logo

trugen jacn

داھى ۋە خەلق

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

تارىخ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى،بىر قەۋىم ياكى بىر مىللەت داھى-يولباشچىغا ئىرىشكەندە دەۋىر ياراتقان،ئامەتكە يۈزلەنگەن.داھىسىز-يولباشچىسىز قالغاندا غەپلەتكە پاتقان،زاۋاللىققا يۈزلەنگەن

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئەسلىدە بىر بىرىدىن پەرىقسىزدۇر.ھىچبىر ئۈستۈن نەسىل ياكى تۈۋەن نەسىل يوقتۇر.چۈنكى،ھەممە مىللەتلەرنى ياراتقان بىر ئاللادۇر.بەزى مىللەتلەر تارىختا پارلاق دەۋىرلەرنى ياراتقان،ئامما بۇگۈنكى ئەھۋالى غۇرىگۈل.بەزى مىللەتلەر تارىختا ھىچقانداق ئورنى بولمىغان،ئامما بۇگۈن دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان دەرىجىدە چوققالاردا ئىلگىرلەۋاتىدۇ

بىر مىللەتنىڭ يولباشچىغا ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان دەۋرى دەل ئۇ مىللەتىنىڭ مىللىي كىرزىس ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان دەۋرىدۇر.جىڭگىزخان بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.جىڭگىزخاننىڭ قەبىلە رەئىسى بولغان دادىسى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن،ئادەت بويىچە 10 ياشلىق چىڭگىزخان قەبىلە رەئىسى بولدى.قەبىلىسى،كىچىك بالىنى قەبىلە رەئىسى قىلمايمىز،دەپ ئونى رەت قىلدى،ھاتتا قەبىلىدىن قوغلاپ چىقاردى.چىڭگىزخان ئانىسى ۋە قىرىنداشلىرى بىلەن ئادەمسىز تاغ جىلغىلىرىغا كىتىپ ياشاشقا مەجبۇر بولدى.ئۆز قەبىلىسىدىكى كىشىلەر جىلغىغا باستۇرۇپ كىلىپ چىڭگىزخاننى تۇتۇپ قۇللۇققا ئىلىپ كەتتى.چىڭگىزخان بىر قانچە يىلدىن كىيىن ئۆز قەبىلىسىدىكى خۇجانىنلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قىچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ،ئادەت بويىچە 16 ياشتا ئۆيلەنگەن چىڭگىزخان يەنە باشقا بىر موڭغۇل قەبىلىسى تەرىپىدىن قاچۇرۇلۇپ قۇللۇققا تۇتۇلدى

بۇ دەۋىر،موڭغۇل قەبىلىلىرى يۈزلىگەن پارچىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن،ئۆز-ئارا ئۇرۇش،قىرغىنچىلىق شىددەتلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر دەۋىر ئىدى

يولباشچى – داھىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئەڭ ئىغىر ئازاپ-ئۇقۇبەتلەرنى بىشىدىن كەچۈرگەن كىشىلەر ئارىسىدن چىقىدۇ.ئۇ، ئۆز خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئازاپ-ئۇقۇبەت تارتماسلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.يولباشچى،نورمال كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر مەنتىقىدىن تامامەن باشقىچە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.چۈنكى،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى خەلقىنى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا،خەتەرلىك مۇھىتتىن خەتەرسىز مۇھىتقا ئىلىپ چىقىشتۇر

باشقىلاردا بولمىغان،بولىشى مۇمكىن بولمىغان ئىرادە ۋە بۇ ئىرادىگە يۇشۇرۇنغان غايە يولباشچى -داھىنى نورمال ئىنسانلاردىن ھالقىغان ھالدا تەپەككۇر قىلىش مىتوتىغا ئىگە قىلغان.بۇ توغرۇلۇق يەنە چىڭگىزخاندىن بىر مىسال بىرىمەن؛چىڭگىزخان قۇللۇقتىن قىچىپ قۇتۇلۇپ،قەبىلىسىنى ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ باشقا زىمىنلارنى ئىشخال قىلىش ئۈچۈن يۈزلەنگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە 1000 ئەتىراپىدا ئەسكەرنى باشلاپ خىتاي زىمىنلىرى تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتقان دا،سەپ ئالىدىدا كىتىۋاتقان چارلاش ئەتىرىتى ئات چاپتۇرۇپ كىلىپ، 10 مىڭ كىشىلك بىر خىتاي قۇشۇنى چىڭگىزخان قۇشۇنلىرىنى يۇقۇتىش ئۈچۈن موڭغۇل زىمىنىغا قاراپ كىلىۋاتقانلىغىنى خەۋەر قىلىدۇ.بۇ خەۋەنى ئاڭلىغان چىڭگىزخاننىڭ ياردەمچى قۇماندانلىرى ھۇدۇقۇپ قالىدۇ.ئەسكەرلەر ئارىسىدىمۇ تەشۋىش باشلىنىدۇ.قۇماندانلاردىن بىرسى چىڭگىزخانغا دەيدۇ؛ “بىزنىڭ قۇشۇنىمىز ئاز.دەرھال چىكىنىپ قايتىپ سىپىل ئىچىدە دۈشمەندىن مۇداپىيەگە تەييارلىق قىلىايلى.” يەنە بىر قۇماندان “چىكىنەيلى ئامما،دۈشمەننى مەشخۇل قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر گۇرۇپ ئەسكەرنى قالدۇرايلى.بۇنداق قىلساق ئاز چىقىم بىلەن قۇشۇنىمىزنى سالامەت يۇرتىمىزغا ئىلىپ كىتەلەيمىز” دەيدۇ.ئات ئۈستىدىكى چىڭگىزخان جىم-جىت ھالدا خىيال سۈرۈپ تۇرۇدۇ.ياردەمچىلىرىدىن بىرسى سورايدۇ؛ “ سىز قانداق چۈشۈنىۋاتىسىز؟” چىڭگىزخان شەرىق تەرەپكە كۆز تىككەن ھالدا شۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ؛ 10 مىڭ خىتاي ئەسكىرىنىڭ جەسىدىنى قانداق كۆمۈپ بۇلارمىز دەپ چۈشۈنىۋاتىمەن.جەسەتلەرنى كۆممىسەك ۋابا تارقىلىپ كىتىدۇ

