logo

trugen jacn

بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياسىغا نەزەر

 

  ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2020-7-2

 بۇ شىۋىتسارىيەدە بىر ژۇرنالىست بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى بولۇپ مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە سۇندۇم . ۋە بۇ سۆھبەتتە خىتاينىڭ دۆلەت تېرورلۇقى سىياسەتلىرىنى بېشىمدىن ئۆتكەن ۋەقەلىكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈردۈم.

   بۇ سۆھبەت پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ساراسىمدە قالغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكى سەۋەبلىك ،سۇئاللار يازمىچە كەلدى، ۋە مېنىڭمۇ يازمىچە جاۋاپ بېرىشىمغا توغرا كەلدى. بۇ سەۋەپتىن تېخىمۇ ئەتراپلىق ئۆزەمنى ۋە شەرقى تۈركىستاننى چۈشەندۈرۈش، تونۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. شۇنداقلا بۇ يەردە بەرگەن جاۋاپلار ئىنشائاللاھ خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن بولدى دەپ ئويلايمەن، شۇنداقلا مۇخبىر ماڭا بۇ سۇئاللارنى ئەۋەتكەندە سۇئاللار تەرتىپسىز ۋە ئىلگىرى كېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن مەنمۇ شۇ ھالدا جاۋاپ بەردىم. كەمچىلىكىمىز بولسا تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تىلەيمەن.

  شۇنداقلا بۇ يەردە بەرگەن جاۋاپلىرىم ھەممىسى ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن، ئەمما خەۋەرنى يازغۇچى چوقۇم ئوقۇيدۇ ۋە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك ، شۇنداقلا بۇ سۆھبەت  ئېلخەت يولى بىلەن  يازمىچە  بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن، ۋە تەپسىلىي بىر سۆھبەت بولدى.

     شۇنداقلا ھۆرمەتلىك دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندىمنىڭ ئەجرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋەر گېزىتىدىن بىرى ”OGÜN“ خەۋەردە تۈركچە تەرجىمە قىلىنىپ تۈرك دۇنياسىغىمۇ سۇنۇلدى، بۇ ۋەسىلە بىلەن  ئۆمەر قۇل ئەپەندىمنىڭ  ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان مۇھەببىتىگە، ۋە  ئەمگەكلىرىگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن، ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن .

————————————————————–

 سالام ھەبىبۇللا  يۈز تۇرانە كۆرۈشەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئېلخەت ئەۋەتتىم ،ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىققان بولسىڭىز، ۋە تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بەرسىڭىز.

—–سالام   schmolke  خانىم، مەن بىر ئۇيغۇر، ئائىلەم بىلەن ھازىر شىۋىتسارىيىدە ياشاۋاتىمەن. مەن كەچمىشىم ھەققىمدە ئىلگىرى گېزىتتە يېزىلغان دوكلاتنى سىزگە ئەۋەتتىم، مەن ۋە مېنىڭ قىسقىچە ھاياتىم ،ۋە مېنىڭ خەلقىم ھەققىدە  تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

1. جازا لاگېرلىرىدا قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى بىلەمسىز؟

مەن جازا لاگېرىدا تۇتقۇندا تۇرۇپ باقمىغان، ئەمما بىرلا  تەرەپنىڭ مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ئادالەتسىز سېستىما  ھۆكۈم سۈرىدىغان خىتاي تېرور دۆلىتنىڭ تۇتقۇن قىلىشى بىلەن تۈرمىدە يېتىپ باققان.  جازا لاگېرلىرىدىن چىققان مەھبۇسلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدىن ھېس قىلىشىمچە، جازا لاگېرلىرى مەن ياتقان تۈرمىگە ئوخشاپ قالىدىكەن.  شەخسىي تەجرىبەم ئارقىلىق شۇنداق باھا بېرىمەن، ئەمەلىيەتتە جازا لاگېرلىرى ئوخشاشلا بىر تۈرمە دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. بەلكىم، بەزى ئەھۋاللاردا جازا لاگېرلىرى تۈرمىدىنمۇ ناچار ۋە بەتتەر بولۇشى مۇمكىن. ئوخشىمايدىغىنى بۇ يەردە  پەقەت ئىسمىلا پەرقلىق،  چۈنكى تۈرمىلەردىمۇ ئەھۋاللار جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرى گۇۋاھلىق بەرگەن ئەھۋاللارغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر، بۇ   ھەقتە ئىلگىرى تۈرمىلەردە ياتقانلار،ۋە  جۈملىدىن مەنمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىمەن.  تولىمۇ ئەپسۇسكى،ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرى ، چوڭ بىر تۈرمىنىڭ ئىچىدىكى تېخىمۇ ۋەھشىي تۈرمىلەر.  چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ قاتتىق قوللىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان بىر يەر. بۇ يەردە  دېمەكچى بولغىنىم، خەۋەرلەردە تەسۋىرلەنگەن بۇگۈنكى ھالەتنى مەدەنى دۇنيانىڭ ئورتاق دۇنيا قاراشلىرى بىلەن باھالىغىنىمىزدا، غەرپنىڭ قىممەت قارىشى، دېموكراتىيەسى، قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرى ،ۋە ئىنسان ھەقلىرى قىممەت قاراشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتى ئەمەلىيەتتە بەكمۇ ئۇزاق، تەبئىكى بۇ خىتاينىڭ 1949 –يىلىدىن بېرى توختىمىغان ئاسىمىلاتسىيە،ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ  بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئۆرنىكى .

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزىدىكى ئاتالمىش <كەسپىي تەربىيلەش مەركەزلىرى> ئەمەلىيەتتە جازا لاگېرلىرى، يەنى خىتاينىڭ ئۆزىدىن باشقىلارنى، يەنى خىتاي مىللىتىدىن بولمىغان  ئۇيغۇرلارنى يۇقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سېستىمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە، قىرغىنچىلىق ۋە يۇقۇتۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان يەنە بىر خىل شەكىل ۋە ئورۇن.

بۇ يەردە خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى زورلاپ ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن قىيناپ، مەدەنىيەت، ۋە ئىرقى جەھەتتىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھايات تەجرىبەم ۋە نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى كۆرسۈتىدۇكى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى تەجرىبە چاشقانلىرىنىڭ يېرىدە قوللىنىپ، ئچكى ئورگانلىرى سېتىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ھەر خىل بىئولوگىيىلىك دورا ۋە قوراللىرى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن تەجرىبە قىلىنىۋاتىدۇ.  مەسۇم بالىلار ئائىلىدىن، ئاتا –ئانىسىدىن زورلۇق ۋاستىسى بىلەن ئايرىپ ئېلىنىپ ئاتالمىش يېتىمخانىلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىغا يۆتكەپ كېتىلىۋاتىدۇ.  ئەرلەر تۈرمىلەرگە  مەھكۇم قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ،قىزلىرى خىتاي ئەرلىرىگە زورلاش ۋە ئالداش ۋاسىتىسى، ھەتتا تەھدىتلەر بىلەن خۇتۇنلۇققا تۇتۇپ بېرىلىۋاتىدۇ، ۋە بۇ ھەقتە خىتاي ھۈكۈمىتى خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلسا، ئۆي، نەق پۇل ،تېرىلغۇ يەر بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنىپ، خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىش، ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا چاقىرىق قىۋاتىدۇ.

