايدۇ.
مەپكۇرە ئاتالغۇسى ئىنسانلارنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنى تەپەككۇر قىلىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە قالدۇرغان ھەر خىل ئىنكاس ۋە مەۋجۇت بولغان ئىجتىمائىيەت ۋە تەبىئەتكە دائىر نەزەرىيىۋى ۋە پەلسەپىۋى چۈشەنچىلەر ھەمدە ھەر خىل سىياسىي ئېقىملارنى ئىپادىلەيدىغان ئىدىيە ئاتالغۇسىنىڭ سىنونىمى ( مەنىداش سۆزى) بولۇپ، بىر خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە سۆزلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان تۈردەش ئىسىم بولغاچقا، بۇ سۆزنىڭ ئومۇملاشتۇرىدىغان سۆزلىرىنىڭ دائىرىسىنىڭ چېكى بولىدۇ. يەنى مەپكۇرە سۆزى ئۆزى بىلەن بېرىكىپ بىر خىل ئۆي- پىكىرنى شەكىللەندۈرالايدىغان سۆزلەر بىلەن بېرىكىدۇ، ھەمدە ھاسىل قىلغان سۆز بىرىكمىسى ئارقىلىق ئۆزىگە يۈكلەنگەن كونكرېت سېماتېك مەنىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى مەپكۈرە ئاتالغۇسى بىر تۈردەش ئىسىم بولغاچقا ھېچقانداق كونكرېت مەنە ئىپادىلىمەي، ئومۇملاشقان ئابستراكت مەنە ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئاتالغۇ « نىيەت،مەقسەت،پىكىر » قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە ئەمەس. 1999- يىلى نەشر قىلىنغان « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دا « مەپكۇرە » سۆزگە بەرگەن ئىزاھاتىنى « ئىدىيە » ئاتالغۇسىغا قارالسۇن دېيىلگەن. « ئىدىيە » ئاتالغۇسىغا بېرىلگەن ئىزاھاتنىڭ ② دە « ئىدىيە » ئاتالغۇسىنىڭ « نىيەت،مەقسەت،پىكىر » مەنىسى بار دېيىلگەن. لېكىن ② ئىزاھاتتا سەۋەنلىك يۈز بەرگەن . ئىزاھات② دە « ئىدىيە» ئاتالغۇسىدا « نىيەت، مەقسەت، پىكىر » قاتارلىق مەنىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىسال « ئىدىيە » ئاتالغۇسىدا « نىيەت،مەقسەت،پىكىر » دىن ئىبارەت سېماتېك مەنىلەرنىڭ بارلىقنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى كەلتۈرۈلگەن مىسال « تىنچلىقنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش ئىدىيىسى » دىن ئىبارەت بۇ سۆز بىرىكىمىسى ئەمەلىيەتتە بىر ئېنىقلىغۇچى- ئېنىقلانغۇچىلىقتىن ئىبارەت بىر گرامماتىكىلىق مۇناسىۋەتتىكى سۆز بىرىكمىىسى بولۇپ، « تىنچلىقنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش » سۆز بىرىكمىسى « ئىدىيە » سۆزنى ئېنىقلاپ كەلگەن،يەنى مەزكۈر ئىدىيەنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنىڭ « تىنچلىقنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش » دىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ( چەكلەپ ) كەلگەن،خالاس. ئەمەلىيەتتە « ئىدىيە » ئاتالغۇسىمۇ « مەپكۇرە » ئاتالغۇسىغا ئوخشاش ھېچقانداق كونكرېت سېمانتېك مەنە ئىپادىلىمەيدۇ.
مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي توپلۇقىدىكى ھەر قايسى ساھە ۋە گۇرۇھ- گورۇپپىلارغا ئايرىم – ئايرىم تەۋە بولۇدىغان ئىدىيەلەر يەنى مەپكۇرەلەر — دېھقانلار مەپكۇرىسى،قول ھۈنەرۋەنلەر مەپكۇرىسى ۋە مەيدە بۇرژۇئازىيە مەپكۇرىسى قاتارلىقلار مەپكۇرىلەر مەۋجۇت بولۇشتىن سىرت يەنە پۈتۈن بىر مىللەتكە ئورتاق بولغان مىللىي (مىللەت ) مەپكۇرىسىمۇ ھەم مەۋجۇت بولىدۇ. مەسىلەن، مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك،مۇستەقللىق،ئازاتلىق،ئەركىنلىك،دېموكراتىيە قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەپكۇرە بولسا پۈتۈن بىر مىللەتكە ئورتاق بولغان مىللىي مەپكۇرەنى شەكىللەندۈرۈدۇ، ۋە مىللىي مەپكۇرىنىڭ يادىروسى ھىساپلىنىدۇ. مانا بۇ پۈتۈن مىللەتكە مەنسۇپ ئورتاق مەپكۇرەدۇر. بۇ مىللىي مەپكۇرە دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولغان مەپكۇرە بولۇپ، پەقەت مىللەتنىڭ نامى ئارقىلىق پەرقىلىپ تۇرىشى بىلەن مىللىي خاسلىققا ئىگە بولىدۇ،خالاس.
ھازىرقى زاماندىكى غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۆپچىلىكى كۆپ مىللەتلىك مەملىكەتلەر بولسىمۇ، بۇ مەملىكەتلەردە ھەر مىللەت خەلقىگە ئورتاق بولغان مۇلتىمىللىيلىق ( كۆپ مىللىيلىق ياكى مىللەتلىك، multi-national) دۆلەت مەپكۇرىسى — ۋەتەنپەرۋەرلىك، مۇستەقللىق،ئەركىنلىك، دېموكراتىيە،قانۇن ۋە ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق مەپكۇرىسى مەۋجۇت. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر بار دېگۈدەك بىر مەملىكەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇلتىمىللىيلىق دۆلەت مەپكۇرىسى بار. بۇ مەپكۇرە ئامېرىكىدا مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنغان دەۋردىلا مەۋجۇت ئىدى. گەرچە ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتچىلار ئۇتتۇرىسىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەر زامان كەسكىن تالاش- تارتىشلار مەۋجۇت بولۇپ تورسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ھامان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇلتىمىللىيلىق مەپكۇرىسنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.
1944-1949– يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىدە يەرلىك ھەر مىللەت قاتناشقۇچىلىرىنىڭ مۇلتىمىللىي مەپكۇرىسى — ئازاتلىق، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە خەلقچىللىق مەپكۇرىسى ئىدى. بۇ مەپكۇرە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەممە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ جۇملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەپكۇرىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. 1940- يىللاردا مەسئوت سابرى ۋە ئەيسا يۈسۇپلار تەشۋىق- تەرغىپ قىلغان پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم قاتارلىق مەپكۇرىلەر بولسا ھەرگىزمۇ ئازاتلىق، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە خەلقچىللىققا تەشنا بولۇپ تۇرغان ۋە ئەسىرنىڭ 30- يىللرىدىن باشلاپ مۇستەقىللىق ئۈچۈن قوراللىق كۆرەش قىلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەپكۇرىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى پانتۈركىزم مەپكۇرىسى بولسا بىر قىسىم تۈركىيە بۇرژۇئازلىرىنىڭ ئۆسمان ئىمېرىيسىىنىڭ ئۆتمۇشتىكى شانۇشەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا قۇيغان بىر ئىدېئولوگىيە ئىقىمى بولۇپ، تۇركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇندۇرۇش، تۇركىيە دۆلىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر نەزەرىيە ، ئەندى پانئىسلامىزم مەپكۇرىسى بولسا ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن دىنىي- سىياسىي ئېقىم بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ « بىرلىكى » ۋە خەلىپە رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى ئىدىيە. بۇ مەپكۇرىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا تەشۋىق- تەرغىب قىلىش ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىسان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك خەلقلىرىنىڭ تەقدىرىنى تۈركىيە ياكى ئەرەپ خەلىپلىرىنىڭ قولغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىك بىلەن تەڭ.