چىڭگىزخاننىڭ بۇ سۆزلىرى،ئەسكەر ۋە قۇماندانلارنىڭ تەشۋىشىنى جاسارەتكە،دۈشمەندىن چىكىنىشتىن ئىبارەت چۈشكۈن روھىنى،دۈشمەننى قوغلاشتىن ئىبارەت غالىپ روھقا ئايلاندۇرغان.چىڭگىزخان 1000 كىشىلىك قۇشۇنى بىلەن 10مىڭ كىشىلىك خىتاي قۇشۇنىنى يەڭگەن. بۇ تۇنجى جەڭ بىلەن تارىختا “يىڭىلمەس چىڭگىزخان” نامىنى ئىلىشتا ۋە موڭغۇللارنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىنى يارىتىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان

داھى-يولباشچىلار تارىخى قارارلارنى جاسارەت بىلەن ئالالايدىغان ئىنسانلاردۇر.شۇڭا دەيمىزكى،داھىلار تارىخ ياراتقۇچىلاردۇر.سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى ۋە ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ تىكلىشى،ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ بىر تارىخى دەۋىرنى تاماملاپ،يىڭى بىر تارىخى دەۋىرنى ئاچقانلىغىدۇر.تۈركلەر تارىخى،ئىسلام تارىخى،دۇنيا تارىخى سۇلتان سۇتۇق بوغراخاننى ئاتلاپ ئۈتۈپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس.سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تىلغا ئىلىنغان ھەر قانداق يەردە ئۇيغۇرلار تىلغا ئىلىنىدۇ.بىر مىللەت پارلاق بىر دەۋىرنى ياشىغان بولسا،ئۇ دەۋىرنى ئۇ مىللەتكە ياشاتقان پارلاق بىر داھى-يولباشچى بولغان بولىدۇ

بىر مىللەتنىڭ ئۈمىت مەنبەسى ئۇ مىللەتنى باشلىغۇچى يولباشچىلىرىدۇر.خىتاي ھاكىمىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكىسى ئاستىغا ئالغان تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنى يولباشچىسىز قالدۇرۇشنى بىرىنجى سىياسى پىرىنسىپ،دەپ تۇنۇپ كەلدى.ئالدى بىلەن يولباشچىلىرىمىزنى،ئۇنىڭدىن كىيىن ھاق-ناھاقنى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزنى يوقۇتۇپ كەلدى.پادىنىڭ نىشانى بولمايدۇ،پادىچىنىڭ نىشانى بولىدۇ.يولباشچىسىز خەلق،پادىچىسىز پادىدۇر

مەن ياشاۋاتقان دەۋىر بىر قانچە ئۇيغۇر داھى-يولباشچىغا شاھىت بولدى.مەن بۇ يەردە شىھىتلىك مەرتىۋىسىدە ئاللانىڭ رەخمىتىگە ئىرىشكەن 2 نەپەر داھى -يولباشچىنى مىسال كۆرسىتەي؛ زەيدىن يۈسۈپ. ئۇ كومىنىست خىتاي دەۋرىدە مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمان ۋە يولباشچىلاردىن بىرىدۇر.ئۇنىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار “ قۇرئان مازارلىقتا ئوقۇيدىغان كىتاپ ئەمەس،بەلكى جىھات قىلىشنىڭ مىزانىدۇر”. زەيدىن قارى ئاقتۇنىڭ بارىن يىزىسىدا ياشايدىغان بىر دىھقان.ئامما ئۇلۇغ روھ ئىگىسى ئىدى.زەيدىن يۈسۈپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن 3ئاي بۇرۇن ئاقتۇ بازىرىدا ئاقسۇ-كۇچا تەرەپتىن كەلگەن 2 نەپەر مىھمىنى بىلەن كۆرۈشكەن.سۆھبەت تۈگىگەندىن كىيىن،مىھمانلىرىنى ئاشخانىدا مىھمان قىلغان.زەيدىن يۈسۈپنىڭ ياردەمچىسى مەرھۇم ئەزىز قۇربان ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كەلگەن ئىدى.ئاشخانىدا زەيدىن يۈسۈپ ئىككى مىھمان ئۈچۈن ئىككى تەخسە لەغمەن زاكاس قىلدى.مىھمانلار،ھەربىرىلىرىچۇ؟”دەپ سورىدى.زەيدىن قارى “بىز سىلى بىلەن كۈرۈشىشتىن بۇرۇنلا تاماق يەۋالغانكەنمىز”دىدى.مىھمانلار تەڭقىسلىق ئىچىدە لەغمەننى يىدى.زەيدىن يۈسۈپ بىلەن ئەزىز قۇربان مىھمانلارنى ئاپتۇۋۇز بىكىتىگە ئاپىرىپ يولغا سىلىپ قويۇپ يەنە ئو ئاشخانىغا قايتىپ كەلدى ۋە ئاشپەز ئۇستىدىن ئىككى ھىجىر تاۋاقتا مەلتەڭ ئىستىدى.ئۇلارنىڭ قوسىغى بەك ئىچىپ كەتكەن ئىدى.بەلۋاغلىرىدىكى زاغرا ناننى چىقىرىپ مەلتەڭ سۈيىگە چىلاپ يىيىشتى.ئەزىز قۇربان؛-زەيدىن قارى سىلىنىڭ غەلىتە مىجەزلىرى بار.خاپا بولسىلىمۇ دەپ قۇياي،شۇ مىھمانلار ئالدىدا تاماق يىمەي ئۇلارنى خىجالەتتە قويغىنىمىز ياخشى بولمىدى.بىر تەخسە لەغمەن بىر كوي.بۇنچىۋالا چۈپەيلىشىپ كەتسەكمۇ بولمايدۇ.” دىدى