2  . ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا قانداق تەن جازاسى بېرىدۇ؟

بۇ سۇئالىڭىزغا شەخسەن ئۆزەمنىڭ ياشىغانلىرىمدىن قىسقىغىنە بىر قىسمىنى سۆزلىسەم يېتەرلىك دەپ قارايمەن. مەن 1996-يىلى 6- ئايلاردا تۇتقۇن قىلىنغاندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىك قودۇق قاماقخانىسىغا سولىدى. مەن بىر ئۇيغۇرنى يالغۇز يىگىرمە ئىككى خىتاي مەھبۇس بىلەن بىر كامېرغا  سولىدى.

تۇنجى كۈنى مېنى كامېردىكى بۇ خىتايلار ھۇشۇمدىن كەتكۈچە ئۇردى،بەدىنىمدە ئىز قالماسلىقى ئۈچۈن مۇشتلىرىغا لۆڭگە يۆگەپ ئۇراتتى.بۇ تۇنجى كۈندىكى ئىشىكتىن كىرىش بېلىتى يەنى.

سوراقلار باشلانغاندىمۇ ئوخشاشلا قىيىن قىستاقلار داۋملاشتى، نەچچە  قېتىم مېنى سوراققا  ئەكىرگەندە قىپيالىڭاچ ئانىدىن تۇغما يالىڭاچلىدى، ھوشۇمدىن كەتكۈچە قىينىدى.  ھەپتىلەرچە باغلاپ قويۇپ بېشىمدىن ئالتە يەتتە سائەت سوغۇق سۇ تامچىلىتاتتى. سوراقتىن كېيىن مېنى  كامېرغا سۆرەپ ئەكىرگەندە نەچچە قېتىم قىپيالىڭاچ ئەكىرگەن.  باشقا خىتاي مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى قاتىل.زەھەرلىك چېكىملىك كاتتىۋاشلىرى،ياكى مۇددەتسىز كېسىلگەن جىنايەتچىلەر ئىدى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئالدى بۇنىڭ ئىچىدە يېتىۋاتقىلى  تۆت –بەش يىل ، بەزەنلىرى بىر ئىككى يىل بولغانلار ئىكەن ،ئىنسانلىق ھۈجەيرىسى ئۆلگەن بۇ خىتاي مەھبۇسلاردىن كۆرگەن ئېغىر خورلۇقلار سەۋەبىدىن تۈرمىدىن چىققاندا پۇرسەت تاپسام ھەممىنى خەلق ئالەمگە بىلدۈرىۋېتىپ ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولغان . سوراقلاردا تىرناقلىرىم يۇلۇندى،سۇ قويۇلغان ئۆيدە ئېلېكتېرگە سوقتۇرۇلدۇم،جان يېرىمگە ئېلىكتېرىك سوقتۇردى، قەپەزگە سولاپ ئاپتاپتا قويۇلدۇم،13 كۈن ئىت بىلەن بىر قەپەزگە سولاندىم ،  كۈنلەپ ئېسىپ قويۇلدۇم ۋە مېنىڭ يېنىمدا ئېسىپ قويۇلغان بىرىنىڭ ئاچلىق ئۇسسۇزلۇقتىن پۈتۈنلەي چېچى تۆكۈلۈپ كەتتى ، خىتاي مەھبۇسلارغا  ئۇرغۇزۇش، ۋە  جىسمانى جەھەتتىن خورلىتىش دېگەندەك ھەر تۈرلۈك قىيناقلارنى كۆردۈم ، ۋە  ھەممىسىنى بىۋاستە  ياشىدىم .

سىز پەقەت مېڭىسى يۇيۇلغان ،ھاياتتىن ئۈمۈدى كېسىلگەن، ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسىنى ئالالمىغان،22 خىتاي مەھبۇسنى، ۋە بۇلارنىڭ ئىچىگە يالغۇز سولانغان بىر ئۇيغۇرنى خيال قىلسىڭىز ، ئۇنىڭ نىمىلەرنى ياشايدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلماق تەس ئەمەس.  ۋە ھەمدە  بۇنى ساقچىلارنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن قىيىن قىستاق ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئويلاڭ . ئالتە ئايغا يېقىن قولۇم ۋە پۇتۇمنى بىر قىلىپ ئېغىر زەنجىردە باغلاق تۇرغانلىق سەۋەبىدىن ئۇمۇرتقا سۆڭىكىمنىڭ شەكلى ،ۋە مېڭىشىم ئۆزگىرىپ كەتكەن.  بەلكىم بۇ ۋىرۇس بالاسى ئۆتۈپ كەتسە يۈز- يۈزگە كۆرۈشكەندە سىزگە ئاڭلاتقانلىرىمىنڭ ھېلىمۇ ۋۇجۇدۇمدىكى قالدۇقلىرىنى كۆرۈشىڭىز  مۇمكىن. شۇنداقلا بۇنى سىزگە ئاڭلاتقاندىن كېيىن بەلكىم ھەپتىلەرچە پىسخىكام بوزۇلۇشى مۇمكىن. ھەر قېتىم ئۇ تىراگېدىيەلەر ئېسىمگە كەلگەندە ،ۋە بۇ ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالغاندا ئۆزەمنى يالغۇز يەرگە سولاپ كۈنلەپ-كۈنلەپ  ئولتۇرۇمەن.ھەپتىلەرچە پىكىرلىرىم چېچىلاڭغۇ ھالدا ئۆزەمنى تەستە كونترول قىلىمەن.ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر نەرسىلەرنى زورلاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە تېخىمۇ جىق كىشىنى تۈرمىلەرگە سولاشقا ئاساس يارىتىش ئۈچۈن ئىدى.

ئۇزۇنلىقى 3 مېتىر ،كەڭلىكى 2 مېتىر يەردە 16 ئادەمنىڭ ياتقىنىنى،ۋە گۇندىپايلارنىڭ بۇنىڭدىن زوق ئېلىپ بىر- بىرى بىلەن كىم ئەڭ كىچىك يەرگە ئەڭ جىق ئادەمنى ياتقۇزۇش ھەققىدە بەسلەشكىنىنى. كۆرگەنمىتىڭىز ؟_ سىز پەقەت تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ .

بۇ يەردە كامېردىكىلەردىن بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى بۇ كامېردا ئېتىۋېتىلگەن كۇچارلىق ئۇبۇلقاسىم ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە كۆرگەنلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەشلىرىنى خىتايلارنىڭ ۋە زەھەرلىك چېكىملىك كاتتىۋېىشى ما پەمىلىلىك تۇڭگاننىڭ باشقىلارغا ئېيتىپ بەرگەنلىرىدىن ئاڭلايتتىم ، بۇلارنىڭ خىتايچە پاراڭلىرىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇبۇلقاسىمنىڭ تۈرمىدىن قېچىش ئۈچۈن ھەركەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئاتقاندا بۇ ئوق ئىزلىرى قالغان ئىدى ، تامدىكى ئوق ئىزىنى ساناش،ۋە قايسى ئوقنىڭ قايسى تۆشۈكتىن ئېتىلغىنىنى تەسەۋۇر قىلىش بۇ زىنداندا  ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ماڭا تەسەللى بولغان ۋە ئەقلىمنى مەشغۇل قىلغان بىردىنبىر ئىش بولسا كېرەك.