مەسئوت سابرى ۋە ئەيسا يۈسۇپلار تەشۋىق- تەرغىپ قىلغان « ئىرقىمىز تۈرك،دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان » شوئارى پەقەت شۇ دەۋردىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ « كىملىك » كىگە قىسمەن ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ شۇئار شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ شۇ دەۋردىكى مىللىي مەپكۇرىسىگە ھەرگىزمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئىلخان تۆرەلار بولسا شۇ زامانلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەر جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئومۇمىي مىللىي مەپكۇرىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخسلەر ئىدى. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك جەلقلەر، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىقى،مۇستەقىللىقى، ھۆرىيەتلىكى ۋە خەلقچىللىقى ئۈچۈن ئېگىلمەي- سۇنماي جەڭ قىلغان جەڭگىۋار ۋە قەيسەر جەڭچىلەر ئىدى.
ھازىرقى زاماندا دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر قانۇنلۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تۈزۈم ئاستىدا ياشاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان لېكىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر تۈركلىرى فاشسىت خىتاي ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن ئۆز زىمىنىدا تارىخدىن يوقۇلۇپ كېتىشتىن ئىبارەت مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلپەت ۋە پاجىئەگە دۇچ كېلىۋاتقان ھەمدە ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئۆزنىڭ شەخسىي ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش مەقسىتىىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولماي، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن « ياخشىچاق » بولۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئۆتمۈشتىكى ئۇسمان تۈركلىرى ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۇران دۆلىتىنى تىكلەشتىن ئىبارەت ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان قۇرۇق سەپسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە « تۈركچىلىك،تۈرك دۇنياسى بىرلىكى،بۈيۈك تۈران غايىسى » دىن ئىبارەت مەپكۈرەنى تەشۋىق- تەرغىپ قىلىپ يۈرۈشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى ۋە ھاجىتى بار؟!
تارىختا ئۆتكەن ھون ئىمپېرىيسى، موڭغۇل ئىمپېرىيسى ۋە ئۇسمان ئىمپېرىيىسى قاتارلىق تۇران ئىمپېرىيەلىرى باشقا قەبىلە، مىللەت ۋە دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىمپېرىيەلەر بولغاچقا، ئاخىرى كېلىپ ھەر قايسى مۇستەملىكە مەملىكەتلەردىكى ھەر تۈرلۈك سىياسى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە گۈمران بولغان.
ھازىر زامان ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىكى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىقىلىق سەپىرىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن تەڭ تۇرۇدىغان،ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى ۋە ئۇزاق تارىخىغا ئىگە ھەمدە مىللەت ئىستىقپالى ئۆز قولىدىكى مۇستەقىل بىر مىللەت. ئۇيغۇر مىللىتى باشقا تۈركىي مىللەتلار بىلەن ئېتنىك جەھەتتىن قانداش- ئۇرۇقداش- نەسىلداش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مىللەتلەر بىلەن مەڭگۈ قىرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى ساقلىشى لازىم، ئەلۋەتتە. لېكىن سىياسىي تەقدىرى ۋە ئىقبالى ئۆز قولىدىكى بىر مۇستەقىل مىللەت!
قىسقىسى، مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەپكۇرىسى ياكى كۆپ مىللەتلىك مۇلتىمىللىي مەپكۇرىسى مەزكۈر مىللەت توپلۇقىدىكى ياكى كۆپ مىللەتلىك توپلۇقىدىكى خەلقنىڭ تاشقى دۆشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرگە قارشى تۇرۇش، مىللەت ( كۆپ مىللەت ) ئۇچرىغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ھەمدە تەبىئىي ئاپەتلەرنى يېڭىش قاتارلىقلار تەبىئىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا يېتىشپ چىقىدىغان بىر ئاپستراكت ئۇقۇم. ئۇ ھەرگىزمۇ ئارختېكتورنىڭ ئىشخانىسىدە ئۇلتۇرۇپ سىزىدىغان قۇرۇلۇش چېرتيوژى ئەمەس.