زەيدىن يۈسۈپ،ئەزىز قۇرباننىڭ گىپىگە خاپا بولمىدى؛ “ ئۇلار مىھمان.بىز مىھمان قىلىشىمىز لازىمدى.قىلدۇق.بىز بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىمىز.بىر كوي پۇلغا بىر پاي ئوق كىلىدۇ.” دىدى ئورنىدىن تۇردى

 

1-Zeyneddin Yusuf

بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ يولباشچىسى زەيدىن يۈسۈپ

ئۇلار كوچىغا چىقتى.ئەزىز قۇربان ئالىدىدا كىتىۋاتقان زەيدىن يۈسۈپنىڭ چاپىنىنىڭ كونىراپ نىمكەش بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى.پۇتىدىكى كونا بىتىنكە بىرقانچە يەردىن ياماغلىق ئىدى.كىيگۈچىلىك ھالى قالمىغان ئىدى.ئەزىز قۇربان بىر  نەرسە سىتىۋالىدىغانلىغىنى ئەيتىپ زەيدىن يۈسۈپنى ماگىزىنغا باشلاپ كىردى ۋە پىركازچىتىن بىر ئۈتەك ئالدۇردى “زەيدىن قارى بۇ ئۈتەكنى بىر كىيىپ باقسىلا!” دەپ ئۇزاتتى.ئەزىز قۇرباننىڭ ئۈتەكنى ئۇنىڭغا ئەلىپ بىرىش نىيىتىنى چۈشەنگەن زەيدىن يۈسۈپ، “بىتىنكەمنىڭ ئۆمرى مەندىن ئۇزۇن.” دىدى-دە،ماگىزىندىن چىقىپ كەتتى.ئارقىدىن يۈگۈرەپ چىققان ئەزىز قۇربان ھاقىقەتەن خاپا بولغان ئىدى. “زەيدىن قارى! سىلە نىمانداق كاج ئادەم؟ سىلى جامائەتكە ئىماملىق قىلىلا،بىز سىلىگە ئەگىشىۋاتىمىز،جامائەت سىلىگە ئىخلاس قىلىدۇ.سىلى كونا كىيىم بىلەن يۈرۈيۋەرگەن بىلەن بىز سىلىنى بۇنداق قويۇپ قۇيۇشقا خىجىل بۇلىدىكەنمىز.سىلىگە كىيىم ئىلىشنى ماڭا جىكىلەپ پۇل بەرگەنلەرگە مەن نىمە دەيمەن؟” دىدى ئاچچىغىنى باسالماي

2-Aziz Kurbanبارىن ئىنقىلاۋىدا زەيدىن يۈسۈپ شىھىت بولغاندىن كىيىن ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلغان قەھرىمئان ئەزىز قۇربان

زەيدىن يۈسۈپنىڭ كۆزلىرىدە مىننەددارلىق نۇرى چاقنىدى؛ “ ئىككى يىلدىن بىرى بارىننىڭ ئۆستەڭلىرىگە بىر تامچە سۇ كەلمىگەنلىكىنى ھەممىمىز ئۇبدان بىلىمىز.بىڭتىۋەن سۇنى تۇسىۋالدى.ئىتىزلار ئاق قالدى،باغلار قۇرۇپ كەتتى. يىزىمىزدا يەيدىغان زاغرا نان يوق ئۆلۈپ كىتىۋاتقان بۇۋاقلار،ئاجىز-ئۇرۇقلارنىڭ جىنازا نامىزىنى ھەر كۈنى مەن چۈشۈرۈۋاتىمەن.ئەگەر سىلىدە پۇل بولسا ئاچ قالغانلارغا تارقىتىغانغا بىر ئاز نان ئىلىۋالايلى.”دىدى زەيدىن قارى .ئۇلار ناۋاي ئىزدەپ ماڭدى