ھازىرقى سىزنىڭ سورىغان سۇئالىڭىز ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق تەن جازاسىغا ئۇچراش مەسىلىسگە كەلسەك بەلكىم خەۋەرلەردە كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئاساسەن ئىچكى ئورگانلىرى ئېلىنغان،ئېغىر كېسەللىككە  گىرىپتار بولغان ، ئىپپەتلىرى دەپسەندە قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسى سان ساناقسىز. بۇلاردىن بىر نەچچىسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئائىلىسى ھازىرمۇ خالىسىڭىز سىز بىلەن ئالاقىلىشەلەيدۇ.  ۋە بۇ دېگەنلىرىمنى سىزگە ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

3 .  سىز نېمە ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىدىڭىز؟

خىتاينىڭ بۇ سېستىماتىك زىيانكەشلىكى تۈنۈگۈن  بۈگۈنكى مەسىلە ئەمەس، مەن تۇغۇلسام باركەنتۇق، ھازىرمۇ بار .   زاماننىڭ ئۆزگىرىشى ئىنسانىيەتكە قانداق تەرەققىياتنى ئەكەلگەن بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان زىيانكەشلىكى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ تېخىمۇ ۋەھشى، ئىنسانلىققا يات  بىر شەكىلدە ئۆزگىرىپ مېڭىۋاتىدۇ،مېنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىممۇ بۇ زىيانكەشلىكنىڭ بىر قىسمى، خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئاسمىلاتسىيەسى، مەدەنىيەت ، ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ”تاڭ نۇرى“ نامىدىكى گېزىتتە خەلققە بىلدۈرۈشۈم ۋە ئاشكارىلىغانلىقم ،ھەمدە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئوچۇق تەنقىت قىلغانلىقىم ،ختاينىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ،ۋە مىللەتلەرنىڭ سوۋېت رۇسىيەسىگە ئوخشاش ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگلىشى كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلغانلىقىمىز، ۋە 1995-1996 يىللاردا ئۇنۋېرسىتىتتا ‘سادا ‘ ‘تەڭرىتاغ ‘ ‘ئازاتلىق مەشئىلى ‘ نامىدا گېزىتلەرنى چىقىرىپ ئۆز ھەق ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداشقا ۋە قولغا كەلتۈرۈشكە تەشۋىق قىلغانلىقىمىز سەۋەپ بولدى. ۋە بۇ ۋاقىتلاردا تېخىمۇ ئەتراپلىق ھالدا كەسپى تارىخچى ،ۋە ژورنالىستلارنىڭ ئايرىم تەربىيەلىشىگە مۇيەسسەر بولدۇم.  خىتاينىڭ سىياسىتى ،خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ،تارىخى بىلەن،ئۇيغۇر فولكلورى بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.

يۇقارقى سەۋەپلەر بىلەن 1996 –يىلى غۇلجا سەپىرىدە تۇتقۇن قىلىندىم، بۇ تۇتقۇن قىلىش ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولدى.

تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندە دوختۇرنىڭ  مېنى ئۆلۈدۇ دېگەن  سەۋەبى بىلەن قويۇپ بېرىلدىم ،2006 –يىلىغىچە ھاياتىم دوختۇرخانىلاردا ۋە ۋە داۋالىنىش بىلەن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاستا-ئاستا تىجارەتكە كىرىشتىم.كېيىن  ئۆزەمنىڭ قۇرغان شىركەت ۋە چاي زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بازارلاش، بازار تەكشۈرۈش نامىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ يېزا –قىشلاقلىرىغىچە نەچچە قېتىم ئايلىنىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەندىم. نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى  مىللىتىمنىڭ  پاجىئەلىك  تارىخنى خاتىرىلىدىم.  بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى چەتئەلگە چىققانىدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە تەمىنلىدىم. بىر قىسمىنى ئېلان قىلدىم. ئەڭ مۇھىم بولغىنىنى 2016 – بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسگە بۇلار دوكلات  قىلىپ سونۇلدى .

بۇندىن باشقا ئۇ زامانلاردا توپلىغانلىرىمنى ”پانى دۇنيادىكى دوزاخ-شەرقى تۈركىستان“ نامىدا بىر قىسمىنى نەشىر قىلىندى،ۋە داۋامىنى ھازىرمۇ  بىر بىئوگراپىك كىتاپ قىلىپ  يېزىۋاتىمەن.

4.سىزنىڭ  ئائىلىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىڭىز بارمۇ؟

مەن 2016- يىلى يۇرتۇمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 2017-بىر قانچە قېتىم خەۋەرلەشتۇق ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ۋە ئايالىم ھەر ئىكىمىز ئورۇق -تۇققان ، دوست –بۇرادەر ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلالمىدۇق.پەقەت ئۇنۋېرسىتىتتە ئوقۇتقۇچى نەۋرە ئاچىمىزنىڭ لاگېردىن چىققانكى چەتئەل مېدياسىدا كۆرسىتىلگەن بىر رەسمىنى كۆردۈم .يولدىشىنىڭمۇ تايمىس گېزىتىدىكى دوستۇم ئارقىلىق ئالغان خىەۋىرىدىن باشقا ھېچقانداق خەۋەر يوق .   ئايالىمنىڭ ئاپىسى، سىڭىللىرى ،ئىنىسى،مېنىڭ سىڭللىرىم ،ئاكىلىرىم،ھېچكىمنىڭ خەۋىرىنى ئالامىدۇق ۋە ئالاقە قىلالمىدۇق. ھەر كۈن خيال ۋە ،كېچىلىرى ئايىغى چىقمايدىغان چۈشلەر بىلەن ئارتۇق بۇ ھەقتە پىسخىكا جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدۇق. بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇردىن سورىسىڭز ئوخشاش جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن.

5. سىز چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنمۇ خىتاي تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتامسىز، مەسىلەن ؟                                                         

بۇ يۇرت تېشىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر دۈچ كېلىدىغان مەسىلە.  مەن 2016 –يىلى مەملىكەتتىن ئايرىلدىم،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىمنى مېدىيالاردا،گېزىتلاردا،ئېنتېرنىت دۇنياسىدا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن نەچچە قېتىم تەھدىتلەرگە ئۇچرىدىم. ختاينىڭ ئىستىخبارات سەرۋىسلىرى تەرپىدىن تۈركىيەدە بۇ يەرگە كەلگۈچە بولغان جەرياندا خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەھدىگە ئۇچرىدىم. ئاچقان ئىش يېرىم ۋە مال مۈلكۈم تەھدىت ،ۋە تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن ئۇلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى،بەزنلىرىگە زورلۇق ۋاستىسى بىلەن ئىمزا ئاتتۇردى،ھەتتا پارىخور ساقچىلار بىلەن بىرلىشىپ ختايغا دېپورت قىلدۇرماقچى بولدى، مەن شىكايەت قىلغاندىن كېيىن دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بەزەن كىشىلەر  بۇ ئىشلارنىڭ ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تەرىپىدىن  قۇرۇلغان كومپاس ئىكەنلىگىنى ۋە ھەر زامان ھاياتىم تەھلىكىدە ئىكەنلىكىنى ،ۋە ھەر زامان دىققەت قىلىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىش بەردى. ھەمدە داۋملىق تېلېفون نومۇرىنى ئالماشتۇرۇشۇم ۋە قاتتىق دىققەت قىلىشىمنى ئېيتتى ،ئەمما كەسكىن چارە قوللانمىدى .  ۋە بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە قېتىم تەھدىت تېلېفونى ئالدىم ،تېلېفون بەزەن تۈركىيەدىن،بەزەن ئۈرۈمچىدىن ئۇرۇلغان ئىدى.

