logo

trugen jacn

تىبەت ئايال يازغۇچى ۋوئېسېرنىڭ قەلىمىدە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي كىملىك تۇيغۇسى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بېيجىڭدىكى تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر خانىمنىڭ «بىر تىبەتلىك ئەينى يىللىرى كۆرگەن شىنجاڭ» ناملىق يۈرۈشلۈك زىيارەت خاتىرىسىنىڭ 5-قىسمى، يەنى «خوتەندىكى شىنخۇا كىتابخانىسىدا مەن كۆرگەن كىتابلار» ناملىق يازما ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىدە ئېلان قىلىندى.

ۋوئېسېر خانىمنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنىڭ بۇ قىسمىدا ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداش روھى ۋە ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي رېئاللىق ھەققىدىكى سېلىشتۇرمىلار يەنە بىر قېتىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ۋوئېسېر خانىم زىيارەت خاتىرىسىنىڭ بۇ قىسمىدا ئەينى يىللىرى خوتەندە بولغان ساياھىتىدە ئۆزىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىشلارنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر سەپەردىشى دانىيار بىلەن خوتەندىكى كىتاب دۇكىنىدا كۆرگەن ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تارىخ ۋە ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىغا ئائىت كىتابلار ئىكەنلىكىنى ئەسلەيدۇ. سەپەردىشى دانىيارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ھەر بىر كىتابنى ئۆزىگە ئەستايىدىللىق بىلەن بىرمۇ-بىر چۈشەندۈرگەن ئەھۋاللارنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن خوتەن شەھىرىنى ئەستىن چىقارمايمەن. ئەلۋەتتە، بۇ شەھەر ھازىر جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا مەن كۆرگەن باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاشلا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقاتقان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يىراقتىن قارىسىڭىز شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەيداندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تۇماق كىيگەن ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ھەيكىلى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ھەيكەلگە يىراق بولمىغان جايدا ئاجايىپ چوڭ بىر ئېلان تاختىسى بار. قىزىل بايراقلار ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تاختىغا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە خەتلەر بىلەن ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغدايلى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرايلى!› دېگەن شوئارلار يېزىلغان ئىكەن. بۇ ئېلان تاختىسىدا يەنە ماۋزىدوڭ، دېڭ شياۋپىڭ ۋە جياڭ زېمىن قاتارلىق خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان يوغان رەسىمى، ئۇلارنىڭ قارشىسىدا چاۋاك چېلىپ تۇرغان بىر توپ ياش ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشى بار ئىدى. ئەمما ماڭا خوتەننى ئەسلىتىشكە سەۋەب بولغان كۆرۈنۈشلەر بۇلار ئەمەس، بەلكى خوتەن شەھىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسى. كىتاپخانىنىڭ 1-قەۋىتىدە ئۇيغۇرچە كىتابلار بار ئىكەن. دانىيار ماڭا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ مەزمۇنىنى سەۋرچانلىق بىلەن بىرمۇ-بىر چۈشەندۈردى. كىتابلارنىڭ زور كۆپ قىسمى تارىخ-تەزكىرىلەر ئىكەن، ئۇلاردا ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر زاتلاردىن پەيلاسوپلار، سەنئەتكارلار، شائىرلار ۋە مىللىي قەھرىمانلار تونۇشتۇرۇلۇپتۇ. ھالبۇكى، كىتابنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا شائىرلار ۋە كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئىدى. قارىغاندا، بۇ مىللەت كلاسسىك شائىرلارنى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى دەپ بىلىدىغاندەك قىلاتتى.»

ۋوئېسېر خانىم يەنە دانىيارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق خوتەندىكى شىنخۋا كىتابخانىسىدا ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان تارىخقا ئائىت كىتابلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مىللىي ئىنقىلاپلىرى ھەققىدىكى كىتابلار ۋە ئۆزى ئىلگىرى ئوقۇغان چەتئەللىك ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە يېزىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

«مەن دانىيارنىڭ بىرمۇ-بىر ئىنچىكە چۈشەندۈرۈشى جەريانىدا تۇنجى قېتىم ‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى› دىن خەۋەر تاپتىم. دانىيارنىڭ بايانلىرى ئىلى ئىنقىلابى ھەققىدە ماۋ زېدوڭ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگو خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى› دېگەن ئۇقۇمنى كاللامدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدى. بۇ يەردە مەن يەنە ئىلگىرى ئۆزۈم ئوقۇغان كىتابلاردىن ستەيىننىڭ ‹قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى›، شىۋېتسىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى گۇننار يارىڭنىڭ ‹قەشقەرگە قايتا سەپەر› ناملىق كىتابلارنىمۇ كۆردۈم. ئەلۋەتتە، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يات بىر ئادەم ئىدىم، شۇڭا مەن ئۇلارغا ئائىت بۇ تارىخلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيمەن دەپلا جاۋاب بېرىمەن. ئەمما ئۇلار بۇ خىل تارىخلارنى ھەر ۋاقىت ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرۈشتۈرىدۇ، ئۆز مىللىتى ھەققىدىكى ھەقىقىي تارىخىنى بىلىشكە قىزىقىدۇ.»

يېقىندىن بۇيان فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى مەلۇم قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان ۋە كۆپلىگەن خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن فىنلاندىيەدىكى خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

خالمۇرات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋوئېسېر بىر تىبەت يازغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر يۈزلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنى سېلىشتۇرغان.

خالمۇرات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئەسەرنىڭ خوتەندىكى كىتاب دۇكىنى ھەققىدىكى بۇ قىسمىدا تىبەت مىللىتىدىن بولغان يازغۇچى ۋوئېسېر كىتاب دۇكىنىدا ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە تارىختىكى مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي قەھرىمانلىرىغا بېغىشلانغان كىتابلارنىڭ ئۇ قەدەر كۆپلۈكى ۋە بۇ خىل كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىكەنلىكىنى ئىنچىكە بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان مىللىي روھىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.

خالمۇرات ئەپەندى ۋوئېسېرنىڭ 2003-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا قىلغان سەپىرى ھەققىدە يازغان بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن چوڭقۇر مەنىۋى ئوزۇق ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇمكى، تىبەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش تېمىسىدىكى ئەدەبىي يازمىلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەقىب قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن ۋە خەلقئارادا تونۇلغان تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر خانىم تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ۋوئېسېر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئېرى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى خىتايدا ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان ئىدى.

خالمۇرات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋوئېسېرنىڭ زىيارەت خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان دانىيار ئىسىملىك ئۇيغۇر سەپەردىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىپلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا سىمۋول قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدە 2003-يىلى ئۆزى بىلەن سەپەر قىلغان دوستى ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىگە مەھكۇم قىلىنىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي كىملىكىنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئېلان قىلىنىشىدا ئاپتورنىڭ ئىلھام توختىغا بولغان سېغىنىشى ۋە تىبەتلەر بىلەن تەقدىرداش بولغان ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

 

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/woeserning-eslimisi-07252018214752.html

Share
3481 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.