قىزىل دىكتاتۇرلۇق بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەتلەر، قاتمۇ-قات سىپىل،سىم تۇساقلار بىلەن قورشالغان تۇرمىلارغا ئوخشايدۇ.بۇ تۇرما سىپىللىرىدىن بۈسۈپ چىقىپ ئازاتلىققا ئىرىشىش قانچىلىك تەس بولسا،بۇ كۈچلۈك ۋە زالىم تۈزۈمنى ئاز كۈچ بىلەن يىمىرىپ تاشلاشمۇ ئىمكانسىز. ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن زەيدىن يۈسۈپ بۇنى ياخشى بىلەتتى.ئامما زۇلۇمنى تۇسۇش،ئاجىزلارنى زۇلۇمدىن قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئاللانىڭ ئەمرى ئىدى “ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىدۇر.” (شۇرا سۈرىسى 39.ئايەت) ئۇلار دۈشمەننىڭ ئۈستىگە بىسىپ بارمىدى، بارىن يىزىسىغا ئۇلارنى تۇتقىلى كەلگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ قۇرالسىزلاندۇردى.زەيدىن يۈسۈپ ئۆمرىدا ھىچقانداق ھەربىي تەلىم كۆرمىگەن بولسىمۇ داھى بىر قۇماندان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. “مەن شىھىت بولۇپ كەتسەم،ئۇرۇشقا ئەىزىز قۇربان قۇماندانلىق قىلسۇن” دەپ ۋەسىيەت قىلدى.ئەزىز قۇربان شەھىت بولۇپ كەتسە كىمنىڭ قۇماندانلىق قىلىشىنىمۇ ئۇرۇنلاشتۇردى.بىرىنجى قىتىملىق جەڭدە دۈشمەندىن ئولجا ئالغان قۇراللاردىن بىر پىلىمۇتنى ئەلىپ مۇداپىيە ئاكۇپىدا ئالدىنقى سەپكە يەرلەشكەن زەيدىن يۈسۈپ بارىن خەلقىنى قوغداش يولىدا دۈشمەن ئەسكەرلىرىدىن ئون نەچچىسىنى يەر چىشلەتتى ۋە ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلىش جەريانىدا شەرەپ بىلەن شىھىت بولدى.زەيدىن يۈسۈپنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن ئۇرۇشنىڭ قۇماندانلىق شىتابىغا زەيدىن يۈسۈپنىڭ سادىق دوستى 30 ياشلىق ئەزىز قۇربان كىلىپ يەرلەشتى.ئۇ جانسىز بىر پەرىشتەدەك ياتقان دوستى،يولباشچىسى زەدىن يۈسۈپنىڭ قانغا مىنىلىپ كەتكەن چاپىنىنى ئۈستىدىن يىشىپ چىقارماقچى بولغاندا،چاپاننىڭ ئەستىرىدىكى بىر قانچە ياماققا كۆزى چۈشتى.ئاندىن ئۇنىڭ ياماق ئۈستىگە ياماق چۈشكەن كونا بىتىنكىسىگە قارىدى.ئەزىز قۇرباننىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش تامچىلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ئۇلار ھەر قەنداق قىيىن شارايىتتىمۇ تاقەت قىلىشقا،كۆز يىشى تۆكمەسلىككە ئۆز ئارا ۋەدە قىلىشىقان ئىدى.ئەزىز قۇربان دەرھال كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى ۋە زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئامانىتى بولغان پىلىمۇتنى قولىغا ئالدى.بىسىپ كەلگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈستىگە يامغۇردەك ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى.ئۇ بىر كىچە-كۈندۈز قانلىق جەڭگە قۇماندانلىق قىلدى ۋە ئىغىر يارىدار بولۇپ ھۇشىدىن كەتكەن ۋەزىيەتتە دۈشمەن قولىغا چۈشتى

imagesبارىن ئىنقىلاۋىدا دۈشمەن ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئىلىنغان بارىن ياشلىرى

زەيدىن يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان قەھرىمان يىزا ياشلىرى قاھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇشۇپ شىھىت بولدى ياكى تۇرمىلاردا قىيناپ،ئىشلىتىپ ئۆلتۈرىۋىتىلدى.بارىن خەلقى ئاساسەن قىرىپ تاشلاندى.ئۆزلىرىنى “داھى” ھىساپلايدىغان بىر مۇنچە “ئەقىللىق” ئۇيغۇر زىيالىلىرى “بىر قانچە نادان موللا بىر يىزىدا ئىسيان كۈتۈرۈپ نىمە ئىش قىلالايتتى.ئۆزلىرى ئۆلدى.ئەمدى خەلقىمىزنىڭ بىشىغا تىخىمۇ چوڭ بالايى-ئاپەت كىلىدىغان بولدى.تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بۇلامدۇ؟” دىيىشتى

ھەممە ئىنساندا يۈرەك ئاتالغان گوش بار،ئامما ھەممە ئىنساندا ۋىجدان بولىشى ناتايىن.ھەممە ئۇيغۇر ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدۇ.ئامما ھەممە ئۇيغۇردا ئىمان بولىشى ناتايىن.بىلىم تىرىشسا ئۈگەنگىلى بولىدىغان نەرسە.ئامما ۋىجدان،ئىمان ئاللاھ نىسىپ قىلغان ئىنسالاردىلا بولىدۇ. مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپ بىر گۈلدۈرمامىلىق  چاقماقتەك يىنىپ ئۆچتى.ئامما،ئۇ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىگە ئوت ياقتى.چۈنكى ئۇ مىللەتنىڭ ياقىسىنى چىڭ تۇتۇپ قاتتىق بىر سىلكىۋىتىپ ئاللانىڭ ھۇزۇرىغا كەتكەن ئىدى.ئۇيغۇر خەلقى بىخۇتلۇق،خامۇشلۇقتىن سىلكىنىپ ئويغۇنۇشقا باشلىدى.بارىن ئىنقىلاۋى بولغان 1990.يىلى يۇرتىمىزنىڭ شەھەر ۋە يىزىلىرىدا مۇتلاق كۆپ ئۇيغۇر ئەرلىرى بىشىغا خىتاي شەپكىلىرىنى كىيىشىپ يۈرەتتى.بارىن ئىنقىلاۋىدىن كىيىن ئۇيغۇر ئەرلىرى ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ تارىخى باش كىيىمى دوپپىنى كىيىشكە باشلىدى.خۇتۇن-قىزلىرىمىز شەمە-ھاياغا ئۇيغۇن كىيىنىشكە دىققەت قىلىشقا باشلىدى.قۇل ھالەتتە ياشاپ ئۆزلىرىنىڭ قۇل ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز،مۇسۇلمانلىقنى،ناماز قىلىش،مەككىگە بىرىپ “ھاجى” ئۇنۋانىنى ئىلىپ كىلىش دەپ بىلگەن بولسا،ياشلىرىمىز مۇسۇلمانلىقنى “مۇسۇلمانغا قىلىنغان زۇلۇمنى يۇقۇتۇش” دەپ چۈشۈنىدىغان بولدى.شۇنداق قىلىپ تەقدىرگە بويۇن ئىگىشكە مەجبۇرلانغان بىر مىللەت،زاۋاللىققا يۈز تۈتقان قەدىمى بىر مەدىنىيەت ئاستا-ئاستا جانلىنىپ ئۆزىگە كىلىشكە باشلىدى