تېلپوندا ماڭا دېگەنلىرى شۇنداق : مەن بۇلار بىلەن قارشىلىشىپ خاتا قىلغانمىشمەن،ۋە بۇ سەۋەپتىن  ۋەتەندىكى ئورۇق تۇققانلىرىمنى ۋە ئائلەمنى ئويلىشىم كېرەكمىش. ۋە تۈركىيەدە بېشىمغا كەلگەنلەرنىڭ ،مېنىڭ بېشىمغا كېلىدىغانلارنىڭ پەقەت بىر قىسمى ئىكەنلىكى ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە قالىدىغانلىقىم ھەققىدە تەھدىت قىلدى. ھەتتا مېنى بىرسېنتقا زار قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، ۋە تۈركىيەدە خىتاينىڭ قىلالمايدىغان ھىچبىر ئىشى يوقلۇقىنى ئېيتتى. يەنى ھەر تەرەپتىن پىسخكا،فىزىكسەل تەھدىتلەرنى كۆردۈم،(ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز ۋە تەھدىتلەرنى ئامېركا ،ياۋرۇپادا نەچچە يەرگە ئەۋەتتىم ۋە ماڭا بىرەر ئىش بولسا كىملەرنىڭ جاۋاپكارلىقى بارلىقى ھەققىدەئۇچۇر قالدۇردۇم) بۇ تەھدىتلەر ۋە بۇئىشقا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر ھەتتا مەن ياۋرۇپاغا كەلگەندىن كېيىنمۇ توختىماي مېنى ئاغزىمنى يۇمۇشقا بىلگەنلىرىمىنى ،كۆرگەنلىرىمىنى يايماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ ھەر خىل يوللار بىلەن تەھدىت قىلىپ ئۈلگۈردى.

ۋە مەنمۇ مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە بىلدۈدۈم .

6. سىزنىڭچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟  سىز قانداق قارايسىز؟

مېنىڭچە بۇنىڭ بىر پەرزەنلىك بولۇش سىياسىتى بىلەن بىۋاستە  مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايمەن،چۈنكى خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ  نۇپۇسى بار بىر دۆلەت .بۇ يەردىكى ئاساسلىق سەۋەپ  بىزنىڭ خىتايدىن مەدەنى پەرقمىزنى،دىنى ئېتىقادىمىزنى،ۋە  مىللى قىممەت قارىشىمىزنى يوق قىلىۋېتىش.ئەمما پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۆزىلام ئۇيغۇرلارغا  نىسبەتەن بىر ئىرقى قىرغىنچىلىقتۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدەك بىر كۆپ نۇپۇسلۇق مىللەتنىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئاسمىلاتسىيە بولماي ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئېتىقادى ،مەدەنىيىتى،ئورپ –ئادىتى.  مەسىلەن ختاي تارىخدا 300  يىل ھۆكۈم سۈرگەن مانجۇلار ھۆكۈمران مىللەت تۇرۇپمۇ خىتايغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ يوقىدى.  خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنى يوقاتتى،خىتاي خەلقىگە يۇمۇشاق ۋە زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن سىڭىپ كەتتى.  ئەمما ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكى ،مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادىنى ساقلاپ ختايغا ئاسمىلاتسىيە بولمىدى.  ۋە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە سودا،مائارىپ ،مەدەنىيەت  جەھەتتە تېخىمۇ ئۆزىنى كېلىشتۈرۈپ ماڭدى.

ئەمما خىتاينىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈملەپ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ختاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا زورلاش ،رەت قىلسا جىنايەت ھىساپلاشتەك سىياسىتىغا قارىسىڭىز بىر پەرزەتنلىك سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقمۇ  ئەمەس .

خىتاي خەلقىدە ئەركەك پەرزەنت بولمىسا نەسلى تۈگىدى دەپ قارايدىغان فېئوداللىق قاراش ئېغىر.  بۇ سەۋەپتىن ئەركەك پەرزەنت ئېلىش خىتايدا ئېغىر مەسىلە بولغاچقا ،خىتاي نۇپۇسىدا ئەر –ئاياللارنىڭ نۇپۇس جەھەتتىن تەڭپۇسىزلىقى ئېغىر.  ئەمما بىز ئۇيغۇرلاردا ئۇنداق بىر قاراش يوق. قىز ۋە ئوغۇل ئىككىسىلا ئاللانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نېئىمىتى دەپ قارايمىز.  ۋە گۇناھ تۇيغۇسى سەۋەبىدىن ختاي خەلقىگە ئوخشاش قىز بولسا ئېلىۋېتىدىغان ئادەت يوق .   ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بېرى خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا ياشىسىمۇ ئەمما خىتاي خەلقى بىلەن تويلىشىدىغان ئىشلار يوق . ۋەۋە مىللى قىممەت قارىشى،دىنى ئېتادىمىز سەۋەپلىك  قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئۇ سەۋەپتىن خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش ئارقىلىق دىن ،تىل، مەدەنىيەتلىرىنى يوق قىلىپ زورلاپ ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. مەسۇم بالىلار ئائىلىدىن ،ئاتا –ئانىسىدىن زورلۇق ۋاستىسىيلە ئايرىپ ئېلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىغا يۆتكەپ كېتىلىۋاتىدۇ. ئەرلەر تۈرمىلەرگە مەھكۇم قىلىنىپ ئاياللار ،قىزلار خىتاي ئەرلىرىگە زورلۇق ۋاسىتىسى،تەھدىتلەر بىلەن خۇتۇنلۇققا تۇتۇپ بېرىلىۋاتىدۇ،ۋە بۇ ھەقتە خىتاي ھۈكۈمىتى خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلسا ئۆي،  نەق پۇل ،تېرىلغۇ يەر ۋەدە قىلىپ خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىۋېتىش،ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا چاقىرىق قىۋاتىدۇ.

بۇ دەل ختاينىڭ بىر پەرزەنتلىك سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتىنىڭ باغلىنىشلىق قىسىمى .

7. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ كۈنلەر ئاخىرلىشىپ، بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشەلەمدۇ؟

بۇ مۇمكىن .پەقەت ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ھۆر ۋەتىنىنى قۇرۇپ چىققاندىلا . چۈنكى بۇنى بىزگە تارىخ ۋە ئەمەلىي رېئاللىق ئىسپاتلىدى. يەنى بىر ئىشغالچى بىلەن ئىشغال قىلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىز شەرتلەر ئاستىدا بەخت كەلىمىسىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ھەم ھۆرلۈكنىڭ بىزگىمۇ  قۇچاق ئاچىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئاخىرقى قېتىم 1949-يىلى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىنمۇ تىز پۈكۈپ باقمىدۇق، ۋە ھىچ بىر زامان ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىدۇق. ختاي ھۈكۈمىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋزېدوڭمۇ  سوۋېتنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز دېگەن ..