ئۇيغۇرئەدىبى تىلىنىڭ يېڭى « ئىملا قائىدىسى » نى قانداق تونۇش مەسىلىسى

ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئۆز بېشىدىن ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر ۋە نۇرىغۇن ئىسسىق- سوغۇق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بۇگۈنكى تەرەقىيات باسقۇچىغا كەلگەن ھەمدە ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەدەبىي تىلى بولۇپ شەكىللەنگەن تىل.
1952- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 10- سانلىق ئەزالار مەجلىسىنىڭ قارارى بىلەن « شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقىنى تەتقىق قىلىپ ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى » تەسىس قىلىنغاندىن تارتىپ تا 1985- يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومتېتى تەرىپىدىن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى » ۋە « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى » تۈزۈلگەنگە قەدەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل- يېزىقى — ئېلىپبە، ئىملا ۋە گرامماتىكا بولۇپمۇ سىنگارمونىزم ( تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش ) قانۇنىيەتلىرى جەھەتلەردە كۆپلىگەن ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەردى. ئاخىرقى قېتىم تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزىي دىئالېكتنىڭ نورمىلىرى ئاساسىدا،ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يېتەكچى تەلەپپۇزى بولغان ئۇرۇمچى تەلەپپۇزى ئاساسىدا تەسۋىرىي تىلشۇناسلىق مېتودى بىلەن تۈزۈلگەن. « ئىملا قائىدىسى » دە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنگارمونىزم قانۇنىيەتلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەمەلىي ھالىتىنى ئاساس قىلغان. « ئىملا لۇغىتى » گە كىرگۈزۈلگەن توپ سۆزلەر ئاساسەن مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنغان. « ئىملا لۇغىتى » دا تۈپ سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ جانلىق تىلدا سۆزلەر قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا،يېزىقتا شۇنداق يازىدىغان ئەنئەنىۋى پرىنسىپ — فونېتىك پرىنسىپ رەت قىلىنىپ، مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ قوللانغانلىقى نەتىجىسىدە بەزى سۆزلەرنىڭ جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزى بىلەن يېزىقتا يېزىلىشدا پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ قالدى. مەسىلەن، « دېخان — دېھقان، خۇشنا– قۇشنا،مەخسەت – مەقسەت » قاتالىقلار. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى نىسپەتەن قىلىپلىشىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يېڭى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسى بۇيىچە كىتاپ- ژورناللار نەشر قىلىندى. بارلىق ئاغزاكى ۋە يازما تەشۋىق – تەرغىبلەر شۇ ئىملا قائىدىسى بۇيىچە ئىشلەندى ۋە مەكتەپ دەرسلىكلىرى شۇ ئىملا قائىدىسى بۇيىچە تۈزۇلدى. ئىككى ئەۋلاد بالىلار شۇ ئىملا قائىدىسى بۇيىچە تەربىيەلەندى. ئۇيغۇرلاردا بۇ يېڭى « ئىملا قائىدىسى » بۇيىچە سۆزلەش ئاساسەن ئومۇملاشتى. بۇ « ئىملا قائىدىسى » ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جانلىق تىلدىكى ئۆزئارا ئالاقە قىلشى ۋە تىل- يېزىق بولىدىغان ھېچقانداق ئىشىلىرىغا تەسىر يەتكۈزمىدى بەلكى ئالغا سۈردى. يەنى بۇ « ئىملا قائىدىسى » ئۇيغۇر تىل جەمئىيىتىدىكلەرنىڭ تىلنىڭ تاۋۇشلۇق ئالەقىلىشىشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ۋە تۈپكى فۇنكسىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توسقۇن بولمىدى. شۇنى موقۇملاشتۇرۇش لازىمكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھارىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرى مەۋجۇت. بۇ تىل شۇ قانۇنىيەتلەر بۇيىچە تەرەققى قىلىپ تېخمۇ مۇكەممەلىشىدۇ. ھازىرقى زاماندا بۇ تىل ھەرگىزمۇ باشقا تۈركىي تىللارنىڭ قانۇنىيەتلىرى بۇيىچە تەرەققى قىلمايدۇ.
تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە تۈپكى فونكىسسىيىسى تىل جەمئىيىتىدە كىشلەرنىڭ ئۆزئارا تاۋۇشلىق ئالاقىللىشىش ۋاسىتىسى بولۇشتىن ئىبارەت. ئىنسانىيەت تارىخىدا جانلىق تىلدا توساتتىن « چوڭ ئۆزگىرىش » بولۇپ باققان ئەمەس. مابادا جانلىق تىلدا «« چوڭ ئۆزگىرىش » » سادىر بولۇپ قالغان بولسا، تىل جەمئىيىتىدىكلەر « گاچا » بولۇپ قالغان بولاتتى. جانلىق تىلدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇقەررەر،لېكىن ئۆزگىرىش ئاستا- ئاستا يۈز بېرىدۇ.
نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقى فاشىست خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆچراپ،يەر يۈزىدىن يوقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن يەنە ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە ئۇيغۇر جەمئىيەتتىمۇ ئۇيغۇر تىل- يېزىقى چەكلىنش ئېھتىمالىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە ۋە چەت ئەللەر ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانى ئاران دېگەندە يېرىم مىليون ئۆپچۆرىسىدە بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرى بەلكىم پەقەت چەت ئەللەردىلا مەۋجۇت بولۇپ قالىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتلىقىنى داۋامىلق ساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر تىلدا « ئىنقىلاپ » قىلىش مەسىلىنى باداشقاننى قۇرۇپ ئۇلتۇرۇپ، دۇپپىنى ئالدىغا قۇيۇپ تەمكىنلىك بىلەن ئەتراپلىق ۋە چۈڭقۈر ئۆيلىشىپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر ئىش.

« ئۇيغۇر داۋاسى » بىلەن « ئۇيغۇر مەسىلىسى » لىرىنىڭ خاراكتېرلىرى ۋە پەرقلىرى

« ئۇيغۇر داۋاسى » بىلەن « ئۇيغۇر مەسىلىسى » سىياسىي مەسىلە كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق مەسىللەر بولسىمۇ لېكىن بۇ ئىككى مەسىلە ماھىيەت جەھەتتىن بىر- بىرىدىن پەرقىلىدىغان سىياسىي مەسىلىلەردۇر. « ئۇيغۇر داۋاسى » بولسا شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك خەلقلەر جۇملىدىن تۈركىي خەلقلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنى — شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان بىر سىياسىي مەسىلە. « ئۇيغۇر مەسىلىسى » بولسا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى— ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەسىلىسى. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى مەسىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى ئىككى مەسىلىنى بىر پۈتۈن مەسىلە قىلىپ، سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغاندا، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى « ئۇيغۇر مەسىلىسى » نى ھەل قىلىشتا ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتىكى ئىتتىپاقچىلىرى— ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دېموكراتىك زاتلارنىڭ قوللاشلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىش ئېھتماللىقى توغۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى مەسىلىدە پەرقلىق ھالدا ئىش- پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.
نۆۋەتتە « ئۇيغۇر داۋاسى » خەلقئارالاشمىدى، بەلكى « ئۇيغۇر مەسىلىسى » خەلقئارالاشتى. « ئۇيغۇر مەسىلىسى » نىڭ خەلقئارالاشقانلىقنى كۆرۈپ، « ئۇيغۇر داۋاسى » نى سىياسىي داۋادىن ئىنسانىي داۋاغا ئايلاندى دەپ قارالسا ، توغرا بولمايدۇ. چۈنكى « ئۇيغۇر داۋا» سىنىڭ سىياسىي ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنلا « مۇستەقىللىق » تىن ئىبارەت سىياسىي مەسىلە ئەندى « ئۇيغۇر مەسىلىسى » نى « ئىنسانىي داۋا » دەپ چۈشەندۈرسىمۇ بولىدىغان مەسىلە. چۈنكى بۇ مەسىلە ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر.