داھى-يولباشچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ھايات ۋاختىدا ئۆز خەلقى تەرىپىدىن بەك ھىس قىلىنمايدۇ.ھاتتا بەزىلىرى “تەلۋە” دىگەن ھاقارەتكە قالىدۇ.چۈنكى،داھى-يولباشچىلار نورمال كىشىلەردىن ھالقىغان تەپەككۇر قابىلىيىتىگە ئىگە. دۇنياغا مەشھۇر ئالىم ئەينىشتىيىننىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: “بىر پىكىر ئەگەر باشتىلا غەلىتە تۇيۇلمىسا،ئۇنداق پىكىردە ھىچ ئۈمىت يوقتۇر.” زەيدىن يۈسۈپ ئۆزىنىڭ نورمال كىشىلەردىن ھالقىغان پىكىر،ئىرادە،تەشكىلاتچانلىق،قۇماندانلىق قابىلىيىتى،ئۆزگىچە ئەخلاقى،خەلق سۈيگۈسى بىلەن بۇگۈنكى يىڭى ئەۋلات قەھرىمان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلھام مەنبەسى بولماقتا.بۈگۈنكى جىھات ئويغۇنۇشىنىڭ ساداسى، زەيدىن يۈسۈپنىڭ ئۆز ۋاختىدىكى ئەركىنلىك چاقىرقىنىڭ ئەكىس ساداسىدۇر.زەيدىن يۈسۈپ 25 يىل بۇرۇن قۇراللىق باستۇرۇشقا قارشى قۇراللىق مۇداپىيەلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا،بۇنى “تەلۋىلىك” دەپ قارىغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار 25يىلدىن كىيىنكى بۇگۈنكى كۈندە زەيدىن يۈسۈپنىڭ سۆز ۋە ھەركەتلىرىنىڭ توغرىلىقىنى تەل-تۈكۈس تۇنۇپ يەتتى.بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن زەيدىن يۈسۈپنىڭ “قۇرئان مازارلىقتا ئوقۇيدىغان كىتاپ ئەمەس،بەلكى جىھات قىلىشنىڭ مىزانىدۇر.” دىگەن سۆزىنى خىتايلار،زەيدىن يۈسۈپنىڭ “ئەكسىيەتچىل سۆز-ھەركەتلىرى” قاتارىدا ئىلان قىلغاندا،بىرمۇنچە ئۇيغۇر زىيالىلار،ھەتتا موللىلار “ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ئالجىپ قالغان ئىكەن” دىيىشكەن بولسا،25 يىلدىن كىيىن بۇگۈنكى كۈندە مۇتلاق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قۇرئاننىڭ مازارلىقتا ئوقۇيدىغان كىتاپ ئەمەس،جىھات قىلىشنىڭ مىزانى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى

داھى-يولباشچى دىمەك،جەمىيەتتىن 10يىل،20يىل،50 يىل ھەتتا 100 يىل كىيىننى كۆرەلەيدىغان ئىنسان دىمەكتۇر

داھى-يولباشچى، روھى ۋە ئەخلاقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان،چۈشكۈن،ئۈمىتسىزلىك بىلەن تولغان، ئىچىدىن چىققىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن جەمىيەتتىن ئىبارەت قۇلپىنى ئاسانلا ئىچىۋىتەلەيدىغان ئاچقۇچتۇر.ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئۈمىت بولۇپ چاقنايدىغان يۇلتۇزدۇر.داھى شىكايەت قىلغۇچى ئەمەس،شىكايەتنى ھەل قىلغۇچىدۇر،داھى،يىغلىغۇچى ئەمەس،يىغلىغانلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكۈچىدۇر.داھى،شارايىت يوق،ئىمكانىيەت يوق،دىگۈچى ئەمەس،شارايىت،ئىمكانىيەت ياراتقۇچىدۇر

ئۆتكەن يىلى-يەنى 2014.يىلى 9.ئاينىڭ 21.كۈنى ئاخشىمى ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىن خىتايلارنى تەشۋىشكە،ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر خەۋەر تارقالدى.بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يىڭىسار ۋە تىرەك بازار دىگەن يەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا خىتاينىڭ يىڭىسار،تىرەك بازار ساقچىخانىلىرى (پەيچىسو)،بۈگۈر ناھىيەلىك ھۈكۈمەت ئورگانلىرى،پاھىشەخانا،قىمارخانا… قاتارلىك بىنا ۋە سورۇنلارغا بومبىلىك ھۇجۇم قىلش ۋەقەسىدە 60 نەپەردىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنلىكى،100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى خىتاي ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن ئىلان قىلىندى.خىتاي ئەسكەرلىرى كوچىلاردا،ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ قىرىپ تاشلىغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ سانى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،بومبىلىق ھۇجۇمدا پارتلاپ،ئىتىشىپ،پىچاقلىق ئوق چىققان پىلىمۇت،ئاپتۇماتقا قاراپ يۈگۈرۈپ كىتىۋىتىپ شىھىت بولغان ئۇيغۇر قىز-يىگىتنىڭ سانى 40 نەپەر