گەرچە ئېھتىماللىق ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ،چۈنكى  كوممىنىزىم  ماسكىسى ئاستىدىكى خىتاي  مىللەتچىلىكى سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى دۇنيا سىياسىتىدىن ئۇزاق ۋە ئىمكانسىزلىقلار ئىچىدە يالغۇز قالدۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانيەتكە  ئەپكەلگەن ۋىرۇس تەھدىتى  سەۋەبىدىن دۇنيا ئۆزىنىڭ دەردىنىڭ پېشىگە چۈشكەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ خىتايغا يۆتكەپ، شەرقى تۈركىستانغا بولسا تۈركۈملەپ خىتاينى يۆتكەپ نۇپۇس سېستىمىسى ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋەتتى،يەنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋىرۇس بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندا خىتاي ئۇياقتىن شەپە بېرىپ بۇياقتىن ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئىجرا قىلدى.

ئەكسىچە بۇنىڭغا قارىتا  خەلقارا جەمىيەت  خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرىگە قارشى  يېتەرلىك قارشىلىق ۋە قوغداش تەدبىرى قوللانمىدى،ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس ،ئەكسىچە ئىشغال قىلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكىدەك رېئاللىققا قۇلىقىنى يوپۇرىۋېلىپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىغا ئايلاندۇرۇپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى فورمۇلاسىغا سېلېشقا تىرىشتى،بۇ ئېھتىماللىقى تۆۋەن دىيىشىمنىڭ سەۋەبى .

ئەمەلىيەتتە دۇنيا شۇنى بىلىشى لازىمكى شەرقى تۈركىستان ،ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى دۇنيا تېنچلىقىنىڭ  كاپالىتى ، ۋە ختاينى تىزگىنلەشتىكى ئۈنۈملىك ۋاستىسى ئىدى. ئەگەر دۇنيا بۇ نوقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەندە ۋە دۇنيادىكى تەدبىر بەلگۈلىگۈچى دۆلەتلەرگە شۇنداق بىر ئېىتىياج تۇغۇلغاندا ،بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەيدىغان ھۆر كۈنلەرگە ئېرىشىمىز دەپ قارايمەن.  چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ يىلتىزى بار مەسىلە. بىز بۈگۈن ياكى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئچىدىن بۆلۈنۈپ چىقشنى تەلەپ قىلغان بىر مىللەت ياكى زېمىن ئەمەس ، بەلكى ئەسلىدە يېقىن زامانغىچە تارىختا ھۆر ياشىغان ،دەۋلەت قۇرغان، ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان ،پەقەت خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان  بىر دۆلەت ۋە مىللەت.

مىسال سىز بۇ يىلنامىلەرگە قارىسىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچ بىر زامان خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇپ باقمىغانلىقىنى ،ۋە ئەزەلدىن ھۆر ياشىغان بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى بىلىۋالالايسىز.

تۇنجى ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 70000 – يىللاردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10000 – يىللارغىچە

تۇنجى ئۇيغۇر قاراخانلىقى  تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000 – يىللاردىن 1200 يىللارغىچە  .

ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىككىنچى قاراخانلىق » تۇران قاراخانلىقى  م . ب 1200 – م . ب 250  .

قاڭقىل ئۇيغۇر خانلىقى  487 – 546  .

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى  744 – 840  .

قاراخانىلار قاغانلىقى « ئەڭ ئاخىرقى قاراخانلىق »  840 – 1212  .

قۇچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى  855 – 1355  .

ئۇدۇن ئۇيغۇر خانلىقى  751 – 1006  .

چاغاتاي خانلىقى  1224 – 1514  .

تۇغلۇق تۆمۈر خانلىقى  1348 – 1514  .

سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى  1514 – 1684 .

قەشقەرىيە خوجىلار خانلىقى  1699 – 1713.

باتۇرخان خانلىقى  1757 – 1759  .

جاھانگىر خوجا خانلىقى  1826 – 1827 .

قەشقەرىيە ئۇيغۇر خانلىقى(بەدەۋلەت)  1864 – 1877  .-1877-يىلى مانجۇلار ئىشغال قىلغان،ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قوزغىلاڭلار بولۇپ تۇرغان،ئەڭ كۈچلۈك قوزغىلاڭلار بولغاندا دۆلەت قۇرۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان.بۇلار  تۆۋەندىكى ئىككىسى .

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 1933 – 1934

بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىگە تەھدىت ھىساپلاپ ئاغدۇرۇۋەتكەن.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى1944 –  1949

1949 –يىلى سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن خىتاي كومىنىستلىرى ئىشغال قىلغان ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئېلان قىلىنغان . ئەمما ئۇ يەردە ئاپتونۇم رايوندا بولۇشقا تېگىشلىك ھىچقانداق ھەق –ھۇقۇق يوق.

8. سىزنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان، بېشىڭىزدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشىلىرىڭىز قايسى؟

شەخسىي كەچۈرمىشلىرىم ھەققىدە يۇقىرىدىكى سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە قىسقىچە توختالدىم.

ئەگەر شۇنداق بىر پۇرسەتتە، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، جۈملىدىن شىۋىتسارىيە ۋە ياۋرۇپا جامائىتىنىڭ دىققىتىدە بولسام، ئۇلارغا دەيدىغىنىم. ئۇيغۇرلار سىلەرگە خۇددىي سىلەردىن يىراقتەك، سىلەر بىلەن ئالاقىسى يوقتەك تۇيۇلىشى مۇمكىن.  جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتلەردىن ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن خىتاينىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن شىۋىتسارىيە ۋە ياۋرۇپادىن يىراق قالدى ۋە قالدۇرۇلدى.  ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن  پاجىئەگە سۈكۈت قىلىش، ئاخىرقى ھىسابتا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا بالا بولىدىغان پاجىئەلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

مەن شەخسەن شۇنداق بولدى دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە رېئاللىقنى يوشۇرغان، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغان شەپقەتسىز بىر ھاكىمىيەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشى، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى ھازىر ياۋرۇپاغىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بىر زور بالايى ئاپەتنى ئېلىپ كەلدى. دېمەك، ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىزنىڭ تەقدىرىڭىز ئۇيغۇرلاردىن ئايرىم ئەمەس. ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغان ھاكىمىيەت ئىنسانيەتكە ئەڭ زور ئاپەتكە سەۋەب بولغانلىقىغا مەن شەخسەن ئىشىنىمەن، بۇنىڭغا نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرمۇ شۇنداق قاراشتا بولىۋاتقانلىقىغا يېقىندا چوڭ مېدىيالاردا بېرىلگەن خەۋەرلەر ئىسپات بولىدۇ. شۇڭا ،  مەن ياشاۋاتقان بۇ گۈزەل دۆلەت، ۋە ئىنسانلىرىغا،دۇنيا جامائەتچىلىكىگە دەيدىغىنىم، بىزلەرنى يالغۇز قويماڭلار، چۈنكى بىزنىڭ كۈرىشىمىز سىلەرنىڭ كۈرىشىڭلار،ۋە شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ كۈرىشى.  بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز سىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىڭلار بىلەن باغلىنىشلىق.