ئۇيغۇر مەسىلىسى خوڭكوڭ مەسىلىسى

بەزىلەر ئا قى شى دۆلەت كونگرېسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ « خوڭكوڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە دېموكىراتىيە قانۇن لاھىيەسى » نى تېز تەسىتىقلىنىشنىڭ ھەر خىل سەۋەپلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئىدىيە سەۋىيەسىنىڭ خوڭكوڭلىقلاردىن تۆۋەن بولغانلىقىن بولۇشى مۇمكىن دەپ، قارايدۇ. بۇنى ئىككى تەرەپنىڭ نامايىش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سانى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، يەتتە مىليون خوڭكوڭ ئاھالىسنىڭ ئىككى مىليونى نامايىشقا قاتناشقان بولسا، چەت ئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىملىرى تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى نامايىشقا قاتناشمىغانلاردىن سىرت شارائىتى يار بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىى دېگۈدەك ئالدى – كېيىن نامايىشلارغا قاتنىشىپ كەلدى.
بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە « دېموكراتىك ئىدىيە سەۋىيە » مەسىلىسى بولماستىن،بەلكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ « خوڭكوڭ مەسلىسى » ۋە « ئۇيغۇر مەسىلىسى » گە قارىتا بولغان تونۇش ۋە پوزىتسىيە مەسلىسى.
بىرىنىچىدىن، خاڭكوڭ رايونى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋەتكەن، موخبىرلار ئەركىن كېرىپ – چىقىدىغان ، تۇراقلىق ئاھالىلىرىنىڭ ئاخبارات، سۆزلەش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكلىرى بار بىر رايون بولغاچقا،ئۇ يەردە بولۋاتقان ئىشلار پۈتۈن دۇنيا ھەر زامان مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا كونگرېسى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنىڭ ئەزالىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدىن ھەر دايىم خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش پۇرسىتى مەۋجۇت. ئەندى،« شىنجاڭ » رايونى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغان، تۇراقلىق ئاھالىلىرى ئاخبارات، سۆزلەش ۋە يېىغىلىش ئەركىنلىكلىرىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنغان رايون بولغاچقا،بۇ يەردە بولۋاتقان ئىشلار چەت ئەلىلىكلەر تۇرماق خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئاھالىلىرىغا مۇتلەق مەخپىي تۇتىلىدۇ. شۇڭلاشقا خەلقئارا ئىشلارغا كۆڭۈل بولىدىغان ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۆچراشقان بىر قىسىم ئامېرىكا كونگرېس ئەالىرىدىن باشقىلارنىڭ نۆۋەتتىكى « شىنجاڭ » ۋەزىيىتىدىن خەۋېرى ياكى مەلۇماتى يوق دېيەرلىك. ھاتتا بەزى كونگرېس ئەزالىرى ھازىرقى زاماندا « شىنجاڭ » دېگەن بۇ رايونىدا « جازا لاگىرلىرى » بارلىقىغا ئانچە ئىشىنىپمۇ كەتمەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك سەۋەپلەر ۋەجىدىن بىر قىسمەن ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ « جوڭكوڭ مەسىلىسى» ۋە «ئۇيغۇر مەسىلىسى»گە تۇتقان پۇزىتسىيىسىنىڭ ئوخشاس بولماسلىقىدىندۇر. بەلكىم، ئۇلار ئۈچۈن « خوڭكوڭ مەسىلىسى » ئايدىڭ، « ئۇيغۇر مەسىلىسى » قاراڭغۇ بولۇشى سەۋەپىدىن ،
« خوڭكوڭ مەسىلىسى » گە جىددىي پۇزىتسىيە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. 2019- يىلى ئوكتەبىر

Share
1626 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.