بىز 40 نەپەر بۈگۈر قەھرىمانىڭ ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ،مىللەت ئۈچۈن غۇرۇر،ئىسلام ئۈچۈن ساداقەت ئۆلگىسىىنى مىراس قالدۇرۇپ ئاللانىڭ ھۇزۇرىغا كەتكەنلىكىنى بىلمىز.بىراق ئۇلارنىڭ مۇبارەك جەسەتلىرىنىڭ قايەرگە ئىلىپ كىتىلگەنلىكىنى،قايەرگە كۈمۈلگەنلىكىنى ياكى كۈمۈلمىگەنلىكىنى ھىچ بىرسىمىز بىلمەيمىز.ۋەتىنىمىز ۋە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جىنىنى بەرگەن ساناقسىز شىھىتلىرىمىزگە ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ قەۋرىسى يوق.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرى جىسمانى،روھى،ئىختىسادى، ئىجتىمائى تالان-تاراج ئاستىدا.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆزگە ئىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى پىدا قىلغان،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆز ئەركىنلىكىدىن ۋاز كەچكەن،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھاقارەت داغلىرى بىلەن خۇنۇكلەشكەن غۇرۇر ۋە شان-شەرىپىنى ئىسسىق قانلىرى بىلەن يۇيۇپ پارلاتقان بۇ 40 نەپەر ۋەتەن ئەۋلادى قانداق قىلىپ شىھىتلىك يولىدا بىرلەشتى؟ بۇلارنى بىرلەشتۈرگەن تەشكىلاتچى كىم؟ ئۇلۇغۋار بىر غايە ئۈچۈن 40 كىشىلىك بىر قۇشۇننى شەھىتلىك مەرتىبىسىگە ئىرىشىش يولىدا باشلاپ ماڭغۇچى يولباشچى – داھى كىم؟

بۇ تارىخى ۋەقەنىڭ يولباشچىسى 28 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى تۇرسۇن مەمەتتۇر.تۇرسۇن مەمەت ئوتتورا تەخنىكۇمنىڭ بىناكارلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن،قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئالدىغا كۆتۈرە ئىلىپ،كەسپىي ۋە تىچارى ساھەدە ھەم پۇل،ھەم شۆھرەت قازانغان ياش يىگىت.تۇرسۇن مەمەت بىلەن بىللە ئۆلۈمگە قاراپ ئىلگىرلىگەن ۋە بىللە شىھىت بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىشچىلاردىن تەركىپ تاپقان

تۇرسۇن مەمەت،ئىشلىتىۋاتقان ئىشچىلارنى پۇل تىپىشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارىمىغان.بەلكى ئۆز قىرىنداشلىرى سۈپىتىدە كۆرگەن،ئىشچىلار بىلەن بىللە يىتىپ،بىللە قوپۇپ،بىللە ئىشلەپ،بىللە دەرتلىشىپ ئۇلار بىلەن بىر ئائىلەدەك بولغان.تاپقان پۇلنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بۆلۈشكەن، باشقا يۇرتلاردىن قىچىپ كەلگەن پىچەرە قىرىنداشلىرىنى يىنىدا ئىشقا ئالغان،بىشىنى سىلىغان.تەبىئى گاز ۋە نىفىتنىڭ يىڭى مەركىزىگە ئايلانغان بۈگۈردە ئورماندەك قەد كۆتۈرىۋاتقان بىنالارغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇرۇنلىشىۋاتقانلىقىنى،يىلىدىن يىلغا تەرەققى قىلىپ زورىيىۋاتقان،پۇلپەزلىك بولىۋاتقان بۈگۈردە يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ يەنىلا يوقسۇل،ئىشسىز،دىھقانلارنىڭ يەرسىز قىلىۋاتقانلىقى،بۇ زۇلۇم ۋە چتكە قىقىلىشقا تاقەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ساقال-بۇرىتى،ئاياللارنىڭ كىيىم كىچەكلىرى،ناماز،نەزىرە-چىراق “جىنايەت” دىيىلىپ ئۇيغۇر ياشلىرى تۇرمىلارغا تولدۇرۇلۇپ،بالىلارنى ۋە ياشانغانلارنى ئىشلەپ باقىدىغان ئادەم يوق،پۈتۈن مىللەت “دات! خۇدا بىزنى قۇتقاز!” دىيىشىپ ئاللاغا يالۋۇرۇپ يىغلىشىۋاتقان بىر پەيىتتە،تۇرسۇن مەمەت،ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بىرمۇ بىر پاراڭلىشىپ،ئىشىنىشكە بولىدىغان ئىشچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتراپىغا يىغدى.خارلانغان ۋەتەن،ھاقارەتلەنگەن دىن،دەپسەندە قىلىنغان مىللىي غۇرۇرنى قوغداش يولىدا زۇلۇمغا قارشى جىھات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم قۇرئاننىڭ مۇنۇ ھۆكمىنى ئوقۇقدى؛ (ئەي، مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ئاللاھ نىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇا قىلىپ): ”ئەي، پەرۋەردىگارىمىز!… ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىل، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىل“ دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر. مۆمىنلەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، كاپىرلار شەيتاننىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار! “ (نىسا سۈرىسى  75-76ئايەت) ۋە ھەر بىر دوستىنىڭ بۇ ئايەتنى ئىزھاتلاپ  بىقىشىنى ئىستىدى.“ئاللانىڭ بۇ چاقىرىقىغا شەرتسىز ئاۋاز قوشىمەن” دىگۈچىلەرگە قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلدۇردى.جىھات مەيدانىغا بارغانغا قەدەر ھىچكىم ئۆزىدىن باشقا 2 نەپەردىن ئارتۇق سەپدىشىنى بىلمەيتتى.3 گرۇپقا ئايرىلغا گۇرۇپپىنىڭ 3 باشلىقىلا ئۆز گۇرۇپپىسىدىك ئەزالارنىلا بىلەتتى.تۇرسۇن مەمەتنىڭ تەشكىلاتچانلىق قابىلىيىتى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە مۇكەممەل ئىدى