9. ھۆكۈمەت بۇ لاگېرلار بىلەن نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟

بۇ لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ سىياسى مەقسىدىن باشقا مەسىلە ئەمەس.  چۈنكى ھازىر خىتاي تارىخدا ئەڭ ئەشەددى مىللىيەتچى،قاتتىق قول بىر گوروھنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ۋاقتى. بۇلارنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى دۇنياغا ھۆۈمران بولۇش ،يەنى ئىقتىسادىي،ھەربى،سىياسىي جەھەتتە دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋە كەلگۈسىدىكى دۈشمەن بۇلار كەلگۈسىدە بۇ پىلانغا توسالغۇ دەپ قارالغان ،خىتاينىڭ ھازىرقى چېگرىسى ئىچىدىكى يىپەك يولىدىكى ئەڭ قەدىمى ۋە كۈچلۈك مىللەت ئۇيغۇرلار بولغانلىقى ئۈچۈن،خىتاي ئۆزىدىن بولمىغانلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىۋېتىش،ۋە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش،دىن ،مىللەت ،ئىرقلارنى يوق قىلىپ ئىچكى قىسىمدا بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاش  ئۈچۈن ئاسىلىمىلاتسىيە ۋە يوقىتىش مەقسىدىگە يەتمەكچى.    يىپەك يولى پىلانى بولسا ختاينىڭ قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇدىغان پىلاننىڭ ئاساسلىق قىسمى،ۋە بۇ پىلانى  شەرقى تۈركىستان تۇپراقلىرىنى قوللانماي روياپقا چىقمايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىن ئوچۇق دېڭىزغا چىقىشى ئامېركا ،تەيۋەن، ياپونىيە،ۋە باشقا ئىتتىپاقچىلىرى تەرىپىدىن قولاي كونترول قىلىنغاچقا ، خىتاينىڭ  پاكىستان ،سىرىلانكا قاتارلىق ھىند ئوكيان دۆلەتلىرىدىكى كىرالىق پورتلىرىغا ئۇلىشىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندىن گۋادارغىچە قورۇلغان تۆمۈر يولنى ئىشلەتمەي ئامالى يوق ،ئەمما  خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ تۇپراقنىڭ ئەسلى ئىگىسى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ.  ۋە خىتاي مىللىتى خىتاي بولمىغان ھەر قانداق بىر مىللەتكە ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا بۇ لاگېرلار  ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى سوندۇرۇپ ئاسمىلاتسىيە قىلماقچى،  ئېتنىك ۋە جئوپولىتىك نوقتىدىن يىپەك يولى پىلانىنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى بۇ لاگېرلاردا يوق قىلماقچى.ۋە قارا نىيىتى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان پۈتۈن ئېھتىماللىقىنى يوق قىلماقچى.

مەسىلەن مېنىڭ ھەدەم ئۇنۋېرسىتىت ئوقۇتقۇچىسى ،  پەقەت يىللار بۇرۇن ياۋرۇپاغا ساياھەت مەقسىدىدە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ۋە ئىكى پەرزەنتىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيە كۆرسۈن دەپ ئامېركىدا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلدى ۋە لاگېرلارغا سولاندى.  يولدىشى بولسا  تۈرمىگە سولاندى.  يولدىشىمۇ بانكىدا ئىشلىگەن ۋە ئوقۇمۇشلۇق بىرى ،سىزچە بۇنداق مائارىپىنى دەپ پەرزەنلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇتقان،مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ جەمىيەتكە تۆھپە قوشقان بۇ ئىنسانلارنىڭ  كامپلارغا سولىنىپ قايتا  تەربىيە كۆرۈشكە ئېىتىياجى بارمۇ؟

10. بۇ توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپلەر نېمە؟

ئەسلىدە ئىشنىڭ توغرىسى  بۇ يەردە بىر توقۇنۇش يوق . توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر تەرەپ بار. يۇقاردا دېيىلگەندەك ختاي ئۇيغۇرلارنى پىلانى ئۈچۈن توسالغۇ ، كەلگۈسىدىكى تەھدىت دەپ قارىغانلىقى، ۋە ئىچكى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن دەپ بەلگىلىگەنلىكى سەۋەپلىك ، ئالدى بىلەن ئىچىدىكى پەرقلىق توپلۇملارنى يوق قىلىش ئۈچۈن توقۇنۇش پەيدا قىلىۋاتىدۇ، ۋە  دۇنيا جامائەتچىلىكى نەزەرىدە ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل قالپاقلارنى كەيگۈزۈشكە ئورۇنۇۋاتىدۇ.

بۇنىڭ مىسالىدىن بىرى ئۆزەم بىۋاستە شاھىت بولغان  2009 –يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى،ھەر يەر كامېرا بىلەن تولغان ،كىشىلەر ئىنتېرنېتتە ئەركىن نەپەسمۇ ئالالمايدىغان بىر زاماندا نامايىش چاقىرىقلىرىنىڭ ھەپتىلەرچە تورلادا ئۇچۇپ يۈرۈشى، پەقەت تىنچ نامايىش قىلغان 2-3 يۈز ئوقۇچىنى تىنچ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ، قىرغىن قىلىشى،ۋە نامايىش تەرتىۋىنى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار بىلەن قالايمىقان قىلىپ ،ئۇرۇپ –چېقىشلارنى پەيدا قىلىپ ئارقىدىن خەلققە ئارتىپ قويۇشى بۇنىىڭ مىسالى. مەن شۇ كۈنكى پۈتۈن ۋەقەلەرنى كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ،ياشىغان ۋە شۇ كۈنى كوچىدا ھەممە قىرغىنچىلىققا،قەتلىئامغا شاھىت بولغان بىرى. ئارقىدىن ھەربىلەرنى پۇخراچە كىيىندۈرۈپ كوچىغا تۆككەن ، ئوت قويغان،ئۇرۇپ – چاققان خىتاي ھۈكۈمىتى ھەممىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ تەشۋىق قىلدى.چۈنكى تەشۋىقات ئۇلارنىڭ قولىدا. ھوقۇق –كۈچ ئۇلارنىڭ قولىدا ، خىتاي ھىچ بىر زامان راست گەپ قىلغان ،   ۋە  باراۋەرلىك، ئادىللىق ئىچىدە بىرگە ياشاشقا كۈچ چىقارغان ئەمەس.

خىتاينىڭ خەلقارا جەمىيەتكە ئېيتقىنى بىلەن ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ياشىغىنى ھىچ  ئوخشاش ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇ يەردە خىتاينىڭ بەرگەن چۈشەنچىلىرى رېئاللىقنى يوشۇرغان ۋە، ئ‍ۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ توقۇپ چىقىلغان يالغانلار ئاساسىدا ئېيتىلغان .  سىزنىڭمۇ شۇ قاراشتا ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن.  غەرىپنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يازمىلىرى ۋە تەپەككۇرى،شۇنداقلا شەخسىي تەجرىبەمدىن، يەكۇنلىگەن ۋە رئېال سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

1)  ئەسلىدە تەدبىقلاشقا توغرا كەلسە  بۇ توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى : بېسىۋېلىنغۇچى بىلەن بېسىۋالغۇچى، ئىشغالچى بىلەن ئىشغال قىلىنغۇچى،تاجاۋۇزچى بىلەن تاجاۋۇز قىلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى  توقۇنۇش.

2)    بۇ تۇپراقلار خىتاي تەرىپىدىن بېسۋېلىنغان زېمىن. ئۇيغۇرلار ئاسىيانىڭ كىندىكىدىكى بۇ تۇپراقلاردا مىلادتتىن بۇرۇن ياشىغان.  تاش دەۋلىرى،برونزى دەۋرلىرىگە ئائىت ئۇيغۇرلارنىڭ مازارلىرى، شەھەرلىرى، مەدەنىيەت  ئىزنالىرىنىڭ خارابىلىرى ھېلىمۇ مەۋجۇت.

3)    خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئەندىزىسى كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ئىدىيەنىڭ  ئاساسى بولسا فېئوداللىق ئىديە . كۇڭزىنىڭ تەلىماتى بويىچە خىتاي ئۆزىدىن بولمىغان ھەر قانداق بىر قەۋمگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ دەيدۇ. كۇڭزى ئىدىيىسىدە كۇڭزى مەندىن بولمىغان ھەر قانداق بىر قەۋم ياۋايىدۇر،ۋە نىيىتى ياماندۇر ، شۇڭا بۇلارنى يا يوق قىۋېتىش كېرەك،يا ئۆزەڭدىن قىلىۋېتىش كېرەك دەپ قارايدۇ.  بۇ سەۋەپتىن خىتاي پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس تىبەت ،موڭغۇل،ۋە باشقا جەنۇبى ختايدىكى ئاز سانلىقلارغىمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل يۇغۇرىۋېتىش،ئاسمىلاتسىيە قىلىۋېتىش ، يوق قىلىۋېتىش سىياسىتىنى قوللانغان.

4)     پەقەت خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى ئىچىدە مەدەنىيەت ئاساسى پۇختا بولغان ،دىنى ئېتىقادى پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلار مىللى كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە ئۇ تۇپراقلاردا ياشىغان قازاق ،قىرغىز،قاتارلىق باشقا قانداش مىللەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ بۇ  قەدىم يۇرتتا  مەۋجۇتلىقنى ساقلاپ كەلدى.   شۇنداقلا  مەدەنىيىتىنى مائارىپىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرۇپ يىپەك يولىدىكى ئەڭ قەدىم مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر زامان جۇلالىنىپ تۇردى، ئەمما بۇ  خىتاي ئۈچۈن تەھدىت ،ئاسمىلاتسىيە يولىدىكى توسالغۇ دەپ قارالدى، شۇڭا ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن باستۇرۇش،يەكلەش، زورلۇق ۋاستىسى بىلەن ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا ئورۇنۇپ ، مەدەنىيەت ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى بۇ  توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىىدىن بىرى.

5)  دۇنيانىڭ ھىچ يېرىدە بولمىغان قېزىلما  بايلىقلىرى، ۋە  دۇنيانىڭ ئەڭ جەلىپكار بايلىقى بولغان نېفىت ۋە تەبئى گازلىرى.  مول ئالتۇن ۋە  ئۇرانىيۇملىرى، بولغانلىقى ئۈچۈن ،خىتاينىڭ ئەسلى بۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى ، ۋە ھەق – ھوقۇق دەۋاگەرى بولغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ۋە قوللانغان رادېكال ۋاستىلىرى  ئاساسلىق سەۋەپتۇر.

6) شەرقى تۈركىستان جۇغراپىيەلىك نوقتىدىن 8 دۆلەتكە بىۋاستە چېگراسى بار ،ۋە ختاينىڭ نەزىرىدە بۇ دۆلەتلەر تەڭرىنىڭ خىتايغا بەرگەن بۈيۈك بىر تورتى .ھەمدە بۇ تورتنى يېيىشىگە يالغۇز توسالغا قەدىم يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇرلار  دەپ قارايدۇ. ۋە خىتاي  بۇ مەقسەتكە يېتىش،ۋە بۇ توپراقلارنى يەۋېتىشى ئۈچۈن يىللاردۇر ئاسىمىلاتسىيە قىلالمىغان،ئۆزگۈرلۈك ئىرادىسىنى  بويسۇندۇرالمىغان  ئۇيغۇرلارنى تىز چۆكتۈرۈشى شەرت دەپ قارايدۇ.  بۇمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان سەۋەپتىن بىرى.

7)   خىتاي بۇ تۇپراققا كەلگەندىن بېرى ۋەدە قىلغان  دېموكراتىيە،ئىتتىپاقلىق،باراۋەرلىك دېگەن شۇارلىرىنىڭ ھىچ بىرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرمىدۇق. يىللاردۇر داۋام قىلغىنى پەقەتلا بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ،ئىستەكلىرىنى شەرت قىلغان تەڭسىز باراۋەرلىكىنىڭ ئىجرائاتلىرى. بۇمۇ توختىمىغان كۆز ياش ،تۆكۈلگەن قان،ۋە توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرى.

11.ئىنسانلارنىڭ  لاگېردىن چىققاندىن كېيىنكى ھاياتى قانداق بولىدۇ؟

بىز ھازىرغىچە لاگېردىن ساق چىققانلارنىڭ خەۋىرىنى ئالمىدۇق،  بەلكىم خەۋەرلەردە كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن ئاساسەن چىققان ئادەملەر ئېغىر كېسەل ، ياكى ئۆلۈكى چىقىدۇ.  ئىچكى ئورگانلىرى ئىېلىنغان،ئېغىر كېسەللىك ئىچىدە ئائىلىسىگە بېرىلگەن ئۇيغۇرلاردىن بىر نەچچىسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئائىلىسى خالىسىڭىز سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ  بۇ دېگەنلىرىمنى سىزگە ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

ئادەتتە مېنىڭ كۆرگىنىم ۋە بېشىمدىن ئۆتكەن تەجرىبەمگە ئاساسەن چىققانلارنىڭ كۆپى پىسخىكا جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولىدۇ.ۋە بۇ خىل پىسخولوگىيەلىك بېسىم چىققاندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ.   ھۈكۈمەت بۇ خىل كىشىلەرنى توختىماي تېخنىك ۋە فىزىك  نازارەت قىلىدۇ.كېچىلىرى ئۈيىنى ئاختۇرۇپ پىسخكا جەھەتتىن ئازاپلايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھۈكۈمەتنىڭ نازارىتى  ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ  بۇنداق ئادەملەر بىلەن يېقىن ئۆتسە ھۈكۈمەتنىڭ ئۇلارنىمۇ نازارەت قىلىدىغانلىقى  سەۋەبىدىن نورمال بىر ھاياتى بولمايدۇ. لاگېردىن چىققانلارنىڭلا ئەمەس بەلكى ئائىلىسى ،دوست بۇرادەرلىرى،ئورۇق تۇققانلىرىنىڭمۇ نورمال بىر ھاياتى بولمايدۇ.