ۋەتەن ئىچىدە بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇرغا بىردىن ئارتۇق جاسۇس توغرا كىلىدىغان،ۋەتەن سىرتىدا 5 نەپەر ئۇيغۇر بىر يەردە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان بولسا،ۋەتەندىكى خىتاي زۇلۇمى توغرۇلۇق گەپ ئىچىلىشى بىلەن بىر،ئىككەيلەننىڭ “مىنىڭ ئىشىم بارتتى” دەپ ئولتۇرۇشتىن تىكىۋىتىدىغان،يەنى- ئۇيغۇرلار ۋەتەندىلا ئەمەس،ۋەتەندىن 5 مىڭ 10 مىڭ كىلومىتىر ئۇزۇقلىقتىمۇ خىتاي ۋەھىمىسى ئاستىدا قورقۇپ ياشايدىغان پىسخولوگىيە ئىچىدە، قوساق تويغۇزۇشنى ھايات دەپ ئۆمىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بۇ كۈنلەردە بىر ناھىيەدە 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەشكىللىنىش،تەييارلىق قىلىش جەريانىدا قۇرقاق ياكى خىيانەت قىلىش ئىھتىمالى بولغان بىرمۇ ئادەمنىڭ تەشكىلاتقا كىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدى ئىلىنغانلىقى،دۇنيادا جەمىيەتشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەشھۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدىغان تارىخى بىر ھادىسىدۇر.بۇنداق مۇكەممەل تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتى،21.ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ ئۇنۇتۇلماس يولباشچىلىرىدىن بىرسى بولغان قەھرىمان ئۇيغۇر ئەۋلادى تۇرسۇن مەمەتكە ئائىتتۇر

image-11بۈگۈر قۇراللىق قارشىلىق ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى تۇرسۇن مەمەت -رەسىمدىكى ياش يىگىت

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھى كەيەپىياتى ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىنكاسىنى ئۈگۈنۈپ چىقىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن ناھىيەلىرىنى كىزىپ چىققان بىر دوستۇم ئەھۋال ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنىڭ بۈگۈر قىسمىدا ماڭا “ بۈگۈر خەلقىنىڭ روھى ھالىتى تۇرغۇن سۇغا ئوخشايدۇ.بۇ ناھىيەنىڭ ئاھالىسى مىللىي ۋە دىنى زۇلۇمنى ھىس قىلالمايدىغان دەرىجىدە جاھىل ۋە قاششاق ئىكەن.بۇ ناھىيەدە بىر ھەپتە قالدىم.مىللىي روھى ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى پەقەت بۈگۈردىلا كۆردۈم.” دىگەن ئىدى. بۈگۈردىكى ئىسيان روھى دۇنيامنى قاتتىق لەرزىگە سالدى.مىنىڭچە پۈتۈن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئوخشاش بۈگۈردىمۇ مىللى روھ ئۆلمىگەن ئىدى.بەلكى كۈلگە كۆمۈلۈپ قالغان چوغدەك كۆمۈلۈپ قالغان ئىدى.ئۇ چوغنى يالقۇنچاتقان بىر ئوت يۈرەك يولباشچى-داھى بار ئىدى.ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرىدىن بىرى بولغان تۇرسۇن مەمەت ئىدى. بويسۇندۇرۇلغان مەغلۇپ مىللەتلەرنىڭ مىللىي روھى ۋە مىللىي ئىرادىسى پەقەتلا داھىلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى شىجائىتى ۋە پىداكارلىقى بىلەنلا جانلىق تۇرالايدۇ

بۈگۈر مۇجاھىتلەرى دۈشمەنگە نىسپەتەن ھەسسىلەپ كۆپ چىقىمغا ئۇچىرىدى.بۇ چىقىمنىڭ سەۋىبى قۇرال-ياراقنىڭ يوقلىقى ۋە ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۈرۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقى ئىدى.ھەر قىتىمقى نامىزىمدا ۋەتەن ئۈچۈن جان بەرگەن شىھىتلىرىمىزنىڭ مۇبارەك روھلىرىغا دۇئا قىلغان ۋاقتىمدا تۇرسۇن مەمەتنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىش بىلەن بىرلىكتە،كاشكى ۋاقىتسىز كەتمىگەن بولسا ئىدى،دەپ ئۆكۈنىمەن.چۈنكى،ئۇ ھايات قالغان بولسا ئىدى،تەشكىلاتچانلىق قابىلىيىتى بىلەن بۈگۈرگە ئوخشاش ئونلىغان ناھىيەدە ياشلىرىمىزنى دۈشمەنگە قارشى تەشكىللىگەن بولار ئىدى.ھىچ ئىش قىلماي تۇتۇلۇپ تۇرمىلاردا چىرىپ كىتىشكە چارىسىز رازى بولغانلارنىڭ ئىسراپ بولىشىنىڭ  ئالدىنى ئالغان بولاتتى.بىر شىھىتنىڭ  ئارقىسىدىن ئۇنداق قىلسا بۇپتىكەن،بۇنداق قىلسا بۇپتىكەن دىيىشكە ھەققىمىز يوك. پەقەتلا ئۇلۇغ روھ ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئىگىلىش بىزنىڭ ئىنسانلىق ۋەزىپىمىز