ختايدا بىر تەقىپلەش سېستىمى بار ،ئۆزەللىكلە ئۇيغۇرلارنى،بىر ئادەم  تۈرمىگە ياكى تەربىيەلەشكە كىرسە بۇ كىشى نوقتىلىق نۇپۇس تىزىملىكىگە كىرىدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئارخۋى خىتاي ھۈكۈمىتى تەرەپتىن ساقچى ئىدارىسى،دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، سىياسى قانۇن كومىتىتى ، مەكەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ئىشخانىسى دەيدىغان ئورۇنلاردىن ۋە كورلىغا تەسىس قىلىنغان4- ھەربى رايونى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ. بۇ كىشىنىڭ كىملىكىگە بەلگە ئورۇلۇدۇ  ۋە خالىغان يەرگە بارالمايدۇ، ئەتراپىدىكىلەر بولسا ئون دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. بۇنى بىر چەمبەر شەكىلدە چۇشەندۈرسەم ، بۇ كىشى چەمبەرنىڭ تام ئوتتۇرىدا،ئەتراپىدىكىلەر  دەرىجە بويىچە چەمبەرنىڭ بىردىن ئونغىچە دائىرىگە تىزىلىدۇ ،ۋە بۇ تەرتىپ بويىچە تېخنىكىلىق ۋە فىزىكىلىق نازارەت قىلىدۇ.

بۇ نازارەت پەقەت تۈرمىگە كىرگەن ،جازالانغان كىشىلەرگىلا قارىتىلغان ئەمەس ،  بەلكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى  گۇمانلىق دەپ قارالغان ھەر بىر ئادەم بۇ خىل شەكىلدە نازارەت قىلىنىدۇ.

12.ئىنسانلارنىڭ لاگېرلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئىمكانى بارمۇ ؟ ۋە قانداق بولىدۇ؟

بىز ھازىرغىچە بىرىنىڭ لاگېردىن قېچىپ قۇتۇلغىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستاندەك بىر يەردە ئىمكانسىز بىر مەسىلە، ئەگەرسىزگە ئۇنداق بىر پۇرسەت تۇغۇلۇپ قېچىپ قۇتۇلدى دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ كىشىنىڭ  ئائىلىسى ،دوست بۇرادەرلىرى،ئورۇق تۇققانلىرى ھەتتا بۇرۇن بۇ كىشى بىلەن سالاملاشقان ئىنسانلارمۇ تۇرمىگە ئېلىنىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا مېنى تۈرمىگە سولاشتىن بۇرۇنمۇ مېنى قېچىپ كەتتى دەپ دادامنى، ئاكامنى سولىۋەتكەن.

مېنىڭ ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا بىر چاي زاۋۇتۇم بار ئىدى. مەن ۋە بىر خىزمەتچىمىزنىڭ بۇرۇن سىياسىي سەۋەپ بىلەن تۇرمىگە كىرگەنلىكى سەۋەپلىك فابرىكىدىكى 60 دىن جىق خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى نوقتىلىق نوپۇس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ نازارەت قىلىنىاتتى. فابرىكىمىز ھەر كۈن تۆت قېتىم تەكشۈرەلەتتى.سائەت 9 لاردا ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرەتتى. سائەت بىرلەردە ساقچى ،ئاھالە كۆمىتىتى ،ئالاھىدە ساقچى كېلىپ تەكشۈرەتتى،سائەت تۆتلەردە يەنە تەكشۈرەتتى،كېچىسى ئالاھىدە ساقچى كېلىپ تەكشۈرەتتى. ھەر قېتىم كەلگەندە تېلېفون،كومپېيوتېر،ماشىنا ھەممە نەرسىلەرنى ئاختۇراتتى ،تەكشۈرەتتى.بۇنى سىزگە دىيىشىمدىكى مەقسەت ئۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە لاگېرلاردىن بىرىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالايدىغانلىقىنىڭ ئىمكانسىز ئىكەنلىكلىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دېدىم.

يەنى شۇنى كېسىپ ئېيتىمەن سىز دېموكراتىك ئۆزگۈر بىر دۇنيادا ياشىغان ئادەم  بەلكىم ئۇ يەردىكى ئىجرائاتلارنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز،مېنىڭ ئېيتقانلىرىم  بۇ زۇلۇمدىن پەقەت بىر تامچە .

13.باشقا بىر دۆلەتتە يېڭىدىن ھاياتىنى باشلىماق سىزدە قانداق تۇيغۇ بەردى؟ قولايمۇ؟

ئالدى بىلەن ئىنسان ئىنسانلىقى ئۈچۈن قەدىرلىنىدىغان، ھۆرمەتلىنىدىغان قىممەت قاراشلىرىنى ئاساسلىق پىرىنسىپ قىلغانم، بىر سېستىما، جەمئىيەت تەرتىپى بولغان بىر دۆلەتكە كېلىپ ياشىيالىغانلىقىمدىن ئۆزەمنى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ تەلەيلىكلىرىدىن دەپ ئىشىنىمەن. چۈنكى، مۇشۇ ۋاقىتتا مىليونلىغان قېرىنداشلىرىم جازا لاگېرلىرىدا مەھبۇس، يەنى ئۆزىمىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئاتا بوۋىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان تۇپرىقىمىزدا مېنىڭ خەلقىم شۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، يېڭى بىر دۆلەتتە يېڭى بىر مۇھىتتا، يېڭى تىل ۋە مەدەنىيەت رايونىدا يېڭىدىن تۇرمۇش باشلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. يەنى ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ھەممە نەرسە خۇددى بىر چۈشتەك،ئويغۇنۇپ كەتسەملا، كۆزۈمنى ئاچسام ئۆزەم ۋەتىنىمگە قايتىپ، ئورۇق تۇققان، دوست بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن جەم بولىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ، ئەپسۇسكى بۇ مېنىڭ بىر تاتلىق چۈشۈم خالاس.

14. سىزنىڭ  دەيدىغان يەنە  قانداق مۇھىم گەپلىرىڭىز بار؟

مېنىڭ ختاي ھۈكۈمىتىگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە دېمەكچى بولغىنىم   شۇ:-    ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ۋە ھۆر ياشاش ھوقۇقى بار!

دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىدىن ۋە دۆلەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقتا تولۇق يوقىلىپ كىتىشتىن ئىلگىرى خىتايغا ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىپ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا جەھەتلەردە ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان ئارزۇسىنى قوللىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.  چۈنكى شەرقى تۈركىستاندىكى پاجىئە بۈگۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ پاجىئەسىگە ئايلاندى. خىتاينىڭ ئۇ يەردە سىناق قىلغان بىئولوگىيىلىك ۋىرۇسى بۈگۈن دۇنياغا ئاپەت بولدى.  پەقەت دۇنيا جامائەتچىلىكى بۈگۈن خىتاي دۇنياغا ھۆكۈمران بولسا باشقا مللەتلەرنىڭ ھالى نىمە بولىدۇ دېگەننى بىر تەسەۋۋۇر قىلسا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسىلا ۋە خىتاينىڭ خەلقارا سەھنىلەردىكى ھەرىكىتى، ھەمدە ئىنسانىيەتكە سالغان زىيانلىرىغا بىر نەزەر سالسا ، تىبەت ۋە  شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى خىتاينى تىزگىنلەيدىغان ئەڭ ئۆنۈملۈك ۋاستە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ  دەپ قارايمەن.

ئاخىرىدا ماڭا ئۆزۈمنى ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىكى زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا بەرگەن بۇ پۇرسەتلىرىڭىزگە مىننەتدارمەن.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

Share
4630 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.