تۇرسۇن مەمەت ئۆزىنىڭ پائالىيىتى ۋە ئۆلۈمى ئارقىلىق، مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشنىڭ روھىنىڭ ئويغۇنىشىغا ئىلھام بولدى.كەلگۈسى بىر كۈن بۈگۈر مۇتلاق ئازاتلىققا ئىرىشىدۇ.ئۇ چاغدا بۈگۈرنىڭ ئىسمى “شەھرىئى تۇرسۇن مەمەت” دەپ ئۆزگەرتىلىدۇ.ئۇ ئاللا ھۇزۇرىدا ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىدە ئەبىدى قەدىرلىنىپ ياشىغىنىغا ئوخشاش،ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ئىغىر قارا كۈنلەردە قالغاندا،پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىغا ئەركىنلىك مەشئىلى ياققان بۇ قەھرىمان ئوغلانىنىڭ نامىنى ئەبىدىي ياشىتىدۇ

69307376-6144-4e78-abb9-619cd93fb2fc

 

بۈگۈر جىڭىدىن كىيىنكى بىر كۆرۈنۈش

 

داھى-يولباشچى بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ سىمۇۋىلىدۇر.مىللىي مەۋجۇدىيەت سەپىرىدە غەلبىگە قاراپ ئىلگىرلەشنىڭ سىگىنالىدۇر.ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ۋەتىنىدە ئەسىرگە ئايلانغان 200 يىلغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى تامامەن ئىنكار قىلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىققان،ئەتىراپىدىكى قىرىنداشلىرىنى تەشكىللەپ زۇلۇمغا قارشى مۇبارەك ۋۇجۇدى بىلەن مىللەتكە قالقان بولغان،ئۇلۇغۋار روھى مىللىي كىلەچەككە مەشئەل بولغان يولباشچى-داھىلار بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمزنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە،قىرىنداشلەرچە ئىلگىرلىشىمىزگە ئىلھام ۋە ھەيدەكچى بولماقتا. مەن پەقەت مىسال ئۈچۈن 2 نەپەرنىلا تىلغا ئادلىم. ئۇلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس.ئۇلارنىڭ قەۋرىلىرى،خاتىرە مۇنارلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يۇرتلىرىغا تىكلىنىدىغان كۈنلەر چوقۇم يىتىپ كىلىدۇ.

داھى-يوباشچى مىللىي مەسىلە ئۈستىدە مۇستەقىل قارار قىلىش قابىلىيەت ۋە ئىرادىسىگە ئىگە بولغان كىشىلەردۇر.تارىختا بەزى داھى-يولباشچىلىرىمىز باشقىلار تەرىپىدىن ئىلىنغان قارارغا ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولغان.غۇجا نىياز ھاجىم مۇستەقىل قارار قىلىش قابىلىيەت ۋە ئىرادىسىگە ئىگە بولغان بولسا ئىدى،شەرەپلىك ھاياتىنى شەرەپسىز ئەمەل، قۇربانلىق قويدەك ئۆلۈمى بىلەن تاماملىماس ئىدى.ئەگەر ئەخمەتجان قاسىمى ۋە سەپداشلىرىدا مۇستەقىل قارار قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىرادىسى بولغان بولسا ئىدى. بۇ قەدىناس دۆلەت رەھبەرلىرى كوللىكتىپ ھالدا روسلارغا يەم بولماس ئىدى ۋە 30مىڭ كىشىلىك مىللىي ئارمىيە بىر پاي ئوق ئاتماستىن دۈشمەن ئارمىيەسى ئىچىدە ئىرىپ تۈگەپ كەتمەس ئىدى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىق كۈرىشى بۇنىڭدىن كىيىنمۇ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج،ئامما قارار ئۆزىمىزگە ئائىت بولۇشى شەرتتۇر.بىخۇتلۇق،تاماخورلۇق،ئىنقىلاپ تىزگىنىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇش،ئۈمىتنىڭ مەنبەسىنى ئۆز خەلقى ئىچىدىن ئەمەس،چەتئەلدىن ئىزدەش،ئالدىنقىلارنىڭ تەجىربىسىدىن ساۋاق ئالماسلىق….داھى-يولباشچىلىققا خاس سۈپەتلەرنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس

داھى-يولباشچى،ئۆز خەلقى ئارىسىدا دۈشمەن ياراتقۇچى ئەمەس،دۈشمەنلەرنى دوستقا ئايلاندۇرغۇچى ماھارەتكە ئىگە كىشىدۇر

داھى-يولباشچىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى،ئادەتتىكى كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان ياكى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان  پىكىرلەرنى ئويلىيالايدىغان،ئادەتتىكى كىشىلەر قىلالمايدىغان ياكى قىلىش ئىمكانسىز دىگەن ئىشلارنى قىلىش جاسارىتىگە ئىگە بولىشىدۇر. ۋاقىراپ سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى داھى بولىدىغان بولسا ئىدى،كوچىدا دوقمۇش-دوقمۇشتا داھىغا  پۇتلىشىپ ماڭغىلى بولماس ئىدى.داھى-يولباشچى يادىلىۋالغان كونا گەپلەرنى تەكرارلاۋەگۈچى ۋايىز ئەمەس،بەلكى خەلقى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر يىڭى پىكىر،ھەر كۈنى يەڭى بىر ئۈمىت بىغىشلىيالايدىغان كىشىدۇر

تارىخنى داھى-يولباشچىلار ياراتقان.شۇڭا ھەممە مىللەتلەرنىڭ تارىخى داھى-يولباشچىلارنى مەركەز قىلغان ئاساستا يىزىلىدۇ

ئۇيغۇر خەلقى داھى-يولباشچىلارغا ئەڭ  مۇھتاج كۈنلەردە ياشىماقتىدۇر

 

يىل 2015-3.ئاينىڭ 2.كۈنى

Share
3273 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.